مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌مات

بىز ئۆگىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌ر

بىز ئۆگىتىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھە‌قىقە‌تلە‌ر

ھە‌زرىتى ئە‌يسا سە‌مىمىي كىشىلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلىغاندا،‏ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌يدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (‏يۇ‌ھاننا 10:‏4،‏ 27‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌يلى قاچان ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن پاراڭلىشىشتىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاددىي ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئېيتىپ بېرىشنى خالايمىز.‏ ئۇ‌لاردىن:‏ «سىز بىلە‌مسىز … ؟‏» ياكى «سىز ئىلگىرى … ئاڭلاپ باققانمۇ؟‏» دېگە‌ندە‌ك سوئاللارنى سوراپ،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرىشكە تىرىشىڭ.‏ ئاندىن كېيىن،‏ شۇ ھە‌قىقە‌تنى ئېچىپ بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌ت ياكى ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌پ،‏ ھە‌قىقە‌تنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئاددىي ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش ئارقىلىق كىشىنىڭ قە‌لبىگە ھە‌قىقە‌ت ئۇ‌رۇ‌قى چېچىلسا،‏ خۇ‌دا ئۆزى شۇ ئۇ‌رۇ‌قنى ئۆستۈرە‌لە‌يدۇ!‏—‏1-‏كورىنت.‏ 3:‏6،‏ 7‏.‏

 كېلە‌چە‌ك

  1. 1.‏ بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر ۋە ئىنسانلارنىڭ يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شى پات-‏ئارىدا زور بىر ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن خە‌ۋە‌ر بېرىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏3،‏ 7،‏ 8؛‏ لۇ‌قا 21:‏10،‏ 11؛‏ 2-‏تىموت.‏ 3:‏1–‏5‏.‏

  2. 2.‏ يە‌ر يۈزى ھە‌رگىزمۇ ۋە‌يران قىلىنمايدۇ.‏​—‏زە‌بۇ‌ر 104:‏5؛‏ ۋە‌ز 1:‏4‏.‏

  3. 3.‏ يە‌ر شارى مۇ‌ھىتى قايتا ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈلىدۇ.‏—‏يە‌شايا 35:‏1،‏ 2؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 11:‏18‏.‏

  4. 4.‏ ھە‌ربىر كىشى مۇ‌كە‌ممە‌ل ساغلاملىققا ئىگە بولىدۇ.‏—‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ 35:‏5،‏ 6‏.‏

  5. 5.‏ يە‌ر يۈزىدە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشىيالايسىز.‏​—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ مە‌تتا 5:‏5‏.‏

 ئائىلە

  1. 6.‏ ئە‌رلە‌ر ئۆز ئايالىنى ئۆزىنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشى كېرە‌ك.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33؛‏ كولوسى.‏ 3:‏19‏.‏

  2. 7.‏ ئاياللار ئۆز ئېرىنى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلىشى كېرە‌ك.‏—‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏33؛‏ كولوسى.‏ 3:‏18‏.‏

  3. 8.‏ ئە‌ر-‏ئايال بىر-‏بىرىگە ۋاپادار بولۇ‌شى لازىم.‏​—‏مالاك.‏ 2:‏16؛‏ مە‌تتا 19:‏4–‏6،‏ 9؛‏ ئىبرانىي.‏ 13:‏4‏.‏

  4. 9.‏ ئاتا-‏ئانىسىغا بويسۇ‌نغان بالىلارنىڭ ئىشلىرى ئۇ‌تۇ‌قلۇ‌ق بولىدۇ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 1:‏8،‏ 9؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏1–‏3‏.‏

.Source. CC BY 4.0 Collaboration. Licensed under Hubble(-ESA/‏​AURA/STScI and the Hubble Heritage Team )ESA, NASA

 خۇ‌دا

  1. 10.‏ خۇ‌دانىڭ خاس ئىسىمى بار.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18؛‏ يە‌رە‌م.‏ 10:‏10‏.‏

  2. 11.‏ خۇ‌دا بىزگە مۇ‌ھىم بىر خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن.‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏16،‏ 17؛‏ 2-‏پېتر.‏ 1:‏20،‏ 21‏.‏

  3. 12.‏ خۇ‌دا ھە‌ممىسىنى تە‌ڭ كۆرىدۇ.‏​—‏تە‌كرار.‏ قا 10:‏17؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏34،‏ 35‏.‏

  4. 13.‏ خۇ‌دا بىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 46:‏1؛‏ 145:‏18،‏ 19‏.‏

 دۇ‌ئا

  1. 14.‏ خۇ‌دا بىزنىڭ پە‌قە‌ت ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ —‏زە‌بۇ‌ر 62:‏8؛‏ 65:‏2؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏.‏

  2. 15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزگە قانداق دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 6:‏7–‏13؛‏ لۇ‌قا 11:‏1–‏4‏.‏

  3. 16.‏ بىز دائىم دۇ‌ئا قىلىشىمىز لازىم.‏ —‏مە‌تتا 7:‏7،‏ 8؛‏ 1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏.‏

 ئە‌يسا مە‌سىھ

  1. 17.‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ بە‌رگە‌ن تە‌لىملىرى ھازىرمۇ قوللىنىشچان ۋە پايدىلىق.‏​—‏مە‌تتا 6:‏14،‏ 15،‏ 34؛‏ 7:‏12‏.‏

  2. 18.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا بىز كۆرۈۋاتقان ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌رنى بېشارە‌ت قىلغان.‏—‏مە‌تتا 24:‏3،‏ 7،‏ 8،‏ 14؛‏ لۇ‌قا 21:‏10،‏ 11‏.‏

  3. 19.‏ ئە‌يسا خۇ‌دانىڭ ئوغلى.‏—‏مە‌تتا 16:‏16؛‏ يۇ‌ھاننا 3:‏16؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏15‏.‏

  4. 20.‏ ئە‌يسا ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ئە‌مە‌س.‏​—‏يۇ‌ھاننا 14:‏28؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 11:‏3‏.‏

Based on NASA/‏Visible Earth imagery

 خۇ‌دا پادىشاھلىقى

  1. 21.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاسماندىكى ھە‌قىقىي بىر ھۆكۈمە‌ت.‏—‏دانىيال 2:‏44؛‏ 7:‏13،‏ 14؛‏ مە‌تتا 6:‏9،‏ 10؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 11:‏15‏.‏

  2. 22.‏ ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ ئورنىنى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئالىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 2:‏7–‏9؛‏ دانىيال 2:‏44‏.‏

  3. 23.‏ پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانىيە‌تنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11؛‏ 46:‏9؛‏ يە‌شايا 65:‏21–‏23‏.‏

 ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر

  1. 24.‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىمىزگە خۇ‌دا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌س.‏—‏تە‌كرار.‏ قا 32:‏4؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏13‏.‏

  2. 25.‏ شە‌يتان بۇ دۇ‌نيانى باشقۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏​—‏لۇ‌قا 4:‏5،‏ 6؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏.‏

  3. 26.‏ خۇ‌دا سىزنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىڭىزنى كۆرىدۇ ۋە سىزگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏​—‏زە‌بۇ‌ر 34:‏17–‏19؛‏ يە‌شايا 41:‏10،‏ 13‏.‏

  4. 27.‏ خۇ‌دا پات-‏يېقىندا ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏​—‏يە‌شايا 65:‏17؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏.‏

 ئۆلۈم

  1. 28.‏ ئۆلۈكلە‌رنىڭ ھېچقانداق سېزىمى يوق؛‏ ئۇ‌لار ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ.‏—‏ۋە‌ز 9:‏5؛‏ يۇ‌ھاننا 11:‏11–‏14‏.‏

  2. 29.‏ ئۆلۈكلە‌ر بىزگە ياردە‌م بېرە‌لمە‌يدۇ ياكى زىيان يە‌تكۈزە‌لمە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 146:‏4؛‏ ۋە‌ز 9:‏6،‏ 10‏.‏

  3. 30.‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىمىز تىرىلدۈرۈلىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 14:‏13–‏15؛‏ يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29؛‏ ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏.‏

  4. 31.‏ ‏«ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ».‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4؛‏ يە‌شايا 25:‏8‏.‏

 دىن

  1. 32.‏ پە‌قە‌ت بىرلا دىن خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 7:‏11؛‏ مە‌تتا 7:‏13،‏ 14،‏ 21–‏23‏.‏

  2. 33.‏ خۇ‌دا ساختىپە‌زلىكنى ئۆچ كۆرىدۇ.‏​—‏يە‌شايا 29:‏13؛‏ مىكاھ 3:‏11؛‏ ماركۇ‌س 7:‏6–‏8‏.‏

  3. 34.‏ توغرا دىنغا ئېتىقاد قىلىۋاتقانلار سە‌مىمىي سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىدۇ.‏—‏مىكاھ 4:‏3؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35‏.‏