مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

3-‏قوشۇ‌مچە مە‌لۇ‌مات

‏«‏مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏‏» دېگە‌ن كىتابنى قانداق ئىشلىتىش

‏«‏مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏‏» دېگە‌ن كىتابنى قانداق ئىشلىتىش

بۇ‌رادە‌رلە‌ر كۆپ دۇ‌ئالارنى قىلىپ،‏ ئە‌ستايىدىل ئىزدىنىش ئارقىلىق «‏مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏‏» دېگە‌ن كىتابقا قايسى مە‌لۇ‌ماتلارنى كىرگۈزۈش كېرە‌كلىكىنى قارار قىلغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىدە بۇ كىتابتىن ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌سۇ‌لدا پايدىلىنىش ئۈچۈن تۆۋە‌ندىكى مە‌سلىھە‌تلە‌رنى قوللىنىڭ.‏

تە‌تقىق ئۆگىنىشىدىن ئىلگىرى

  1. 1.‏ پۇ‌ختا تە‌ييارلىق قىلىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلغاندا،‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئېھتىياجى،‏ ئە‌ھۋالى ۋە كۆز قاراشلىرى ھە‌ققىدە ئويلاپ بېقىڭ.‏ ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن چۈشىنىش ياكى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي ئىشلىتىش قىيىن بولىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىكى مە‌لۇ‌مات ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىڭ ۋە ئۆگىنىش جە‌ريانىدا ئېھتىياج تۇ‌غۇ‌لسا،‏ شۇ سە‌ھىپىدىكى مە‌لۇ‌ماتلاردىن پايدىلىنىشقا تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏

تە‌تقىق ئۆگىنىشى جە‌ريانىدا

  1. 2.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كىشى قارشى بولمىسا،‏ تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇ‌رۇ‌ن ۋە كېيىن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏

  2. 3.‏ بە‌ك كۆپ گە‌پ قىلماسلىققا تىرىشىڭ.‏ دىققىتىڭىزنى ئۆگىنىۋاتقان مە‌زمۇ‌نغا قارىتىڭ ۋە كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏

  3. 4.‏ كىتابنىڭ يېڭى بىر قىسىمىنى ئۆگىنىشنى باشلىغاندا،‏ بۇ قىسىمنىڭ كىرىش سۆزىنى ئوقۇ‌پ،‏ بىرنە‌چچە دە‌رسنىڭ ماۋزۇ‌سىنى تە‌كىتلە‌پ ئۆتۈڭ.‏

  4. 5.‏ بىر قىسىم مە‌زمۇ‌ننى تۈگە‌تكە‌ندىن كېيىن،‏ كىشىنىڭ شۇ قىسىمدا ئۆگە‌نگە‌ن ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ئېسىدە ساقلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ «قىسىمنى تە‌كرارلاش» دېگە‌ن سە‌ھىپىنى بىرلىكتە مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ.‏

  5. 6.‏ سىز بىر كىشى بىلە‌ن ھە‌ربىر دە‌رسنى ئۆگە‌نگە‌ندە:‏

    1. بىرلىكتە مە‌زمۇ‌ننى ئوقۇ‌پ چىقىڭلار.‏

    2. «ئوقۇ‌ڭ» دېگە‌ن بارلىق ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭلار.‏

    3. زۆرۈر بولسا،‏ باشقا ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭلار.‏

    4. «كۆرۈڭ» دېگە‌ن فىلىملە‌رنى كۆرۈڭلار (‏ئە‌گە‌ر بار بولسا)‏.‏

    5. ئۆگىنىۋاتقان كىشىدىن ھە‌ربىر سوئالنى سوراڭ.‏

    6. ئۇ‌نىڭ دىققىتىنى «چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ» دېگە‌ن سە‌ھىپىدىكى رە‌سىمگە قارىتىڭ ۋە بۇ رە‌سىم توغرۇ‌لۇ‌ق ئوي-‏پىكىرلىرىنى سوراڭ.‏

    7. «مە‌قسە‌ت» دېگە‌ن رامكىنى ئىشلىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىنى تە‌كشۈرۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئۇ‌نى بۇ رامكىدىكى ئۈلگىلىك مە‌قسە‌تنى ۋە باشقا مە‌قسە‌تنى ياكى ھە‌ر ئىككى مە‌قسە‌تنى قويۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلسىڭىز بولىدۇ.‏

    8. ئۇ دە‌رسكە تە‌ييارلىق قىلغاندا،‏ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن رامكىدىكى ماقالىلە‌ر ياكى فىلىملە‌ردىن قايسى بىرىنى بە‌كرە‌ك ياقتۇ‌رغانلىقىنى سوراڭ.‏

    9. ھە‌ر قېتىم ئۆگىنىش قىلغىنىڭلاردا بىر دە‌رسنى تۈگىتىشكە تىرىشىڭ.‏

تە‌تقىق ئۆگىنىشىدىن كېيىن

  1. 7.‏ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان كىشى توغرۇ‌لۇ‌ق داۋاملىق ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ كىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلە‌ش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىنى بە‌رىكە‌تلە‌شنى سوراڭ؛‏ داۋاملىق ياردە‌م بېرىشنىڭ يولىنى بىلە‌لىشىڭىز ئۈچۈن ئە‌قىل-‏پاراسە‌ت تىلە‌ڭ.‏