مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

يە‌ھۋا تونۇ‌شۇ‌شقا ئە‌رزىيدىغان خۇ‌دا

يە‌ھۋا تونۇ‌شۇ‌شقا ئە‌رزىيدىغان خۇ‌دا

يە‌ھۋا تونۇ‌شۇ‌شقا ئە‌رزىيدىغان خۇ‌دا

ھاياتىڭىزدا مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى قولدىن چىقىرىپ قويۇ‌ۋاتامسىز؟‏ ئە‌گە‌ر خۇ‌دا توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىز ئاز بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا مۇ‌ھىم نە‌رسىنى قولدىن بېرىپ قۇ‌يۇ‌ۋاتىسىز.‏نېمە ئۈچۈن بۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ مىليونلىغان ئىنسانلار چۈشىنىپ يە‌تكە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن خۇ‌دا توغرىسىدا بىلىم ئېلىشنىڭ پايدىسى بە‌ك زور.‏ ئادە‌ملە‌ر ھاياتىدا بۇ‌نىڭ پايدىسىنى دە‌رھاللا كۆرىدۇ ۋە بۇ‌نى ئۆمۈر بويى ھېس قىلالايدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ مۇ‌ئە‌للىپى تە‌ڭرى يە‌ھۋا،‏ ئۇ ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «ئىنسانلار بىلسۇ‌نكى،‏ ئىسىمى يە‌ھۋا بولغان سە‌ن،‏ پۈتكۈل يە‌ر يۈزى ئۈستىدە يالغۇ‌ز ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ بولغۇ‌چىدۇ‌رسە‌ن».‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نى تونۇ‌شىمىزنىڭ ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تكە‌ن.‏ «مە‌ن يە‌ھۋا،‏ سېنىڭ خۇ‌دايىڭدۇ‌رمە‌ن.‏ ساڭا پايدىلىق بولغاننى ئۆگە‌تكۈچىمە‌ن».‏ ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ خۇ‌دا يە‌ھۋانى بىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏—‏زە‌بۇ‌ر 83:‏18؛‏ يە‌شايا 48:‏17‏.‏

خۇ‌دا بىزگە كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىمىزدىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى ئۆگە‌تكە‌ندە،‏ كۆڭلىمىزگە تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك بە‌رگە‌ندە ۋە كېلە‌چە‌ك ئۈچۈن مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئۈمىدنى ئاتا قىلغاندا،‏ بۇ‌نىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن تاشقىرى،‏ بىز يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شقانسېرى،‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌رنى قىزىقتۇ‌رىدىغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارغا باشقىچە قارايدىغان بولىمىز.‏ قايسى سوئاللار؟‏

ھاياتىڭىزنىڭ ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏

ئىلىم-‏پە‌ن ۋە تېخنىكا ساھە‌لىرىدىكى ئاجايىپ تە‌رە‌ققىياتقا قارىماستىن،‏ ئىنسانلار يە‌نىلا غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سېلىپ كېلىۋاتقان ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن توغۇ‌لدۇ‌م ۋە ياشاۋاتىمە‌ن؟‏ كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدۇ؟‏ ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏» ئە‌گە‌ر ئىنسان بۇ سوئاللارغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب تاپالمىسا،‏ ھاياتى ئە‌ھمىيە‌تسىز بولىدۇ.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بۇ‌نى ھېس قىلامدۇ؟‏ 1997-‏يىلى گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنىڭ خۇ‌لاسىسىگە قارىغاندا،‏ پىكىرى سورالغانلارنىڭ تە‌ڭ يېرىمى ھېمىشە ياكى بە‌زىدە ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتى يوقتە‌ك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ ئېھتىمال،‏ سىز ياشاۋاتقان جايدىمۇ كىشىلە‌ر شۇ‌نىڭغا ئوخشاش ئوي-‏پىكىردە بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

ئىنسان ھاياتى مە‌قسە‌ت بولسا،‏ كە‌لگۈسى تۇ‌رمۇ‌شى ئۈچۈن ئۇ‌ل-‏ئاساس سالالمايدۇ.‏ كۆپلىرى مائاشى يۇ‌قىرى ئىشقا كىرىش ياكى مال-‏مۈلۈك توپلاش ئارقىلىق مە‌نىلىك ھاياتنى كە‌چۈرىمىز دە‌پ ئويلاپ،‏ بار كۈچىنى چىقىرىدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار مە‌نىلىك ياشاش مە‌قسىتىگە يېتە‌لمە‌يدۇ.‏ مە‌نىسىز ھايات كە‌چۈرۈۋاتقانلار بولسا ھە‌تتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ «‏International Herald Tribune‏» خە‌لقئارالىق بىر گېزىتتا ئېيتىلىشىچە،‏ ھۆسۈن-‏جامالى چىرايلىق ياش بىر ئايال شۇ‌نداق ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌ن ئىكە‌ن.‏ ئۇ باياشات تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈپ ۋە ئىنتايىن كۆپ،‏ ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولسىمۇ،‏ ئۆزىنى يالغۇ‌ز ھېس قىلىپ،‏ ھاياتىنى مە‌نىسىز دە‌پ قارىغان.‏ بۇ ئايال ئۇ‌يقۇ دورىسىنى ئىچىۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى ئۆلۈك ھالدا تاپقان ئىدى.‏ بە‌لكىم،‏ سىز يالغۇ‌ز ياشاپ،‏ پاجىئە‌لىك ئۆلۈپ كە‌تكە‌نلە‌ر ھە‌ققىدە باشقا ھېكايىلە‌رنى بىلىدىغانسىز.‏

ئىلىم-‏پە‌ن ھايات سىرلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ دېگە‌ن گە‌پنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟‏ گېرمانىيىدە چىقىدىغان ھە‌پتىلىك «‏Die Woche‏» ناملىق ژۇ‌رنالدا مۇ‌نداق دە‌پ يېزىلغان:‏ «گە‌رچە ئىلىم-‏پە‌ن ئىنسانلارنىڭ ماددىي دۇ‌نيانى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرە‌لىسىمۇ،‏ دىنىي ۋە ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ تە‌درىجىي تە‌رە‌ققىيات نە‌زە‌رىيىسى ئىپتىدائىي ۋە بە‌ك ئاددىي،‏ ئە‌مما چوڭقۇ‌رلاپ تە‌تقىق قىلغان كۋانت فىزىكىسى،‏ گە‌رچە زە‌ررىچىلە‌رنىڭ تە‌رتىپسىز ھە‌رىكە‌تلىنىشىنى چۈشە‌ندۈرە‌لىگە‌ن بولسىمۇ،‏ كىشىلە‌رنىڭ كۆڭلىگە تە‌سە‌للى بېرىپ،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌م تۇ‌رمۇ‌شقا ئېرىشتۈرە‌لمە‌يدۇ».‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ئىلىم-‏پە‌ن ياردىمىدە ھاياتنى تۈرلۈك شە‌كىلدە تە‌سۋىرلە‌پ بېرىشكە ۋە ھاياتنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان تە‌بىئىي فونكىسىيە‌لە‌ر ھە‌م بىر قاتار ھە‌رىكە‌تلىنىش جە‌ريانلىرىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدىغان كۆپ نە‌رسىلە‌ر ئاشكارا قىلىنغان.‏ ئە‌مما،‏ ئىلىم-‏پە‌ن ھاياتنىڭ مە‌قسىتى ۋە كېلە‌چە‌ك توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرە‌لمە‌يدۇ.‏ نە‌تىجىدە،‏ «‏Süddeutsche Zeitung‏» گېزىتىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «يول-‏يورۇ‌ققا مۇ‌ھتاجلىق ھە‌ممىلا جايدا كۆرۈنۈپ تۇ‌رىدۇ».‏

يول-‏يورۇ‌قنى ياراتقۇ‌چىدىن باشقا كىممۇ بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ دە‌سلە‌پتە ئىنسانلارنى يە‌ر-‏يۈزىگە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان،‏ شۇ‌ڭا بىز نېمە ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇ چوقۇ‌م بىلىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنى يە‌ر-‏يۈزىنى تولدۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭدىن خە‌ۋە‌ر ئالسۇ‌ن دە‌پ ياراتقان.‏ ئادە‌ملە‌ر ھە‌ممە ئىشلىرىدا خۇ‌داغا خاس ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى،‏ شۇ جۈملىدىن ئادالە‌ت،‏ دانالىق ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى ئە‌كس ئە‌تتۈرۈشى كېرە‌ك ئىدى.‏ يە‌ھۋا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى بىلسە‌ك،‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى ياخشىراق چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏—‏يارىتىلىش 1:‏26—‏28‏.‏

نېمە قىلالايسىز؟‏

ئە‌گە‌ر ئۆتمۈشتە «نېمە ئۈچۈن تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م ۋە ياشاۋاتىمە‌ن؟‏ كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدۇ؟‏ ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏» دېگە‌ن سوئاللارغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋابلارنى تاپالمىغان بولسىڭىز،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سىزنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر:‏ «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ن يېگانە ھە‌ق خۇ‌دانى ۋە سە‌ن ئە‌ۋە‌تكە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنى تونۇ‌ش كېرە‌ك»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب سىزنى خۇ‌دا ياقتۇ‌رىدىغان پە‌زىلە‌تلە‌رنى،‏ بولۇ‌پمۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈشكە ۋە يېقىنلىشىۋاتقان خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئاستىدا ياشاش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى چىقىرىشقا ئۈندە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر دە‌ل شۇ‌نداق قىلسىڭىز،‏ مە‌نىلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىز ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئۈمىدكە ئېرىشە‌لە‌يسىز.‏ سىزنى قايمۇ‌قتۇ‌رغان،‏ كۆپ سورالغان مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ ۋە‌ز 12:‏13‏.‏

ھاياتتىكى مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ھاياتىڭىزغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏ خانس ئىسىملىك كىشى بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىدۇ.‏ a ئۆتمۈشتە ئۇ مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق تە‌سىر قىلمايتتى.‏ ئۇ موتوسىكلېتلارغا قىزىقاتتى،‏ زە‌ھە‌ر چېكە‌تتى،‏ جىنسىي ئە‌خلاقسىزلىق قىلاتتى ۋە ئۇ‌ششاق جىنايە‌ت سادىر قىلاتتى.‏ خانس ئە‌سكە ئېلىپ:‏ «ئە‌مما مە‌ن ئە‌ھمىيە‌تسىز ھايات كە‌چۈرۈپ يۈرە‌تتىم.‏ ھاياتىمدىن قانائە‌ت تاپالمايتتىم»،‏—‏ دە‌يدۇ ئۇ.‏ خانس 25 يېشىدا خۇ‌دا توغرىسىدا كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىشنى قارار قىلدى ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌شقا باشلىدى.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شقاندىن كېيىن،‏ خانس نېمە ئۈچۈن ياشاش كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن ۋە ھايات تە‌رزىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ ھاياتىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.‏ ھازىرغا قە‌دە‌ر،‏ ئۇ ئون يىلچە خۇ‌داغا تولۇ‌ق ۋاقىتلىق خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى.‏ بۇ‌نىڭغا ھېچ نە‌رسە تە‌ڭ كېلە‌لمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندىم».‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسى ھە‌ققىدىكى سوئال كۆپلىگە‌ن ئىنسانلارنى غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدىغان بىردىن-‏بىر سوئال ئە‌مە‌س.‏ دۇ‌نيانىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان ئە‌ھۋالى،‏ كۆپلىگە‌ن كىشىلە‌رنى باشقا بىر غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سالىدۇ.‏

نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر يۈز بېرىدۇ؟‏

ئادە‌منىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكە‌ندە،‏ ئۇ:‏ «بۇ نېمە ئۈچۈن يۈز بە‌ردى؟‏»—‏ دېگە‌ن سوئالنى توختىماي سورايدۇ.‏ ئادە‌منىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تكە بە‌رداشلىق بېرىش-‏بېرە‌لمە‌سلىكى ئۇ‌شبۇ سوئالغا توغرا جاۋاب تېپىشىغا باغلىق.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب تاپالمىسا،‏ ئۇ كۆپ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چېكىشى ۋە ھە‌تتا تاش يۈرە‌ك بولۇ‌پ كېتىشى مۇ‌مكىن.‏ برۇ‌نى ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌نلىرى ھە‌ققىدە ئالايلى.‏

ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «بىر نە‌چچە يىل بۇ‌رۇ‌ن كىچىكىدە ئوماق قىزىم ئۆلۈپ كە‌تتى.‏ يۈرىكىمگە پىچاق سانجىلغاندە‌ك بولدى.‏ مە‌ن خۇ‌داغا ئىشىنە‌تتىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن تە‌سە‌للى ئېلىش ئۈچۈن يە‌رلىك روھانىينىڭ قېشىغا باردىم.‏ ئۇ ماڭا،‏ قىزىم سۇ‌ساننانى خۇ‌دا ئاسمانغا ئېلىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ پە‌رىشتىگە ئايلىنىپ كە‌تكە‌نلىكىنى ئېيتتى.‏ قىزىمدىن ئايرىلغاندا ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈلۈپ چۈشكە‌ندە‌ك بولدى ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ياشلىرىم كۆزىمدىن توختىماي،‏ قىزىمنى ئېلىپ كە‌تكىنى ئۈچۈن خۇ‌داغا ئاچچىقلاندىم».‏ برۇ‌نى بىر نە‌چچە يىل ئازابلىنىپ ياشىدى.‏ ئۇ سۆزنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «دە‌ل شۇ مۈشكۈل كۈنلە‌ردە بىر ئايال يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ماڭا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ،‏ خۇ‌داغا ئاچچىقلىنىشقا ھېچقانداق سە‌ۋە‌ب يوقلىقىنى كۆرسە‌تتى.‏ يە‌ھۋا سۇ‌ساننانى ئاسمانغا ئېلىپ كە‌تمىگە‌ن ۋە قىزىمنى پە‌رىشتىگە ئايلاندۇ‌رمىغان.‏ ئۇ بارچە ئىنسانلارغا ئوخشاش نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ كېسە‌لگە گىرىپتار بولغان.‏ سۇ‌ساننا ئۆلۈم ئۇ‌يقۇ‌سىدا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۈتىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا ئىنسانلارنى يە‌ر-‏يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاشقا ياراتقانلىقىنى ۋە پات يېقىندا ئۇ‌نىڭ بۇ نىيىتى ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شقاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىممۇ ئازىيىشقا باشلىدى».‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29؛‏ ئە‌لچىلە‌ر 24:‏15؛‏ رىملىقلار 5:‏12‏.‏

مىليونلىغان ئىنسانلار ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى،‏ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رنى چېكىدۇ.‏ بۇ شە‌خسىي پاجىئە،‏ ئۇ‌رۇ‌ش،‏ ئاچارچىلىق ۋە تە‌بىئىي بالايىئاپە‌تلە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ برۇ‌نى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌رگە سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌سلىكىنى،‏ ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئازاب چېكىشىنى ھە‌رگىز خالىمايدىغانلىقىنى ۋە پات-‏يېقىندا يامانلىقنى يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغانىدى.‏ ھە‌ممىمىز ئىنتىزارلىق بىلە‌ن كۈتۈۋاتقان ئاجايىپ ئۆزگۈرۈشلە‌ر پات-‏ئارىدا يۈز بېرىدۇ.‏—‏2-‏تىموتىي 3:‏1—‏5؛‏ مە‌تتا 24:‏7،‏ 8‏.‏

خۇ‌دا توغرىسىدا بىلىم ئېلىش

خانس ۋە برۇ‌نى خۇ‌دا توغرىسىدا مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە بىلىمگە ئىگە بولغان.‏ ئۇ‌لار خۇ‌داغا ئىشە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئۇ ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلمىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق توغرا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ،‏ تىرىشچانلىق كۆرسە‌تكىنى ئۈچۈن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتى.‏ ئۇ‌لار ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارغا جاۋاب تاپتى.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىككە ۋە مۇ‌ستە‌ھكە‌م ئۈمىدكە ئېرىشتۈردى.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان مىليونلىغان ئادە‌ملە‌رمۇ بۇ‌نى ھېس قىلىدۇ.‏

يە‌ھۋا بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى دىققە‌ت بىلە‌ن ئوقۇ‌شتىن باشلىنىدۇ،‏ چۈنكى بۇ كىتاب ئۇ‌نىڭ كىملىكىنى ۋە بىزدىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا قىلىدۇ.‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان بە‌زى كىشىلە‌ر دە‌ل شۇ‌نداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ تارىخشۇ‌ناس ۋە دوختۇ‌ر بولغان لۇ‌قا بېرىيا شە‌ھىرىدىكى ئىبرانىيلار جامائىتىنىڭ ئە‌زالىرى ھە‌ققىدە مۇ‌نداق دە‌پ يازغان:‏ «[پاۋلۇ‌س ۋە سىلاس تە‌رە‌پتىن] ئۆزلىرىگە سۆزلە‌نگە‌نلە‌رنىڭ توغرا-‏خاتالىقىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارنى ئە‌ستايىدىللىق بىلە‌ن ئىزدىنىپ ئۆگە‌ندى».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏10،‏ 11‏.‏

بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائە‌ت سۈپىتىدە جە‌م بولۇ‌پ،‏ بىرلىكتە ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزە‌تتى (‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏41،‏ 42،‏ 46؛‏ 1-‏كورىنتلىقلار 1:‏1،‏ 2؛‏ گالاتىيالىقلار 1:‏1،‏ 2؛‏ 2-‏سالونىكالىقلار 1:‏1‏)‏.‏ شۇ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىمۇ جامائە‌ت سۈپىتىدە جە‌م بولۇ‌پ،‏ بىرلىكتە ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىغا ۋە ئۇ‌نىڭغا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىدىغان جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزۈپ كە‌لمە‌كتە.‏ يېقىن ئە‌تراپتا ياشاۋاتقان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن ئالاقە قىلىشنىڭ يە‌نە باشقا پايدىسى بار.‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئالغانسېرى مە‌لۇ‌م دە‌رىجىدە ئۇ‌نىڭغا خاس ئېسىل پە‌زىلە‌تلە‌رنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن ئارىلىشىش يە‌ھۋانى ياخشىراق بىلىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏—‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25‏.‏

بە‌لكىم،‏ سىز:‏ «بىر شە‌خس بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌ش ئۈچۈنلا شۇ‌نچە كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرە‌كمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورايدىغانسىز.‏ ئە‌لۋە‌تتە كېرە‌ك.‏ لېكىن،‏ باشقا مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرە‌ك ئە‌مە‌سمۇ؟‏ داڭلىق تە‌نتە‌ربىيە چولپانلىرى چېنىقىش ئۈچۈن قانچىلىك كۈچ چىقىرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئولىمپىك مۇ‌سابىقىسىدە ئالتۇ‌ن مېدالغا ئېرىشكە‌ن فرانسىيىلىك چاڭغا تېيىلىش ماھىرى جان-‏كلود كېلې خە‌لقئارالىق مۇ‌سابىقىدە غە‌لىبە قازىنىش پۇ‌رسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «10 يىل بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئالدىن تە‌ييارلىق قىلىشنى باشلاپ،‏ يىلدىن-‏يىلغا پىلان تۈزۈش ۋە ھە‌ر كۈنى بۇ ھە‌ققىدە ئويلاش كېرە‌ك .‏.‏.‏ بۇ بىر يىلدا،‏ 365 كۈن ئە‌قلىي ۋە جىسمانىي ئە‌مگە‌ك تە‌لە‌پ قىلىدىغان كە‌سىپتۇ‌ر».‏ بار-‏يوقى 10 مىنۇ‌تتا تۈگە‌يدىغان مۇ‌سابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شۇ‌نچىلىك كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ تە‌لە‌پ قىلىنىدۇ!‏ ئۇ‌نىڭغا سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۇ‌نىڭدىنمۇ كۆپرە‌ك،‏ تۈگىمە‌س بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشتۈرە‌لە‌يدۇ!‏»‏

بارغانسېرى يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌ت ئورنىتىش

ھېچ كىم ھاياتىدا مۇ‌ھىم بىر نە‌رسىنى قولىدىن چىقىرىپ قويۇ‌شنى خالىمايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌گە‌ر ھاياتىڭىزدا ھە‌قىقىي مە‌قسە‌ت-‏نىشانىڭىز يوقتە‌ك تۇ‌يۇ‌لسا ياكى نېمە ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلە‌ر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان بولسىڭىز،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن تە‌ڭرى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلاڭ.‏ ئۇ ھە‌ققىدە بىلىمگە ئىگە بولسىڭىز،‏ ھاياتىڭىز ياخشىلىنىدۇ ۋە بۇ‌نىڭ پايدىسىنى ئۆمۈر بويى كۆرە‌لە‌يسىز.‏

يە‌ھۋا ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىش قاچان ئاياقلىشىدۇ؟‏ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلە‌ر ئۈزلۈكسىز ئۇ ھە‌ققىدە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ ۋە داۋاملىق يېڭى نە‌رسىلە‌رنى ئۆگە‌نگە‌نلىكىدىن ھە‌يران قالماقتا.‏ بۇ‌نداق بىلىم ئېلىش جە‌ريانى بىزنى خۇ‌شاللىققا ئېرىشتۈرىدۇ ۋە بارغانسېرى خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ.‏ بىز ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ يازغان مۇ‌نۇ سۆزلىرىگە قوشۇ‌لىمىز:‏ «ئاھ،‏ خۇ‌دانىڭ بايلىقى ۋە ئىلىم-‏ھېكمىتى نە‌قە‌دە‌ر مول،‏ نە‌قە‌دە‌ر چوڭقۇ‌ر،‏-‏ھە!‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈملىرىگە ئە‌قىل يە‌تمە‌س ۋە ئۇ‌نىڭ يوللىرىنى چۈشىنىپ يە‌تكىلى بولماس.‏ ‹چۈنكى،‏ كىم يە‌ھۋانىڭ ئوي-‏پىكىرىنى چۈشىنىدۇ؟‏ كىم ئۇ‌نىڭغا مە‌سلىھە‌تچى بولالىغان؟‏› ».‏—‏رىملىقلار 11:‏33،‏ 34‏.‏

‏[بە‌ت ئاستى ئىزاھاتى]‏

a بە‌زى ئىسىملار ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏

‏[قىستۇ‌رما تېكىست]‏

ئىنسانلار يە‌نىلا غە‌م-‏تە‌شۋىشكە سېلىۋاتقان ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم سوئاللارنى سوراۋاتىدۇ:‏ «نېمە ئۈچۈن تۇ‌غۇ‌لدۇ‌م ۋە ياشاۋاتىمە‌ن؟‏ كېلە‌چە‌كتە نېمە بولىدۇ؟‏ ھاياتنىڭ ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏»‏

‏[قىستۇ‌رما تېكىست]‏

‏«يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىنراق تونۇ‌شقاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلاشتىم ۋە قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تلىرىممۇ ئازىيىشقا باشلىدى»‏

‏[قىستۇ‌رما تېكىست]‏

‏«يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى.‏ بۇ‌نىڭغا ھېچ نە‌رسە تە‌ڭ كېلە‌لمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ ھاياتنىڭ مە‌قسىتىنى چۈشە‌ندىم»‏