نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىش كېرەك؟
دۇئا — بۇ ماۋزۇ ئىنسانلارنى قىزىقتۇرىدىغان ۋە كۆپ سوئاللارنى تۇغدۇرىدىغان ماۋزۇلاردىن بىرىدۇر. كېلىڭ، مۇقەددەس كىتابنىڭ دۇئا توغرىسىدىكى يەتتە مۇھىم سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى. بۇ بىر قاتار ماقالىلەردە، خۇدانىڭ دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
پۈتكۈل دۇنيادا ھەرخىل مەدەنىيەت ۋە دىندىكى ئىنسانلار دۇئا قىلىشىدۇ. مەسىلەن، مەسچىت، چېركاۋ، بۇتخانا ۋە سىناگوگلاردا يالغۇز ياكى كۆپچىلىك بىلەن يىغىلىپ، ئىبادەت ياكى دۇئا قىلىشىدۇ. ئۇلار شۇنداق ۋاقىتتا، جايناماز، تەسۋى، دۇئا كىتابلىرى ھەمدە دۇئالار يېزىلغان قەغەزلەر ئىچىگە سېلىنغان تۇمارلارنى قوللىنىدۇ.
ئېنىقكى، يەر يۈزىدىكى بارچە جانلىقلار ئارىسىدا، پەقەت ئادەم بالىسى دۇئا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ھايۋاناتلار بىلەن بەزى ئوخشاشلىق تەرەپلىرىمىز بار. مەسىلەن، ئۇلارغا ئوخشاش تۇغۇلۇپ، نەپەس ئالىمىز ۋە يەپ-ئىچىپ، ئۆلىمىز (ۋەز 3:19). لېكىن، پەقەت ئىنسانلار دۇئا قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
ئاددىي سۆز بىلەن ئېيتقاندا، بىز بۇنىڭغا مۇھتاج. دەرھەقىقەت، قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ، ئادەملەر ئىلاھىي كۈچلەر، مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس دەپ قارالغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلىشنى، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ياكى ئالاقە قىلىشنىڭ يولى دەپ قارايدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا، ئىنساننىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى چۈشىنىش ئىستىكى بارلىقى ئېيتىلغان (ۋەز 3:11). ئەيسا پەيغەمبەر: «روھىي جەھەتتە ئۆزىنىڭ خۇداغا مۇھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر نەقەدەر بەختلىك!»— دېگەن.—مەتتا 5:3.
«ئۆزىنىڭ خۇداغا بولغان مۇھتاجلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەر» دېگەن گەپ، ئۆزىنىڭ روھىي ئېھتىياج بارلىقىنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەرنى بىلدۈرىدۇ. دىنىي-ئېتىقادى بار كىشىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن دىنىي ئىمارەتلەردە سائەتلەپ قىلىدىغان دۇئا-ئىبادەتلىرى بۇنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە بەزى كىشىلەر ئۆز روھىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پەقەت ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا ئىشىنىدۇ. بىراق، ئادەم بالىسىنىڭ قولىدىن بۇ ئىش كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىۋاتامسىز؟ چۈنكى، ئادەم بالىسى ئاجىز ۋە ئۆمرى قىسقىدۇر. شۇڭا، بىز ھەممىگە قادىر، ئەڭ دانا، سەۋرچان، مەڭگۈ بار بولغۇچى، يەنى ياراتقۇچىنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج. ئۇنداقتا، بىزنى دۇئا قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان روھىي ئېھتىياجلار دېگەن نېمە؟
ئويلىنىپ كۆرۈڭ: ئىنساننىڭ ئىلىم-ھېكمەتلىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغاندەك كۆرۈنگەن يول-يورۇق ۋە ئەقىل-پاراسەتنى ياكى سوئاللىرىڭىزغا جاۋابلارنى تېپىشقا ئىنتىلگەنمىدىڭىز؟ يېقىن كىشىڭىزدىن ئايرىلىپ، قايغۇ-ھەسرەت چەككەندە، تەسەللى مۇھتاج بولغاندەك ھېس قىلغانمىدىڭىز؟ ھاياتىڭىزدا مۇھىم قارارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال يول-يورۇقلارنى ئىزدەپ باققانمۇ؟ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ باققانمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىن كۆرگىنىمىزدەك، بۇنداق ۋەزىيەتلەردە دۇئا قىلىش مۇھىم. مۇقەددەس كىتابتا، دۇئا قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇمات بار. خۇدانىڭ كۆپلىگەن سادىق ئەر ۋە ئايال خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرىنى ئوقۇيالايمىز. ئۇلار تەسەللى تېپىش، يول-يورۇق ئىزدەش، قىيىن سوئاللىرىغا جاۋاب ئېلىش ۋە كەچۈرۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى.—زەبۇر 23:3؛ 71:21؛ دانىيال 9:4، 5، 19؛ ھاباققۇق 1:3.
بۇ سادىق كىشىلەرنىڭ دۇئالىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ دۇئالىرىدا ئورتاق بىر نەرسە بار. شۇ خىزمەتچىلەر بۈگۈنكى كۈندىكى ئادەملەر سەل قارىغان بىر نەرسىنى، يەنى كىمگە دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەن.