3. قانداق دۇئا قىلىش كېرەك؟
دۇئا ھەققىدە گەپ بولغاندا، كۆپىنچە كىشىلەر دەرھاللا قايسى يۆنىلىشكە قاراش، قانداق ھالەتتە تۇرۇش ۋە قانداق سۆزلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئويلايدۇ. ئەمما، مۇقەددەس يازمىلار دىققىتىمىزنى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق نەرسىلەرگە قارىتىدۇ: «قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟»
مۇقەددەس كىتابتا، نۇرغۇنلىغان سادىق كىشىلەرنىڭ پەرقلىق جايدا ۋە ھالەتتە دۇئا قىلغانلىقى ھەققىدە يېزىلغان. ئۇلار ۋەزىيەتلەرگە قاراپ، ئۈنلۈك ياكى ئۈنسىز ئاۋازدا، ئاسمانغا قاراپ ياكى سەجدە قىلىپ دۇئا قىلغان. بۇ كىشىلەر دۇئا قىلغاندا، سۈرەتلەر، تەسۋى ۋە دۇئا كىتابلىرىنى ئىشلەتمىگەن، بەلكى ئانا تىلىدا، ئۆز سۆزلىرى بىلەن چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلغان. نېمە ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالغان؟
ئالدىنقى ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، شۇ سادىق كىشىلەر پەقەت ھەممىگە قادىر يەھۋاغىلا دۇئا قىلغان. بىراق، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم نەرسە بار. مۇقەددەس كىتابتا: «ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىزكى، خۇدانىڭ ئىرادىسىگە مۇۋاپىق نېمىنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ»،— دەپ يېزىلغان (1-يۇھاننا 5:14). دەرھەقىقەت، دۇئالىرىمىز ئاللانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ماس دۇئا قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىرادىسى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇپ، تەتقىق قىلىش مۇھىم. بىراق، بۇ مۇقەددەس كىتابنى ياخشى بىلمىسەك، خۇدا دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالمايدۇ،— دېگەننى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. لېكىن، ئاللا ئۇنىڭ ئىرادىسىنى بىلىشكە ئىنتىلىشىمىزنى، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرۈشىمىزنى كۈتىدۇ (مەتتا 7:21—23). شەك-شۈبھىسىزكى، بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ماس دۇئا قىلىشىمىز لازىم.
دۇئالىرىمىز خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ئۇيغۇن، ئىشەنچ بىلەن، ئەيسانىڭ ئىسىمى ئارقىلىق قىلىغاندا، ياراتقۇچىمىز دۇئالىرىمىزنى قۇلاق سالىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم نەرسە شۇكى، يەھۋانى ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى ھەققىدە ئۆگەنگەنسېرى، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەيسا ئەلەيھىسسالام: «ئىشەنچ بىلەن دۇئا قىىڭلار، تىلىگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشىسىلەر»،— دېگەن (مەتتا 21:22). شۇنداق ئىكەن، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان نەرسىگە بولغان ئىشەنچ — خام خىيالغا ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئاساسلىنىدۇ (ئىبرانىيلار 11:1). يەھۋا خۇدانى كۆرەلمىسەكمۇ، مۇقەددەس كىتابتا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ دۇئالىرىنى تىڭشاپ، جاۋاب بېرىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن دەلىل-ئىسپاتلار بار. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەھۋادىن مۇستەھكەم ئىمان-ئېتىقادنى سورىيالايمىز. ئۇ بولسا، ئېھتىياجلىرىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.—لۇقا 17:5؛ ياقۇپ 1:17.
قانداق دۇئا قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر مۇھىم نەرسە بار. ئەيسا پەيغەمبەر: «مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىغا كېلەلمەيدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 14:6). ئېنىقكى، ئاللا يەھۋاغا يېقىنلىشىشتا ئەيسانىڭ رولى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ئۇ ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۇنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ، خۇداغا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن (يۇھاننا 14:13؛ 15:16). بىراق، بۇ ئەيساغا دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ياق. ئەكسىنچە، دۇئادا ئەيسانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغاندا، مۇكەممەل ۋە مۇقەددەس ئاتىمىز يەھۋاغا يېقىنلىشىشقا ئەيسانىڭ يول ئاچقانلىقىنى ئەستە تۇتىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى بىر كۈنى ئۇنىڭغا كېلىپ: «سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭ»،— دەپ سورىغانىدى (لۇقا 11:1). ئېنىقكى، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن بىز ھازىرلا كۆرۈپ چىققان نەرسىلەرنى سورىمىغان. ئەسلىدە ئۇلار دۇئالارنىڭ مەزمۇنىغا، يەنى نېمە ھەققىدە دۇئا قىلىش كېرەكلىكىگە قىزىققان.