مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4.‏ نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏

4.‏ نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏

ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام تاغدىكى ۋە‌ز-‏نە‌سىھىتىدە ئۆز شاگىرتلىرىغا دۇ‌ئا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسە‌تكە‌ن ئىدى.‏ بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر بۇ دۇ‌ئانى ئوقۇ‌پ،‏ ھە‌تتا ھە‌ر كۈنى سۆزمۇ-‏سۆز يادقا تە‌كرارلىسىمۇ،‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە شۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقىي مە‌نىسىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئادە‌ملە‌رنىڭ بۇ دۇ‌ئانى يادلىۋېلىپ،‏ قايتا-‏قايتا ئېيتىشىنى خالىغانمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ بىز بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر بۇ ئۈلگىلىك دۇ‌ئانى ئېيتىشتىن ئاۋۋال:‏ «ئوخشاش سۆزلە‌رنى قايتا-‏قايتا تە‌كرار ئېيتماڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏7‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تتىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ بىزنىڭ مە‌لۇ‌م بىر دۇ‌ئانى يادلىۋېلىپ،‏ ئۇ‌نى قايتا-‏قايتا تە‌كرارلىشىمىزنى پە‌يغە‌مبە‌ر خالىمىغان.‏ ئە‌سلى ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزدا،‏ ئۇ‌لارنىڭ مە‌زمۇ‌نىغا دىققە‌ت قىلىش،‏ يە‌نى نېمە ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن ۋە نېمە مۇ‌ھىمراق ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقىمىزنى خالىغان.‏ كېلىڭ،‏ ئىنجىلدىكى مە‌تتا كىتابى،‏ 6-‏باب،‏ 9—‏13-‏ئايە‌تلىرىدە يېزىلغان ئۈلگىلىك دۇ‌ئانى كۆرۈپ چىقايلى.‏

‏«ئاسماندىكى ئاتىمىز،‏ ئىسىمىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س بولسۇ‌ن»‏

بۇ سۆزلە‌رنى ئېيتقاندا،‏ ئە‌يسا پە‌قە‌ت ئۆز ئاتىسى يە‌ھۋاغىلا دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى شاگىرتلىرىنىڭ ئېسىگە سالغان.‏ بىراق،‏ سىز شۇ‌نى بىلە‌مسىز:‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ ئىسىمى شۇ‌نچە بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىسىم ئۇ‌لۇ‌غلىنىشى كېرە‌ك؟‏

ئىنسانىيە‌ت تارىخىنىڭ باشلىنىشىدا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىغا داغ تە‌ككۈزۈلگە‌نىدى.‏ شە‌يتان ئىبلىس پە‌رۋە‌ردىگارنى،‏ ياراتقان مە‌ۋجۇ‌داتلىرىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلمايدۇ ۋە ئۇ ناچار ھۆكۈمران بولغاچقا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇ‌قى يوق،‏—‏ دە‌پ ئە‌يىبلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا تۆھمە‌ت قىلغان (‏يارىتىلىش 3:‏1—‏6‏)‏.‏ نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر شە‌يتان تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌پ،‏ ئاللا پە‌رۋاسىز،‏ تاش يۈرە‌ك،‏ شە‌پقە‌تسىز،‏ دە‌پ تە‌لىم بېرىپ،‏ ھە‌تتا ئۇ‌نىڭ ياراتقۇ‌چى ئىكە‌نلىكىنى پۈتۈنلە‌ي ئىنكار قىلىدۇ.‏ باشقىلار بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ يە‌ھۋا دېگە‌ن ئىسىمىغا ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ھە‌تتا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ تە‌رجىمىلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاپ،‏ ھە‌تتا ئۇ ئىسىمنى تىلغا ئېلىشنى مە‌نئىي قىلىدۇ.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە بۇ‌نداق ئادالە‌تسىزلىكنى تامامە‌ن يوق قىلىدۇ (‏ھە‌زە‌كىيال 39:‏7‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئاللا بارلىق قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ھە‌ل قىلىدۇ.‏ قانداق قىلىپ؟‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدۇ.‏

‏«پادىشاھلىقىڭ كە‌لسۇ‌ن»‏

بۈگۈنكى كۈندە،‏ نۇ‌رغۇ‌ن دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر،‏ «خۇ‌دا پادىشاھلىقى» دېگە‌ن نېمە؟‏ بۇ توغرىسىدا ئورتاق بىر ئوي-‏پىكىرگە كېلە‌لمىدى.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسانىڭ تىڭشىغۇ‌چىلىرى بولسا،‏ بۇ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلگە‌ن ئىدى.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ‌لار پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئېيتقان سۆزلە‌رنى،‏ يە‌نى ھە‌ق خۇ‌دا ئۆز پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپتىدە مە‌سىھنى تە‌يىنلىگە‌نلىكى ۋە بۇ پادىشاھلىق يە‌ر يۈزىدە بارچە قىيىنچىلىقلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدىكى بېشارە‌تلە‌رنى بىلگە‌ن (‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7؛‏ دانىيال 2:‏44‏)‏.‏ شۇ پادىشاھلىق شە‌يتاننىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارا قىلىپ،‏ ھە‌ممە ئىشلىرىنى يوققا چىقارغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىدۇ.‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ ئاغرىقلار،‏ ئاچارچىلىق ھە‌تتا ئۆلۈمنى يوق قىلىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 46:‏9؛‏ 72:‏12—‏16؛‏ يە‌شايا 25:‏8؛‏ 33:‏24‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ دۇ‌ئادا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى تىلغا ئالغاندا،‏ سىز ئە‌سلى شۇ ۋە‌دىلە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشى ھە‌ققىدە دۇ‌ئا قىلىسىز.‏

‏«ئىرادە‌ڭ ئاسماندىكىگە ئوخشاش يە‌ر يۈزىدىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشسۇ‌ن»‏

ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرى خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شى،‏ل شۇ‌نىڭدە‌ك يە‌نە يە‌ردە ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئېنىقكى،‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئاسماندا ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ھېچ نە‌رسە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلالمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى ئە‌يسا مە‌سىھ ئاسماندا شە‌يتانغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌گە‌شكە‌نلە‌رگە قارشى جە‌ڭ قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسىنى يە‌رگە تاشلىغان (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏9—‏12‏)‏.‏ بۇ ئۈلگىلىك دۇ‌ئادىكى ئۈچىنچى ئۆتۈنۈش،‏ ئالدىنقى ئىككىسىگە ئوخشاش ئۆز پايدا-‏مە‌نپە‌ئىتىمىزگە ئە‌مە‌س،‏ ئاۋۋال خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئە‌مە‌لگە ئېشىشى بىلە‌ن بارچە مە‌ۋجۇ‌داتلار چوقۇ‌م بە‌رىكە‌تلىنىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆزى خۇ‌دادىن ئۆتۈنۈپ:‏ «مېنىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى سېنىڭ ئىرادە‌ڭ بويىچە بولسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ سورىغان.‏—‏لۇ‌قا 22:‏42‏.‏

‏«بۈگۈن بىزگە كۈندىلىك نېنىمىزنى بە‌رگە‌يسە‌ن»‏

ھە‌زرىتى ئە‌يسانىڭ بۇ سۆزلىرى دۇ‌ئادا شە‌خسىي ئېھتىياجلىرىمىز توغرىلىقمۇ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دادىن تۇ‌رمۇ‌شتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قانائە‌تلە‌ندۈرۈشنى سوراشنىڭ ھېچ يامىنى يوق.‏ ئە‌سلى بۇ‌نداق دۇ‌ئالار يە‌ھۋانىڭ ئىنسانلارغا ھاياتلىق،‏ نە‌پە‌س،‏ شۇ‌نداقلا ئېھتىياجلىق بولغان ھە‌رقانداق نە‌رسىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدۇ (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏25‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يە‌ھۋانى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قامدايدىغان كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشىتىدۇ.‏ لېكىن،‏ مېھرىبان ۋە غە‌مخور ئاتىدە‌ك خۇ‌دا ئۇ‌لارغا زىيان يە‌تكۈزىدىغان ئۆتۈنۈشلىرىنى ئورۇ‌نلىمايدۇ.‏

‏«گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرگە‌يسە‌ن».‏

بىز خۇ‌داغا قە‌رزدارمىزمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ ئۆتكۈزگە‌ن گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈشىگە مۇ‌ھتاجمۇ؟‏ بۈگۈنكى كۈندە نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر گۇ‌ناھنىڭ نېمە ئىكە‌نلىكىنى ۋە ئۇ گۇ‌ناھنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى چۈشە‌نمە‌يدۇ.‏ لېكىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب،‏ گۇ‌ناھ بارچە قىيىنچىلىقلىرىمىز،‏ شۇ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسىي سە‌ۋە‌بى ئىكە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (‏رىملىقلار 3:‏23؛‏ 5:‏12؛‏ 6:‏23‏)‏.‏ خۇ‌دايىمىزنىڭ «مېھرىبان ۋە كە‌چۈرۈمچان» ئىكە‌نلىكىنى بىلىش،‏ بىز ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر زور تە‌سە‌للى-‏ھە!‏—‏زە‌بۇ‌ر 86:‏5‏.‏

‏«بىزنى ياۋۇ‌زنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زغايسە‌ن»‏

خۇ‌دانىڭ ھىمايىسىگە قانچىلىك مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىڭىزنى چۈشىنىۋاتامسىز؟‏ كۆپ كىشىلە‌ر شە‌يتاننىڭ بارلىقىنى رە‌ت قىلىدۇ.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسالام شە‌يتاننىڭ بارلىقىنى رە‌ت قىلمىغان،‏ بە‌لكى يە‌نە ئۇ‌نى «دۇ‌نيانىڭ ھۆكۈمدارى» دە‌پ ئاتىغان (‏يۇ‌ھاننا 12:‏31؛‏ 16:‏11‏)‏.‏ شە‌يتان ئۆز قولى ئاستىدا بولغان دۇ‌نياغا يامان تە‌سىر قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ سىزگىمۇ يامان تە‌سىر قىلىپ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان يېقىن مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى بۇ‌زۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏8‏)‏.‏ بىراق،‏ شە‌يتانغا قارىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى چە‌كسىزدۇ‌ر ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھىمايە قىلىدۇ.‏

ئە‌يسا ئۈلگىلىك دۇ‌ئاسىدىكى ئاساسىي نۇ‌قتىلارنىڭ قىسقىچە خۇ‌لاسىسى،‏ بۇ دۇ‌ئادا ئېيتىدىغان ھە‌ممىلا ماۋزۇ‌لارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مە‌زكۇ‌ر ئايە‌تنى ئېسىمىزگە ئالايلى:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق نېمىنى تىلىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ» (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىم خۇ‌دانىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئە‌رزىمە‌س،‏ ھە‌تتا ئۇ‌لارنى دۇ‌ئادا تىلغا ئېلىپ،‏ خۇ‌داغا ئېيتىپ بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق دە‌پ ئويلىماڭ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 5:‏7‏.‏

ئۇ‌نداقتا،‏ قاچان ۋە قە‌يە‌ردە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدە جاۋاب تاپالايسىز.‏