مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5.‏ قاچان ۋە قە‌يە‌ردە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏

5.‏ قاچان ۋە قە‌يە‌ردە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌ك؟‏

ناھايىتى ئېنىقكى،‏ كۆپلىگە‌ن دىنلاردا دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن مە‌لۇ‌م بىر ۋاقىتتا،‏ مە‌خسۇ‌س جايلارغا بارىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ قاچان ۋە قە‌يە‌ردە دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا نېمە يېزىلغان؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئىخلاسمە‌ن كىشىلە‌رنىڭ بە‌زى ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە قىلغان دۇ‌ئالىرى يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئۆز شاگىرتلىرى بىر داستىخاندا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ تاماققا ئېغىز تېگىش ئالدىدا،‏ خۇ‌داغا شۈكۈر ئېيتقان ئىدى (‏لۇ‌قا 22:‏17‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ شاگىرتلار يىغىلىپ،‏ خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ئۇ‌لار يېرۇ‌سالىمدىكى ئىبادە‌تخانىدا ۋە يە‌ھۇ‌دىي سىناگوگىلىرىدا ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئە‌نئە‌نىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى توختاتمىغان.‏ خۇ‌دا ئۆزى ئىبادە‌تخانا توغرىسىدا:‏ «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل مىللە‌تلە‌رنىڭ دۇ‌ئا-‏تىلاۋە‌ت قىلىدىغان ئۆيى بولسۇ‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏ماركۇ‌س 11:‏17‏.‏

بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى يىغىلىپ،‏ بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلسا،‏ ئۇ‌لارنىڭ دۇ‌ئاسى ئاڭلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر ئورتاق كۆز قاراشتىكى كىشىلە‌ر جە‌م بولۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رگە ماس دۇ‌ئا قىلسا،‏ بۇ‌نداق دۇ‌ئالار خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ.‏ بۇ دۇ‌ئالار ھە‌تتا خۇ‌دانى قىلماقچى بولمىغان ئىشىنى قىلىشقا ئۈندىشى مۇ‌مكىن (‏ئىبرانىيلار 13:‏18،‏ 19‏)‏.‏ ئادە‌تتە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى ئۆز جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا دائىم دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏ چىن قە‌لبىمىزدىن،‏ سىزنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان جايغا يېقىن يە‌ردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىمىزغا كېلىپ،‏ شۇ‌نداق دۇ‌ئالارنى ئاڭلاپ بېقىشقا تە‌كلىپ قىلىمىز!‏

ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا چوقۇ‌م مە‌لۇ‌م بىر جايدا ۋە ئېنىق بىر ۋاقىتتا دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكى يېزىلمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بۇ كىتابتا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايدا ۋە ۋاقىتتا دۇ‌ئا قىلغانلىقى يېزىلغان.‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام:‏ «دۇ‌ئا قىلساڭ،‏ ئۆز خاناڭگە كىرىپ،‏ ئىشىكنى يېپىپ،‏ يوشۇ‌رۇ‌ن تۇ‌رغان ئاسماندىكى ئاتاڭغا دۇ‌ئا قىلغىن.‏ يوشۇ‌رۇ‌ن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇ‌رىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇ‌كاپاتلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 6:‏6‏.‏

ھە‌رقانداق جايدا ھە‌رقانداق ۋاقىتتا دۇ‌ئا قىلساق بولىدۇ

بۇ تە‌كلىپ،‏ بىز ئۈچۈن نە‌قە‌دە‌ر زور شان-‏شە‌رە‌پ،‏—‏ ھە!‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ سىز ھە‌رقانداق جايدا ۋە ۋاقىتتا ئالە‌منىڭ ئېگىسىگە شە‌خسە‌ن دۇ‌ئا قىلالايسىز.‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئايىڭىزغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ دۇ‌ئا قىلىش ئۈچۈن دائىم يالغۇ‌ز قېلىشقا پۇ‌رسە‌ت ئىزدىگە‌نلىكى ھە‌يران قالارلىق ئە‌مە‌س!‏ ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام بىر كۈنى مۇ‌ھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال،‏ ھە‌تتا پۈتۈن بىر كېچە دۇ‌ئادا بولغان.‏—‏لۇ‌قا 6:‏12،‏ 13‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ باشقا سادىق ئە‌رلە‌ر ۋە ئاياللار ھاياتىدا مۇ‌ھىم قارار چىقىرىش ئالدىدا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يول-‏يورۇ‌ق ئىزدە‌پ دۇ‌ئا قىلغانلىقى يېزىلغان.‏ بە‌زىدە ئۇ‌لار ئۈنلۈك ياكى ئۈنسىز،‏ يالغۇ‌ز ياكى باشقىلار بىلە‌ن بىرلىكتە دۇ‌ئا قىلغان.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئۇ‌لار دۇ‌ئا قىلغان.‏ ياراتقۇ‌چىمىز يە‌ھۋا ھە‌تتا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ھە‌مىشە دۇ‌ئا قىلىشقا چاقىرىدۇ (‏1-‏سالونىكالىقلار 5:‏17‏)‏.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ خۇ‌دا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلايدىغانلارنىڭ دۇ‌ئالىرىغا قۇ‌لاق سېلىشقا ھە‌رقاچان تە‌ييار.‏ بۇ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت تولغان كىشىگە تە‌سە‌للى بېرىدىغان ئاجايىپ تە‌كلىپ ئە‌مە‌سمۇ-‏ھە!‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۈگۈنكى كۈندە شە‌خسىيە‌تچىلىككە تولغان بۇ دۇ‌نيادا ياشاۋاتقان نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر دۇ‌ئا قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرمە‌يدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ سىز:‏ «دۇ‌ئا قىلىشنىڭ مە‌ن ئۈچۈن پايدىسى بارمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراپ باققانسىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ بۇ سوئال ھە‌ققىدە مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏