7. خۇدا دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سالامدۇ ۋە جاۋاب بېرەمدۇ؟
بۇ سوئال كۆپ ئادەملەرنى قىزىقتۇرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دۇئالارغا قۇلاق سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىش ياكى سالماسلىقى ئۆزۈمىزگە باغلىق.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆز زامانىدىكى دىنىي رەھبەرلەرنىڭ باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قىلغان ساختا دۇئالىرىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەيسا پەيغەمبەر مۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچ قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيدۇ دېگەندە، ئەسلى ئۇ ئۇلارنىڭ مۇھتاج بولغان نەرسىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، يەنى خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئىدى (مەتتا 6:5). بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆپ ئادەملەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەمەس، ئۆزى خالىغانچە دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار ئۇشبۇ پرىنسىپنى كۆزگە ئىلمىغاچ، خۇدا ئۇلارنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سالمايدۇ.
ئۆزىڭىز ھەققىدە نېمە دەيسىز؟ خۇدا دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سالامدۇ ۋە جاۋاب بېرەمدۇ؟ مېھىر-شەپقەتلىك ئاللا سىزنىڭ ئىرق، مىللەت ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ، دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سالىدۇ دېگەن گەپ توغرىمۇ؟ مۇقەددەس كىتاب بىزنى خۇدانىڭ ھەر قانداق ئادەمنى، مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر تەڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ساداقەتمەن ۋە توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىلا، خۇدانىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ (ئەلچىلەر 10:34، 35). بۇ سۆزلەر ئاڭلاپ، ئۆزىڭىزنى قانداق ھېس قىلدىڭىز؟ ئەگەر سىز خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، خۇداغا ھۆرمەت-ئېھتىرام كۆرسىتىپ، ئۇنى رەنجىتىشنى خالىمايسىز. شۇنىڭدەك، توغرا ئىش قىلىدىغان كىشى بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئەمەس، خۇدانىڭ كۆز قارىشىغا ماس ئىش قىلىشقا تىرىشىسىز. راستىنلا، خۇدانىڭ دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سېلىشىنى خالامسىز؟ خۇدا دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سېلىشى ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى مۇقەددەس كىتاب سىزگە كۆرستىپ بېرىدۇ.
ئەلۋەتتە، كۆپ ئادەملەر خۇدانىڭ دۇئالىرىغا مۆجىزىلىك ئۇسۇلدا جاۋاب بېرىشىنى كۈتىدۇ. بىراق، ھەتتا قەدىمقى زامانلاردىمۇ ئاللا مۆجىزىلەرنى كۆپ كۆرسەتمىگەن. بەزىدە مۆجىزىلەرنىڭ ئارىسىدا كۆپ ئەسىرلەر ئۆتەتتى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا ئەيسانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەندىن كېيىن، مۆجىزىنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقى يېزىلغان (1-كورىنتلىقلار 13:8—10). ئۇنداقتا بۇ خۇدانىڭ بۈگۈنكى كۈندە دۇئالارغا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق! كېلىڭ، خۇدا جاۋاب بەرگەن دۇئالارنى كۆرۈپ چىقايلى.
خۇدا دانالىق بېرىدۇ. تەڭرى يەھۋا بارلىق ھەقىقىي دانالىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۇ يول-يورۇقنى ئىزدەۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا ماس ھايات كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرگە دانالىقنى مەردلىك بىلەن بەرمەكتە.—ياقۇپ 1:5.
خۇدا مۇقەددەس روھنى بېرىدۇ. مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى. ئۇنىڭدىن كۈچلۈكرەك ھېچ نەرسە يوق. ئۇ بىزنىڭ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. بېشىمىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ئۇ كۆڭلىمىزگە تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلالايدۇ. مۇقەددەس روھ باشقا ئېسىل پەزىلەتلەرنىمۇ يېتىلدۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ (گالاتىيالىقلار 5:22، 23). ھەزرىتى ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىنى خۇدا ئۇنىڭدىن مۇقەددەس روھنى سورىغانلارغا مەردلىك بىلەن بېرىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.—لۇقا 11:13.
خۇدا ئۇنى ئىزدەۋاتقانلارغا ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ (ئەلچىلەر 17:26، 27). پۈتۈن دۇنيادا ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان ئاق كۆڭۈل ئىنسانلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار خۇدا ھەققىدە، يەنى ئۇنىڭ ئىسىمى، يەر-يۈزى ھەم ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئىرادىسى ۋە ئۇنىڭغا قانداق يېقىنلىشالايدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدۇ (ياقۇپ 4:8). يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بۇنداق كىشىلەرنى پات-پات ئۇچرىتىپ، مۇقەددەس كىتابتىن شۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.
مۇشۇ سەۋەب، قولىڭىزدا بۇ ژۇرنال بار؟ خۇدانى تونۇشۇشنى خالامسىز؟ بۇ بەلكىم خۇدانىڭ دۇئايىڭىزغا قايتۇرغان جاۋابى.