مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

بالايىئاپە‌تلە‌ر ئۈمىد بېرە‌ر

بالايىئاپە‌تلە‌ر ئۈمىد بېرە‌ر

بالايىئاپە‌تلە‌ر ئۈمىد بېرە‌ر

‏«ئاخىر زاماندا ئىنتايىن تە‌س ۋاقىتلار كېلىدۇ».‏—‏2-‏تىموتىي 3:‏1‏.‏

سىز تۆۋە‌ندە تىلغا ئېلىنغان ئېچىنارلىق ۋە‌قە‌لە‌رنى ئاڭلىدىڭىز ياكى كۆردىڭىزمۇ؟‏

● نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ۋابا كېسىلىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ.‏

● ئاچارچىلىق سە‌ۋە‌بىدىن يۈزلىگە‌ن كىشىلە‌ر ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ.‏

● يە‌ر تە‌ۋرە‌شتە مىڭلىغان ئادە‌ملە‌ر جېنىدىن ئايرىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئۆي-‏ماكانسىز قېلىۋاتىدۇ.‏

كېيىنكى ماقالىلە‌ردە،‏ سىز مۇ‌شۇ ۋە‌قە‌لە‌رگە ئوخشاش،‏ دۇ‌نيانىڭ ئە‌ھۋالى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان يە‌نە باشقا ۋە‌قە‌لە‌رنى كۆرۈپ چىقىسىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا «ئاخىر زامان» دە‌پ ئاتالغان دە‌ۋردە يۈز بېرىدىغانلىقى بېشارە‌ت قىلىنغانلىقىنى كۆرىسىز.‏

بە‌لكىم،‏ سىز بۇ‌نداق ۋە‌قە‌لە‌رنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلە‌ن كۆرۈۋاتقانسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ مە‌قسىتى سىزنى بالايئاپە‌تلە‌رگە تولغان دۇ‌نيادا ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ئىشە‌ندۈرۈش ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۈمىد بېرىشتۇ‌ر.‏ بىز ئالتە بېشارە‌تنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقى،‏ مۇ‌شۇ «ئاخىر زامان»نىڭ پات-‏يېقىندا ئاخىرلىشىدىغان كۈنى كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ يە‌نە بىر قاتار ماقالىلە‌ردە،‏ «ئاخىر زامان»نىڭ ئالامە‌تلىرىگە قارشى كە‌ڭ تارقالغان كۆزقاراش مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ ۋە كە‌لگۈسىدە ئاجايىپ گۈزە‌ل تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشنىڭ سە‌ۋە‌بلىرى كۆرسىتىلىدۇ.‏