1. يەر تەۋرەشلەر
1. يەر تەۋرەشلەر
«شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ».—لۇقا 21:11.
● ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە خەۋەر قىلىۋاتقان مۇخبىر بىر كىچىك بالىنىڭ پەس ئاۋازدا يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. بۇ بىر يېرىم ياشلىق ۋىننې ئىسىملىك قىز ئىدى. ئۇنى خارابىلەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقاردى. گەرچە ئۇ ئامان قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
دەلىل-ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
2010-يىل، يانۋاردا ھايتىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە 300000 دىن كۆپرەك كىشى ئۆلۈپ كەتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى. بىراق، پەقەتلا ھايتىدا بۇنداق شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ قالماي، 2009-يىل ئاپرېلدىن 2010-يىل ئاپرېلغىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەم دېگەندە 18 شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.
كەڭ تارقالغان كۆز قاراش
يەر تەۋرەشلەر كۆپەيگىنى يوق. زامانىۋىي پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغاچ، يەر تەۋرەشلەر توغرۇلۇق بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپرەك خەۋەرلەرنى ئاڭلايمىز.
بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟
دىققەت قىلىپ كۆرۈڭ: مۇقەددەس كىتابتا ئاخىر زاماندا يەر تەۋرەشلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچنەرسە يېزىلمىغان. ئەمما، «نۇرغۇن جايلاردا» «شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر»نىڭ بولۇشى ئاخىر زاماننىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولىدۇ، دەپ يېزىلغان.—ماركۇس 13:8؛ لۇقا 21:11.
سىز قانداق ئويلايسىز؟
مۇقەددەس كىتابتا بېشارەت قىلىنغان شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر بۈگۈنكى كۈندە بولۇۋاتامدۇ؟
يەر تەۋرەشلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئالتە بېشارەتنىڭ پەقەت بىرى. ھازىر ئىككىنچىسىگە دىققەت ئاغدۇرايلى.
[قىستۇرما تېكىسىت]
«بىز [گېئوفىزىكلار] ئۇلارنى كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەر دەيمىز. باشقىلار بولسا، ئۇلارنى شىددەتلىك دەيدۇ».—كېن خادنات، گېئولوگ، ئامېرىكا.
[رەسىم]
© William Daniels/Panos Pictures