مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2.‏ ئاچارچىلىق

2.‏ ئاچارچىلىق

2.‏ ئاچارچىلىق

‏«ئاچارچىلىق بولىدۇ».‏—‏ماركۇ‌س 13:‏8‏.‏

● بىر كىشى ئاچارچىلىقتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن كۋاراتېگە (‏نىگېرىيە)‏ يېزىسىغا پاناھلىق ئىزدە‌پ كە‌لدى.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمۇ شۇ يېزىسىغا كۆچۈپ كە‌لدى.‏ بىراق،‏ بۇ كىشى تۇ‌غقانلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇ‌رۇ‌پ يۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ شۇ يېزىدىكى يىگىت بېشى سېدې سە‌ۋە‌بىنى چۈشە‌ندۈرۈپ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ ئۆز [ئائىلىسىنى] باقالمايدۇ،‏ شۇ‌ڭا ئۆز تۇ‌غقانلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشتىن ئۇ‌يۇ‌لىدۇ».‏

دە‌لىل-‏ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

ھە‌ر كۈنى دۇ‌نيادا ھە‌ر يە‌تتە كىشىدىن بىرى ئاچ قورساق يۈرىدۇ.‏ ساخارا چۆللۈكىنىڭ جە‌نۇ‌بىدىكى ئافرىقا دۆلە‌تلىرىدە ئە‌ھۋال تېخىمۇ ناچار.‏ ئۇ يە‌رلە‌ردە ھە‌ر ئۈچ كىشىدىن بىرى دائىم يېگۈدە‌ك تاماق يوق ياكى قورسىقى تويماي يۈرىدۇ.‏ بۇ ئېچىنارلىق ئە‌ھۋالنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئاتا،‏ ئانا ۋە بىر بالا ئۈچ جان بار ئائىلىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ تاماق پە‌قە‌ت ئىككى كىشىگە يە‌تسە،‏ كىم ئاچ قالىدۇ؟‏ ئاتىمۇ؟‏ ئانىمۇ ياكى بالىسىمۇ؟‏ كۆپلىگە‌ن ئائىلىلە‌رنىڭ ھە‌ر كۈنى مۇ‌شۇ ئائىلىگە ئوخشاش قارار چىقىرىشىغا توغرا كېلىدۇ.‏

كە‌ڭ تارقالغان كۆزقاراش.‏

يە‌ردىن ئېلىنىدىغان مول ھوسۇ‌للار ھە‌ممە ئىنسانلارنىڭ قۇ‌رساق تويغۇ‌زۇ‌شى ئۈچۈن يېتە‌رلىك.‏ پە‌قە‌ت شۇ مە‌ھسۇ‌لاتلاردىن توغرا پايدىلىنىش كېرە‌ك.‏

بۇ ھە‌قىقە‌تە‌ن شۇ‌نداقمۇ؟‏

راست،‏ دېھقانلار بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا،‏ كۆپرە‌ك ئاشلىق مە‌ھسۇ‌لاتلىرىنى ئىشلە‌پ چىقىرىپ،‏ ئۇ‌لارنى يە‌تكۈزۈپ بېرىدۇ.‏ ئە‌سلىدە ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌ر شۇ مە‌ھسۇ‌لاتلاردىن توغرا پايدىلىنىپ،‏ ئاچارچىلىق مە‌سىلىسىنى ھە‌ل قىلىشى زۆرۈر.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار ھە‌تتا نە‌چچە ئون يىل تىرىشىپ باققان بولسىمۇ،‏ بۇ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلالماي كېلىۋاتىدۇ.‏

سىز قانداق ئويلايسىز؟‏

ماركۇ‌س 13:‏8-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتامدۇ؟‏ زامانىۋىي پە‌ن-‏تېخنىكىنىڭ تە‌رە‌ققىي قىلغان بولسىمۇ،‏ ئىنسانىيە‌تنىڭ ئاچارچىلىق مە‌سىلىسىنى تېخى ھە‌ل قىلالمىغانلىقى كىشىنى ھە‌يران قالدۇ‌رمامدۇ؟‏

يە‌ر تە‌ۋرە‌شلە‌ر ۋە ئاچارچىلىق قاتارلىق بالايى‌ئاپە‌تلە‌ردىن باشقا،‏ ئاخىر زاماننىڭ بە‌لگىسىدىن يە‌نە بىرى بولغان بالايىئاپە‌ت يۈز بېرىدۇ.‏

‏[قىستۇ‌رما تېكىسىت]‏

ئۆپكە ياللۇ‌غى،‏ ئىچ سۈرۈش ۋە باشقا كېسە‌للىكلە‌ر بىلە‌ن ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بالىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ يېتە‌رلىك ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكى بولغان بولسا،‏ ئامان قالغان بولاتتى.‏—‏ب.‏د.‏ت ئۆسمۈرلە‌ر فوندىنىڭ باشلىقى بولغان ئان م.‏ ۋېينېمان.‏

‏[رە‌سىم]‏

© Paul Lowe/‏​Panos Pictures