3. كېسەللىكلەر
3. كېسەللىكلەر
«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تارقىلىدۇ».—لۇقا 21:11.
● ئافرىقىدىكى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان بىر دۆلەتتە بونزالى ئىسىملىك ئاممىۋى ساغلاملىق ئىشلىرى ئەمەلدارى ئۆز يېزىسىدا ماربۇرگ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈۋاتقان كان ئىشچىلىرىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشقان ئىدى. ئەمما، ئۇنىڭ قولىدىن كۆپ ئىش كەلمىگەن. ئۇنىڭ چوڭ شەھەردىكى ئەمەلدارلاردىن سورىغان ياردىمى جاۋابسىز قالدى. ئاخىرى، تۆت ئايدىن كېيىن ياردەم كەلگەن. بىراق، بۇ ۋاقىتتا بونزالى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنىدى. چۈنكى، ئۇ كانچىلارنى قۇتقۇزىمەن، دەپ ئۆزى ماربۇرگ ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان.
دەلىل-ئىسپاتلار نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
پەقەت 2004-يىلنىڭ ئىچىدىلا تۆۋەن نەپەس يوللىرى ياللۇغلىرى (ئۆپكە ياللۇغى)، ئىچ سۈرۈش، ئەيدىز كېسىلى، سىل كېسىلى ۋە بەزگەك قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەر سەۋەبلىك، تەخمىنەن 10مىليون 700 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بىر يىل ئىچىدە، ھەر ئۈچ سېكۇنتتا بىر ئادەم ئۆلگەن.
كەڭ تارقالغان كۆز قاراش.
دۇنيا نوپۇسى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەچكە، كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.
بۇ ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟
راست، دۇنيا نوپۇسى ھەقىقەتەن كۆپەيمەكتە. ئەمما، كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاش، نازارەت قىلىش ۋە داۋالاشتا ئادەملەر كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىۋاتىدۇ. مەنتىقىگە ئۇيغۇن پىكىر يۈرگۈزسەك، ئىلىم-پەن يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلۋاتقان دەۋردە كېسەللىكلەر ئازىيىپ، سالامەتلىككە تەسىرى قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىشى كېرەك ئەمەسمۇ؟ لېكىن، كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى ئازلاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار تېخىمۇ كۆپەيمەكتە.
سىز قانداق ئويلايسىز؟
مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، ئادەملەر يۇقۇملۇق كېسەللەر تۈپەيلىدىن قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتامدۇ؟
يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر مىليونلىغان ئىنسانلارغا زىيان سېلىۋاتقان بالايىئاپەتلەردۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى قوغداشقا تېگىشىلىك كىشىلەر، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. كېيىنكى ماقالىدە، بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتا نېمىلەر بېشارەت قىلىنغانلىقىنى بىلىسىز.
[قىستۇرما تېكىسىت]
شىر ياكى باشقا يىرتقۇچ ھايۋانغا يەم بولۇش بەك قورقۇنچلۇق. بىراق، ئىچىڭىزدىن قانداقتۇ بىر يۇقۇملۇق كېسەلگە يەم بولۇش تېخىمۇ قورقۇنچلۇق. بۇنداق ئىشلارنى ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.—ۋابا كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچى مايكىل ئوستېرخولم.
[رەسىم]
© William Daniels/Panos Pictures