گۈزەل كېلەچەك ئالدىمىزدا!
گۈزەل كېلەچەك ئالدىمىزدا!
«مانا ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن رەزىللەر يوق بولار. 11 لېكىن، يەر يۈزىگە ۋارىسلىق قىلار كەمتەر كىشىلەر، تىنچ-خاتىرجەملىك ئىچىدە، خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرەر».—زەبۇر 37:10، 11.
سىز بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلىك سۆزى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈشنى خالامسىز؟ شەك-شۈبھىسىزكى، چوقۇم بەكمۇ خالايسىز. بۇ سۆزلەرنىڭ پات-يېقىندا چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى بار.
ئالدىنقى ماقالىلەردە، بىز زاماننىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى بېشارەتلەرنى كۆرۈپ چىققان ئىدۇق (2-تىموتىي 3:1—5). ياراتقۇچىمىز بىزگە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن، شۇ بېشارەتلەرنى مۇقەددەس كىتابقا يازدۇرغان (رىملىقلار 15:4). ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقى، ھازىر بېشىمىزغا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ پات-يېقىندا يوق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاخىر زاماندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ (مەتتا 6:9). شۇ چاغدا يەر يۈزىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە، مۇقەددەس كىتابتا نېمە يېزىلغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ:
● ئاچارچىلىق بولمايدۇ. «يەر يۈزىدە زىرائەتلەر مول بولار، تاغ چوقىلىرىغىچە تولۇپ تاشارۇ».—زەبۇر 72:16.
● كېسەللىكلەر بولمايدۇ. شۇ يەردە تۇرغۇچى: «مەن كېسەل» دېمەيدۇ.—يەشايا 33:24.
● يەر يۈزى يېڭىلىنىدۇ. «جاڭگال ۋە قۇرۇپ قاغجىرىغان يەر خۇشال بولىدۇ، چۆل-باياۋان شادلىنىپ، زەپىراندەك چېچەكلەيدۇ».—يەشايا 35:1.
بۇ پات-يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدىغان، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەرنىڭ پەقەت بىرنەچچىسى خالاس. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن، ئۇلار شۇنداق گۈزەل كېلەچەكنىڭ بولىدىغانلىقىغا، نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۈچلۈك ئىشىنىدىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ.