مۇقاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇدانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان يالغانچىلىقلار
خۇدانى سىرلىق قىلىپ قويغان يالغانچىلىق
نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىدىغان يالغانچىلىق
«خرىستىئانلارنىڭ رىم كاتولىك، پراۋىسلاۋىيان ۋە پروتېستانت قاتارلىق ئاساسىي ئۈچ مەزھىپى ئۈچبىرلىك شەخس، يەنى خۇدا ئاتا، ئوغۇل (ئەيسا مەسىھ) ۋە مۇقەددەس روھ بىر ئىلاھ دەپ ئىشىنىدۇ. ئاشۇ خرىستىئان دىنى مەزھەپلىرىنىڭ تەلىماتى بويىچە، بۇ ئۈچى ئايرىم ئۈچ ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئۈچى بىرلەشكەن ئۈچبىرلىك خۇدا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كېرەك».—The New Encyclopædia Britannica.
مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەت
ھەزرىتى ئەيسا ھېچقاچان ئۆزىنى خۇداغا تەڭ ياكى باراۋەر دەپ ئېيتمىغان. ئەكسىنچە ئۇ ئۆزى: «ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر»،— دەپ ئېيتقان (يۇھاننا 14:28). شۇنىڭدەك، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ بىرىگە: «مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ ئاتاڭلارنىڭ، مېنىڭ خۇدايىم ۋە سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقى[مەن]»— دېگەن.—يۇھاننا 20:17.
مۇقەددەس روھ شەخس ئەمەس. مۇقەددەس كىتابتا شۇنداق يېزىلغان، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ «ھەممىسى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا» چۆمگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئۆزى: «ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن»،— دەپ ئېيتقان (ئەلچىلەر 2:1—4، 17). بۇ ئايەتلەردىن ئېنىق كۆرۈۋاتىمىزكى، مۇقەددەس روھ ئۈچ بىرلىكنىڭ بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى.
نېمە ئۈچۈن بۇ مۇھىم؟
كارل رانېر ۋە ھېربېرت ۋورگرىملېر ئىسىملىك كاتولىك دىن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۈچبىرلىك — بۇ بىر سىر ... ئۇنى ۋەھىيسىز چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس ۋە ھەتتا ۋەھىي ئالغاندىن كېيىنمۇ، ئۇ بەكمۇ سىرلىق ۋە چۈشىنىكسىز». خوش، تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس بولغان شەخسنى سۆيەلەمسىز؟ شۇڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، ئۈچبىرلىك تەلىماتى كۆيۈمچان خۇدانى تونۇشقا ۋە سۆيۈشكە توسالغۇ بولىدۇ.
بىرىنچى ماقالىدە تىلغا ئالغان ماركو ئۈچۈن ئۈچبىرلىك تەلىماتى بۇنداق توسالغۇ بولغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خۇدا ئۆزىنى مېنىڭدىن يوشۇرىدۇ دەپ ئويلايتتىم ۋە بۇ مېنى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى سىرلىق قىلىپ قويدى». لېكىن، ئاللا ئۆزىنى بىزدىن يوشۇرمايدۇ، ئەكسىنچە بىزنىڭ ئۇنى تونۇشىمىزنى خالايدۇ. ھەزرىتى ئەيسامۇ: «كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز»،— دەپ ئېيتقان.—يۇھاننا 4:22.
ماركو داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ ئۈچبىرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەنگىنىمدە، ئاخىرى ئۇنىڭ بىلەن شەخسىي دوستلۇق مۇناسىۋەتنى ئورنىتالىدىم. ئەگەر يەھۋا خۇدا بىز ئۈچۈن قانداقتۇ بىر سىرلىق، ناتونۇش شەخس بولمىسا، ئۇنى سۆيۈش ئاسانراق بولىدۇ». «مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر».—1-يۇھاننا 4:8.