مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قاۋىدىكى ماۋزۇ | ئىنسانلارنىڭ خۇ‌دانى سۆيۈشىنى قىيىنلاشتۇ‌رىدىغان يالغانچىلىقلار

ھە‌قىقە‌ت سىزنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ

ھە‌قىقە‌ت سىزنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ

بىر كۈنى يېرۇ‌سالىم شە‌ھىرىدە ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئە‌رشتىكى ئاتىسى يە‌ھۋا ھە‌ققىدە سۆزلە‌ۋېتىپ،‏ ساختا دىن رە‌ھبە‌رلىرىنى ئوچۇ‌ق-‏ئاشكارا ئە‌يىبلىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 8:‏12—‏30‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ شۇ چاغدا ئېيتقان سۆزلىرى بۈگۈنكى كۈندە خۇ‌دا توغرىسىدىكى كە‌ڭ ئومۇ‌ملاشقان تە‌لىماتلارنى تە‌كشۈرۈپ ئېنىقلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئە‌گە‌ر مېنىڭ تە‌لىمىم بويىچە ئىش كۆرسە‌ڭلار،‏ مېنىڭ ھە‌قىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلە‌ر.‏ ھە‌قىقە‌تنى بىلىسىلە‌ر ۋە ھە‌قىقە‌ت سىلە‌رنى ئە‌ركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ».‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏31،‏ 32‏.‏

ئە‌يسا ئە‌لە‌يھىسسالام «ئە‌گە‌ر مېنىڭ تە‌لىمىم بويىچە ئىش كۆرسە‌ڭلار» دە‌پ،‏ قانداقتۇ بىر دىنىي تە‌لىماتنىڭ توغرىلىقىنى تە‌كشۈرۈپ ئېنىقلاشنىڭ بىر ئۆلچە‌م-‏تە‌لىپىنى ئورناتقان.‏ ئاللا ھە‌ققىدە بىرە‌ر نە‌رسە ئاڭلىغىنىڭىزدا،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن:‏ «بۇ سۆزلە‌ر ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئېيتقان سۆزلىرىگە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىگە ئۇ‌يغۇ‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سوراڭ.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىسى ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئىبرانىي يازمىلاردا ئېيتىلغان سۆزلە‌رنى تە‌كشۈرۈپ،‏ شۇ سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌تە‌ن ئىكە‌نلىكىگە جە‌زم قىلغان كىشىلە‌ردىن ئۈلگە ئېلىڭ.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11‏.‏

بۇ بىر قاتار ماقالىلە‌ردە،‏ ماركو،‏ روزا ۋە رايموندالارنىڭ سۆزلىرى نە‌قىل كە‌لتۈرۈلگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نگە‌ندە،‏ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن تە‌كشۈرگە‌ن.‏ خوش،‏ ئۇ‌لار نېمىلە‌رنى بىلىۋالدى؟‏

ماركو:‏ «ئايالىم ئىككىمىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزگە‌ن كىشى بىزنىڭ بارلىق سوئاللىرىمىزغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلىنىپ جاۋاب بېرە‌تتى.‏ بىز يە‌ھۋا خۇ‌دانى سۆيۈشكە باشلىدۇ‌ق ۋە بىز ئۆزىمىزنىڭ نىكاھ رىشتىسى كۈچە‌يگە‌ن ئىدى.‏

روزا:‏ «بېشىدا مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىنسانلارنىڭ ئوي-‏پىكىرى ئارقىلىق خۇ‌دانى چۈشە‌ندۈرىدىغان پە‌لسە‌پە كىتابى دە‌پ ئويلايتتىم.‏ بىراق،‏ ۋاقىت ئۆتۈپ،‏ مە‌ن سوئاللىرىمغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن جاۋابلارنى تاپتىم.‏ ئە‌مدى بولسا،‏ يە‌ھۋا مە‌ن ئۈچۈن ھە‌قىقىي رېئال شە‌خس بولدى.‏ ئۇ مە‌ن ئىشە‌نچ باغلاشقا بولىدىغان شە‌خستۇ‌ر».‏

رايموندا:‏ «مە‌ن خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭدىن ئۇ‌نى تونۇ‌شۇ‌مغا ياردە‌م بېرىشنى ئۆتۈندۈم.‏ بۇ‌نىڭدىن كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ ئېرىم بىلە‌ن مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدۇ‌ق.‏ نە‌تىجىدە،‏ بىز تە‌ڭرى يە‌ھۋا توغرىسىدا ھە‌قىقە‌تنى بىلىۋالدۇ‌ق!‏ ياراتقۇ‌چى خۇ‌دايىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلگىنىمىزدىن خۇ‌شال بولدۇ‌ق».‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دا توغرىسىدىكى يالغانچىلىقلار ئاشكارا قىلىنىپلا قالماي،‏ بە‌لكى ئۇ‌نىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرى ئاشكارا قىلىنىدۇ.‏ ئۇ‌شبۇ كىتاب خۇ‌دا تە‌رىپىدىن روھلاندۇ‌رۇ‌لغان ۋە ئۇ‌نىڭ ياردىمىدە ئېگىمىز بىزگە ھە‌دىيە قىلىۋاتقان بارلىق نە‌رسىنى،‏ يە‌نى ھە‌قىقە‌تنى چۈشىنىپ يېتە‌لە‌يمىز (‏1-‏كورىنتلىقلار 2:‏12‏)‏.‏ ئاللا،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى ۋە كېلە‌چىكىمىز توغرىسىدىكى كۆپ سورالغان سوئاللارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆزى قانداق جاۋاب بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ياخشى ئە‌مە‌سمۇ؟‏ سىز www.pr418.com تور بېكىتىگە كىرىپ ياكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىدىن بىرىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى باشلاشنى سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىلكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگە‌نسىڭىز،‏ خۇ‌دانى سۆيۈشنىڭ ئىلگىرى سىز ئويلىغاندىنمۇ ئاسانراق ئىكە‌نلىكىنى بايقايسىز.‏