مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

2-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانى جامائە‌تتە مە‌دھىيىلە‌ڭ

يە‌ھۋانى جامائە‌تتە مە‌دھىيىلە‌ڭ

‏«جامائە‌ت ئىچىدە ساڭا مە‌دھىيىلە‌ر ئېيتىمە‌ن».‏‏—‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22‏.‏

9-‏ناخشا ئالقىشلاڭ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋانى!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ داۋۇ‌ت يە‌ھۋا ھە‌ققىدە قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان ۋە بۇ ئۇ‌نى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

 داۋۇ‌ت پادىشاھ:‏ «يە‌ھۋا ئۇ‌لۇ‌غدۇ‌ر،‏ مە‌دھىيە‌لە‌شكە ئە‌ڭ لايىقتۇ‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏زە‌بۇ‌ر 145:‏3‏)‏.‏ ئۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌ن ۋە بۇ ئۇ‌نى «جامائە‌ت ئىچىدە» خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌شكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22؛‏ 40:‏5‏)‏.‏ شۈبھىسىزكى،‏ سىزمۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىسىز ۋە داۋۇ‌تنىڭ مۇ‌شۇ سۆزلىرى بىلە‌ن كېلىشىسىز:‏ «ئە‌ي ئاتىمىز ئىسرائىلنىڭ خۇ‌داسى يە‌ھۋا،‏ ساڭا ئە‌بە‌دىلئە‌بە‌د مە‌دھىيە‌لە‌ر بولسۇ‌ن».‏—‏1-‏تارىخ.‏ 29:‏10—‏13‏.‏

2.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋانى قانداق مە‌دھىيىلە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن نېمە قىلىش قىيىن ۋە بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز؟‏

2 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌شنىڭ بىر يولى —‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا جاۋاب بېرىش.‏ ئە‌ممائە‌مما بە‌زى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى قىيىن.‏ ئۇ‌لار مۇ‌ھاكىمىگە قاتنىشىشنى خالايدۇ،‏ لېكىن جاۋاب بېرىشتىن قورقىدۇ.‏ قورقۇ‌نۇ‌چنى قانداق يېڭىشكە بولىدۇ؟‏ ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان جاۋابلارنى بېرىشكە قانداق مە‌سلىھە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشنىڭ ئاساسىي تۆرت سە‌ۋە‌بىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

نېمە ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز؟‏

3—‏5.‏ (‏1)‏ ئىبرانىيلار 13:‏15-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ بىز يىغىلىشلاردا نېمە ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز؟‏ (‏2)‏ ھە‌ممىمىز ئوخشاش جاۋاب بېرىشىمىز كېرە‌كمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

3 يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌ش —‏ ھە‌ممىمىز ئۈچۈن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏108‏)‏.‏ يىغىلىشلاردىكى بە‌رگە‌ن جاۋابلىرىمىز سۇ‌نىدىغان ‹مە‌دھىيە قۇ‌ربانلىقىنىڭ› بىر قىسىمى ھە‌م ئۇ‌نى بىز ئۈچۈن ھېچكىم بېرە‌لمە‌يدۇ ‏(‏ئىبرانىيلار 13:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزدىن ئوخشاش قۇ‌ربانلىق ئېلىپ كېلىشنى،‏ باشقىچە ئېيتقاندا،‏ ئوخشاش جاۋاب بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلامدۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق!‏

4 يە‌ھۋا بىزنىڭ قابىلىيە‌تلىرىمىزنى ۋە ئە‌ھۋالىمىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌نىڭغا بە‌رگە‌ن قۇ‌ربانلىقىمىزنى بە‌كمۇ قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا ئىسرائىللىقلاردىن قانداق قۇ‌ربانلىقلارنى قوبۇ‌ل قىلغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.‏ بە‌زى ئىسرائىللىقلار قوينى ياكى ئۆشكىنى قۇ‌ربان قىلالىغان.‏ كە‌مبە‌غە‌للە‌ر بولسا،‏ «ئىككى پاختە‌ك» ياكى ئىككى باچكىنى قۇ‌ربانلىققا ئە‌كېلە‌تتى.‏ ئە‌گە‌ر ھە‌تتا ئىككى قۇ‌شنى ئە‌كېلىشكە چامىسى بولمىسا،‏ «بىر ئېفا ئاق ئۇ‌ننىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى» ئېلىپ كېلە‌لە‌تتى (‏لاۋى.‏ 5:‏7،‏ 11‏)‏.‏ ئۇ‌ن ئانچە قىممە‌ت بولمىسىمۇ،‏ يە‌ھۋا شۇ قۇ‌ربانلىقنىمۇ قە‌دىرلىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ ئۇ‌ن ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌ندىن بولۇ‌شى شە‌رت ئىدى.‏

5 مېھرىبان خۇ‌دايىمىز ھېچ ئۆزگە‌رمىگە‌ن.‏ بىز جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ بىزنىڭ ئاپولوستە‌ك سۆزگە چېچە‌ن ياكى پاۋلۇ‌ستە‌ك قايىل قىلارلىق سۆزلىشىمىزنى كۈتمە‌يدۇ (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏24؛‏ 26:‏28‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ قولىمىزدىن كە‌لگىچە ئە‌ڭ ياخشى جاۋابلارنى بېرىشىمىزنى خالايدۇ.‏ ئىككى ئۇ‌ششاق تىيىننى ئىئانە قىلغان تۇ‌ل ئايال ئېسىڭىزدىمۇ؟‏ ئۇ قولىدا بار ئە‌ڭ ياخشى نە‌رسىنى بە‌رگە‌نلىكتىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى قە‌دىرلىگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 21:‏1—‏4‏.‏

جاۋابلىرىمىز ئۆزىمىزگىمۇ،‏ باشقىلارغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ (‏6،‏ 7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

6.‏ (‏1)‏ ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏ئايە‌تلە‌رگە ماس،‏ باشقىلارنىڭ جاۋابلىرى بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ سىزنى ئىلھاملاندۇ‌رغان جاۋاپلار ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىڭىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يسىز؟‏

6 جاۋابلىرىمىز باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ (‏ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يىغىلىشلاردا ھە‌ر تۈرلۈك جاۋابلارنى ئاڭلىغاندا خۇ‌شال بولىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كىچىك بالىلارنىڭ ئاددىي ۋە سە‌مىمىي سۆزلىرى كۆڭلىمىزنى خۇ‌ش قىلىدۇ.‏ يېڭى ھە‌قىقە‌تنى بىلىۋالغان بىرسىنىڭ ھاياجانلىق جاۋابى يۈرە‌ك تارىمىزنى چېكىدۇ.‏ ئۇ‌يالچاق كىشى ياكى تىلىمىزنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقانلار «جۈرئە‌تلىك» بىلە‌ن جاۋاب بە‌رگە‌ندىمۇ ناھايىتى خۇ‌شال بولىمىز (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏2‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق بىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏ يىغىلىشتىن كېيىن ئۇ‌لارغا جاۋابلىرى ئۈچۈن رە‌ھمە‌ت ئېيتساق بولىدۇ.‏ ئۆزۈمىزمۇ جاۋاب بېرىش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرە‌لە‌يمىز.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ پە‌قە‌ت ئۆزۈمىز ئىلھام ئالماي،‏ باشقىلارغىمۇ ئىلھام بېرىمىز.‏—‏رىملىقلار 1:‏11،‏ 12‏.‏

7.‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە ئۆزۈمىز قانداق پايدا ئالىمىز؟‏

7 جاۋاب بە‌رگە‌ندە ئۆزۈمىزمۇ پايدا ئالىمىز (‏يە‌شايا 48:‏17‏)‏.‏ قانداقلارچە؟‏ بىرىنچىدىن،‏ جاۋاب بېرىشكە مە‌قسە‌ت قويساق،‏ يىغىلىشلارغا ياخشى تە‌ييارلىق قىلىشقا ئىنتىلىمىز.‏ ياخشى تە‌ييارلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ سۆزىنى چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىمىز.‏ ئۇ‌نى قانچىلىك چوڭقۇ‌ر چۈشە‌نسە‌ك،‏ بىلىمىمىزنى شۇ‌نچىلىك ياخشى قوللىنىالايمىز.‏ ئىككىنچىدىن،‏ مۇ‌ھاكىمىگە قاتناشساق،‏ يىغىلىش بىز ئۈچۈن قىزىق ئۆتىدۇ.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ جاۋاب بېرىشكە كۈچ چىقارغانلىقتىن،‏ ئېيتقان ئويلىرىمىز خېلى ۋاقىتقىچە ئېسىمىزدە قالىدۇ.‏

8،‏ 9.‏ (‏1)‏ مالاكى 3:‏16-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ بىز جاۋاب بە‌رگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ بە‌زىلە‌ر نېمىدىن قورقۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

8 ئېتىقادىمىز ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىمىز.‏ يە‌ھۋا بىزنى تىڭشاپ،‏ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن چىقارغان كۈچىمىزنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقى سۆزسىز ‏(‏مالاكى 3:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىشقا تىرىشقاندا،‏ ئۇ بىزگە بە‌رىكە‌تلە‌رنى تۆكىدۇ.‏ بۇ —‏ ئۇ‌نىڭ بىزدىن رازى ئىكە‌نلىكىنىڭ ئىسپاتى.‏—‏مالاك.‏ 3:‏10‏.‏

9 جاۋاب بېرىشكە مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بلە‌ر بارلىقى ئېنىق.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بە‌زىلە‌ر قول كۆتىرىشتىن قورقىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ قورقسىڭىز،‏ كۆڭلىڭىز يېرىم بولمىسۇ‌ن.‏ كېلىڭلار،‏ يىغىلىشلاردا كۆپرە‌ك جاۋاب بېرىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىنى،‏ بىرنە‌چچە مىسالنى ۋە ئۈنۈملۈك مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

قورقۇ‌نۇ‌چنى يېڭىش

10.‏ (‏1)‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە كۆپچىلىكىمىزدە قانداق قورقۇ‌نۇ‌چلار پە‌يدا بولىدۇ؟‏ (‏2)‏ نېمە ئۈچۈن قورقۇ‌نۇ‌چ ياخشى بىر بە‌لگە؟‏

10 قول كۆتىرىپ جاۋاب بە‌رمە‌كچى بولغاندا،‏ يۈرىكىڭىز ئاغزىڭىزغا تىقىلامدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ سىز يالغۇ‌ز ئە‌مە‌س.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە كۆپىنچىمىز ئە‌نسىرە‌يمىز.‏ قورقۇ‌نۇ‌چنى يېڭىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىقلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ سىز نېمىنى ئېيتىشنى ئۇ‌نتۇ‌پ قېلىشتىن ياكى ناتوغرا جاۋاب بېرىشتىن قورقامسىز؟‏ يە بولمىسا،‏ باشقىلاردە‌ك ياخشى جاۋاب بېرە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ ئويلامسىز؟‏ بىر تە‌رە‌پتىن،‏ شۇ‌نداق قورقۇ‌نۇ‌چ ياخشى بىر بە‌لگە.‏ بۇ سىزنىڭ كە‌متە‌ر ئىكە‌نلىكىڭىزنى ۋە باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا كە‌متە‌ر ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 138:‏6؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏3‏)‏.‏ ئە‌مما يە‌ھۋا سىزنىڭ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌پ،‏ يىغىلىشتا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شىڭىزنى خالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏11‏)‏.‏ ئۇ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە سىزگە كېرە‌كلىك جاسارە‌تنى بېرىدۇ.‏

11.‏ يازمىلاردىكى قايسى ئويلار بىزگە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

11 يازمىلاردىكى بە‌زى ئويلارغا دىققە‌ت قىلايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھە‌ممىمىزنىڭ سۆزدە خاتالىشىدىغانلىقى يېزىلغان (‏ياقۇ‌پ 3:‏2‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ،‏ قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىزدىن مۇ‌كە‌ممە‌للىكنى كۈتمە‌يدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 103:‏12—‏14‏)‏.‏ بىز خۇ‌ددى بىر ئائىلىدە‌ك ۋە بىر-‏بىرىمىزنى ياخشى كۆرىمىز (‏ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏35‏)‏.‏ بە‌زىدە ئېيتماقچى بولغان ئوي-‏پىكىرىمىزنى توغرا يە‌تكۈزە‌لمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىنلىكىنى ئۇ‌لار ياخشى چۈشىنىدۇ.‏

12،‏ 13.‏ نە‌ھە‌مىيا ۋە يۇ‌نۇ‌سنىڭ مىساللىرىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

12 قورقۇ‌نۇ‌چ بىلە‌ن كۈرىشىشكە ياردە‌م بېرىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى مىساللارنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ نە‌ھە‌مىيانىڭ مىسالىنى ئالايلى.‏ ئۇ قۇ‌درە‌تلىك پادىشاھنىڭ سارىيىدا خىزمە‌ت قىلغان.‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ تاملىرى ۋە دە‌رۋازىلىرى تېخىغىچە ۋە‌يرانە ھالە‌تتە تۇ‌رۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئۇ غە‌م-‏قايغۇ‌غا پاتقان (‏نە‌ھە‌م.‏ 1:‏1—‏4‏)‏.‏ پادىشاھ ئۇ‌نىڭدىن نېمە سە‌ۋە‌بتىن غە‌مكىن بولغانلىقىنى سورىغاندا،‏ نە‌ھە‌مىيانىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئۇ دە‌رھال دۇ‌ئا قىلىپ،‏ كېيىن پادىشاھقا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ نە‌تىجىدە،‏ پادىشاھ خۇ‌دا خە‌لقىگە كۆپ ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏نە‌ھە‌م.‏ 2:‏1—‏8‏)‏.‏ ئە‌مدى يۇ‌نۇ‌سنىڭ مىسالىنى ئە‌سكە ئالايلى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى نىنە‌ۋە‌ھ شە‌ھىرىگە‌ئە‌ۋە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ قورقۇ‌پ باشقا ياققا قېچىپ كە‌تكە‌ن (‏يۇ‌نۇ‌س 1:‏1—‏3‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن يۇ‌نۇ‌س ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌ندىيالىغان.‏ نە‌تىجىدە نىنە‌ۋە‌ھلىكلە‌ر ئۇ‌نىڭ خە‌ۋىرىگە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ ئامان قالغان (‏يۇ‌نۇ‌س 3:‏5—‏10‏)‏.‏ بۇ ئىككى مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ نە‌ھە‌مىيانىڭ مىسالىدىن جاۋاب بېرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن دۇ‌ئا قىلىشنىڭ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى ئۆگىنىمىز.‏ يۇ‌نۇ‌سنىڭ مىسالىدىن بولسا،‏ قاتتىق قورقساقمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز.‏ راستىنى ئېيتساق،‏ جامائە‌ت يىغىلىشىدا جاۋاب بېرىش نىنە‌ۋە‌ھ خە‌لقىگە ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى ئېيتىشتىن نە‌قە‌دە‌ر ئاسان،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏

13 يىغىلىشلاردا ئىلھاملاندۇ‌رىدىغان جاۋابلارنى بېرىشكە قانداق مە‌سلىھە‌تلە‌ر ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ھازىر شۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

14.‏ ئۇ‌چرىشىشقا ياخشى تە‌ييارلىنىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم ۋە بىز قاچان تە‌ييارلىق قىلساق بولىدۇ؟‏

14 ھە‌ربىر يىغىلىشقا تە‌ييارلىنىڭ.‏ يىغىلىشقا ئالدىن-‏ئالا ۋە ياخشى تە‌ييارلانسىڭىز،‏ جاۋاب بە‌رگە‌ندە قاتتىق ئە‌نسىرىمە‌يسىز (‏پە‌ند.‏ نە 21:‏5‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھە‌ربىرىمىزنىڭ كۈن تە‌رتىپىمىز ھە‌ر تۈرلۈك.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 80دىن ئاشقان ئېلويىزا ئىسىملىك تۇ‌ل قالغان قېرىندىشىمىز «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌ييارلىقىنى ھە‌پتىنىڭ بېشىدا باشلايدىكە‌ن.‏ ئۇ شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئالدىن-‏ئالا تە‌ييارلانسام،‏ يىغىلىشتىن كۆپرە‌ك پايدا ئالىمە‌ن».‏ تولۇ‌ق ۋاقىت ئىشلە‌يدىغان جوي قېرىندىشىمىز «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىق ماقالىسىغا يىغىلىشتىن بىر كۈن ئاۋۋال تە‌ييارلىق قىلىدىكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «شۇ چاغدا مە‌لۇ‌مات ئېسىمدا قالىدىغانلىقىنى بايقىدىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ ئىشى چاچتىن تولا پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى ۋە ئاقساقال بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىدىغان ئايك:‏ «مېنىڭ ئۈچۈن بىر ئولتۇ‌رۇ‌پلا كۆپ ۋاقىت تە‌ييارلىق قىلغاندىن كۆرە،‏ ھە‌پتە ئارلىقىدا بۆلۈپ-‏بۆلۈپ تە‌ييارلىق قىلىش قولايلىقراق»،‏—‏ دېگە‌ن.‏

15.‏ يىغىلىشلارغا قانداق ياخشى تە‌ييارلىق قىلالايسىز؟‏

15 يىغىلىشقا ياخشى تە‌ييارلىق قىلىش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ھە‌ربىر ماقالىگە تە‌ييارلىق قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراڭ (‏لۇ‌قا 11:‏13؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14‏)‏.‏ كېيىن بىرنە‌چچە مىنۇ‌ت چىقىرىپ،‏ ،‏ ماقالىنىڭ باش ماۋزۇ‌سى،‏ كىچىك ماۋزۇ‌لىرى،‏ سۈرە‌تلە‌ر ۋە رامكىلىرىنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏ ھە‌ربىر ئابزاسىنى ئوقۇ‌شقا كىرىشكە‌ندە،‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى ئوقۇ‌شقا تىرىشىڭ.‏ ئوقۇ‌غان مە‌لۇ‌مات توغرىسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ جاۋاب بە‌رمە‌كچى بولغان ئوي-‏پىكىرلە‌رگە ئالاھىدە دىققە‌ت قىلىڭ.‏ قانچىلىك ياخشى تە‌ييارلانسىڭىز،‏ شۇ‌نچىلىك كۆپ پايدا ئالىسىز ۋە جاۋاب بېرىش ئاسانراق بولىدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 9:‏6‏.‏

16.‏ سىزدە قانداق قوراللار بار ۋە ئۇ‌لارنى قانداق ئىشلىتىسىز؟‏

16 سىز بىلىدىغان تىلدىكى ئېلېكترونلۇ‌ق قوراللاردىن پايدىلىنىڭ.‏ يە‌ھۋا تە‌شكىلاتى ئارقىلىق تە‌ييارلىق قىلىشقا ياردە‌م قىلىدىغان قوراللارنى بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «‏®JW Library‏» پروگراممىسىدىن تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.‏ كېيىن خالىغان ۋاقىتتا،‏ خالىغان جايدا ماتېرىيالنى ئېچىپ،‏ تە‌تقىق قىلالايسىز.‏ ھېچ بولمىغاندا،‏ ئۇ‌نى ئوقالايسىز ياكى تىڭشالايسىز.‏ بە‌زىلە‌ر «‏®JW Library‏» پروگراممىسىنى ئىشتىكى ياكى مە‌كتە‌پتىكى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا،‏ ياكى بولمىسا يولدا كېتىۋاتقاندا ئىشلىتىدۇ.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ كۇ‌تۇ‌پخانىسى» ۋە «‏كۈزىتىش مۇ‌نارىنىڭ تور كۇ‌تۇ‌پخانىسى‏» چوڭقۇ‌رراق بىلگىمىز كە‌لگە‌ن مە‌زمۇ‌نلارنى تە‌تقىق قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

يىغىلىشلارغا قاچان تە‌ييارلىق قىلىسىز؟‏ (‏14—‏16 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

17.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن بىرنە‌چچە جاۋاب تە‌ييارلاش مۇ‌ھىم؟‏ (‏2)‏ «‏يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ.‏ جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىنىڭ‏» فىلىمىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

17 ماقالىگە بىرنە‌چچە جاۋابنى تە‌ييارلاشقا تىرىشىڭ.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى قولۇ‌ڭىزنى كۆتە‌رگە‌ندە،‏ سىزدىن سورىماي قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ سىز بىلە‌ن بىر ۋاقىتتا بىرنە‌چچە ئادە‌م قول كۆتە‌رگە‌نلىكتىن،‏ مۇ‌ھاكىمىنى ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ‌رادە‌ر سىزدىن ئە‌مە‌س،‏ باشقا بىرسىدىن سورىشى مۇ‌مكىن.‏ يىغىلىش ئۆز ۋاقتىدا ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن،‏ ئېھتىمال بۇ‌رادە‌ر جاۋاب بېرىشنى خالىغانلارنىڭ ھە‌ممىسىدىن سورىمايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ مۇ‌ھاكىمىنىڭ بېشىدا سىزدىن سورىمىسا،‏ رە‌نجىمە‌ڭ ياكى ئۈمىدسىزلىنىپ كە‌تمە‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر سىز بىرنە‌چچە جاۋابنى تە‌ييارلىسىڭىز،‏ مۇ‌ھاكىمىگە كۆپرە‌ك قاتنىشىشقا مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز بولىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ جاۋابلارنىڭ بىرىدە ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىسىز.‏ ئە‌مما ئە‌ڭ ياخشىسى ئۆز سۆزۈڭىز بىلە‌ن جاۋاب بېرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ b‏.‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن قىسقا جاۋاب بېرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

18 قىسقا جاۋاب بېرىڭ.‏ ئادە‌تتە قىسقا ۋە ئاددىي جاۋابلار ئىلھام بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا قىسقا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە مە‌قسە‌ت قويۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نى 30 سېكۇ‌نتتىن ئاشۇ‌رماسلىققا تىرىشىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 10:‏19؛‏ 15:‏23‏)‏.‏ كۆپ يىللاردىن بويان جاۋاب بە‌رگە‌ن بولسىڭىز،‏ سىزنىڭ جامائە‌تتىكى رولىڭىز ئالاھىدە.‏ سىز قىسقىچە جاۋاب بېرىشتە ياخشى ئۈلگە كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏ ئە‌گە‌ر بىرنە‌چچە مىنۇ‌ت سوزۇ‌لغان مۇ‌رە‌ككە‌پ جاۋابلارنى بە‌رسىڭىز،‏ باشقىلار سىزگە ئوخشاش ياخشى سۆزلىيە‌لمە‌يمە‌ن دە‌پ،‏ جاۋاب بېرىشتىن تارتىنىشى مۇ‌مكىن.‏ قىسقا جاۋاب بە‌رسە‌ك،‏ مۇ‌ھاكىمىگە كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌ر قاتنىشالايدۇ.‏ بولۇ‌پمۇ سىز بىرىنچى جاۋاب بە‌رسىڭىز،‏ جاۋابىڭىز ئاددىي ۋە ئېنىق بولسۇ‌ن.‏ ئابزاستىكى بارلىق ئوي-‏پىكىرلە‌رنى ئېيتىشنىڭ كېرىكى يوق.‏ ئاساسىي ئوي ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن،‏ قوشۇ‌مچە ئويلارنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ (‏«‏ قانداق جاۋاب بە‌رسە‌م بولىدۇ؟‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ)‏.‏

19.‏ مۇ‌ھاكىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ‌رادە‌ر سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن سىز نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

19 قايسى ئابزاسقا جاۋاب بە‌رمە‌كچى بولغانلىقىڭىزنى مۇ‌ھاكىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بۇ‌رادە‌رگە ئېيتىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلىشنى قارار قىلسىڭىز،‏ بۇ‌رادە‌رگە بۇ‌نى يىغىلىشنىڭ ئالدىدا دە‌پ قويۇ‌ڭ.‏ سىز جاۋاب بېرىدىغان ئابزاس ئوقۇ‌لۇ‌پ بولغاندىن كېيىن،‏ شۇ بۇ‌رادە‌ر كۆرە‌لىشى ئۈچۈن قولىڭىزنى دە‌رھال ئېگىز كۆتۈرۈڭ.‏

20.‏ يىغىلىش قايسى تە‌رە‌پتىن دوستلار بىلە‌ن داستىخاندا جە‌م بولغانغا ئوخشايدۇ؟‏

20 جامائە‌ت يىغىلىشىنى يېقىن دوستلىرىڭىز بىلە‌ن داستىخان ئالدىدا جە‌م بولۇ‌ش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ جامائە‌تتىكى دوستلىرىڭىز سىزنى مېھمانغا چاقىرىپ،‏ كىچىك بىرنە‌رسە پىشۇ‌رۇ‌پ كېلىشنى سورىسا،‏ نېمە قىلاتتىڭىز؟‏ ئازراق ئە‌نسىرىسىڭىزمۇ،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە ھە‌ممىسىى ياقتۇ‌رىدىغان ئە‌ڭ ياخشى نە‌رسىنى پىشۇ‌رىسىز.‏ بىزنى مېھمانغا چاقىرغان يە‌ھۋا ھە‌ربىر يىغىلىشتا مول داستىخان ھازىرلايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 23:‏5؛‏ مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ بىز ئاددىي بولسىمۇ،‏ قولىمىزدا بار ئە‌ڭ ياخشى سوۋغاتمىزنى ئېلىپ كە‌لسە‌ك،‏ ئۇ ناھايىتى خۇ‌شال بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يىغىلىشقا ياخشى تە‌ييارلىق قىلىپ،‏ پات-‏پات جاۋاب بېرىشكە كۈچ چىقىرىڭ.‏ شۇ چاغدىلا،‏ سىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ داستىخىنىدىن ئۇ‌زۇ‌قلىنىپ قالماي،‏ ئېلىپ كە‌لگە‌ن سوۋغىتىڭىزنى جامائە‌ت بىلە‌ن بۆلۈشە‌لە‌يسىز.‏

138-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ سېنىڭ ئىسىمىڭ

a داۋۇ‌تقا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئۇ‌نى مە‌دھىيىلىكىمىز كېلىدۇ.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا يىغىلىش خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىپادىلە‌شنىڭ ئالاھىدە پۇ‌رسىتى پە‌يدا بولىدۇ.‏ بىراق بە‌زىلە‌ر ئۈچۈن يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ سىز ئۈچۈنمۇ قىيىن بولسا،‏ مۇ‌شۇ ماقالە سىزگە قورقۇ‌نۇ‌چىڭىزنىڭ سە‌ۋە‌بىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌نى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ‏jw.org تور بېكىتىدىن «‏يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ —‏ جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىنىڭ‏» دېگە‌ن فىلىمنى كۆرۈڭ (‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى <‏ بالىلار‏)‏.‏

c سۈرە‌تتە:‏ قېرىنداشلار «كۈزىتىش مۇ‌نارى» تە‌تقىقى مۇ‌ھاكىمىسىگە خۇ‌شاللىق بىلە‌ن قاتنىشىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ مۇ‌ھاكىمىگە قاتناشقان بە‌زى قېرىنداشلار.‏ ھە‌ربىرىنىڭ ۋە‌زىيىتى ھە‌ر تۈرلۈك بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ۋاقىت چىقىرىپ،‏ يىغىلىشقا تە‌ييارلىنىۋاتىدۇ.‏