6-تەتقىق ماقالىسى
ساداقەتمەنلىكىڭىزنى ساقلاڭ!
«تاكى ئۆلگىچە، مەن توغرىلىقىمدىن ۋەز كەچمەيمەن!»—ئايۇب 27:5.
29-ناخشا ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ يۈرۈش
بۇ ماقالىدە a
1. ئۈچ يەھۋا گۇۋاھچىسى ساداقەتمەنلىكىنى قانداق ساقلاپ قالغان؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى دۇچ كەلگەن تۆۋەندىكى ئۈچ ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ. (1) مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشنىڭ مۇئەللىمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىرەر بايرامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. قېرىندىشىمىز بۇ بايرامنىڭ خۇداغا ياقمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكتىن، قاتناشمايدىغانلىقىنى ھۆرمەت بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. (2) ئۇيالچاق ياش بۇرادەر ئۆيمۇ ئۆي ۋەز قىلىپ، سىنىپدىشىنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا كەلدى. سىنىپدىشى ئىلگىرى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى زاڭلىق قىلغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ياش بۇرادىرىمىز ئۇنىڭ ئىشىكىنى تاقىلداتتى. (3) ئائىلە بېشى ئۆيىدىكىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن تەر تۆكۈپ ئىشلەيدۇ. بىر كۈنى خۇجايىنى ئۇنىڭدىن قانۇنسىز بىر ئىش قىلىشنى سورىغان. ئۇ ھەتتا ئىشىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئۇ خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولغانلىقتىن، يالغانچىلىق قىلمايدىغانلىقى ۋە قانۇنغا بويسۇنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.—رىملىقلار 13:1—4؛ ئىبرانىي. 13:18.
2. قانداق سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز ۋە نېمە سەۋەبتىن؟
2 بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قانداق ئوخشاشلىقى بار؟ بەلكىم، ئۇلارنىڭ جاسارىتى ۋە راستچىللىقى دىققىتىڭىزنى تارتقاندۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە پەزىلىتى — ساداقەتمەنلىك. ئۇلار ئۈچى يەھۋاغا سادىق بولۇپ قالغان. ئۇلار يەھۋانىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇشنى رەت قىلغان. بۇ ئۈچ قېرىنداشنى توغرا ئىش قىلىشقا ساداقەتمەنلىك دەۋەت قىلغان. يەھۋا ھەر ئۈچىلىسىدىن پەخىرلەنگەنلىكى سۆزسىز. بىزمۇ ئاسماندىكى ئاتىمىز بىزدىن پەخىرلىنىشىنى خالايمىز. ئۇنداقتا مۇشۇ سوئاللارنى كۆرۈپ چىقايلى: ساداقەتمەنلىك دېگىنىمىز نېمە؟ ئۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن كېرەك؟ بۇ قىيىن زاماندا ساداقەتمەنلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ساداقەتمەنلىك دېگەن نېمە؟
3. (1) ساداقەتمەنلىكنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (2) قايسى مىساللار ساداقەتمەنلىكنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ؟
3 ساداقەتمەنلىكنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ يەھۋانى چىڭ قەلبىمىزدىن ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي بېغىشلاش ۋە ھەرقاچان ئۇنىڭغا ياقىدىغان ئىش قىلىش ئارقىلىق كۆرسىتەلەيمىز. ساداقەتمەنلىك دېگەن سۆز مۇقەددەس كىتابتا قانداق ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرەيلى. بۇ سۆز پۈتۈن، تولۇق، ۋە نۇقسانسىز دېگەن مەنىگە ئىگە. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنى بويىچە ئىسرائىللىقلار يەھۋاغا نۇقسانسىز مالنى قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى b (لاۋى. 22:21، 22). ئۇلارنىڭ بىر پۇتى، كۆزى ياكى قۇلىقى يوق، ياكى بولمىسا ئاغرىق مالنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىشى مەنئىي قىلىنغان. يەھۋا ئۈچۈن مالنىڭ ھېچقانداق نۇقسانسىز ۋە ساغلام بولۇشى مۇھىم بولغان (مالاك. 1:6—9). بۇنىڭ سەۋەبى بىزگە چۈشىنىشلىك. مەسىلەن، بىز مېۋە-چېۋە، كىتاب ياكى قانداقتۇ بىرەر قورال-سايمان سېتىۋالساق، ئۇنىڭ ھېچ يېرىدە نۇقسانى يوق ۋە تولۇق ياخشى بولۇشىنى خالايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەھۋامۇ ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن ساداقەتمەنلىكىمىزنىڭ ھېچ نۇقسانسىز ۋە پۈتۈن بولۇشىنى خالايدۇ.
4. (1) نېمە ئۈچۈن نامۇكەممەل ئىنسان ساداقەتمەن بولالايدۇ؟ (2) زەبۇر 103:12—14-ئايەتتە، يەھۋا بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلمايدۇ؟
4 ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن مۇكەممەل بولۇش شەرتمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق، چۈنكى ھەممىمىز نامۇكەممەل ئىنسان بولغانلىقتىن، كۆپ خاتالىشىمىز. مۇكەممەل بولۇش شەرت ئەمەسلىكىنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. بىرىنچى — يەھۋا پەقەت كەمچىلىكلىرىمىزگە نەزەر سالمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئەگەر سەن خاتالىقلىرىمىزنى يېزىپ قويساڭ ئىدىڭ، ئەي ياھ! ئەي يەھۋا، كىم تۇرالايدۇ سېنىڭ ئالدىڭدا؟» (زەبۇر 130:3). يەھۋا بىزنىڭ گۇناھكار ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى چۈشىنىدۇ ۋە بىزنى چىن قەلبىدىن كەچۈرىدۇ (زەبۇر 86:5). ئىككىنچى — يەھۋا بىزنىڭ ئىمكانىيىتمىزنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە قولىمىزدىن كەلمەيدىغاننى تەلەپ قىلمايدۇ (زەبۇر 103:12—14-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، بىز خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا كامىل، ئەيىبسىز ياكى نۇقسانسىز بولالايمىزمۇ؟
5. يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشى نېمە ئۈچۈن سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك؟
5 يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنى ياخشى كۆرسىلا، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاپ قالالايدۇ. خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز ۋە ساداقەتمەنلىكىمىز تولۇق، پۈتۈن ياكى نۇقسانسىز بولۇشى كېرەك. مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىز سىناققا دۇچ كەلگەندىمۇ نۇقسانسىز بولسا، ساداقەتمەن بولۇپ قالالايمىز (1-تارىخ. 28:9؛ مەتتا 22:37). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ قېرىنداشنى ئېسىمىزگە ئالايلى. ئۇلار نېمە ئۈچۈن توغرا يول تۇتقان؟ مەكتەپتىكى ياش قېرىندىشىمىز ئويۇن-تاماشىنى ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ ياش بۇرادىرىمىز سىنىپدىشىنىڭ ئۇنى زاڭلىق قىلىشىنى خالامدۇ؟ ئائىلە بېشىنىڭ ئىشىدىن ئايرىلغۇسى كېلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. لېكىن، ئۇلار يەھۋانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرى بار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە ئاسماندىكى ئاتىسىنى خۇشال قىلىشنى خالايدۇ. ئۇلار خۇدانى سۆيگەچ، قارار قىلغاندا، يەھۋانىڭ كۆز قارىشىنى نەزەردە تۇتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ساداقەتمەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
نېمە ئۈچۈن بىزگە ساداقەتمەنلىك كېرەك؟
6. (1) ساداقەتمەنلىك ھەربىرىمىزگە نېمە ئۈچۈن كېرەك؟ (2) ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا نېمە سەۋەبتىن ساداقەتمەن بولۇپ قالالمىغان؟
6 نېمە ئۈچۈن ھەربىرىمىزدە ساداقەتمەنلىك پەزىلىتى بولۇشى شۇنچە مۇھىم؟ سەۋەبى، شەيتان يەھۋا خۇدانى ۋە ھەربىرىمىزنى ئەيىبلىگەن. بۇ پەرىشتە ئېرەم بېغىدا ئىسىيان كۆتۈرۈپ، «قارشىلىق كۆرسەتكۈچى» ياكى شەيتانغا ئايلانغان. ئۇ يەھۋانى ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، يالغانچى ۋە يامان ھۆكۈمران دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىسىمىغا داغ كەلتۈرگەن. ئېچىنارلىقى، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا شەيتان تەرەپتە تۇرۇپ، يەھۋاغا قارشى چىققانىدى (يارىت. 3:1—6). ئېرەم بېغىدا ئۇلارنىڭ يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ كۆپ پۇرسەتلىرى بولغان. بىراق، شەيتان ئىسىيان كۆتەرگەندە، ئۇلارنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى تولۇق، پۈتۈن ياكى نۇقسانسىز بولمىغان. شۇ چاغدا يەنە بىر سوئال ئوتتۇرىغا چىققان: يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا ساداقەتمەن بولۇپ قالىدىغان ئادەم زادى بارمۇ-يوق؟ باشقىچە ئېيتقاندا، ئادەملەر ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالالامدۇ؟ ئايۇپنىڭ زامانىدا دەل شۇنداق سوئال ئايۇپ پەيدا بولغان.
7. ئايۇب 1:8—11-ئايەتتە يېزىلغاندەك، يەھۋا ئايۇپنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە قانداق قارىغان؟ شەيتانچۇ؟
7 ئايۇپ ئىسرائىللىقلار مىسىردا بولغان ۋاقىتتا ياشىغان. ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكى ئۆزگىچە بولغان. ئەلۋەتتە، ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، خاتالىقلارنى ئۆتكۈزگەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەھۋا ئايۇپنى ساداقەتمەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن. بەلكىم، شەيتان بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يەھۋانى ئەيىبلەپ، ھېچبىر ئىنسان ئۇنىڭغا سادىق بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇڭا، يەھۋا شەيتاننىڭ دىققىتىنى ئايۇپقا قاراتقان. ئايۇپنىڭ ھاياتى شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. شەيتان ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى سىناشنى تەلەپ قىلغان. يەھۋا ئۆزىنىڭ دوستى ئايۇپقا ئىشەنگەنلىكتىن، بۇنىڭغا يول قويغان.—ئايۇب 1:8—11-نى ئوقۇڭ.
8. شەيتان ئايۇپنى قانداق سىنىغان؟
8 شەيتان — ئىنتايىن رەھىمسىز قاتىل. ئۇ ئايۇپنى مال-مۈلكىدىن مەھرۇم قىلغان، خىزمەتچىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە نام-ئابرويىغا داغ كەلتۈرگەن. شەيتان ئايۇپنىڭ ئائىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، سۆيۈملۈك ئون بالىسىنى ھاياتىدىن ئايرىغان. ئاندىن كېيىن، ئۇ ئايۇپنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن: ئايۇپنى بېشىدىن تاپىنىغىچە يارا-چاقا قاپلاپ، جېنىنى ئازابلىغان. ئايۇپنىڭ ئايالى دەرت-ئەلەمگە چىدىماستىن گاڭگىراپ قېلىپ، ئۇنى ۋاز كېچىشكە، خۇدانى قارغاپ، ئۆلۈشكە دەۋەت قىلغان. ئايۇپ ئۆزىمۇ ئۆلۈمىنى تىلىگەن، لېكىن، ئۇ ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالغان. شۇ چاغدا شەيتان باشقا بىر ئامال تاپقان: ئۇ ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستىنى قوللانغان. ئۇلار ئايۇپنى يوقلاشقا كەلسىمۇ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى رەھىم-شەپقەتسىزلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇدا كەلتۈرگەن دەپ، ئايۇپنىڭ ساداقەتمەنلىكى خۇدانى ھېچ قىزىقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ھەتتا ئايۇپ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئازاب چېكىۋاتىدۇ دەپ ئېيتماقچى بولغان.—ئايۇب 1:13—22؛ 2:7—11؛ 15:4، 5؛ 22:3—6؛ 25:4—6.
9. ئايۇپ ئازاب چەكسىمۇ، نېمە قىلمىغان؟
9 شۇنداق ئازابلارغا ئايۇپ قانداق چىدىغان؟ ئۇ مۇكەممەل بولمىغان. ئۇ ئۈچ ساختا ئۈچ دوستىغا تەنبىھ قىلغان ۋە ئاچچىقلانغان، كېيىن پۇشايمان قىلغان سۆزلەرنى ئېيتقان. ئۇ خۇداغا قارىغاندا ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ئاقلىغان (ئايۇب 6:3؛ 13:4، 5؛ 32:2؛ 34:5). بىراق، ئەھۋال شۇنچە چىدىغۇسىز بولۇپ كەتكەندىمۇ، ئايۇپ يەھۋادىن ۋەز كەچمىگەن ئىدى. ئۇ ساختا دوستلىرىنىڭ يالغان ئەيىبلەشلىرىگە ئىشەنمەي: «سىلەرنى ئادىل كىشىلەر دەپ ساناشنى ھەرگىز ئەقلىمگە سىغدۇرالمايمەن! تاكى ئۆلگىچە، مەن توغرىلىقىمدىن ۋاز كەچمەيمەن!»،— دېگەن (ئايۇب 27:5). بۇ سۆزلەر چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. ئايۇپ شۇنچە كۆپ سىناقلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ساداقەتمەن بولۇپ قالغان، دېمەك بۇ بىزنىڭمۇ قولىمىزدىن كېلىدۇ.
10. شەيتاننىڭ ئايۇپنىڭ زامانىدا ئوتتۇرغا چىقارغان گۇمانىي سوئالنىڭ سىز بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
10 ئايۇپنىڭ ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان سوئال بىز بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شەيتان سىزگە قارشى ئوخشاش گۇمانىي سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدۇ. ئۇ سىزنى چىن يۈرەكتىن يەھۋانى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىدۇ دەپ جار سالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەيتان سىزنى ھەرگىزمۇ يەھۋاغا ساداقەتمەن بولالمايدۇ دەپ نىيىتىڭىزگە گۇمان كەلتۈرىدۇ (ئايۇب 2:4، 5؛ ۋەھىي. 12:10). بۇنداق ئەيىبلەش ھەقىقەتەن كۆڭلىڭىزگە قاتتىق كېلىدۇ. بىراق، بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ كۆرۈڭ: يەھۋا سىزگە ئاجايىپ ئىمكانىيەت بېرىۋاتىدۇ. يەھۋا سىزگە ئىشەنگەچ، شەيتاننىڭ سىزنى سىنىشىغا يول بېرىپ، ساداقەتمەن ئىكەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلىيالايسىز. سىز شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشالايدىغانلىقىڭىز سۆزسىز. يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ (ئىبرانىي. 13:6). ئالەمنىڭ ئېگىسى بىزگە ئىشەنچ قىلىدۇ. بۇ نېمە دېگەن چوڭ شان-شەرەپ! ساداقەتمەنلىكنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمسىز؟ ساداقەتمەنلىكنى ساقلىساق، شەيتاننىڭ ئەيىبلىشىنى يوققا چىقىرىپ، ئاتىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىسىمىنى ئولۇغلاپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيمىز. قانداق قىلىپ ساداقەتمەنلىكنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟
بۈگۈنكى كۈندە خۇداغا قانداق ساداقەتمەن بولۇپ قالالايمىز؟
11. بىز ئايۇپنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
11 «ئاخىرقى كۈنلەردە» شەيتان خۇدانىڭ خەلقىگە تېخىمۇ ۋەھشى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ (2-تىموت. 3:1). بۇ مۈشكۈل زاماندا ساداقەتمەن بولۇپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟ بىز ئايۇپنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئايۇپ سىناقلارغا دۇچ كېلىشتىن بۇرۇنمۇ ساداقەتمەن بولغان. ھازىر ئۇنىڭ ئۈلگىسىدىن ساداقەتمەنلىكنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ ساۋاقنى كۆرۈپ چىقايلى.
12. (1) ئايۇب 26:7، 8، 14-ئايەتلەردە، ئايۇپ خۇدادىن ئەيمىنىشنى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلەشنى قانداق ئۆگەنگەن؟ (2) بىز يۈرىكىمىزنى قانداق قىلىپ ئەيمىنىش سېزىمىگە تولدۇرالايمىز؟
12 ئايۇپ يەھۋادىن ئەيمىنگەن، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ياخشى كۆرگەن. ئايۇپ يەھۋا ياراتقان گۈزەل مەۋجۇداتلارغا قاراپ، چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقارغان (ئايۇب 26:7، 8، 14-نى ئوقۇڭ). ئۇ يەر، ئاسمان، بۇلۇتلار ۋە چاقماق توغرىسىدا ئويلىنىپ، خۇدادىن ئەيمىنگەن. ئايۇپ مەۋجۇداتلار توغرۇلۇق بىلىمىنىڭ بەكمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. ئۇ خۇدانىڭ سۆزلىرى توغرۇلۇق: «ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى قەدىرلىدىم»،— دېگەن (ئايۇب 23:12). ئايۇپ يەھۋانىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىدىن زوقلانغان ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن. ئۇ ئاتىسىنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىشنى خالىغان. شۇ سەۋەبتىن، ئايۇپ ساداقەتمەن بولۇپ قېلىشقا بەل باغلىغان. بىز ئايۇپتىن ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك. ئايۇپنىڭ زامانداشلىرىغا قارىغاندا، بىز ئاجايىپ ياراتمىلار توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا بىزدە يەھۋانىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشكە ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس كىتاب بار. بىلگەنلىرىمىز يۈرىكىمىزنى ئەيمىنىش سېزىمىگە تولدۇرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟! يەھۋادىن قورقۇش، ئۇنى ھۆرمەتلەش بىزنى ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.—ئايۇپ 28:28.
13، 14. (1) ئايۇب 31:1-ئايەتتە، ئايۇپ ئىتائەتچانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (2) بىز ئايۇپتىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
13 ئايۇپ ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئىتائەتچان بولۇپ، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان. ئايۇپ ساداقەتمەن بولۇش ئۈچۈن ئىتائەتچانلىق كېرەكلىكىنى چۈشەنگەن. ئەمەلىيەتتە، بىز ھەر قېتىم خۇداغا بويسۇنغاندا، ئۇنىڭغا سادىق بولۇش ئارزۇيىمىز تېخىمۇ بەكرەك كۈچىيىدۇ. ئايۇپ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خۇداغا بويسۇنۇشقا تىرىشقان. مەسىلەن، ئۇ ئاياللارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا بەك ئېھتىياتچان بولغان (ئايۇب 31:1-نى ئوقۇڭ). ئۆيلەنگەن ئەر كىشى بولغانلىقتىن، ئۇ ئۆز جۈپتىدىن باشقا ھېچبىر ئايالغا كۆز تاشلىمىغان، چۈنكى بۇنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. بىز ياشىغان دۇنيا بىزنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرىدۇ. ئايۇپتىن ئۈلگە ئېلىپ، بىزمۇ ئۆمۈرلۈك جۈپتىمىز بولمىغان كىشىگە رومانتىكىلىق ھېس-تۇيغۇدا بولۇشتىن نېرى بولىمىزمۇ؟ ئۇياتسىز ياكى شەھۋانىيلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان ھارقانداق سۈرەتلەرنى كۆرۈشتىن ئوتتىن قاچقاندەك قاچىمىزمۇ؟ (مەتتا 5:28). ھەر كۈنى ئۆزىمىزنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تىرىشساق، ساداقەتمەنلىكىمىزنى قەتئىي ساقلاپ قالالايمىز.
14 ئايۇپ مال-مۈلۈككە بولغان كۆز قاراشتا ھەم خۇداغا ئىتائەتچان بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز بايلىقىغا تايانسا، ئېغىر گۇناھ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن (ئايۇب 31:24، 25، 28). بۈگۈنكى كۈندە ئادەملەر بايلىقنى ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر بىز مۇقەددەس كىتابتا ئېيتىلغاندەك، مال-دۇنيا ۋە پۇلغا تەڭپۇڭ كۆز قاراشتا بولساق، ساداقەتمەنلىكنى ساقلاش قارارىمىز كۈچىيىدۇ.—پەند. نە 30:8، 9؛ مەتتا 6:19—21.
15. (1) ئايۇپقا ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاشقا يەنە نېمە ياردەم بەرگەن؟ (2) بىز نېمىگە ئۈمىد باغلىشىمىز كېرەك ۋە بۇ ئۈمىد بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
15 ئايۇپ خۇدانىڭ ئۇنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئۈمىد باغلاپ، ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان. ئايۇپ ئۆزىنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە خۇدانىڭ نەزەر سالىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن (ئايۇب 31:6). ئۇ شۇ قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەھۋا ئۇنىڭغا ئاخىرىدا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىغان. ئايۇپنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى كۆرۈپ، يەھۋا خۇرسەن بولغان ۋە ئايۇپ نامۇكەممەل ئادەم بولسىمۇ، ئۇنى مول بەرىكەتلىگەن (ئايۇب 42:12—17؛ ياقۇپ 5:11). كېلەچەكتە، ئۇنى تېخىمۇ زور بەرىكەتلەر كۈتمەكتە. يەھۋا سىزنىڭمۇ ساداقەتمەنلىكىڭىزنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىلمۇ؟ خۇدايىمىز يەھۋا ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدىغان خۇدا (مالاك. 3:6). ئەگەر يەھۋانىڭ ساداقەتمەنلىكنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇمىساق، گۈزەل كېلەچەككە بولغان ئۈمىد ئوتىمىز ئۆچمەيدۇ.—1-سالونىكا. 5:8، 9.
16. سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
16 ساداقەتمەنلىك يولىدا مېڭىپ، بۇ يولدىن چىقماڭ. بەزىدە بۇ يولدا ئۆزىڭىزنى يالغۇز ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، سىز ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، چۈنكى، يەر يۈزىدىكى مىليونلىغان ساداقەتمەن سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سىز ساداقەتمەنلىكىنى ساقلىغان يەھۋانىڭ قەدىمقى خىزمەتچىلىرىنىڭ قاتارىغا قوشۇلالايسىز. ئۇلار ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ساداقەتمەن بولۇپ قالغان (ئىبرانىي. 11:36–38؛ 12:1). ئۇنداقتا، ئايۇپنىڭ «تاكى ئۆلگىچە، مەن توغرىلىقىمدىن ۋاز كەچمەيمەن!» دېگەن سۆزىگە قوشۇلۇپ، بىزمۇ تۇتقان يولىمىزدىن ۋاز كەچمەيلى. ساداقەتمەنلىكىمىز يەھۋاغا مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن!
18-ناخشا خۇدانىڭ چىن مۇھەببىتى
a ساداقەتمەنلىك دېگەن نېمە؟ يەھۋا نېمە ئۈچۈن خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ خىسلىتىنى قەدىرلەيدۇ؟ ساداقەتمەنلىك نېمە سەۋەبتىن ھەممىمىز ئۈچۈن مۇھىم؟ مۇقەددەس كىتاب بۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ساداقەتمەنلىكىمىزنى كۈندىن-كۈنگە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالىمىز. شۇنداق قىلغاندا مول بەرىكەتلەرگە ئېرىشىمىز.
b ماللارغا قارىتا قوللىنىلغان «نۇقسانسىز» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىبرانىچە سۆز بىلەن ئادەملەرگە قارىتا قوللىنىلغان «كەمچىلىكى يوق» دېگەن سۆزىنىڭ باغلىنىشى بار.
c سۈرەتلەردە: ياش ئايۇپ بالىلىرىغا يەھۋانىڭ ئاجايىپ مەۋجۇداتلىرى توغرۇلۇق ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ.
d سۈرەتلەردە: بۇرادەرىمىز شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈۋاتقان خىزمەتداشلىرىغا قوشۇلۇشنى رەت قىلىۋاتىدۇ.
e سۈرەتلەردە: ئۆزىگە كېرەك ئەمەس ۋە پۇلى يەتمەيدىغان يوغان تېلېۋىزورنى سېتىۋېلىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ.
f سۈرەتلەردە: ۋاقىت چىقىرىپ، جەننەتتە ياشاش ئۈمىدى توغرىسىدا دۇئا قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىۋاتىدۇ.