7-تەتقىق ماقالىسى
كەمتەرلىكنى ئىزدەپ، يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىڭ
«ئەي، پۈتۈن يەر يۈزىدىكى بارچە كەمتەرلەر، … كەمتەرلىكنى ئىزدەڭلار».—سەفانىيا. 2:3.
1-ناخشا يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) مۇقەددەس كىتابتا مۇسا قانداق تەسۋىرلەنگەن ۋە ئۇ قانداق ئىشلارنى قىلغان؟ (2) كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ قانداق مۇھىم سەۋەبى بار؟
مۇقەددەس كىتابتا، مۇسا پەيغەمبەر «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئەڭ مۇلايىم [كەمتەر] كىشى» سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن (سانلار 12:3). ئۇنداقتا، ئۇ ئاجىز، ئەزمىلىك قىلدىغان، قورقۇنچاق كىشى بولغانمۇ؟ بەزىلەر كەمتەر ئادەملەرنى شۇنداق ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنداق ئويلاش — ناتوغرا. مۇسا خۇدانىڭ كۈچلۈك، جۈرئەتلىك، باتۇر خىزمەتچىسى بولغان. يەھۋانىڭ قوللىشى بىلەن ئۇ مىسىرنىڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ئۈچ مىليونغا يېقىن ئىسرائىل خەلقىنى چۆل-باياۋاننى كېسىپ ئۆتكەن ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى يېڭىشىگە ياردەم بەرگەن.
2 ئەلۋەتتە، بىز مۇسا باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيمىز. بىراق، بىز ھەر كۈنى كەمتەرلىكنى ساقلاش قىيىن ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىپ، كەمتەرلىكىمىزنى سىنىشى مۇمكىن. شۇنداق بولسىمۇ، بىزدە بۇ پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم بىر سەۋەبى بار. يەھۋا خۇدا: «يەر يۈزىگە ۋارىسلىق قىلار كەمتەر كىشىلەر»،— دەپ ۋەدە قىلغان (زەبۇر 37:11). سىز ئۆزىڭىزنى كەمتەر ئادەم دەپ ئېيتالامسىز؟ باشقىلارمۇ شۇنداق ھېسابلامدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال، كەمتەرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايلى.
كەمتەرلىك دېگەن نېمە؟
3، 4. (1) كەمتەرلىكنى نېمە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟ (2) كەمتەر بولۇش ئۈچۈن بىزگە قايسى تۆت پەزىلەت كېرەك ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
3 كەمتەرلىكنى b رەسسامنىڭ قولىدىن چىققان گۈزەل سەنئەت ئەسىرىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. رەسسامنىڭ ئەسىرى گۈزەل چىقىشى ئۈچۈن، ئۇ ھەرخىل چىرايلىق رەڭلەرنى بىرىكتۈرگەندەك، كەمتەر بولۇش ئۈچۈنمۇ كۆپلىگەن ئېسىل پەزىلەتلەرنى تەڭ يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ پەزىلەتلەرنىڭ بەزىلىرى — كىچىك پېئىللىق، ئىتائەتچانلىق، مۇلايىملىق ۋە جەسۇرلۇق. ئۇشبۇ پەزىلەتلەرگە ئىگە بولساق، يەھۋانى خۇشال قىلىمىز
4 پەقەت كەمتەر ئادەملەر خۇدانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىزنىڭ مۇلايىم بولىشىمىزنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مەتتا 5:5؛ گالاتىيا. 5:23). بىز خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغاندا، شەيتاننىڭ ئوغىسىنى قايناپ قاتتىق دەرغەزەپكە تولىدۇ. شۇڭا، گەرچە بىز كەمتەر ۋە مۇلايىم بولساقمۇ، شەيتاننىڭ دۇنياسىدىكى كۆپ ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرۈشىشىدۇ (يۇھاننا 15:18، 19). شەيتانغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىزگە جاسارەت كېرەك.
5، 6. (1) شەيتان كەمتەرلەرنى نېمە ئۈچۈن ئۆچ كۆرىدۇ؟ (2) بىز قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى تاپىمىز؟
5 تەكەببۇرلۇق — كەمتەرلىككە قارىمۇ-قارشى ئىللەت. تەكەببۇر كىشى ئاچچىقىنى باسالمايدۇ ۋە يەھۋاغا بويسۇنمايدۇ. شەيتانمۇ دەل شۇنداق. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ كەمتەر كىشىلەرنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، كەمتەر كىشىلەر شەيتاننىڭ يامان ئىللەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇلار شەيتاننىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. قانداقلارچە؟ شەيتان مەيلى نېمە قىلىشىدىن ياكى ئېيتىشىدىن قەتئىينەزەر، كەمتەرلەر يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمايدۇ.—ئايۇپ 2:3—5.
6 بىزگە قايسى ۋەزىيەتتە كەمتەر بولۇش قىيىن؟ نېمە سەۋەبتىن داۋاملىق كەمتەرلىكنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەر ۋە بابىل قۇللۇقىدا بولغان ئۈچ ئىبرانىي يىگىتنىڭ ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
قايسى ۋەزىيەتتە كەمتەر بولۇش قىيىن؟
7، 8. باشقىلار مۇساغا ھۆرمەت كۆرسەتمىگەندە، ئۇ نېمە قىلغان؟
7 ھوقۇققا ئىگە بولغاندا. ھوقۇققا ئىگە بولغان ئادەملەرگە كەمتەر بولۇپ قېلىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكىلەر ھۆرمەت كۆرسەتمىسە ياكى قارارلىرىغا شەك كەلتۈرسە، كەمتەر بولۇش ئاسان ئەمەس. سىزنى باشقىلار، مەسىلەن ئائىلە ئەزالىرىڭىز، تەنقىد قىلغان ۋاقىت بولغانمۇ؟ سىز شۇ چاغدا نېمە قىلدىڭىز؟ مۇنداق ۋەزىيەتتە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلەيلى.
8 يەھۋا خۇدا مۇسانى ئىسرائىل خەلقىنىڭ يولباشچىسى بولۇشقا تاللىغان ۋە ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى يازغدۇرغان. يەھۋانىڭ مۇسانى قوللىغانلىقىغا ھېچ گۇمان يوق. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىر تۇغقان ھەدىسى مەريەم بىلەن ئاكىسى ھارۇن مۇسانىڭ يات خەلقتىن بولغان ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا قارشى چىققان. مۇسانىڭ ئورنىدا باشقىلار بولسا، ئېھتىمال ئاچچىقلىنىپ، ئۆچ ئالاتتى. لېكىن، ئۇ شۇنداق قىلمىغان. ئۇ دەرھاللا ئاچچىقلانماي، ھەتتا يەھۋاغا يالۋۇرۇپ، مەريەمنى داۋاملىق جازالاشنى توختىتىشنى سورىغان (سانلار 12:1—13). نېمە ئۈچۈن مۇسا كەمتەرلىكنى ساقلاپ قالالىغان؟
9، 10. (1) يەھۋا مۇساغا قانداق مۇھىم ساۋاقنى ئۆگەتمەكچى بولغان؟ (2) ئائىلە باشلىرى ۋە ئاقساقاللار مۇسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
9 مۇسا يەھۋانىڭ ئۇنى تەربىيىلىشىگە يول قويغان. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 40 يىل ئىلگىرى، مۇسا فىرئەۋننىڭ ئائىلە ئەزاسى بولغان چاغدا، كەمتەر بولمىغانىدى. بىر كۈنى ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ، ھەتتا بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ھېلىقى كىشى ئادالەتسىز ئىش قىلغانلىقتىن، مۇسانىڭ كۆز قارىشىچە، يەھۋا بۇ ھەرىكىتىنى قوللىغان. يەھۋا 40 جەريانىدا مۇساغا مۇھىم بىر ساۋاقنى ئۆگەتمەكچى بولغان: ئىسرائىل خەلقىنى يېتەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا جەسۇرلۇقتىن باشقا، كەمتەرلىك كېرەك ئىدى. كەمتەر بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا كىچىك پېئىل، ئىتائەتچان ۋە مۇلايىم بولۇش لازىم ئىدى. مۇسا ئۆزىگە ياخشى ساۋاق ئېلىپ، ئاجايىپ ياخشى يولباشچى بولغان.—چىق. 2:11، 12؛ ئەلچى. 7:21—30، 36.
10 ئائىلە باشلىرى بىلەن ئاقساقاللار مۇسا پەيغەمبەردىن ئۈلگە ئالالايدۇ. بىرسى سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلسا، خاپا بولۇشقا ئالدىرىماڭ. كەمتەرلىك كۆرسىتىپ، خاتالىقلىرىڭىزنى بوينىڭىزغا ئېلىشقا تەييار بولۇڭ (ۋەز 7:9، 20). قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغاندا، يەھۋا بەرگەن پرىنسىپلارنى قوللىنىڭ. ھەرقاچان مۇلايىم جاۋاب بېرىڭ (پەند. نە 15:1). شۇنداق قىلىدىغان ئائىلە باشلىرى بىلەن ئاقساقاللار يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىدۇ، تىنچلىق ساقلاشقا ئۆز ھەسسىسىنى قوشىدۇ ۋە باشقىلارغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىدۇ.
11—13. ئۈچ ئىبرانىي يىگىت بىزگە قانداق ئۈلگە كۆرسەتكەن؟
11 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا. يەھۋانىڭ خەلقى قەدىمدىن تاكى ھازىرغىچە ھۆكۈمرانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار بىزنى ھەرخىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەيدۇ. بىراق، ئۇلارنى غەزەپلەندۈرىدىغان نەرسە — بىزنىڭ «ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا بويسۇنۇشىمىز» (ئەلچى. 5:29). ئۇلار بىزنى زاڭلىق قىلىشى، تۈرمىگە تاشلىشى ياكى ھەتتا ئۇرۇپ-سوقۇشى مۇمكىن. لېكىن، يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بىز يامانلىققا يامانلىق بىلەن قايتۇرماي، ئەكسىچە، كەمتەرلىك كۆرسىتىپ، بۇ سىناقلارغا سەۋر-تاقەت بىلەن چىدايمىز.
12 بابىل قۇللىقىدا بولغان ئۈچ ئىبرانىي يىگىت — ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيانىڭ ئۈلگىسىگە دىققەت ئاغدۇرايلى c. بابىل پادىشاھى ئۇلارغا ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىشنى بۇيرىغان. ئۇلار بۇتقا نېمە ئۈچۈن ئىبادەت قىلمايدىغانلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ بەرگەن. پادىشاھ ئۇلارنى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا تاشلايمەن دەپ قورقاتسىمۇ، بۇ ئۈچ يىگىت ئاخىرغىچە يەھۋاغا ئىتائەتچان بولۇپ قالغان. يەھۋا ئۇلارنى دەرھال ئامان ساقلاپ قالغان. ئەمما، ئۇلار خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ دەپ كۈتمىگەن. ئەكسىچە، يەھۋا قانداق ئاقىۋەتنىڭ بولىشىغا يول قويسا، شۇنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولغان (دانىيال 3:1، 8—28). ئۇلار كەمتەر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن جاسارەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ھۆكۈمەتلەر بىزنى يەھۋادىن باش تارتىشقا مەجبۇرلىسىمۇ ياكى جازالايمىز دەپ قورقاتسىمۇ، بىز «مۇتلەق ساداقەتنى» تەلەپ قىلىدىغان خۇدايىمىز يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختاتمايمىز.—چىق. 20:4، 5.
13 يەھۋاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىز سىنالغاندا، ھانانىيا، مىشائېل ۋە ئازارىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ مەسىلەن، بىز يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىغا كەمتەرلىك بىلەن ئىشەنچ قىلىمىز (زەبۇر 118:6، 7). بىزنى ئەيىبلەيدىغانلارغا مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن جاۋاب بېرىمىز (1-پېتر. 3:15). شۇنداقلا، كۆيۈمچان ئاتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان كەلتۈرىدىغان ھەرقانداق ئىشلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلىمىز.
14، 15. (1) بېسىم بىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن (2) يەشايا 53:7، 10غا ماس، ئەيسانى نېمە ئۈچۈن بېسىم ئاستىدا كەمتەرلىكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن، دەپ ئېيتالايمىز؟
14 بېسىمغا دۇچ بولغاندا. بىز ھەممىمىز ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى بېسىم ھېس قىلىمىز. مەسىلەن، مەكتەپتە ئېمتىھان تاپشۇرۇشنىڭ ئالدىدا ۋە ئىشتا بىزگە قانداقتۇ بىر ۋەزىپە تاپشۇرۇلغاندا ھودۇقىمىز. يەنە بىرلىرىمىز دوختۇرخانىغا بېرىشتىن ئاۋۋال بەك ئەنسىرەيمىز. بېسىمغا دۇچ بولغاندا، كەمتەرلىكنى ساقلاش ئاسان ئەمەس. شۇ چاغلاردا بىزنى ئادەتتىكى نەرسىلەرمۇ تېرىكتۈرىدۇ. بىز ھەتتا باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە قاتتىق تېگىدىغان قوپال سۆزلەرنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشكەندە، بىزگە ئەيسانىڭ ئۈلگىسى ياردەم بېرەلەيدۇ.
15 ھاياتىنىڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئايلىرىدا ئەيسانىڭ جېنى قاتتىق قىينالغان. ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئازاب چېكىدىغانلىقىنى بىلگەن (يۇھاننا 3:14، 15؛ گالاتىيا. 3:13). ئۆلۈمىگە بىرنەچچە ئاي قالغاندا، ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنتايىن قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 12:50). بىرنەچچە كۈن قالغاندا، ئۇ: «كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىدۇ»،— دېگەن. ئەيسانىڭ دۇئاسىدىن ئاتىسىغا بويسۇنغانلىقى ۋە كەمتەر بولغانلىقى كۆرۈنگەن. ئۇ ئىچ باغرىنى تۆكۈپ: «ئاتا، مېنى بۇ ئازابلىق سائەتتىن قۇتقۇز. لېكىن، مەن شۇ بۇنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. ئاتا، ئىسىمىڭنى ئۇلۇغلىغىن»،— دەپ دۇئا قىلغان (يۇھاننا 12:27، 28). ۋاقتى كەلگەندە، ئەيسا ئۆزىنى دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. ئۇلار ئۇنى خورلاپ، چىدىغۇسىز قىيناپ ئۆلتەرگەنىدى. قىينىلىپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى چەكسىمۇ، ئەيسا كەمتەرلىكىنى ساقلاپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلىغان. دەرھەقىقەت، ئەيسانى بېسىم ئاستىدا كەمتەرلىكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن دەپ ئېيتالايمىز!—يەشايا 53:7، 10-نى ئوقۇڭ.
16، 17. (1) ئەيسانىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى قانداق سىنىغان؟ (2) بىز ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
16 يەردىكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كېچىسى، ئەڭ يېقىن دوستلىرى ئۇنىڭ كەمتەرلىكىنى سىنىغان. شۇ چاغدا، ئۇنىڭغا قانچىلىك قىيىن بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ئەيسا چوقۇم ئۆلگىچە ساداقەتمەنلىكىنى ساقلاپ قالسىلا، مىليونلىغان ئىسانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن (رىملىقلار 5:18، 19). ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى مەدھىيىلەيتتى ياكى ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرەتتى (ئايۇپ 2:4). كېيىنرەك، ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ھەمدەستىخان بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا، «كىمنىڭ مەرتىۋىسى ئەڭ يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش» پەيدا بولغان. ئەيسا ئۇلارغا بىرنەچچە قېتىم نەسىھەت بەرگەن، ھەتتا دەل شۇ كېچىنىڭ ئالدىدا بۇ ھەققىدە ئېيتقان. شۇنداق بولسىمۇ، ئەيسا غەزەپلەنمەي، ئۇلارغا سەۋر-تاقەت كۆرسەتتى. ئەكسىنچە، ئۇ ئۇلارغا قانداق يول تۇتۇش كېرەكلىكىنى مېھرىبانلىق بىلەن ۋە قەتئىيلىك بىلەن چۈشەندۈرگەن. كېيىن، ئەيسا ئۆزىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن دوستلىرىنى ماختىغان.—لۇقا 22:24—28؛ يۇھاننا 13:1—5، 12—15.
17 سىزمۇ شۇنداق ۋەزىيەتتە بولسىڭىز، نېمە قىلاتتىڭىز؟ ئەيسانى ئۈلگە قىلسىڭىز، سىز ھەتتا قىيىن ئەھۋالدىمۇ مۇلايىملىقنى ساقلىيالايسىز. يەھۋانىڭ «بىر-بىرىڭلارغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىڭلارنى ئەپۇ قىلىڭلار»، دېگەن بۇيرىقىغا خۇشاللىق بىلەن ئىتائەت قىلالايمىز (كولوسى. 3:13). ئەگەر بىزنىڭمۇ سۆزلىرىمىز ياكى ئىشلىرىمىز بەزىدە باشقىلارنى تېرىكتۈرىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتساق، بۇ بۇيرۇققا بويسۇنۇش ئاسانراق بولىدۇ (پەند. نە 12:18؛ ياقۇپ 3:2، 5). ھەردائىم باشقىلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى بايقاپ، ئۇلارنى ماختاشقا تىرىشىڭ.—ئەفەس. 4:29.
نېمە ئۈچۈن داۋاملىق كەمتەرلىكنى ئىزدىشىمىز كېرەك؟
18. يەھۋا كەمتەرلەرگە توغرا قارار چىقىرىشقا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ئۇلار ئۆز تەرىپىدىن نېمە قىلىشى كېرەك؟
18 توغرا قارارلارنى قىلىمىز. مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشقا دۇچ كەلگەندە، يەھۋا بىزگە توغرا يولنى تاللاشقا ياردەم بېرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئۈچۈن كەمتەر بولۇشىمىز كېرەك. يەھۋا «كەمتەرلەرنىڭ ئۆتۈنۈشىگە» قۇلاق سالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (زەبۇر 10:17). ئۇ ئۇلارنى پەقەت ئاڭلاپلا قويمايدۇ. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۇ كەمتەر كىشىنى ھەق يولغا يېتەكلەر، كەمتەر كىشىگە ئۆز يولىدا مېڭىشنى ئۆگىتەر» دېگەن ۋەدە ھەم يېزىلغان (زەبۇر 25:9). بۈگۈنكى كۈندە، يەھۋا بىزگە مۇقەددەس كىتاب ۋە «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» تەييارلىغان ماتېرىياللار d، فىلىملەر ۋە يىغىلىشلار ئارقىلىق تەلىم بېرىدۇ (مەتتا 24:45—47). بىز يەھۋانىڭ ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكىمىزنى كەمتەرلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىشىمىز، ئۇ بېرىۋاتقان مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىمىز كېرەك.
19—21. مۇسا قادېشتا قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەن ۋە بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
19 خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قاچىمىز. مۇسانىڭ مىسالىنى يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە ئالايلى. نەچچە ئون يىللار جەريەنىدا، ئۇ كەمتەر بولۇپ، يەھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلغان. بىراق، چۆل-باياۋاندىكى قىرىق يىللىق سەپىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ كەمتەرلىكنى كۆرسىتەلمەي قالغانىدى. شۇ چاغدا، ئۇنىڭ ھەدىسى مەريەم جان ئۈزۈپ، قادېشتا يەرلەنگەن (ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مۇسانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن). ئىسرائىللىقلار قايتىدىن ئۆز شارائىتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسىيان كۆتەرگەن. بۇ قېتىم، ئۇلار سۇ يوق دەپ غودۇڭشۇپ، مۇسا بىلەن جېدەللەشكەن. ئۇلار يەھۋانىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان كۆپلىگەن مۆجىزىلىرىنى ۋە مۇسانىڭ ئۇزۇن يىللار خەلققە جان پىدالىق بىلەن قىلغان خىزمىتىنى ئۇنتۇپ كەتكەن. خەلق پەقەت سۇنىڭ يوق بولغىنىغا ئەمەس، مۇسانىڭ ئۆزىگىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۇسسۇزلىقىغا مۇسا ئەيىبلىك، دەپ قارىغانىدى.—سانلار 20:1—5، 9—11.
20 شۇ چاغدا، مۇسا كەمتەرلىك كۆرسەتمەي، قاتتىق غەزەپلەنگەن. يەھۋا بۇيرىغاندەك قورام تاشقا سۆزلەشنىڭ ئورنىغا، مۇسا خەلققە قوپال سۆزلەپ، مۆجىزىنى مەن قىلىمەن، دېگەن. ئاندىن كېيىن، ئۇ قورام تاشنى ئىككى قېتىپ ئۇرغاندا، ئۇنىڭدىن سۇ ئېتىلىپ چىققانىدى. تەكەببۇرلۇق ۋە غەزەپكە بېرىلگەنلىكتىن، مۇسا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن (زەبۇر 106:32، 33). بىر دەقىقىگە كەمتەرلىكتىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسا ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرەلمەي قالغان.—سانلار 20:12.
21 بۇ ۋەقەدىن بىرنەچچە مۇھىم ساۋاق ئالىمىز. بىرىنچىدىن، بىز كەمتەرلىكنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقاچان كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. ئەگەر ئازراقلا پەخەس بولمىساق، تەكەببۇرلۇق بىزنى ئەخمىقانە سۆزلەشكە ياكى ھەرىكەت قىلدۇرۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، بېسىمغا دۇچ كەلگەندە، كەمتەر بولۇپ قېلىش ئاسان ئەمەس. شۇڭا، ھەتتا قىيىن ۋەزىيەتتە ھەم كەمتەرلىكنى كۆرسىتىشكە تىرىشىشىمىز زۆرۈر.
22، 23. (1) بىز نېمە ئۈچۈن كەمتەرلىكنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك؟ (2) سەفانىيا 2:3تىكى سۆزلەر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
22 يەھۋا بىزنى قوغدايدۇ. پات-ئارىدا يەھۋا خۇدا ھەممە يامان ئادەملەرنى يوق قىلىدۇ ۋە شۇ چاغدا يەر يۈزىدە پەقەت كەمتەرلەر ياشايدۇ. يەردە ھەقىقىي تىنچ-ئامانلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ (زەبۇر 37:10، 11). يەرگە مىراس بولىدىغان كەمتەر ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا سىزمۇ بولامسىز؟ ئەگەر يەھۋا خۇدا سەفانىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان تەكلىپنى قوبۇل قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقىڭىز سۆزسىز!—سەفانىيا 2:3نى ئوقۇڭ.
23 سەفانىيا 2:3-تە، نېمە سەۋەبتىن «بەلكىم … ئامان قالىسىلەر»، دەپ يېزىلغان؟ ئەلۋەتتە، بۇ سۆزلەر يەھۋانىڭ ئۇنى ياخشى كۆرگەن ۋە كۆڭلىنى خۇشال قىلىدىغان خىزمەتچىلىرىنى قوغداشقا قۇدرىتى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، يەھۋا بىزنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن، بىز ئۆزىمىز ھەم ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. ھازىرنىڭ ئۆزىدە كەمتەرلىكنى ئىزدەپ، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلساق، «يەھۋانىڭ غەزەپ كۈنىدە» ئامان قېلىپ، مەڭگۈ ھايات كەچۈرىمىز.
21-ناخشا رەھىمدىل بولغانلار بەختلىك
a ھېچبىر ئىنسان كەمتەر بولۇپ تۇغۇلمايدۇ. كەمتەرلىكنى ئۆزىمىز يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. تىنچلىقپەرۋەر ئادەملەر بىلەن بولغاندا كەمتەر بولۇش ئاسان، لېكىن تەكەببۇر ئادەمگە ئۇچرىغاندا، كەمتەرلىكنى كۆرسىتىش ناھايىتى قىيىن. كېلىڭلار، بۇ ئېسىل پەزىلەتنى كۆرسىتىشكە توسالغۇ بولىدىغان بىرنەچچە قىيىنچىلىقلارنى كۆرۈپ چىقايلى.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: كەمتەرلىك. كەمتەر كىشى باشقىلارغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەتتا باشقىلار چىشىغا تەگسىمۇ مۇلايىملىقنى ساقلىيالايدۇ. كىچىك پېئىللىق. كىچىك پېئىل كىشى تەكەببۇر ياكى ھاكاۋۇر ئەمەس، باشقىلارنى ئۆزىدىن يۇقىرى ھېسابلايدۇ. كىچىك پېئىل دېگەن سۆز يەھۋاغا قارىتا ئېيتىلغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت ۋە رەھىم-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
c بابىللىقلار بۇ ئۈچ ئىبرانىي يىگىتلەرگە شادراك، مىشاك ۋە ئەبەدنېگو دېگەن ئىسىملارنى قويغان.—دانىيال 1:7.
d مەسىلەن، «كۈزىتىش مۇنارى» 2017-يىل، مارت سانىدىكى «ئېتىقادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دانا قارار چىقىرىڭ!» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
e سۈرەتتە: شاگىرتلىرى قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دەپ تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئەيسا ئۇلارغا مۇلايىملىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت بېرىۋاتىدۇ.