8-تەتقىق ماقالىسى
مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى
«مىننەتدارلىقىڭلارنى كۆرسىتىڭلار».—كولوسى. 3:15.
2-ناخشا تەشەككۈر يەھۋا!
بۇ ماقالىدە a
1. ئەيسا ساقايتقان سامارىيەلىك كىشى مىننەتدارلىقىنى قانداق بىلدۈرگەن؟
ئون ئادەمنىڭ ئۈمىد چىرىقى ئۆچكەن. سەۋەبى، ئۇلار ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىدى. ئەمما، بىر كۈنى ئۇلار يىراقتىن ئەيسانى كۆرۈپ قالغانىدى. ئۇلار ئەيسانىڭ ھەرقانداق ئاغرىقنى ساقايتالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلار ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ، دەپ ئىشەنگەن. شۇڭا ئۇلار: «ئەي ئۇستاز، ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز!»— دەپ ۋاقىرىغانىدى. ئون كىشى كېسىلىدىن ساقىيىپ كەتكەن. شەك-شۇبھىسىزكى، ئۇلار ھەممىسى ئەيسانىڭ مېھرى-شەپقىتى ئۈچۈن بەك مىننەتدار بولغان. بىراق، ئۇلارنىڭ بىرى پەقەت مىننەتدارلىق ھېس-تۇيغۇسىدا بولۇپلا قالماي، ئەيساغا مىننەتدارلىق b بىلدۈرگەن. شۇ سامارىيەلىك كىشى «يۇقىرى ئاۋازدا» خۇدانى مەدھىيىلەشنى باشلىغان.—لۇقا 17:12—19.
2، 3. (1) بەزىدە مىننەتدارلىقنى نېمە ئۈچۈن بىلدۈرمەيمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2 سامارىيەلىك كىشىگە ئوخشاش بىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى خالايمىز. لېكىن، بەزىدە بىز رەھمەت سۆزلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز.
3 بۇ ماقالىدە، بىز مىننەتدارلىقنى گەپ-سۆزلىرىمىز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ئىپادىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆگىنىمىز. مۇقەددەس كىتابتىكى مىننەتدارلىقنى كۆرسەتكەن ۋە كۆرسەتمىگەن كىشىلەرنىڭ مىساللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. كېيىن، بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىمىز.
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى
4، 5. بىز نېمە ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك؟
4 مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈشتە، يەھۋا بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە. مەسىلەن، يەھۋا ئۇنى خۇشال قىلغانلارغا مول بەرىكەت تۆكىدۇ (2-سام. 22:21؛ زەبۇر 13:6؛ مەتتا 10:40، 41). مۇقەددەس يازمىلار بىزنى: «ئامراق بالىلىرى سۈپىتىدە، خۇدانى ئۈلگە قىلىڭلار»،— دەپ چاقىرىدۇ (ئەفەس. 5:1). شۇڭا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسىي سەۋەبى — بىز يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىشنى خالايمىز.
5 بۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بار. مىننەتدارلىقنى تەملىك تائام بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. «تەڭ يېگەن تەنگە سىڭىدۇ، يالغۇز يېگەن يەرگە سىڭىدۇ» دېگەندەك، تاماقنى بىرسى بىلەن بۆلۈشۈپ يېسىڭىز، يالغۇز يېگەندىن ياخشىراق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىرسى بىزگە رەھمەت ئېيتسا، بىز خۇشال بولىمىز. بىز باشقىلارغا رەھمەت ئېيتساق، ئۇلار خۇشال بولىدۇ. سەۋەبى، ئۇلار بىزگە بەرگەن ياردىمىنىڭ بىكار بولمىغانلىقىنى بىلىدۇ. نەتىجىدە، شۇ ئادەم بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىلىرىمىز مۇستەھكەملىنىپ، مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ مەھكەم بولىدۇ.
6. مىننەتدارلىق سۆزلىرى قايسى تەرەپتىن ئالتۇن ئالمىلارغا ئوخشايدۇ؟
6 مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مۇقەددەس كىتابتا: «ئۆز ۋاقىت-سائىتىدە قىلىنغان سۆز، خۇددى نەقىش ئويۇلغان كۈمۈش قاچىدىكى ئالتۇن ئالمىلاردەكتۇر»،— دەپ يېزىلغان (پەند. نە 25:11). كۈمۈش قاچىغا تىزىلغان چىرايلىق ئالتۇن ئالمىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭە! ئۇ ناھايىتى قىممەتباھادۇر! سىزگە شۇنداق ئالما سوۋغات قىلىنسا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولاتتىڭىز؟ باشقىلارغا ئېيتىدىغان مىننەتدارلىق سۆزلىرىڭىزمۇ دەل شۇنداق ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالتۇندىن ياسالغان ئالما مەڭگۈ چىرىمەيدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىزنىڭ مىننەتدارلىق سۆزلىرىڭىز ئادەمنىڭ يۈرىكىدە ساقلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى مەدەت بېرىشى مۇمكىن.
ئۇلار مىننەتدار بولغان
7. زەبۇر 26:6—8-ئايەتتە يېزىلغاندەك، داۋۇت ۋە باشقا زەبۇر يازغۇچىلىرى مىننەتدارلىقىنى قانداق ئىپادىلىگەن؟
7 قەدىمدە خۇدانىڭ كۆپلىگەن خىزمەتچىلىرى مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇلارنىڭ بىرى — داۋۇت (زەبۇر 26:6—8-نى ئوقۇڭ). داۋۇت پاك ئىبادەتنى قەدىرلىگەن ۋە بۇنى ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسەتكەن. ئۇ ھەتتا ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ قىممەت نەرسىلەرنى تەييارلاپ قويغان. ئاسافنىڭ ئەۋلاتلىرى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، زەبۇر كۈيلىرىنى ياكى مەدھىيە ناخشىلىرىنى يازغان. كۈيلەرنىڭ بىرىدە، ئۇلار ئۇنىڭ ‹ئاجايىپ ئىشلىرىدىن› زوقلىنىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقان (زەبۇر 75:1). ئېنىقكى، داۋۇت بىلەن ئاسافنىڭ ئەۋلاتلىرى، يەھۋا خۇدا بەرگەن بەرىكەتلەرنى قەدىرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىشنى خالىغان. سىز ئۇلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايسىز؟
پاۋلۇسنىڭ رىملىقلارغا يازغان خېتىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ (8، 9-ئابزاسلارغا قاراڭ) c
8، 9. ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنى قەدىرلىگەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟
8 ئەلچى پاۋلۇس قېرىنداشلارنى قەدىرلىگەن ۋە بۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغانىدى. ئۇ دائىم ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ، مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنداقلا ئۇ ئۇلارنى قەدىرلىگەنلىكىنى خەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن. رىملىقلارغا يازغان خەت 16-باب، 1—15-ئايەتلەردە، پاۋلۇس 27 ئېتىقادداشنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغان. ئۇ پرىسكىلا بىلەن ئاكۋىلانىڭ «ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە» تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى ۋە فىبى ئىسىملىك قېرىنداشنىڭ «نۇرغۇن كىشىلەرگە»، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پاۋلۇسقا ھەم ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. پاۋلۇس شۇ تىرىشچان، ئەزىز قېرىنداشلارنى ماختىغان.—رىملىقلار 16:1—15.
9 پاۋلۇس قېرىنداشلارنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، رىملىقلارغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇلارنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىگە دىققەت ئاغدۇرغان. قېرىنداشلار پۈتۈن جامائەت ئالدىدا ئوقۇلغان پاۋلۇسنىڭ شۇ ئىللىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭە! نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ پاۋلۇس بىلەن دوستلۇقى تېخىمۇ مەھكەم بولغانلىقى سۆزسىز. جامائەتتىكى قېرىنداشلارنىڭ ياخشى سۆزلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىگە دائىم رەھمەت ئېيتامسىز؟
10. ئەيسا شاگىرتلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
10 ئەيسا كىچىك ئاسىيادىكى بەزى جامائەتلەرگە ئەۋەتكەن خەتلىرىدە، شاگىرتلىرىنى ئەمگىكى ئۈچۈن ماختىغان. مەسىلەن، ئۇ تىياتىرادىكى جامائەتكە يازغان خېتىنى مۇنداق سۆزلەر بىلەن باشلىغان: «سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭنى، ئىمانىڭنى، خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەللىرىڭ دەسلەپكى ئەمەللىرىڭدىن زىيادە كۆپرەك ئىكەنلىكىنى ھەم بىلىمەن» (ۋەھىي. 2:19). ئەيسا ئۇلارنىڭ قىزغىن خىزمىتىنى ئېيتىپلا قويماي، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلغان پەزىلەتلىرى ئۈچۈنمۇ ماختىغان. تىياتىرادىكى جامائەتكە نەسىھەت بەرسىمۇ، ئەيسا خېتىنى روھلاندۇرىدىغان سۆزلەر بىلەن باشلىغان ۋە ئاخىرلاشتۇرغان (ۋەھىي. 2:25—28). ئەيسا ھەممە جامائەتلەرنىڭ بېشى بولغانلىقتىن، بىزگە ئەمگىكىمىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشى شەرت ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بىزگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاقساقاللار ئۈچۈن نېمە دېگەن ياخشى ئۈلگە!
مىننەتدارسىز كىشىلەرنىڭ مىسالى
11. ئىبرانىيلار 12:16-ئايەتكە بىنائەن، ئەساۋ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قانداق قارىغان؟
11 ئەپسۇسكى، مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى كىشىلەر مىننەتدارسىز بولغان. مەسىلەن، ئەساۋ يەھۋانى ياخشى كۆرگەن ۋە ھۆرمەتلىگەن ئائىلىدە ئۆسسىمۇ، ئۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى قەدىرلىمىگەن (ئىبرانىيلار 12:16-نى ئوقۇڭ). بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ ئەساۋ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى ئىنىسى ياقۇپقا بىر قاچاتاماققا سېتىۋەتكەنىدى (يارىت. 25:30—34). كېيىن، ئەساۋ قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلغان. لېكىن، ئۇ ئۆزىدە بار نەرسىلەرنى قەدىرلىمىگەچ، ئەمدى تۇنجى ئوغۇل ئېرىشىدىغان بەرىكەتلەرگە ئىگە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقى يوق ئىدى.
12، 13. ئىسرائىل خەلقىنىڭ مىننەتدارسىزلىقى قانداق نامايان بولغان ۋە نەتىجىدە نېمە بولغانىدى؟
12 ئىسرائىللىقلاردا مىننەتدار بولۇشقا كۆپلىگەن سەۋەبلەر بولغان. يەھۋا مىسىرلىقلارغا ئون جازا ئەۋەتىپ، ئىسرائىل خەلقىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلغان ئىدى. كېيىن، خۇدا مىسىر قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزدا چۆكتۈرۈۋېتىپ، ئۆز خەلقىنى خەۋپتىن قۇتقۇزغان. ئىسرائىللىقلار مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتىپ، يەھۋانى مەدھىيىلەپ غەلبە ناخشىنىنى ياڭراتقان. ئەمما ئۇلار مىننەتدارلىقنى داۋاملىق كۆرسەتكەنمۇ؟
13 يېڭى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا، ئىسرائىللىقلار يەھۋا قىلغان ھەممە ياخشىلىقلارنى بىر دەمدىلا ئۇنتۇپ قالغانىدى. كېيىن، خەلق مىننەتدارسىزلىقىنى نامايان قىلغان (زەبۇر 106:7). قانداق؟ «چۆل-باياۋاندا ئىسرائىل ئوغۇللىرىنىڭ پۈتۈن جامائىتى مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى غوتۇلداشقا» باشلىغانىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۋاغا قارشى غوتۇلدىغان ياكى نارازىلىق بىلدۈرگەن (چىق. 16:2، 8). يەھۋا خۇدا خەلقنىڭ مىننەتدارسىزلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن كۆڭلى قالغان. كېيىن، خۇدا شۇ ئەۋلاتنىڭ، كالېب بىلەن يەشۇئادىن باشقىسى، چۆل-باياۋاندا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (سانلار 14:22—24؛ 26:65). كېلىڭلار، يامان ۋە ياخشى ئۈلگىلەرنى قالدۇرغان كىشىلەرنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرەيلى.
مىننەتدار بولۇڭلار
14، 15. (1) ئەر-ئايال بىر-بىرىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟ (2) ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا مىننەتدار بولۇشنى قانداق ئۆگىتەلەيدۇ؟
14 ئائىلىدە. ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئائىلىدىكىلەر ئۆز-ئارا كۆپرەك مىننەتدارلىق بىلدۈرسە، بىر-بىرىگە شۇنچىلىك يېقىنراق بولىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ خاتالىقلىرىنىمۇ تېز كەچۈرىدۇ. رەپىقىسىنى قەدىرلەيدىغان ئەر كىشى ئايالىنىڭ ياخشى سۆزلىرى ۋە ئىشلىرىنى بايقاپلا قويماي، «ئۇنى ماختايدۇ» (پەند. نە 31:10، 28). دانا ئايال ھەمراھىنى نېمە ئۈچۈن قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرىدۇ.
15 ئاتا-ئانىلار، بالىلىرىڭلارغا مىننەتدار بولۇشنى قانداق ئۆگىتەلەيسىلەر؟ ئېسىڭلاردا بولسۇن، بالىلار ھەربىر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى دورايدۇ. بالىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتسىڭىز، ئۇنىڭغا ياخشى ئۈلگە كۆرسىتىسىز. باشقىلار ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغاندا، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىڭ. مىننەتدارلىق ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن چىقىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى سۆزلىرى باشقىلارغا تەسىر قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭ. مەسىلەن، كلارى ئىسىملىك ياش ئايال مۇنداق دېگەن: «ئاپام 32 يېشىدا ئۈچ بالا بىلەن يالغۇز قالغانىدى. ئۆزۈم 32 ياشقا كىرگەندە، ئاپامغا بىز ئۈچىمىزنى قاتارغا قوشۇش قانچىلىك ئېغىر بولغانلىقىنى ئويلىدىم. شۇڭا، بىز ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقلىرىغا چەكسىز مىننەتدار ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئاپام يېقىندا مېنىڭ سۆزلىرىمنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ قىممەت-باھا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ ھەردائىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەسلىگەندە، پۈتۈن كۈن شاد-خۇراملىق ئىلىكىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى».
بالىلىرىڭىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىتىڭ (15-ئابزاسقا قاراڭ) d
16. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا مىسال كەلتۈرۈڭ.
16 جامائەتتە. قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىپ تۇرساق، ئۇلارغا تەسەللىي بېرىمىز. بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. 28-ياشلىق جورجى ئىسىملىك ئاقساقال قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، يىغىلىشلارغا بىر ئاي بارالمىغان. ساقىيىپ قالغاندىن كېيىن، يىغىلىشلارغا قاتناشسىمۇ، تاپشۇرۇقلارنى ئورۇندىيالمىغان. جورجى مۇنداق دېگەن: «ئىمكانىيىتىم چەكلىك بولغانلىقى ۋە جامائەتتىكى ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ھېچنېمىگە يارىمايدىغاندەك قىلدىم. لېكىن، بىر يىغىلىشتىن كېيىن، بىر بۇرادەر قېشىمغا كېلىپ: «ئائىلەمگە كۆرسەتكەن ئاجايىپ ئۈلگىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. ئاخىرقى بىرنەچچە يىلدا ئېيتقان نۇتۇقلىرىڭىز بىزگە قانچىلىك ياردەم بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن روھىي جەھەتتىن ئۆستۇق»، دېدى. بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكەم ئېغىزىمغا تىقىلىپ، كۆزلىرىم ياشقا تولدى. مەن دەل شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشقا موھتاج ئېدىم».
17. كولوسىلىقلار 3:15-ئايەتتە ئېيتىلغاندەك، يەھۋانىڭ مەرتلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقنى قانداق بىلدۈرەلەيمىز؟
17 مەرت خۇدايىمىزغا. يەھۋا خۇدا بىزگە روھىي ئوزۇقنى تەغدىم قىلماقتا. مەسىلەن، يىغىلىشلاردا، ژۇرناللاردىن ۋە تور بېكىتىمىزدىن پايدىلىق كۆرسەتمىلەرنى ئالىمىز. نۇتۇق تىڭشىغاندا، ماقالىنى ئوقۇغاندا ياكى ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىنى كۆرگەندە: «بۇ سۆزلەر دەل مېنىڭ ئۈچۈن ئېيتىلغانكەن» دېگەن ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ (كولوسىلىقلار 3:15-نى ئوقۇڭ). بۇنىڭ بىر يولى — مۇشۇ ياخشى سوۋغاتلار ئۈچۈن دۇئادا دائىم شۈكۈر ئېيتىش.—ياقۇپ 1:17.
مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ بىر يولى — ئىبادەت زالىنى تازىلاشقا قاتنىشىش (18-ئابزاسقا قاراڭ)
18. ئىبادەت قىلىدىغان جايلار ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
18 بىز ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى پاكىزە-رەتلىك، سەرەمجان تۇتقاندا، يەھۋاغا مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز. ئىبادەت زالىنى تازىلاپ بېسىقتۇرۇش ۋە ياخشى ھالەتتە تۇتۇشقا ئۆز ھەسسىمىزنى قوشايلى. جامائەتنىڭ ئېلىكترونلۇق ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتكەندە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتەيلى. ئىبادەت زالىنى ئاسراپ تۇتساق، ئۇنى ئۇزاق ئىشلىتىپ، ئازراق چوڭ رېمونت قىلىنىدۇ. شۇ چاغدىلا، دۇنيا يۈزى بويىچە، ئىبادەت زاللىرىنى سېلىش ياكى رېمونت قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك پۇلنى خىراجەت قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولىدۇ.
19. رايۇنغا مەسئۇل ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
19 بىز ئۈچۈن كۆپ ئەمگەك قىلغانلارغا. مىننەتدارلىق سۆزلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئۆز قىيىنچىلىقلىرىغا بولغان كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بىر رايونغا مەسئۇل ئاقساقال ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. قىشنىڭ سوغاق بىر كۈنى، ئۇلار ئەتىگەندىن كەچكىچە خىزمەت قىلىپ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئۆيىگە ئاران-ئاران يېتىپ كەلگەن. ئۆينىڭ ئىچى سوغاق بولغانتىن، ئايالى پەلتوسى بىلەن ئۇخلاپتۇ. ئەتىگەنلىكى تۇرغاندا، ئۇ ھەمراھىغا خىزمەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچى يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇ كۈنى، بەيتەلدىن ئايالىغا خەت كەپتۇ. شۇ خەتتە خىزمىتى ۋە سەۋر-تاقىتى ئۈچۈن ماختاش سۆزلىرى يېزىلغان ئىكەن. ھەر ھەپتە بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە كۆچۈش قىيىن ئىكەنلىكىنى بەيتەلدىكى قېرىنداشلارنىڭمۇ چۈشىنىدىغانلىقى يېزىلغان. يولدىشى مۇنداق دەيدۇ: «شۇ سۆزلەر ئايالىمغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئۇ رايۇنلۇق زىيارەت خىزمىتىدىن ئايرىلىش توغرىسىدا باشقا سۆز قىلمىغان. ئەكسىنچە، مەن بىرنەچچە قېتىم خىزمەتتىن ئايرىلماقچى بولغاندا، ئايالىم مېنى داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانىدى». بۇ ئەر-ئايال رايۇنلۇق زىيارەت خىزمىتىنى 40-يىل داۋاملاشتۇرغان.
20. ھەر كۈنى نېمە قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ۋە نېمە سەۋەبتىن؟
20 مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى گەپ-سۆزلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەم كۆرسىتەيلى. بىزنىڭ مۇلايىملىق بىلەن قىلغان سۆزۈمىز ياكى مېھرىبانلىق بىلەن قىلغان بىر ئىشىمىز، مىننەتدارسىز كىشىلەرگە تولغان بۇ دۇنيادا، روھىي چۈشكەن قېرىندىشىمىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كۈچ-مەدەت بېرىشى مۇمكىن. ھەمدە يەنە، مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان دوستلۇق رىشتىلىرىنى باغلايدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بىز مەرت ۋە مىننەتدار ئاتىمىز يەھۋانى ئۈلگە قىلىمىز.
148-ناخشا يېگانە ئوغلۇڭنى بەردىڭ
a مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش توغرىسىدا، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھتىن ۋە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سامارىيەلىك بىر كىشىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ بۇ ماقالىدە ئۇشبۇ تىلغا ئېلىنغانلار ۋە باشقا مىساللار ھەققىدە كۆرۈپ چىقىمىز. بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: مىننەتدار بولۇش — بىر كىشىنىڭ ياكى نەرسىنىڭ قەدرىگە يېتىش ياكى ئۇنى قەدىرلەشنى بىلدۈرىدۇ. مىننەتدارلىقنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلغان سۆزلەر چىن يۈرەكتىن چىققان، خۇرسەنلىكىنى ۋە رازىلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇشى كېرەك.