9-تەتقىق ماقالىسى
تەۋرات قانۇنىدىكى ئادالەت بىلەن مېھىر-مۇھەببەت
«ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ئادالەتنى سۆيەر؛ يەر يۈزى يەھۋانىڭ سادىق مۇھەببىتى بىلەن تولار».—زەبۇر 33:5.
152-ناخشا كۈچىمىز، ئۈمىدىمىز ۋە يار-يۆلىكىمىز
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) ئادەملەرنىڭ ھەممىسى نېمىگە موھتاج؟ (2) بىز نېمىگە گۇمان قىلماسلىقىمىز كېرەك؟
ھەربىر ئادەم مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئادىل مۇئامىلىگە موھتاج. ئەگەر بىز داۋاملىق مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشەلمىسەك ياكى ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراشساق، ئۈمىدسىزلىنىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى بىر تىيىنغا يارىمايدىغاندەك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن.
2 بىزنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئادالەتنى ئىزدەيدىغانلىقىمىزنى يەھۋا ياخشى بىلىدۇ (زەبۇر 33:5). خۇدا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە باشقىلارنىڭ بىزگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشىنى خالايدىغانلىقىغا گۇمان قىلماڭ. بۇنى ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن، يەھۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بەرگەن قانۇنلارنى تەتقىق قىلىپ كۆرەيلى. ئەگەر سىز مېھىر-مۇھەببەت ۋە غەمخورلۇققا موھتاج بولۇپ يۈرسىڭىز ياكى ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان بولسىڭىز، تەۋرات قانۇنىدىن b يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە قانداق غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى كۆرۈڭ.
3. (1) رىملىقلار 13:8—10-ئايەتتە يېزىلغاندەك، مۇسانىڭ قانۇنىدىن نېمىنى بىلەلەيمىز؟ (2) بۇ ماقالىدە قايسى سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئالىمىز؟
3 مۇسانىڭ قانۇنىنى تەتقىق قىلساق، كۆيۈمچان خۇدايىمىز يەھۋانىڭ غەمخورلۇقى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىمىز (رىملىقلار 13:8—10-نى ئوقۇڭ). مۇشۇ ماقالىدە، بىز ئىسرائىللىقلارغا بېرىلگەن بىرنەچچە قانۇنلارنى كۆرۈپ چىقىپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز: نېمە ئۈچۈن قانۇن مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان دەپ ئېيتالايمىز؟ تەۋرات قانۇنى قانداقلارچە ئادالەتكە يېتەكلىگەن؟ ھوقۇققا ئىگە بولغانلار قانۇنغا قانداق ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىدى؟ مۇسانىڭ قانۇنى كىملەرنى قوغدىغان؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى بىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۈمىد ئۈزمەسلىكىمىز ۋە مېھرىبان ئاتىمىزغا يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.—ئەلچى. 17:27؛ رىملىقلار 15:4.
مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان قانۇن
4. (1) نېمە ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى مۇھەببەتكە ئاساسلانغان دەپ ئېيتالايمىز؟ (2) مەتتا 22:36—40-ئايەتلەردە ئەيسا قايسى مۇھىم ئىككى ئەمر توغرىسىدا ئېيتقان؟
4 تەۋرات قانۇنى مېھىر-مۇھەببەتكە ئاساسلانغان. سەۋەبى، يەھۋا خۇدا ھەربىر ئىشتا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن يول تۇتىدۇ (1-يۇھاننا 4:8). يەھۋانىڭ تەۋرات قانۇنى مۇنۇ ئىككى ئەمرگە ئاساسلانغان: خۇدانى سۆيۈش ۋە باشقىلارنى سۆيۈش (لاۋى. 19:18؛ تەكرار. قا 6:5؛ مەتتا 22:36—40-نى ئوقۇڭ). شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسانىڭ قانۇنىدىكى 600 دىن كۆپرەك قانۇننىڭ ھەربىرى يەھۋانىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ بىر تەرىپىنى ئايان قىلىدۇ. بۇنىڭ بىرنەچچە مىسالىنى كۆرەيلى.
5، 6. يەھۋا ئەر-ئاياللاردىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمە بەك مۇھىم؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
5 يارىڭىزغا ۋاپادار بولۇڭ ۋە بالىلىرىڭىزغا غەمخورلۇق قىلىڭ. يەھۋا ئەر-ئايالنىڭ مېھىر-مۇھەببەت ئوتى ئۆمۈرۋايەت ئۆچمەي، بىر-بىرىنى مەڭگۈ سۆيۈپ ئۆتۈشىنى خالايدۇ (يارىت. 2:24؛ مەتتا 19:3—6). نىكاھ ۋاپاسىزلىقى — ئۆمۈرلۈك جۈپتىسىگە قىلىنىدىغان ئەڭ يىرگىنىچلىك گۇناھتۇر. شۇ سەۋەبتىنمۇ، ئىسرائىل خەلقىگە بېرىلگەن ئون ئەمر-پەرماننىڭ يەتتىنچىسىدە زىنا قىلىش مەنئىي قىلىنغان (تەكرار. قا 5:18). زىنا — خۇداغا قارشى قىلىنغان ئېغىر گۇناھ ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاپادار نىكاھلىق جۈپتىنىڭ قەلبنى قاتتىق ئازابلايدۇ (يارىت. 39:7—9). مۇنداق ۋاپاسىزلىقنىڭ ئاچچىق ئازابى پەيدا قىلغان يۈرەك يارىسى ئۇزۇن يىللارغىچە ساقايماسلىقى مۇمكىن.
6 يەھۋا ئۈچۈن ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىشى بەك مۇھىم. خۇدا ئىسرائىللىق ئەر كىشىلەردىن ئاياللىرىنى ئىززەتلىشىنى تەلەپ قىلغان. تەۋرات قانۇنىنى ھۆرمەتلىگەن ئەر كىشى ئايالىنى سۆيۈپ، يوقىلاڭ كىچىك ئىشلار ئۈچۈن نىكاھتىن ئاجراشمىغان (تەكرار. قا 24:1—4؛ مەتتا 19:3، 8). ئەمما، ئېغىر بىر مەسىلە پەيدا بولۇپ، ئاجرىشىشنى قارار قىلسا، ئايالىغا تالاق خېتىنى بېرىشى كېرەك ئىدى. بۇ ھۆججەت ئايال كىشىنى زىنا قىلغان، دېگەن ئەيىبلەشتىن ھىمايە قىلغان. يولدىشى تالاق خېتىنى بېرىشتىن ئاۋۋال شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ئەر-ئايالنىڭ نىكاھسىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرەلەيتتى. لېكىن، ئىسرائىللىق ئەر كىشى شەخسىيەتچى بولۇپ، ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولغان بولسا، يەھۋا شۇنداق ۋەزىيەتكە ھەرقاچان ئارىلاشمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئايال كىشىنىڭ تۆككەن كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقانىدى.—مالاك. 2:13—16.
يەھۋا خۇدا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن غەمخورلۇق قىلىپ تەربىيىلىشىنى خالايدۇ. شۇ چاغدا بالىلار ئۆزلىرىنى خەۋپ-خەتەرسىز ھېس قىلىدۇ (7، 8-ئابزاسلىرىغا قاراڭ) c
7، 8. (1) يەھۋا ئاتا-ئانىلاردىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ). (2) بىز قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
7 قانۇندىن يەھۋا خۇدانىڭ بالىلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلغانلىقى كۆرۈنىدۇ. يەھۋا ئاتا-ئانىلاردىن بالىلارنىڭ پەقەت جىسمانىي ئېھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرۈپلا قويماي، يەنە روھىي تەربىيە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئاتا-ئانىلار ھېچبىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، بالىلىرىغا يەھۋانى ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قانۇنلىرىنى ھۆرمەتلەشنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىدى (تەكرار. قا 6:6—9؛ 7:13). بەزى ئىسرائىللىقلار بالىلىرىغا رەھىمسىزلارچە مۇئامىلە قىلغاندا، يەھۋا ئۇلارنى جازالىغان (يەرەم. 7:31، 33). ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇرۇپ-سوقماسلىقى ياكى قارىماي تاشلاپ قويماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇلار بالىلىرىغا مۇنداقلا ئۆزىگە تەۋە مۈلۈكتەك قارىماي، بەلكى ئۇلارنى يەھۋادىن مىراس ئالغان قىممەتلىك سوۋغاتتەك قەدىرلىشى لازىم ئىدى.—زەبۇر 127:3.
8 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋا ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە ئۆز-ئارا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا نەزەر سالىدۇ. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق قىلمىسا، ئۇلار يەھۋا ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ.
9—11. يەھۋا نېمە سەۋەبتىن باشقىلارغا تەۋە نەسىلەرگە كۆز قىزارتما، دېگەن قانۇن بەرگەن؟
9 باشقىلارغا تەۋە نەرسىگە كۆز قىزارتماڭ. ئون ئەمر-پەرماننىڭ بىرىدە، باشقا كىشىنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىزارتىش ياكى شۇنىڭغا ئېرىشىش خاھىشىدا بولۇش مەنئىي قىلىنغان (تەكرار. قا 5:21؛ رىملىقلار 7:7). بۇ قانۇن ئارقىلىق يەھۋا خەلقىگە مۇھىم بىر نەرسىنى ئۆگەتكەن: ئۇلار ئۆز قەلبىنى، يەنى ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى. يەھۋا يامان ئوي-پىكىرلەر بىلەن ھېس-تۇيغۇلار كىشىنى يامان ئىش-ھەرىكەتكە يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ (پەند. نە 4:23). ئەگەر ئىسرائىللىق كىشى ئۆز قەلبىدە ناتوغرا ھەۋەسلەرنىڭ يىلتىز تارتىشىغا يول بەرسە، باشقىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىن ئىدى. مەسىلەن، داۋۇت پادىشاھ شۇنداق تۇزاققا چۈشكەن. ئۇ ياخشى ئادەم بولغان، لېكىن، بىر كۈنى باشقا كىشىنىڭ ئايالىغا كۆزى چۈشۈپ، قەلبىدە يامان ھەۋەس پەيدا بولغان. بۇ ھەۋەس ئۇنى گۇناھقا يېتەكلىگەن (ياقۇپ 1:14، 15). داۋۇت جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان ۋە شۇ ئايالنىڭ يولدىشىنى ئالداشقا تىرىشقان، ھەتتا كېيىن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.—2-سام. 11:2—4؛ 12:7—11.
10 يەھۋا كىشىنىڭ بۇ قانۇننى بۇزغانلىقىنى كۆرەلەيتتى، چۈنكى ئۇ — ئادەمنىڭ قەلبىدە نېمە بارلىقىنى بىلىدىغان خۇدا (1-تارىخ. 28:9). بۇ قانۇن ئادەمنى باشقىلارغا تەۋە نەرسىلەرگە كۆز قىزارتىشنى مەنئىي قىلغان. بۇ خۇدا خەلقىنى ھەرقانداق يامانلىققا يېتەكلەيدىغان خاتا ئوي-پىكىردا بولماسلىققا دەۋەت قىلغان. بۇ قانۇندىن كۆرۈۋالالايمىزكى، يەھۋانىڭ دانالىقى بىلەن مېھىر-مۇھەببىتى كۆرۈنىدۇ.
11 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋا ئادەمنىڭ تېشىغا باقماي، ئىچىگە باقىدۇ (1-سام. 16:7). ھېچقانداق ئوي-خىيال، ھېس-تۇيغۇ ياكى ئىش-ھەرىكەت ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن ئەمەس. يەھۋا بىزگە نەزەر سېلىپ، ياخشى پەزىلەتلىرىمىزنى بايقايدۇ ۋە ئۇلارنى يېتىلدۈرۈشىمىزنى خالايدۇ. بىراق، ئۇ خاتا ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىزنى يامان يولغا يېتەكلەشتىن ئاۋۋال، ئۇلارنى بايقاپ تىزگىنلىشىمىزنى خالايدۇ.—2-تارىخ. 16:9؛ مەتتا 5:27—30.
ئادالەتكە ئۈندىگەن قانۇن
12. تەۋرات قانۇنىدىن نېمىنى بىلىمىز؟
12 تەۋرات قانۇنىدىن يەھۋا ئادالەتلىكنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىمىز (زەبۇر 37:28؛ يەشايا 61:8). يەھۋا — باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى. ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنغاندا، يەھۋا ئۇلارغا مول بەرىكەت بەرگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرىنى بۇزغاندا، ئۇلار ئاچچىق ئازاب-ئوقۇبلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن. ئەمدى ئون ئەمر-پەرماننىڭ يەنە ئىككىسىگە دىققەت قىلىپ كۆرەيلى.
13، 14. دەسلەپكى ئىككى ئەمر نېمە توغرۇلۇق بولغان ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىسرائىللىقلار قانداق پايدا-مەنپەئەتكە ئېرىشكەن؟
13 پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىڭ. دەسلەپكى ئىككى ئەمردە، ئىسرائىل خەلقىدىن پەقەت يەھۋا خۇداغىلا ئىبادەت قىلىش تەلەپ قىلىنغان ۋە بۇتلارغا سەجدە قىلىش مەنئىي قىلىنغان (چىق. 20:3—6). بۇ ئەمرلەر يەھۋانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىسرائىللىقلارنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن چىقىرىلغانىدى. ئۇلار يەھۋاغا ۋاپادارلىقىنى ساقلىغاندا، گۈللەپ-ياشنىغان. ئەمما يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى قايغۇ-ھەسرەتلەرگە تولغانىدى.
14 قانانلىقلار ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇلار ھەقىقىي تىرىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، جانسىز بۇتلارغا سەجدە قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققان (زەبۇر 115:4—8). جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە بالىلارنى قۇربانلىققا ئېلىپ كېلىشكە ئوخشاش يىرگىنىچلىك ئىشلار — يالغان ئىبادەتنىڭ بىر قىسىمى بولغان. ئىسرائىللىقلار يەھۋادىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا سەجدە قىلىشنى تاللىغاندا، ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ زىيان كەلتۈرگەن (2-تارىخ. 28:1—4). ھوقۇقى بار ئادەملەر يەھۋانىڭ ئادالەتلىك ئۆلچەملىرىنى رەت قىلغان. ئۇلار ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئاجىز ئادەملەرنى ئەزگەن (ھەزەك. 34:1—4). يەھۋا خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىمكى ھىمايچىسى يوق ئاياللار بىلەن بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلسا، ئادالەتنى ياقىلاپ، زالىملاردىن ھېساب ئېلىپ، جازاغا تارتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (تەكرار. قا 10:17، 18؛ 27:19). ئەمما، ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭغا ۋاپادار بولۇپ، بىر-بىرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلسا، يەھۋا ئۇلارغا مول بەرىكەت بېرەتتى.—1-پادىشاھ. 10:4—9.
يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرىدۇ (15-ئابزاسقا قاراڭ)
15. يەھۋا خۇدا توغرىسىدا نېمىنى بىلىۋالدۇق؟
15 بىز ئۈچۈن ساۋاق: بىرسى يەھۋاغا خىزمەت قىلىمەن دەپ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە پەرۋاسىز قىلىپ، ئۇنىڭ خەلقىگە زىيان كەلتۈرسە، بۇنىڭغا يەھۋا ئەيىبكار ئەمەس. ئەكسىچە، يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى كۆرىدۇ. مېھرىبان ئانا بالىسىنىڭ يىغىسىغا چىدىمايدۇ. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك قايغۇ-ھەسرەتلىرىمىزنى چۈشىنىپ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىدۇ (يەشايا 49:15). گەرچە بەزىدە ئۇ ۋەزىيەتكە بىردىن ئارىلاشمىسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە توۋۋا قىلمايدىغان گۇناھكاردىن ھېساب ئالىدۇ.
قانۇنغا ئەمەل قىلىش
16—18. تەۋرات قانۇنى قانداق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؟ بىز بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
16 تەۋرات قانۇنى ئىسرائىللىقلارنىڭ ھاياتىدىكى ھەرتۈرلۈك مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان قانۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن تەيىنلەنگەن ئاقساقاللارنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ خەلقىنى ئادىل سوتلىشى ناھايىتى مۇھىم بولغان. ئۇلار پەقەت ئىبادەت ئىشلىرىنىلا ئەمەس، كېلىشمەسلىكلەر بىلەن جىنايى ئىشلارنىمۇ ھەل قىلغان. بۇنىڭ بىرنەچچە مىساللىرىنى كۆرەيلى.
17 ئىسرائىللىق كىشى بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، دەرھاللا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنمىغان. شۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنى جازاغا ھۆكۈم قىلىشتىن ئاۋۋال، ھەممە ئىسپات-دەلىللەرنى تەكشۈرۈپ چىققان (تەكرار. قا 19:2—7، 11—13). شۇنداقلا، ئاقساقاللار كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانىدى. مەسىلەن، ئۇلار مال-مۈلۈك ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارنى ۋە ئائىلىنىڭ نىكاھتىكى كېلىشمەسلىكلىرىگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جاۋابكارلىقى بولغان (چىق. 21:35؛ تەكرار. قا 22:13—19). ئاقساقاللار ئادىل سوت قىلغاندا ۋە خەلق قانۇنغا بويسۇنغاندا، بۇ ھەممىسىگە پايدا ئېلىپ كېلىپ، ئىسرائىللىقلار يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەن.—لەۋ. 20:7، 8؛ يەشايا 48:17، 18.
18 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋا خۇدا ئۈچۈن ھاياتىمىزنىڭ ھەربىر ساھەسى ناھايىتى مۇھىم. ئۇ بىزنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشىمىزنى خالايدۇ. ھەتتا يەھۋا بىز ئۆيدە يالغۇز قالغاندا ئېيتقان سۆزلىرىمىزنى ۋە قىلغان ئىشلىرىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ.—ئىبرانىي. 4:13.
19—21. (1) ئاقساقاللار بىلەن سوتچىلار خۇدانىڭ خەلقىگە قانداق مۇئامىلە قىلغان؟ (2) تەۋرات قانۇنى خەلقنى قانداق ھىمايە قىلغان ۋە بىز بۇنىڭدىن نېمىگە ئۆگىنىمىز؟
19 يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىنى باشقا خەلقلەرنىڭ يامان تەسىرىدىن ھىمايە قىلىشنى خالىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئاقساقاللار بىلەن سوتچىلاردىن قانۇننى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار خەلققە رەھسىزلىك ۋە قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلماي، ئەكسىچە، ئادالەتنى سۆيۈشى لازىم ئىدى.—تەكرار. قا 1:13—17؛ 16:18—20.
20 يەھۋا ئۆز خەلقىگە كۆڭۈل بۆلگەن، شۇ سەۋەبتىن ھېچكىم ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن ئىسرائىللارنى ھىمايە قىلىدىغان قانۇنلارنى ئورناتقان. مەسىلەن، قانۇن بىرسىنى جىنايەت قىلدى دەپ، يالغان ئەيىبلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئەيىبلەنگەن كىشىنىڭ ئۇنى كىم ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلىش ھوقۇقى بار ئىدى (تەكرار. قا 19:16—19؛ 25:1). ئاقساقاللار ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئاۋۋال، كەم دېگەندە ئىككى گۇۋاھچى گۇۋاھلىق بېرىشى كېرەك ئىدى (تەكرار. قا 17:6؛ 19:15). ئەگەر جىنايەتنى كۆرگەن پەقەت بىر گۇۋاھچى بولسىچۇ؟ شۇنداق ئەھۋالدا ھەم ئۇ قىلغان ئىشىم ئۈچۈن جازالانمايمەن دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك ئىدى. سەۋەبى، يەھۋا خۇدا ھەممىسىنى كۆرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا بولغۇچىغا ئائىلىدە باشچىلىق ھوقۇقى بېرىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھوقۇقى چەكلىك ئىدى. بەزىدە ئائىلىدە تالاش-تارتىش پەيدا بولسا، شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى شۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىراتتى.—تەكرار. قا 21:18—21.
21 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋا خۇدا ئادىللىقنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى؛ ئۇ ھەرگىز ئادالەتسىزلىك قىلمايدۇ (زەبۇر 9:7). خۇدا ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشايدىغان ئادەملەرنى مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما ھوقۇقىنى ناتوغرا ئىشلەتكەنلەرنى جازالايدۇ (2-سام. 22:21—23؛ ھەزەك. 9:9، 10). بەزىدە جىنايەتچىلەر ۋە يامان ئادەملەر جازاسىز قالغاندەك كۆرىنىدۇ، لېكىن يەھۋا ئۆز ۋاقىت-سائىتىدە ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ (پەند. نە 28:13). ئەگەر ئۇلار توۋا قىلمىسا، پات-يېقىندا «تىرىك خۇدانىڭ قوللىرىغا چۈشۈش ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.—ئىبرانىي. 10:30، 31.
قانۇن كىملەرنى قوغدىغان؟
ئاقساقاللار تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلغاندا، يەھۋانىڭ مۇھەببىتى بىلەن ئادىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك ئىدى (22-ئابزاسقا قاراڭ) d
22—24. (1) قانۇن كىملەرنى ھىمايە قىلغان ۋە بۇنىڭدىن يەھۋا توغرۇلۇق نېمىنى بىلىمىز؟ (2) چىقىش 22:22—24-ئايەتلەردە قانداق ئاگاھلاندۇرۇش بار؟
22 قانۇن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلالمايدىغانلارنى، بولۇپمۇ تۇل ئاياللار بىلەن يىتىم بالىلارنى ۋە مۇساپىرلارنى قوغدىغان. ئىسرائىل خەلقىنىڭ سوتچىلىرىغا مۇنداق بۇيرۇق بېرىلگەن: «سەن چەتئەللىككە ۋە يېتىم بالىغا ھۆكۈم قىلغاندا، ھەق بىلەن ناھەقنى بۇرمىلىما، تۇل ئايالنىڭ كىيىم-كىچىكىنى گۆرۈگە ئېلىۋالما» (تەكرار. قا 24:17). يەھۋا ئاجىزلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغان ۋە ئۇلارنى خورلىغان ئادەملەرنى جازالىغان.—چىقىش 22:22—24-نى ئوقۇڭ.
23 قانۇن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇشنى مەنئىي قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى جىنسىي خورلۇقتىن ساقلىغان (لەۋ. 18:6—30). قوشنا خەلقلەر شۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قوبۇل قىلغان، ھەتتا نورمال ئىش قاتارىدا سانىغان. ئەمما، يەھۋانىڭ خەلقى شۇنداق ئىشنى يەھۋاغا ئوخشاش يىرگىنچلىك دەپ قارىغان.
24 بىز ئۈچۈن ساۋاق: يەھۋا خۇدا ھوقۇققا ئىگە كىشىلەرنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىرسىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا تېگىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە بالىلارنى جىنسىي جەھەتتىن خورلاش — خۇدا نەپرەتلىنىدىغان يىرگىنىچلىك جىنايەت. يەھۋا ھەممە ئادەملەرنىڭ، بولۇپمۇ ئاجىزلارنىڭ ھىمايىگە ئىگە بولۇپ، ئۇلارغا ئادالەتلىك مۇئامىلە قىلىنىشنى خالايدۇ.
قانۇن — كەلگۈسى بەرىكەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى
25، 26. (1) نېمىشقا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن ئادالەت خۇددى نەپەس بىلەن ھاياتقا ئوخشايدۇ؟ (2) بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
25 مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئادالەت خۇددى نەپەس بىلەن ھاياتتەك، ئۇلار بىر-بىرىسىز مەۋجۇت بولالمايدۇ. يەھۋا خۇدا بىزگە ئادىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنسەك، ئۇنىڭغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. خۇدانى ۋە ئۇنىڭ ئادىل ئۆلچەملىرىنى ياخشى كۆرسەك، باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىشقا ئىنتىلىمىز.
26 قانۇن ئەھدىسى ئىسرائىللىقلارنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە بولۇشىغا يول ئاچقان. لېكىن، ئەيسا تۆلەم قۇربانلىقىنى بەرگەندىن كېيىن، تەۋرات قانۇنى ئۆز كۈچىدىن قالغانىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشى بىر قانۇنغا ئىگە بولدۇق (رىملىقلار 10:4). ئەلچى پاۋلۇس تەۋرات قانۇنىنى كەلگۈسى بەرىكەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسى دەپ ئاتىغان (ئىبرانىي. 10:1). بۇ بىر قاتار ماقالىلەرنىڭ كېيىنكىسىدە شۇ بەرىكەتلەر ھەققىدە ۋە جامائەتتە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
25-ناخشا ھەقىقىي شاگىـرت بولۇشنىڭ بەلگىسى
a بۇ يەھۋانىڭ بىزگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۆت ماقالىنىڭ بىرىنچىسى. بۇ بىر قاتار ماقالىلەردە جامائەتتە ئادالەتنى ۋە سۆيگۈ-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئاقساقاللار بالىلارنى زىيانكەشلىكتىن ھىمايە قىلالايدىغانلىقى ۋە بالىلىق چېغىدا خورلانغان ئادەملەرگە قانداق تەسەللىي بېرەلەيدىغانلىقىمىز مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: يەھۋا خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن قانۇن مۇقەددەس يازمىلاردا «تەۋرات قانۇنى»، «مۇسا قانۇنى» ياكى «قانۇن» دەپ ئاتالغان. بۇ قانۇن 600 دىن ئارتۇق قانۇنلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتاب ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى بەش يازما ھەم بەزىدە «تەۋرات» دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە بۇ سۆز ئىبرانىي يازمىلارنىڭ ھەممىسىگە قارىتا قوللىنىلىدۇ.
c سۈرەتلەردە: ئىسرائىللىق ئانا تاماق ئېتىۋاتقاندا، قىزلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ. ئارقا كۆرۈنۈشتە دادىسى ئوغلىغا قويلاردىن خەۋەر ئېلىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ.
d سۈرەتلەردە: شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرى يەرلىك سودىگەردىن زىيان تارتقان تۇل ئايال بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىغا مېھرىبانلىق بىلەن ياردەم بېرىۋاتىدۇ.