مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

12-‏تە‌تقىق ماقالىسى

باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلە‌يلى

باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلە‌يلى

‏«ھە‌ممىڭلار … ھە‌مدە‌رت بولۇ‌پ،‏ بىر-‏بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار».‏‏—‏1-‏پېتر.‏ 3:‏8‏.‏

53-‏ناخشا ئناق بىللە خىزمە‌ت قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ۋە ھال-‏ئە‌ھۋالىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار بىلە‌ن بىللە بولغاندا نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال بولىمىز؟‏

 بىز ھېس-‏تويغۇ‌لىرىمىز ۋە ھال-‏ئە‌ھۋالىمىزغا كۆڭۈل بولىدىغانلار بىلە‌ن بىللە بولغاندا خۇ‌شال بولىمىز.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌ر ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏خىيالىرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.‏ ئۇ‌لار نېمىگە موھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلگە‌ندە،‏ بىز تېخى ئېيتماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ ياردە‌م قولىنى سۇ‌نىدۇ.‏ بىز ھېسداشلىق b بىلدۈرىدىغان ئادە‌ملە‌رنى قە‌دىرلە‌يمىز ۋە ئۇ‌لارغا مىننە‌تدار بولىمىز.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ ھېسداشلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نېمىشقا كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك؟‏

2 خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى سۈپىتىدە بىز ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنى خالايمىز.‏ لېكىن،‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ بە‌زىدە بۇ قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 3:‏23‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بىز ئۆز-‏ئۆزىمىزنىلا ئويلاش مايىللىقىدىن ئايرىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌لكىم،‏ ئۆسۈپ-‏يېتىلگە‌ن مۇ‌ھىت ۋە ئۆتمۈشتە باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ۋە‌قە‌لە‌ر تۈپە‌يلى،‏ باشقىلارغا ئىچ ئاغرىتىش بىز ئۈچۈن ئاسان ئە‌مە‌س بولمايدۇ.‏ ئۆپ-‏چۆرىمىزدىكى ئادە‌ملە‌رمۇ بىزگە يامان تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ زامان ئاخىرىنىڭ كۈنلىرىدە،‏ ئادە‌ملە‌ر باشقىلارنى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لار «ئۆزىنىلا ياخشى سۆيىدىغان» بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 2‏)‏.‏ ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە توسالغۇ بولىدىغان بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىزگە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3.‏ (‏1)‏ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى قانداق ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسادىن ئۈلگە ئالساق،‏ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز.‏ يە‌ھۋا —‏ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئۇ باشقىلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئۈلگىسىنى كۆرسىتىدۇ (‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8‏)‏.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر ئاتىسىنىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل تۈردە ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ ئۇ يە‌ردە بولغاندا،‏ ھېسداشلىق بىلدۈرۈشنىڭ يوللىرىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ ماقالىدە،‏ ئاۋۋال يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا قانداق كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكىنى مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏ ئۇ‌لارنى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىزنىمۇ كۆرۈپ چىقىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۈلگىسى

4.‏ يە‌شايا 63:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌ردىن يە‌ھۋانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟‏

4 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ قە‌دىمدە ئىسرائىللار قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئۇ‌لار ئازاب چە‌ككە‌ندە،‏ ئۇ ھە‌م تە‌ڭ ئازاب چە‌كتى»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان ‏(‏يە‌شايا 63:‏7—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كېيىن،‏ زە‌كە‌رىيا پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلغانلار خۇ‌دانىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە:‏ «كىم سىلە‌رگە قول تە‌گكۈزسە،‏ مېنىڭ كۆز قارىچۇ‌غىمغا تېگىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏زە‌كە‌رىيا 2:‏8‏)‏.‏ بۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خە‌لقىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدىغان ئاجايىپ بىر مىسال!‏

يە‌ھۋا ئىسرائىللارغا ھېسداشلىق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى مىسىر قۇ‌للۇ‌قىدىن ئازاد قىلغان (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

5.‏ خۇ‌دا ئازاب چە‌ككە‌ن خىزمە‌تچىلىرىگە قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟‏

5 يە‌ھۋا خۇ‌دا قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن خىزمە‌تچىلىرىگە ئىچى ئاغرىتىپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىسرائىللار مىسىر قۇ‌للىقىدا ئازاپ چە‌ككە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ قايغۇ‌سىنى چۈشىنىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌ركىنلىككە چىقارماقچى بولغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌ساغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ھە‌قىقە‌تە‌ن خە‌لقىمنىڭ مىسىردا ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم… .‏ نالە-‏پە‌رياد قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم.‏ ئۇ‌لارنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تلىرىنى ياخشى بىلىمە‌ن.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌ن چۈشۈپ،‏ ئۇ‌لارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇ‌تقۇ‌زىمە‌ن» (‏چىق.‏ 3:‏7،‏ 8‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىسرائىللارغا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌للۇ‌قتىن ئازاد قىلغان.‏ ئە‌سىرلە‌ر ئۆتۈپ،‏ ۋە‌دە قىلىنغان زىمىندا ئىسرائىللارغا دۈشمە‌نلە‌ر ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بۇ‌نىڭغا قانداق قارىغان؟‏ «يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئۇ‌ھ تارتىپ،‏ داشمە‌نلىرى سالغان زۇ‌لۇ‌مدىن نالە-‏پە‌رياد قىلىغانلىقىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىغان ئىدى».‏ يە‌ھۋا بۇ قېتىممۇ خە‌لقىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ ئىسرائىلللارنى دۈشمە‌نلىرىدىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌ش ئۈچۈن ھاكىملارنى ئە‌ۋە‌تكە‌نىدى.‏—‏ھاكىم.‏ 2:‏16،‏ 18‏.‏

6.‏ خىزمە‌تچىلىرى ناتوغرا ئوي-‏پىكىردە بولغاندىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېتىبارغا ئالغانلىقىنىڭ مىسالىنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

6 ھە‌تتا خىزمە‌تچىلىرى ناتوغرا ئوي-‏پىكىردە بولغاندىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېتىبارغا ئالغان.‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ خۇ‌دا پە‌يغە‌مبە‌رنى نىنە‌ۋە‌ھ شە‌ھىرىدىكى خە‌لقلە‌رگە ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى ئېيتىشقا ئە‌ۋە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌لار توۋا قىلغاندا،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ھالاك قىلماسلىققا قارار قىلغان.‏ لېكىن،‏ يۇ‌نۇ‌س پە‌يغە‌مبە‌ر يە‌ھۋانىڭ بۇ قارارىنى ياقتۇ‌رمىغان.‏ ئېيتقان خە‌ۋىرى ئە‌مە‌لگە ئاشمىغانلىقتىن،‏ ئۇ «غە‌زىپى قايناپ،‏ ناھايىتى ئاچچىقلاندى».‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا يۇ‌نۇ‌سقا سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۆز قارىشىنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌نۇ‌س 3:‏10—‏4:‏11‏)‏.‏ ۋاقتى كە‌لگە‌ندە،‏ يۇ‌نۇ‌س يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا نېمىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ بۇ ۋە‌قە‌دىن بىزنىڭمۇ پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌تكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نى يۇ‌نۇ‌سقا يازدۇ‌رغان.‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏ c

7.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن نېمىنى بىلىمىز؟‏

7 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە قىلغان مۇ‌ئامىلىسىدىن ئۇ‌لارنىڭ غېمىنى ئويلىغانلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.‏ ئۇ كىمنىڭ نېمىدىن ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.‏ يە‌ھۋا «ئىنسانلارنىڭ قە‌لبىنى ھە‌قىقىي» بىلىدۇ (‏2-‏تارىخ.‏ 6:‏30‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ يوشۇ‌رۇ‌ن ئويلىرىمىزنى ۋە يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇ‌ر قاتلاملىرىدىكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارنىمۇ بىلىدۇ.‏ «ئۇ سىلە‌رنى بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغان ئازدۇ‌رۇ‌لۇ‌شقا دۇ‌چار قىلمايدۇ» (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ بۇ ۋە‌دە بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ئۈلگىسى

8—‏10.‏ ئە‌يسانىڭ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

8 ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ئېتىبار بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ ھېسداشلىق بىلدۈرۈشىنىڭ ئۈچ سە‌ۋە‌بىنى كۆرە‌يلى.‏ بىرىنچىسى،‏ ئە‌يسا ئاتىسىنىڭ پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل تۈردە ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌مۇ ئاتىسىغا ئوخشاش ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ گە‌رچە ئە‌يسا ئالە‌مدىكى ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى يارىتىشتا يە‌ھۋاغا ياردە‌م بېرىشتىن خۇ‌شال بولغان بولسىمۇ،‏ ئۇ«بولۇ‌پمۇ ئىسنان ئوغۇ‌للىرىدىن» سۆيۈنگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏31‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏

9 ئىككىنچىسى،‏ يە‌ھۋاغا ئوخشاش،‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىنى كۆرە‌لىگە‌ن.‏ دېمە‌ك،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ نىيىتىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى بىلگە‌ن (‏مە‌تتا 9:‏4؛‏ يۇ‌ھاننا 13:‏10،‏ 11‏)‏.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا ئېزىلگە‌نلە‌رنى كۆرگە‌ن ۋە ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگۈسى كە‌لگە‌ن.‏—‏يە‌شايا 61:‏1،‏ 2؛‏ لۇ‌قا 4:‏17–‏21‏.‏

10 ئۈچىنچىسى،‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كېلىدىغان بە‌زى قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈردى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ كە‌مبە‌غە‌ل ئائىلىدە چوڭ بولغان.‏ ئە‌يسا ئۆگە‌ي دادىسى يۈسۈپ بىلە‌ن ئىشلە‌پ،‏ ئېغىر قارا ئىشلارنى قىلىشنى ئۆگە‌نگە‌ن (‏مە‌تتا 13:‏55؛‏ ماركۇ‌س 6:‏3‏)‏.‏ قارىماققا،‏ ئە‌يسا ۋە خىزمىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال،‏ يۈسۈپ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ئۇ يېقىن ئادە‌مدىن ئايرىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ھە‌رخىل دىنىي كۆز قاراشنى تۇ‌تقان ئائىلىدە ياشاش قانچىلىك قىيىن ئىكە‌نلىكىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 7:‏5‏)‏.‏ بۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ر ئە‌يسانىڭ ئاددىي ئادە‌ملە‌رنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

ئە‌يسا قولقى ئاڭلىمايدىغان ئادە‌مگە ئىچى ئاغرىپ،‏ ئۇ‌نى خالايىق ئارىسىدىن چە‌تكە ئېلىپ بېرىپ ساقايتتى (‏11-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

11.‏ ئە‌يسانىڭ ھېسداشلىقى بولۇ‌پمۇ نېمىدىن كۆرۈنگە‌ن؟‏ چۈشە‌ندۈرۈڭ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏.‏

11 ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق بىلدۈرگە‌نلىكى بولۇ‌پمۇ مۆجىزىلىرىدىن كۆرۈنگە‌ن.‏ ئە‌يسا مۆجىزىلە‌رنى مە‌جبۇ‌ر بولغانلىقتىن ئە‌مە‌س،‏ ئازاب چە‌ككە‌نلە‌رگە ئىچى ئاغرىغانلىقتىن قىلغان (‏مە‌تتا 20:‏29—‏34؛‏ ماركۇ‌س 1:‏40—‏42‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئاڭلىمايدىغان گاس ئادە‌منى خە‌لقنىڭ ئارىسىدىن چە‌تكە ئېلىپ بېرىپ ساقايتقاندا ياكى بىر تۇ‌ل ئايالنىڭ يېگانە ئوغلىنى تىرىلدۈرگە‌ندە،‏ ئە‌يسا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ (‏ماركۇ‌س 7:‏32—‏35؛‏ لۇ‌قا 7:‏12—‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ دە‌ردىگە ئورتاقلىشىپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بە‌رگۈسى كە‌لگە‌ن.‏

12.‏ يۇ‌ھاننا 11:‏32—‏35-‏ئايە‌تتىن‏،‏ ئە‌يسا مارتا بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ قايغۇ‌سىغا ئورتاق بولغانلىقى قانداق كۆرۈنىدۇ؟‏

12 ئە‌يسا مارتا بىلە‌ن مە‌ريە‌منىڭ قايغۇ‌سىغا ئورتاق بولغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاكىسى لازار قايتىش بولغاندا،‏ ئە‌يسا كۆز ياش قىلغان ئىدى ‏(‏يۇ‌ھاننا 11:‏32—‏35-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ پە‌قە‌ت يېقىن دوستىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن يىغلىمىغان.‏ ئە‌يسا لازارنى تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگە‌ن بولسىمۇ،‏ ئە‌زىز دوستلىرىنىڭ قايغۇ‌سىنى چۈشىنىپ كۆز يېشى قىلغان.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلىش بىزنى نېمە ئۈچۈن ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ؟‏

13 ئە‌يسانىڭ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلىش بىزنى ئىلھاملاندۇ‌رىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌رگە ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ‌نى بە‌ك ياخشى كۆرىمىز (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏8‏)‏.‏ ھازىر ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ پات-‏ئارىدا ئە‌يسا ھە‌ممە ئازابلارنى يوق قىلىدۇ.‏ ئۆزىمۇ يە‌ردە ئادە‌م سۈپىتىدە ياشىغانلىقتىن،‏ شە‌يتاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى كە‌لتۈرگە‌ن زىيان-‏زە‌خمە‌تلە‌رنى ھە‌ممىسىنى يوق قىلالايدىغان ئە‌ڭ ياخشى شە‌خس —‏ ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر.‏ ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلالايدىغان ھۆكۈمرانىمىزنىڭ بولغانلىقى بىز ئۈچۈن زور بە‌رىكە‌ت!‏—‏ئىبرانىي.‏ 2:‏17،‏ 18؛‏ 4:‏15،‏ 16‏.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىڭ

14.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ر بىزنى نېمىگە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلاش بىزنى باشقىلارغا كۆپرە‌ك ئىچ ئاغرىتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏1،‏ 2نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىنى كۆرە‌لمە‌يمىز.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىش بە‌ك مۇ‌ھىم (‏2-‏كورىنت.‏ 11:‏29‏)‏.‏ ئۆز-‏ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ياشىساقمۇ،‏ بىز «پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىڭلارنىلا ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئىتىنىمۇ ئويلاڭلار» دېگە‌ن مە‌سلىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىشقا تىرىشىمىز.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏4‏.‏

‏(‏15—‏19 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

15.‏ بولۇ‌پمۇ كىملە‌ر ھېسداشلىق قىلىشى كېرە‌ك؟‏

15 بولۇ‌پمۇ جامائە‌ت ئاقساقاللىرى ھېسداشلىق قىلىشى كېرە‌ك.‏ ئاقساقاللار ئۇ‌لارغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان قويلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغىنى ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏17‏)‏.‏ ئېتىقادداشلىرىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئاقساقاللار ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ياخشى چۈشىنىشى زۆرۈر.‏ ئاقساقاللار قېرىنداشلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏

16.‏ كۆيۈمچان ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

16 كۆيۈمچان ئاقساقال قېرىنداشلار ئۈچۈن ۋاقتىنى ئايىمايدۇ.‏ ئۇ‌لار سوئاللارنى قويىدۇ ۋە كېيىن سە‌ۋچانلىق بىلە‌ن زە‌ڭ قويۇ‌پ تىڭشايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر قېرىنداشلارنىڭ بىرى ئىچ باغرىنى تۆكۆشنى خالىسا،‏ ئە‌مما ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئىپادىلە‌شكە سۆز تاپالماي قالسا،‏ بۇ‌نداق ئە‌ھۋالدا ئاقساقاللار ئالاھىدە كۆڭۈل بولۇ‌شى مۇ‌ھىم (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئاقساقاللار ۋاقتىنى چىقىرىشقا تە‌ييار بولسا،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن دوستلىقى مە‌ھكە‌م بولىدۇ،‏ بىر-‏بىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى كۈچىيىدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 20:‏37‏.‏

17.‏ كۆپ قېرىنداشلار ئاقساقاللارنىڭ قايسى پە‌زىلىتىنى ئالاھىدە قە‌دىرلە‌يدۇ؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

17 كۆپلىگە‌ن قېرىنداشلارنىڭ ئېيتىشىچە،‏ ئاقساقاللارنىڭ ئە‌ڭ مۇ‌ھىم پە‌زىلىتى —‏ يىغلىغانلار بىلە‌ن يىغلاپ،‏ كۈلگە‌نلە‌ر بىلە‌ن كۈلۈش ئىكە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ «ئاقساقاللار سىزنى ياخشى چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆزلىشىش ئاسان»،‏—‏ دە‌يدۇ ئادېلايد.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرىدىن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمنى چۈشىنىدىغانلىقىنى سېزە‌لە‌يمە‌ن».‏ بىر بۇ‌رادە‌ر ئاقساقاللارغا مىننە‌تدارلىقىنى بىلدۈرۈپ،‏ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بىر ئاقساقالغا ئە‌ھۋالىمنى چۈشە‌ندۈرىۋاتقىنىمدا،‏ ئۇ‌نىڭ كۆزى ياشقا تولغانىدى.‏ شۇ ۋاقىت ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ».‏—‏رىملىقلار 12:‏15‏.‏

18.‏ باشقىلارغا ھېسداشلىق قىلىشنى قانداق يېتىلدۈرە‌لە‌يمىز؟‏

18 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ھېسداشلىق قىلىش پە‌قە‌ت ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌زىپىسى ئە‌مە‌س.‏ بۇ پە‌زىلە‌تنى ھە‌ممىمىز يېتىلدۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ قانداق يېتلىدۈرىمىز؟‏ ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر ۋە جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ.‏ جامائە‌تتىكى ئۆسمۈرلە‌رگە،‏ سالامە‌تلىكى ناچار ۋە ياشانغان قېرىنداشلارغا ھە‌م يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىنى سوراڭ.‏ ئۇ‌لار ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئىزھار قىلغاندا،‏ دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشاڭ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ھۋالىنى ھە‌قىقە‌تە‌ن چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى،‏ ئۇ‌لارغا ھېس قىلدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م قىلىشقا تىرىشىڭ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى پە‌قە‌ت سۆزۈمىز بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئىشىمىز بىلە‌ن كۆرسىتە‌لە‌يمىز.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏18‏.‏

19.‏ باشقىلارغا ياردە‌م قىلىشقا تىرىشقاندا،‏ نېمىشقا ئە‌ۋرىشىم بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

19 باشقىلارغا ياردە‌م قىلىشقا تىرىشقاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ھۋالىغا قاراپ،‏ ئىش تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ربىرىمىز قىيىنچىلىقلارغا ھە‌رخىل ئىنكاس قايتۇ‌رىمىز.‏ بە‌زىلە‌ر ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىپ بېرىدۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر،‏ قىيىنچىلىقلىرى ھە‌ققىدە سۆزلە‌شكۈسى كە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ياردە‌م بە‌رمە‌كچى بولغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن ياكى خىجالە‌تكە قالدۇ‌رىدىغان سوئاللارنى قويۇ‌شتىن نېرى بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏11‏)‏.‏ كىمدۇ بىرى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ندە،‏ بە‌زىدە ئۇ‌نىڭ ئېيتقانلىرى بىلە‌ن كېلىشمە‌سلىكىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌سى ئىكە‌نلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏ ئاڭلاشقا تېز،‏ سۆزلە‌شكە ئالدىرىمايدىغان بولايلى.‏—‏مە‌تتا 7:‏1؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏19‏.‏

20.‏ كېيىنكى ماقالىدىن قايسى سوئالغا جاۋاب تاپىمىز؟‏

20 بىز جامائە‌تتىكىلە‌رگە ھېسداشلىق قىلغاندە‌ك،‏ ۋە‌ز قىلغاندىمۇ ئادە‌ملە‌رگە بۇ ئېسىل پە‌زىلە‌تنى كۆرسىتىشنى خالايمىز.‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئىشىغا قاتناشقاندا،‏ بۇ پە‌زىلە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.‏

35-‏ناخشا رە‌ھمە‌ت خۇ‌دا سە‌ۋرچانلىقىڭغا

a يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ باشقىلارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىملىقىنى ۋە بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە ئۇ‌سۇ‌لىنى بىلىۋالىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ بىرسىگە ‏«ھە‌مدە‌رت»‏ دېگىنىمىز،‏ شۇ ئادە‌منىڭ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ،‏ ئۆزىمىز ھە‌م شۇ كىشىدە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ ياكى ھېسسىياتتا بولۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏—‏رىملىقلار 12:‏15‏.‏

c يە‌ھۋا روھى چۈشكە‌ن ۋە قورقۇ‌نۇ‌چقا بېرىلگە‌ن باشقىمۇ سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىچىدە ھاننا (‏1-‏سام.‏ 1:‏10—‏20‏)‏،‏ ئىلياس (‏1-‏پادىشاھ.‏ 19:‏1—‏18‏)‏،‏ ئە‌بە‌د-‏مە‌لە‌ك.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 38:‏7—‏13؛‏ 39:‏15—‏18‏.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇ‌مكىنچىلىكلىرى كۆپ.‏ (‏1)‏ ئاقساقال كىچىك بالىغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئانىسىغا مېھرىبانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌ۋاتىدۇ.‏ (‏2)‏ دادىسى بىلە‌ن قىزى ياشانغان قېرىنداشنى ماشىنىغا ئولتۇ‌رغۇ‌زىۋاتىدۇ.‏ (‏3)‏ ئىككى ئاقساقال مە‌سلىھە‌تكە موھتاج قېرىنداشنى زە‌ڭ قويۇ‌پ تىڭشاۋاتىدۇ.‏