مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلە‌يلى

ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلە‌يلى

‏«ئە‌يسا بىر توپ كىشىلە‌رنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌لارغا ئىچى ئاغرىدى… .‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىشكە باشلىدى».‏‏—‏ماركۇ‌س 6:‏34‏.‏

44-‏ناخشا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھوسۇ‌ل يىغىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئە‌يسانىڭ قايسى پە‌زىلىتى قە‌لبىمىزنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

 ئە‌يسا نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش قە‌لبىمىزنى تە‌سە‌للىي تاپقۇ‌زىدۇ.‏ ئۇ يە‌ر يۈزىدە بولغاندا،‏ «خۇ‌شال بولغانلار بىلە‌ن بىللە خۇ‌شال» بولۇ‌پ،‏ «يىغلىغانلار بىلە‌ن بىللە» يىغلىغان (‏رىملىقلار 12:‏15‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 70 شاگىرتى ۋە‌ز قىلىپ،‏ شاد-‏خۇ‌رام قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ ئە‌يسامۇ ئۇ‌لار بىلە‌ن خۇ‌شال بولغان (‏لۇ‌قا 10:‏17—‏21‏)‏.‏ دوستى لازارنىڭ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ تۇ‌غقانلىرى بىلە‌ن دوستلىرىنىڭ قاتتىق قايغۇ‌رغانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئە‌يسا ئىچىدىن ئاھ ئۇ‌رۇ‌پ،‏ كۆڭلى ئازابلانغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 11:‏33‏.‏

2.‏ ئە‌يسانى ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشقا نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

2 ئە‌يسا مۇ‌كە‌ممە‌ل بولسىمۇ،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئادە‌ملە‌رگە رە‌ھىمدىللىق ۋە ھېسداشلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ نېمە ئۇ‌نى بۇ‌نداق قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رنى ياخشى كۆرگە‌ن.‏ ئۆتكە‌ن ماقالىدە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ ئۇ «بولۇ‌پمۇ ئىنسان ئوغۇ‌للىرىدىن» سۆيۈنگە‌ن (‏پە‌ند.‏ نە 8:‏31‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئە‌يسانى ئادە‌ملە‌رنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق:‏ «ئۇ ئۆزى ئىنساننىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلە‌تتى»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏يۇ‌ھاننا 2:‏25‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىغان.‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ مېھرىبانلىقىنى ھېس قىلغان،‏ شۇ‌ڭا پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ۋە‌ز قىلغاندا ئادە‌ملە‌رگە قانچىلىك كۆپ ھېسداشلىق قىلساق،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز شۇ‌نچىلىك نە‌تىجىلىك بولىدۇ.‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏5‏.‏

3،‏ 4.‏ (‏1)‏ ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلساق،‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە قانداق قارايمىز؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش بۇ‌رچى بولغان.‏ بىزنىڭمۇ ۋە‌ز قىلىش بۇ‌رچىمىز بار (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏16‏)‏.‏ لېكىن،‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ ۋە‌ز خىزمىتىمىز بىز ئۈچۈن پە‌قە‌ت بۇ‌رچ بولۇ‌پ قالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئادە‌ملە‌رگە چىن يۈرە‌كتىن ئىچىمىز ئاغرىغاچ ۋە ياردە‌م بېرىشنى خالىغاچ،‏ ئۇ‌لارغا ۋە‌ز قىلىمىز.‏ بىز«بە‌رمە‌ك ئالماقتىنمۇ زور بە‌ختتۇ‌ر» دېگە‌ن سۆزلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزدۇ‌ق (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏35‏)‏.‏ مۇ‌شۇ پرىنسىپنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ خىزمە‌تتە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏

4 بۇ ماقالىدە،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رگە قانداق ھېسداشلىقنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ ئاۋۋال ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىنى ۋە ئاندىن ئۇ‌نىڭدىن ئۈلگە ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان تۆت مە‌سلىھە‌تنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏.‏

ئە‌يسا خىزمە‌تتە مېھرىبانلىق كۆرسە‌تكە‌ن

ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارغا تە‌سە‌للىي بە‌رگە‌ن (‏5،‏ 6-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

5،‏ 6.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا كىملە‌رگە ھېسداشلىق قىلغان؟‏ (‏2)‏ يە‌شايا 61:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بېشارە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىتقان؟‏

5 ئە‌يسا باشقىلارغا قانداق كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكى ھە‌ققىدە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بىر قېتىم ئۇ ۋە ئۇ‌نىڭ شاگىرتلىرى تىنماي ۋە‌ز قىلغانلىقتىن،‏ قاتتىق ھېرىپ كە‌تكە‌ن ئىدى.‏ شۇ ۋاقىتتا «ئۇ‌لارنىڭ ھە‌تتا تاماق يېيىشكە ۋاقتى يوق ئىدى».‏ شۇ چاغدا ئە‌يسا شاگىرتلىرىنى ئە‌گە‌شتۈرۈپ،‏ «جىمجىت بىر جايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام» ئېلىشقا كە‌تكە‌ن.‏ بىراق،‏ خالايىق ئۇ‌لارنىڭ قە‌يە‌رگە كە‌تكە‌نلىكىنى بىلىۋېلىپ،‏ شۇ يە‌ردە ئۇ‌لارنى كۈتۈپ تۇ‌رغان.‏ ئە‌يسا ئالدىغا چىققان ئادە‌ملە‌رنى كۆرگە‌ندە،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ئۇ‌لارغا ئىچ ئاغرىدى.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار پادىچىسى يوق قويلاردە‌ك ئىدى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ ئۇ‌لارغا كۆپ نە‌رسىلە‌رنى ئۆگىتىشكە باشلىدى».‏—‏ماركۇ‌س 6:‏30–‏34 b‏.‏

6 ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە نېمە ئۈچۈن ئىچى ئاغرىغان؟‏ ئۇ‌لار «پادىچىسى يوق قويلاردە‌ك» كىشىلە‌ر ئىكە‌نلىكىنى كۆرگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن كۆپ تە‌ر تۆكۈپ ئىشلىگە‌ن كە‌مبە‌غە‌ل كىشىلە‌ر بولغان.‏ ئېھتىمال يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قايغۇ‌رىۋاتقانلارمۇ بولغان.‏ ئە‌يسا شۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىنى ياخشى چۈشە‌نگە‌ن.‏ سە‌ۋە‌بى ئۆتكە‌ن ماقالىدىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسامۇ شۇ‌نداق قىيىنچىلىقلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌يسا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگە‌نلىكتىن،‏ قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌ككە‌نلە‌رگە تە‌سە‌للىي بېرىشنى خالىغان.‏—‏يە‌شايا 61:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7.‏ ئە‌يسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

7 ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏ ئە‌يسانىڭ زامانىدىكىگە ئوخشاش،‏ ھازىر كۈندە ھە‌م «پادىچىسى يوق قويلاردە‌ك» ئادە‌ملە‌ر كۆپ.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ قىيىنچىلىقلىرى چاچتىن تولا.‏ بىراق،‏ بىزدە ئۇ‌لار موھتاج نە‌رسە،‏ يە‌نى پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر بار (‏ۋە‌ھىي.‏ 14:‏6‏)‏.‏ بىز ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىپ،‏ «بىچارە ۋە كە‌مبە‌غە‌للە‌رگە ئىچ» ئاغرىتقاچ،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى جاكارلايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 72:‏13‏)‏.‏ بىز ئادە‌ملە‌رگە كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كە‌لگىنىنىڭ ھە‌ممىسىنى قىلىمىز.‏

ھېسداشلىقنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ ئېھتىياجىنى ئېتىبارغا ئېلىڭ (‏8،‏ 9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

8.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ھېسداشلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏ مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندرۈڭ.‏

8 ۋە‌ز خىزمىتىدە ئۇ‌چرىتىدىغان ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىقنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بىز ئۆزىمىزنى ئۇ‌لارنىڭ ئورنىغا قويۇ‌پ،‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرى بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لارنىڭ بىزگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساق،‏ ئۇ‌لارغىمۇ شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشقا ئىنتىلىمىز c (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىشنىڭ تۆت ئۇ‌سۇ‌لىنى قاراپ چىقايلى.‏ بىرىنچى —‏ ھە‌ربىر كىشىنىڭ نېمىگە موھتاج ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە ئويلىنىش.‏ ۋە‌ز خىزمىتىنى دوختۇ‌رنىڭ خىزمىتى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ياخشى دوختۇ‌ر ھە‌ربىر بېمارنىڭ ئېھتىياجلىرى ھە‌ققىدە ئويلايدۇ.‏ خۇ‌لاسە چىقىرىشقا ئالدىرىماي،‏ ئۇ ئاۋۋال سوئاللارنى قويۇ‌پ،‏ ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالىنى بىلىۋېلىشقا تىرىشىدۇ.‏ دوختۇ‌ر دورىلارنى يېزىپ بېرىشتىن ياكى داۋالاشنى باشلاشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئاغرىقنىڭ سە‌ۋە‌بىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قوشۇ‌مچە تە‌كشۈرۈش قىلىشقا ئە‌ۋە‌تىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ پە‌قە‌ت بىر ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى قوللانمايمىز.‏ ئە‌كسىچە،‏ ھە‌ربىر ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالىنى،‏ كۆز قارىشىنى ئېتىبارغا ئېلىشقا تىرىشىمىز.‏

9.‏ بىز نېمە دە‌پ ئويلىماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

9 خىزمە‌تتە ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ ئۇ‌نىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىنى ياكى ئۇ نېمىگە ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىمە‌ن دە‌پ ئويلىماڭ (‏پە‌ند.‏ نە 18:‏13‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا سىلىق-‏سىپايىلىك بىلە‌ن سوئاللارنى قويۇ‌ڭ (‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر مە‌دە‌نىيىتىڭىزدە كىشنى رە‌نجىتمىسە،‏ ئۇ‌نىڭ كېلىپ چىقىشى،‏ ئائىلىسى،‏ ئىشى ئورنى ياكى كۆز قارىشى توغرۇ‌لۇ‌ق سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ سوئال قويۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ ھازىر نېمىگە موھتاج بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى بىلىۋالىسىز.‏ ھە‌مدە ئە‌يسا مە‌سىھكە ئوخشاش،‏ كىشىلە‌رنىڭ موھتاجلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ،‏ ئۇ‌لار تېگىشلىك ياردە‌م قولىڭىزنى سۇ‌نالايسىز.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 9:‏19—‏23-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏

ئادە‌منىڭ ئە‌ھۋالى توغرىسىدا ئويلىنىڭ (‏10،‏ 11-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

10،‏ 11.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشنىڭ ئىككىنچى ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

10 ئىككىنچى ‏—‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاش.‏ بىز ئادە‌ملە‌رنىڭ ھال-‏ئە‌ھۋالىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغانلىقتىن،‏ ھە‌ممىمىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئوخشاش (‏1-‏كورىنت.‏ 10:‏13‏)‏.‏ بىز بىلىمىز،‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا ھايات كە‌چۈرۈش بە‌ك قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌نلا بىز قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 4:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولمىغان ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن بۇ دۇ‌نيادا ھايات كە‌چۈرۈشىنىڭ قانچىلىك مۇ‌شكۈل بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزنىڭمۇ ئۇ‌لارغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارغا «ياخشلىق ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېلىپ» كېلىمىز.‏—‏يە‌شايا 52:‏7‏.‏

11 سېرگېي ئىسىملىك بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ ئۇ ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌شتىن بۇ‌رۇ‌ن ناھايىتى ئۇ‌ياتچان بولۇ‌پ،‏ ئۆز ئوي-‏پىكىرىنى ئە‌ركىن ئىپادىلىيە‌لمە‌يتتى.‏ كېيىن،‏ ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ھە‌ربىر مە‌سىھىي ئېتىقادى ھە‌ققىدە ۋە‌ز قىلىش كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىپ يە‌تتىم.‏ لېكىن،‏ مە‌ن بۇ‌نى قىلالمايمە‌ن دە‌پ ئويلىدىم».‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ سېرگېي ھە‌قىقە‌تنى بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داسىز ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌رمۇ‌شى قانچىلىك ئېغىر ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن.‏ ئۇ يە‌نە:‏ «ئۆگە‌نگە‌نلىرىم مېنى خۇ‌شال قىلىپ،‏ ماڭا جان ئاراملىقى بە‌رگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا باشقىلارمۇ ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلاشقا موھتاج ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندىم».‏ سېرگېينىڭ ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىغاچ،‏ ئۇ قورقۇ‌نچىنى يېڭىپ،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىشقا باشلىغان.‏ «قىزىقارلىق يېرى شۇ‌كى،‏ باشقىلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقاندا،‏ ئۆزۈمگە بولغان ئىشە‌نچىم كۈچىيىپ،‏ ھە‌قىقە‌ت يۈرىكىمدە چوڭقۇ‌ر يىلتىز تارتىشقا باشلىغان»،‏—‏ دە‌پ سۆزىنى تاماملىدى سېرگېي d‏.‏

روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رگە ۋاقىت كېرە‌ك (‏12،‏ 13-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

12،‏ 13.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رگە سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال بىلە‌ن چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

12 ئۈچىنچى —‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌ش.‏ بىز ياخشى بىلىدىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى تە‌لىملە‌ر ئادە‌ملە‌رگە نامە‌لۇ‌م.‏ ئۇ‌لار ئىشىنىدىغان نە‌رسىلە‌ر،‏ ئۇ‌لارنىڭ قە‌لبىگە سىڭىپ كە‌تكە‌ن.‏ نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ دىنىي كۆز قارىشى ئۇ‌لارنىڭ ئائىلىسى،‏ مە‌دە‌نىيىتى ھە‌م يۇ‌رتى بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق.‏ بىز شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏

13 ئۆرۈلۈپ كېتە‌ي دېگە‌ن كونا كۆۋرۈكنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏ ئادە‌ملە‌ر يېڭىسىنى سالمىغىچە،‏ كونا كۆرۈكنى بۇ‌زمايدۇ ۋە ئۇ‌نى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏ پە‌قە‌ت يېڭى كۆرۈكنى سېلىپ بولغاندىن كېيىنلا،‏ كونىسىنى بۇ‌زۇ‌ۋېتىدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نداق،‏ ئادە‌ملە‌رگە كاللىسىغا سېڭىپ كە‌تكە‌ن كۆز قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىشنى ئېيتىشتىن ئاۋۋال،‏ ئۇ‌لارغا يېڭى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى ياكى ئىلگىرى ھېچقاچان ئاڭلىمىغان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى تە‌لىملە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشقا ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدىلا،‏ ئۇ‌لار بۇ‌رۇ‌نقى كۆز قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە تە‌ييار بولىدۇ.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆزگۈرۈشلە‌رنى قىلىشىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌مايلى.‏—‏رىملىقلار 12:‏2‏.‏

14،‏ 15.‏ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلمە‌يدىغان ئادە‌ملە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

14 ئە‌گە‌ر بىز خىزمە‌تتە سە‌ۋرچان بولساق،‏ ئادە‌ملە‌ر تۈنجى قېتىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلاپ،‏ دە‌رھال چۈشىنىپلا ئۇ‌نى قوبۇ‌ل دە‌پ كۈتمە‌يمىز.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى نە‌زە‌ردە تۇ‌تۇ‌پ،‏ يازمىلارغا ئاساسلىنىپ بىر مە‌زگىل ئويلىنىشىغا ياردە‌م بېرىمىز.‏ بۇ ۋاقىت تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنى ئالايلى.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆپىنچىسى بۇ تە‌لىم توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچقاچان ئاڭلىمىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئويىچە،‏ ئۆلگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ تىرىلىشى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س.‏ ياكى بولمىسا،‏ ياخشى ئادە‌ملە‌ر ئاسمانغا چىقىپ كېتىدۇ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ئادە‌ملە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏

15 بىر قېرىنداشنىڭ ۋە‌ز قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال،‏ ئۇ ئادە‌مگە يارىتىلىش 1:‏28-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ بېرىدىكە‌ن.‏ كېيىن ئۇ‌نىڭدىن:‏ «خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنىڭ قە‌يە‌ردە ۋە قانداق شارائىتتا ياشىشىنى خالىغان؟‏»—‏ دە‌پ سورايدىكە‌ن.‏ كۆپۈنچە ئادە‌ملە‌ر:‏ «يە‌ر يۈزىدە،‏ ياخشى شارائىتتا ياشىشىنى خالىغان»،‏—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ كېيىن بۇ‌رادە‌ر يە‌شايا 55:‏11-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى ئۆزگە‌ردىمۇ؟‏»—‏ دېگە‌ن سوئالنى قويغان.‏ ئادە‌تتە ئادە‌ملە‌ر ئۆزگە‌رمىگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ زە‌بۇ‌ر 37:‏10،‏ 11-‏ئايە‌تنى ئوقۇ‌پ،‏ ئادە‌ملە‌رنى كېلە‌چە‌كتە نېمىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى سورىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ر ئاساسىدا ئوي-‏پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ بۇ‌رادە‌ر بىرنە‌چچە ئادە‌مگە خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە،‏ يە‌نى خۇ‌دا ياخشى ئادە‌ملە‌رنىڭ يە‌ر يۈزى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ ياشىشىنى خالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىگە ياردە‌م بېرە‌لىگە‌ن.‏

خە‌ت يېزىشتە‌ك كىچىككىنە ياخشىلىق مول بە‌رىكە‌ت ئېلىپ كېلىشى مۇ‌مكىن (‏16،‏ 17-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

16،‏ 17.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏27-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ ھېسداشلىقنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

16 تۆتىنچى —‏ ياردە‌م بېرىش مۇ‌مكىنچىلىكىنى قولدىن چىقارماسلىق.‏ ئۆي ئېگىسىگە قولايسىز ۋاقىتتا كە‌لدۇ‌ق دە‌يلى.‏ شۇ چاغدا ئۇ‌نىڭدىن كە‌چۈرۈم سوراپ،‏ باشقا كۈنى كېلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتساق بولىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م كېرە‌ك بولسىچۇ؟‏ ياكى بولمىسا،‏ ئۆيدىن چىقالمايدىغان ئادە‌منى ئۇ‌چرىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈك ياكى دورا سېتىۋېلىشقا ياردە‌م كېرە‌ك بولسىچۇ؟‏ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئادە‌مگە ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌ش پۇ‌رسىتىنى قولىمىزدىن چىقارمايلى.‏—‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 3:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

17 بىر قېرىنداش بىلە‌ن بولغان ۋە‌قە‌نى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئۇ بە‌ك ئاددىي،‏ بىراق ناھايىتى مۇ‌ھىم ياخشىلىقنى قىلىپ،‏ بۇ‌نىڭ ياخشى نە‌تىجىسىنى كۆرگە‌نىدى.‏ ئۇ بالىسى توغۇ‌لۇ‌پلا،‏ ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن بىر ئە‌ر-‏ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا خە‌ت يازغان.‏ خېتىدە يازمىلاردىن ئېلىنغان تە‌سە‌للىي بېرىدىغان سۆزلە‌رنى يازغانىدى.‏ بۇ خە‌ت شۇ ئە‌ر-‏ئايالغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏ قە‌لبى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌تتە تولغان ئايال خە‌تكە مۇ‌نداق جاۋاب قايتۇ‌رغان:‏ «تۈنۈگۈن مە‌ن ئۈچۈن قاتتىق ئېغىر قايغۇ‌لۇ‌ق كۈن بولغانىدى.‏ خېتىڭىز دە‌ردىمىزگە دە‌رمان بولغانلىقىنى سۆز بىلە‌ن ئىپادىلە‌ش ماڭا بە‌ك قىيىن.‏ تۈنۈگۈن خېتىڭىزنى كە‌م دېگە‌ندە 20 قېتىم ئوقۇ‌پ چىقتىم.‏ يازغان سۆزلىرىڭىزدىن شۇ‌نچىلىك ئىللىقلىق،‏ غە‌مخورلۇ‌قنى سە‌زدىم.‏ ئۇ بىزگە ھە‌قىقە‌تە‌ن كۆپ تە‌سە‌للىي بە‌ردى.‏ سىزگە چىن قە‌لبىمىزدىن رە‌ھمە‌ت ئېيتىمىز».‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ بىزمۇ ئازاب چېكىۋاتقان ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ،‏ قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە ياردە‌م بە‌رسە‌ك،‏ بىزمۇ بۇ‌نىڭ مول بە‌رىكىتىنى كۆرىمىز.‏

تە‌ڭپۇ‌ڭلۇ‌قنى ساقلاڭ

18.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

18 ۋە‌ز خىزمىتىدە بۇ‌نى ئە‌ستە ساقلىشىمىز كېرە‌ك:‏ ئادە‌ملە‌رگە خۇ‌داغا يېقىنلىشىشقا ياردە‌م بە‌رسە‌كمۇ،‏ بۇ ئىشتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم رولنى ئورۇ‌ندايدىغان بىز ئە‌مە‌س ‏(‏1-‏كورىنتلىقلار 3:‏6،‏ 7-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنى ھە‌قىقە‌تكە جە‌لپ قىلىدىغان ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا (‏يۇ‌ھاننا 6:‏44‏)‏.‏ ئاخىرقى قارارنى ھە‌ربىر ئادە‌م ئۆزى چىقىرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىش-‏قىلماسلىق شۇ ئادە‌منىڭ قە‌لبىدە نېمە بارلىقى بىلە‌ن زىچ باغلىنىشلىق (‏مە‌تتا 13:‏4—‏8‏)‏.‏ ئە‌يسا تارىختىكى ئە‌ڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئۇ‌ستاز بولسىمۇ،‏ كۆپ ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌نى تىڭشىمىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئادە‌ملە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلمىسا،‏ كۆڭلىمىز سوۋۇ‌پ كە‌تمە‌سلىكى كېرە‌ك.‏

19.‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

19 ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلساق،‏ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋە‌ز قىلىشتىن خۇ‌شاللىق تاپىمىز.‏ شۇ‌نداقلا باشقىلارغا بە‌رگە‌نلىكتىن،‏ ئۆزىمىزنى بە‌ختلىك سېزىمىز ۋە «مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا يېتە‌كلە‌يدىغان ھە‌قىقە‌تنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل كىشىلە‌رنىڭ» شۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىشىغا ياردە‌م بېرىمىز (‏ئە‌لچى.‏ 13:‏48‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ «بىزدە پۇ‌رسە‌ت بار ئىكە‌ن،‏ ھە‌ممىسىگە،‏ … ياخشىلىق قىلايلى» (‏گالاتىيا.‏ 6:‏10‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ ئاسماندىكى ئاتىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرۈپ،‏ قە‌لبىمىز شاد-‏خۇ‌راملىققا تولىدۇ!‏—‏مە‌تتا 5:‏16‏.‏

141-‏ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدە‌يمىز

a ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رنىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ خىزمە‌تتە كۆپرە‌ك خۇ‌شاللىق تاپالايمىز ۋە كۆپرە‌ك كىشىلە‌ر خۇ‌شخە‌ۋە‌رنى ياخشىراق تىڭشىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ ماقالىدە بىز ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز ھە‌م ۋە‌ز خىزمىتىدە ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىمىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز تۆت مە‌سلىھە‌تكە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىمىز.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ ئىچى ئاغرىش.‏ بۇ ئايە‌تتىكى ‏«ئىچى ئاغرىش»‏ دېگە‌ن سۆز ئازاب چېكىۋاتقانلارغا ياكى خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغانلارغا رە‌ھىمدىل بولۇ‌ش ۋە ھېسداشلىق قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ ھېس-‏تۇ‌يغۇ ئادە‌منى باشقىلارغا قولدىن كېلىشىچە ياردە‌م بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏ئىنگل.‏)‏ 2014-‏يىل،‏ 15-‏ماي سانىدىكى «‏ۋە‌ز خىزمىتىدە «ئالتۇ‌ن قائىدىگە» ئە‌مە‌ل قىلايلى‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏