مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

10-‏تە‌تقىق ماقالىسى

چۆمۈلدۈرۈلۈشىمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

چۆمۈلدۈرۈلۈشىمگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

‏«ئۇ ھارۋىنى توختىتىشنى بۇ‌يرۇ‌دى.‏ ھە‌ر ئىككىسى،‏ فىلىپ بىلە‌ن ئە‌مە‌لدار چۈشۈپ،‏ سۇ‌غا كىردى ۋە فىلىپ ئۇ‌نى چۆمۈلدۈردى».‏—‏ئە‌لچى.‏ 8:‏38‏.‏

7-‏ناخشا يە‌ھۋاغا ئۆزىنى بېغىشلاش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا نېمىدىن ئايرىلدى ۋە ئۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولدى؟‏

 نېمە ياخشى،‏ نېمە يامان،‏ بۇ‌نىڭغا ئۆلچە‌منى كىم بە‌لگىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ياخشى بىلە‌ن ياماننى تونۇ‌تىدىغان دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى يېگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىنى ھۆرمە‌تلىمىگە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌نىدى.‏ ئۇ‌لار نېمىنىڭ يامان،‏ نېمىنىڭ ياخشى ئىكە‌نلىكىگە ئۆزلىرى ئۆلچە‌منى بە‌لگىلە‌شنى تاللىغان (‏يارىت.‏ 3:‏22‏)‏.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار نېمىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭە.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىدىن ۋە مە‌ڭگۈ ياشاش پۇ‌رسىتىدىن ئايرىلغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانا ئە‌ۋلاتلىرىغا گۇ‌ناھ بىلە‌ن ئۆلۈمنى قالدۇ‌ردى (‏رىملىقلار 5:‏12‏)‏.‏ ئۇ‌لارنىڭ قارارى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت ئېلىپ كە‌لدى.‏

ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌ندىن كېيىن يفىئوپىيالىك ئە‌مە‌لدار دە‌ررۇ چۆمدۈرۈلۈشنى خالىدى (‏2،‏ 3-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارغا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئۇ نېمە قىلغان؟‏ (‏2)‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نلە‌ر قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىدۇ ۋە بىز قايسى سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

2 فىلىپ ئېفىئوپىيىلىك ئە‌مە‌لدارغا ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئۇ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىغا تامامە‌ن ئوخشىمايدىغان باشقىچە ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏ ئە‌مە‌لدار يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئۇ‌نىڭغا قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغانلىقتىن،‏ دە‌رھال چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌نىدى (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏34—‏38‏)‏.‏ ھاياتىمىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ شۇ ئە‌مە‌لدارغا ئوخشاش چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە،‏ بىزمۇ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يساغا بارچە ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ شۇ‌نداقلا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە نېمىنىڭ ياخشى،‏ نېمىنىڭ يامان ئىكە‌نلىكىگە پە‌قە‌تلا ئۇ ئۆلچە‌م بە‌لگىلە‌يدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز.‏

3 يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىن كېلىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا ئايرىلغان نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە ئېرىشە‌لە‌يمىز،‏ مە‌سىلە‌ن مە‌ڭگۈ ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يمىز.‏ بىز ئە‌يسا مە‌سىھكە ئىشە‌نگە‌نلىكتىن،‏ خۇ‌دا گۇ‌ناھلىرىمىزنى كە‌چۈرۈپ،‏ پاك ۋىجدانغا ئىگە بولىمىز (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏43‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ دۇ‌نياۋىي چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئە‌زاسى بولىمىز ھە‌م بىزنى گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك كۈتىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏14—‏16؛‏ رىملىقلار 8:‏20،‏ 21‏)‏.‏ بۇ بە‌رىكە‌تلە‌ر ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م بولسىمۇ،‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئېفىئوپىيىلىك كىشىدە‌ك جە‌سۇ‌ر ھە‌رىكە‌ت قىلالمايدۇ.‏ ئۇ‌لارغا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە نېمە توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدۇ؟‏ شۇ توسالغۇ‌لارنى قانداق يېڭىشكە بولىدۇ؟‏

توسالغۇ‌لار

بە‌زىلە‌رنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە نېمە توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

ئۆزىگە ئىشە‌نمە‌سلىك (‏4،‏ 5-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

4،‏ 5.‏ ئېۋېرى ۋە ھاھاننا ئىسىملىك ياشلار قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

4 ئۆز-‏ئۆزىگە ئىشە‌نمە‌سلىك.‏ ئېۋېرى ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئاتا-‏ئانىسى —‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى.‏ ئۇ‌نىڭ دادىسى —‏ ئائىلىسىنىڭ كۆيۈمچان ھە‌م جامائە‌تتە ۋە‌زىپىلىرىنى ياخشى ئورۇ‌نلايدىغان ئاقساقال بولغان.‏ لېكىن،‏ ئېۋېرى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن قورقىدۇ.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن دادامدە‌ك ياخشى بولالماي،‏ ئۇ‌نىڭ يۈزىنى يە‌رگە قارىتىشتىن قورقاتتىم».‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياش بۇ‌رادىرىمىز كېلە‌چە‌كتە بېرىلىدىغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلاش قولىدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئويلىغان.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماڭا كۆپچىلىك ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىش،‏ نۇ‌تۇ‌ق ئېيتىش ياكى ۋە‌زلىك ئۇ‌چرىشىشنى ئۆتكۈزۈشنى تاپشۇ‌رۇ‌پ قالارمۇ دە‌پ ئە‌نسىرە‌تتىم».‏

5 18 ياشلىق ھاننا ئۆز-‏ئۆزىگە ھە‌رگىز ئىشە‌نمىگە‌ن.‏ ئۇ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانغان.‏ چۈنكى،‏ ھاننا ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق تۆۋە‌ن پىكىردە بولغان.‏ بە‌زىدە ئۇ ئۆزىنى شۇ‌نچىلىك يامان ھېس قىلغانكى،‏ ھە‌تتا ئۆز-‏ئۆزىنى ئە‌تە‌ي يارىلاندۇ‌رغان.‏ بىراق،‏ بۇ‌نىڭدىن ئۆزىنى تېخىمۇ ناچار ھېس قىلغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن بۇ قىلغانلىرىم ھە‌ققىدە ھېچكىمگە ئېيتمىدىم،‏ ھە‌تتا ئاتا-‏ئاناممۇ ھېچنە‌رسە بىلمە‌يتتى.‏ ئۆزۈمنى زە‌خمىلە‌ندۈرگە‌نلىكىم ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىسى بولۇ‌شۇ‌منى خالىمايدۇ دە‌پ ئويلىدىم».‏

دوستلارنىڭ تە‌سىرى (‏6-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

6.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈش ۋانېسسا ئۈچۈن نېمىشقا قىيىن بولغان؟‏

6 دوستلارنىڭ تە‌سىرى.‏ 22 ياشلىق ۋانېسسا شۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «كىچىكىمدىن بىلىدىغان بىر دوستۇ‌م بار ئىدى.‏ مە‌ن ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئون يىلدە‌ك دوست بولغان ئىدىم».‏ ئە‌مما دوستى ۋانېسسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش مە‌قسىتىگە قارشى بولغان.‏ بۇ ۋانېسساغا ئېغىر كە‌لگە‌ن.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ماڭا بىرسى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش بە‌كمۇ قىيىن.‏ ئە‌گە‌ر دوستۇ‌مدىن ئايرىلىپ قالسام،‏ ھە‌رگىزمۇ باشقا دوست تاپالمايمە‌ن دە‌پ ئە‌نسىرە‌يتتىم».‏

گۇ‌ناھ قىلىشتىن قورقۇ‌ش (‏7-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

7.‏ ماكايلا دېگە‌ن قىز نېمىدىن قورققان ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 گۇ‌ناھ قىلىپ قويۇ‌شتىن قورقۇ‌ش.‏ ئاكىسى جامائە‌تتىن چىقىرىلغاندا،‏ ماكايلا بە‌ش ياشتا ئىدى.‏ ئۇ ئاكىسىنىڭ قىلغانلىرى ئاتا-‏ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئاغرىتىدىغانلىقىنى ھە‌ردائىم كۆرگە‌نىدى.‏ «چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسام،‏ جامائە‌تتىن چىقىرىلىپ،‏ ئاتا-‏ئانامنىڭ دە‌ردىگە يە‌نە بىر دە‌رد قوشىمە‌ن دە‌پ قورقتۇ‌م»،‏—‏ دە‌يدۇ ماكايلا.‏

قارشىلىقتىن قورقۇ‌ش (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ e

8.‏ مايلىس نېمىدىن قورققان؟‏

8 قارشىلىقتىن قورقۇ‌ش.‏ مايلىس ئىسىملىك يىگىتنىڭ ئاتا-‏ئانىسى ئاجرىشىپ كە‌تكە‌ن.‏ ئاتىسى بىلە‌ن ئۆگە‌ي ئانىسى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلغان،‏ بىراق ئۆز ئانىسى گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئىدى.‏ مايلىس مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «مە‌ن ئاپام بىلە‌ن 18 يىل تۇ‌ردۇ‌م.‏ ئۇ‌نىڭغا چۆمۈلدۈرۈلمە‌كچى بولغىنىمنى ئېيتىشقا پېتىنالمىدىم.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ دادام ھە‌قىقە‌تنى تونۇ‌غاندا،‏ ئاپامنىڭ قارشى بولغانلىقىنى كۆرگە‌نىدىم.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولىمە‌ن دېسە‌م،‏ ئۇ ماڭىمۇ قارشى چىقىشىدىن قورققان ئىدىم».‏

قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش

9.‏ يە‌ھۋانىڭ سە‌ۋىرچانلىقى بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش سىزنى نېمە قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

9 ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا يە‌ھۋاغا بولغان چوڭقۇ‌ر مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى يېتىلدۈرمىگە‌ن،‏ شۇ‌ڭا ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلماسلىقنى قارار قىلغانىدى.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا بالىلىق بولۇ‌پ،‏ ئۆز بالىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە تە‌ربىيە بېرىشى ئۈچۈن يېتە‌رلىك ۋاقىت ياشىشىغا يول قويغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا چىقارغان قارارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇ‌لارنىڭ ئە‌خمە‌قلىقى ئېنىق كۆرۈنگە‌ن.‏ ئۇ‌لارنىڭ تۇ‌نجى ئوغلى قابىل بىگۇ‌ناھ ئىنىسى ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋە‌تكە‌ن.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ پۈتۈن ئىنسانىيە‌تنى زوراۋانلىق ۋە شە‌خسىيە‌تچىلىك چىرماۋالغانىدى (‏يارىت.‏ 4:‏8؛‏ 6:‏11—‏13‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ يە‌ھۋا ئۆزىگە خىزمە‌ت قىلغۇ‌سى كېلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى قۇ‌تۇ‌لدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يول ئاچقان (‏يۇ‌ھاننا 6:‏38—‏40،‏ 57،‏ 58‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سە‌ۋىرچانلىقى بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرىدىغان بولىسىز.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ چاغدا ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا تاللىغان يول بىلە‌ن ماڭماي،‏ ئە‌كسىچە ھاياتىڭىزنى يە‌ھۋاغا بېغىشلىغىڭىز كېلىدىغاندۇ.‏

قىيىنچىلىقلارنى قانداق يە‌ڭسە‌ك بولىدۇ؟‏

‏(‏9،‏ 10-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ f

10.‏ زە‌بۇ‌ر 19:‏7دىكى سۆزلە‌ر ھە‌ققىدە ئويلىنىش يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق داۋاملىق بىلىم ئېلىڭ.‏ يە‌ھۋانى يېقىنراق تونۇ‌پ بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش قولۇ‌ڭىزدىن كېلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىلىك بولىسىز.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئېۋېرى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7-‏ئايە‌تتە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ يېزىلغان ۋە‌دىنى ئوقۇ‌پ ۋە ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان بولدۇ‌م».‏ يە‌ھۋا ۋە‌دىسىنى قانداق ئورۇ‌نلىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئېۋېرىنىڭ خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى تېخىمۇ كۈچە‌يدى.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىزنى ئۆزىمىزگە ئىشە‌نچىلىك قىلىپلا قويماي،‏ ئە‌ڭ ئاۋۋال يە‌ھۋا ۋە ئۇ‌نىڭ ئىرادىسى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ھاننا بولسا مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ ئىزدە‌نگە‌ندە بىر نە‌رسىنى چۈشە‌ندىم.‏ مە‌ن ئۆزۈمنى يارىلاندۇ‌رغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭمۇ يۈرىكىنى يارىلايمە‌ن» (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ ھاننا بىلگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىپ،‏ خۇ‌دا سۆزىنىڭ «ئە‌مە‌لىي ئىجرا قىلغۇ‌چى» بولغانىدى (‏ياقۇ‌پ 1:‏22‏)‏.‏ بۇ‌نىڭ نە‌تىجىسى قانداق بولغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ كۆپ ياخشى كۆرۈشكە باشلىدىم.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمىگە موھتاج بولغاندا،‏ ئۇ ماڭا چوقۇ‌م يار-‏يۆلە‌ك بولىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىم كامىل».‏ ھاننا ئۆزىنى زە‌خمىلە‌ندۈرۈش ئادىتنى تاشلىغان.‏ ئۇ ھاياتىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن.‏

‏(‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ g

11.‏ ۋانېسسا ياخشى دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن نېمە قىلغان ۋە بىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالساق بولىدۇ؟‏

11 ياخشى دوستلارنى تاللاڭ.‏ ۋانېسسانىڭ دوستى ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا توسالغۇ بولغان.‏ بۇ‌نى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ دوستى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىنى ئۈزگە‌نىدى.‏ بۇ‌نىڭ بىلە‌ن چە‌كلىنىپ قالماي،‏ يە‌نە ئۇ جامائە‌تتە دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان.‏ ئۇ‌نىڭغا نۇ‌ھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۈلگىسى ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ «بۇ ئائىلە يە‌ھۋانى ياخشى كۆرمىگە‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ ئارىسىدا ياشىغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن يېقىن ئارىلاشقان»،‏—‏ دە‌يدۇ ۋانېسسا.‏ ئۇ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ پىدائىي ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىشنى باشلىغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭغا پە‌قە‌ت ئۆزىنىڭ جامائىتىدە ئە‌مە‌س،‏ باشقىمۇ جامائە‌تلە‌ردىن ياخشى دوستلارنى تېپىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌نىدى.‏ سىزمۇ يە‌ھۋا تاپشۇ‌رغان ئىشقا مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك قاتناشسىڭىز،‏ ياخشى دوستلارنى تاپالايسىز.‏—‏مە‌تتا 24:‏14‏.‏

‏(‏12—‏15 ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ h

12.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىغا قانداق قورقۇ‌نچ كە‌م بولغان ۋە بۇ‌نىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟‏

12 خۇ‌دادىن قورقۇ‌شنى ئ‍ۆگ‍ىنىڭ.‏ قورقۇ‌نۇ‌چنىڭ بە‌زى تۈرلىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز خۇ‌دانى رە‌نجىتىشتىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌ك (‏زە‌بۇ‌ر 111:‏10‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانىدا شۇ‌نداق قورقۇ‌نچ بولغان بولسا،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋادىن يۈز ئۆرمە‌يتتى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋاغا قارشى چىققان.‏ كېيىن،‏ كۆزلىرى ئېچىلىپ،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ گۇ‌ناھكار ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ن.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار بالىلىرىغا پە‌قە‌ت گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنى قالدۇ‌رالىغان.‏ ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا-‏ئانا قانداق ئە‌ھۋالغا چۈشكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ يالىڭاچ ئىكە‌نلىكىدىن خىجىل بولۇ‌پ،‏ ئۆزلىرىنى ئە‌نجۈر يوپۇ‌رمىقى بىلە‌ن يېپىۋالغان.‏—‏يارىت.‏ 3:‏7،‏ 21‏.‏

13،‏ 14.‏ (‏1)‏ 1-‏پېترۇ‌س 3:‏21-‏ئايىتىگە ئاساسە‌ن،‏ نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر بار؟‏

13 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز يە‌ھۋانى رە‌نجىتىشتىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌ك،‏ لېكىن ئۆلۈمدىن قورقۇ‌شنىڭ ھاجىتى يوق.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ مە‌ڭگۈ ياشىشىمىزغا مۇ‌مكىنچىلىك بە‌رگە‌ن.‏ گۇ‌ناھ قىلىپ قويساق،‏ ئە‌مما چىن يۈرە‌كتىن توۋا قىلساق،‏ يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈشكە تە‌ييار.‏ ئۇ بىزنى ئوغلىنىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىغا بولغان ئېتىقادىمىزنىڭ ئاساسىدا كە‌چۈرىدۇ.‏ ئېتىقادىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى —‏ خۇ‌داغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 3:‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

14 بىزدە يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە كۆپ سە‌ۋە‌بلە‌ر بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ھە‌ر كۈنى خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن،‏ ئۇ بىزگە ئاجايىپ نە‌رسىلە‌رنى سوۋغات قىلغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئۇ بىزگە ئۆزى ۋە ئۆز مە‌قسە‌تلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگىتىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 8:‏31،‏ 32‏)‏.‏ بىزگە يول-‏يورۇ‌ق كۆرسىتىش ۋە يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ ئۇ جامائە‌تنى تە‌شكىل قىلغان.‏ خۇ‌دا ھازىرنىڭ ئۆزىدە «يۈكلىرىمىزنى كۆتە‌رمە‌كتە» ۋە كېلە‌چە‌كتە مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌پ،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏19؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 21:‏3،‏ 4‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزگە قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقى ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ بىز ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز.‏ يە‌ھۋاغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئۇ‌نى چوڭقۇ‌ر ھۆرمە‌تلە‌شكە ۋە ئۇ‌نىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىدىغان ھە‌رقانداق ئىشتىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

15.‏ ماكايلا گۇ‌ناھ قىلىپ قويۇ‌ش قورقۇ‌نچىدىن قانداق قوتۇ‌لغان؟‏

15 ماكايلا يە‌ھۋانىڭ كە‌چۈرۈمچان ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ گۇ‌ناھ قىلىپ قويۇ‌شتىن قورقمايدىغان بولدى.‏ ئۇ مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرىدۇ:‏ «ھە‌ممىمىز كامىلسىز ۋە ئە‌يىبسىز ئادە‌م يوق.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزنى سۆيىدۇ.‏ ئۇ بىزنى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ ئاساسىدا كە‌چۈرىدىغانلىقىنى چۈشە‌ندىم».‏ ماكايلانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئۇ‌نى ھاياتىنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏

‏(‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ i

16.‏ مايلىسقا ئانىسىنىڭ قارشى تۇ‌رۇ‌شىدىن قورقۇ‌شنى يېڭىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

16 چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشىگە ئانىسى قارشى چىقىدۇ،‏ دە‌پ قورققان مايلىس رايۇ‌نغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالدىن مە‌سلىھە‌ت سورىغان.‏ «ئۇ‌نىڭمۇ ئاپىسى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئە‌مە‌س ئىكە‌ن.‏ ئۇ دادامنىڭ مە‌جبۇ‌رلىشى بىلە‌ن ئە‌مە‌س،‏ ئۆز ئىختىيارىم بىلە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكۈم كېلىدىغانلىقىنى ئاپامغا قانداق چۈشە‌ندۈرۈشكە بولىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىنىشقا ياردە‌م بە‌ردى»،‏—‏ دە‌پ بۆلۈشتى مايلىس.‏ ئانىسى ئۇ‌نىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش قارارىنى ياقتۇ‌رمىغانىدى.‏ ئاخىرىدا مايلىسقا ئۆيدىن كېتىشكە توغرا كە‌لگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ قارارىدىن قايتمىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يە‌ھۋانىڭ مە‌ن ئۈچۈن قىلغان ھە‌ممە ياخشىلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ يۈرىكىم مىننە‌تدارلىققا تولدى.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلانغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا كۆزۈم يە‌تتى.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھاياتىمنى يە‌ھۋاغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلدىم».‏

قارارىڭىزدا چىڭ تۇ‌رۇ‌ڭ

يە‌ھۋانىڭ ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننە‌تدار ئىكە‌نلىكىمىزنى كۆرسىتە‌لە‌يمىز (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ ھە‌ممىمىز نېمىنى ئىسپاتلىيالايمىز؟‏

17 ئېرە‌م بېغىدىكى دە‌رە‌خنىڭ مېۋىسىنى يېگە‌ندە،‏ ھاۋا-‏ئانا ئاسماندىكى ئاتىسىدىن ئۈز ئۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا قارشى چىققان.‏ ئادە‌م ئاتىمۇ ئۇ‌نىڭغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە ياخشىلىقىنىڭ قە‌درىگە يە‌تمە‌ي،‏ مىننە‌تدارلىقى يوق ئىكە‌نلىكىنى ئىپادىلىگە‌ن.‏ ھە‌ربىرىمىز ئادە‌م-‏ئاتا بىلە‌ن ھاۋا ئانىغا ئوخشىمايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز.‏ بىز يە‌ھۋاغا ھە‌ممە ئىشلىرى ئۈچۈن مىننە‌تدار.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ندە،‏ بىز پە‌قە‌ت يە‌ھۋا نېمە ياخشى،‏ نېمە يامان ئىكە‌نلىكىگە ئۆلچە‌م بە‌لگىلە‌يدىغان ھوقۇ‌قى بارلىقىنى لىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئاتىمىزغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئىشە‌نچىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏

18.‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتا ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

18 بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندىن كېيىنمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇ‌رىمىز.‏ مىليونلىغان ئادە‌ملە‌ر بۈگۈنكى كۈندە شۇ‌نداق ياشاۋاتىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى چۈشىنىشكە تىرىشسىڭىز،‏ قېرىنداشلار بىلە‌ن داۋاملىق ئارىلاشسىڭىز ۋە كۆيۈمچان ئاتىڭىز يە‌ھۋا ھە‌ققىدە باشقىلارغا ئېيتسىڭىز،‏ سىزمۇ ئۇ‌لارنىڭ قاتارىغا قوشۇ‌لۇ‌پ،‏ بە‌ختلىك ھايات كە‌چۈرە‌لە‌يسىز (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ قارارلارنى چىقىرغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ۋە تە‌شكىلات ئارقىلىق بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلىرىگە قۇ‌لاق سېلىڭ (‏يە‌شايا 30:‏21‏)‏.‏ شۇ چاغدا ھە‌ممە ئىشىڭىزدا ئۇ‌تۇ‌ق قازىنىسىز!‏—‏پە‌ند.‏ نە 16:‏3،‏ 20‏.‏

19.‏ نېمىنى تونۇ‌پ يېتىش كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

19 يە‌ھۋانىڭ يول-‏يورۇ‌قى بويىچە ھايات كە‌چۈرۈشنىڭ ئۆزىڭىزگە قانچىلىك پايدىلىق ئىكە‌نلىكىنى تونۇ‌پ يە‌تسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆلچە‌ملىرىگە بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببتىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.‏ شۇ چاغدا،‏ شە‌يتان يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلماسلىقىڭىز ئۈچۈن مە‌يلى قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلسۇ‌ن،‏ سىزنى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشتىن توسۇ‌پ قالالمايدۇ.‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ،‏ مىڭ يىلدىن كېيىن،‏ ئۆزىڭىزنىڭ دە‌سلە‌پتە خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلىپ ئە‌ڭ ياخشى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بە‌كمۇ خۇ‌شال بولىسىز!‏

27-‏ناخشا يە‌ھۋا تە‌رە‌پتە تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

a ‏«چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتە‌يمۇ،‏ ئۆتمە‌يمۇ؟‏» بۇ —‏ ھاياتتىكى ئە‌ڭ مۇ‌ھىم قارار.‏ بۇ‌نىڭ سە‌ۋە‌بىنى مۇ‌شۇ ماقالىدىن بىلىۋالىمىز.‏ بۇ ماقالە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشتىن قورقىدىغانلارغا شۇ قە‌دە‌منى بېسىشقا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىۋاتقان ئوي-‏پىكىرلە‌رنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئۆزىگە ئىشە‌نمە‌سلىك.‏ ياش يىگىت يىغىلىشتا جاۋاب بېرىشتىن خىجىل بولغاچقا،‏ شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ دوستلار.‏ ياش قېرىنداش گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س دوستى بىلە‌ن كېتىۋېتىپ،‏ باشقا قېرىنداشلارنى كۆرگە‌ندە،‏ خىجىل بولۇ‌پ قالدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شتىن پە‌خىرلىنىشنى ئۆگە‌ندى.‏

d سۈرە‌تتە:‏ گۇ‌ناھ قىلىشتىن قورقۇ‌ش.‏ ئاكىسى جامائە‌تتىن چىقىرىلىپ،‏ ئۆيدىن كە‌تكە‌ندە،‏ كىچىك قىزمۇ شۇ‌نداق بولىمە‌ن دە‌پ قورقتى.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى كۈچە‌يتىپ،‏ كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏

e سۈرە‌تتە:‏ قارشىلىق.‏ گۇ‌ۋاھچى ئە‌مە‌س ئاپىسى تىكىلىپ قاراپ ئولتارغاندا،‏ ياش بالا دۇ‌ئا قىلىشتىن قورقىدۇ.‏ كېيىنرە‌ك ئۇ غە‌يرە‌تكە تولۇ‌پ،‏ كۆز قارىشىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏

f سۈرە‌تتە:‏ قارشىلىق.‏ ياش بالا غە‌يرە‌تكە تولۇ‌پ،‏ كۆزقارىشىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏

g سۈرە‌تتە:‏ ئۆزىگە ئىشە‌نمە‌سلىك.‏ ياش يىگىت شە‌خسىي تە‌تقىق قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاۋاتىدۇ.‏

h سۈرە‌تتە:‏ دوستلار.‏ ياش قېرىنداش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شتىن پە‌خىرلىنىشنى ئۈگە‌ندى.‏

i سۈرە‌تتە:‏ گۇ‌ناھ قىلىشتىن قورقۇ‌ش.‏ كىچىك قىز خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى كۈچە‌يتىپ،‏ كېيىن چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتتى.‏