مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

11-‏تە‌تقىق ماقالىسى

يە‌ھۋانىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىڭ

يە‌ھۋانىڭ ئاۋازىغا قۇ‌لاق سېلىڭ

‏«بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م،‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭلار!‏».‏‏—‏مە‌تتا 17:‏5‏.‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا ئادە‌ملە‌رگە ئوي-‏پىكىرلىرىنى قانداق يە‌تكۈزگە‌ن؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

 يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۆتمۈشتە ئۇ ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئادە‌ملە‌رگە پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر،‏ پە‌رىشتىلە‌ر ۋە ئۆزىنىڭ ئوغلى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق يە‌تكۈزگە‌ن (‏ئاموس 3:‏7؛‏ گالاتىيا.‏ 3:‏19؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 1:‏1‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ ئۇ بىز بىلە‌ن ئۆزىنىڭ سۆزى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ.‏ ئۇ بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى سوۋغات قىلىپ،‏ ئۆزىنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ۋە ھە‌رىكە‌ت قىلىش يوللىرىنى چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏

2 ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ئۈچ قېتىم سۆزلىگە‌ن.‏ شۇ ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە يە‌ھۋانىڭ نېمە ئېيتقانلىقىنى،‏ سۆزلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى ۋە بىز قانداق پايدا-‏مە‌نپە‌ئە‌ت تاپىدىغانلىقىمىزنى كۆرە‌يلى.‏

‏«سە‌ن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م»‏

3.‏ ماركۇ‌س 1:‏9—‏11-‏ئايە‌تلە‌ردىن بىلگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا نېمە دېگە‌ن؟‏ بۇ سۆزلە‌ردىن ئە‌يسا توغرىسىدا قايسى مۇ‌ھىم ئۈچ ھە‌قىقە‌تنى بىلىمىز؟‏

3 ماركۇ‌س 1:‏9—‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئاسماندىن سۆزلىگە‌ن بىرىنچى ۋە‌قە‌لىك يېزىلغان.‏ ئۇ ئە‌يساغا:‏ «سە‌ن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م.‏ مە‌ن سە‌ندىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌نىدى.‏ ئاسماندىكى ئاتىسىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئە‌يسانىڭ يۈرىكى خۇ‌شاللىققا تولغان.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىدىن ئە‌يسا توغرىسىدا مۇ‌ھىم ئۈچ ھە‌قىقە‌تنى بىلىمىز.‏ بىرىنچىسى،‏ ئە‌يسا —‏ خۇ‌دانىڭ ئوغلى.‏ ئىككىنچىسى،‏ يە‌ھۋا ئوغلىنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۈچىنچىسى،‏ يە‌ھۋا ئوغلىدىن رازى.‏ كېلىڭلار،‏ بۇ ئۈچ ۋە‌زىيە‌تنى تە‌پسىلىيراق كۆرۈپ چىقايلى.‏

4.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ ئە‌يسا قايسى مە‌نىدە خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولغان؟‏

4 ‏«سە‌ن مېنىڭ … ئوغلۇ‌م».‏ بۇ سۆزلە‌ر يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسانىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە يېڭى بىر مۇ‌ناسىۋە‌ت پە‌يدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ قايسى مە‌نىدە؟‏ ئە‌يسا ئاسماندا بولغاندا خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولغان ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ھە‌ئە،‏ شۇ‌نداق بولغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ يېڭى مە‌نىدە خۇ‌دانىڭ ئوغلى بولغان.‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنىپ،‏ ئاسمانغا قايتىپ،‏ پادىشاھ ۋە باش روھانىي بولۇ‌ش ئۈمىدىگە ئىگە بولغان (‏لۇ‌قا 1:‏31—‏33؛‏ ئىبرانىي.‏ 1:‏8،‏ 9؛‏ 2:‏17‏)‏.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئە‌يسا سۇ‌دىن چىققاندا يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «سە‌ن مېنىڭ … ئوغلۇ‌م»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 3:‏22‏.‏

باشقىلار بىزنى ماختىغاندا،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىمىز (‏5-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

5.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رازىلىقنى بىلدۈرۈشتە يە‌ھۋادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

5 ‏«سە‌ن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م».‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە رازىلىقنى بىلدۈرۈشتە يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ بىزمۇ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌شنى خالايمىز (‏يۇ‌ھاننا 5:‏20‏)‏.‏ بىرسى بىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى بىلدۈرۈپ،‏ ياخشى ئىشىمىز ئۈچۈن ماختىسا،‏ خۇ‌شال بولۇ‌پ قالىمىز.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار ۋە ئۆيۈمىزدىكىلە‌رمۇ بىزنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز بىلە‌ن ئىللىق سۆزلىرىمىزگە موھتاج.‏ بىز باشقىلارنى ماختىغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌پ،‏ يە‌ھۋاغا سادىق خىزمە‌ت قىلىشىغا ياردە‌م بېرىمىز.‏ بولۇ‌پمۇ ئاتا-‏ئانىلار بالىلىرىنى ماختىشى كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار بالىلىرىنى چىن يۈرە‌كتىن ماختاپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تسە،‏ بالىلارنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

6.‏ ئە‌يساغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ؟‏

6 ‏«مە‌ن سە‌ندىن رازىمە‌ن».‏ يە‌ھۋانىڭ خۇ‌دانىڭ بۇ سۆزلىرى،‏ ئۇ‌نىڭ ئىرادىسىنى ئە‌يسانىڭ چوقۇ‌م ئورۇ‌نلايدىغانلىقىغا ئىشە‌نگە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋا ئوغلىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نسە،‏ يە‌ھۋانىڭ ھە‌ممە ۋە‌دىلىرىنى ئە‌يسا ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رىدىغانلىقىغا بىزمۇ ئىشە‌نسە‌ك بولىدۇ (‏2-‏كورىنت.‏ 1:‏20‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۈلگىسى ھە‌ققىدە ئويلانغاندا،‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئۇ‌نىڭ يولى بىلە‌ن مېڭىشنى تېخىمۇ خالايمىز.‏ يە‌ھۋا ئە‌يساغا ئىشە‌نگە‌ندە‌ك،‏ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگىمۇ شۇ‌نچىلىك ئىشە‌نچىلىك.‏ ئۇ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ خە‌لق سۈپىتىدە ئوغلىدىن داۋاملىق ئۆگىنىدىغانلىقىغا گۇ‌مان قىلمايدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏.‏

‏«ئۇ‌نى تىڭشاڭلار»‏

7.‏ مە‌تتا 17:‏1—‏5-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا ئاسماندىن قاچان سۆزلىگە‌ن ۋە ئۇ نېمە دېگە‌ن؟‏

7 مە‌تتا 17:‏1—‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئىككىنچى قېتىم يە‌ھۋا خۇ‌دا ئاسماندىن ئە‌يسانىڭ ‹قىياپىتى ئۆزگە‌رگە‌ندە› سۆزلىگە‌ن.‏ ئە‌يسا ئۆزى بىلە‌ن پېترۇ‌س،‏ ياقۇ‌پ ۋە ئۇ‌نىڭ قېرىندىشى يۇ‌ھاننانى ئېلىپ،‏ ئېگىز بىر تاققا چىققانىدى.‏ شۇ يە‌ردە شاگىرتلىرى ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈشنى كۆردى.‏ ئە‌يسانىڭ يۈزى قۇ‌ياشتە‌ك پارلاپ،‏ ئۇ‌نىڭ كىيىمى نۇ‌ردە‌ك چاقناتتى.‏ مۇ‌سا بىلە‌ن ئىلياس پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رگە ئوخشاش ئىككى كىشى پە‌يدا بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمى ھە‌م تىرىلىشى ھە‌ققىدە سۆزلە‌شتى.‏ ئۈچ ئە‌لچىنى ئۇ‌يقا باسقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇ‌يقاق پە‌يتىدە كۆرگە‌نىدى (‏لۇ‌قا 9:‏29—‏32‏)‏.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لارنى نۇ‌ر چاقناپ تۇ‌رغان بۇ‌لۇ‌ت قاپلاپ،‏ بۇ‌لۇ‌تنىڭ ئىچىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.‏ بۇ خۇ‌دانىڭ ئاۋازى ئىدى.‏ ئە‌يسا چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندە ئېيتقاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا يە‌نە بىر قېتىم ئوغلىنى سۆيىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ:‏ «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇ‌م،‏ ئۇ‌نىڭدىن خۇ‌رسە‌نمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ لېكىن،‏ بۇ قېتىم يە‌ھۋا:‏ «ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭلار!‏»—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنىمۇ قىلغان.‏

8.‏ تاغدىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈش ئە‌يساغا ۋە شاگىرتلىرىغا قانداق تە‌سىر قىلغان؟‏

8 بۇ كۆرۈنۈش ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغاندا قانداق كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت ۋە شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا شۇ كۆرۈنۈشتىن ئىلھام ئېلىپ،‏ كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا ۋە ئازابلىق ئۆلۈمگە بە‌رداشلىق بېرىشكە تە‌ييار بولغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىزدۇ‌ر.‏ تاغدىكى ئاجايىپ كۆرۈنۈش شاگىرتلارنىڭمۇ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنى ئالدىدىكى سىناقلاردا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا ۋە تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلىشقا تە‌ييارلىغان.‏ ئە‌يسانىڭ قىياپىتىنىڭ ئۆزگە‌رگە‌نلىكى ئە‌لچى پېترۇ‌سقا شۇ‌نچىلىك تە‌سىر قىلغانكى،‏ ئۇ تە‌خمىنە‌ن 30 يىلدىن كېيىنمۇ شۇ ۋە‌قە‌نى ئۆز خېتىدە تىلغا ئالغان.‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏16—‏18‏.‏

9.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا قانداق پايدىلىق نە‌سىھە‌تلە‌ر بە‌رگە‌ن؟‏

9 ‏«ئۇ‌نىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىڭلار!‏».‏ يە‌ھۋا ئوغلىنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىشىمىزنى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقى ئېنىق.‏ ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا كۆپ مۇ‌ھىم نە‌رسىلە‌رنى ئېيتقان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ شاگىرتلىرىغا ۋە‌ز قىلىشنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۆگە‌تكە‌ن ۋە ھوشىيار بولۇ‌شنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى قايتا-‏قايتا ئۇ‌لارنىڭ ئېسىگە سالغان (‏مە‌تتا 24:‏42؛‏ 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ شاگىرتلىرىنى تار ئىشىكتىن كىرىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىشقا ئۈندىگە‌ن ۋە ھېچقاچان بە‌ل قويۋە‌تمە‌سلىككە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 13:‏24‏)‏.‏ ئە‌يسا بىر-‏بىرىنى سۆيۈش،‏ ئىناق-‏ئىتتىپاق بولۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 15:‏10،‏ 12،‏ 13‏)‏.‏ شاگىرتلىرىغا بە‌رگە‌ن نە‌سىھە‌تلە‌ر ناھايىتى پايدىلىق بولغان.‏ بۇ نە‌سىھە‌تلە‌رنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ پايدىسى زور.‏

10،‏ 11.‏ ئە‌يساغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىمىزنى قانداق ئىسپاتلىيالايمىز؟‏

10 ئە‌يسا:‏ «كىمكى ھە‌قىقە‌تتە تۇ‌رسا،‏ مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 18:‏37‏)‏.‏ بىز بىر-‏بىرىمىزگە سە‌ۋرچان بولۇ‌پ،‏ چىن قە‌لبىمىزدىن كە‌چۈرسە‌ك،‏ ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قولاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز (‏كولوسى.‏ 3:‏13؛‏ لۇ‌قا 17:‏3،‏ 4‏)‏.‏ «قولايلىق ۋاقىتتا ۋە قولايسىز ۋاقىتتا» قىزغىن ۋە‌ز قىلغاندىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايمىز.‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏2‏.‏

11 ئە‌يسا:‏ «مېنىڭ قويلىرىم ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 10:‏27‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۇ‌نى تىڭشاپلا قويماي،‏ بە‌لكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ ئۇ‌لار «تۇ‌رمۇ‌شنىڭ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرى» بىلە‌ن بىخۇ‌دلاشمايدۇ (‏لۇ‌قا 21:‏34‏)‏.‏ ئە‌كسىچە،‏ ھە‌تتا قىيىن ۋە‌زىيە‌تلە‌رگە دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سېلىش ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ كۆپ قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر سىناقلارغا دۇ‌چ كېلىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار دۈشمە‌نلە‌رنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە ئۇ‌چرىماقتا،‏ كە‌مبە‌غە‌للىكنىڭ دە‌ردىنى تارتماقتا ياكى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر تۈپە‌يلى قىيىنچلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرمە‌كتە.‏ ئېتىقادداشلىرىمىز مە‌يلى قانداق قىيىن ئە‌ھۋالغا دۇ‌چ كە‌لسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قالىدۇ.‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى:‏ «كىم مېنىڭ ئە‌مىرلىرىمنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌لارغا ئە‌مە‌ل قىلسا،‏ ئۇ مېنى سۆيىدۇ.‏ مېنى سۆيگە‌ن كىشىنى ئاتام سۆيىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 14:‏21‏.‏

ۋە‌ز خىزمىتىمىز ئە‌يسانى سۆزىگە قولاق سېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ (‏12-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ c

12.‏ ئە‌يسانى سۆزىگە قۇ‌لاق سالىدىغانلىقىمىزنى يە‌نە قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

12 ئە‌يسانىڭ سۆزىگە قولاق سالغانلىقىمىزنى كۆرسىتىشنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ تە‌شكىلاتتا يېتە‌كچىلىك قىلدىغانلار بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏ 7،‏ 17‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتىدا يىقىنقى يىللاردىن بويان كۆپ ئۆزگىرىشلە‌ر بولدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋە‌ز خىزمىتىدە قوللىنىدىغان يېڭى قوراللار ۋە ئۇ‌سۇ‌للار،‏ ھە‌پتە ئارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىلىش،‏ ئىبادە‌ت زاللىرىنى سېلىش،‏ رېمونت قىلىش ۋە ئۇ‌لارنى ئاسراپ تۇ‌تۇ‌ش ھە‌ققىدە يېڭى ئۆزگۈرۈشلە‌ر بار.‏ بىز پايدىمىز ئۈچۈن بېرىلگە‌ن ۋە خۇ‌دا تە‌شكىلاتىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى ئە‌كس ئە‌تتۈرىدىغان شۇ ئۆزگۈرۈشلە‌ر ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار!‏ تە‌شكىلاتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلىرىگە قۇ‌لاق سالغىنىمىز ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بىزگە بە‌رىكە‌ت بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىدىن قانداق پايدا ئالىمىز؟‏

13 ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىدىن كۆپ پايدا ئالالايمىز.‏ ئە‌يسا ئۆز تە‌لىمىنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئارامبە‌خش ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان.‏ ئۇ:‏ «جېنىڭلار ئارام تاپىدۇ.‏ چۈنكى مېنىڭ بويۇ‌نتۇ‌رۇ‌قۇ‌مدا بولۇ‌ش ئاسان ۋە يۈكۈم ئېغىر ئە‌مە‌س»،‏—‏ دېگە‌ن (‏مە‌تتا 11:‏28—‏30‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن،‏ مە‌سىلە‌ن تۆت خۇ‌شخە‌ۋە‌ر كىتابىدىن ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە ۋە‌ز خىزمىتى ھە‌ققىدە ئوقۇ‌ساق،‏ بىزگە ئىلھام ۋە كۈچ بېرىدۇ ھە‌م دانا كىشى بولۇ‌شقا ياردە‌ملىشىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 19:‏7؛‏ 23:‏3‏)‏.‏ ئە‌يسا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «خۇ‌دانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌ل قىلغانلار بە‌ختلىكتۇ‌ر!‏»—‏لۇ‌قا 11:‏28‏.‏

مە‌ن ئىسىمىمنى ئۇ‌لۇ‌غلايمە‌ن

14،‏ 15.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 12:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏،‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تتە يە‌ھۋا ئۈچىنچى قېتىم ئاسماندىن سۆزلىگە‌ن؟‏ (‏2)‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى ئە‌يسانى نېمە ئۈچۈن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا كۈچ بە‌رگە‌ن؟‏

14 يۇ‌ھاننا 12:‏27،‏ 28-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يۇ‌ھاننا بايان قىلغان خۇ‌شخە‌ۋە‌ر كىتابىدا،‏ يە‌ھۋا ئاسماندىن سۆزلىگە‌ن ئۈچىنچى ۋە‌قە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئۆلۈمىگە بىرنە‌چچە كۈن قالغاندا،‏ ئە‌يسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئاخىرقى قېتىم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يېرۇ‌سالىمغا بارغان.‏ شۇ چاغدا،‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «كۆڭلۈم قاتتىق بىئارام بولۇ‌ۋاتىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ كېيىن،‏ يە‌ھۋاغا دۇ‌ئا قىلىپ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتا،‏ ئىسىمىڭنى ئۇ‌لۇ‌غلىغىن!‏» يە‌ھۋا بولسا،‏ ئاسماندىن:‏ «ئۇ‌نى ئۇ‌لۇ‌غلىدىم ۋە يە‌نە ئۇ‌لۇ‌غلايمە‌ن»—‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رگە‌نىدى.‏

15 ئە‌يسانىڭ شۇ‌نچىلىك قاتتىق ئە‌نسىرىشىنىڭ سە‌ۋە‌بى —‏ ئۇ يە‌ھۋاغا بولغان سادىقلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرە‌ك ئىدى.‏ ئۇ رە‌ھىمسىزلارچە قامچىلىنىپ،‏ ئازابلىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا بىلگە‌ن (‏مە‌تتا 26:‏38‏)‏.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ئۈچۈن ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى —‏ ئاتىسىنىڭ ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاش بولغان.‏ ئە‌يسا كۇ‌پۇ‌رلۇ‌ق قىلغۇ‌چى دە‌پ ئە‌يىبلە‌نگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆلۈمى خۇ‌داغا ھاقارە‌ت ئېلىپ كېلىشتىن ئە‌نسىرىگە‌ن.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئە‌يسا ئە‌مدى ئە‌نسىرىمە‌ي،‏ ئاتىسىنىڭ ئىسمى ئۇ‌لۇ‌غلىنىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىلىك بولغان.‏ بۇ سۆزلە‌ر ئە‌يساغا تە‌سە‌للىي بېرىپ،‏ ئالدىدىكى سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ چاغدا يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرىنى پە‌قە‌ت ئە‌يسا چۈشە‌نگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا بۇ سۆزلە‌رنى ھە‌ممىمىز ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏29،‏ 30‏.‏

يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى ئۇ‌لۇ‌غلاپ،‏ خە‌لقىنى قۇ‌تقۇ‌زىدۇ (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

16.‏ نېمە ئۈچۈن بە‌زى ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈپ قويۇ‌شتىن ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

16 ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ بىزمۇ يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا داغ كە‌لتۈرۈشتىن ئە‌نسىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ بىزمۇ ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندىمىز ياكى قارشى چىققۇ‌چىلارنىڭ بىز توغرۇ‌لۇ‌ق تارقاتقان يالغان گە‌پلىرىنى ئاڭلاپ،‏ تە‌شۋىشلە‌نگە‌ندىمىز.‏ بۇ گە‌پلە‌ر يە‌ھۋانىڭ ئىسىمىغا ۋە تە‌شكىلاتنىڭ نامىغا داغ تە‌گكۈزىدۇ دە‌پ ئويلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداق ۋاقىتلاردا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئە‌يساغا ئېيتقان سۆزلىرى بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏ ھە‌ددىدىن زىيادە ئە‌نسىرە‌شنىڭ كېرىكى يوق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى سىلە‌رنىڭ قە‌لبىڭلارنى ۋە ئوي-‏پىكىرىڭلارنى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق قوغدايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن ۋە‌دە يېزىلغان (‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۆز ئىسىمىنى ھە‌ردائىم ئۇ‌لۇ‌غلايدۇ.‏ خۇ‌دا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق شە‌يتان ۋە بۇ رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ ئۇ‌نىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە كە‌لتۈرگە‌ن زىيان-‏زە‌خمە‌تلىرىنى يوق قىلىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 94:‏22،‏ 23؛‏ يە‌شايا 65:‏17‏.‏

يە‌ھۋاغا قۇ‌لاق سېلىشنىڭ پايدىسى

17.‏ يە‌شايا 30:‏21-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا بۈگۈن بىز بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىدۇ؟‏

17 يە‌ھۋا ھازىرمۇ بىز بىلە‌ن سۆزلىشىدۇ ‏(‏يە‌شايا 30:‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئۇ بىزگە ئاسماندىن گە‌پ قىلمىسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى «سادىق باشقۇ‌رغۇ‌چى»نى بىزگە ئۆز ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌قنى بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏لۇ‌قا 12:‏42‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە تە‌مىنلە‌نگە‌ن ھە‌رتۈرلۈك ماتېرىياللارنىڭ باسما نە‌شىرى ۋە تور بە‌ت ئېلېكترونلۇ‌ق نە‌شىرى ھە‌م ئۈن-‏سىن نە‌شىرلىرى ئارقىلىق كۆپ روھىي ئۇ‌زۇ‌قلۇ‌قلاردىن بە‌ھرىمە‌ن بولالايمىز.‏

18.‏ يە‌ھۋانىڭ سۆزلىرى سىزنى نېمىگە ئىشە‌ندۈرىدۇ ۋە ئېتىقادىڭىزنى قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ؟‏

18 يە‌ھۋانىڭ ئە‌يساغا ئېيتقان سۆزلىرىنى يادىمىزدا تۇ‌تايلى.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان سۆزلىرى يە‌ھۋانىڭ كۆزىدىن ھېچنە‌رسە چە‌تتە قالمايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بۇ سۆزلە‌ردىن شە‌يتان ۋە رە‌زىل دۇ‌نيانىڭ خۇ‌دا خە‌لقىگە كە‌لتۈرگە‌ن بارچە زىيان-‏زە‌خمە‌تلىرىنى،‏ خۇ‌دانىڭ چوقۇ‌م يوق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.‏ يە‌ھۋانىڭ ئاۋازىغا زە‌ڭ قولاق سېلىشقا بە‌ل باغلايلى.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ ھازىر ياكى كېلە‌چە‌كتە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىمىزدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌لارنى يېڭە‌لە‌يمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نداپ،‏ ئۇ‌نىڭ ۋە‌دە قىلغانلىرىغا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ سە‌ۋر-‏تاقە‌تلىك بولۇ‌شۇ‌ڭلار كېرە‌ك»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلە‌رنى دائىم ئە‌ستە ساقلايلى.‏—‏ئىبرانىيلار 10:‏36‏.‏

22-‏ناخشا يە‌ھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇ‌ر

a ئە‌يسا يە‌ردە بولغاندا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭغا ئۈچ قېتىم ئاسماندىن سۆزلىگە‌ن.‏ بىر قېتىم يە‌ھۋا ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىنى ئۆز ئوغلىنىڭ سۆزىنى تىڭشاشقا بۇ‌يرىغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىز بىلە‌ن ئۆز سۆزى ۋە تە‌شكىلاتى ئارقىلىق سۆزلىشىدۇ.‏ بۇ‌نىڭغا ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ن تە‌لىملە‌رمۇ كىرىدۇ.‏ بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يساغا قۇ‌لاق سېلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

b سۈرە‌تتە:‏ ئاقساقال خىزمە‌ت ياردە‌مچىسىنىڭ ئىبادە‌ت زالىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى ۋە ماتېرىياللارنى رە‌تلە‌ۋاتقانلىقىنى بايقان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نى ماختاۋاتىدۇ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ سېررا-‏لېئوندىكى ئە‌ر-‏ئايال بىر بېلىقچىنى جامائە‌ت يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىۋاتىدۇ.‏

d سۈرە‌تتە:‏ بىزنىڭ پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغان دۆلە‌تتە ئېتىقادداشلىرىمىز ئۆيدە يىغىلىش ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىق ئۈچۈن ئادە‌تتىكىدە‌ك كىيىنگە‌ن.‏