يەھۋا خۇدا ئۈچۈن «ئامىن» دەپ ئېيتقىنىمىز ئەھمىيەتلىك
يەھۋا خۇدا بىزنىڭ ئىبادىتىمىزنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ. ئۇ خىزمەتچىلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ. خۇدانى مەدھىيىلەش ئۈچۈن قىلىنغان ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمىز ئۇنىڭ نەزەرىدىن سىرت قالمايدۇ (مالاك. 3:16). مەسىلەن، قايتا-قايتا ئېيتىلىدىغان بىر سۆزگە دىققەت ئاغدۇرايلى. بۇ «ئامىن» دېگەن سۆز. يەھۋا خۇدا بۇ ئاددىي سۆزنى مۇھىم دەپ قەدىرلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە! بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ئاددىي سۆزنىڭ مەنىسى ۋە مۇقەددەس كىتابتا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ھەممىسى «ئامىن» دەيدۇ
«ئامىن» دېگەن سۆز «شۇنداق بولسۇن»، «توغرا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. «ئامىن» سۆزى ئىبرانىي تىلدىكى «ساداقەتمەن بولۇش»، «سادىق بولۇش» دېگەننى بىلدۈرىدىغان سۆزدىن كېلىپ چىققان. بۇ سۆز بەزىدە سوت ئىشلىرىدا قوللىنىلغان. كىمدۇ-بىرى قەسەم ئىچكەندە ئېيتقىنى ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەستىقلاش ئۈچۈن ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن، ھەممىسىگە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن «ئامىن» دېيىشى كېرەك ئىدى (سانلار 5:22). بىر كىشى يۇرتنىڭ ئالدىدا «ئامىن» دەپ ئېيتقاندا، ئۆز سۆزىدە تۇرۇشنى قەتئىي قارار قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتكەن.—نەھەم. 5:13.
تەكرار قانۇن كىتابىنىڭ 27-بابىدا، «ئامىن» سۆزى ئالاھىدە قوللىنىلغان بىر ۋەقە يېزىلغان. ئىسرائىللىقلار ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرگەندە، ئېبال ۋە گەرىزىم دېگەن تاغلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانۇننى تىڭشاش ئۈچۈن جەم بولغان. ئۇلار قانۇننى تىڭشاپلا قويماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنىمۇ جاكارلىشى كېرەك ئىدى. قانۇننى بۇزغاندا قانداق جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئېيتىلغاندا، خەلق بىرلىكتە «ئامىن» دېيىشكەنىدى (تەكرار. قا 27:15—26). مىڭلىغان ئەرلەر، ئاياللار ھەم بالىلار جاراڭلىق ئاۋازدا «ئامىن» دەپ جاكارلىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ (يەشۇئا 8:30—35). ئىسرائىللار شۇ كۈنى بەرگەن ۋەدىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر. خەلقنىڭ ئۆز سۆزلىرىدە تۇرغانلىقىنى مۇشۇ ئايەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ: «ئىسرائىل بولسا يەشۇئانىڭ ھەممە ھايات كۈنلىرىدە خۇداۋەندىگە ئىبادەت قىلىپ تۇرۇپ، يەشۇئادىن كېيىن قېلىپ، خۇداۋەندىنىڭ ئىسرائىل ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ئوبدان بىلگەن ئاقساقاللارنىڭ ھايات كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق قىلىپ تۇردى».—يەشۇئا 24:31.
ئەيسامۇ «ئامىن» دېگەن سۆزنى ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاش ئۈچۈن قوللانغان. بىراق بۇنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا قىلغان. ئۇ «ئامىن» دېگەن سۆزنى بىرسىنىڭ سۆزىگە جاۋاب a. بەزىدە ئۇ «ئامىن، ئامىن» دەپ تەكرارلاپ ئېيتقان b. شۇنداق قىلىپ ئەيسا تىڭشىغۇچىلىرىنى سۆزلىرىنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەن. خۇدا ئۇنىڭغا ھەممە ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھوقۇقىنى بەرگەنلىكتىن، ئەيسا ئىشەنچىلىك سۆزلەلىگەن.—2-كورىنت. 1:20؛ ۋەھىي. 3:14.
بەرگەندە ئەمەس، ئەكسىنچە سۆزىنى باشلىغاندا ئىشلەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە كاپالەت بەرگەنخەلق «ئامىن» دەپ، يەھۋانى مەدھىيىلىگەن
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل خەلقى يەھۋانى مەدھىيىلىگەندە ۋە ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندىمۇ «ئامىن» دېگەن (نەھەم. 8:6؛ زەبۇر 41:13). خەلق دۇئادىن كېيىن «ئامىن» دەپ ئېيتىشى بىلەن شۇ دۇئاغا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنداق قىلىپ جەم بولغانلارنىڭ ھەممىسى يەھۋاغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىشتىن خۇشال بولغان. داۋۇت پادىشاھ ئەھدە ساندۇقىنى يېرۇسالىمغا ئەكەلگەندە، دەل شۇنداق بولغانىدى. خەلق شاد-خۇرام بولۇپ، بۇ ۋەقەنى تەبرىكلەۋاتقاندا، داۋۇت خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتقان. داۋۇت قەلبنى ھاياجانغا سالىدىغان دۇئاسىنى ناخشا سۈپىتىدە ئېيتقان. بۇ دۇئا 1-تارىخنامە 16:8—36-ئايەتلەردە يېزىلغان. شۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان خەلق قاتتىق تەسىرلىنىپ، ھەممىسى بىر ئېغىزدىن «ئامىن» دەپ، يەھۋانى مەدھىيىلىگەن. دەرھەقىقەت، ھەممىسىنىڭ بىرلىكتە قايتۇرغان شۇ ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىغا خۇشاللىق قوشقان.
بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەرمۇ يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەندە، «ئامىن» سۆزىنى ئىشلەتكەن. مۇقەددەس كىتاب يازغۇچىلىرى ھەم ئۆز خەتلىرىدە بۇ سۆزنى پات-پات ئىشلەتكەن (رىملىقلار 1:25؛ 16:27؛ 1-پېتر. 4:11). ۋەھىي كىتابىدا يېزىلغاندەك، ئاسماندىكى روھىي مەۋجۇداتلارمۇ: «ئامىن! ياھنى مەدھىيىلەڭلار!»— دەپ يەھۋاغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدۇ (ۋەھىي. 19:1، 4). دەسلەپكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ جامائەت يىغىلىشلىرىدا دۇئا قىلغاندا، ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشكەنىدى (1-كورىنت. 14:16). لېكىن، ئۇلار بۇ سۆزنى ئويلانماستىن قايتىلاۋەرمىگەن.
«ئامىن» سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى
«ئامىن» سۆزىنىڭ قەيەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، دۇئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشنىڭ
نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق. دۇئايىمىزنى «ئامىن» دەپ تاماملىغاندا، سۆزلىرىمىزنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققانلىقىنى كۆرسىتىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتىلغان دۇئادىن كېيىن، ھەتتا ئۈن چىقارماي «ئامىن» دېگىنىمىزدە، ئېيتىلغان سۆزلەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. «ئامىن» دېيىشىمىزنىڭ يەنە نېمە سەۋەبتىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.ئىبادىتىمىزنىڭ مۇھىم قىسىمى. يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشقا پەقەت دۇئانىڭ ئاخىرىدا «ئامىن» دېيىشىمىز ئەمەس، ھەتتا دۇئا ئېيتىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قانداق تۇتۇشمۇ كىرىدۇ. دۇئانىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشەنسەك ۋە ئۇنى زەڭ قويۇپ تىڭشىساق، «ئامىن» دەپ چىن يۈرەكتىن ئېيتالايمىز.
تېخىمۇ ئىناق بولىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتىلىدىغان دۇئانى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە دىققەت بىلەن تىڭشايدۇ (ئەلچى. 1:14؛ 12:5). ئېتىقادداشلار بىلەن بىر ئېغىزدىن «ئامىن» دېگەندە، تېخىمۇ ئىناق بولىمىز. «ئامىن» دەپ ئۈنلۈك ئېيتساقمۇ، ئىچىمىزدىن ئېيتساقمۇ، بۇ يەھۋا خۇدانى ئىلتىجالىرىمىزنى ئورۇنلاشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن.
«ئامىن» دېگەن سۆزىمىز بىلەن يەھۋانى مەدھىيىلەشكە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز
يەھۋانى مەدھىيىلەيمىز. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشلىرىمىزنى بايقايدۇ (لۇقا 21:2، 3). ئۇ بىزنىڭ نىيەتلىرىمىزنى بىلىدۇ ۋە يۈرىكىمىزدە نېمە بارلىقىنى كۆرىدۇ. ھەتتا يىغىلىشنىڭ مەزمۇنىنى تېلېفون ئارقىلىق تىڭشىساقمۇ، بىزنىڭ «ئامىن» دەپ ئېيتقىنىمىز يەھۋانىڭ نەزەرىدىن سىرت قالمايدۇ. بۇ سۆزىمىز بىلەن بىز يەھۋانى مەدھىيىلەشكە ئۆز ھەسسىمىزنى قوشالايمىز.
«ئامىن»، دېگەن سۆزۈمىز ئانچە مۇھىم ئەمەستەك بىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. «يازمىلارنى چۈشىنىش» دېگەن كىتابتا ئېيتىلغاندەك، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا، دۇئانىڭ مەزمۇنىغا بولغان قەلبىدىكى مەھكەم ئىشەنچىنى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ۋە قىزغىن ئۈمىدىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۇنداقتا، ئېغىزىمىزدىن چىققان ھەربىر «ئامىن» دېگەن سۆزىمىز يەھۋانى خۇرسەن قىلغاي!—زەبۇر 19:14.