سىز بىلەمسىز؟
قەدىمكى زاماندا كىشىلەر دېڭىزدا كېمە بىلەن قانداق سەپەر قىلغان؟
ئەلچى پاۋلۇسنىڭ زامانىدا يولۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس كېمە بولمىغان. شۇڭا، سەپەر قىلغۇچىلار ئادەتتە نىشانلىغا مەنزىلىگە يېتىش ئۈچۈن، شۇ يۆنىلىشكە ماڭىدىغان يۈك توشۇيدىغان سودا كېمىسىنى تېپىپ، ئۆزىنى ئېلىۋېلىشنى سورايتتى (ئەلچى. 21:2، 3). كېمە دەل سەپەر قىلغۇچى خالىغان جايغا بارمىسىمۇ، ئۇ سەپەر ئۈستىدە دېڭىز پورتلىرىدا توختىغاندا، يولۇچى ئۇ كېمىدىن چۈشۈپ، يەنە كۆزلىگەن مەنزىلىگە يېقىنراق جايغا بارىدىغان باشقا بىر كېمىگە ئولتۇراتتى.—ئەلچى. 27:1—6.
شۇ زاماندا ئادەملەر بىر يىل ئىچىدە پەقەت بىر مەزگىل ۋاقىتلا كېمە بىلەن سەپەرگە چىقىشقا بولاتتى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كېمىلەرنىڭ دېڭىزغا چىقىدىغان ئېنىق بىر ۋاقىت جەدۋىلى بولمايتتى. ھاۋا رايى بۇزۇلغاندا، دېڭىزچىلار سەپەرگە چىقماسلىقنى قارار قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇلار خۇراپاتلىقى سەۋەبلىكمۇ سەپەرگە ئاتلىنىشتىن قورقاتتى. مەسىلەن، ئۇلار دېڭىز بويىدا كېمە سۇنۇقلىرىنى كۆرگەندە ياكى قارغىنىڭ قاقىلدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندا، بۇ يامانلىقنىڭ بىشارىتى، دەپ سەپەرگە چىقمايتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كېمىچىلەر شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قارايتتى. ئەگەر شامال سەپەر قىلىدىغان يۆنىلىشتە چىقسا، ئۇلار دەرھال يولغا چىقاتتى. يولۇچى چىقىشىغا روخسەت قىلىدىغان كېمىنى تاپقاندىن كېيىن، يۈك-تاقىسىنى مۈرىسىگە ئارتىپ، كېمىنىڭ مېڭىشىنى كۈتەتتى.
تارىخچى لىئونېل كاسسون مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمقى رىم شەھىرىدە كېمىنى تېز تېپىش ئۈچۈن ئادەملەرگە قولايلىق شارائىت يارىتىلغان ئىدى. شۇڭا، يولۇچىلار كېمە ئىزدەپ، ئاۋارە بولمايتتى. رىم پورتى تىبر دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئېغىزغا جايلاشقان ئىدى. يېقىن يەردىكى ئوستىيا دېگەن شەھەردە بازار مەيدانى بولغان. شۇ يەردە ھەرقانداق ئەلدىن كەلگەن دېڭىزچىلارنىڭ ئىشخانىلىرى بولغان. مەسىلەن، ئۇلار ناربونىدىن (ھازىرقى فرانسىيە)، كارساجىدىن (ھازىرقى تۇنىس) ۋە يەنە باشقا يەرلەردىن كېلەتتى. يولۇچى شۇ ئىشخانىلارغا بېرىپ، كېمىنىڭ قايسى ۋاقىتتا سەپەرگە چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايتتى».
ئادەملەر كېمە بىلەن كۆزلىگەن جايغا چاپسانراق يېتەلەيتتى، لېكىن، دېڭىزدا سەپەر قىلىش خەتەرلىك ئىدى. مەسىلەن، ئەلچى پاۋلۇس خۇشخەۋەرنى ۋەز قىلىش سەپەرلىرىدە بىرنەچچە قېتىم كېمە ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئىدى.—2-كورىنت. 11:25.