مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏تە‌تقىق ماقالىسى

جامائە‌تتىكى ئادالە‌ت بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

جامائە‌تتىكى ئادالە‌ت بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت

‏«بىر-‏بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار.‏ شۇ‌نداق قىلساڭلار،‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا ئە‌مە‌ل قىلغان بولىسىلە‌ر».‏—‏گالاتىيا.‏ 6:‏2‏.‏

2-‏ناخشا تە‌شە‌ككۈر يە‌ھۋا!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز قانداق ئىككى ھە‌قىقە‌تنى بىلدۇ‌ق؟‏

 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ ئىلگىرى ئۆز خە‌لقىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ندە‌ك،‏ كېلە‌چە‌كتىمۇ ھە‌ردائىم كۆرسىتىدۇ.‏ خۇ‌دا ئادالە‌تنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 33:‏5‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن ئىككى مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تنى بىلىمىز:‏ (‏1)‏ خىزمە‌تچىلىرى ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋانىڭ يۈرىكى ئاغرىيدۇ؛‏ (‏2)‏ يە‌ھۋا چوقۇ‌م ئادالە‌تنى ئورنىتىدۇ.‏ مۇ‌شۇ بىر قاتار ماقالىلە‌رنىڭ بىرىنچىسىدە b ئىسرائىللىقلارغا بېرىلگە‌ن تە‌ۋرات قانۇ‌نى سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ بۇ قانۇ‌ندا ئادە‌ملە‌رنىڭ ھە‌ممىسىگە،‏ ھە‌تتا ئۆزىنى ھىمايە قىلالمايدىغانلارغا ئادىل مۇ‌ئامىلە قىلىش تە‌لە‌پ قىلىنغان (‏تە‌كرار.‏ قا 10:‏18‏)‏.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىن يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى كۆزىنىڭ قارىچۇ‌غىنى ئاسرىغاندە‌ك ئۇ‌لارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ.‏

2.‏ بىز قانداق سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز؟‏

2 مىلادى 33-‏يىل،‏ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ جامائىتى تە‌شكىل قىلىنغاندىن كېيىن،‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى كۈچىدىن قالغانىدى.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان ۋە ئادالە‌تكە ئۈندىگە‌ن قانۇ‌ننىڭ مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن پايدىسى يوقمۇ؟‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ ياق.‏ ئۇ‌لار يېڭى بىر قانۇ‌نغا ئېرىشكە‌ن.‏ مۇ‌شۇ ماقالىدە،‏ ئاۋۋال بىز بۇ يېڭى قانۇ‌ننىڭ قانداق قانۇ‌ن ئىكە‌نلىكىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز:‏ نېمە ئۈچۈن يېڭى قانۇ‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ قانۇ‌ن ئادالە‌تكە ئۈندە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ بۇ قانۇ‌ن بويىچە،‏ جامائە‌تتە ھوقۇ‌ققا ئىگە بولغانلار باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

‏«مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى» دېگىنىمىز نېمە؟‏

3.‏ گالاتىيالىقلار 6:‏2-‏ئايە‌تتە‏،‏ تىلغا ئېلىنغان «مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا» نېمىلە‌ر كىرىدۇ؟‏

3 گالاتىيالىقلار 6:‏2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى «مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا» بويسۇ‌نىدۇ.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا قانۇ‌نلارنىڭ تىزىملىكىنى بە‌رمىگە‌ن.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارغا ھاياتلىق يولىدا يېتە‌كلە‌يدىغان كۆرسە‌تمىلە‌رنى،‏ بۇ‌يرۇ‌قلارنى ۋە پرىنسىپلارنى بە‌رگە‌ن.‏ «مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا» ئە‌يسانىڭ بە‌رگە‌ن تە‌لىمى بىلە‌ن ئۆگە‌تكە‌ن نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى كىرىدۇ.‏ كېيىنكى ئابزاسلاردا بىز بۇ قانۇ‌ن توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏

4،‏ 5.‏ ئە‌يسا قانداق ئۇ‌سۇ‌للاردا ۋە قاچان ئۆگە‌تكە‌ن؟‏

4 ئە‌يسا قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ سۆزلىرى بىلە‌ن ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزلىرىنىڭ كۈچى بولغان،‏ چۈنكى ئۇ خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى ئۆگە‌تكە‌ن،‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسى ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىنسانىيە‌تنى ھە‌ممە ئازابلاردىن ئازاد قىلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌لىم بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 24:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆز ئۈلگىسى بىلە‌نمۇ ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلە‌ن شاگىرتلىرىغا قانداق ھايات كە‌چۈرۈش كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 13:‏15‏.‏

5 ئە‌يسا قاچان ئۆگە‌تكە‌ن؟‏ يە‌ردە خىزمە‌ت قىلغان چاغدا (‏مە‌تتا 4:‏23‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ تىرىلىشىدىن كۆپ ئۆتمە‌ي ئۇ شاگىرتلىرىغا تە‌لىم بە‌رگە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا 500دىن ئوشۇ‌ق ئە‌گە‌شكۈچىسىگە كۆرۈنۈپ،‏ ئۇ‌لارغا «شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار»،‏ دە‌پ بۇ‌يرىغان (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 15:‏6‏)‏.‏ ئاسمانغا قايتقاندا ئە‌يسا جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە شاگىرتلىرىغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ تە‌خمىنە‌ن مىلادى 96-‏يىلى ئە‌يسا ئە‌لچى يۇ‌ھاننانى مايلانغان مە‌سىھىيلە‌رگە نە‌سىھە‌ت ۋە ئىلھام بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏—‏كولوسى.‏ 1:‏18؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 1:‏1‏.‏

6،‏ 7.‏ (‏1)‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرى قە‌يە‌ردە يېزىلغان؟‏ (‏2)‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

6 ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرى قە‌يە‌ردە يېزىلغان؟‏ ئۇ يە‌ردە بولغاندا ئېيتقان سۆزلىرى بىلە‌ن قىلغان ئىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسى گرېك يازمىلارنىڭ دە‌سلە‌پكى تۆت كىتابىدا يېزىلغان.‏ گرېك يازمىلارنىڭ قالغان قىسىمىدىن ئە‌يسانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى چۈشىنە‌لە‌يمىز.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كلىشى بىلە‌ن «مە‌سىھنىڭ ئوي-‏پىكىرى»گە ئىگە بولغان ئادە‌ملە‌ر يازغان.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏16‏.‏

7 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرى ھاياتنىڭ بارلىق ساھە‌لىرىدە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى ئۆيدە،‏ ئىشتا ياكى مە‌كتە‌پتە ۋە جامائە‌تتە يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزغا يول-‏يورۇ‌ق بېرىدۇ.‏ بۇ قانۇ‌ننى ئۆگىنىش ئۈچۈن،‏ گرېك يازمىلارنى ئوقۇ‌پ،‏ ئوقۇ‌غانلىرىمىز ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر مۇ‌لاھىزە يۈرگۈزۈشىمىز كېرە‌ك.‏ يازمىلاردىكى كۆرسە‌تمىلە‌ر،‏ بۇ‌يرۇ‌قلار ۋە پرىنسىپلارغا ماس ياشىساق،‏ بۇ قانۇ‌نغا بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نغان چاغدا،‏ بىز كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋاغا ئىتائە‌ت قىلىمىز،‏ چۈنكى ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ن نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 8:‏28‏.‏

مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان قانۇ‌ن

8.‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى نېمىگە ئاساسلانغان؟‏

8 ئۇ‌ل-‏ئاساسى مە‌ھكە‌م ئۆيدە ياشايدىغان ئادە‌م ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ قانۇ‌ننىڭ ئاساسى مە‌ھكە‌م بولسا،‏ ئۇ‌نىڭغا بېقىنىدىغان ئادە‌م ئۆزىنى ھىمايە ئاستىدا ھېس قىلىدۇ.‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغان.‏ بۇ —‏ ئە‌ڭ ياخشى ئۇ‌ل-‏ئاساس.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دېيىشكە بولىدۇ؟‏

بىز باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلساق،‏ «مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا» بويسۇ‌نىمىز (‏9—‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ c

9،‏ 10.‏ قايسى ئىشلار ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن؟‏ بىز ئۇ‌نىڭدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

9 بىرىنچىدىن،‏ ئە‌يسانى ھە‌ربىر ئىشقا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ ئادە‌تتە بىرسىنى ياخشى كۆرسە‌ك،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ ئادە‌ملە‌رگە ئىچى ئاغرىغانلىقتىن،‏ ئۇ كېسە‌ل كىشىلە‌رنى ساقايتقان،‏ قوسىقى ئاچلارنى تويدۇ‌رغان ۋە ئۆلگە‌نلە‌رنى تىرىلدۈرگە‌ن (‏مە‌تتا 14:‏14؛‏ 15:‏32—‏38؛‏ ماركۇ‌س 6:‏34؛‏ لۇ‌قا 7:‏11—‏15‏)‏.‏ شۇ‌نداق ئىشلار كۆپ كۈچ ۋە ۋاقتنى ئالسىمۇ،‏ ئە‌يسا باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن قويۇ‌شقا تە‌ييار بولغان.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ باشقىلار ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ،‏ ئە‌يسا زور مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏13‏.‏

10 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ باشقىلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزىمىزنىڭكىدىن يۇ‌قىرى قويساق،‏ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئالىمىز.‏ ئە‌يسانى ئۈلگە قىلىشنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ ئادە‌ملە‌رگە ھېسداشلىق قىلىشنى ئۆگىنىش.‏ ئادە‌ملە‌رگە ئىچىمىز ئاغرىغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لارغا ۋە‌ز قىلساق ۋە تە‌لىم بە‌رسە‌ك،‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقى نېمىدىن كۆرىنىدۇ؟‏ (‏2)‏ بىز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

11 ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئاتىسىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى نامايان قىلغان.‏ ئە‌يسا يە‌ردە خىزمە‌ت قىلغاندا،‏ ئاتىسىنىڭ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆپ يوللار بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋا ھە‌ربىرىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئۆگە‌تكە‌ن (‏مە‌تتا 10:‏31‏)‏.‏ توۋا قىلغان گۇ‌ناھكارلار جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌لارنى قۇ‌چاق يېيىپ قارشى ئالىدۇ (‏لۇ‌قا 15:‏7،‏ 10‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆز ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربانلىق سۈپىتىدە بېرىپ،‏ بىزگە مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏.‏

12 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ يە‌ھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏1،‏ 2‏)‏.‏ بىز ھە‌ربىر قېرىندىشىمىزنى قە‌دىرلە‌يمىز ۋە جامائە‌تكە قايتىپ كە‌لگە‌ن «يولدىن ئادىشىپ» قالغان قويلارنى قۇ‌چاق ئېچىپ قارشى ئالىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏176‏)‏.‏ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۈچ ۋە ۋاقتىمىزنى ئايىماي،‏ بولۇ‌پمۇ ئۇ‌لار ياردە‌مگە موھتاج بولغاندا،‏ ياردە‌م قولىنى سۇ‌نۇ‌ش ئارقىلىق ئۇ‌لارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى ئىسپاتلىيالايمىز (‏1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏17‏)‏.‏ باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ندە،‏ بىز مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نىمىز.‏

13،‏ 14.‏ (‏1)‏ يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا نېمە قىلىشنى بۇ‌يرىغان ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ يېڭى ئە‌مىر بولغان؟‏ (‏2)‏ يېڭى ئە‌مىرگە بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

13 ئۈچىنچىدىن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا پىداكارلىق بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىشنى بۇ‌يرىغان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا بۇ يېڭى بىر ئە‌مىرنى ئېيتقان،‏ چۈنكى تە‌ۋرات قانۇ‌نىدا بۇ‌نداق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش تە‌لە‌پ قىلىنمىغان.‏ بىز بولساق،‏ ئېتىقادداشلىرىمىزنى خۇ‌ددى ئە‌يسا بىزنى سۆيگە‌ندە‌ك سۆيۈشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ دېگىنىمىز،‏ بىز پىداكارلىق بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرسىتىپ،‏ قېرىنداشلارنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزىمىزنىڭكىدىن يۇ‌قىرى قويۇ‌شىمىز ۋە ئۇ‌لارنى ئۆزىمىزدىنمۇ ئارتۇ‌قراق ياخشى كۆرۈشىمىز زۆرۈر.‏ بىز باشقىلار ئۈچۈن بىرە‌ر نە‌رسىدىن ۋاز كېچىشكە ياكى ئايرىلىشقا،‏ ھە‌تتا ئە‌يساغا ئوخشاش،‏ جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تە‌ييار.‏

14 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ يېڭى ئە‌مىرگە بويسۇ‌نغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ بىر سۆز بىلە‌ن ئېيتقاندا،‏ ئېتىقادداشلار ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى،‏ كۈچىمىزنى ۋە پۇ‌لىمىزنى چىقىرالايمىز.‏ ئۇ‌لار ئۈچۈن جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا ئوخشاش چوڭ ئىشلارنىلا ئە‌مە‌س،‏ كىچىك نە‌رسىلە‌ردە قۇ‌ربانلىق قىلىشقا تە‌ييار بولىمىز.‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌شنىڭ كۆپ يوللىرى بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ياشانغان قېرىنداشنى جامائە‌تكە ئاپىرىپ-‏ئە‌كېلىش،‏ يېقىنىمىزنىڭ كۆڭلىدىن چىقىش ئۈچۈن ئۆزىمىز خالىغان نە‌رسىلە‌ردىن ۋاز كېچىش ياكى تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ردە قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىغانلارغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ئىشتىن ۋاقىتلىق توختاشقا رۇ‌خسە‌ت سوراش.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ بىز جامائىتىمىزدە ھە‌ربىر كىشى ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ۋە خاتىرجە‌م ھېس قىلىشىغا ئۆز ھە‌سسىمىزنى قوشالايمىز.‏

ئادالە‌تكە ئۈندە‌يدىغان قانۇ‌ن

15—‏17.‏ (‏1)‏ ئە‌يسا قانداق ئادىل ئىشلارنى قىلغان؟‏ (‏2)‏ بىز ئە‌يسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى «ئادالە‌ت» دېگە‌ن سۆز،‏ خۇ‌دانىڭ كۆز ئالدىدا توغرا نە‌رسىلە‌رنى قىلىش ۋە ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قاراپ،‏ ئادىل مۇ‌ئامىلە قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى ئادالە‌تكە ئۈندە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏

ئە‌يسا ئاياللارغا،‏ ھە‌تتا باشقىلار مۇ‌ناسىپ ئە‌مە‌س دە‌پ قارىغان ئاياللارغىمۇ مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قارىغان (‏16-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

16 سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسانىڭ ئىشلىرى ئادىل بولغان.‏ ئۇ‌نىڭ زامانىدا ياشىغان يە‌ھۇ‌دىي دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر يات خە‌لقتىن چىققان كىشىلە‌رنى ئۆچ كۆرە‌تتى،‏ دىنىي مە‌كتە‌پلە‌ردە بىلىم ئالمىغان ئاددىي ئادە‌ملە‌رنى كۆزگە ئىلمايتتى ۋە ئاياللارغا ھۆرمە‌ت كۆرسە‌تمە‌يتتى.‏ بىراق،‏ ئە‌يسا ھە‌ربىر ئادە‌مگە ئادىل مۇ‌ئامىلە قىلىپ،‏ ھە‌ممىسىگە تە‌ڭ قارىغان.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ن يە‌ھۇ‌دىي ئە‌مە‌سلە‌رنىمۇ قوبۇ‌ل قىلغان (‏مە‌تتا 8:‏5—‏10،‏ 13‏)‏.‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنى باي ياكى گاداي دە‌پ ئارىماي،‏ ھە‌ممىسىگە ۋە‌ز قىلغان (‏مە‌تتا 11:‏5؛‏ لۇ‌قا 19:‏2،‏ 9‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئە‌يسا ئاياللارغا قوپال مۇ‌ئامىلە قىلمىغان،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىززە‌ت-‏ھۆرمىتىنى چۈشە‌رمىگە‌ن.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لارنى ھۆرمە‌تلە‌پ،‏ ھە‌تتا باشقىلارنىڭ نە‌زىرىدە مۇ‌ناسىپ ئە‌مە‌س دە‌پ قارالغان ئاياللارغىمۇ مېھرىبانلىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلغان.‏—‏لۇ‌قا 7:‏37—‏39،‏ 44—‏50‏.‏

17 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ بىزمۇ ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئادە‌منىڭ قانچىلىك باي بولۇ‌شى ياكى قايسى دىندا بولۇ‌شىغا قارىماستىن،‏ ھە‌ممە ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىمىز.‏ خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىدىغان ئە‌ر كىشىلە‌ر ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئاياللارغا ھۆرمە‌ت بىلە‌ن قارايدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نىمىز.‏

18،‏ 19.‏ ئە‌يسا ئادالە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىلە‌رنى ئۆگە‌تكە‌ن ۋە بىز بۇ‌نىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟‏

18 شۇ‌نداقلا ئە‌يسا ئادالە‌ت ھە‌ققىدە ئۆگە‌تكە‌ن.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا ئادىل بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان پرىنسىپلارنى ئۆگە‌تكە‌نىدى.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا باشقىلار بىزگە ئادىل مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالىساق،‏ بىزمۇ ئۇ‌لارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئۆگە‌تكە‌ن.‏ شۇ چاغدا باشقىلارمۇ بىزگە ئادالە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 7:‏12‏)‏.‏ ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لسە‌كچۇ؟‏ ئە‌يسا ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى يە‌ھۋانىڭ «كېچە-‏كۈندۈز يالۋۇ‌رۇ‌پ تىلە‌ۋاتقان تاللىغانلىرى ئۈچۈن … ئادالە‌تنى» ئورنىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان (‏لۇ‌قا 18:‏6،‏ 7‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ ئادىل خۇ‌دايىمىز قىيىنچىلىقلىرىمىزنى ياخشى بىلىدۇ ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئادالە‌تنى ئورنىتىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏—‏2-‏سالونىكا.‏ 1:‏6‏.‏

19 بىز ئۈچۈن ساۋاق:‏ ئە‌يسا ئۆگە‌تكە‌ن پرىنسىپلارنى ھاياتىمىزدا قوللانساق،‏ باشقىلارغا ئادالە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىمىز.‏ بۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كېلىپ،‏ ئازاب چە‌كسە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئادالە‌تنى چوقۇ‌م ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏

ھوقۇ‌ق بار يە‌ردە ئادالە‌ت بولسۇ‌ن

20،‏ 21.‏ (‏1)‏ ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ئە‌ر كىشى ئايالىغا پىداكارلىق بىلە‌ن ئۆز مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدۇ؟‏ ئائىلە باشلىقى بالىلىرىغا قانداق قارىشى كېرە‌ك؟‏

20 مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى بويىچە ئاقساقاللار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى باشقىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ بۇ قانۇ‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغانلىقتىن،‏ ئۇ‌لار باشقىلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشى ۋە ھۆرمە‌ت كۆرسىتىشى كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار شۇ‌نى ئۇ‌نتۇ‌ماسلىقى كېرە‌ك،‏ يە‌نى مە‌سىھ يولىدا مېڭىش دېمە‌ك ھە‌ردائىم چوقۇ‌م مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىش كېرە‌ك دېگە‌نلىكتۇ‌ر.‏

21 ئائىلىدە.‏ مە‌سىھ جامائە‌تنى قانداق ياخشى كۆرسە،‏ ئە‌رلە‌رمۇ ئاياللىرىنى شۇ‌نداق ياخشى كۆرۈشى كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 5:‏25،‏ 28،‏ 29‏)‏.‏ ئە‌ر كىشى ئايالىنىڭ مە‌نپە‌ئىتىنى ئۆزىنىڭكىدىن يۇ‌قىرى قويۇ‌پ،‏ مە‌سىھنىڭ پىداكارلىق بىلە‌ن كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن ئۈلگە ئېلىشى لازىم.‏ لېكىن،‏ بە‌زىدە ئە‌ر كىشىلە‌رگە شۇ‌نداق قىلىش قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار بە‌لكىم باشقىلارغا ئادالە‌تسىزلىك بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىنغان ياكى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئانچە بە‌ك كۆرسىتىلمىگە‌ن ئائىلىدە ئۆسكە‌ندۇ.‏ سىڭىپ كە‌تكە‌ن ئادە‌تلىرىنى ئۆزگە‌رتىش قىيىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نۇ‌ش ئۈچۈن ئۆزگۈرۈشى كېرە‌ك.‏ پىداكارلىق بىلە‌ن مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌ن ئە‌رلە‌ر ئايالىنى ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بولىدۇ.‏ بالىلىرىنى چىن يۈرە‌كتىن ياخشى كۆرىدىغان ئائىلە بېشى ھېچقاچان سۆزلىرى ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏31‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ بالىلىرى ئۆزلىرىنى بىخە‌تە‌ر ۋە خاتىرجە‌م ھېس قىلىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لارنى ماختاپ،‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ چاغدا بالىلىرى دادىسىنى ياخشى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىدىغان بولىدۇ.‏

22.‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏1—‏3-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ «قويلار» كىمگە تە‌ئە‌للۇ‌ق ۋە ئاقساقاللار ئۇ‌لارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

22 جامائە‌تتە.‏ ئاقساقاللار «قويلارنىڭ» ئۆزلىرىگە تە‌ئە‌للۇ‌ق ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى لازىم ‏(‏يۇ‌ھاننا 10:‏16؛‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏1—‏3-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ «خۇ‌دانىڭ پادىسى» ۋە «خۇ‌دانىڭ ئالدىدا»،‏ «خۇ‌دانىڭ مىراسى» دېگە‌ندە‌ك سۆز-‏ئىبارىلە‌ر جامائە‌تتىكى «قويلار»،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا مە‌نسۇ‌پ ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏ يە‌ھۋا ئاقساقاللارنىڭ ئۆز خە‌لقىگە سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى خالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏7،‏ 8‏)‏.‏ قويلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىش ۋە‌زىپىسىنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئورۇ‌نلايدىغان ئاقساقاللار يە‌ھۋانىڭ قوبۇ‌ل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.‏ شۇ‌نداق كۆيۈمچان ئاقساقاللارنى قېرىنداشلارمۇ ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدۇ.‏

23،‏ 24.‏ (‏1)‏ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلىنغاندا ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ئاقساقاللار قانداق سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايدۇ؟‏

23 بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغاندا،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلىدۇ؟‏ ئۇ‌لارنىڭ ۋە‌زىپىلىرى قە‌دىمقى زاماندىكى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى سوتچىلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ۋە‌زىپىلىرىدىن پە‌رقلىنىدۇ.‏ تە‌ۋرات قانۇ‌نى بويىچە ئاقساقاللار پە‌قە‌ت ئىبادە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىلە‌رنى ئە‌مە‌س،‏ كېلىشمە‌سلىكلە‌ر بىلە‌ن جىنايى ئىشلارغىمۇ قاراپ چىقاتتى.‏ لېكىن،‏ مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نىغا بويسۇ‌نىدىغان ئاقساقاللار گۇ‌ناھكارنىڭ خۇ‌دا ۋە جامائە‌ت بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە باغلىنىشلىق مە‌سىلىلە‌رنى قاراپ چىقىدۇ.‏ ئۇ‌لار جىنايى ئىشلارنى ۋە پۇ‌قرالىق ھوقۇ‌قى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌سىلىلە‌رنى ھە‌ل قىلىشقا ھۆكۈمە‌ت ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىدۇ.‏ ھۆكۈمە‌ت جە‌رىمانە قويالايدۇ ياكى قاماپ قويالايدۇ.‏—‏رىملىقلار 13:‏1—‏4‏.‏

24 بىرى ئېغىر گۇ‌ناھ قىلسا،‏ ئاقساقاللار نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏ ئۇ‌لار بۇ مە‌سىلىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئايە‌تلە‌ر ئاساسىدا مۇ‌لاھىزە قىلىپ،‏ قارار چىقىرىدۇ.‏ ئاقساقاللار مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە ئاساسلانغانلىقىنى ئە‌ستە تۇ‌تىدۇ.‏ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ئاقساقاللارنى تۆۋە‌ندىكى سوئاللار توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ:‏ جامائە‌تتە زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغانلارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌لارغا قانداق ياردە‌م بېرىش ھە‌ققىدە ئويلىنىدۇ:‏ گۇ‌ناھ قىلىپ،‏ گۇ‌ناھىغا توۋا قىلغان ئادە‌ملە‌ر ھە‌ققىدە،‏ ئۇ راست توۋا قىلدىمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭ خۇ‌دا بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىنى قايتا تىكىلىشىگە قانداق ياردە‌م بە‌رسە‌ك بولىدۇ؟‏

25.‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمە مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ؟‏

25 بىز مە‌سىھنىڭ قانۇ‌نى ئۈچۈن بە‌ك مىننە‌تدار،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سمۇ؟‏!‏ ھە‌ربىرىمىز بۇ قانۇ‌نغا بويسۇ‌نۇ‌شقا تىرىشساق،‏ جامائىتىمىزدە ھە‌ربىر ئادە‌م ئۆزىنى سۆيۈملۈك،‏ كېرە‌كلىك ۋە بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدىغان بولىدۇ.‏ بىز «رە‌زىل ئادە‌ملە‌ر» بىلە‌ن تولۇ‌پ كە‌تكە‌ن دۇ‌نيادا ياشاۋاتىمىز ۋە ئۇ‌لار «بارغانسېرى تېخىمۇ يامانلىشىپ» كېتىۋاتىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏13‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز ھوشىيار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ بالىلار جىنسىي خورلۇ‌ققا ئۇ‌چرىغاندا،‏ جامائە‌ت خۇ‌دانى ئۈلگە قىلىپ،‏ بۇ ئىشنى ئادالە‌تلىك بىلە‌ن قانداق بىر تە‌رە‌پ قىلىشى كېرە‌ك؟‏ بۇ سوئالغا كېيىنكى ماقالىدىن جاۋاب تاپىمىز.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

a مۇ‌شۇ ماقالە،‏ يە‌ھۋانىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە ئادالە‌تنىڭ خۇ‌داسى ئىكە‌نلىكىگە نېمە سە‌ۋە‌بتىن ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۆت ماقالىنىڭ ئىككىنچىسى.‏ خۇ‌دا ئۆز خە‌لقىنىڭ ئادالە‌تلىك مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىشىنى خالايدۇ ۋە مۇ‌شۇ رە‌زىل دۇ‌نيادا ئادالە‌تسىزلىككە ئۇ‌چرىغانلارغا تە‌سە‌للىي بېرىدۇ.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» 2019-‏يىل،‏ فېۋرال سانىدىكى «‏تە‌ۋرات قانۇ‌نىدىكى ئادالە‌ت بىلە‌ن سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

c سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا يالغۇ‌ز ئوغلىدىن ئايرىلغان تۇ‌ل ئايالنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىچى ئاغرىغانلىقتىن،‏ ئوغلىنى تىرىلگە‌ن.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئە‌يسا سىمۇ‌ن ئىسىملىك پە‌رىسىينىڭ ئۆيىدە بولغاندا،‏ بىر ئايال ئە‌يسانىڭ پۇ‌تىنى كۆز يېشى بىلە‌ن يۇ‌يۇ‌پ،‏ چېچى بىلە‌ن سۈرتۈپ قۇ‌رۇ‌تقان ۋە خۇ‌ش پۇ‌راق ماي سۈركىگە‌نىدى.‏ بۇ ئايال پاھىشە دە‌پ ھە‌ممىگە تونۇ‌لغانلىقتىن،‏ سىمۇ‌ن ئۇ‌نىڭ ئىش-‏ھە‌رىكىتىگە نارازى بولغان.‏