شەيتاننىڭ تۇزىقىغا چۈشمەسلىك ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئىسرائىل خەلقى ۋەدە قىلىنغان زېمىننىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغان ئىدى. ئىسرائىللار ئىئوردان دەرىياسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا، يات خەلق ئاياللىرى ئەرلەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر زىياپەتكە تەكلىپ قىلغان. بەلكىم، خەلققە بۇ ئۆزگىچە پۇرسەتتەك كۆرۈنگەن. يېڭى دوستلارنى تېپىش، شاد-خۇرام ئۇسسۇل ئويناپ، ھەرخىل يىمەك-ئىچمەكلەرنى يەپ-ئىچىش پۇرسىتى ئۇلارنى جەلپ قىلغان. يات خەلق ئاياللىرىنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى يەھۋا ئۆگەتكەن ئۆلچەملەردىن پەرقلەنگەن. لېكىن، بۇنىڭغا قارىماستىن، بەلكىم بەزى ئىسرائىل ئەرلەر: «بىز پەخەس بولىمىز. ئۇلار بىزگە تەسىر قىلالمايدۇ»،— دەپ ئويلىغان.
سانلار 25:1—3.
بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان؟ مۇقەددەس كىتابتا: «خەلق موئاب قىزلىرى بىلەن زىنا قىلىشقا باشلىدى»،— دەپ يېزىلغان. ئەمەلىيەتتە، يات خەلقتىن چىققان ئاياللار ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ يالغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشىنى كۆزلىگەن. ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە يېتىپ، ئىسرائىللارنى ئۆز ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلدۇرغان! شۇ سەۋەبتىن، «يەھۋانىڭ غەزىپى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىگە تۇتاشتى».—ئىسرائىللىقلار خۇدانىڭ ئىككى قانۇنىنى بۇزغان: بۇتلارغا چوقۇنغان ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغان. خۇداغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن نەچچە مىڭ ئىسرائىللىق ئۆلۈپ كەتكەن (چىق. 20:4، 5، 14؛ تەكرار. قا 13:6—9). ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش ئۈچۈن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈشلا قالغان بولسىمۇ، ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا كىرەلمىگەن. ئۇلار خۇدانىڭ قانۇنىنى بۇزمىغان بولسا، ئۇزۇن ئۆتمەي مىڭلىغان ئىسرائىللار خۇدا ۋەدە قىلغان يەرگە كىرگەن بولاتتى.—سانلار 25:5، 9.
ئەلچى پاۋلۇس ئىسرائىللار بىلەن بولغان ۋەقەلەر توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە زامانلارنىڭ ئاخىرىدا ياشاۋاتقان بىزلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سۈپىتىدە يېزىلغاندۇر» (1-كورىنت. 10:7—11). شەك-شۈبھىسىز، شەيتان بەزى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىر گۇناھ قىلىپ، ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشكە لايىق بولالمىغىنىدىن بەك خۇشال بولغان. شەيتان بىزنىڭمۇ خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى دۇنياغا كىرىشىمىزنى خالىمايدۇ. شۇڭا، ئىسرائىللار ئۆتكۈزگەن خاتالىقتىن ساۋاق ئالايلى!
بەك خەتەرلىك تۇزاق
شەيتان خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئولجا قىلىش ئۈچۈن ئۆزى ياخشى بىلىدىغان ۋە بۇرۇن كارغا كەلگەن تۇزاقلارنى ئىشلىتىدۇ. شەيتان ئىسرائىللارنى ئەخلاقسىز جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تۇزاققا چۈشەرگەن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇ مۇشۇ تۇزاقتىن پايدىلىنىدۇ. كۆپلىرى شەھۋانىي مەزمۇنلارنى a كۆرۈشكە باشلىغاندا، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق تۇزىغىغا چۈشۈپ قالغان.
بۈگۈن شەھۋانىي مەزمۇنلارنى يوشۇرۇن كۆرۈشكە بولىدۇ. كۆپ يىللار بۇرۇن ئادەم شەھۋانىي مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۇياتسىز فىلىملەرنى كۆرسىتىلىدىغان كىنوخانا ياكى شەھۋانىي كىتاب-ژۇرناللار سېتىلىدىغان دۇكانغا بېرىشى كېرەك ئىدى. نۇرغۇنلىرى باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ، دەپ نومۇس قىلىپ شۇنداق يەرلەرگە بارمايتتى. لېكىن ھازىر بولسا، ئادەم شەھۋانىي مەزمۇنلارنى ئىنتېرنېتتىن ئىشتا ياكى ماشىنىسىدا كۆرەلەيدۇ. بەزى دۆلەتلەردە شەھۋانىي مەزمۇنلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەتتا ئۆيدىن چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئېلېكترونلۇق قۇرۇلمىلار شەھۋانىي مەزمۇنلارغا قول يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ ئاسان قىلدى. ئادەملەر ھەتتا پىيادە ماڭغاندا ياكى ئاممىۋىي قاتناش ۋاسىتىلىرىدا كېتىپ بارغاندا، ئۆز قۇرۇلمىسىدىن ئۇياتسىز رەسىملەرنى كۆرەلەيدۇ.
ھازىر شەھۋانىي مەزمۇنلارغا قول يەتكۈزۈش ۋە ئۇنى يوشۇرۇن كۆرۈش بەك ئاسان بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن زىيان تارتىۋاتقانلارنىڭ سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپەيدى. ئۇنىڭ تورىغا چۈشكەن سانسىز ئادەملەر نىكاھىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى يوقىتىدۇ ۋە ۋىجدانىغا داغ تەگكۈزىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىقى، ئۇلار خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەنلەرنىڭ زىيان تارتىدىغانلىقى سۆزسىز. ئۇنى يارا بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ۋاقىت ئۆتۈپ، يارا ساقايسىمۇ، تارتۇقنىڭ ئىزى ئۇزۇنغىچە كەتمەيدۇ.
لېكىن، يەھۋا خۇدا بىزنى شەيتاننىڭ توزىقىدىن قوغدايدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى. يەھۋانىڭ بىزنى قوغدىشىنى خالىساق، بىز ئىسرائىل ئەرلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى قايتىلىماي، يەھۋاغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك (چىق. 19:5). يەھۋا خۇدا شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن نەپرەتلىنىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنىڭ يەھۋانىڭ كۆز ئالدىدا يىرگىنىچلىك ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى يەھۋا ئۆچ كۆرگەندەك ئۆچ كۆرۈڭ
ئويلاپ بېقىڭ، خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن قانۇنلىرى شۇ زاماندىكى باشقا خەلقلەرنىڭ قانۇنلىرىغا ئوخشىمىغان. قانۇنلارنى تامغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىنى باشقا خەلقلەرنىڭ تەسىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگكىنىچلىك ئىشلىرىدىن ھىمايە قىلغان (تەكرار. قا 4:6–8). بۇ قانۇنلاردىن يەھۋانىڭ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن نەپرەتلىنىدىغانلىقى ئېنىق كۆرۈنگەن.
لاۋى. 18:3، 25.
يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىگە «مەن سىلەرنى باشلاپ كېتىۋاتقان قانان زېمىنىدىكى كىشىلەر قىلىدىغان ئىشلارنى قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگە ئەگەشىپ يۈرمەڭلار»،— دەپ ئېيتقان. شۇنداقلا قوشنا خەلقلەرنىڭ ئەخلاقسىز ئىشلىرى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ زېمىننىمۇ ناپاك بولۇپ قالدى. مەن گۇناھى ئۈچۈن زېمىننى جازالايمەن». قانانلىقلار ئىپلاس يىرگىنىچلىك ئىشلارنى قىلغاچ، ئىسرائىللارنىڭ مۇقەددەس خۇداسى يەھۋا ئۇلار ياشىغان يەرنى ناپاك ۋە بۇلغانغان دەپ ھېسابلىغان.—يەھۋا قانانلىقلارنى جازالىغان بولسىمۇ، باشقا ئادەملەر جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭدىن 1500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئەلچى پاۋلۇس مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى «ئار-نومۇسنى ئۇنتۇپ» كەتكەن خەلقلەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمەلىيەتتە، «ئۇلار ئاچكۆزلۈك بىلەن ھەر تۈرلۈك ئىپلاس ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئەخلاقسىز يۈرۈش-تۇرۇشلارغا بېرىلىپ كەتتى» (ئەفەس. 4:17—19). بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر شۇنداق قىلىدۇ. بىز، خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى، بۇ دۇنيادىكىلەرنىڭ ئۇياتسىز ياكى ئەخلاقسىز ئىشلىرىنى كۆرۈشتىن قېچىش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىشىمىز كېرەك.
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر خۇداغا قارشى قىلىنغان ئېغىر گۇناھ. خۇدا ئادەملەرنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ۋە ئۇلارغا ياخشى بىلەن ياماننى پەرق قىلىش قابىلىيىتى، يەنى ۋىجداننى بەرگەن. يەھۋانىڭ ئادەملەرگە جىنسىي مۇناسىۋەتكە باغلىق قانۇنلارنى بەرگەنلىكى دانا بولغان. خۇدانىڭ نىيىتى بويىچە، ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتىن لەززەت تېپىشى كېرەك ئىدى (يارىت. 1:26—28؛ پەند. نە 5: 18،19). شەھۋانىي مەزمۇندىكى ماتېرىياللارنى چىقىرىدىغان ۋە تارقىتىدىغانلار خۇدانىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ ۋە يەھۋانى ھاقارەتلەيدۇ. خۇدانىڭ قانۇنلىرىنى بۇزۇپ، ئەخلاقسىز مەلۇماتلارنى چىقىرىدىغان ۋە تارقىتىدىغان كىشىلەر جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.—رىملىقلار 1:24—27.
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئەتەي كۆرىدىغان ياكى ئوقۇيدىغان ئادەملەر توغرۇلۇق نېمە ئېيتىشقا بولىدۇ؟ بەزىلەر شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنىڭ ھېچ زىيىنى يوق، كۆڭۈل ئېچىشنىڭ بىر تۈرى دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشكە باشلىغان كىشىلەر بۇ توغرۇلۇق ئويلىمىسىمۇ، خۇدانىڭ قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغانلارنى قوللايدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق ئېيتىلغاندەك، خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىشى كېرەك. خۇدانىڭ سۆزىدە: «ئەي يەھۋانى سۆيگەنلەر، يامانلىقنى ئۆچ كۆرۈڭلار»،— دەپ يېزىلغان.—زەبۇر 97:10.
يەرەم. 17:9). بىراق، ھەقىقەتنى بىلگەندىن كېيىن، كۆپ ئادەملەر بۇ ئادىتىدىن ئايرىلىپ، كۈرەشتە غەلبە قازانغان. ئەگەر سىزمۇ شۇنداق ئادەت بىلەن كۈرەش قىلۋاتقان بولسىڭىز، بۇنى بىلىش سىزگە كۈچ-غەيرەت بېرەلەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب سىزگە شەيتاننىڭ بۇ تۇزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇڭ.
ھەتتا، ئادەم شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگۈسى كەلمىسىمۇ، ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. بىز نامۇكەممەل بولغانلىقتىن، ناپاك جىنسىي ھەۋەسلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالدامچى يۈرىكىمىز بىزنى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنىڭ ھېچ يامىنى يوق، دەپ ئىشەندۈرۈشى مۇمكىن (ناپاك ئوي-خىياللاردىن يىراق بولۇڭ
كۆپلىگەن ئىسرائىللار ناتوغرا ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ، بېشىغا بالا كەلگەن. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ ناتوغرا ھەۋەسلەرگە بېرىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلىگەن: «كىمكى ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، … ئاندىن كېيىن، ھەۋەس ھامىلدار بولۇپ، گۇناھنى تۇغىدۇ» (ياقۇپ 1:14، 15). ئادەم يۈرىكىدە ناپاك ئوي-خىياللارنىڭ كۈچىيىشىگە يول قويسا، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ گۇناھ قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ناپاك ئوي-خىياللار ھەققىدە ئويلاشنى توختىتىپ، ئۇلارنى تۈپ يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك.
ئەگەر ئەخلاقسىز نەرسىلەر ھەققىدە ئوي-خىيالدا بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، دەرھال ھەرىكەت قىلىڭ. ئەيسا مۇنداق دېگەن: «ئەگەر قولۇڭ ياكى پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا باشلاپ كىرسە، ئۇنى كېسىپ تاشلىغىن. … شۇنىڭدەك، كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا باشلاپ كىرسە، ئۇنى ئويۇپ تاشلىغىن» (مەتتا 18:8، 9). ئەيسا بىزنىڭ تېنىمىزگە ئۇدۇل مەنىدە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتمىغان. ئۇ بۇ مىسال ئارقىلىق ناپاك ئويلارنىڭ نېمە ئۈچۈن پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلىشىمىز ۋە دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ئەيسانىڭ نەسىھىتى شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرمەسلىككە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
ئەگەر كۈتۈلمىگەن يەردىن شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەر كۆرسىتىلىپ قالسا، «بۇ ماڭا تەسىر قىلمايدۇ» دەپ ئويلىماڭ. دەرھال، كۆزۈڭىزنى ئېلىپ قېچىڭ. تېلېۋىزورنى، كومپيۇتېرنى ياكى يانفوننى دەررۇ ئۆچۈرىۋېتىڭ. دىققىتىڭىزنى باشقا يەرگە ئاغدۇرۇپ، پاك نەرسىلەر ھەققىدە ئويلىنىڭ. شۇ چاغدا، سىز ناتوغرا ھەۋەسلىرىڭىزنىڭ قۇلى بولماي، ئۇلارنى باشقۇرالايسىز.
ئۇياتسىز نەرسىلەر يادىڭىزغا چۈشكەندە
شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرۈشنى توختاتسىڭىزمۇ، بۇرۇن كۆرگەن ئۇياتسىز نەرسىلەر كۆز ئالدىڭىزغا كېلىپ قالسىچۇ؟ شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە ئەخلاقسىز سۈرەتلەر ياكى ئوي-خىياللار سىڭىپ كېتىپ، ئۇزاق ۋاقىت خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قېلىشى ۋە تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىشى مۇمكىن. بۇ قولدا زىنا قىلىش ياكى قولدا لەززەتلىنشتەك (شەھۋانىي ھەۋىسىنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز جىنسىي ئەزالىرىنى سىلاپ-سىيپاش) ناپاك ئادەتكە ئېلىپ كېلەلەيدۇ. شۇڭا، ئەخلاقسىز ئوي-خىياللار كاللىڭىزدا پەيدا بولۇشى مۈمكىنلىكىنى بىلىپ، ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەييار بولۇڭ.
ئويلىرىڭىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن يەھۋا خۇدانىڭ يۈرىكىنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىڭ. «تېنىمنى قاتتىق تەربىيىلەپ، ئۇنى قۇلدەك تىزگىنلەپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەن ئەلچى پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىڭ (1-كورىنت. 9:27). ناپاك ھەۋەسلىرىڭىزنىڭ قۇلى بولماڭ. «خۇدانىڭ ياخشى، مەقبۇل ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن» ئەقلىڭىزنى يېڭىلاپ، ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ (رىملىقلار 12:2). گۇناھكار ھەۋەسلىرىمىزگە بېرىلىشكە قارىغاندا، ئوي-خىيال ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە خۇدانى خۇرسەن قىلىشنىڭ كۆپرەك قانائەتكە ئېرىشتۈردىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى.
گۇناھكار ھەۋەسلەرگە بېرىلىشكە قارىغاندا، ئوي-خىياللار ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردە خۇدانى خۇرسەن قىلىش كۆپرەك قانائەتكە ئېرىشتۈرىدۇ
مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەرنى يادلاۋېلىڭ. ئويۇڭىزغا ناپاك ئوي-خياللار كەلگەندە، بۇ ئايەتلەر توغرۇلۇق ئويلىنىڭ. مەسىلەن، زەبۇر 119:37؛ يەشايا 52:11؛ مەتتا 5:28؛ ئەفەسلىكلەر 5:3؛ كولوسىلىقلار 3:5؛ 1-سالونىكالىقلار 4:4—8-ئايەتلەرگە ئوخشاش ئايەتلەر، شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە يەھۋانىڭ كۆز قارىشى بىلەن قارىشىڭىزغا ۋە ئۇنىڭ سىزدىن نېمىنى كۈتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۇياتسىز نەرسىلەرنى كۆرۈش ياكى ئەخلاقسىز خام خىياللارنى قىلىش پاتقىقىغا پېتىپ قېلىپ، ئۇلارنى تاشلاش قىيىن بولسىچۇ؟ ئەيسا مەسىھتىن ئۈلگە ئېلىڭ (1-پېتر. 2:21). ئەيسا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، شەيتان ئۇنى قايتا-قايتا ئېزىقتۇرغان. شۇ چاغدا ئەيسا نېمە قىلغان؟ ئۇ بوي بەرمىگەن. ئەيسا بىرنەچچە ئايەتلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، شەيتانغا قارشى تۇرغان. ئۇ «يوقال، شەيتان!» دېگەندە، شەيتان ئۇنىڭ قېشىدىن كېتىپ قالدى. ئەيسا شەيتانغا بوي بەرمەي، ئۇنىڭغا دائىم قارشى تۇرغان، سىزمۇ شۇنداق قىلىشىڭىز كېرەك (مەتتا 4:1—11). شەيتان ۋە ئۇنىڭ دۇنياسى ئەقلىڭىزنى بۇلغاپ، ناپاك ئوي-خىياللار بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشسىمۇ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنى توختاتماڭ. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن سىز شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلبە قازىنالايسىز.
يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭ
يەھۋا خۇداغا دائىم دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراڭ. ئەلچى پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «تىلەكلىرىڭلارنى خۇداغا بىلدۈرۈڭلار. ھەرقانداق ئوي-پىكىردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان خۇدانىڭ تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكىرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قوغدايدۇ» (فىلىپى. 4:6، 7). سىزدە تەڭرىنىڭ تىنچلىقى بولسا، گۇناھقا قارشى تۇرالايسىز. يەھۋاغا يېقىنلاشسىڭىز، ‹ئۇ ھەم سىزگە يېقىنلىشىدۇ›.—ياقۇپ 4:8.
ئالەمنىڭ ئېگىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولسىڭىز، شەيتاننىڭ ھېچقانداق تۇزىقىغا چۈشمەيسىز. ئەيسا: «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانى [شەيتان] كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇدەك ھېچقانداق كۈچى يوق»،— دېگەن (يۇھاننا 14:30). ئەيسا نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا ئىشەنگەن؟ ئۇ مۇنداق دەپ چۈشەندۈرگەن: «مېنى ئەۋەتكۈچى — مېنىڭ بىلەن، ئۇ مېنى يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھېمىشەم ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن» (يۇھاننا 14:30). ئەگەر يەھۋا خۇدانى ھەممە ئىشلىرىڭىز بىلەن خۇشال قىلىشقا تىرىشسىڭىز، ئۇ سىزنىمۇ ھېچقاچان يالغۇز قالدۇرمايدۇ. شەھۋانىي مەزمۇندىكى نەرسىلەردىن نېرى تۇرسىڭىز، شەيتان سىزنى ئۆز توزىقىغا چۈشۈرەلمەيدۇ.
a شەھۋانىي مەزمۇنلار دېگىنىمىز — ئادەمنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى (نەپسىنى) قوزغايدىغان ئۇياتسىز سۈرەتلەر، كىتاب-ژۇرناللار، مۇزىكا، فىلىملەر دېگەندەك شەھۋانىي مەلۇماتلار.