29-تەتقىق ماقالىسى
«بېرىڭلار، … شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»
«بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار».—مەتتا 28:19.
144-ناخشا ھايات بېرىدىغان خەۋەر
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) مەتتا 28:18—20-ئايەتلەرگە ئاساسەن، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەقسىتى قانداق؟ (2) مۇشۇ ماقالىدە قانداق سوئاللارغا جاۋاب تاپىمىز؟
ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىن جەلىلىىيىدىكى بىر تاغقا چىقىپ، شاگىرتلىرى بىلەن يىغىلغانىدى. بۇ شاگىرتلار ئۈچۈن ھاياجانلىق بىر ۋەقە بولغان (مەتتا 28:16). ئېھتىمال، شۇ چاغدا ئەيسا «500دىن ئوشۇغىراق قېرىنداشلارغا كۆرۈنگەن» (1-كورىنت. 15:6). ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن شۇ يەردە نېمە ئۈچۈن جەم بولغان؟ ئۇ ئۇلارغا ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرغان: «بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار».—مەتتا 28:18—20-نى ئوقۇڭ.
2 ئەيسانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان شاگىرتلار كېيىنرەك بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ ئەزالىرى بولغانىدى. شۇ جامائەتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى كۆپرەك شاگىرتلارنى تەييارلاش بولغان b. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى ئون مىڭلىغان جامائەتلەرنىڭمۇ ئاساسىي مەقسىتى ئوخشاش. بۇ ماقالىدە، بىز تۆت سوئالغا جاۋاب تاپىمىز: شاگىرت تەييارلاش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟ خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى شاگىرت تەييارلىشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئىشنى ئورۇنداش ئۈچۈن نېمە سەۋەبتىن سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟
شاگىرت تەييارلاش نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
3. يۇھاننا 14:6؛ 17:3-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، شاگىرت تەييارلاش ئىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
3 شاگىرت تەييارلاش ئىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟ چۈنكى، پەقەتلا ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى خۇدانىڭ دوستى بولالايدۇ. شۇنداقلا، ئەيسانىڭ ئىزىدىن ماڭغانلار بۈگۈنكى كۈندە خۇشال-خۇرام ھايات كەچۈرۈپلا قالماي، كېلەچەكتە مەڭگۈ ياشىيالايدۇ (يۇھاننا 14:6؛ 17:3-نى ئوقۇڭ). ئەيسا بىزگە مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغان، ئەمما بىز ئۇنى يالغۇز ئورۇندىيالمايمىز. ئەلچى پاۋلۇس ئۆزى ۋە يېقىن شېرىكلىرى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «بىز خۇدانىڭ خىزمەتداشلىرىمىز» (1-كورىنت. 3:9). يەھۋا ۋە ئەيسا نامۇكەممەل ئادەملەرگە نەقەدەر چوڭ شان-شەرەپلىك ئىشنى تاپشۇرغان-ھە!
4. ئىۋان ۋە ماتىلدانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
4 شاگىرت تەييارلاش ئىشى بىزگە كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. كولۇمبىيىدە ياشايدىغان ئىۋان ۋە ماتىلدا ئىسىملىك ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار داۋيېر ئىسىملىك ياش يىگىتكە ۋەز قىلىدۇ. داۋيېر: «مەن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشنى بەك خالىساممۇ، بۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ»،— دېگەن. ئۇ كەسپىي بوكسچى بولغان، ھاراق ئىچىپ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغان ۋە ئېرىكا ئىسىملىك قىز بىلەن ياشىغان. ئىۋان مۇنداق دەيدۇ: «بىز داۋيېرغا يولۇقۇش ئۈچۈن پاتقاق يولدا ۋېلىسپىت بىلەن بىرنەچچە سائەت مېڭىپ يىراق بىر يېزىغا باراتتۇق. داۋيېرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىغان ئېرىكا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىدى». ۋاقىت ئۆتۈپ داۋيېر زەھەر چېكىشنى، ھاراقنى، بوكسنى تاشلاپ، ئېرىكا بىلەن قانۇنلۇق نىكاھدىن ئۆتتى. ماتىلدا مۇنداق دەيدۇ: «2016-يىلى داۋيېر بىلەن ئېرىكا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن چاغدا، داۋيېرنىڭ ‹مەن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشنى بەك خالىساممۇ، بۇ قولۇمدىن كەلمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرى ئېسىمىزگە چۈشكەندە، ئۆزىمىزنى تۇتالماي، كۆز ياش قىلدۇق». ئادەملەرگە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئارتۇق خۇشاللىق يوق.
شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز لازىم؟
5. شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن بىرىنچى نۆۋەتتە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
5 شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن بىرىنچى نۆۋەتتە يەھۋا توغرۇلۇق بىلىشنى خالايدىغان ئادەملەرنى ئىزدىشىمىز كېرەك (مەتتا 10:11). ئۇچراتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە يەھۋا توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەندە، بىز ھەقىقىي يەھۋا گۇۋاھچىسى ۋە ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ۋەز قىلىش بۇيرۇقىنى ئورۇنلايمىز.
6. ۋەز خىزمىتىدە ئۇتۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
6 بەزى ئادەملەر مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى بىلىشكە تەشنا. ئەمما كۆپ ساندىكىلەر، ھەقىقەتكە دەرھاللا قىزىقمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى ئويغىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز زۆرۈر. ۋەز خىزمىتىدە ئۇتۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملەرگە قىزىق بولىدىغان ماۋزۇلارنى تاللاپ، شۇ ماۋزۇلاردا تەۋسىيە تەييارلاشقا بولىدۇ.
7. سۆھبەتنى قانداق باشلىساق بولىدۇ؟ ئادەملەرنى زەن قويۇپ تىڭشاش ۋە كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
7 مەسىلەن، سۆھبەتنى باشلاش ئۈچۈن ئادەمگە مۇنداق سوئال قويسىڭىز بولىدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە نىكاھدىن ئاجرىشىش ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قانداق ئويلايسىز، ئائىلە بەختلىك بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟» كېيىن، سىز كولوسىلىقلار 3:18، 19-نى ئوقۇپ چۈشەندۈرسىڭىز بولىدۇ. مەيلى نېمە ھەققىدە سۆزلىمەڭ، ئادەملەر توغرۇلۇق ئويلاڭ. ئۇلار مۇقەددەس كىتابتىن قانداق پايدا ئالالايدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئادەملەر بىلەن سۆزلەشكەندە، زەن قويۇپ تىڭشاپ، ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى ھۆرمەتلەڭ. شۇ چاغدا ئادەملەرنى ياخشىراق چۈشىنەلەيسىز ۋە ئۇلار سىزنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىشى مۇمكىن.
8. ئادەملەرگە نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا بېرىشىمىز كېرەك؟
8 بىرسى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭغا قايتا يولۇقۇش ئۈچۈن ۋاقىت بۆلۈپ، كۈچ چىقىرىش كېرەك. چۈنكى، ئادەملەرگە قايتا كەلگەندە، ئۇلار ئۆيىدە بولماسلىقى مۇمكىن. بەلكىم، بىر كىشى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بىر نەچچە قېتىم كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكنى دائىم سۇغىرىپ تۇرساق، ئۇ ياخشى ئۆسىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق دائىم سۆزلىشىپ تۇرساق، ئۇنىڭ يەھۋا خۇداغا ۋە ئەيساغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى ئاشىدۇ.
خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى شاگىرت تەييارلىشى كېرەكمۇ؟
9، 10. نېمە ئۈچۈن سەمىمىي ئادەملەرنى ئىزدەشكە خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى قاتنىشىدۇ، دەپ ئېيتالايمىز؟
9 سەمىمىي ئادەملەرنى تېپىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ھەممە خىزمەتچىلىرى كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ ئىش يوقاپ كەتكەن بالىنى ئىزدەش ئىشىغا ئوخشايدۇ. قانداقلارچە؟ ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى تىلغا ئالساق، بىر دۆلەتتە ئۈچ ياشلىق كىچىك بالا يوقاپ كەتكەن. ئۇنى ئىزدەشكە تەخمىنەن 500 ئادەم قاتناشقان. 20 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئىزدەشكە قاتناشقانلاردىن بىرى بالىنى قوناق ئېتىزىدىن تاپقان. شۇ كىشى ئادەملەرنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلماي: «بالىنى يالغۇز مەن ئەمەس، يۈزلىگەن ئادەم ئىزدىدۇققۇ»،— دەپ ئېيتقان.
10 كۆپ ئادەملەر شۇ يوقالغان بالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ۋە ياردەمگە موھتاج (ئەفەس. 2:12). سەككىز مىليوندىن كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز شۇنداق ئادەملەرنى ئىزدىمەكتە. بەلكىم، سىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادەمنى تاپالمىغانسىز. ئەمما، باشقا قېرىنداشلار خۇدانىڭ سۆزىدىكى ھەقىقەتنى بىلىشنى خالايدىغان ئادەمنى تاپقان بولۇشى مۇمكىن. ھەقىقەتنى بىلگىسى كەلگەن ئادەمنى كىمنىڭ تېپىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئەيسانىڭ شاگىرتى بولغانلىقىنى كۆرگەندە، ھەممىمىز خۇشال بولىمىز، چۈنكى، ئۇنى ئىزدەشكە ھەممىمىز قاتناشتۇق.
11. ھېچكىم بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنمىسىڭىزمۇ، شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قانداق قاتنىشالايسىز؟
11 سىز ھازىرچە ھېچكىم بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنمىسىڭىزمۇ، شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا باشقا يوللار بىلەن قاتنىشالايسىز. مەسىلەن، ئىبادەت ئۆيىگە بىرىنچى قېتىم كەلگەن ئادەمنى قۇچاق يېيىپ قارشى ئالالايسىز ۋە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەلەيسىز. شۇ چاغدا، ئۇ ئەيسانىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرى ئىكەنلىكىمىزنى مېھىر-مۇھەببىتىمىزدىن كۆرەلەيدۇ (يۇھاننا 13:34، 35). جامائەتتە قىسقا بولسىمۇ، چىن يۈرەكتىن ۋە ھۆرمەت بىلەن بېرىلگەن جاۋابلىرىمىزدىن يېڭىدىن كەلگەن ئادەملەر كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلەيدۇ. يېقىندا ۋەز قىلىشنى باشلىغان قېرىنداش بىلەن ۋەز خىزمىتىگە چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ تەلىم بېرىشكە ياردەم بېرەلەيسىز. شۇنداق قىلىپ، سىز ئۇنىڭغا ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىشنى ئۆگىتىسىز.—لۇقا 10:25—28.
12. شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر قابىلىيەت كېرەكمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
12 شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنى بولىۋىيىدە ياشايدىغان فائۇستىنا قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشقاندا خەت تونۇمىغان. بىراق، كېيىن خەت ئوقۇشنى كىچىككىنە ئۆگەنگەن. ھازىر ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئادەتتە، ئۇ ھەر ھەپتە بەش ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشى ئېلىپ بارىدۇ. فائۇستىنا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدەك ياخشى ئوقۇيالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئالتە ئادەمنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ياردەم بەرگەن.—لۇقا 10:21.
13. ئىشلىرىمىز كۆپ بولسىمۇ، شاگىرت تەييارلاش ئىشىغا قاتناشساق، بىز قانداق بەرىكەتلەرگە ئىگە بولالايمىز؟
13 كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ئىشلىرى چاچتىن تولا بولسىمۇ، ئۇلار ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ، كۆپ خۇشاللىق تاپىدۇ. ئالياسكىدا ياشايدىغان مېلانى قېرىنداشنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ سەككىز ياشلىق قىزىنى يالغۇز تەربىيىلىگەن. ئۇ يەنە پۈتۈن كۈن ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن باشقا راك كېسىلى بىلەن ئاغرىغان دادىسىدىن خەۋەر ئالاتتى. مېلانى ياشايدىغان كىچىك شەھەردە ئۇ بىردىن بىر يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان. ئۇ سوغۇق ھاۋا رايىغا قارىماستىن ۋەز خىزمىتىگە چىقىش ئۈچۈن يەھۋاغا دائىم دۇئا قىلىپ كۈچ سورىغان. سەۋەبى، مېلانى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادەمنى تېپىشنى ئىنتايىن خالىغان. كېيىن، ئۇ سارا ئىسىملىك ئايالنى ئۇچراشتۇرغان. سارا خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىپ بەك خۇشال بولغان ۋە كۆپ ئۆتمەي، ئۇ مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغان. مېلانى مۇنداق دەيدۇ: «ھەر جۈمە كۈنى كەچتە ھېرىپ-چارچاپ ئۆيگە ئاران-ئاران يېتىپ كەلسەممۇ، قىزىم ئىككىمىز ئاشۇ مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈشكە باراتتۇق. بۇنىڭدىن ھەر ئىككىمىز كۆپ پايدىغا ئېرىشتۇق. بىز سارانىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئۇنىڭ يەھۋا خۇدا بىلەن دوست بولغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇق». سارا قارشىلىقلارغا قارىماستىن، چېركاۋدىن كېتىپ، چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنىدى.
شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن سەۋر-تاقەت كېرەك
14. (1)شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى نېمە ئۈچۈن بېلىقچىلىق بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟ (2) پاۋلۇسنىڭ 2-تىموتىي 4:1، 2-ئايەتتىكى سۆزلىرىگە ماس بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
14 خىزمىتىڭىز نەتىجىسىز بولۇپ كۆرۈنسىمۇ، مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى خالايدىغان ئادەمنى تېپىشتىن ئۈمىد ئۈزمەڭ. ئەيسا شاگىرت تەييارلاش ئىشىنى بېلىقچىلىق بىلەن سېلىشتۇرغان. بېلىقچىلار بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. ئادەتتە ئۇلار كەچ كىرگەندە ياكى تاڭ سەھەردە ئىشلەيدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا يىراق يەرلەرگە سەپەر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ (لۇقا 5:5). شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى ئېتىقادداشلار شاگىرت تەييارلاش ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا ۋە جايلاردا ۋەز قىلىپ، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ شۇنداق قىلىپ، ئۇلار مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزەلەيدۇ. كۆپ تەر تۆكۈپ ئەمگەك قىلىدىغان ۋەز ئېيتقۇچىلار ئادەتتە خۇش خەۋەرگە قىزىقىدىغان ئادەملەرنى ئۇچرىتىدۇ. سىزمۇ ئادەملەرنى كۆپرەك ئۇچرىتىشقا بولىدىغان ۋاقىتتا ياكى جايدا ۋەز قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرالامسىز؟—2-تىموتىي 4:1، 2-نى ئوقۇڭ.
15. نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگەندە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟
15 نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزگەندە سەۋر-تاقەتلىك بولۇشىمىز كېرەك؟ ئۇنىڭ بىر سەۋەبى — بىز ئادەمگە مۇقەددەس كىتابتىكى تەلىملەرنى بىلىپ، ئۇلارغا ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىتىپلا قويماي، مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى يەھۋا خۇدانى تونۇپ-بىلىشكە ۋە ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە ياردەم بېرىمىز. بىز ئادەمگە پەقەت ئەيسا شاگىرتلىرىدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەمەس، ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇش ئۈچۈن قانداق ھايات كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچى مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلارنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا تىرىشقاندا، ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. بەزىلەر كۆز قاراشلىرىنى ۋە ئادەتلىرىنى بىرنەچچە ئاينىڭ ئىچىدە ئۆزگەرتىدۇ. باشقىلارغا بولسا، ئۆزگىرىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېرەك بولىدۇ.
16. رائۇل بىلەن بولغان ۋەقەدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 پېرۇدا ياتئەل خەلقى ئارىسىدا ۋەز ئېيتقۇچى [مىسسىئونېر] بولۇپ خىزمەت قىلغان بىر قېرىندىشىمىز سەۋر-تاقەتلىك بولۇشنىڭ قانچىلىك پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن رائۇل ئىسىملىك كىشى بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەندىم. بىز ئىككى كىتابنى ئوقۇپ تۈگەتتۇق. لېكىن، ئۇنىڭغا ھاياتىنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن قىيىن بولغانىدى. سەۋەبى، ئۇ ئاغزىنى يامان قىلغان، ئائىلىسىدە كۆپ قىيىنچىلىقلار بولغان ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى ئۇنى ھۆرمەتلىمىگەن. بىراق بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ جامائەتكە پات-پات كېلەتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشنى توختاتمىدىم. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، رائۇل چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى».
17. كېلەركى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
17 ئەيسا بىزگە: «بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار»،— دېگەن. مۇشۇ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاش ئۈچۈن كۆز قارىشى بىزنىڭكىدىن پەرقلىنىدىغان ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بىرسى ھېچقانداق دىنىي-ئېتىقادنى قوبۇل قىلمايدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ. كېلەركى ماقالىدە شۇنداق ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى قانداق يەتكۈزۈشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
44-ناخشا خۇشاللىق بىلەن ھوسۇل يىغىش
a خۇدانىڭ ھەقىقىي خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى — ئادەملەرگە ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇشقا ياردەم بېرىش. بۇ ماقالىدە مۇشۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
b سۆز-ئىبارە مەنىسى: ئەيسانىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن ئەيسا ئۆگەتكەن تەلىملەرنى ئۆگىنىپلا قويماي، شۇ تەلىملەرنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش ھەم ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنىڭ ئىزىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىمىز لازىم.—1-پېتر. 2:21.
c سۈرەتتە: دەم ئېلىشقا كېتىۋاتقان بىر ئەر كىشى ئايروپورتتا يەھۋا گۇۋاھچىلىرىدىن ماتېرىيالنى ئالدى. كېيىن دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئادەم كۆپ جايدا ۋەز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە ۋەز قىلىش ئۈچۈن كەلدى.
d سۈرەتتە: شۇ كىشى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە باشلىدى ۋە كېيىن چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتتى.