مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

27-‏تە‌تقىق ماقالىسى

زىيانكە‌شلىككە ھازىر تە‌ييارلىق قىلىڭ

زىيانكە‌شلىككە ھازىر تە‌ييارلىق قىلىڭ

‏«مە‌سىھ ئە‌يساغا ئە‌گىشىپ،‏ خۇ‌داغا سادىق ھايات كە‌چۈرۈشنى ئىرادە قىلغانلارنىڭ ھە‌ممىسى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ».‏—‏2-‏تىموت.‏ 3:‏12‏.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىز نېمە ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

 ھە‌زرىتى ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆز شاگىرتلىرىنى ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ،‏ ئۆلۈمى ئالدىدىكى ئاخىرقى كۈنى شۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان (‏يۇ‌ھاننا 17:‏14‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلمايدىغان كىشىلە‌ر تا بۈگۈنكى كۈنگىچە خۇ‌دانىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلىپ كېلىۋاتىدۇ (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏12‏)‏.‏ بۇ دۇ‌نيا تۈزۈمىنىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى،‏ دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ قارشىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏9‏.‏

2،‏ 3.‏ (‏1)‏ قورقۇ‌نچنىڭ قانداق زىيىنى بار؟‏ (‏2)‏ بۇ ماقالە نېمە ھە‌ققىدە؟‏

2 ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا قانداق تە‌ييارلىق قىلساق بولىدۇ؟‏ قورقۇ‌نچلۇ‌ق ۋە‌زىيە‌تلە‌رنى كۆز ئالدىمىزغا كە‌لتۈرۈپ،‏ سە‌لبىي يە‌نى يامان ئوي-‏خىياللارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ «قورققانغا قوش كۆرۈنە‌ر» دېيىلگە‌ندە‌ك،‏ ئە‌گە‌ر قىيىنچىلىقلارنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلساق،‏ بىزنى قورقۇ‌نچ چىرمىۋېلىشى ھە‌مدە تېخى بېشىمىزغا سىناق كە‌لمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ بە‌ل قۇ‌يۋېتىپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىمىز مۇ‌مكىن (‏پە‌ند.‏ نە 12:‏25؛‏ 17:‏22‏)‏.‏ قورقۇ‌نچ —‏ دۈشمىنىمىز ئىبلىسنىڭ كۈچلۈك قورالى (‏1-‏پېتر.‏ 5:‏8،‏ 9‏)‏.‏ زىيانكە‌شلىككە تە‌ييار بولۇ‌ش ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلالايمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلىقىمىزنى كۈچە‌يتىشكە ۋە ھازىرىرىنىڭ ئۆزىدە شۇ‌نداق قىلىش كېرە‌كلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىمىز.‏ شۇ‌نداقلا بىز تېخىمۇ جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ شۇ‌نداقلا باشقىلار بىزنى ئۆچ كۆرگە‌ندە،‏ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشقا بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىمىز.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن دوستلىقىمىز كۈچە‌يسۇ‌ن

4.‏ ئىبرانىيلار 13:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ نېمىگە ئىشە‌نچ قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ مۇ‌ھىم؟‏

4 يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ۋە ھېچقاچان تاشلىمايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ (‏ئىبرانىيلار 13:‏5،‏ 6-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏‏.‏ كۆپ يىللار بۇ‌رۇ‌ن «كۈزىتىش مۇ‌نارى» ژورنلىدا:‏ «خۇ‌دانى ياخشى بىلگە‌ن ئادە‌م سىناق ۋاقتىدا ئۇ‌نىڭغا تايىنىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ سۆزلە‌رنىڭ جېنى بار!‏ دۈشمە‌نلە‌رنىڭ قارشىلىقىغا تاقابىل تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن يە‌ھۋانى سۆيىشىمىز،‏ ئۇ‌نىڭغا پۈتۈنلە‌ي تايىنىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىدىن گۇ‌مان قىلماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏—‏مە‌تتا 22:‏36—‏38؛‏ ياقۇ‌پ 5:‏11‏.‏

5.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

5 يە‌ھۋاغا يېقىنراق بولۇ‌ش ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ھە‌ر كۈنى ئوقۇ‌ڭ (‏ياقۇ‌پ 4:‏8‏)‏.‏ ئوقۇ‌غان چاغدا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ۋە مېھرىبانلىقتە‌ك خىسلە‌تلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئېيتقان سۆزلىرى بىلە‌ن ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ (‏چىق.‏ 34:‏6‏)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر ئۈچۈن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن،‏ چۈنكى ئۇ‌لار مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى كۆرمە‌ي چوڭ بولغان.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغىدا بولسىڭىز،‏ ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا سىزگە مېھرىبانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌نلىكىنى يېزىپ خاتىرلە‌ڭ (‏زە‌بۇ‌ر 78:‏38،‏ 39؛‏ رىملىقلار 8:‏32‏)‏.‏ خۇ‌دا سۆزىدىن ئوقۇ‌غانلىرىڭىز ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلغاندا ۋە ئۆز تە‌جرىبە ساۋاقلىرىڭىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ سىزگە كۆپ ياخشىلىق قىلغانلىقىنى چۈشىنىسىز.‏ ئۇ‌نىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى قانچە قە‌دىرلىگە‌نسېرى،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىڭىز شۇ‌نچە مە‌ھكە‌م بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1،‏ 2‏.‏

6.‏ زە‌بۇ‌ر 94:‏17—‏19-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىش سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

6 دائىم دۇ‌ئا قىلىڭ‏.‏ دادىسىنىڭ قۇ‌چىغىدا ئولتۇ‌رغان بالىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ.‏ ئۇ ئۆزىنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلىدۇ.‏ بېشىدىن ئۆتكە‌ن ياخشى-‏يامان نە‌رسىلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىنى دادىسىغا ئە‌ركىن ئېيتىپ بېرە‌لە‌يدۇ.‏ سىزمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن شۇ‌نداق مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايسىز.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا ھە‌ر كۈنى چىن يۈرە‌كتىن دۇ‌ئا قىلىڭ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 94:‏17—‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ كۆيۈمچان ئاتىڭىزغا ئىچ باغرىڭىزنى تۆكۈپ،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشىلىرىڭىزنى ئوچۇ‌ق ئېيتىڭ (‏يە‌رە‌م.‏ يىغ 2:‏19‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ «ھە‌رقانداق ئوي-‏پىكىردىن ئۈستۈن تۇ‌رىدىغان خۇ‌دانىڭ تىنچلىقى»غا ئىگە بولىسىز (‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋاغا قانچە كۆپ دۇ‌ئا قىلسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نچە يېقىن بولىسىز.‏—‏رىملىقلار 8:‏38،‏ 39‏.‏

يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ئېتىقادىمىز مە‌ھكە‌م بولسا،‏ جاسارە‌تلىك بولالايمىز

ستانلىي جونس خۇ‌دا پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىپ،‏ ئېتىقادىنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىگە‌نىدى (‏7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

7.‏ نېمە ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌دىلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

7 خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقى بە‌رىكە‌تلە‌رنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلىڭ (‏سانلار 23:‏19‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ئىشە‌نچىڭىز ئاجىز بولسا،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نى ياقلىغۇ‌چىلار سىزنى ئاسان قورقۇ‌تالايدۇ (‏پە‌ند.‏ نە 24:‏10؛‏ ئىبرانىي.‏ 2:‏15‏)‏.‏ خۇ‌دانىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى ۋە‌دىلە‌ر ۋە ئۇ‌لارنىڭ نېمە سە‌ۋە‌بتىن چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌تقىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ.‏ بۇ قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ ئېتىقادى ئۈچۈن يە‌تتە يىل قاماقتا ئولتۇ‌رغان ستانلىي جونس بۇ‌رادە‌رنىڭ مىسالىنى كۆرە‌يلى.‏ ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقى ۋە ئۇ‌نىڭ نېمە قىلىدىغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئالغانسېرى ئېتىقادىم مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ندى،‏ شۇ‌ڭا ھېچ گۇ‌مانىم بولمىغانىدى.‏ ھېچكىم مېنى يە‌ھۋانى تاشلاپ كېتىشكە مە‌جبۇ‌رلىيالمىغان».‏ خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرىگە قە‌تئىي ئىشە‌نسىڭىز،‏ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىن بولىسىز ۋە قورقۇ‌نچقا چۈشمە‌يسىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 3:‏25،‏ 26‏.‏

8.‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا قانداق قارايدىغانلىقىمىز نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

8 يىغىلىشلارنى تاشلىماڭ‏.‏ يىغىلىشلار ئارقىلىق يە‌ھۋاغا يېقىن بولالايسىز.‏ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشقا قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شىمىز،‏ كە‌لگۈىسىدە زىيانكە‌شلىككە قانچىلىك تە‌ييار ئىكە‌نلىكىمىزنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 10:‏24،‏ 25‏)‏.‏ چۈنكى،‏ ئە‌گە‌ر بىز بۈگۈن كىچىك ئىشلار سە‌ۋە‌بلىك يىغىلىشلارغا بارمىساق،‏ كېلە‌چە‌كتە ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىش ئۈچۈن ھاياتىمىزنى تە‌ۋە‌ككۈل قىلىشقا توغرا كە‌لسە نېمە قىلىمىز؟‏ ئە‌كسىنچە،‏ يىغىلىشلارنى تاشلىمىساق دۈشمە‌نلىرىمىز جە‌م بولۇ‌پ ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلسا،‏ بىزنى ھېچ نېمە توختىتالمايدۇ.‏ يىغىلىشلارغا قاتنىشىشنى ياخشى كۆرۈشنى ھازىر ئۆگىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ يىغىلىشلارنى ياخشى كۆرسە‌ك،‏ ھېچقانداق قارشىلىقلار،‏ ھە‌تتا ھۆكۈمە‌تنىڭ پائالىيىتىمىزنى مە‌نئىي قىلىشىمۇ ئادە‌مگە ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌داغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 5:‏29‏.‏

ھازىر يادلاۋاتقان ئايە‌تلە‌ر ۋە ناخشىلار ھۆكۈمە‌ت بىزگە قارشى چىققاندا سىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ (‏9-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

9.‏ ئايە‌تلە‌رنى يادقا بىلىش سىناقلارغا تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

9 ئۆزىڭىزگە ياقىدىغان ئايە‌تلە‌رنى يادلاۋېلىڭ (‏مە‌تتا 13:‏52‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئايە‌تلە‌رنى ئە‌ستە ساقلىيالمايمە‌ن دە‌يدىغانسىز.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق شۇ ئايە‌تلە‌رنى ئېسىڭىزگە ئېلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏26‏)‏.‏ شە‌رقىي گېرمانىيىدە بىر كىشىلىك تۈرمىدە ئولتۇ‌رغان بۇ‌رادە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مېنىڭ 200دىن ئوشۇ‌ق ئايە‌تلە‌رنى يادقا بىلگىنىم بە‌كمۇ ياخشى بولدى.‏ يالغۇ‌ز بولساممۇ،‏ ئويۇ‌م ھە‌رقاچان روھىي ماۋزۇ‌لار بىلە‌ن تولغان ئىدى».‏ شۇ ئايە‌تلە‌ر بۇ‌رادىرىمىزگە يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شقا ۋە سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

‏(‏10-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏ e

10.‏ نېمە ئۈچۈن ناخشىلارنى يادلىۋېلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

10 يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان ناخشىلارنى يادلىۋېلىپ،‏ ئېيتىپ يۈرۈڭ.‏ فىلىپى شە‌ھىرىدە قاماقتا بولغاندا پاۋلۇ‌س بىلە‌ن سىلاس يادقا بىلگە‌ن ناخشىلارنى ئېيتىپ،‏ يە‌ھۋانى مە‌دھىيىلىگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 16:‏25‏)‏.‏ سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋاقتىدا سېبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان قېرىنداشلار بىر-‏بىرىگە يار-‏يۆلە‌ك بولغان.‏ مارىيا فېدۇ‌ن قېرىنداش ئە‌سلە‌پ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «ناخشا كىتابىدىن ئۆگىنىۋالغان ھە‌ممە ناخشىلارنى ئېيتتۇ‌ق».‏ شۇ ناخشىلار ئۇ‌لارغا ئىلھام بېرىپ،‏ يە‌ھۋاغا يېقىن بولۇ‌شقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ سىز ناخشا كىتابى ۋە تور بېكىتىدىكى ياخشى كۆرگە‌ن ناخشىڭىزنى ئېيتقاندا،‏ غە‌يرە‌تكە تولىدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىڭىزمۇ؟‏ ئۇ‌نداقتا ناخشىلارنى يادلىۋېلىڭ.‏ «‏ بىزگە جاسارە‌ت بە‌رگىن!‏‏» دېگە‌ن رامكىغا قاراڭ.‏

تېخىمۇ باتۇ‌ر بولۇ‌ڭ

11،‏ 12.‏ (‏1)‏ 1-‏سامۇ‌ئىل 17:‏37،‏ 45—‏47-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ داۋۇ‌ت نېمىشقا باتۇ‌ر بولغان؟‏ (‏2)‏ داۋۇ‌تنىڭ مىسالىدىن قانداق مۇ‌ھىم ساۋاق ئالالايمىز؟‏

11 قارشىلىققا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن باتۇ‌رلۇ‌ق كېرە‌ك.‏ ئە‌گە‌ر سىزدە باتۇ‌رلۇ‌ق يېتىشمىسە نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟‏ ھە‌قىقىي باتۇ‌رلۇ‌ق چوڭ-‏كىچىكلىكىڭىزگە،‏ كۈچىڭىزگە ۋە قابىلىيىتىڭىزگە باغلىق ئە‌مە‌س.‏ غولىياتقا قارشى تۇ‌رغان داۋۇ‌تنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ بوي-‏بە‌ستى بە‌كمۇ يوغان غولىياتقا قارىغاندا داۋۇ‌ت كىچىكىنە،‏ ئاجىز بولۇ‌پ،‏ ئۇ جە‌ڭچىلە‌ردە‌ك قوراللانمىغان ئىدى.‏ داۋۇ‌تنىڭ ھە‌تتا قىلىچىمۇ بولمىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ غە‌يرە‌ت-‏جاسارە‌تكە تولغان بولۇ‌پ،‏ باتۇ‌رلۇ‌ق بىلە‌ن ھاكاۋۇ‌ر غولىياتقا قارشى جە‌ڭگە چىققان.‏

12 داۋۇ‌تنى نېمە شۇ‌نچىلىك باتۇ‌ر قىلغان؟‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىغا قە‌تئىي ئىشە‌نچ قىلغان ‏(‏1-‏سامۇ‌ئىل 17:‏37،‏ 45—‏47-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ داۋۇ‌ت غولىياتنىڭ ئۆزىدىن قانچىلىك ھە‌يۋە‌تلىك بولغانلىقىغا ئە‌مە‌س،‏ غولىيات يە‌ھۋاغا قارىغاندا قۇ‌رتتە‌ك كىچىك بولغانلىقىغا كۆپرە‌ك دىققە‌ت قىلغان.‏ بىز بۇ مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏ ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ بىز تە‌رە‌پتە ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نسە‌ك ۋە دۈشمە‌نلىرىمىزنىڭ ئالە‌م ئېگىسىگە قارىغاندا قانچىلىك كىچىك ئىكە‌نلىكىنى يادىمىزدا تۇ‌تساق،‏ جاسارە‌تلىك بولىمىز (‏2-‏تارىخ.‏ 20:‏15؛‏ زە‌بۇ‌ر 16:‏8‏)‏.‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە،‏ سىناقلار باشلانماي تۇ‌رغاندا،‏ جاسارە‌تكە قانداق ئىگە بولالايمىز؟‏

13.‏ تېخىمۇ جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 بىز پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلساق،‏ تېخىمۇ جاسارە‌تلىك بولالايمىز.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئېيتالايمىز؟‏ چۈنكى،‏ ۋە‌ز قىلغاندا،‏ يە‌ھۋاغا تايىنىشنى ۋە ئادە‌ملە‌ردىن قورقماسلىقنى ئۆگىنىمىز (‏پە‌ند.‏ نە 29:‏25‏)‏.‏ مە‌شىق قىلىپ بە‌دىنىمىزنى چىنىقتۇ‌رىدىغاندە‌ك،‏ ئۆيمۇ-‏ئۆي،‏ ئاممىۋى سورۇ‌نلاردا،‏ سودا-‏سېتىق قىلدىغان جايلاردا رە‌سىمى ياكى نارە‌سمىي ۋە‌ز قىلىش بىزنى تېخىمۇ جاسارە‌تلىك قىلىدۇ.‏ ۋە‌ز قىلىپ،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە راۋاجلاندۇ‌رساق،‏ پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنغاندىمۇ،‏ ۋە‌ز قىلىشقا تە‌ييار بولىمىز.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏1،‏ 2‏.‏

يە‌ھۋاغا ۋە ئۇ‌نىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ئېتىقادىمىز مە‌ھكە‌م بولسا،‏ جاسارە‌تلىك بولالايمىز (‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

14،‏ 15.‏ نە‌نسى يۇ‌ئە‌ن بىلە‌ن ۋالېنتىنا گارنوۋسكايا قېرىنداشلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

14 ئاجايىپ جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى كۆرسە‌تكە‌ن ئىككى قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ نە‌نسى يۇ‌ئە‌ن قېرىندىشىمىزنىڭ بويى 5،‏ 1 مېتىر بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نى قورقۇ‌تۇ‌ش ئاسان بولمىغان b‏.‏ ئۇ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىشنى توختاتمىغانلىقتىن،‏ خىتاي كوممۇ‌نىست ھۆكۈمىتى ئۇ‌نى 20 يىلدىن ئوشۇ‌ق تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.‏ ئۇ‌نى سوراق قىلغانلار قېرىندىشىمىز نە‌نسى يۇ‌ئە‌ننى شۇ دۆلە‌تتىكى «ئە‌ڭ تە‌رسا ئادە‌م» دېگە‌ن ئىدى.‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ تە‌رە‌پتە ئىكە‌نلىكىگە ۋالېنتىنا گارنوۋسكايانىڭ ئىشە‌نچى كامىل بولغان (‏15-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

15 شۇ‌نىڭغا ئوخشاش سوۋېت ۋاقتىدا ۋالېنتىنا گارنوۋسكايا قېرىندىشىمىز ئۈچ قېتىم قاماققا ئېلىنىپ،‏ جە‌مئىي 21 يىل تۈرمىدە ئولتۇ‌رغان c‏.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ ۋە‌ز قىلىشنى توختاتماسلىققا قە‌تئىي بە‌ل باغلىغانلىقتىن،‏ ھۆكۈمە‌ت ئە‌مە‌لدارلىرى ئۇ‌نى «ئالاھىدە خە‌تە‌رلىك جىنايە‌تچى» دە‌پ ئاتىغان.‏ بۇ ئىككى قېرىندىشىمىز نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە باتۇ‌ر بولغان؟‏ چۈنكى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزلىرى تە‌رە‌پتە ئىكە‌نلىكىگە ئۇ‌لارنىڭ ئىشە‌نچى كامىل بولغان.‏

16.‏ ھە‌قىقىي باتۇ‌رلۇ‌قنىڭ سىرى نېمە؟‏

16 يۇ‌قىرىدا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش ئۈچۈن بىز كۈچىمىزگە ۋە قابىلىيىتىمىزگە تايانماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌نىڭ ئورنىغا يە‌ھۋا بىز بىلە‌ن بىللە بولىدىغانلىقىغا ۋە بىز ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىشىمىز لازىم (‏تە‌كرار.‏ قا 1:‏29،‏ 30؛‏ زە‌كە‌رىيا 4:‏6‏)‏.‏ بۇ —‏ باتۇ‌رلۇ‌قنىڭ سىرى.‏

‏«ئادە‌ملە‌ر سىلە‌رنى ئۆچ كۆرىدۇ»‏

17،‏ 18.‏ يۇ‌ھاننا 15:‏18—‏21-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ ئە‌يسا بىزنى نېمە،‏ دە‌پ ئاگاھلاندۇ‌رغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

17 بىز باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇ‌شنى خالايمىز،‏ ئە‌مما قە‌دىر-‏قىممىتىمىز ئادە‌ملە‌رنىڭ كۆز قارىشىغا باغلىق بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا:‏ «ئىنسان ئوغلى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئادە‌ملە‌ر سىلە‌رنى ئۆچ كۆرسە،‏ تۆھمە‌ت قىلىپ ھاقارە‌تلىسە،‏ يامان دە‌پ ئىسىمىڭلارنى ئارىلىرىدىن چىقارسا،‏ نە‌قە‌دە‌ر بە‌ختلىكسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن (‏لۇ‌قا 6:‏22‏)‏.‏ ئە‌يسا بۇ سۆزلە‌ر ئارقىلىق نېمە دېمە‌كچى بولغان؟‏

18 ئە‌يسا باشقىلار بىزنى ئۆچ كۆرسە،‏ خۇ‌شال بولۇ‌شىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان.‏ ئە‌كسىچە،‏ ئۇ بىزنى كېلە‌چە‌كتە بولىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رغان.‏ بىز بۇ دۇ‌نيادىن ئە‌مە‌س.‏ بىز ئە‌يسانىڭ تە‌لىملىرىگە ماس ھايات كە‌چۈرىمىز ۋە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىمىز.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن بۇ دۇ‌نيا بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ ‏(‏يۇ‌ھاننا 15:‏18—‏21-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بىز يە‌ھۋانى خۇ‌شال قىلىشنى خالايمىز.‏ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرگە‌نلىكىمىز ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر بىزنى ئۆچ كۆرسە،‏ بىز بۇ‌نىڭ ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايمىز.‏

19.‏ ئە‌لچىلە‌ردىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟‏

19 يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر سىزنى گە‌پ-‏سۆزلىرى ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدە سىزنى نۇ‌مۇ‌سقا قالدۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا يول بە‌رمە‌ڭ (‏مىكاھ 4:‏5‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۆلتۈرۈلگە‌ندىن كېيىن،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌رنىڭ قانداق ئۈلگە قالدۇ‌رغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌لاھىزە قىلىش بىزگە ئىنسان ئالدىدىكى قورقۇ‌نچنى يېڭىشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌لچىلە‌ر يە‌ھۇ‌دىي دىن رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ ئۇ‌لارنى قانچىلىك ئۆچ كۆرگە‌نلىكىنى ياخشى بىلگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏17،‏ 18،‏ 27،‏ 28‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ ئۇ‌لار ھە‌ر كۈنى ئىبادە‌تخانىغا بېرىپ،‏ خە‌لق ئالدىدا ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى ئىكە‌نلىكىنى ئوچۇ‌ق ئېيتقان (‏ئە‌لچى.‏ 5:‏42‏)‏.‏ ئە‌لچىلە‌ر قورقۇ‌نچ ئۇ‌لارنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويمىغان.‏ خىزمە‌تداشلىرىمىز،‏ سىنىپداشلىرىمىز ياكى خولۇ‌م-‏قوشنىلىرىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى ئىكە‌نلىكىمىزنى ئوچۇ‌ق ئېيتساق،‏ بىزمۇ ئادە‌ملە‌ردىن قورقمايدىغان بولىمىز.‏—‏ئە‌لچى.‏ 4:‏29؛‏ رىملىقلار 1:‏16‏.‏

20.‏ ئادە‌ملە‌ر ئە‌لچىلە‌رنى ئۆچ كۆرسىمۇ،‏ ئۇ‌لار نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال بولغان؟‏

20 ئە‌لچىلە‌ر نېمە ئۈچۈن خۇ‌شال بولغان؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌لچىلە‌ر ئادە‌ملە‌ر ئۇ‌لارنى نېمە ئۈچۈن ئۆچ كۆرگە‌نلىكىنى بىلگە‌ن ۋە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇ‌نلىغانلىقى ئۈچۈن ئازاب چېكىشنى شان-‏شە‌رە‌پ،‏ دە‌پ قارىغان (‏لۇ‌قا 6:‏23؛‏ ئە‌لچى.‏ 5:‏41‏)‏.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «ھە‌تتا ھە‌ققانىيلىق ئۈچۈن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسە‌ڭلارمۇ،‏ سىلە‌ر بە‌ختلىكسىلە‌ر»،‏—‏ دە‌پ يازغان (‏1-‏پېتر.‏ 2:‏19—‏21؛‏ 3:‏14‏)‏.‏ بىز توغرا ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن بىزدىن نە‌پرە‌تلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ بىزنى قورقۇ‌تۇ‌شقا ھېچقاچان يول بە‌رمە‌يمىز.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۆچ كۆرگە‌نلىكىنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشىغا ھە‌رگىز يول بە‌رمە‌يمىز.‏

تە‌ييار بولۇ‌شنىڭ پايدىسى

21،‏ 22.‏ (‏1)‏ سىناقلارغا تە‌ييارلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىشقا بە‌ل باغلىدىڭىز؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

21 بىز زىيانكە‌شلىككە قاچان ئۇ‌چرايدىغانلىقىمىزنى ياكى ھۆكۈمە‌ت پائالىيىتىمىزنى قاچان مە‌نئىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ كېلە‌چە‌كتىكى سىناقلارغا قانداق تە‌ييارلىق قىلالايمىز؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوستلۇ‌قنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌ش،‏ جە‌سۇ‌رلۇ‌قنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئادە‌ملە‌ر بىزنى ئۆچ كۆرگە‌ندە قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز مۇ‌ھىم.‏ بۇ بىزگە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

22 لېكىن،‏ پائالىيىتىمىز مە‌نئىي قىلىنسىچۇ؟‏ كېيىنكى ماقالىدە ھۆكۈمە‌ت بىزگە قارشى چىققاندا يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

54-‏ناخشا ئىماندا چىڭ تۇ‌رايلى!‏

a ھېچقايسىمىز باشقىلارنىڭ بىزنى ئۆچ كۆرۈشىنى خالىمايمىز.‏ لېكىن،‏ قاچانلا بولمىسۇ‌ن،‏ بىر كۈنى ھە‌ممىمىز قارشىلىققا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ ماقالە بىزگە جاسارە‌تلىك بولۇ‌پ سىناقلارغا،‏ زىيانكە‌شلىككە تە‌ييار بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 1981-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار سانىنىڭ 4—‏7 بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏ شۇ‌نداقلا JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى «‏يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىسىمى نامايان بولىدۇ‏» (‏باشقا تىلدا)‏ ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ (‏سۆھبە‌تلە‌ر ۋە ۋە‌قە‌لە‌ر دېگە‌ن توپلامغا قاراڭ)‏.‏

d سۈرە‌تتە:‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌ت ۋاقتىدا ئاتا-‏ئانىلار كارتىلاردىن پايدىلىنىپ،‏ بالىلىرىغا ئايە‌تلە‌رنى يادلاشقا ياردە‌م بېرىۋاتىدۇ.‏

e سۈرە‌تتە:‏ بىر ئائىلە ماشىنىدا يىغىلىشقا كېتىۋاتقاندا ناخشىلارنى ئېيتىشنى مە‌شىق قىلىۋاتىدۇ.‏