28-تەتقىق ماقالىسى
پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندىمۇ، داۋاملىق يەھۋاغا ئىبادەت قىلايلى!
«بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز».—ئەلچى. 4:19، 20.
32-ناخشا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرايلى!
بۇ ماقالىدە a
1، 2. (1) پائالىيىتىمىزنىڭ مەنئىي قىلىنىشى بىزنى نېمە ئۈچۈن ھەيران قالدۇرمايدۇ؟ (2) بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟
2018-خىزمەت يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 223000دىن كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ئىش-پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان ياكى چەكلەنگەن دۆلەتلەردە ياشايدۇ. بۇنىڭغا ھەيران قېلىشىمىز كېرەكمۇ؟ ياق، چۈنكى ئاۋۋالقى ماقالىدىن ھەقىقىي مەسىھىيلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۇق (2-تىموت. 3:12). مەيلى قەيەردە ياشايلى، ھۆكۈمەت تۇيۇقسىزلا كۆيۈمچان ئاتىمىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى مەنئىي قىلىشى مۇمكىن.
2 سىز ياشايدىغان دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت تەشكىلاتىمىزنىڭ پائالىيىتىنى مەنئىي قىلسا، سىزدە مۇشۇنداق سوئاللار پەيدا بولۇشى مۇمكىن: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبى، خۇدا بىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىنمۇ؟ مەنئىي قىلىش بىلەن ئەمدى بىز يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىمىزمۇ؟ مەن خۇداغا ئەركىن ئىبادەت قىلالايدىغان جايغا كۆچۈشۈم كېرەكمۇ؟» بۇ ماقالىدە، مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئالىمىز. شۇنداقلا، ئىش-پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندا، يەھۋاغا داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز ۋە نېمىدىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىمىز، خۇدا بىزنى ياخشى كۆرمىگەنلىكتىنمۇ؟
3. 2-كورىنتلىقلار 11:23—27-ئايەتلەرگە ئاساسەن، پاۋلۇس قانداق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
3 ھۆكۈمەت ئىبادىتىمىزنى مەنئىي قىلسا، خۇدا بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە بىز ئۇنىڭ بەرىكىتىدىن ئايرىلىپ قالدۇق، دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، شۇنى ئۇنتۇمايلى: زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىمىز يەھۋا بىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ، دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئەلچى پاۋلۇسنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇنىڭ خۇدانى خۇشال قىلغانلىقى سۆزسىز. پاۋلۇس گرېك يازمىلار ئارىسىدىكى 14 خەتنى يازغان ۋە باشقا خەلقلەر ئۈچۈن ئەلچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئۇ قاتتىق زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن (2-كورىنتلىقلار 11:23—27-نى ئوقۇڭ). پاۋلۇسنىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋا خۇدا سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا يول قويۇشى مۇمكىن.
4. نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ؟
4 ئەيسا سىناقلارغا نېمە سەۋەبتىن دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بىز بۇ دۇنيادىن بولمىغانلىقتىن، بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بىزنى ئۆچ كۆرىدۇ (يۇھاننا 15:18، 19). ئادەملەرنىڭ بىزگە قارشى چىققانلىقى، بىز يەھۋانىڭ بەرىكتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز سەۋەبلىك ئەمەس، ئەكسىنچە بىز توغرا ئىش قىلىپ، ھەق يولدا مېڭۋاتقانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدۇ.
يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختىتىمىزمۇ؟
5. ئادەملەر يەھۋانىڭ ئىشىنى توختىتالامدۇ؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
5 ئادەملەر ھەممىگە قادىر خۇدايىمىز يەھۋانىڭ ئىشىنى ھەرگىزمۇ توختىتالمايدۇ. كۆپلىرى توختىتىشقا تىرىشسىمۇ، قولىدىن ھېچنەرسە كەلمىگەن. مەسىلەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ۋەزىيەتنى ئالساق، شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ خەلقى نۇرغۇن دۆلەتلەردە ۋەھشىي زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەن. يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پائالىيىتى پەقەت ناتسىست گېرمانىيىسىدىلا ئەمەس، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ مەنئىي قىلىنغان. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ 1939-يىلى تۇيۇقسىز ئۇرۇش باشلانغاندا، دۇنيادا 72475 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان. ئۇرۇش 1945-يىلى ئاخىرلاشقاندا، ئۇلارنىڭ سانى 156299غا يەتكەن. يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن قېرىنداشلارنىڭ سانى ئىككى ھەسسىدىن ئوشۇق كۆپەيگەن!
6. قارشىلىقلار قانداق پايدا ئەكېلىشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
6 قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، قورقۇش — تەبىئىي ئەھۋال. لېكىن، قارشىلىقلار بىزنى يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. كېلىڭلار، كىچىك بالىسى بار بىر ئەر-ئايالنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇلار بىزنىڭ پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتتە ياشىغان. قورقۇنچ سەۋەبلىك يەھۋاغا ئازىراق خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، بۇ ئەر-ئايال پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشنى باشلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايالى ھەتتا يۇقىرى مائاشلىق ئىشىدىن چىقىپ كەتكەن. ھەمراھىنىڭ ئېيتىشىچە، پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندا، ئادەملەرنىڭ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى توغرۇلۇق كۆپ سوئاللىرى پەيدا بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلاش ئاسان بولغان. بۇنىڭ پايدىسى باشقىلارغىمۇ تەگكەن. شۇ دۆلەتتىكى بىر ئاقساقال ئېيتقاندەك، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار جامائەتكە قايتىپ كەلگەن ۋە ۋەز خىزمەتكە قاتنىشىشنى باشلىغان.
7. (1) لاۋىيلار 26:36، 37-ئايەتلەردىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ (2) پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسا، سىز نېمە قىلىسىز؟
7 بىزنىڭ دۈشمەنلىرىمىز پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلىش ئارقىلىق بىزنى قورقۇتۇپ، خىزمىتىمىزنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بىز توغرۇلۇق يالغان مەلۇماتلارنى تارقىتىشى، ئۆيلىرىمىزنى ئاختۇرۇشى، سوتلارغا تارتىشى ياكى تۈرمىگە تاشلىشى مۇمكىن. بەزى قېرىنداشلارنى تۈرمىگە قاماپ، بىزگە پوپوزا قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بىز ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن قورقساق، بىز خىزمەتتە قىزغىنلىقىمىزنى يوقىتىپ، ھەتتا يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى توختىتىشىمىز مۇمكىن. بىز لاۋىيلار 26:36، 37-ئايەتتە (ئوقۇڭ) تەسۋىرلىگەن ئادەملەرگە ئوخشاش بولۇشنى خالىمايمىز. پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسىمۇ، بىز روھىي ئىشلىرىمىزنى توختاتماي، قىزغىنلىق بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز پۈتۈنلەي يەھۋاغا تايىنىپ، ھېچ ھودۇقمايمىز (يەشايا 28:16). شۇ چاغدا يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يول-يورۇق ئىزدەيمىز. يەھۋا بىزگە يار-يۆلەك بولىدۇ. شۇڭا، ھەتتا ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانىي ھۆكۈمەتنىڭمۇ خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىشىمىزغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.—ئىبرانىي. 13:6.
باشقا دۆلەتكە كۆچۈشۈم كېرەكمۇ؟
8، 9. (1) ئائىلە بېشى قانداق قارارنى ئۆزى چىقىرىشى كېرەك؟ (2) دانا قارار چىقىرىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
8 سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسا، يەھۋاغا ئەركىن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە كۆچۈش توغرۇلۇق ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ھەربىر قېرىنداشنىڭ شەخسىي قارارى. مەسىلەن، بەزى قېرىنداشلار بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى زىيانكەشلىككە دۇچ كەلگەندە نېمە قىلغانلىقى توغرۇلۇق مۇلاھىزە قىلىدۇ. دۈشمەنلەر ئىستىپاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، شاگىرتلار يېرۇسالىمدىن يەھۇدىيە، سامارىيە، ھەتتا فىنىكىيە، سىپرۇس ۋە ئانتاكياغا ئوخشاش يىراق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن (مەتتا 10:23؛ ئەلچى. 8:1؛ 11:19). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر زىيانكەشلىكنىڭ يېڭى دولقۇنىغا دۇچ كەلگەندە، ئەلچى پاۋلۇس ۋەز ئىشىغا قارشىلىق قىلىنغان جايلاردا قېلىشنى قارار قىلغان. ھاياتى خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولسىمۇ، ئۇ شۇ جايلاردا خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، قېرىنداشلارنى مۇستەھكەملەشكە بار كۈچىنى چىقارغان.—ئەلچى. 14:19—23.
9 بۇ ۋەقەلەردىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ كۆچۈش-كۆچمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك قارارنى چىقىرىشتىن ئاۋۋال ئائىلە بېشى دۇئا قىلىپ، ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشى ۋە كۆچۈشنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرەپلىرىنى تارازىغا سېلىپ كۆرۈشى لازىم. بۇ قارارنى ھەربىر ئائىلە ئۆزى چىقىرىشى كېرەك. بۇ مەسىلىدە، خۇدانىڭ ھەربىر خىزمەتچىسى «ئۆزىنىڭ يۈكىنى ئۆزى كۆتۈرىدۇ» (گالاتىيا. 6:5). بىز باشقىلارنى چىقارغان قارارى ئۈچۈن ئەيىبلىمەسلىكىمىز كېرەك.
قانداق ئىبادەت قىلىمىز؟
10. بەيتەلدىكى قېرىنداشلار ۋە ئاقساقاللار يول-يورۇقنى قانداق بېرىدۇ؟
10 پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندا، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى قانداق داۋاملاشتۇرالايمىز؟ بەيتەل ھەربىر جامائەتتىكى ئاقساقاللارغا روھىي ئوزۇقنى قەيەردىن ئېلىش، يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزۈش ھەم ۋەز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەر بىلەن ئەمەلىي مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. بەيتەلدىكى قېرىنداشلار ئاقساقاللار بىلەن ئالاقە قىلالمىسا، ئاقساقاللار سىزگە ۋە جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە يەھۋاغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇلار مۇقەددەس كىتاب ۋە ماتېرىياللىرىمىزدا بېرىلگەن كۆرسەتمىلەرگە ئاساسلىنىپ، يول-يورۇق بېرىدۇ.—مەتتا 28:19، 20؛ ئەلچى. 5:29؛ ئىبرانىي. 10:24، 25.
11. بىزدە روھىي ئوزۇق ھەرقاچان بولىدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشىنەلەيمىز؟ مۇقەددەس كىتاب ۋە باشقا ماتېرىياللارسىز قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
11 يەھۋا خۇدا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى مول روھىي ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان (يەشايا 65:13، 14؛ لۇقا 12:42—44). شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھۋانىڭ ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق سىزگە سادىق بولۇپ قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەك بولغاننىڭ ھەممىسىنى بېرىدىغانلىقى سۆزسىز. سىز ئۆز تەرىپىڭىزدىن نېمە قىلالايسىز؟ پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندا، مۇقەددەس كىتابىڭىزنى ۋە قولۇڭىزدىكى باشقا ماتېرىياللارنى يوشۇرۇشقا بولىدىغان بىر جاينى تېپىڭ. بۇ قىممەتباھا ماتېرىياللىرىمىزنىڭ، بېسىپ چىقىرىلغان ياكى ئېلېكترونلۇق نۇسخىسى بولسۇن، ئوڭايلا تېپىۋالىدىغان جايدا قويماڭ. ھەربىرىمىز روھىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ قېلىش ئۈچۈن ئامال تېپىشىمىز كېرەك.
يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن بىز ھېچنەرسىدىن قورقماي، بىللە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن جەم بولىمىز (12-ئابزاسقا قاراڭ) b
12. ئاقساقاللار جامائەت يىغىلىشلىرىنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇشى مۇمكىن؟
12 جامائەت يىغىلىشلىرى قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ سىز يىغىلىشلارغا قاتنىشالىشىڭىز ئۈچۈن، ئاقساقاللار ئۇلارنى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلمايدىغان ئۇسۇلدا ياكى ھالەتتە ئۇيۇشتۇرىدۇ. مەسئۇلىيەتلىك بۇرادەرلەر جامائەتتىكىلەرنى كىچىك توپلارغا بۆلۈپ، يىغىلىشلارنىڭ ۋاقتىنى ۋە جايىنى پات-پات ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى مۇمكىن. يىغىلىشلارغا كېلىۋاتقاندا ياكى ئۇلاردىن كېتىۋاتقاندا، قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەس ئاۋازدا سۆزلىسىڭىز ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنى كېيىشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسىمۇ، بىز ۋەز قىلىشنى توختاتمايمىز (13-ئابزاسقا قاراڭ) c
13. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قېرىنداشلاردىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
13 ھەربىر جاينىڭ ۋەزىيىتى ئوخشىمىغانلىقتىن، ۋەز ئىشى ھەر تۈرلۈك ئۇيۇشتۇرۇلۇشى مۇمكىن. بىز يەھۋانى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئادەملەرگە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق ئېيتىشنى خالايمىز. شۇ سەۋەبتىن، ۋەز قىلىشنىڭ ئامالىنى تاپىمىز (لۇقا 8:1؛ ئەلچى. 4:29). تارىخشۇناس ئېمىلى بېرەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ۋەز ئىشى توغرۇلۇق مۇنداق يازغان: «ھۆكۈمەت يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ۋەز ئىشىنى مەنئىي قىلغاندا، ئۇلار ئېتىقادى ھەققىدە خولۇم-قوشنىلىرىغا، خىزمەتداشلىرىغا ۋە دوستلىرىغا ئېيتقان. كېيىن، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەندە، ئۇلار تۈرمىدىكى كىشىلەرگە ۋەز قىلغان». پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان بولسىمۇ، قېرىنداشلار ۋەز قىلىشنى توختاتمىغان. سىزنىڭ دۆلىتىڭىزدە شۇنداق بولسا، شۇ سادىق قېرىنداشلاردىن ئۈلگە ئېلىڭ!
نېمىدىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەك؟
بىز قاچان سۈكۈتتە تۇرۇشنى بىلىشىمىز لازىم (14-ئابزاسقا قاراڭ) d
14. زەبۇر 39:1-ئايەتتىكى سۆزلەرگە ئاساسلانغاندا، بىز نېمىدىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك؟
14 باشقىلارغا نېمە ئېيتىدىغانلىقىڭىزغا پەخەس بولۇڭ. پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلغاندا، «سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ ئۆز ۋاقتى» بولىدۇ (ۋەز 3:7). بىز مەخپىي مەلۇماتلارنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقىمىز كېرەك. مەسىلەن، بۇنىڭغا قېرىنداشلارنىڭ ئىسىملىرى، يىغىلىشلار ئۆتىدىغان جايلار، قانداق ۋەز قىلىدىغانلىقىمىز ۋە روھىي ئوزۇقنى قەيەردىن ئالىدىغانلىقىمىز كىرىدۇ. بىز بۇ مەلۇماتلارنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغىمۇ، ئۆز دۆلىتىمىزدىكى ياكى باشقا يەرلەردىكى قويۇق ئارىلىشىدىغان دوستلىرىمىزغىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغىمۇ ئېيتمايمىز. بۇ تەرەپتىن پەخەس بولمىساق، قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن.—زەبۇر 39:1-نى ئوقۇڭ.
15. شەيتان نېمە قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
15 ئۇششاق-چۈششەك كېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئارىمىزدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشىغا يول بەرمەڭ. ئائىلىدە بۆلۈنۈش بولسا، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى شەيتان ياخشى بىلىدۇ (ماركۇس 3:24، 25). شۇڭا، ئۇ ئارىمىزدا بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ. شەيتان ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشىمىزنىڭ ئورنىغا، بىر-بىرىمىز بىلەن جىدەل-ماجىرا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.
16. گېرترۇد پوئېتسىنگېر قېرىندىشىمىزنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
16 شەيتاننىڭ بۇ توزىقىغا، ھەتتا روھىي جەھەتتىن يېتىلگەن ئېتىقادداشلارمۇ چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. گېرترۇد پوئېتسىنگېر ۋە ئېلفرىدې لوئېور ئىسىملىك مايلانغان قېرىنداشلارنىڭ مىسالىنى كۆرەيلى. ئۇلار باشقا قېرىنداشلار بىلەن ناتسىست جازا لاگېرىغا قامالغان. شۇ يەردە ئېلفرىدې قېرىنداش باشقا ئېتىقادداشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ نۇتۇق ئېيتقاندا، گېرترۇد قېرىنداش كۆرەلمەسلىك قىلغان. كېيىن، ئۇ ئۆز ئىشىدىن خىجىل بولۇپ، يەھۋاغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىپ، ياردەم سورىغان. ئۇ: «باشقىلارنىڭ قابىلىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرى بىزنىڭكىدىن كۆپرەك بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك»،— دەپ يازغان. ئۇ كۆرەلمەسلىكنى قانداق يەڭگەن؟ گېرترۇد قېرىندىشى ئېلفرىدېنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىگە ۋە ياخشى مىجەز-خۇلقىغا دىققەت ئاغدۇرغان. شۇنداق قىلىپ، گېرترۇد بىلەن ئېلفرىدېنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان. ئىككىلىسى لاگېردىن چىقىپ، يەر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقىچە يەھۋاغا ساداقەتمەن بولۇپ قالغان. بىزمۇ قېرىنداشلار بىلەن بولغان كېلىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشقا بار كۈچىمىزنى سالساق، ئىناقلىقنى ساقلىيالايمىز.—كولوسى. 3:13، 14.
17. نېمە ئۈچۈن بىز ھەرقاچان كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇشىمىز كېرەك؟
17 ھەرقاچان كۆرسەتمىلەرگە بويسۇنۇڭ. بىز جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەرنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھەردائىم بويسۇنساق، كۆپ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىمىز (1-پېتر. 5:5). بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. ئىش-پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان بىر دۆلەتتە ئاقساقاللار ۋەز قىلغاندا ھېچقانداق ماتېرىياللارنى تارقاتماڭلار دېگەن. بىراق، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بىر بۇرادەر كۆرسەتمىگە بويسۇنماي، ماتېرىياللارنى تارقاتقان. ئاقىۋەتتە، ئۇ ۋە شۇ يەردە ۋەز قىلغان باشقا قېرىنداشلارنىمۇ ساقچىلار تۇتۇۋېلىپ، سوراققا تارتقان. ساقچىلار قېرىنداشلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، تارقىتىلغان ھەممە ماتېرىياللارنى يىغىۋالغان ئىكەن. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ «ئۆزۈم ياخشىراق بىلىمەن» دەپ ئويلىساقمۇ ياكى بۇرادەرلەر بەرگەن كۆرسەتمىلەرگە ماقۇل كەلمىسەكمۇ، ھەرقاچان ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەك. بىز مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان بۇرادەرلەر بىلەن ھەمكارلاشساق، يەھۋا خۇدا بىزگە مول بەرىكەت ياغدۇرىدۇ.—ئىبرانىي. 13:7، 17.
18. نېمە ئۈچۈن كېرەكسىز قائىدىلەرنى ئويلاپ چىقارماسلىقىمىز كېرەك؟
18 كېرەكسىز قائىدىلەرنى ئويلاپ چىقارماڭ. ئەگەر ئاقساقاللار كېرەكسىز قائىدىلەرنى ئويلاپ چىقارسا، قېرىنداشلارغا ئېغىر يۈك يۈكلەيدۇ. چېخوسلوۋاكىيىدە پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغاندا ياشىغان يۇرى كامىنسكې بۇرادەر مۇنداق دېگەن: «جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇرادەرلەر بىلەن كۆپلىگەن ئاقساقاللار قاماققا ئېلىنغاندىن كېيىن، يولباشچىلىقنى قولىغا ئالغان بەزى بۇرادەرلەر نېمە قىلىش ۋە نېمە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، قائىدىلەرنى چىقىرىشقا باشلىدى». يەھۋا خۇدا بىزگە باشقىلار ئۈچۈن قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرمىگەن. كېرەكسىز قائىدىلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان كىشى ئېتىقادداشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىمايدۇ. ئەكسىنچە، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىشىدۇ.—2-كورىنت. 1:24.
يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتماڭ
19. شەيتان بىزگە قارشى چىقسىمۇ، 2-تارىخنامە 32:7، 8-ئايەتلەردىكى سۆزلەر بىزنى نېمىگە ئىشەندۈرىدۇ؟
19 ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز، شەيتان، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختاتمايدۇ (1-پېتر. 5:8؛ ۋەھىي. 2:10). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەر پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلىشقا تىرىشىدۇ. بىراق، ئەگەر بىز ئۇلاردىن قورققان تەغدىردىمۇ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ھەرگىزمۇ توختاتمايمىز (تەكرار. قا 7:21). پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنسىمۇ، يەھۋا خۇدا بىز بىلەن بىللە بولۇپ، بىزنى دائىم قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.—2-تارىخنامە 32:7، 8-نى ئوقۇڭ.
20. سىز نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
20 كېلىڭلار، بىرىنچى ئەسىردىكى ئېتىقادداشلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى توختاتمايلى. ئۇلار شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا مۇنداق دېگەن: «خۇدانىڭ نەزىرىدە، خۇداغا ئەمەس، سىلەرگە بويسۇنۇش توغرا بولامدۇ؟ بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار. لېكىن، بىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئېيتماي تۇرالمايمىز».—ئەلچى. 4:19، 20.
137-ناخشا جاسارەت بەرگىن
a ھۆكۈمەت ئىش-پائالىيىتىمىزنى مەنئىي قىلسا، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ بىز يەھۋاغا داۋاملىق ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز ۋە نېمىدىن نېرى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋالىمىز. بۇ ماقالىدىكى ئەمەلىي مەسلىھەتلەر يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى ھەرگىزمۇ توختاتماسلىقىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
b سۈرەتتە: سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسىدە پائالىيىتىمىز مەنئىي قىلىنغان دۆلەتلەردىكى گۇۋاھچىلار كۆرسىتىلگەن. قېرىنداشلار كىچىك توپ بولۇپ، بىر بۇرادەرنىڭ ئامبار ئۆيىدە جامائەت يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ.
c سۈرەتتە: قېرىندىشىمىز (سول تەرىپىدە) بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا يەھۋا توغرۇلۇق ئېيتىش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
d سۈرەتتە: ساقچىلار بۇرادىرىمىزنى سوراققا تارتسىمۇ، ئۇ ئېتىقادداشلار توغرۇلۇق مەلۇماتنى ئېيتمايۋاتىدۇ.