40-تەتقىق ماقالىسى
ئاخىر زاماننىڭ «ئاخىرقى كۈنلىرىدە» خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بەنت بولۇڭ
«مەھكەم ۋە تەۋرەنمەي تۇرۇڭلار. ھەر دائىم رەبنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل بولۇڭلار».—1-كورىنت. 15:58.
141-ناخشا تىنچلىق دوستلىرىنى ئىزدەيمىز
بۇ ماقالىدە a
1. «ئاخىرقى زاماندا» ياشاۋاتقانلىقىمىزغا قانداق ئىسپاتلار بار؟
سىز 1914-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بولسىڭىز، ھازىر «ئاخىرقى زاماندا» ھايات كەچۈرۈۋاتىسىز (2-تىموت. 3:1). ئەيسا مۇشۇ ۋاقىتتا قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ كەتكەن. مەسىلەن، ئۇ ئۇرۇشلار، ئاچارچىلىقلار، يەر تەۋرەشلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولىدىغانلىقىنى، جىنايەتلەرنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ۋە يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقان (مەتتا 24:3، 7—9، 12؛ لۇقا 21:10—12). ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقى دەل ئەلچى پاۋلۇس ئېيتقاندەك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز (« بۈگۈنكى ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقى» دېگەن رامكىغا قاراڭ). بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى، «ئاخىرقى كۈنلەردە» ياشاۋاتقانلىقىمىزغا ھېچ گۇمان قىلمايمىز.—مىكاھ 4:1.
2. بىز قانداق سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز كېرەك؟
2 1914-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان بولسىڭىز، ‹ئاخىرقى زاماننىڭ› ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز. مۇشۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىپ قالغانلىقتىن، بىز تۆۋەندىكى مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىشىمىز كېرەك: «ئاخىرقى كۈنلەردە» قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟ شۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان ۋاقتىمىزدا، يەھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
‹ئاخىرقى زاماننىڭ› ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ؟
3. 1-سالونىكالىقلار 5:1—3-ئايەتلەرگە ئاساسەن، دۆلەت رەھبەرلىرى نېمىنى ئېلان قىلىدۇ؟
3 1-سالونىكالىقلار 5:1—3-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس «يەھۋا خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنى» توغرۇلۇق ئېيتقان. بۇ ۋاقىت ‹كاتتا بابىلغا›، يەنى ساختا دىننىڭ دۇنياۋىي ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشتىن باشلىنىدۇ، ئارماگېدون ئۇرۇشى بىلەن ئاياقلىشىدۇ (ۋەھىي. 16:14، 16؛ 17:5). يەھۋانىڭ كۈنى باشلىنىشتىن ئاۋۋال، «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ئېلان قىلىنىشى كېرەك. دۆلەت رەھبەرلىرى خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش توغرۇلۇق گەپ باشلىغاندا، ئوخشاش ئىبارىلەرنى قوللىنىدۇ b. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئېلىنغان «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» توغرۇلۇق خەۋەر تامامەن باشقىچە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت رەھبەرلىرى دۇنيادا بىخەتەرلىك ۋە تىنچلىقنى ئورنىتىشتا نەتىجە قازاندى دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت»تە ساختا دىنلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۈستىگە «ھالاكەت تۇيۇقسىز كېلىدۇ».—مەتتا 24:21.
دۆلەت رەھبەرلىرى «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك»نى ئېلان قىلغاندا، شۇ يالغان خەۋەرگە ئالدىنىپ قالماڭ (3—6-ئابزاسلارغا قاراڭ) h
4. (1) «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» خەۋىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلمەيمىز؟ (2) بۇ ئېلان توغرۇلۇق بىزگە ھازىر نېمە مەلۇم؟
4 ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» دەپ ئېلان قىلىشىغا نېمە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ياكى بۇ خەۋەرنىڭ قانداق ئېلان قىلىنىشىنى بىلمەيمىز. ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ياكى پەقەت بىرلا قېتىم ئېلان قىلامدۇ، شۇنىمۇ بىلمەيمىز. قانداق ۋەقەلەر يۈز بەرمىسۇن، بىزگە دۆلەت رەھبەرلىرى تىنچلىقنى ئورنىتالمايدىغانلىقى مەلۇم. شۇڭا، بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قالماي، ئەكسىنچە مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى كۈتىشىمىز كېرەك. «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك»نىڭ ئېلان قىلىنىشى — «خۇدانىڭ كۈنى» باشلىنىشىغا ئازلا قالغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر!
5. 1-سالونىكالىقلار 5:4—6-ئايەتلەردىكى سۆزلەر «يەھۋانىڭ كۈنىگە» تەييار بولۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
5 1-سالونىكالىقلار 5:4—6-نى ئوقۇڭ. ئەلچى پاۋلۇس «يەھۋانىڭ كۈنىگە» تەييار بولۇشىمىز ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىز «باشقىلاردەك ئۇخلاپ» قالماي، «سەگەك ۋە ھوشيار» تۇرىشىمىز لازىم. مەسىلەن، بىز بىتەرەپلىكنى ساقلاپ، بۇ دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتىن پەخەس بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر سىياسىي ئىشلارغا ئارىلاشساق، «بۇ دۇنيادىن» بولۇپ قالىمىز (يۇھاننا 15:19). بىز بىلىمىزكى، پەقەت خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەر يۈزىدە ھەقىقىي تىنچلىقنى ئورنىتالايدۇ.
6. باشقىلارنىڭ نېمە قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟
6 پەقەت ئۆزىمىزلا ھوشيار بولۇپ يۈرمەي، باشقىلارنىڭمۇ مۇقەددەس كىتابتىن كېلەچەكتىكى ۋەقەلەر توغرۇلۇق بىلىم ئېلىپ، ھوشيار بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز. بۇنى ھازىر قىلمىساق، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت باشلانغاندا، ئادەملەر ئۈچۈن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش بەك كەچ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، ۋەز ئىشىغا قاتنىشىش ناھايىتى مۇھىم! c
ۋەز خىزمىتى بىلەن بەنت بولۇڭ
بىز ۋەز قىلغاندا پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىدە ھەقىقىي تىنچلىق بىلەن بىخەتەرلىكنى ئورنىتالايدىغانلىقىنى ئېيتىمىز (7—9-ئابزاسلارغا قاراڭ)
7. يەھۋا خۇدا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟
7 يەھۋا «كۈنى» باشلانغىچە، ئۇ قالغان شۇ ئاز ۋاقىتتا ۋەز ئىشى بىلەن بەنت بولۇشىمىزنى خالايدۇ. بىز «رەبنىڭ ئىشى بىلەن مەشغۇل» بولۇشىمىز كېرەك (1-كورىنت. 15:58). ئەيسا بىزنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئالدىن-ئالا ئېيتىپ كەتكەن. ئاخىرقى زاماندا يۈز بېرىدىغان مۇھىم ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئېيتقاندا، ئۇ يەنە «ئاۋۋال خۇش خەۋەر بارچە مىللەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشى كېرەك»،— دېگەنىدى (ماركۇس 13:4، 8، 10؛ مەتتا 24:14). ئەمدى ئويلاپ كۆرۈڭە: ھەر قېتىم ۋەز قىلغىنىڭىزدا، مۇقەددەس كىتابتىكى بۇ پەيغەمبەرلىك سۆزلەرنىڭ ئورۇنلىنىشىغا ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشىسىز.
8. ۋەز ئىشى قانداق ئىلگىرى باسماقتا؟
8 پادىشاھلىق توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش ئىشى قانداق ئىلگىرى باسماقتا؟ يىلدىن يىلغا تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر خۇش خەۋەرنى ئاڭلىماقتا. مەسىلەن، ئاخىرقى كۈنلەردە پۈتۈن دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدا ۋەز ئېيتقۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەنلىكى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭ. 1914-يىلى 43 مەملىكەتتە 5155 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسا، ھازىر 240 دۆلەتتە 8،5 مىليوندىن كۆپرەك ۋەز ئېيتقۇچى خىزمەت قىلماقتا. شۇنداق بولسىمۇ، ۋەز ئىشى تېخى پۈتمىدى. بىز باشقىلارغا ئىنسانىيەتنىڭ ھەممە قىيىنچىلىقلىرىنى پەقەت خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەل قىلالايدىغانلىقى توغرۇلۇق ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.—زەبۇر 145:11—13.
9. بىز نېمە ئۈچۈن ۋەز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز مۇھىم؟
9 يەھۋا خۇدا بولدى دېمىگىچە بىز ۋەز قىلىشنى توختاتمايمىز. يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئادەملەردە يەنە قانچە ۋاقىت بار؟ (يۇھاننا 17:3). بىز بۇنى بىلمەيمىز. لېكىن، دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت تېخى باشلانماستا، ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل ئادەملەرنىڭ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، يەھۋاغا ئىبادەت قىلىشنى باشلاش ۋاقتى بار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز (ئەلچى. 13:48). بىز شۇ ئادەملەرنىڭ بەكمۇ كېچىكىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرەلەيمىز؟
10. يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشىمىزگە قانداق ياردەم بەرمەكتە؟
10 يەھۋا خۇدا ئۆز تەشكىلاتى ئارقىلىق ئادەملەرگە ھەقىقەتنى ئۆگىتىشىمىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋاتىدۇ. مەسىلەن، بىز ھەپتە ئارلىقىدا يىغىلىشتا تەلىم ئالىمىز. بۇ يىغىلىشتا بىز ئادەم بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكەندە ۋە ئۇنىڭغا قايتا كەلگەندە نېمە ئېيتىشنى، ئادەمگە مۇقەددەس كىتابتىن تەلىم بېرىشنىمۇ ئۆگىنىمىز. تەشكىلات بىزنى تەلىم بېرىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە بۇ قوراللار بىزگە تۆۋەندىكىلەرنى قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ:
-
سۆھبەتنى باشلاش؛
-
ئادەمنى خۇش خەۋەرگە قىزىقتۇرۇش؛
-
مۇقەددەس كىتاب توغرۇلۇق بىلىش ئىستىكىنى ئاشۇرۇش؛
-
ئادەم بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، ھەقىقەتنى ئۆگىتىش؛
-
قىزىققان ئادەمنى تور بېكىتىمىزگە كىرىشكە دەۋەت قىلىش ۋە بىرلىكتە ئىبادەتكە قىلىشقا چاقىرىش.
ئەلۋەتتە، بۇ قوراللارغا ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇتۇقلۇق بولۇش ئۈچۈن بىز ئۇلارنى قوللىنىشىمىز كېرەك. d بىر ئادەم بىلەن قىزىق سۆھبەت قىلدىڭىز دەيلى. ئەگەر ئۇنىڭغا ژۇرنال ياكى ۋاراقچىنى قالدۇرۇپ كەتسىڭىز، سىز ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقە قىلغىچە، ئۇ شۇنى ئوقۇپ تۇرالايدۇ. ھەر ئايدا ۋەز ئىشىغا قاتنىشىش — ھەربىرىمىز ئۈچۈن شەخسىي مەجبۇرىيەت.
11. مۇقەددەس كىتابنى توردا ئۆگىنىش دەرسلىرى نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟
11 يەھۋا خۇدا ئادەملەرگە ھەقىقەتنى بىلىشكە ®jw.org تور بېكىتىدىكى مۇقەددەس كىتابنى توردا ئۆگىنىش دەرسلىرى ئارقىلىقمۇ ياردەم بېرىدۇ. بۇ ساۋاقلار نېمە ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟ ھەر ئايدا دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەر توردىن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئىزدەيدۇ. بىزنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى دەرسلەر ئادەملەرگە خۇدا سۆزىدىكى ھەقىقەتنى ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. بىز ئۇچرىتىدىغان بەزى ئادەملەر بىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشتىن خىجىل بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق ئادەمنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇنىڭغا تور بېكىتىمىزدىن ئۇ چۈشىنىدىغان تىلدىكى توردا ئۆگىنىش دەرسلىرىنى كۆرسىتىڭ ياكى ئۇلانمىنى ئەۋەتىڭ. e
12. ئادەم مۇقەددەس كىتابنى توردا ئۆگىنىش دەرىسلىرىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدۇ؟
12 مۇقەددەس كىتابنى توردا ئۆگىنىش دەرسلىرىدە «مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى»، «مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي قەھرىمانلىرى» ۋە «مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈمىد بېرىدىغان خەۋەر»، دېگەنگە ئوخشاش ماۋزۇلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ ماۋزۇلاردىن ئادەم تۆۋەندىكىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ:
-
مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
-
يەھۋا خۇدا، ئەيسا مەسىھ ۋە پەرىشتىلەر كىملەر؟
-
خۇدا ئادەملەرنى نېمە ئۈچۈن ياراتقان؟
-
رەزىللىك ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەر نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ؟
شۇنىڭ بىلەن بۇ توردىكى دەرسلەردە يەھۋا خۇدانىڭ …
-
ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىندىغانلىقى؛
-
ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈلۈشى؛
-
ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورنىغا خۇدا پادىشاھلىقىنى ئورنىتىدىغانلىقىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
13. توردىكى دەرسلەرنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇش مۇقەددەس كىتابنى بىرسى بىلەن ئۆگەنگەننىڭ ئوخشاش ئۈنۈمى بارمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
13 ئەلۋەتتە، توردىكى دەرسلەر مۇقەددەس كىتابنى بىرسى بىلەن ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە ئەمەس. ئەيسا شاگىرتلارنى تەييارلاش تاپشۇرۇقىنى بىزگە بەرگەن. قىزىققان ئادەملەر توردىكى دەرسلەرنى ئوقۇپ، بىلگەنلىرىنى ياقتۇرۇپ، كۆپرەك بىلىشنى خالايدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمىز. بەلكىم، ئۇلار مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپمۇ قالار. توردىكى دەرسلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئادەم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرسى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش ئۈچۈن، ئىلتىماس ئەۋەتىشكە دەۋەت قىلىنىدۇ. ھەر كۈنى تەشكىلاتىمىزغا تور بېكەت ئارقىلىق دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن 230دىن كۆپرەك ئىلتىماس كېلىدۇ. ھەر ئادەمنىڭ گۇۋاھچىلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن مۇھىم!
شاگىرت تەييارلاشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىڭ
14. ئەيسانىڭ مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردە يېزىلغان كۆرسەتمىلىرىگە بىنائەن، بىز بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ، نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
14 مەتتا 28:19، 20-نى ئوقۇڭ. مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىش دەرسلىرىنى ئۆتكۈزگەندە، بىز ‹شاگىرتلارنى تەييارلاشقا› بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ، ئەيسا «بۇيرىغان بارلىق نەرسىلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۇلارغا» ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئادەملەرنىڭ يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى تاللاپ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى قوللاش بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىمىز لازىم. بۇ ئادەملەرنى ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىش، ھاياتىنى يەھۋاغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشكە دەۋەت قىلىشقا تىرىشىشنى بىلدۈرىدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا، ئۇلار يەھۋانىڭ كۈنىدە ئامان قالىدۇ.—1-پېتر. 3:21.
15. نېمە قىلىشقا ۋاقتىمىز يوق ۋە نېمە سەۋەبتىن؟
15 يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، مۇشۇ دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئاخىرىلىشىشىغا ئىنتايىن ئاز ۋاقىت قالدى. شۇڭا، يەھۋانىڭ خىزمەتچىسى بولۇشنى خالىمايدىغان ياكى ھاياتىنى ئۆزگەرتكۈسى كەلمەيدىغان ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشكە ۋاقتىمىز يوق (1-كورىنت. 9:26). ۋەز ئىشىمىز بەك مۇھىم! تېخى ۋاقىت بار چاغدا، پادىشاھلىق خەۋىرىنى نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە ئاڭلىتىشمىز كېرەك.
يالغان دىن بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق نەرسىدىن نېرى بولۇڭ
16. ۋەھىيلەر 18:2، 4، 5، 8-ئايەتلەرگە ئاساسەن، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ (ئىزاھاتقا ھەم قاراڭ)
16 ۋەھىيلەر 18:2، 4، 5، 8-نى ئوقۇڭ. بۇ ئايەتلەردە، يەھۋانىڭ ئۆز خىزمەتچىلىرىدىن يەنە نېمە قىلىشنى كۈتىدىغانلىقى يېزىلغان. خۇدانىڭ بارلىق ھەقىقىي خىزمەتچىلىرى ساختا دىن بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق بىر ئىشقا ئارىلىشىپ قالمايۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشى مۇھىم. بەلكىم، بىر كىشى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال، قانداقتۇ بىر ساختا دىننىڭ ئەزاسى بولغان، دىنىي مۇراسىملارغا ياكى باشقا ئىشلارغا قاتناشقان، ياكى بولمىسا شۇ دىنىي تەشكىلاتقا پۇل ئىئانە قىلغاندۇ. مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىپ يۈرگەن ئادەم چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇش ئۈچۈن، يالغان دىن بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىسىنى ئۈزۈشى كېرەك. كىشى ساختا دىن ياكى ساختا دىننى تەشۋىقات قىلىدىغان قانداقتۇ بىر تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولسا، ئەزالىقتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان خەتنى يېزىشى كېرەك. f
17. خۇدانىڭ خىزمەتچىسى قانداق ئىش قىلىشتىن نېرى بولۇشى كېرەك ۋە نېمە ئۈچۈن؟
17 ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ كاتتا بابىل بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈشى بەك مۇھىم (2-كورىنت. 6:14—17). مەسىلەن، ئۇ چېركاۋدا ياكى مېچىتتە ئىشلىمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ خىزمەتچىسى باشقا بىر ئىشقا ياللانغان بولسا، ئەمما ياللىغان خۇجايىن ئۇنى يالغان دىننى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇنلاردا ۋەزىپىگە ئەۋەتسە، ئۇ ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلمايدۇ. ئۆز ئالدىغا شىركىتى بولسا، مەسىھىينىڭ كاتتا بابىل بىلەن خىزمەتداش بولمايدىغانلىقى ياكى يالغان دىن بىلەن تىجارەت قىلىشتىن باش تارتىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق جىددىي مەسىلە دەپ قارايمىز؟ سەۋەبى بىز خۇدانىڭ كۆز ئالدىدا ناپاك ھېسابلىنىدىغان يالغان دىننىڭ ھەرقانداق ئىشلىرى بىلەن گۇناھلىرىغا شېرىك بولۇشنى خالىمايمىز.—يەشايا 52:11. g
18. بىر بۇرادەر قانداق قىلىپ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھەرىكەت قىلغان؟
18 ئۆز ئالدىغا تىجارىتى بار بىر ئاقساقال شەھەردىكى بىر چېركاۋدا ياغاچچىلىق ئىشنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئىش بەرگۈچى بۇرادەرنىڭ چېركاۋدا ئىشلەشتىن باش تارتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، باشقا ھېچكىمنى تاپالماي، ئامالسىز بۇرادەردىن ئۆتۈنگەن. بىراق، بۇرادەر مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا ماس ھەرىكەت قىلىپ، شۇ تەكلىپنى رەت قىلغان. كېيىنكى ھەپتىدە يەرلىك گېزىتكە شۇ چېركاۋدا كرېسىت ئورناتقان باشقا ياغاچچىنىڭ سۈرىتى چىقىپتۇ. بۇرادىرىمىز مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىغا كۆز يۇمۇپ، مۇشۇ ئىشقا كېلىشكەن بولسا، گېزىتتە ئۇنىڭ سۈرىتى چىققان بولاتتى. بۇ ئۇنىڭ قېرىنداشلار ئالدىدىكى نام-ئابرويىنى تۆكۈپ، ئىسىمىغا داغ كەلتۈرەتتى ۋە يەھۋا خۇدانى خاپا قىلاتتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
بىز ئۈچۈن ساۋاق؟
19، 20. (1) بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلدۇق؟ (2) بىز يەنە نېمىنى بىلىشىمىز كېرەك؟
19 مۇقەددەس كىتابتىكى پەيغەمبەرلىك سۆزلەرگە ئاساسەن، پات-ئارىدا بولىدىغان ئەڭ چوڭ ۋەقە — دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك»نى ئېلان قىلىشى. يەھۋا خۇداغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى! ئۇ بېرىۋاتقان تەلىملەرنىڭ ياردىمىدە، دۆلەت رەھبەرلىرى يەر يۈزىدە ھەقىقىي ۋە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتالمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇ ۋەقە يۈز بېرىپ، تۇيۇقسىز ھالاكەت باشلانماستىن ئاۋۋال، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ يەھۋا بىزنىڭ پادىشاھلىق توغرۇلۇق خۇش خەۋەرنى ۋەز ئېيتىش بىلەن بەنت بولۇشىمىزنى ۋە كۆپرەك شاگىرتلارنى تەييارلىشىمىزنى خالايدۇ. شۇڭا، يالغان دىندىن چىقىپ، كاتتا بابىل بىلەن باغلىنىشلىق ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشتىن ياكى يالغان دىننى قوللايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتىشىمىز كېرەك.
20 «ئاخىرقى زامان» ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بۇنىڭدىنمۇ باشقا ۋەقەلەر بولىدۇ. يەھۋا خۇدا بىزدىن باشقىمۇ ئىشلارنى قىلىشىمىزنى كۈتىدۇ. بۇلار نېمە؟ يېقىن ئارىدا بولىدىغان ۋەقەلەرگە بىز قانداق تەييارلانساق بولىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق كېيىنكى ماقالىدىن كۆپرەك بىلىۋالىمىز.
17-ناخشا ئالغا باس، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى!
a پات-ئارىدا دۆلەت رەھبەرلىرى «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ئورناتتۇق دەپ جاكارلايدۇ. بۇ دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەتنىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. بۇ خەۋەر جاكارلىنىشتىن ئاۋۋال، يەھۋا بىزنىڭ نېمە قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى مۇشۇ ماقالىدە تاپالايمىز.
b مەسىلەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ (ب.د.ت) رەسمىي تور بېكىتىدە، خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ئورنىتىمىز دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.
c مۇشۇ ژۇرنالدىكى «خۇدانىڭ ھۆكۈملىرى — ئۇ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ يېتەرلىك ۋاقىت بېرەمدۇ؟» دېگەن ماقالىگە قاراڭ.
d تەلىم بېرىش قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىش ئۈچۈن «كۈزىتىش مۇنارى» 2018-يىل، ئۆكتەبىر سانىدىكى «ھەقىقەتنى ئۆگىتىڭلار» ناملىق ماقالىگە قاراڭ.
e بۇ دەرسلەر ھازىرچە ئىنگلىز ۋە پورتۇگال تىللىرىدا بار. كېلەچەكتە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ تىللاردا چىقىدۇ.
f بىز ساختا دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بالىلار لاگېرلىرىدىن ياكى دەم ئېلىش ئورۇنلىرىدىن نېرى بولۇشىمىز كېرەك. مەسىلەن، بەزى دىنىي تەشكىلاتلار تەنتەربىيە زاللىرى، سۇ ئۈزۈش كۆللىرى، بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇلۇبلىرى، تىل ئۆگىتىش كۇرسلىرى ياكى مەكتەپلەرنى ئېچىۋاتىدۇ. شۇنداق بەزى يەرلىك ئاممىۋى ئورۇنلار دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق دەپ ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇلار بەزى دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىدۇ.
g دىنىي تەشكىلاتتا ئىش قىلىشقا مۇقەددەس كىتاب قانداق كۆز قاراشتا؟ بۇ توغرۇلۇق كۆپرەك بىلگىڭىز كەلسە، «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 1999-يىل، 15-ئاپرېل سانىدىكى «ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا» قاراڭ.
h سۈرەتتە: 10-بەت. رېستورانغا كەلگەن ئادەملەر تېلېۋىزوردىن «جىددىي خەۋەرلەردە» «تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك» ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ بولىۋاتىدۇ. ۋەز قىلىپ ئازراق دەم ئېلىشقا كىرگەن گۇۋاھچى ئەر-ئايال بۇ خەۋەرگە ئالدىنىپ قالمىغان.