44-تەتقىق ماقالىسى
زامان ئاخىرى تېخى كەلمەستە، دوستلىقىمىزنى مۇستەھكەملەيلى!
«ھەقىقىي دوست سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتەر ھەرقاچان».—پەند. نە 17:17.
53-ناخشا ئىناق بىللە خىزمەت قىلىش
بۇ ماقالىدە a
«دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» پەيتىدە يېقىن دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز (2-ئابزاسقا قاراڭ) c
1، 2. 1-پېترۇس 4:7، 8-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
«ئاخىرقى كۈنلەرنىڭ» ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى يېتىپ كېلىشكە ناھايىتى ئاز ۋاقىت قالدى، شۇڭا تېخىمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز (2-تىموت. 3:1). مەسىلەن، ئافرىقىدىكى بىر دۆلەتتە سايلام تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىن كېيىن نۇرغۇن توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن. ئۇرۇش-توقۇنۇشلار بولۇۋاتقان رايوندا قېرىنداشلىرىمىز ئالتە ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولغان. شۇ قىيىن ۋاقىتتا ئۇلارغا نېمە ياردەم بەرگەن؟ بەزى قېرىنداشلار بىخەتەر رايوندا ياشىغان ئېتىقادداشلارنىڭ ئۆيىدە پاناھلانغان. بىر قېرىنداش مۇنداق دېگەن: «شۇ ئېغىر ئەھۋالدا، يېنىمدىكى دوستلىرىمنى تېخىمۇ كۆپ قەدىرلەشكە باشلىدىم. بىز بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولدۇق».
2 «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» باشلانغاندا، كۆيۈمچان دوستلىرىمىزنىڭ قېشىمىزدا بولغانلىقىغا بەك خۇشال بولىمىز (ۋەھىي. 7:14). شۇڭا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە قېرىنداشلار بىلەن دوستلۇقنى كۈچەيتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم (1-پېترۇس 4:7، 8-نى ئوقۇڭ). بىز يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ مىسالىدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. يېرۇسالىم ۋەيران بولۇشنىڭ ئالدىدىكى قىيىن ۋاقىتتا ئۇنىڭ جان دوستلىرى يەرەمىيانىڭ ئامان قېلىشىغا ياردەم بەرگەن b. يەرەمىيادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
يەرەمىيادىن ئۈلگە ئېلىڭ
3. (1) يەرەمىيا ئۆزىنى نېمە سەۋەبتىن چەتكە تارتىشى مۇمكىن ئىدى؟ (2) يەرەمىيا سادىق كاتىپى بارۇققا نېمىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن ۋە نەتىجىسى قانداق بولغان؟
3 يەرەمىيا كەم دېگەندە، 40 يىل ئىنتايىن رەزىل ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان. شۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا، ئۇ تۇغۇلغان شەھەر ئاناتوتتىكى قوشنىلىرى ۋە بەزى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن (يەرەم. 11:21؛ 12:6). ئەمما، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچ-باغرىنى سادىق كاتىپى بارۇققا تۆككەن. يەرەمىيانىڭ سۆزلىرى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاچقا، بىزمۇ ئۇنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى بىلىمىز (يەرەم. 8:21؛ 9:1؛ 20:14—18؛ 45:1). بەلكىم، بارۇق يەرەمىيانىڭ ھاياتىدىكى ھەممە ۋەقەلەرنى يېزىپ خاتىرلەۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ مۇسـتەھـكەمـلىـنىپ، بىر-بـىرىگە بولغان ئىززەت-ھۆرمىتى ئاشقان.—يەرەم. 20:1، 2؛ 26:7—11.
4. يەھۋا يەرەمىياغا قانداق تاپشۇرۇق بەرگەن ۋە بۇ يەرەمىيا بىلەن بارۇقنىڭ دوستلۇقىنى قانداق مۇستەھكەملىگەن؟
4 يەرەمىيا يۈرەكلىك بىلەن نۇرغۇن يىل يېرۇسالىمنىڭ ۋەيـران قىلىـنىشى توغرۇلۇق ئىسرائىللارنى ئاگاھلاندۇرغان (يەرەم. 25:3). كېيىنرەك، يەھۋا خۇدا ئۆز خەلقىنى توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، يەرەمىياغا ئۇنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئورام يازمىغا يېزىپ قويۇشنى بۇيرىغانىدى (يەرەم. 36:1—4). يەرەمىيا بىلەن بارۇق بىرنەچچە ئاي بىللە يەھۋانىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنلىغاچ، ئېتىقادنى مۇستەھكەملەيدىغان سۆھبەتلەردە بولغانلىقى شەڭ-شۈبھىسىزدۇر.
5. بارۇق ئۆزىنىڭ ياخشى دوست ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
5 ئۇلار ئورام يازمىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، يەرەمىيا ئادەملەرگە شۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى دوستى بارۇققا تاپشۇرغان (يەرەم. 36:5، 6). بارۇق باتۇرلۇق بىـلەن بۇ خەتەرلـىك تاپشۇرۇقـنى ئورۇنـلىغان. بەلكىم، بارۇق ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ، ئادەملەرگە ئورام يازمىدىكى خەۋەرنى ئېيتقاندا، يەرەمىيا بۇ دوستىدىن بەك پەخىرلەنگەن (يەرەم. 36:8—10). يەھۇدا شاھزادىلىرى بارۇقنىڭ قىلغان ئىشلىرى توغرۇلۇق ئاڭلىغاندا، ئورام يازمىنى ئۇلارغا ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشنى بۇيرىغان (يەرەم. 36:14، 15). ئۇلار يەرەمىيانىڭ ئېيتقانلىرىنى يەھوئاكىم پادىشاھقا يەتكۈزۈشنى قارار قىلغان. لېكىن، بۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۇلار بارۇقنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا يەرەمىيا بىلەن بىرلىكتە مۆكـۈنۈپ، قەيـەردە بولغانلىقىنى ھېچكىـمگە بىلدۈرمەسلىكنى ئېيتقان (يەرەم. 36:16—19). بۇ بەك دانا مەسلىھەت بولغان ئىدى!
6. يەرەمىيا بىلەن بارۇق قارشىلىققا دۇچ كەلگەندە، نېمە قىلغان؟
6 يەھوئاكىم پادىشاھ يەرەمىيا يازغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئورام يازمىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ۋە يەرەمىيا بىلەن بارۇقنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما، يەرەمىيا قورقمىغان ئىدى. ئۇ يەنە بىر ئورام يازمىنى ئېلىپ، ئۇنى بارۇققا بەرگەن ۋە ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يازدۇرغان. بارۇق قايتىدىن يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىم ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىدا خاتىرىلەنگەن ھەممە سۆزلەرنى يازدى.—يەرەم. 36:26–28، 32.
7. يەرەمىيا بىلەن بارۇق بىرگە خۇدا خىزمىتىنى قىلىپ، نەتىجىدە قانداق بولغان؟
7 ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن بىللە ئۆتكۈزگەن ئادەملەر ئۈزۈلمەس دوسـتـلـۇق رىـشـتـىـسىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئېھتىمال، يەرەمىيا بىلەن بارۇق بىللە يەھوئاكىم پادىشاھ كۆيدۈرۈۋەتكەن ئورام يازمىنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى يازغاندا، بىر-بىرىنى يېقىنراق تونۇپ، دوستلۇق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. بىز خۇدانىڭ بۇ ئىككى سادىق خىزمەتچىسىدىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟ كېلىڭلار، كۆرۈپ باقايلى.
دوستلىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىڭ
8. ھەقىقىي دوستلارنى تېپىشقا نېمە توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن ۋە نېمە ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك؟
8 ئۆتـمۈشتە بىزنى بىرسى خاپا قىلغان ياكى كۆڭلىمىزنى رەنجىتكەن بولسا، باشقىلار بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشتىن تارتىنىشىمىز مۇمكىن (پەند. نە 18:19، 24). ياكى بولمىسا، بىز بىرسى بىلەن يېقىن دوست بولۇش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرالمايدىغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغاندىمىز. لېكىن، يېقىن دوستلۇق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلىمايلى! قېرىنداشلارنىڭ سىناق ۋاقتىدا بىزگە يار-يۆلەك بولۇشىنى خالىساق، ھازىر ئۇلار بىلەن قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنى قىلىـشنىڭ بىر يولى — ئۇلارغا ئىشىنىپ، ئوي-پىكىرلىرىمىز ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئوچۇق ئېيتىشنى ئۆگىنىش.—1-پېتر. 1:22.
9. (1) ئەيسا دوستلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ (2) باشقىلار بىلەن ئوچۇق پاراڭلىشىش دوستلىقىمىزنى قانداق مۇستەھكەملىشى مۇمكىن؟ مىسال كەلتۈرۈڭ.
9 ئەيسا دوستلىرى بىلەن ئوچۇق پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن (يۇھاننا 15:15). بىز دوستـلىـرىمىز بىلەن خۇشالـلىقلىرىمىز ۋە غەم-قايغۇلىرىمىزنى بۆلۈشسەك، ئەيسادىن ئۈلگە ئالىمىز. بىرسى سىزگە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتقاندا، ئۇنى زەن قويۇپ تىڭشاڭ. بەلكىم، شۇ چاغدا ئوي-پىكىر، ھېس-تۇيغۇ ۋە مەقسەتلىرىڭلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيسىز. 20 ياشلىق سىندىنىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئۇ 60 ياشقا كىرگەن مارىې-لۇئىزا ئىسىملىك پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بىلەن دوستلاشقان. سىندى بىلەن مارىې-لۇئىزا ھەر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بىللە ۋەز قىلىپ، ھەر تۈرلۈك ماۋزۇلاردا پاراڭلىشىدۇ. سىندى مۇنداق دەيدۇ: «دوستلىرىم بىلەن مۇھىم نەرسىلەر توغرۇلۇق سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، بۇ ماڭا ئۇلارنى ياخشىراق چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ». قېرىنداشلار بىلەن ئوچۇق-يورۇق پاراڭلاشقاندا، دوستلۇق رىشتىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ. ئەگەر سىندىغا ئوخشاش، باشقىلار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن بىرىنچى بولۇپ قەدەم تاشلىساق، ئارىدىكى مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.—پەند. نە 27:9.
بىللە ۋەز قىلىڭ
ھەقىقىي دوستلار بىللە ۋەز قىلىدۇ (10-ئابزاسقا قاراڭ)
10. پەندى-نەسىھەت 27:17-ئايەتكە ئاساسەن، ئېتىقادداشلار بىلەن ۋەز قىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟
10 يەرەمىيا بىلەن بارۇقنىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، ئېتىقادداشلار بىلەن خىزمەتداش بولغاندا، ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرىنى كۆرىمىز، ئۇلاردىن ئۈلگە ئالىمىز ۋە مۇناسىۋىتىمىز تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ (پەندى-نەسىھەت 27:17-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ۋەز خىزمىتىدە قېرىندىشىڭىزنىڭ ئۆز ئېتىقادى، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بىلەن سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز؟ بەلكىم، شۇ قېرىنداشنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز.
11، 12. بىللە ۋەز قىلىش دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان مىسالنى كەلتۈرۈڭ.
11 ۋەز ئىشىدا خىزمەتداش بولغانلار بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئىككى مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى. 23 ياشلىق ئادېلىنا دوستى كېندىسنى ئاز ۋەز قىلىنىدىغان تېررىتورىيىدە ۋەز قىلىشقا چاقىرغان. ئادېلىنا مۇنداق دەيدۇ: «بىز تېخىمۇ قىزغىن ۋەز قىلىشنى ھەم ۋەز قىلىشتىن كۆپرەك خۇشاللىق تېپىشنى خالايتۇق. ھەر ئىككىمىز يەھۋاغا بار كۈچىمىز بىلەن داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئىلھامغا مۇھتاج ئىدۇق». بىللە ۋەز قىلىش بۇ قېرىنداشلارغا قانداق پايدا ئېلىپ كەلگەن؟ ئادېلىنا مۇنداق دەيدۇ: «ھەر كۈنى كەچتە ھېس-تۇيغۇلىرىمىز، ئادەملەر بىلەن سۆزلىشىشتىن قانداق ئىلھام ئالغانلىقىمىز ھەم ۋەز خىزمەتتە يەھۋا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەتتۇق. شۇنداق مۇڭدىشىشنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق ۋە بۇ بىر-بىرىمىزنى ياخشىراق بىلىشكە ياردەم بەردى».
12 تۇرمۇشقا چىقمىغان لەيلا ۋە مارىئاننا ئىسىملىك ئىككى فرانسىيەلىك قېرىنداش مەركىزىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەيتەختى، بانگى شەھىرىدە، بەش ھەپتە ۋەز قىلغان. لەيلا ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «مارىئاننا ئىككىمىز كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، ئوچۇق پاراڭلىشىش ۋە چىن يۈرەكتىن مۇھەببەت كۆرسىتىش ئارقىلىق دوستلىقىمىز كۈچەيدى. مەن مارىئاننانىڭ يېڭى شارائىتقا ئۆگىنىشكە تەييار بولغانلىقى، يەرلىك ئادەملەرنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە شۇنچە قىزغىن ۋەز قىلغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەيدىغان بولدۇم». ئەمما، شۇنداق دوستلارنى تېپىش ئۈچۈن چوقۇم باشقا دۆلەتكە كۆچۈشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆز جامائىتىڭىزدىكى قېرىنداشلار بىلەن ۋەز قىلغاندا، ئۇلارنى يېقىنراق تونۇشقا ۋە ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا مۇمكىنچىلىكىڭىز بار.
ياخشى پەزىلەتلەرگە دىققەت قىلىڭ ۋە كەچۈرۈمچان بولۇڭ
13. دوستلىرىمىز بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقاندا نېمىنى بايقىشىمىز مۇمكىن؟
13 بەزىدە دوستلىرىمىز بىلەن يېقىن ھەمكارلاشقاندا، ئۇلارنىڭ پەقەت ياخشىلا ئەمەس، يامان تەرەپلىرىنىمۇ بايقايمىز. شۇ چاغدا نېمە قىلساق بولىدۇ؟ يەرەمىيانىڭ مىسالىغا يەنە بىر قېتىم دىققەت ئاغدۇرايلى. يەرەمىياغا دوستلىرىنىڭ ياخشى پەزىلەتلىرىنى كۆرۈشكە ۋە خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈشكە نېمە ياردەم بەرگەن؟
14. يەرەمىيا يەھۋا خۇدادىن نېمىنى ئۆگەنگەن ۋە بۇ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
14 يەرەمىيا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان كىتابنى يازغان ۋە شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ 1، 2-يازمىلىرىنىمۇ يازغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ تاپشۇرۇقنى ئورۇنلاپ، يەرەمىيا يەھۋا خۇدانىڭ نامۇكەممەل ئىنسانلارغا بولغان مېھرى-شەپقىتىنى تالاي قېتىم كۆركەنلىكى شەك-شۇبھىسىزدۇر. مەسىلەن، ئاخاب پادىشاھ يامان ئىشلىرىغا توۋا قىلغاندا، يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇ ھايات ۋاقىتىدا يوق قىلماسلىققا ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلگەن (1-پادىشاھ. 21:27—29). شۇنداقلا، يەرەمىيا ئاخابقا قارىغاندا ماناسسە پادىشاھنىڭ يەھۋا خۇداغا قارشى تېخىمۇ ئېغىر گۇناھلارنى قىلغانلىقىنى بىلگەن. شۇنداق بولسىمۇ، ماناسسە چىن يۈرەكتىن توۋا قىلغاندا، يەھۋا خۇدا ئۇنى كەچۈرگەن (2-پادىشاھ. 21:16، 17؛ 2-تارىخ. 33:10—13). يەرەمىيا يەھۋا خۇدادىن سەۋر-تاقەت ۋە رەھىم-شەپقەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىپ، شۇ پەزىلەتلەرنى يېقىن دوستلىرىغا كۆرسەتكەن.—زەبۇر 103:8، 9.
15. يەرەمىيا يەھۋادىن ئۈلگە ئېلىپ، بارۇققا قانداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەن؟
15 بارۇق يەھۋاغا خىزمەت قىلىشنى ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇنغا ئەمەس، باشقا نەرسىنى قويغاندا، يەرەمىيانىڭ ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرەيلى. يەرەمىيا بارۇقتىن ئۈمىد ئۈزمەي، ئۇنىڭغا يەھۋا خۇدانىڭ خەۋىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن، لېكىن يۈزدىن-يۈزىگە ئېيتقان (يەرەم. 45:1—5). بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
ھەقىقىي دوستلار بىر-بىرىنى كەچۈرىدۇ (16-ئابزاسقا قاراڭ)
16. پەندى-نەسىھەت 17:9-ئايەتكە ئاساسەن، دوستلۇق رىشتىمىزنى مۇستەھكەم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟
16 ھـەقىقـەتـەن، بىز ئـېـتـىـقـادداشلىـرىمىزدىن مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلالمايمىز. شۇڭا، بىرسى بىلەن دوستلاشقاندىن كېيىنمۇ، دوستلىقىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز مۇھىم. دوستىمىز خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭغا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان نەسىھەتنى ئۇدۇل، بىراق مېھرىبانلىق بىلەن بېرىشكە توغرا كېلىدۇ (زەبۇر 141:5). دوستىمىز بىزنى رەنجىتىپ قويغان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈشىمىز لازىم. ئاندىن كونا خاماننى سورىمايمىز ۋە بۇ توغرۇلۇق باشقىلارغا ئېيتمايمىز (پەندى-نەسىھەت 17:9-نى ئوقۇڭ). بۈگۈنكى ئالاھىدە ئېغىر كۈنلەردە قېرىنداشلارنىڭ يامان تەرەپلىرىگە ئەمەس، ئەكسىنچە ياخشى تەرەپلىرىگە دىققەت ئاغدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم! شۇنداق قىلساق، ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتىمىز مۇستەھكەم بولىدۇ. دوستلىقىمىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇستەھكەملەش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت پەيتىدە، يېقىن دوستلارغا مۇھتاج بولىمىز.
چىن سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىڭ
17. يەرەمىيا سادىق دوست ئىكەنلىكىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
17 يەرەمىيا باشقىلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ئۆزىنىڭ سادىق دوست ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. مەسىلەن، پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىكى ئەمەلدار ئەبەد-مەلەك يەرەمىيانى پاتقاققا تولغان سۇ قۇدۇقىدىن چىقىرىۋېلىپ، ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالغان. ئەبەد-مەلەك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورققان. يەرەمىيا بۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغاندا، دوستۇم ئۆزى بىر ئامالىنى تاپىدۇ، دەپ جىم ئولتۇرمىغانىدى. يەرەمىيا قاماقتا بولسىمۇ، قولىدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، دوستى ئەبەد-مەلەككە يەھۋانىڭ تەسەللىي بېرىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر يەتكۈزگەن.—يەرەم. 38:7—13؛ 39:15—18.
ھەقىقىي دوستلار قىيىن ۋاقىتلاردا ياردەم بېرىشكە تەييار (18-ئابزاسقا قاراڭ)
18. پەندى-نەسىھەت 17:17-ئايەتلەرگە ئاساسەن، دوستىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، نېمە قىلىشىمىز مۇھىم؟
18 بۈگۈنكى كۈندە، ئېتىقادداشلىرىمىز نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، كۆپلىگەن قېرىنداشلار تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى ئادەملەر پەيدا قىلىۋاتقان ئاپەتلەردىن ئازاب چېكىۋاتىدۇ. ئۇلار شۇنداق مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشكەندە، بەزى قېرىنداشلار ئۆز ئۆيىدە ئۇلارنى پاناھلىنىشقا چاقىرىدۇ. يەنە باشقا قېرىنداشلار بولسا، ئۇلارغا ماددىي ياردەم بېرىشى مۇمكىن. بىراق، يەھۋادىن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم بېرىشنى ھەممىمىز سورىيالايمىز. قېرىندىشىمىز چۈشكۈنلۈككە چۈشكەندە، ئۇنىڭغا بىر نېمە دېيىشكە سۆز تاپالماي ياكى قانداق ياردەم بېرىشنى بىلەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن، شۇنداق ۋەزىيەتتە ھەربىرىمىز ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز. مەسىلەن، ئۇنىڭغا ۋاقتىمىزنى بۆلەلەيمىز. ئۇ سۆزلىگەندە، زەن قويۇپ تىڭشىيالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭغا يازمىلاردىن ئۆزۈمىز ياخشى كۆرىدىغان ئايەتنى ئوقۇپ، تەسەللىي بېرەلەيمىز (يەشايا 50:4). دوستلىرىمىز ئېغىر ئەھۋالدا بولغاندا، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇشتۇر.—پەندى-نەسىھەت 17:17-نى ئوقۇڭ.
19. قېرىنداشلار بىلەن ھازىر دوست بولۇش كېلەچەكتە بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
19 كېلىڭلار، قېرىنداشلار بىلەن ئۆزئارا دوستلۇقنى مۇستەھكەملەشكە بەل باغلايلى. سەۋەبى، كېلەچەكتە دۈشمەنلىرىمىز يالغان گەپلەرنى تارقىتىپ، ئىناقلىقىمىزنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. گۇمان دوستنى دوستتىن ئايرار دېگەندەك، دۈشمەنلەر ئارىمىزدا ئۆزئارا گۇمان پەيدا قىلىشقا تىرىشىدۇ. لېكىن، ئۇلار كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئارىمىزدىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت رىشتىسىنى ئۈزۈش ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەرگىز كەلمەيدۇ. ئۇلار نېمە قىلمىسۇن، مۇناسىۋىتىمىزگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. قېرىنداشلار بىلەن بولغان دوستلىقىمىز پەقەت زامان ئاخىرىغىچە ئەمەس، مەڭگۈ داۋاملاشقاي!
16-ناخشا قېچىپ بار خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا!
a بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى، ھەممىمىز ئېتىقادداشلار بىلەن بولغان دوستلۇق رىشتلىرىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. كېلىڭلار، يەرەمىيادىن قانداق ئۈلگە ئېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە قېرىنداشلار بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدە دوستلۇقنى مۇستەھكەملەش بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە بىزگە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى.
b يەرەمىيا كىتابىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر يىل تەرتىپى بويىچە يېزىلمىغان.
c سۈرەتلەردە: بۇ سۈرەتتە «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» پەيتىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن ۋەقەلەر كۆرسىتىلگەن. بىر توپ قېرىنداشلار ئۆگىزىدە جەم بولدى. ئۇلار شۇ قىيىن ۋاقىتتا بىر-بىرىگە تەسەللىي بېرىپ، ئۆز-ئارا يار-يۆلەك بولماقتا. شۇ قېرىنداشلار «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، دوستلۇق رىشتىسىنى مۇستەھكەملىگەن.