مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

45-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

‏«ماڭا كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بە‌رگۈچىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ھە‌رقانداق ئىشنى قىلالايمە‌ن»‏‏.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏13‏.‏

38-‏ناخشا يۈكۈڭنى يە‌ھۋاغا تاشلا!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ (‏1)‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە نېمە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏ (‏2)‏ بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

 سىز:‏ «بۇ قىيىنچىلىقلارغا ئۆز كۈچۈم بىلە‌ن بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يتتىم»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟‏ كۆپىنچىلىرىمىز شۇ‌نداق،‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ بە‌لكىم،‏ سىز ئېغىر كېسە‌ل ئازابى تارتقان ياكى يېقىن ئادىمىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىز،‏ ئاشۇ ئازابلىق ئېغىر كۈنلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق «ئادە‌تتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بېرىدىغان يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌نلا قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بە‌رگە‌نلىكىڭىزنى ھېس قىلىپ يېتىسز.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏7—‏9‏.‏

2 بۇ بۇ دۇ‌نيانىڭ تە‌سىرىگە قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈنمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا مۇ‌ھتاج (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏19‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ «رە‌زىل روھىي كۈچلە‌رگە» قارشى كۈرە‌ش قىلىش ئۈچۈن بىزگە كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت كېرە‌ك (‏ئە‌فە‌س.‏ 6:‏12‏)‏.‏ كېلىڭلار،‏ قىيىنچىلىقلارغا قارشى كۈرە‌ش قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قانداق ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ كېيىنرە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىگە كۆپرە‌ك ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى بىلىۋالىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ كۈچ-‏قۇ‌درە‌ت بېرىدۇ

3.‏ يە‌ھۋا بىزگە قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شقا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

3 يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ھاياتىمىزدىكى ھە‌ر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ ۋە‌زىپىلىرىمىزنى ئورۇ‌نلاش ئۈچۈن كۈچ بېرىش ئارقىلىق ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ «مە‌سىھنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتى»گە تايانغاچ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رالىغان (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏9‏)‏.‏ ئىككىنچى قېتىملىق ۋە‌ز قىلىش سە‌پىرىدە پاۋلۇ‌س كۆپ ۋاقتىنى ۋە‌ز قىلىشقا سە‌رپ قىلغاندىن باشقا،‏ ئۇ يە‌نە جان بېقىش ئۈچۈنمۇ كۆپ تە‌ر تۆكۈپ ئە‌مگە‌ك قىلغان.‏ ئۇ كورىنت شە‌ھىرىدە بولغاندا،‏ ئاكۋىلا ۋە پرىسكىلانىڭ ئۆيىدە ياشىغان.‏ ئۇ‌لار چېدىر ياساش بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للانغان.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ شۇ‌نداق قول-‏ھۈنىرى بولغاچقا،‏ ئۇ ھە‌پتىدە بىرنە‌چچە كۈن ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە ئىشلىگە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 18:‏1—‏4‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن پاۋلۇ‌س ھە‌م ئىشلىيە‌لىگە‌ن،‏ ھە‌م ۋە‌ز قىلالىغان.‏

4.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 12:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ پاۋلۇ‌س قانداق قىيىنچىلىق بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان؟‏

4 2-‏كورىنتلىقلار 12:‏7—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردىكى پاۋلۇ‌سنىڭ «تېنىمگە بىر تىكە‌ن سانجىلدى›،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ ئە‌گە‌ر تېنىمىزگە تىكە‌ن سانچىلسا،‏ ئە‌لۋە‌تتە قاتتىق ئاغرىق ھېس قىلىمىز.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ پاۋلۇ‌سمۇ بىر شە‌خسىي قىيىنچىلىقى تۈپە‌يلى،‏ يە‌نى «شە‌يتاننىڭ پە‌رىشتىسى» ئۇ‌نى «كاچاتلاپ» تۇ‌رغاچ،‏ ئازابلانغان.‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ جىنلىرى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە پاۋلۇ‌سنىڭ تىكە‌نگە ئوخشاش قىيىنچىلىقىغا سە‌ۋە‌بچى بولمىغاندۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ قىيىنچىلىق پاۋلۇ‌سقا تىكە‌ندە‌ك سانجىلغاننى كۆرگە‌ندە،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ چوڭقۇ‌رراق سانجىشقا ئۇ‌رۇ‌نغان.‏ شۇ‌نداق چاغلاردا پاۋلۇ‌س نېمە قىلغان؟‏

5.‏ يە‌ھۋا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ دۇ‌ئاسىغا قانداق جاۋاب بە‌رگە‌ن؟‏

5 دە‌سلە‌پتە،‏ پاۋلۇ‌س يە‌ھۋا خۇ‌دادىن ئۇ‌نى شۇ تىكە‌ندە‌ك سانجىلغان قىيىنچىلىقتىن ئازات قىلىشنى سورىغان.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئازابتىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن،‏ رە‌ببىمىزگە [يە‌ھۋاغا] ئۈچ قېتىم يېلىنىپ [يالۋۇ‌رۇ‌پ] دۇ‌ئا قىلدىم».‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌س قانچە قېتىم يالۋۇ‌رسىمۇ،‏ تېنىدىكى تىكە‌ندىن ئازات بولمىغانىدى.‏ بۇ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئاسىغا جاۋاب بە‌رمىگە‌نلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ يە‌ھۋا ئە‌لچى پاۋلۇ‌سنىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بە‌رگە‌ن.‏ ئۇ پاۋلۇ‌سنى قىيىنچىلىقىدىن ئازاد قىلمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌رداشلىق بېرىشكە كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا:‏ «مېنىڭ كۈچ-‏قۇ‌درىتىم ئىنسان ئاجىز بولغىنىدا مۇ‌كە‌ممە‌ل نامايان بولىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏8،‏ 9‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن پاۋلۇ‌س قە‌لبىدە تىنچلىقنى ساقلاپ،‏ خۇ‌شاللىقىنى يوقاتمىغان.‏—‏فىلىپى.‏ 4:‏4—‏7‏.‏

6.‏ (‏1)‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىشى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌ردىكى قايسى ۋە‌دىلە‌ر سىزگە ئىلھام بېرىدۇ؟‏

6 سىزمۇ پاۋلۇ‌سقا ئوخشاش خۇ‌دادىن سىزنى سىناقتىن ئازاد قىلىشنى سوراپ يالۋۇ‌رغانمۇ؟‏ قانچە يالۋۇ‌رۇ‌شىڭىزغا قارىماستىن،‏ قىيىنچىلىق شۇ پېتى بىلە‌ن قالغان ياكى ھە‌تتا تېخىمۇ يامانلىشىپ كە‌تكە‌ن بولسا،‏ بە‌لكىم يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌رسە‌ن قىلمىغان ئوخشايمە‌ن،‏ دە‌پ ئە‌نسىرىگە‌نمۇ‌سىز؟‏ شۇ‌نداق بولسا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ مىسالىنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ.‏ خۇ‌دا پاۋلۇ‌سنىڭ دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ سىزنىڭمۇ دۇ‌ئالىرىڭىزغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىدۇ!‏ يە‌ھۋا سىزنى قىيىنچىلىقتىن ئازاد قىلمىسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق شۇ سىناقلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌شىڭىز ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچ-‏قۇ‌درە‌تنى بېرىدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 61:‏3،‏ 4‏)‏.‏ يىقىلسىڭىزمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ھە‌رگىز تاشلاپ قويمايدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏8،‏ 9؛‏ فىلىپى.‏ 4:‏13‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئىلگىرى بېسىشقا ياردە‌م بېرىدۇ

7،‏ 8.‏ (‏1)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قايسى مە‌نىدە شامالغا ئوخشايدۇ؟‏ (‏2)‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ قانداق ئىشلە‌يدىغانلىقىنى پېترۇ‌س قايسى شە‌كىلدە تە‌سۋىرلىگە‌ن؟‏

7 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە يە‌نە قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ ئۇ‌نى شامال بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ دېڭىزدا شىددە‌تلىك بوران-‏چاپقۇ‌ن چىقسىمۇ،‏ شامال يۆلىنىشى ئوڭ كە‌لسە،‏ كېمە ئۆز نىشانىغا يېتە‌لە‌يدۇ.‏ دە‌ل شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ھاياتنىڭ بوران-‏چاپقۇ‌نلىرىغا قارىماستىن،‏ خۇ‌دا ۋە‌دە بە‌رگە‌ن يېڭى دۇ‌نياغا يېتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

8 ئە‌لچى پېترۇ‌س بېلىقچى بولغاچ،‏ كېمىدە سە‌پە‌ر قىلىش توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ بىلگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يازغاندا،‏ كېمىدە سە‌پە‌ر قىلىش بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك سۆزنى ئىشلە‌تكە‌ن.‏ ئۇ:‏ «چۈنكى،‏ بېشارە‌ت ھېچقاچان ئىنساننىڭ ئىرادىسى بويىچە پە‌يدا بولمىغان،‏ ئە‌كسىچە ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ باشلىشى بىلە‌ن،‏ خۇ‌دانىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئېيتقان»،‏—‏ دە‌پ يازغان.‏ بۇ ئايە‌تتىكى «باشلىشى بىلە‌ن» دېگە‌ن گرېك سۆزىنىڭ ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىسى «ئېلىپ مېڭىش»،‏ «بىر جايدىن باشقا جايغا ئېلىپ بېرىش» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏—‏2-‏پېتر.‏ 1:‏21‏.‏

9.‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س ئىشلە‌تكە‌ن «ئېلىپ مېڭىش»،‏ «باشلىشى بىلە‌ن» دېگە‌ن ئىبارىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر نېمىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايتتى؟‏

9 ئە‌لچى پېترۇ‌س يازغان «ئېلىپ مېڭىش» ياكى «باشلىشى بىلە‌ن» دېگە‌ن ئىبارىنى ئاڭلىغاندا،‏ ئادە‌ملە‌ر نېمىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايتتى؟‏ ئە‌لچىلە‌ر كىتابىنى يازغان لۇ‌قا ھە‌م «بوراننىڭ كېمىنى ھە‌يدە‌پ مېڭىشىغا قويۇ‌پ» بە‌رگە‌نلىكىنى تە‌سۋىرلە‌ش ئۈچۈن ئوخشاش گرېك سۆزىنى ئىشلە‌تكە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 27:‏15‏)‏.‏ بىر تە‌تقىقاتچىنىڭ ئېيتىشىچە،‏ پېترۇ‌س مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى يازغاندا،‏ «دېڭىز سە‌پىرىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ئاجايىپ قىزىق سېلىشتۇ‌رۇ‌شنى» قوللانغان.‏ پېترۇ‌سنىڭ ئېيتماقچى بولغىنى،‏ شامال كېمىنى نىشانىغا يە‌تكۈزگە‌ندە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھمۇ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىغا تاپشۇ‌رۇ‌قىنى ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ يۇ‌قىرىدا تىلغا ئېلىنغان تە‌تقىقاتچى مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «باشقىچە ئېيتقاندا،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌ر ئۆز ‹يە‌لكە‌نلىرىنى› ئاچقان».‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا ئۆز تە‌رىپىدىن ‹شامال› ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى بە‌رگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرى بولسا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ يېتە‌كچىلىكىگە ئە‌گىشىپ،‏ ئۆزىگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان ۋە‌زىپىلە‌رنى ئورۇ‌نلىغان.‏

1-‏قە‌دە‌م.‏ دائىم روھىي ئىشلار بىلە‌ن شۇ‌غۇ‌للىنىڭ

2-‏قە‌دە‌م.‏ قولىڭىزدىن كە‌لگىچە،‏ بار كۈچىڭىز بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ئىشىنى قىلىڭ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ d

10،‏ 11.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن قايسى ئىككى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى بېسىشىمىز كېرە‌ك؟‏ مىسال كە‌لتۈرۈڭ.‏

10 ئە‌لۋە‌تتە،‏ بۈگۈن يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئىشلتىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى يازدۇ‌رمايدۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئىشلتىپ،‏ ئۇ ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنى يېتە‌كلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا ھازىرمۇ ھە‌رىكە‌ت قىلىشنى توختاتمىغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزنىمۇ يېتە‌كلىشى ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن بىز قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

11 بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ شامالدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن دېڭىزچى ئىككى نە‌رسىنى قىلىشى كېرە‌ك.‏ بىرىنچى،‏ ئۇ كېمىنى شامال ئۇ‌رۇ‌پ تۇ‌رغان يۆلىنىشتىكى بىر جايغا ئاپىرىشى كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كېمىنى شامال ئۇ‌رمايدىغان پورتتا قالدۇ‌رسا،‏ كېمە ئورنىدىن قوزغالمايدۇ.‏ ئىككىنچى،‏ ئۇ كېمىنىڭ يە‌لكە‌نلىرىنى چىقىرىپ،‏ كە‌ڭرى ئېچىشى لازىم.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ھە‌تتا شامال چىقىپ تۇ‌رسىمۇ،‏ كېمە شامالنىڭ يۆنىلىشىگە يۈزلە‌نمىسە،‏ كېمە ئالغا ئىلگىرلىيە‌لمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ پە‌قە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئىگە بولساقلا،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزنى يېتە‌كلىشى ئۈچۈن ئىككى قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چنى بېسىشىمىز كېرە‌ك.‏ بىرىنچى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان ئىشلارنى ئورۇ‌نداشقا تە‌ييار بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئىككىنچى،‏ ‹يە‌لكە‌نلىرىمىزنى كە‌ڭ ئېچىپ›،‏ شۇ ئىشلارنى قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە بار كۈچىمىز بىلە‌ن قىلىشىمىز لازىم (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏32‏)‏.‏ مۇ‌شۇ قە‌دە‌م-‏باسقۇ‌چلارنى باسساق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزنىڭ قارشىلىق ۋە سىناقلار دولقۇ‌نلىرىدا ئالغا ئىلگىرلە‌پ،‏ خۇ‌دا ۋە‌دە قىلغان يېڭى دۇ‌نياغا يېتىش يولىدا سادىقلىق بىلە‌ن مېڭىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

12.‏ ھازىر نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

12 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قايسى ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇ‌ق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سىناقلارغا دۇ‌چ كە‌لگىنىمىزدە،‏ بىزگە كۈچ بېرىپ،‏ سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا بىزنى مە‌ڭگۈلۈك ھاياتقا ئاپىرىدىغان يولدا يېتە‌كلە‌پ،‏ شۇ يولدىن چىقماي،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ قىلىشىمىزنى خالىغان ئىشنى داۋاملىق قىلىشىمىزغا ياردە‌ملىشىدۇ.‏ ئە‌مدى مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن قايسى تۆت ئىشنى قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىڭ

13.‏ 2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ خۇ‌دا سۆزى بىزگە قانداق تە‌سىر قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

13 بىرىنچىدىن،‏ خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىڭ (‏2-‏تىموتىي 3:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ «خۇ‌دانىڭ ئىلھامى بىلە‌ن بولغان»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنغان گرېك سۆزى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە،‏ «خۇ‌دا نە‌پە‌سنى پۈۋلىگە‌ن» دېگە‌ننى بىلدۈرىدۇ.‏ خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يازغۇ‌چىلىرىغا يە‌تكۈزگە‌ن.‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌پ،‏ ئايە‌تلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ئويلانغاندا،‏ خۇ‌دانىڭ كۆرسە‌تمىلىرى ئە‌قلىمىزگە ھە‌م يۈرىكىمىزگە سىڭىدۇ.‏ خۇ‌دا تە‌رىپىدىن ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌لغان شۇ سۆزلە‌ر يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىش ئۈچۈن،‏ ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە ياردە‌م بېرىدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 4:‏12‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن بىز خۇ‌دا سۆزىنى دائىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىشىمىز ۋە ئوقۇ‌غانلىرىمىز ئۈستىدىن مۇ‌لاھىزە قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ھە‌ممە سۆزلىرىمىز ۋە ئىشلىرىمىزغا تە‌سىر قىلىدۇ.‏

14.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن يىغىلىشلىرىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بار،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ (‏2)‏ يىغىلىشلاردا مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

14 ئىككىنچىدىن،‏ خۇ‌داغا باشقىلار بىلە‌ن بىرلىكتە ئىبادە‌ت قىلىڭ (‏زە‌بۇ‌ر 22:‏22‏)‏.‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىزدا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بار (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏29‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئېيتالايمىز؟‏ چۈنكى،‏ ئېتىقادداشلار بىلە‌ن ئىبادە‌ت قىلىش ئۈچۈن جە‌م بولغاندا،‏ بىز مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ دۇ‌ئا قىلىمىز،‏ خۇ‌دانى مە‌دھىيىلە‌يدىغان ناخشىلارنى ئېيتىمىز ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق تە‌يىنلە‌نگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئېيتىدىغان ھە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان كۆرسە‌تمىلە‌رنى تىڭشايمىز.‏ دە‌ل شۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئايال قېرىنداشلارغىمۇ تاپشۇ‌رۇ‌قلىرىنى تە‌ييارلاشقا ۋە ئورۇ‌نلاشقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە تە‌سىر قىلىشى ئۈچۈن،‏ يىغىلىشلاردا جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىق قىلىپ كېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ شۇ چاغدا،‏ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا ‹يە‌لكە‌نلىرىمىزنى ئېچىپ› كېلىمىز.‏

15.‏ ۋە‌ز قىلغىنىمىزدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

15 ئۈچىنچىدىن،‏ ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىڭ.‏ ۋە‌ز قىلغاندا ۋە تە‌لىم بە‌رگە‌ندە خۇ‌دا سۆزىنى ئىشلە‌تسە‌ك،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ بىزگە ياردە‌م بېرىشىگە يول قويىمىز (‏رىملىقلار 15:‏18،‏ 19‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن،‏ دائىم ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئىمكانىيە‌ت بولسىلا ھە‌رقاچان مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئېچىپ ئوقۇ‌پ بېرىشكە ئادە‌تلىنىشىمىز لازىم.‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تېخىمۇ نە‌تىجىلىك سۆھبە‌تلىشىشنىڭ بىر ئۇ‌سۇ‌لى —‏ «ھاياتىمىز ۋە ۋە‌ز خىزمىتىمىز» قوللانمىسىدىكى تە‌ۋسىيە ئۈلگىلىرىنى ئىشلىتىش.‏

16.‏ قانداق قىلىپ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا بىۋاسىتە ئېرىشە‌لە‌يمىز؟‏

16 تۆرتىنچىدىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىڭ (‏مە‌تتا 7:‏7—‏11؛‏ لۇ‌قا 11:‏13‏)‏.‏ يە‌ھۋادىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سوراپ دۇ‌ئا قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭغا بىۋاسىتە ئىگە بولىمىز.‏ ئۇ‌نىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا قۇ‌لاق سېلىشىغا ھېچنە‌رسە توسالغۇ بولالمايدۇ.‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولمايلى،‏ ھە‌تتا تۈرمىدە بولساقمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشە‌لە‌يمىز.‏ شە‌يتانمۇ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئىگە بولۇ‌شىمىزغا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلالمايدۇ (‏ياقۇ‌پ 1:‏17‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن قانداق دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ سوئالغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن،‏ پە‌قە‌ت لۇ‌قا b كىتابىدا يېزىلغان دۇ‌ئا توغرۇ‌لۇ‌ق بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىڭ

17.‏ لۇ‌قا 11:‏5—‏9،‏ 13-‏ئايە‌تلە‌رگە يېزىلغان دۇ‌ئا توغرۇ‌لۇ‌ق مىسالدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟‏

17 لۇ‌قا 11:‏5—‏9،‏ 13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسانىڭ مىسالىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سوراپ،‏ قانداق دۇ‌ئا قىلىش كېرە‌كلىكىنى بىلىۋالىمىز.‏ بۇ مىسالدا،‏ بىر كىشى ‹قايتا-‏قايتا يالۋۇ‌رۇ‌شى سە‌ۋە‌بىدىن›،‏ سورىغان نە‌رسىسىگە ئېرىشكە‌ن.‏ يېرىم كېچە بولسىمۇ،‏ شۇ ئادە‌م ئۆز دوستىدىن ياردە‌م سوراشتىن تارتىنمىغان (‏لۇ‌قا 11:‏8‏)‏ c‏.‏ ئە‌يسا بۇ مىسالنى دۇ‌ئا ھە‌ققىدە نېمىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان؟‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «شۇ‌ڭا،‏ سىلە‌رگە ئېيتىمە‌نكى:‏ داۋاملىق سوراڭلار،‏ سىلە‌رگە بېرىلىدۇ.‏ داۋاملىق ئىزدە‌ڭلار،‏ تاپىسىلە‌ر؛‏ داۋاملىق ئىشىكنى قېقىڭلار،‏ سىلە‌رگە ئىشىك ئېچىلىدۇ».‏ بۇ‌نىڭدىن نېمنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ قايتا-‏قايتا دۇ‌ئا قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

18.‏ ئە‌يسانىڭ مىسالى يە‌ھۋانىڭ بىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى چوقۇ‌م بېرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

18 بۇ مىسال يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى نېمە سە‌ۋە‌بتىن بېرىدىغانلىقىنىمۇ چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مىسالدىكى كىشى دوستىغا مېھماندوستلۇ‌قنى كۆرسىتىشنى خالىغان.‏ ئۇ يېرىم كېچىدە كە‌لگە‌ن مېھماننى ياخشىراق كۈتۈۋېلىشنى خالىغان،‏ لېكىن،‏ ئۆيىدە يە‌يدىغان ھېچنە‌رسە قالمىغانىدى.‏ ئە‌يسا ئېيتقاندە‌ك،‏ قوشنىسى شۇ كىشى ناننى قايتا-‏قايتا سورىغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭغا نان بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا بۇ مىسال ئارقىلىق نېمىنى ئۆگە‌تمە‌كچى بولغان؟‏ نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان قايتا-‏قايتا سورىغان قوشنىسىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن بولسا،‏ ئاسماندىكى مېھرىبان ئاتىمىز ئۇ‌نىڭدىن قايتا-‏قايتا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ سورىغانلارغا ئۇ‌نى بېرىدىغانلىقى شە‌ك-‏شۈبھىسىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋادىن دۇ‌ئادا مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى سورىساق،‏ ئۇ دۇ‌ئالىرىمىزغا چوقۇ‌م جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا ھېچ گۇ‌مان قىلمايمىز.‏—‏زە‌بۇ‌ر 10:‏17؛‏ 66:‏19‏.‏

19.‏ نېمە ئۈچۈن غە‌لبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏

19 شە‌يتان بىزگە توختىماي ھۇ‌جۇ‌م قىلسىمۇ،‏ غە‌لىبە قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىزگە ئىككى ئۇ‌سۇ‌لدا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ بىرىنچى،‏ بىزگە سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرىش ئۈچۈن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىدۇ.‏ ئىككىنچى،‏ يېڭى دۇ‌نيادىكى ھاياتلىققا ئېرىشكىچە،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ كېلىڭلار،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھتىن تولۇ‌ق پايدىلىنىشقا بە‌ل باغلايلى!‏

6-‏ناخشا خۇ‌دا خىزمە‌تچىسىنىڭ دۇ‌ئاسى

a مۇ‌قە‌ددە‌س روھ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىگە كۆپرە‌ك ئېرىشىش ئۈچۈن بىز نېمە قىلالايمىز؟‏ دېگە‌نلە‌رنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏

b ئە‌يسانىڭ ھاياتىدا دۇ‌ئانىڭ ئالاھىدە مۇ‌ھىم ئورۇ‌ن ئالغانلىقى،‏ باشقا يازمىلارغا قارىغاندا لۇ‌قا بايان قىلغان خۇ‌ش خە‌ۋە‌ردە كۆپرە‌ك تە‌كىتلە‌نگە‌ن.‏—‏لۇ‌قا 3:‏21؛‏ 5:‏16؛‏ 6:‏12؛‏ 9:‏18،‏ 28،‏ 29؛‏ 18:‏1؛‏ 22:‏41،‏ 44‏.‏

c قايتا-‏قايتا يالۋۇ‌رۇ‌ش.‏ گرېك سۆزى ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە «ھە‌ددىدىن ئېشىپ كېتىش» ياكى «نۇ‌مۇ‌س قىلماسلىق»،‏ دە‌پ تە‌رجىمە قىلىنىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ مىسالنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى سۆز داۋاملىق جاسارە‌تلىك بولۇ‌ش ۋە قايتا-‏قايتا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌شنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئە‌يسانىڭ مىسالىدىكى كىشى ئۆزىگە كېرە‌ك نە‌رسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قايتا-‏قايتا داۋاملىق سوراشتىن نۇ‌مۇ‌س قىلمىغان.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا دۇ‌ئادا شۇ‌نىڭغا ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولۇ‌شى كېرە‌كلىكىنى ئېيتقان.‏—‏لۇ‌قا 3:‏21؛‏ 5:‏16؛‏ 6:‏12؛‏ 9:‏18،‏ 28،‏ 29؛‏ 18:‏1؛‏ 22:‏41،‏ 44‏.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ 1-‏قە‌دە‌م.‏ ئە‌ر-‏ئايال ئىبادە‌ت قىلىشقا كە‌لدى.‏ ئۇ‌لار ئېتىقادداشلار بىلە‌ن جامائە‌ت يىغىلىشىغا جە‌م بولدى.‏ شۇ يە‌ردە يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بار.‏ 2-‏قە‌دە‌م.‏ ئۇ‌لار يىغىلىشتا جاۋاب بېرىشكە تە‌ييارلىق قىلىپ كە‌لگە‌ن.‏ بۇ ئىككى قە‌دە‌م خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلىش،‏ ۋە‌ز قىلىش ۋە دۇ‌ئا قىلىشقىمۇ باغلىق.‏