47-تەتقىق ماقالىسى
لاۋىيلار كىتابىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
«مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان. ئۇ … پايدىلىقتۇر».—2-تىموت. 3:16.
37-ناخشا مۇقەددەس كىتاب — خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان
بۇ ماقالىدە a
1، 2. لاۋىيلار كىتابىنى تەتقىق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
ئەلچى پاۋلۇس ياش دوستى تىموتىيغا: «مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان. ئۇ … پايدىلىقتۇر»،— دەپ يازغان (2-تىموت. 3:16). مۇقەددەس يازمىلارغا لاۋىيلار كىتابىمۇ كىرىدۇ. بۇ كىتاب توغرۇلۇق نېمە ئويلايسىز؟ نۇرغۇن ئادەملەر لاۋىيلار كىتابىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھېچقانداق پايدىسى يوق، ئۇ پەقەت قانۇن-قائىدىلەر تىزىملىكىدىن ئىبارەت دەپ ئويلايدۇ. لېكىن، يەھۋانىڭ خىزمەتچىلىرى مۇنداق ئويلىمايدۇ.
2 لاۋىيلار كىتابى 3500 يىل بۇرۇن يېزىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنى «بىزنىڭ تەلىم ئېلىشىمىز» ئۈچۈن ساقلاپ قوغدىغان (رىملىقلار 15:4). لاۋىيلار كىتابى بىزگە ياراتقۇچى يەھۋانىڭ ئوي-پىكىر تەرزىنى ئېنىق چۈشىنىشكە ياردەم بەرگەچكە، ئۇنى پۇختا تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن يېزىلغان بۇ كىتابتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيمىز. ھازىر، ئۇلارنىڭ تۆتىنى كۆرۈپ چىقايلى.
يەھۋانىڭ يۈرىكىنى قانداق خۇشال قىلالايمىز؟
3. گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈش كۈنىدە نېمە ئۈچۈن قۇربانلىقلار قىلىنغان؟
3 بىرىنچى ساۋاق: خۇدا قۇربانلىقىمىزنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشىمىز كېرەك. ئىسرائىل خەلقى ھەر يىلى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈش كۈنى جەم بولاتتى ۋە باش روھانىي ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلاتتى. بۇ قۇربانلىقلار ئىسرائىللىقلارغا ئۇلارنىڭ گۇناھتىن تازىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسلەتكەن. لېكىن، باش روھانىي ئەڭ مۇقەددەس جايغا خەلقنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان مالنىڭ قېنى بىلەن كىرىشتىن ئاۋۋال، باشقا بىر ۋەزىپىنى ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ خەلقنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلۈشتىنمۇ مۇھىمراق بولغان.
4. لاۋىيلار 16:12، 13-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، باش روھانىي ئەڭ مۇقەددەس جايغا بىرىنچى قېتىم كىرگەندە نېمە قىلغان؟ (مۇقاۋىدىكى رەسىمگە قاراڭ)
4 لاۋىيلار 16:12، 13-نى ئوقۇڭ. كەچۈرۈلۈش كۈنىدە يۈز بەرگەن ۋەزىيەتنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: باش روھانىي ئىبادەت چېدىرىغا كىردى. شۇ كۈنى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئۈچ قېتىم كىرىشى كېرەك ئىدى. بىرىنچى قېتىم كىرگەندە، ئۇ بىر قولىدا خۇشپۇراق ئىسرىققا تولغان قاچىنى، يەنە بىر قولىدا چوغ كۆيۈۋاتقان ئالتۇن چوغداننى تۇتتى. باش روھانىي ئەڭ مۇقەددەس جاينى ياپقان پەردىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىراز توختاپ تۇردى. ئۇ ئوبرازلىق مەنىدە دەل يەھۋانىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقتىن، ئۆزىنىڭ چوڭ شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەنگەن! شۇڭا، ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا چوڭقۇر ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس ئىسرىقنى كۆيۈۋاتقان چوغلارغا ئاۋايلاپ سالاتتى ۋە ئۇنىڭ خۇشپۇراق ھىدى شۇ جاينى تولدۇراتتى b. كېيىنرەك، ئۇ يەنە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مالنىڭ قېنى بىلەن قايتا كىرەتتى. بايقىسىڭىز، ئۇ خۇشپۇراق ئىسرىقنى خەلقنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربان قىلىشتىن بۇرۇن كۆيدۈرەتتى.
5. كەچۈرۈلۈش كۈنى ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟
5 كەچۈرۈلۈش كۈنى ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالساق بولىدۇ؟ مۇقەددەس كىتابتا خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇئالىرى ئىسرىققا ئوخشايدىغانلىقى يېزىلغان (زەبۇر 141:2؛ ۋەھىي. 5:8). يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، باش روھانىي يەھۋانىڭ ئالدىدا ئىسرىقنى كۆيدۈرۈشنى چوڭ شان-شەرەپ ھېسابلاپ، بۇنى ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن قىلغان. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بىزمۇ ياراتقۇچى يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ، چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن دۇئا قىلىمىز. بالا ئۆز ئاتىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولالىغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، يېقىنلىشالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بەك مىننەتدارمىز! (ياقۇپ 4:8). يەھۋا بىزنى ئۆزىنىڭ دوستلىرى دەپ قارايدۇ (زەبۇر 25:14). بۇ شان-شەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارمىز! شۇنداق ئىكەن، يەھۋانى رەنجىتىدىغان ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىققا تىرىشىمىز.
6. باش روھانىي قۇربانلىقنى ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىسرىق كۆيدۈرگەنلىكىدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟
6 يەنە بىر قېتىم ئېسىمىزگە ئالساق، باش روھانىي قۇربانلىقنى ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئىسرىقنى كۆيدۈرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئاۋۋال يەھۋانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەن، ئاندىن كېيىن قۇربانلىقنى ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن قانداق ساۋاق ئالىمىز؟ ئەيسا يەردە بولغاندا، ھاياتىنى قۇربانلىققا بېرىشتىن ئاۋۋال، ھەتتا ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزۇشتىنمۇ مۇھىمراق بىر نەرسىنى قىلغان. خۇدا قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا پۈتۈن ھاياتىدا، ئۆزىنى ساداقەتمەن ۋە ئەيىبسىز ساقلاپ قېلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇسۇلى توغرا ۋە ئادىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايتتى.
7. نېمە ئۈچۈن ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغاندا ئاتىسىنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلغان؟
7 ئەيسا يەردە ياشىغاندا، يەھۋاغا مۇكەممەل تۈردە بويسۇنغان. ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ۋە ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كەلسىمۇ ۋە ئازابلىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئاتىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا بەل باغلىغان (فىلىپى. 2:8). سىناقلارغا ئۇچرىغاندا، «قاتتىق نالە-پەرياد ۋە كۆز ياشلار بىلەن ئۆتۈنۈپ يالۋۇرغان» (ئىبرانىي. 5:7). ئەيسانىڭ قىزغىن دۇئالىرى يەھۋاغا سادىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئىتائەتچان بولۇپ قېلىش خاھىشىنى مۇستەھكەملىگەن. ئۇنىڭ دۇئالىرى يەھۋا ئۈچۈن خۇددى خۇشپۇراق ئىسرىققا ئوخشاش ئىدى. ئەيسا پۈتكۈل ھاياتىدا ئاتىسىنى خۇشال قىلغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قوغدىغان.
8. ئەيسادىن قانداق ئۈلگە ئالالايمىز؟
8 يەھۋاغا ئىتائەتچان ۋە ساداقەتمەن بولۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگىنىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئەيسادىن ئۈلگە ئالالايمىز. سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە، بىز يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشنى خالىغاچ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپ قىزغىن دۇئا قىلىمىز. شۇنداق قىلساق، يەھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلساق، ئۇنىڭ دۇئالىرىمىزنى تىڭشىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلساق، چىن يۈرەكتىن قىلغان دۇئالىرىمىز يەھۋا ئۈچۈن خۇددى خۇشپۇراق ئىسرىقتەك بولىدۇ. ساداقەتمەن ۋە ئىتائەتچان بولغىنىمىزدا، يەھۋا خۇدانىڭ خۇرسەن بولىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز.—پەند. نە 27:11.
مىننەتدارلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىزنى دەۋەت قىلىدۇ
9. نېمە ئۈچۈن ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنۇلغان؟
9 ئىككىنچى ساۋاق: يەھۋاغا مىننەتدار بولغاچ، ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىمىز. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىسرائىللار تەغدىم قىلغان ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىۋالايلى c. لاۋىيلار كىتابىدا يېزىلغاندەك، ئىسرائىللار ئىناقلىق قۇربانلىقىنى «شۈكۈر قۇربانلىقى» سۈپىتىدە ئېلىپ كېلەتتى (لاۋى. 7:11—13، 16—18). ئۇلار بۇ قۇربانلىقنى مەجبۇرىي ئەمەس، ئۆزلىرى خالاپ ئېلىپ كەلگەن. دېمەك، ئۇلار ئىختىيارىي قۇربانلىقلارنى يەھۋانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئېلىپ كەلگەن. قۇربان قىلىنغان مالنىڭ گۆشىنى ئۇنى ئەكەلگەن كىشى، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ۋە روھانىيلار يېگەن. لېكىن، مالنىڭ بەزى قىسىملىرى پەقەت يەھۋا خۇداغىلا سۇنۇلغان.
10. لاۋىيلار 3:6، 12، 14—16-ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى قايسى مەنىدە ئەيسانىڭ يەھۋاغا قىلغان خىزمىتىگە ئوخشاش؟
10 ئۈچىنچى ساۋاق: مېھىر-مۇھەببەت بىزنى يەھۋاغا بار كۈچىمىز بىلەن خىزمەت قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. يەھۋا خۇدا ئۈچۈن مالنىڭ ئەڭ ياخشى قىسىمى ياغ بولغان. يەنە ئۇ جىگەر ۋە بۆرەكلەر ئالاھىدە قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان (لاۋىيلار 3:6، 12، 14—16-نى ئوقۇڭ). شۇ سەۋەبتىن، ئىسرائىللار ئۆز ئىختىيارى بىلەن مالنىڭ بۇ ئالاھىدە قىسىملىرىنى ۋە ياغنى قۇربانلىق سۈپىتىدە تەقدىم قىلغاندا، يەھۋا ئىنتايىن خۇشال بولغان. چۈنكى، ئۇنى سۇنغان كىشى يەھۋاغا قولىدا بار ئەڭ ياخشى نەرسىسىنى بېرىشنى خالىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەيسامۇ يەھۋانى سۆيگەچ، بار كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسىنى بەرگەن (يۇھاننا 14:31). خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئەيسانىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي قانائەت تاپقۇزغان ۋە ئۇ خۇدانىڭ قانۇنلىرىنى بەك ياخشى كۆرگەن (زەبۇر 40:8). ئەيسا ئۆزى خالاپ، يەھۋاغا خىزمەت قىلغان، بۇنى كۆرۈش خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلغانلىقى شەك-شۈبھىسىزدۇر!
11. يەھۋاغا بولغان خىزمىتىمىز قايسى مەنىدە ئىناقلىق قۇربانلىقىغا ئوخشاش ۋە بۇ بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟
11 يەھۋاغا بولغان خىزمىتىمىز ئىناقلىق قۇربانلىقىغا ئوخشاش. چۈنكى، ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن خىزمەت قىلساق، يەھۋانى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز. ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن سۆيگەچ، ئۇنىڭغا قولىمىزدا بار ئەڭ ياخشىسىنى بېرىمىز. مىليونلىغان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇنى سۆيگەچ، ئۆز ئىختىيارى بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىنى كۆرۈش يەھۋانىڭ يۈرىكىنى شاد-خۇرام قىلىدۇ. ئۇنىڭ پەقەت ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنىلا ئەمەس، نىيەتلىرىمىزنىمۇ كۆرىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. مەسىلەن، ياشانغان بولسىڭىز ۋە ئۆزىڭىز خالىغاندەك كۆپ خىزمەت قىلالمىسىڭىز، يەھۋا چەكلىمىلىرىڭىزنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. يەھۋاغا بەك ئاز خىزمەت قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئۇ قولۇڭىزدىن كەلگىنىچە ھەممىسىنى قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان قەلبىڭىزدىكى چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرىدۇ. يەھۋا بىزدە بار ئەڭ ياخشىسىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ.
12. يەھۋا خۇدا ئىناقلىق قۇربانلىقىغا قانداق قارىغان ۋە بۇ بىزگە قانداق تەسەللىي بېرىدۇ؟
12 ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟ ئوت قۇربانلىقنىڭ ئەڭ ياخشى قىسىملىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەندە، ئۇنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، يەھۋاغا يەتكەندە، ئۇ خۇشال بولغان. يەھۋا سىزنىڭمۇ چىن كۆڭۈلدىن قىلغان ئىختىيارىي خىزمىتىڭىزدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن (كولوسى. 3:23). يەھۋانىڭ سىزدىن رازى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرۈڭە! يەھۋا ئۈچۈن مەيلى ئاز ياكى كۆپ قىلىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ خىزمىتىڭىزنى بەك قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.—مەتتا 6:20؛ ئىبرانىي. 6:10.
يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى بەرىكەتلەيدۇ
13. لاۋىيلار 9:23، 24-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يەھۋا روھانىيلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟
13 تۆرتىنچى ساۋاق: يەھۋا خۇدا تەشكىلاتىنىڭ يەردىكى قىسمىغا بەرىكەت بېرىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1512-يىلى مۇقەددەس چېدىر سىناي تېغىنىڭ ئېتىگىدە تىكىلگەندە، يۈز بەرگەن ۋەقەنى كۆرۈپ چىقايلى (چىق. 40:17). مۇسا روھانىيلارنى تەيىنلەش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلار سۈپىتىدە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئىسرائىل خەلقى روھانىيلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قۇربانلىقنى ئەكېلىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن جەم بولغان (لاۋى. 9:1—5). يەھۋا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن روھانىيلارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قانداق كۆرسەتكەن؟ ھارۇن بىلەن مۇسا خەلقنى بەرىكەتلىگەندە، خۇدا ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈپ، قۇربانگاھتىكى مالنى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈۋەتكەن.—لاۋىيلار 9:23، 24-نى ئوقۇڭ.
14. يەھۋانىڭ ئىسرائىلدىكى روھانىيلارنى قوبۇل قىلغانلىقى نېمىشقا بىز ئۈچۈن مۇھىم؟
14 ئاسماندىن چۈشكەن ئوت نېمىنى كۆرسەتكەن؟ بۇ يەھۋانىڭ روھانىيلار بولۇپ تاللانغان ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىسرائىل خەلقى يەھۋانىڭ روھانىيلارنى قوللايدىغانلىقىنىڭ بۇ ئېنىق ئىسپاتىنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى قوللىشى كېرەكىلكىنى چۈشەنگـەن. خۇدانىڭ ئىسرائىلدىكى روھانىيلارنى قوبۇل قىلغانلىقى نېمىشقا بىز ئۈچۈن مۇھىم؟ چۈنكى، ئىسرائىلدىكى روھانىيلىق ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمىراق ۋە ياخشىراق بىر روھانىيلىقنىڭ كۆلەڭگىسى بولغان. ئەڭ ئۇلۇغ ئالىي روھانىي — ئەيسا ۋە 144000 روھانىيلار ھەم پادىشاھلار بىلەن بىللە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.—ئىبرانىي. 4:14؛ 8:3—5؛ 10:1.
15، 16. «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل»نى قوبۇل قىلغانلىقىنى يەھۋا ئۇلارغا قانداق كۆرسەتكەن؟
15 ئەيسا 1919-يىلى، مەسىھ قىلىنغان كىچىك توپ بۇرادەرلەرنى «سادىق ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك قۇل» سۈپىتىدە تەيىنلىگەن. بۇ قۇل ۋەز پائالىيىتىگە يېتەكچىلـىك قىلىپ، ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا «ئوزۇق-تۈلۈكنى ۋاقتى-ۋاقتىدا» بېرىدۇ (مەتتا 24:45). يەھۋا خۇدانىڭ سادىق ھەم ئەقىل-پاراسەتلىك قۇلنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئىسپات بارمۇ؟
16 شەيتان ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى سادىق قۇلنىڭ پائالىيىتـىنى توختاتماقچى، شۇڭا يەھۋانىڭ ياردىمىسىز بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن ئەمـەس. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى، دۈشمەنلەرنىڭ زىيانكەشلىكى، دۇنيا يۈزلۈك ئىقتىسادىي بوھرانلار ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىلەرگە قارىماستىن، سادىق قۇل ئەيسانىڭ يەردىكى ئەگەشكۈچىلىرىگە روھىي ئوزۇقلۇقنى ئۆز ۋاقتىدا بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان. بىزدە بار روھىي ئوزۇقلۇقنىڭ قانچىلىك مول ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئويلاپ كۆرەيلى: ماتېرىياللىرىمىز 900دىن ئوشۇق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ ۋە ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. بۇ خۇدانىڭ سادىق قۇلنى قوللايدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىسپاتى. ۋەز ئىشىمۇ يەھۋانىڭ سادىق قۇلغا بەرىكەت بېرىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. خۇش خەۋەر ھەقىقەتەن «پۈتۈن دۇنيادا» جاكارلانماقتا (مەتتا 24:14). شەك-شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى كۈندە يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىنى يېتەكلىمەكتە ۋە مول بەرىكەتلىمەكتە.
17. يەھۋا پايدىلىنىۋاتقان تەشكىلاتنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتىمىز؟
17 ئۆزۈمىزدىن مۇنداق دەپ سورىساق بولىدۇ: «مەن يەھۋانىڭ يەردىكى تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولغىنىم ئۈچۈن مىننەتدارمۇ»؟ مۇسانىڭ زامانىدا، خۇدا ئۆزى تەيىنلىگەن خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت چۈشەرگەن ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەھۋا ئۆز تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئىسپات بەرگەن. بىزدە يەھۋاغا مىننەتدار بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلەر بار (1-سالونىكا. 5:18، 19). بىز يەھۋانىڭ تەشكىلاتىنى قوللايدىغانلىـقىمـىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ ماتـېرىياللـىرىمىز، جامائەت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلاردا ئالغان مۇقەددەس كىتابقا ئاسـاسلانغان كۆرسەتمىـلەرگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەز قىلىش ۋە تەلىم بېرىش ئىشىغا قولىمىزدىن كېلىشىچە قاتناشساق، سادىق قۇلنى قوللايدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.—1-كورىنت. 15:58.
18. نېمە قىلىشقا بەل باغلىدىڭىز؟
18 كېلىڭلار، لاۋىيلار كىتابىدىن ئالغان ساۋاقلارنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشقا قەتئىي بەل باغلايلى. يەھۋا قۇربانلىقىمىزنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشەيلى. يەھۋاغا خىزمەت قىلىشقا مىننەتدارلىق بىزنى دەۋەت قىلغاي! يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىزنى ئۇنىڭغا قولىمىزدا بارىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى بېرىشكە ئۈندىگەي! يەھۋانىڭ ئۆزى بـەرىكـەتلەۋاتقان تەشكىلاتنى چىن يۈرەكتىن قوللايلى. شۇنداق يول تۇتساق، يەھۋانىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇش شان-شەرىپىنى قەدىرلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز!
11-ناخشا يەھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش
a لاۋىيلار كىتابىدا، يەھۋا قەدىمدە ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن قانۇنلار يېزىلغان. بۈگۈنكى كۈندە بىزدىن شۇ قانۇنلارنى ئورۇنلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئەمما بىز ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنالايمىز. ھازىر، لاۋىيلار كىتابىدىن ئالىدىغان مۇھىم ساۋاقلارنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
b مۇقەددەس چېدىردا كۆيدۈرۈلگەن ئىسرىق مۇقەددەس ھېسابلانغان ۋە قەدىمقى ئىسرائىلدا پەقەت يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن (چىق. 30:34—38). بىرىنچى ئەسىردىكى مەسىھىيلەر ئىبادەتتە ئىسرىق كۆيدۈرگەنلىكى توغرۇلۇق ھېچ مەلۇمات يوق.
c ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىۋېلىش ئۈچۈن، «مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىش» (باشقا تىل) كىتابىنىڭ «قۇربانلىق» > «ئىناقلىق قۇربانلىقى»، دېگەن ماۋزۇسىغا ۋە «كۈزىتىش مۇنارى» (باشقا تىل) 2012-يىل، 15-يانۋار سانىنىڭ 19-بېتىدىكى 11-ئابزاسقا قاراڭ.
d سۈرەتلەردە: گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈش كۈنى ئالىي روھانىي ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئىسرىق ۋە كۆيۈۋاتقان چوغ بىلەن كىرىپ، شۇ يەرنى خۇشپۇراق ھىدىغا تولدۇرغان. كېيىنرەك ئۇ ئەڭ مۇقەددەس جايغا گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن قايتىدىن كىرگەن.
e سۈرەتتە: ئىسرائىل كىشى ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن باش روھانىيغا قوينى ئېلىپ كەلگەن. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يەھۋاغا بولغان مىننەتدارلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
f سۈرەتتە: ئەيسا يەردە بولغاندا، يەھۋانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ۋە شاگىرتلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يەھۋاغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەنىدى.
g سۈرەتتە: ياشانغان قېرىنداش مۇمكىنچىلىكى چەكلىك ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، خەت يېزىپ ۋەز قىلىش ئارقىلىق يەھۋا خۇداغا ئەڭ ياخشىسىنى بېرىۋاتىدۇ.
h سۈرەتلەردە: 2019-يىل فېۋرال ئېيىدا يېتەكچى كېڭەشنىڭ ئەزاسى گېررىت ليوش قايتا نەشىر قىلىنغان «مۇقەددەس يازمىلار. يېڭى دۇنيا تەرجىمىسى» نېمىس تىلىدا چىققانلىقىنى مىننەتدار تىڭشىغۇچىلارغا ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە گېرمانىيىدە مۇشۇ ئىككى قېرىنداشقا ئوخشاش، باشقا ئېتىقادداشلارمۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ «يېڭى دۇنيا تەرجىمىسىنى» ۋەز خىزمىتىدە خۇشاللىق بىلەن ئىشلىتىۋاتىدۇ.