خۇدا پادىشاھلىقىنى ھازىر قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ!
تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ: سىز ياشاۋاتقان مەھەللىگە شىددەتلىك قارا بوران يېقىنلىشىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى: «تېز ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار! پاناھلىنىدىغان بېخەتەر جاي ئىزدەڭلار!»— دەپ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ. نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئەلۋەتتە، جەزمەن بىخەتەر بىر جايغا كېتىشىڭىز كېرەك.
خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ھەممىمىز پات-يېقىندا، ئەيسا پەيغەمبەر «دەھشەتلىك چوڭ بالايىئاپەت» دەپ ئاتىغان بىر شىددەتلىك «قارا بوران»غا ئۇچرايمىز (مەتتا 24:21). قەيەردە ياشىمايلى، بۇ بالايىئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. شۇنداقتىمۇ، بالايىئاپەت مەزگىلىدە، ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بەزى ئىشلارنى قىلالايمىز. قانداق ئىشلار؟
ھەزرىتى ئەيسا تاغدا ۋەز-نەسىھەت ئېيتقاندا، مۇنداق كۆرسەتمە بەرگەن: «ھاياتىڭلاردا داۋاملىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار» (مەتتا 6:33). بۇنى قانداق قىلالايمىز؟
خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار. بۇ سۆزلەر خۇدا پادىشاھلىقى ھاياتىمىزدىكى باشقا ھەرقانداق ئىشلاردىن مۇھىمراق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ (مەتتا 6:25، 32، 33). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئىنسانىيەتنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۇلارنى پەقەت خۇدا پادىشاھلىقى ھەل قىلالايدۇ.
ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار. بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن، خۇدانىڭ ئادىل قانۇنلىرى ۋە قائىدە-پرىنسىپلىرىغا ماس ياشاشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتالىقىنى ئۆزىمىز قارار قىلساق، ئېچىنارلىق ئاقىۋەتكە قالىمىز (پەندى-نەسىھەت 16:25). ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە ئىتائەت قىلساق، خۇدانى خۇرسەن قىلىپلا قالماي، شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىمىز.—يەشايا 48:17، 18.
داۋاملىق خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار. ئەيسا پەيغەمبەر بىزنى ئاگاھلاندۇرغان: بەزى كىشىلەر قانچە كۆپ پۇل تاپسام، شۇنچە بىخەتەر ياشايمەن دەپ ئويلاپ، پادىشاھلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا كۆڭۈل بۆلمەي قالىدۇ. يەنە بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە تۇرمۇشنىڭ مەتتا 6:19–21، 25–32.
غەم-ئەندىشىلىرىگە پېتىپ قېلىپ قىلىپ، ھەتتا خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالىدۇ.—ئەمما، ھەزرىتى ئەيسا خۇدا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھازىر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ۋە كېلەچەكتە تېخىمۇ مول بەرىكەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.—مەتتا 6:33.
گەرچە ئەيسانىڭ بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلىرى ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ھاياتىدا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولسىمۇ، ئۇلار ئۆمرىدە بارچە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى يوق بولغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار خۇدانىڭ ھىمايىسى ئاستىدا بولغان. نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيمىز؟
ئاشۇ شاگىرتلار خۇدانىڭ ھەققانىي ئۆلچەملىرى بويىچە ياشىغاچ، خۇدانىڭ ئۆلچەملىرىگە بىپەرۋالىق قىلغانلار باشتىن كەچۈرگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولمىغان. دېمەك، ئۇلار ھىمايىگە ئېرىشكەن. ئۇلار پادىشاھلىقىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنگەن. بۇ ئىشەنچ ئۇلارنىڭ ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە ياردەم بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئۇلارغا «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بەرگەچ، ئۇلار سىناقلارغا باش ئەگمىگەن.—2-كورىنتلىقلار 4:7–9.
خۇدا پادىشاھلىقىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويامسىز؟
بىرىنچى ئەسىردىكى شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغان. ئۇلار شۇ زاماندىكى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىغا خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەن (كولوسىلىقلار 1:23). بۈگۈنكى كۈندىچۇ، بۇ ئىشنى قىلىۋاتقان كىشىلەر بارمۇ؟
ھەئە، يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بار! ئۇلار پات-يېقىندا خۇدا پادىشاھلىقى بۇ رەزىل دۇنيانى يوق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئەيسا پەيغەمبەر ئېيتقان ئەڭ مۇھىم ئىشنى قىلىۋاتىدۇ: «بۇ پادىشاھلىق خۇش خەۋىرى بارچە خەلقلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيادا ۋەز قىلىنىدۇ ۋە ئاندىن كېيىن ئاخىرى كېلىدۇ».—مەتتا 24:14.
سىز خۇدا پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئاڭلىغىنىڭىزدا، نېمە قىلار ئىدىڭىز؟ بىز سىزنى ماكېدونىيەدىكى بېرىيا شەھىرىدە ياشىغان كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز. ئۇلار ئەلچى پاۋلۇستىن پادىشاھلىق ھەققىدە خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، بۇ خەۋەرنى «قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلدى». ئاندىن كېيىن، ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن خۇدانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزۈش ئۈچۈن «مۇقەددەس يازمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدىنىپ ئۆگەندى». كېيىن، ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشىدا قوللانغان.—ئەلچىلەر 17:11، 12.
سىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش قىلالايسىز. ھاياتىڭىزدا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسىڭىز، ھازىر خۇدانىڭ قانىتى ئاستىدا پاناھ تاپىسىز ۋە كېلەچەكتە ھەقىقىي تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكتىن مەڭگۈگە بەھرىمەن بولىسىز.