مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

1-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بېرىپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار

بېرىپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار

2020-‏يىلنىڭ ئايىتى:‏ «شۇ سە‌ۋە‌بتىن بېرىڭلار،‏ ھە‌ممە خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار».‏‏—‏مە‌تتا 28:‏19‏.‏

139-‏ناخشا ئۇ‌لارنى چىڭ تۇ‌رۇ‌شقا ئۆگە‌تكىن

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ ئە‌يسانىڭ قە‌برىسىگە كە‌لگە‌ن ئاياللارغا پە‌رىشتە نېمە دېگە‌ن؟‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئۇ‌لارغا نېمىنى بۇ‌يرۇ‌غان؟‏

 تاڭ سە‌ھە‌ر.‏ مىلادى 33-‏يىل 16-‏نىسان كۈنى.‏ قايغۇ‌غا پاتقان خۇ‌دادىن ئە‌يمىنىدىغان بىر توپ ئاياللار قە‌بىرە تە‌رە‌پكە ماڭماقتا.‏ ئۇ يە‌رگە ئىككى كۈن بۇ‌رۇ‌ن ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ جە‌سىتى قويۇ‌لغان.‏ خۇ‌شپۇ‌راق دورا-‏دە‌رمە‌كلە‌ر ۋە مايلارنى ئە‌كە‌لگە‌ن بۇ ئاياللار قە‌بىرىگە كە‌لگە‌ندە،‏ ھاڭ-‏تاڭ بولۇ‌شقان.‏ چۈنكى ئۇ‌لار جە‌سە‌تنىڭ يوقلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ شۇ چاغدا پە‌رىشتە ئۇ‌لارغا ئە‌يسانىڭ تىرىلگە‌نلىكىنى ئېيتقان.‏ پە‌رىشتە يە‌نە ئۇ‌لارغا:‏ «ئۇ سىلە‌ردىن ئاۋۋال جە‌لىلىيىگە بارىدۇ.‏ ئۇ‌نى شۇ يە‌ردە كۆرىسىلە‌ر»،‏—‏ دېگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 28:‏1—‏7؛‏ لۇ‌قا 23:‏56؛‏ 24:‏10‏.‏

2 ئاياللار قە‌بىرىدىن قايتىۋاتقاندا،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئۇ‌لارغا:‏ «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا خە‌ۋە‌ر قىلىڭلار.‏ ئۇ‌لار جە‌لىلىيىگە بارسۇ‌ن،‏ مېنى شۇ يە‌ردە كۆرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ بۇ‌يرۇ‌غان (‏مە‌تتا 28:‏10‏)‏.‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن ئە‌ڭ ئاۋۋال شاگىرتلىرى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىشنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان.‏ بۇ ئۇ‌چرىشىشتا ئە‌يسا ئۇ‌لارغا بە‌ك مۇ‌ھىم كۆرسە‌تمىلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏

بۇ ئىشنى كىمگە بۇ‌يرۇ‌غان؟‏

ئە‌يسا تىرىلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىن ئە‌لچىلە‌ر ۋە باشقا شاگىرتلىرى بىلە‌ن جە‌لىلىيىدە كۆرۈشۈپ،‏ ئۇ‌لارغا بېرىپ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشنى بۇ‌يرىغان (‏3،‏ 4-‏ئابزاسلىرىغا قاراڭ)‏

3،‏ 4.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن مە‌تتا 28:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌ردىكى بۇ‌يرۇ‌ق پە‌قە‌ت ئە‌لچىلە‌رگىلا قارىتىلمىغان دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

3 مە‌تتا 28:‏16—‏20-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن ئۇ‌چراشقاندا،‏ ئۇ‌لارغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان ئىشنىڭ بە‌كمۇ مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ بىزمۇ بۈگۈن شۇ مۇ‌ھىم ئىشنى ئورۇ‌نلاۋاتىمىز.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا:‏ «بېرىپ بارلىق خە‌لقلە‌ردىن شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ … مە‌ن سىلە‌رگە بۇ‌يرىغان بارلىق نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى ئۇ‌لارغا ئۆگىتىڭلار»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏

4 ئە‌يسا بارلىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىشىنى خالايدۇ.‏ ئۇ بۇ تاپشۇ‌رۇ‌قنى پە‌قە‌ت 11 سادىق ئە‌لچىسىگە بە‌رمىگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌يمىز؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا ۋە‌ز قىلىشنى تاپشۇ‌رغاندا،‏ جە‌لىلىيىدىكى تاغدا ئۇ‌لاردىن باشقا ئادە‌ملە‌رمۇ بولغان.‏ پە‌رىشتە ئاياللارغا:‏ «ئۇ‌نى شۇ يە‌ردە [جە‌لىلىيىدە] كۆرىسىلە‌ر»‏‏،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان.‏ دېمە‌ك،‏ شۇ ئۇ‌چرىشىشتا شۇ ئاياللارمۇ بولغان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ پاۋلۇ‌س يازغاندە‌ك،‏ ئە‌يسا «بە‌ش يۈزدىن كۆپرە‌ك قېرىنداشلارغا كۆرۈندى» (‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏6‏)‏.‏ ئۇ‌لار قە‌يە‌ردە بولغان؟‏

5.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏6-‏ئايە‌تتىن نېمىنى بىلىمىز؟‏

5 ئە‌لچى پاۋلۇ‌س 1-‏كورىنتلىقلار 15:‏6-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرى بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن ئۇ‌چرىشىش توغرۇ‌لۇ‌ق يازغان دە‌پ ئېيتالايمىز.‏ بۇ‌نىڭ بىرىنچى سە‌ۋە‌بى،‏ شاگىرتلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى جە‌لىلىيىلىك بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ شۇ‌نچىلىك نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌رنىڭ بىر ئۆيدە يىغىلىشىغا قارىغاندا،‏ جە‌لىلىيە‌دىكى تاغدا يىغىلىشى ئاسانراق بولغان.‏ ئىككىنچى سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى بىر ئۆيدە 11 ئە‌لچىسى بىلە‌ن ئۇ‌چرىشىپ بولغان ئىدى.‏ ئە‌يسا ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى پە‌قە‌ت ئە‌لچىلە‌رگە تاپشۇ‌رماقچى بولغان بولسا،‏ ئۇ‌لارنى ۋە ئاياللار بىلە‌ن باشقا ئادە‌ملە‌رنى جە‌لىلىيىگە چاقىرمايلا،‏ بۇ ئىشنى يېرۇ‌سالىمدا تاپشۇ‌راتتى.‏—‏لۇ‌قا 24:‏33،‏ 36‏.‏

6.‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئورۇ‌نلاش كېرە‌كلىكىنى مە‌تتا 28:‏20-‏ئايە‌ت قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏ بۇ ئىش قانداق ئورۇ‌نلانماقتا؟‏

6 ئۈچىنچى سە‌ۋە‌بى،‏ ئە‌يسا شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنى پە‌قە‌ت بىرىنچى ئە‌سىردە ياشىغان ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە تاپشۇ‌رمىغان.‏ ئە‌يسا سۆزىنى قانداق تاماملىغانلىقىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ ئۇ:‏ «مانا،‏ مە‌ن بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرىغىچە ھە‌ر كۈنى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە بولىمە‌ن»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ ھە‌قىقە‌تە‌ن،‏ ھازىر شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىنىڭ راست قىزىۋاتقان ۋاقتى.‏ ئويلاپ كۆرۈڭە،‏ ھە‌ر يىلى تە‌خمىنە‌ن 300000 ئادە‌م يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى سۈپىتىدە چۆمۈلدۈرۈلۈپ،‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولماقتا!‏

7.‏ بىز نېمىنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 كۆپلىگە‌ن ئوقۇ‌غۇ‌چىلار روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ن.‏ لېكىن،‏ بىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىدىغان بە‌زى كىشىلە‌ر مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شتىن قورقىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ بىراق ئۇ‌لار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە ئىنتىلمە‌يدۇ.‏ بىرسى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىش دە‌رسىنى ئۆتكۈزسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى ئە‌مە‌لىيە‌تتە قوللىنىپ،‏ مە‌سىھنىڭ شاگىرتى بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىڭىز سۆزسىز.‏ بۇ ماقالىدە ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشىگە ۋە ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىشنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بۇ‌نى مۇ‌ھاكىمە قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ چۈنكى،‏ بە‌زىدە ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ياكى توختىتىشنى قارار قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏

ئوقۇ‌غۇ‌چىغا يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشكە ياردە‌م بېرىڭ

8.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ يە‌ھۋانى ياخشى كۆرۈشىگە ياردە‌م بېرىش نېمە ئۈچۈن قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

8 يە‌ھۋا خۇ‌دا ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىشنى خالايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لار ئۇ‌نى سۆيىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز —‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىلارغا يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌يدىغانلىقى ۋە بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىش.‏ بىز ئۇ‌لارنىڭ،‏ يە‌ھۋا «يېتىم بالىنىڭ ئاتىسى،‏ تۇ‌ل خوتۇ‌نلارنىڭ قوغدىغۇ‌چىسى» ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشىنى خالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 68:‏5‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇ‌ر ئىكە‌نلىكىنى چۈشە‌نگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارمۇ ئۇ‌نى ياخشى كۆرۈشكە باشلىشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌زى ئۆگە‌نگۈچىلە‌ر ئاتا مېھرىنى كۆرمىگە‌نلىكتىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى كۆيۈمچان ئاتىدە‌ك سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى قىيىن (‏2-‏تىموت.‏ 3:‏1،‏ 3‏)‏.‏ تە‌تقىق ئۆتكۈزگە‌ندە ئادە‌منىڭ دىققىتىنى يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىگە قارىتىشقا تىرىشىڭ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىڭىزغا مېھرىبان خۇ‌دايىمىز ئۇ‌نىڭ مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىشىنى ۋە شۇ مە‌قسە‌تكە قول يە‌تكۈزۈشىگە ياردە‌م بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ بىز يە‌نە نېمە قىلالايمىز؟‏

9،‏ 10.‏ تە‌تقىق قىلىش دە‌رسىنى قايسى كىتابلارنىڭ ياردىمى بىلە‌ن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

9 ‏«‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى‏» ۋە «‏خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار‏» كىتابلىرىنى قوللىنىڭ.‏ بۇ كىتابلار ئادە‌ملە‌رنىڭ يۈرىكىگە يول ئېچىشىڭىزغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ «تە‌لىملە‌ر» كىتابىنىڭ بىرىنچى بابى تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ:‏ «قىيىنچىلىقلار خۇ‌دادىن كە‌لگە‌ن سىناقمۇ؟‏ ئىنسانلار ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كسە،‏ خۇ‌دانىڭ ئىچى ئاغرامدۇ؟‏ خۇ‌دا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش مۇ‌مكىنمۇ؟‏» «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى» كىتابى ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب پرىنسىپلىرىغا ئە‌مە‌ل قىلسا،‏ ھاياتى ياخشى تە‌رە‌پكە ئۆزگىرىپ،‏ ئۇ يە‌ھۋاغا تېخىمۇ يېقىن بولالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ سىز بۇ كىتابلارنى بۇ‌رۇ‌ن باشقا ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن تە‌تقىق قىلغان بولسىڭىزمۇ،‏ ھە‌ر قېتىم تە‌تقىق قىلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ دە‌رسكە ياخشى تە‌ييارلىق قىلىڭ ۋە ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌ڭ.‏

10 ئوقۇ‌غۇ‌چى تە‌لىم بېرىش قوراللىرى قاتارىغا كىرمە‌يدىغان بىر باشقا ئە‌دە‌بىياتلىرىمىزدىكى مە‌لۇ‌ماتقا قىزىقىش كۆرسە‌تسىچۇ؟‏ سىز ئۇ‌نى شۇ مە‌لۇ‌ماتنى ئۆز ئالدىغا ئوقۇ‌شقا دە‌ۋە‌ت قىلسىڭىز بولىدۇ ھە‌مدە «تە‌لىملە‌ر» ۋە «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى» كىتابلىرىنى ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رالايسىز.‏

تە‌تقىق دە‌رىسىنى ئۆگە‌نگە‌ندە دۇ‌ئا بىلە‌ن باشلاڭ (‏11-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

11.‏ ھە‌ر قېتىم تە‌تقىق دە‌رسىدىن ئاۋۋال ۋە كېيىن دۇ‌ئا قىلىشنى قاچان باشلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بۇ‌نى ئوقۇ‌غۇ‌چىغا قانداق چۈشە‌ندۈرە‌لە‌يسىز؟‏

11 ئۆگىنىش دە‌رسىنى دۇ‌ئا بىلە‌ن باشلاڭ.‏ دە‌رستىن ئاۋۋال ۋە ئۇ‌نىڭدىن كېيىن دۇ‌ئا قىلىشنى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر بالدۇ‌رراق بە‌لكىم تە‌تقىق قىلىش مۇ‌نتىزىم بولغاندىن كېيىن،‏ دە‌سلە‌پكى بىرنە‌چچە ھە‌پتە ئىچىدە باشلىساق ياخشى بولىدۇ.‏ بىز ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ خۇ‌دا سۆزىنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمىسىز چۈشىنىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىگە كۆز يە‌تكۈزۈشىگە ياردە‌م بېرىشىمىز كېرە‌ك.‏ بە‌زى قېرىنداشلار ئوقۇ‌غۇ‌چىلارغا دۇ‌ئا قىلىشنىڭ مۇ‌ھىملىقىنى چۈشە‌ندۈرۈش ئۈچۈن،‏ ياقۇ‌پ 1:‏5-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ئوقۇ‌پ بېرىدۇ.‏ ئۇ يە‌ردە:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا كىمدە بىرىدە دانالىق كە‌م بولسا،‏ … خۇ‌دادىن داۋاملىق تىلىسۇ‌ن»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ كېيىن ئوقۇ‌غۇ‌چىغا:‏ «خۇ‌دادىن دانالىقنى قانداق سورىيالايمىز؟‏»—‏ دېگە‌ن سوئالنى قويىدۇ.‏ ئېھتىمال،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى دۇ‌ئادا خۇ‌دادىن ئىلتىجا قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىگە قوشۇ‌لىدۇ.‏

12.‏ زە‌بۇ‌ر 139:‏2—‏4-‏ئايە‌تنى قوللىنىپ،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ يە‌ھۋاغا كۆڭلىدىكىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشىغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

12 ئوقۇ‌غۇ‌چىڭىزغا دۇ‌ئا قىلىشنى ئۆگىتىڭ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىغا يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ چىن يۈرە‌كتىن چىققان دۇ‌ئاسىنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ دۇ‌ئالىرىمىزدا يە‌ھۋاغا ئىچ-‏سىرىمىزنى تۆكۈپ،‏ ھە‌تتا باشقا ھېچكىمگە ئېيتالمايدىغان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىمىزنىمۇ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا ھە‌تتا قە‌لبىمىزنىڭ چوڭقۇ‌ر قاتلاملىرىدىكى ئوي-‏خىيالىرىمىزنى بىلىدۇ ‏(‏زە‌بۇ‌ر 139:‏2—‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ بىز ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ ناتوغرا ئوي-‏پىكرىنى ئۆزگە‌رتىشى ۋە يامان ئادە‌تلىرىنى تاشلىشى ئۈچۈن خۇ‌دادىن ياردە‌م سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌م يالغان دىن بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتى بار بىر بايرامنى ياخشى كۆرىدۇ دە‌يلى.‏ ئۇ بۇ‌نىڭ ناتوغرا ئىكە‌نلىكىنى بىلسىمۇ،‏ شۇ بايرامنىڭ بە‌زى نە‌رسىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ.‏ ئۇ‌نى يە‌ھۋاغا ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئوچۇ‌ق ئېيتىشقا ۋە خۇ‌دا ياخشى كۆرىدىغان نە‌رسىلە‌رنىلا ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياردە‌م سوراشقا دە‌ۋە‌ت قىلىڭ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 97:‏10‏.‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌منى يىغىلىشلارغا تە‌كلىپ قىلىڭ (‏13-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

13.‏ (‏1)‏ نېمە ئۈچۈن ئۆگە‌نگۈچىنى يىغىلىشلارغا مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر بالدۇ‌رراق چاقىرىش كېرە‌ك؟‏ (‏2)‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى ئىبادە‌ت يىغىلىشىغا كە‌لگە‌ندە ئۆزىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلساق بولىدۇ؟‏

13 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌منى مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر بالدۇ‌رراق يىغىلىشقا چاقىرىڭ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىغا يىغىلىشتا ئاڭلىغانلىرى ۋە كۆرگە‌نلىرى تە‌سىر قىلىپ،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌نىڭغا «‏ئىبادە‌ت زالىغا نېمە ئۈچۈن يىغىلىمىز؟‏‏» ناملىق فىلىمنى كۆرسىتىپ،‏ ئۇ‌نى جامائە‌ت يىغىلىشىغا تە‌كلىپ قىلىڭ.‏ مۇ‌مكىن بولسا،‏ يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغان جايغا كېلىپ-‏كېتىشىگە ياردە‌ملىشىڭ.‏ ھە‌ر قېتىم تە‌تقىق دە‌رسىگە ئوخشاش ئە‌مە‌س قېرىنداشلارنى چاقىرسىڭىز ياخشى.‏ شۇ چاغدا ئۆگە‌نگۈچى جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن تونۇ‌شۇ‌پ،‏ يىغىلىشقا كە‌لگە‌ندە ئۆزىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە ھېس قىلالايدۇ.‏

ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىڭ

14.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىنى روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە نېمە دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن؟‏

14 بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز —‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىغا روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشكە ياردە‌م بېرىش (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏13‏)‏.‏ بىرسى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈشكە ماقۇ‌ل بولغاندا،‏ بۇ ماڭا قانداق ياردە‌م بېرىدۇ،‏ دە‌پ ئويلايدىغاندۇ.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌نىڭ يە‌ھۋا خۇ‌داغا بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئاشقانسېرى،‏ ئۇ باشقىلارغا ۋە جامائە‌تتىكىلە‌رگە قانداق ياردە‌م بە‌رسە‌م بولار،‏ دە‌پ ئويلىنىشى مۇ‌مكىن (‏مە‌تتا 22:‏37—‏39‏)‏.‏ ۋاقىت-‏سائىتى كە‌لگە‌ندە،‏ پادىشاھلىق ئىشىنى ماددىي جە‌ھە‌تتىن قوللاش شان-‏شە‌رىپى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌غۇ‌چىغا ئېيتىشتىن ئىككىلە‌نمە‌يلى.‏

ئوقۇ‌غۇ‌چىغا قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىڭ (‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

15.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىغا قىيىنچىلىقلىرىنى ھە‌ل قىلىشقا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يسىز؟‏

15 قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشنى ئۆگىتىڭ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سىز چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتىسىز ۋە ئۇ جامائە‌تتىكى بىرسىگە رە‌نجىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى دە‌يلى.‏ شۇ چاغدا بىرىگە يان باسماي،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پرىنسىپلارنى چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏ ئۇ قېرىندىشىنى كە‌چۈرۈپ،‏ بولغان ئىشنى ئۇ‌نتۇ‌پ كە‌تسە،‏ ياخشى بولىدۇ.‏ ئۇ‌نداق قىلالمىسا،‏ قېرىندىشى بىلە‌ن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ‌نىڭغا بېرىپ،‏ مېھرىبانلىق بىلە‌ن،‏ ئىللىق سۆزلە‌شسە بولىدۇ (‏مە‌تتا 18:‏15-‏نى سېلىشتۇ‌رۇ‌ڭ)‏.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ دېمە‌كچى بولغان سۆزلىرىنى تە‌ييارلاشقا ياردە‌م بېرىڭ.‏ ئۇ‌نىڭغا قىيىنچىلىقنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن «‏®JW Library» پروگراممىسى،‏ «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يول كۆرسە‌تكۈچى» ياكى ®jw.org تور بېكىتىدىن مە‌لۇ‌مات ئىزدە‌ش ئۇ‌سۇ‌للىرىنى ئۆگىتىڭ.‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمىگە‌ن چاغدا قىيىنچىلىقلارنى ھە‌ل قىلىشنى ئۆگە‌نسە،‏ چۆمۈلدۈرۈلگە‌ندىن كېيىنمۇ قېرىنداشلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتى ياخشى بولىدۇ.‏

16.‏ تە‌تقىق دە‌رسىگە باشقىلارنى چاقىرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

16 تە‌تقىق ئۆگىنىشىگە جامائە‌تتىكىلە‌رنى ۋە رايونغا مە‌سئۇ‌ل ئاقساقالنى چاقىرىڭ.‏ بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌مگە سىز بېرە‌لمە‌يدىغان ياردە‌منى بېرە‌لىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى تاماكا چېكىشنى تاشلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ،‏ بىراق بۇ يامان ئادىتىدىن ئايرىلىش تېخى قولىدىن كە‌لمىدى دە‌يلى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ تە‌تقىق دە‌رسىگە دە‌ل شۇ‌نداق قىيىنچىلىق بىلە‌ن كۈرە‌شكە‌ن ۋە ئاشۇ ئادە‌تنى يېڭىپ چىققان بىر قېرىنداشنى چاقىرسىڭىز بولىدۇ.‏ قېرىنداش ئۇ‌نىڭغا پايدىلىق مە‌سلىھە‌ت بېرە‌لە‌يدۇ.‏ ئە‌گە‌ر تە‌جرىبىلىك قېرىنداشنىڭ قېشىدا دە‌رسنى ئۆتكۈزۈشتىن تارتىنسىڭىز،‏ مۇ‌شۇ قېتىم دە‌رسنى ئۇ ئۆتكۈزۈشىنى سورىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئۆگىنىش دە‌رسىگە باشقىلارنى چاقىرسىڭىز،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى ئۇ‌لاردىن كۆپ نە‌رسىنى ئۆگىنە‌لە‌يدۇ.‏ ئېسىڭىزدە بولسۇ‌نكى،‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈشىگە ياردە‌م بېرىش.‏

تە‌تقىق دە‌رسىنى توختىتىش كېرە‌كمۇ؟‏

17،‏ 18.‏ تە‌تقىق دە‌رسىنى توختىتىش-‏توختاتماسلىقنى قارار قىلغاندا نېمىنى ئە‌ستە تۇ‌تقان ياخشى؟‏

17 ئوقۇ‌غۇ‌چى ھاياتىدا ئۆزگىرىشلە‌رنى قىلمىسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى توختىتىش ياكى توختاتماسلىقنى قارار قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ بۇ‌نى قارار قىلىشتىن ئاۋۋال،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چىنىڭ قابىلىيە‌تلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىشىڭىز كېرە‌ك.‏ بە‌زىلە‌رنىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشى ئۈچۈن كۆپرە‌ك ۋاقىت كېرە‌ك.‏ ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراپ كۆرۈڭ:‏ «ئوقۇ‌غۇ‌چى ئۆز قابىلىيىتىگە يارىشا روھىي جە‌ھە‌تتىن ئۆسۈۋاتامدۇ؟‏ ئۇ بىلگە‌نلىرىگە ئە‌مە‌ل قىلىشنى باشلىدىمۇ؟‏» ‏(‏مە‌تتا 28:‏20‏)‏.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى روھىي جە‌ھە‌تتىن بە‌ك تېز ئۆسمىسىمۇ،‏ بىراق ھاياتىنى ئاستا-‏ئاستا ئۆزگە‌رتىشى لازىم.‏

18 مـۇ‌قـە‌ددە‌س كىتابنـى خېلـى ۋاقىتـتىن بېـرى ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئۆگـە‌نگە‌نلـىرىنى قە‌دىرلىمە‌يدىغانلىقىنى كۆرسە‌تسىچۇ؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرى» ياكى ھە‌تتا «خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابىنى باشلىدى دە‌يلى.‏ لېكىن،‏ ئۇ بىر قېتىم بولسىمۇ،‏ يىغىلىشقا ياكى مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىغا كە‌لمىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا ئۆگىنىشنى يوقلاڭ بىر سە‌ۋە‌بلە‌ر بىلە‌ن كە‌ينىگە قالدۇ‌رىۋېرىدۇ b‏.‏

19.‏ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى قە‌دىرلىمە‌يدىغاندە‌ك كۆرۈنگە‌ن كىشىگە نېمە دېسىڭىز بولىدۇ ۋە سىز نېمە توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏

19 «يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شقا سىزگە نېمە توسالغۇ‌ق قىلماقتا؟‏» دېگە‌ن سوئال بىلە‌ن باشلىسىڭىز بولىدۇ.‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى:‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمە‌ن،‏ بىراق مە‌ن ھە‌رگىزمۇ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولمايمە‌ن»،‏—‏ دە‌يدىغاندۇ.‏ ئادە‌م بىراز ۋاقىت ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌نىلا شۇ‌نداق كۆز قاراشتا بولسا،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌شنىڭ ئە‌ھمىيىتى بارمۇ؟‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ئوقۇ‌غۇ‌چى ئۇ‌نىڭغا روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا بېسىشقا نېمە توسالغۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىرىنچى قېتىم ئوچۇ‌ق ئېيتىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ ھە‌رگىزمۇ ئۆيمۇ-‏ئۆي ۋە‌ز قىلالمايمە‌ن دە‌پ ئويلايدىغاندۇ.‏ ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى چۈشە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز.‏

نە‌تىجىسىز ئۆگىنىشلە‌رگە ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

20.‏ تە‌تقىق دە‌رسىنى توختىتىش ياكى توختاتماسلىقنى قارار قىلغاندا،‏ ئە‌لچىلە‌ر 13:‏48-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

20 ئە‌پسۇ‌سكى،‏ بە‌زى ئوقۇ‌غۇ‌چىلار ھە‌زە‌كىيالنىڭ زامانىدا ياشىغان ئىسرائىللارغا ئوخشايدۇ.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق ھە‌زە‌كىيالغا:‏ «مانا،‏ سە‌ن ئۇ‌لار ئۈچۈن پە‌قە‌ت ماھىرلىق بىلە‌ن چېلىنغان تارىلىق سازلارغا تە‌ڭكە‌ش قىلىنىپ،‏ يېقىملىق ئاۋاز بىلە‌ن ئېيتىلغان مۇ‌ھە‌ببە‌ت ناخشىسىسە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏ھە‌زە‌ك.‏ 33:‏32‏)‏.‏ ئادە‌مگە ئۆگىنىشنى توختىتىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىش ئاسان ئە‌مە‌س بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ قالغان ۋاقىت قىسقىدۇ‌ر (‏1-‏كورىنت.‏ 7:‏29‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ نە‌تىجىسىز ئۆگىنىشلە‌رگە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا،‏ مە‌ڭگۈ ھاياتنى قوبۇ‌ل قىلىشقا مايىل بولغان ئادە‌ملە‌رنى ئىزدە‌پ تېپىشىمىز كېرە‌ك‏.‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 13:‏48-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

تېررىتورىيىڭىزدە ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىۋاتقان باشقىمۇ ئادە‌ملە‌ر بولۇ‌شى مۇ‌مكىن (‏20-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

21.‏ 2020-‏يىللىق ئايە‌ت قايسى ئايە‌ت ۋە ئۇ بىزگە نېمە قىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

21 2020-‏يىللىق ئايە‌ت شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا دىققىتىمىزنى مە‌ركە‌زلە‌شتۈرۈشكە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئە‌يسا جە‌لىلىيىدىكى بىر تاغدا ئۆتكۈزگە‌ن ئالاھىدە مۇ‌ھىم يىغىلىشتا بۇ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌رنى ئېيتقان:‏ ‏«شۇ سە‌ۋە‌بتىن بېرىڭلار،‏ … شاگىرتلارنى تە‌ييارلاڭلار.‏ ئۇ‌لارنى … سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈڭلار»‏‏.‏—‏مە‌تتا 28:‏19‏.‏

شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىدا ئالغا بېسىشقا ۋە ئوقۇ‌غۇ‌چىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىگە ياردە‌م بېرىشكە ئىنتىلە‌يلى (‏21-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

44-‏ناخشا خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ھوسۇ‌ل يىغىش

a ‏2020-‏يىللىق ئايە‌ت بىزنى «شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا» چاقىرىدۇ.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ بارلىق خىزمە‌تچىلىرىگە بېرىلگە‌ن تاپشۇ‌رۇ‌ق.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىۋاتقان ئادە‌ملە‌رگە مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇ‌شقا قانداق ياردە‌ملىشە‌لە‌يمىز؟‏ كېلىڭلار،‏ ئۇ‌لارنىڭ يە‌ھۋاغا يېقىنلىشىشىغا قانداق ئۇ‌سۇ‌للاردا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالايلى.‏ شۇ‌نداقلا بىرسى بىلە‌ن ئۆگىنىشنى قاچان توختىتىش كېرە‌كلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

b ‏JW ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيىسىدىكى «‏نە‌تىجىسىز ئۆگىنىشلە‌رنى توختىتىش‏» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ.‏