مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

4-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ گۇ‌ۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س روھ گۇ‌ۋاھلىق بېرىۋاتىدۇ

‏«ئۇ‌شبۇ روھ بىلە‌ن قە‌لب روھىمىز بىرلىكتە،‏ بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى بولغىنىمىزغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىدۇ»‏‏.‏—‏رىملىقلار 8:‏16‏.‏

147-‏ناخشا ئالاھىدە مۈلۈك

بۇ ماقالىدە a

مىلادى 33-‏يىلى ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌يسانىڭ 120 شاگىرتىغا ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌ل بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى تۆككە‌ن (‏1،‏ 2-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

1،‏ 2.‏ مىلادى 33-‏يىل،‏ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا قانداق ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

 مىلادى 33-‏يىلى.‏ يە‌كشە‌نبە كۈنى ئە‌تىگە‌نلىكى يېرۇ‌سالىمدا ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىدى.‏ ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قە‌ۋە‌تتىكى بۆلمىدە تە‌خمىنە‌ن 120چە شاگىرت يىغىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏13—‏15؛‏ 2:‏1‏)‏.‏ بۇ‌نىڭدىن بىرنە‌چچە كۈن بۇ‌رۇ‌ن،‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارغا يېرۇ‌سالىمدىن كە‌تمە‌سلىكنى بۇ‌يرىغان.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارغا ئالاھىدە بىر سوۋغات بېرىلە‌تتى (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏4،‏ 5‏)‏.‏ ئاندىن نېمە ۋە‌قە يۈز بە‌رگە‌ن؟‏

2 ئاسماندىن تۇ‌يۇ‌قسىز قاتتىق شامالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ،‏ بۇ ئاۋاز پۈتۈن ئۆينى قاپلىغان.‏ ئاندىن شاگىرتلارنىڭ بېشىغا «تىللارغا ئوخشاش كۆيۈپ تۇ‌رغان ئوتتە‌ك» بىر نە‌رسە چۈشۈپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى «مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا چۆمدى» (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏2—‏4‏)‏.‏ يە‌ھۋا شۇ‌نداق ئاجايىپ ئۇ‌سۇ‌لدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى ئۇ‌لارنىڭ ئۈستىگە تۆككە‌ن (‏ئە‌لچى.‏ 1:‏8‏)‏.‏ شۇ شاگىرتلار مۇ‌قە‌ددە‌س روھ b بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ۋە ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىگە ئېرىشكە‌نلە‌رنىڭ بىرىنچىسى بولغان.‏

بىرسى مە‌سىھ قىلىنغاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏

3.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن گۇ‌مان قىلمىغان؟‏

3 ئە‌گە‌ر شۇ كۈنى سىز شاگىرتلار بىلە‌ن بىللە بولغان بولسىڭىز،‏ بۇ ۋە‌قە‌نى ھېچقاچان ئۇ‌نتۇ‌پ قالمىغان بولاتتىڭىز.‏ بېشىڭىزغا تىللارغا ئوخشاش كۆيۈپ تۇ‌رغان ئوتتە‌ك بىر ئوت چۈشۈپ،‏ باشقا تىلدا سۆزلە‌شنى باشلىغانلىقىڭىزنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە!‏ (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏5—‏12‏)‏.‏ شۇ چاغدا خۇ‌دا سىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلغانلىقىغا قىلچىمۇ گۇ‌مان قىلمايتتىڭىز.‏ ئە‌مما،‏ ئاشۇ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ھە‌ممىسى مۆجىزىۋىي ئۇ‌سۇ‌لدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنامدۇ؟‏ ياق.‏ بىز بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

4.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئېتىقادچىلار قايسى ۋاقىتتا مە‌سىھ قىلىنغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

4 ئادە‌م قاچان مە‌سىھ قىلىندىغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن پە‌قە‌ت 120 شاگىرت مە‌سىھ قىلىنغان.‏ شۇ كۈنى يە‌نە 3000 كىشى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان ئىدى (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏37،‏ 38،‏ 41‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ھە‌ممىسلا چۆمۈلدۈرۈشتىن ئۆتكە‌ن ۋاقىتتا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنمىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ سامارىيىلىكلە‌ر چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بىراز ۋاقىت ئۆتكە‌ندىن كېيىن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنغان (‏ئە‌لچى.‏ 8:‏14—‏17‏)‏.‏ كورنىلىي ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ۋە‌زىيىتى بولسا،‏ مۇ‌تلە‌ق باشقىچە بولغان.‏ ئۇ‌لار چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتمە‌ي تۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان.‏—‏ئە‌لچى.‏ 10:‏44—‏48‏.‏

5.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 1:‏21،‏ 22-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا،‏ نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟‏

5 ئادە‌م مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تاللاۋالغاندا بە‌زىلە‌رنىڭ دە‌سلە‌پتە بۇ‌نى قوبۇ‌ل قىلىشى قىيىن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار:‏ «خۇ‌دا نېمە ئۈچۈن مېنى تاللاۋالدى؟‏»—‏ دە‌پ ھە‌يران قالىدىغاندۇ.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر بولسا،‏ شۇ‌نداق ھە‌يرانلىق ھېس قىلماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ قانداقلا بولمىسۇ‌ن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە نېمە بولىدىغانلىقىنى مۇ‌نداق چۈشە‌ندۈرگە‌ن:‏ «ئۇ‌نىڭغا ئىشە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ سىلە‌ر ئۇ ئارقىلىق ۋە‌دە قىلىنغان مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مۆھۈرلە‌ندىڭلار c‏» (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏13،‏ 14‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى تاللاۋالغانلىقىنى ئۆزلىرىگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ئېنىق بىلدۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۇ‌لارنى كېلە‌چە‌كتە يە‌ردە ئە‌مە‌س،‏ ئاسماندا مە‌ڭگۈ ياشايدىغانلىقىغا ئىشە‌ندۈرۈپ،‏ «كاپالە‌ت» بېرىدۇ.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 1:‏21،‏ 22-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

6.‏ ئاسماندىكى مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچى نېمە قىلىشى كېرە‌ك؟‏

6 بىر ئېتىقادچى مە‌سىھ قىلىنغان بولسا،‏ ئۇ چوقۇ‌م ئاسمانغا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ گە‌رچە ئۇ ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانغانلىقىغا ئىشە‌نچ قىلسىمۇ،‏ ئۇ تۆۋە‌ندىكى سۆزلە‌رنى ئە‌ستە تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك:‏ «ئە‌ي قېرىنداشلار،‏ ھە‌ممىڭلار چاقىرىلغان ۋە تاللانغانلىقىڭلارنى تە‌ستىقلاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرە‌ك تىرىشىڭلار.‏ چۈنكى،‏ مانا شۇ‌لارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رساڭلار‏،‏ ئە‌سلا يولدىن چە‌تنە‌پ كە‌تمە‌يسىلە‌ر» (‏2-‏پېتر.‏ 1:‏10‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بىرە‌ر ئېتىقادچى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللانغان بولسىمۇ،‏ خۇ‌داغا ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قالغاندىلا ئاندىن ئاشۇ مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشە‌لە‌يدۇ.‏—‏فىلىپى.‏ 3:‏12—‏14؛‏ ئىبرانىي.‏ 3:‏1؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 2:‏10‏.‏

كىشى ئۆزىنىڭ مە‌سىھ قىلىنغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟‏

7.‏ ئادە‌م ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟‏

7 ئادە‌م ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى پاۋلۇ‌سنىڭ رىمدىكى «مۇ‌قە‌ددە‌س كىشىلە‌ر بولۇ‌شقا چاقىرىلغان» ئېتىقادچىلارغا ئېيتقان سۆزلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.‏ ئۇ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر قايتا سىلە‌رنى قورقۇ‌نچقا سالىدىغان ۋە قۇ‌ل قىلىدىغان بىر روھنى قوبۇ‌ل قىلمىدىڭلار.‏ ئە‌كسىچە،‏ سىلە‌رنى خۇ‌دانىڭ ئوغۇ‌للىرى سۈپىتىدە بېقىۋالىدىغان روھنى قوبۇ‌ل قىلدىڭلار.‏ بۇ روھ ئارقىلىق:‏ «ئاببا،‏ ئاتا!‏»،‏—‏ دە‌پ چاقىرىمىز.‏ ئۇ‌شبۇ روھ بىلە‌ن قە‌لب روھىمىز بىرلىكتە،‏ بىزنىڭ خۇ‌دانىڭ پە‌رزە‌نتلىرى بولغىنىمىزغا گۇ‌ۋاھلىق بېرىدۇ‏» (‏رىملىقلار 1:‏7؛‏ 8:‏15،‏ 16‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ خۇ‌دا ئۆز مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق مە‌سىھ قىلىنغانلارغا،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئاسماندا ياشايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرىدۇ.‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏12‏.‏

8.‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏20،‏ 27-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار بىرسىنىڭ دە‌لىللىشىگە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س ئىكە‌نلىكىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

8 مايلانغانلارنى يە‌ھۋانىڭ ئۆزى ئىشە‌ندۈرگە‌نلىكتىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ كاللىسىدا ياكى كۆڭلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئاسمانغا چاقىرىلغانلىقىغا ھېچ گۇ‌مان بولمايدۇ ‏(‏1-‏يۇ‌ھاننا 2:‏20،‏ 27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما،‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارمۇ باشقا قېرىنداشلارغا ئوخشاش جامائە‌تتە يە‌ھۋادىن تە‌لىم ئېلىشى كېرە‌ك.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ قىلىنغانلىقىنى بىرسىنىڭ دە‌لىللىشىگە مۇ‌ھتاج ئە‌مە‌س.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ مە‌سىھ قىلغانلىقىنى تە‌ستىقلاش ئۈچۈن ئالە‌مدىكى ئە‌ڭ قۇ‌درە‌تلىك كۈچ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھىدىن پايدىلىنىدۇ!‏

ئۇ‌لار «قايتىدىن تۇ‌غۇ‌لغان»‏

9.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏18-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغان ئادە‌ملە‌ردە قانداق ئۆزگىرىشلە‌ر بولىدۇ؟‏

9 بۈگۈنكى كۈندە يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنىش قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش بە‌ك قىيىن.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنمىغان.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئىنسانلارنى ئاسماندا ئە‌مە‌س،‏ يە‌ردە ياشاش ئۈچۈن ياراتقان (‏يارىت.‏ 1:‏28؛‏ زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏)‏.‏ بىراق،‏ يە‌ھۋا بە‌زى ئادە‌ملە‌رنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تاللىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ يە‌ھۋا مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ئۈمىدى ۋە ئوي-‏پىكىر قىلىش ئۇ‌سۇ‌لىنى تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگە‌رتىدۇ،‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئاسماندا ياشاشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىدۇ.‏—‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 1:‏18-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

10.‏ «قايتىدىن تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش» نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏

10 ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىسى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان چاغدا،‏ ئۇ ‹قايتىدىن تۇ‌غۇ‌لىدۇ›‏ d‏.‏ ‹روھتىن تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش› ياكى ‹قايتىدىن تۇ‌غۇ‌لۇ‌ش› قانداق بولىدىغانلىقىنى،‏ ئە‌يسا يە‌نە مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنمىغان بىرىگە تە‌پسىلىي چۈشە‌ندۈرۈش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىنى ئېيتقان.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏3—‏8‏.‏

11.‏ بىرسى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟‏

11 مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزى قانداق ئۆزگىرىدۇ؟‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ قىلىنىشتىن ئاۋۋال،‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدىنى قە‌دىرلىگە‌ن.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا بارلىق ياۋۇ‌زلۇ‌قنى يوق قىلىپ،‏ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رىدىغان ۋاقىتنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتكە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ‌لار ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىنلىرى تىرىلگە‌ندە،‏ ئۇ‌لارنى قارشى ئېلىپ،‏ جە‌م بولۇ‌شنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ يۈرگە‌ندۇ.‏ ئە‌مما،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار باشقىچە ئويلاشقا باشلىغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ ئۇ‌لار يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدىنىڭ ئە‌مدى ھېچ ئە‌ھمىيىتى يوق،‏ دە‌پ قاراشقا باشلىمىغان.‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرى ياكى روھىي بېسىم سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لار ئوي-‏پىكىرىنى ئۆزگە‌رتمىگە‌ن.‏ ياكى ئۇ‌لار توساتتىنلا يە‌ردە ياشاش زېرىكىشلىك بولىدۇ،‏ دە‌پمۇ ئويلىمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىر قىلىش تە‌رزىنى ۋە كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىدىنى ئۆزگە‌رتكە‌ن.‏

12.‏ 1-‏پېترۇ‌س 1:‏3،‏ 4-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆز ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

12 بە‌زى مە‌سىھ قىلىنغانلار،‏ ئۆزىنى شۇ‌نداق شان-‏شە‌رە‌پكە لايىق ئە‌مە‌ستە‌ك ھېس قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزى تاللىۋالغانلىقىغا قىلچە گۇ‌مان قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌لار ئاسماندىكى ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغاندا،‏ قە‌لبى شاد-‏خۇ‌راملىق ۋە مىننە‌تدارلىققا تولىدۇ.‏—‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏3،‏ 4-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

13.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار يە‌ردىكى ھاياتىغا قانداق قارايدۇ؟‏

13 دېمە‌ك،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆلۈشنى خالامدۇ؟‏ بۇ سوئالغا ئە‌لچى پاۋلۇ‌س جاۋاب بېرىدۇ.‏ ئۇ ئادە‌منىڭ تېنىنى چېدىر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌پ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «بۇ چېدىر كە‌بى تېنىمىزدە ياشاپ،‏ ئېغىر بېسىم ئاستىدا ئۇ‌ھ تارتىمىز.‏ چۈنكى،‏ بۇ‌نى يېشىپ تاشلاشنى خالىمايمىز‏،‏ ئە‌كسىچە ئۇ‌نى كىيىپ،‏ ھاياتلىقنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغان تېنىمىزنى يۇ‌تۇ‌ۋېتىشىنى خالايمىز» (‏2-‏كورىنت.‏ 5:‏4‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار يە‌ردىكى ھاياتىدىن زېرىكىپ،‏ تېزراق ئۆلۈشنى خالىمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار ھايات كە‌چۈرۈشنى خالايدۇ ۋە ئائىلىسى ھە‌م دوستلىرى بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىپ ئۆتكۈزىدىغان ھە‌ربىر كۈننى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار مە‌يلى نېمە قىلىۋاتقان بولسۇ‌ن،‏ ھە‌رقاچان كېلە‌چە‌كتىكى ئاجايىپ ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلايدۇ.‏—‏1-‏كورىنت.‏ 15:‏53؛‏ 2-‏پېتر.‏ 1:‏4؛‏ 1-‏يۇ‌ھاننا 3:‏2،‏ 3؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 20:‏6‏.‏

يە‌ھۋا سىزنى مە‌سىھ قىلدىمۇ؟‏

14.‏ ئادە‌منىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلىقىنى نېمە ئىسپاتلىمايدۇ؟‏

14 بە‌لكىم،‏ سىز «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغاندىمە‌نمۇ»،‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ مونۇ مۇ‌ھىم سوئاللار ئۈستىدىن ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى پۈتۈن ۋۇ‌جۇ‌دۇ‌م بىلە‌ن ئورۇ‌نلايمە‌نمۇ؟‏ ئۆزۈمنى ۋە‌ز خىزمىتىدە ئالاھىدە قىزغىنلىق كۆرسىتىدىغان ئادە‌م دە‌پ ھېسابلايمە‌نمۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئىزدىنىپ،‏ «خۇ‌دانىڭ چوڭقۇ‌ر ئىشلىرىنى» تە‌تقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىمە‌نمۇ؟‏ (‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏10‏)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە‌ز خىزمىتىمگە بە‌رىكە‌ت بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىمە‌نمۇ؟‏ باشقىلارغا روھىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرىش مە‌جبۇ‌رىيىتىم بار،‏ دە‌پ كۈچلۈك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌مە‌نمۇ؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ماڭا كۆپ قېتىم ئايرىم يوللار بىلە‌ن ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆردىممۇ؟‏ بۇ سوئاللارغا «ھە‌ئە»،‏ دە‌پ جاۋاب بە‌رسىڭىز،‏ سىزدە ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بار ئىكە‌نلىكىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق،‏ بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ پە‌قە‌ت مە‌سىھ قىلىنغانلارلا ئە‌مە‌س،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرى شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏ مە‌يلى قانداق ئۈمىدى بولمىسۇ‌ن،‏ يە‌ھۋا ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسىگە ئوخشاش مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ.‏ «مە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلغانمۇ»،‏ دە‌پ گۇ‌مان قىلىشنىڭ ئۆزى مە‌سىھ قىلىنمىغانىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.‏ چۈنكى،‏ يە‌ھۋا تاللىغان ئادە‌ملە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلىقىغا قىلچىمۇ گۇ‌مان قىلمايدۇ.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى ئېنىق بىلىدۇ!‏

يە‌ھۋا خۇ‌دا مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق ئىبراھىم بىلە‌ن سارە،‏ داۋۇ‌ت ۋە يە‌ھيا چۆمۈلدۈرگۈچىگە ھە‌يران قالارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ بە‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى بە‌رمىگە‌ن (‏15،‏ 16-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

15.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشكە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى ئاسماندا ياشىمايدىغانلىقىنى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشكە‌ن،‏ ئە‌مما ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى بولمىغان خۇ‌دانىڭ ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ داۋۇ‌ت پادىشاھنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ يېتە‌كلىگە‌ن (‏1-‏سام.‏ 16:‏13‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئۇ‌نىڭغا يە‌ھۋا خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق چوڭقۇ‌ر ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشكە ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ بە‌زى قىسىملىرىنى يېزىشقا ياردە‌م بە‌رگە‌ن (‏ماركۇ‌س 12:‏36‏)‏.‏ ھە‌تتا ئە‌لچى پېترۇ‌س:‏ «داۋۇ‌ت ئاسمانغا چىقمىغان»،‏—‏ دېگە‌نىدى (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏34‏)‏.‏ چۆمۈلدۈرگۈچى يە‌ھيا «مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا» چۆمگە‌ن ئىدى (‏لۇ‌قا 1:‏13—‏16‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭدىن ئۇ‌لۇ‌غراق بىر كىشى يوقلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ،‏ لېكىن ئۇ‌نىڭ ئاسمان پادىشاھلىقىغا كىرمە‌يدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏مە‌تتا 11:‏10،‏ 11‏)‏.‏ يە‌ھۋا مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق داۋۇ‌ت ۋە يە‌ھياغا ھە‌يران قالارلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن كۈچ بە‌رگە‌ن.‏ بىراق،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى بە‌رمىگە‌ن.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكى ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن تاللانغانلارغا قارىغاندا،‏ ئاجىزراق بولغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ بۇ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌لارنى يە‌ردىكى جە‌ننە‌تتە ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29؛‏ ئە‌لچى.‏ 24:‏15‏.‏

16.‏ كۆپ ساندىكى خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى نېمىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە؟‏

16 بۈگۈنكى كۈندە ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدى يوق.‏ ئىبراھىم،‏ سارە،‏ داۋۇ‌ت،‏ يە‌ھيا چۆمۈلدۈرگۈچى ۋە قە‌دىمدە ياشىغان باشقا ساداقە‌تمە‌ن ئە‌ر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش،‏ ئۇ‌لارمۇ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا يە‌ر يۈزىدە ياشاشنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتمە‌كتە.‏—‏ئىبرانىي.‏ 11:‏10‏.‏

17.‏ كېيىنكى ماقالىدە قايسى سوئاللار مۇ‌ھاكىمە قىلىنىدۇ؟‏

17 مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ بە‌زىلىرى تېخىغىچە يە‌ردە ياشاۋاتقانلىقتىن،‏ بە‌زى سوئاللار پە‌يدا بولىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق ئويدا بولۇ‌شى لازىم؟‏ جامائىتىڭىزدە بىرسى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تە‌ككۈزسە،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق قارىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى كېيىنكى ماقالىدىن بىلىۋالىمىز.‏

a مىلادى 33-‏يىل ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدىن باشلاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بە‌زى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈمىدىنى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ شۇ‌نداق شان-‏شە‌رە‌پكە ئېرىشكە‌نلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟‏ بۇ تە‌كلىپنى قوبۇ‌ل قىلغان كىشىلە‌ر ئۆزلىرىنى قانداق ھېس قىلىشىدۇ؟‏ ھازىر مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلىۋالىمىز.‏ بۇ ماقالە «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2016-‏يىل،‏ يانۋار سانىدا نە‌شىر قىلىنغان ماقالىگە ئاساسلانغان.‏

b سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىش.‏ يە‌ھۋا ئە‌يسا بىلە‌ن ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئادە‌ملە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ ياردىمى بىلە‌ن تاللايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئارقىلىق يە‌ھۋا خۇ‌دا شۇ ئادە‌ملە‌رگە ئاسماندا ياشايدىغانلىقىغا «كاپالە‌ت» بېرىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 1:‏13،‏ 14‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئاشۇ مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇ‌كاپىتى ئاسماندا ئىكە‌نلىكىگە «گۇ‌ۋاھلىق بېرە‌لە‌يدۇ».‏—‏رىملىقلار 8:‏16‏.‏

c سۆز-‏ئىبارە مە‌نىسى:‏ مۆھۈر.‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىغان مە‌سىھ قىلىنغانلار بۇ مۆھۈرگە پە‌قە‌ت ئۆلۈشكە بىراز ۋاقىت قالغاندا ياكى دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت باشلىنىشتىن ئاۋۋال ئېرىشىدۇ (‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏30؛‏ ۋە‌ھىي.‏ 7:‏2—‏4‏)‏.‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2016-‏يىل،‏ ئاپرېل سانىدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرى‏» سە‌ھىپىسىگە قاراڭ.‏

d ‏«قايتىدىن تۇ‌غۇ‌لۇ‌شنىڭ» مە‌نىسى توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2009-‏يىل،‏ 1-‏ئاپرېل سانىنىڭ 3—‏12 بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏

151-‏ناخشا خۇ‌دا ئوغۇ‌للىرىنىڭ ئايان بولۇ‌شى

e سۈرە‌تتە:‏ مە‌يلى ئېتىقادىمىز ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنايلى ياكى ئە‌ركىن-‏ئازادە ۋە‌ز قىلىپ،‏ ئادە‌ملە‌رگە تە‌لىم بېرە‌يلى،‏ ھە‌ممىمىز خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا يە‌ردە ياشايدىغانلىقىمىزنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتىمىز.‏