مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

5-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى

بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى

‏«بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى.‏ چۈنكى بىز خۇ‌دانى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە دە‌پ ئاڭلىدۇ‌ق»‏‏.‏—‏زە‌كە‌رىيا 8:‏23‏.‏

146-‏ناخشا ماڭا قىلدىڭلار

بۇ ماقالىدە a

باشقا قويلار (‏«ئون كىشى»)‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار (‏«بىر يە‌ھۇ‌دىي»)‏ بىلە‌ن بىللە يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىش شان-‏شە‌رىپىگە ئىگە (‏1،‏ 2-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏

1.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈنلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىن-‏ئالا نېمە ئېيتقان؟‏

 يە‌ھۋا بىزنىڭ كۈنلىرىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىن-‏ئالا مۇ‌نداق ئېيتقان:‏ «شۇ كۈنلە‌ردە بارچە مىللە‌تلە‌ردىن بولغان ھە‌رخىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ئون كىشى بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشىنىڭ ڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ:‏ ‹بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى.‏ چۈنكى بىز خۇ‌دانى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە دە‌پ ئاڭلىدۇ‌ق›،‏—‏ دېيىشىدۇ» (‏زە‌كە‌رىيا 8:‏23‏)‏.‏ «يە‌ھۇ‌دىي» دېگىنىمىز،‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغان كىشىلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار يە‌نە «خۇ‌دانىڭ ئىسرائىلى» دە‌پمۇ ئاتىلىدۇ (‏گالاتىيا.‏ 6:‏16‏)‏.‏ «ئون ئادە‌م»،‏ يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنى بىلدۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ قىلىنغانلارنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئۆزى تاللىۋالغانلىقىنى بىلىدۇ ۋە ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە خىزمە‌ت قىلىشنى شان-‏شە‌رە‌پ دە‌پ قارايدۇ.‏

2.‏ «ئون كىشى» مە‌سىھ قىلىنغانلار بىلە‌ن بىللە قانداق «بارالايدۇ»؟‏

2 يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بارلار ھازىرچە يە‌ر يۈزىدە ياشاۋاتقان ھە‌ربىر مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ئىسىمىنى بىلمىسىمۇ b‏،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن بىللە «بارالايدۇ».‏ قانداق قىلىپ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «ئون كىشى،‏ بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشىنىڭ تونىنىڭ پېشىنى تۇ‌تۇ‌ۋېلىپ:‏ ‹بىزمۇ سىلە‌ر بىلە‌ن بارايلى،‏ چۈنكى خۇ‌دانى سىلە‌ر بىلە‌ن بىللە دە‌پ ئاڭلىدۇ‌ق›»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ گە‌رچە بۇ ئايە‌تتە بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشى تىلغان ئېلىنغان بولسىمۇ،‏ كېيىن «سىلە‌ر» دېيىش ئارقىلىق،‏ «بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشى» پە‌قە‌ت بىرلا مە‌سىھ قىلىنغان كىشىنى ئە‌مە‌س،‏ بىر توپ مە‌سىھ قىلىنغانلارنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ يە‌ردە ياشاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار مە‌سىھ قىلىنغانلار بىلە‌ن بىللە خىزمە‌ت قىلماقتا.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ قىلىنغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ داھىيلىرى،‏ دە‌پ قارىمايدۇ،‏ چۈنكى ئۇ‌لارنىڭ داھىيىسى —‏ ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر.‏—‏مە‌تتا 23:‏10‏.‏

3.‏ بۇ ماقالە قايسى سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ؟‏

3 مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ بە‌زىلىرى تېخىغىچە يە‌ردە ياشاۋاتقاچقا،‏ مۇ‌نداق سوئاللار پە‌يدا بولىۋاتىدۇ:‏ (‏1)‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شى لازىم؟‏ (‏2)‏ جامائىتىڭىزدە خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا نان ۋە شاراپقا ئېغىز تە‌گكۈزگە‌ن كىشىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ (‏3)‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان كۆز قارىشى

4.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏27—‏29-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار نېمىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

4 مە‌سىھ قىلىنغانلار 1-‏كورىنتلىقلار 11:‏27—‏29-‏دىكى ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏،‏ مۇ‌ھىم ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌ش ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرە‌ك.‏ مە‌سىھ قىلىنغان كىشى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا قانداق قىلىپ سىمۋوللارغا «نامۇ‌ۋاپىق» ئېغىز تە‌گكۈزۈشى مۇ‌مكىن؟‏ ئە‌گە‌ر ئۇ كىشى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ھە‌ققانىي ئۆلچە‌ملىرىگە لايىق ياشىماي،‏ سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزسە (‏ئىبرانىي.‏ 6:‏4—‏6؛‏ 10:‏26—‏29‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار خۇ‌دانىڭ ھە‌زرىتى ئە‌يسا مە‌سىھ ئارقىلىق ئاسمانغا چاقىرىلىش مۇ‌كاپىتىغا ئىگە بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ چوقۇ‌م ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلاپ قېلىشى كېرە‌ك.‏—‏فىلىپى.‏ 3:‏13—‏16‏.‏

5.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىگە قانداق كۆز قاراشتا بولۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

5 يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى خىزمە‌تچىلىرىنىڭ تە‌كە‌ببۇ‌ر ئە‌مە‌س،‏ كە‌متە‌ر بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏ئە‌فە‌س.‏ 4:‏1—‏3؛‏ كولوسى.‏ 3:‏10،‏ 12‏)‏.‏ شۇ‌ڭلاشقا مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ياخشىراق،‏ دە‌پ قارىمايدۇ.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى ئۆز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسىگە ئوخشاش بېرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھە‌قىقە‌تلىرىنى باشقىلارغا قارىغاندا چوڭقۇ‌رراق چۈشىنىمىز،‏ دە‌پ ئويلىمايدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۇ‌لار باشقىلارغا:‏ «سىزمۇ مە‌سىھ قىلىنغانغۇ،‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزۈشىڭىز كېرە‌ك»،‏—‏ دە‌پ ئېيتمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار كىمنىڭ ئاسمانغا چاقىرىلىشىنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقىنى كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن ئېتىراپ قىلىدۇ.‏

6.‏ 1-‏كورىنتلىقلار 4:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار ئۆزلىرىنى قانداق تۇ‌تۇ‌شى كېرە‌ك؟‏

6 مە‌سىھ قىلىنغانلار ئاسماندا ياشاش شان-‏شە‌رىپىگە ئېرىشسىمۇ،‏ باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئالاھىدە مۇ‌ئامىلە قىلىشىنى كۈتمە‌يدۇ (‏فىلىپى.‏ 2:‏2،‏ 3‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن ئۇ‌لارنى مە‌سىھ قىلغانلىقىنى بارلىق ئادە‌ملە‌رگە ئاشكارا قىلمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لار ئۆزلىرىنىڭ مە‌سىھ قىلىنغانلىقىغا باشقىلار دە‌رھال ئىشە‌نمىسە،‏ بۇ‌نىڭغا ھە‌يران قالمايدۇ.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دا ماڭا ئالاھىدە بىر مە‌سئۇ‌لىيە‌تنى تاپشۇ‌ردى دېگە‌نلە‌رگە تىزلا ئىشىنىپ كېتىشتىن ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 2:‏2‏)‏.‏ ئۆزلىرىگە ئارتۇ‌قچە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رماسلىق ئۈچۈن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار باشقىلار بىلە‌ن تونۇ‌شقاندا،‏ ئۆزىنىڭ مە‌سىھ قىلىنغانلىقىنى ئېيتمايدۇ ۋە كېلە‌چە‌كتىكى ئۈمىدىنى ئېيتىپ ماختانمايدۇ.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 4:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

7.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار قانداق ئوي-‏پىكىردىن نېرى تۇ‌رىدۇ ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

7 مە‌سىھ قىلىنغانلار خۇ‌ددى بىر ئۇ‌يۇ‌شما ئە‌زالىرىدە‌ك،‏ پە‌قە‌ت مە‌سىھ قىلىنغانلارلا ئۆز-‏ئارا بىر-‏بىرى بىلە‌ن ئارىلىشىپ ئۆتۈشى كېرە‌ك دە‌پ ئويلىمايدۇ.‏ ئۇ‌لار باشقا مە‌سىھ قىلىنغانلارنى ئىزدە‌پ،‏ ئۆزلىرىنىڭ ئۈمىدى توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش ياكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى بىرلىكتە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە جە‌م بولىدىغان توپلارنى قۇ‌رمايدۇ (‏گالاتىيا.‏ 1:‏15—‏17‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلار شۇ‌نداق قىلغان بولسا،‏ جامائە‌تتىكى ئىجىل-‏ئىناقلىقنى بۇ‌زۇ‌پ ۋە بۆلگۈنچىلىكنى پە‌يدا قىلىپ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىرىگە قارشى چىقاتتى.‏—‏رىملىقلار 16:‏17،‏ 18‏.‏

مە‌سىھ قىلىنغانلارغا قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌ش كېرە‌ك؟‏

بىز مە‌سىھ قىلىنغانلارغا ياكى يېتە‌كچىلىكنى قولىغا ئالغان باشقا قېرىنداشلارغا چولپانلاردە‌ك قارىماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏8-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ f

8.‏ نېمە ئۈچۈن مە‌سىھ قىلىنغانلارغا مۇ‌ئامىلە قىلىشتا پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏ئىزاھاتقا قاراڭ)‏

8 بىز مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلارغا قانداق مۇ‌ئامىلىدە بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇ‌شقا تاللانغان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارغا ھە‌ددىدىن زىيادە ھە‌ۋە‌س قىلىش خاتا (‏مە‌تتا 23:‏8—‏12‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بىزنى ئاقساقاللارنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ،‏ لېكىن بۇ ھە‌رقانداق بىر ئىنساننى رە‌ھبىرىمىز قىلىشنى بىلدۈرمە‌يدۇ (‏ئىبرانىي.‏ 13:‏7‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بە‌زىلە‌رنىڭ «ئىككى ھە‌سسە ھۆرمە‌تكە سازاۋە‌ر» بولىدىغانلىقى يېزىلغان.‏ لېكىن،‏ ئۇ‌لار مە‌سىھ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئە‌مە‌س،‏ «ياخشى يېتە‌كچىلىك قىلغان» ۋە «سۆزلە‌ش ۋە تە‌لىم بېرىشتە كۆپ تىرىشقان» بولغاچ،‏ ھۆرمە‌تكە لايىقتۇ‌ر (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏17‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر بىز مە‌سىھ قىلىنغانلارنى ھە‌ددىدىن زىيادە ماختاپ،‏ ئارتۇ‌قچە كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ ئۇ‌لارنى خىجالە‌تكە قالدۇ‌رىمىز c‏.‏ تېخىمۇ يامىنى،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئارتۇ‌قچە ئويلاپ،‏ تە‌كە‌ببۇ‌ر بولۇ‌پ كېتىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌شىمىز مۇ‌مكىن (‏رىملىقلار 12:‏3‏)‏.‏ ھېچكىم مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ شۇ‌نداق ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌پ قالىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ.‏—‏لۇ‌قا 17:‏2‏.‏

9.‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارغا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز؟‏

9 مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلارغا قانداق ھۆرمە‌ت كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لاردىن قانداق مە‌سىھ قىلىنغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق سورىماسلىقىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ ئۇ‌لارنىڭ شە‌خسىي ئىشى،‏ بىزنىڭ بۇ‌نى بىلىش ھوقۇ‌قىمىز يوق (‏1-‏سالونىكا.‏ 4:‏11؛‏ 2-‏سالونىكا.‏ 3:‏11‏)‏.‏ شۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ يولدىشى ياكى ئايالى،‏ ئاتا-‏ئانىسى ۋە باشقا ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىمۇ مە‌سىھ قىلىنغان دە‌پ ئويلىمايمىز.‏ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىنى ئاتا-‏ئانىسىدىن مىراس ئېلىش مۇ‌مكىن ئە‌مە‌س،‏ ئە‌كسىنچە بۇ ئۈمىدنى خۇ‌دانىڭ ئۆزى بېرىدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏12‏)‏.‏ يە‌نە ئۇ‌لارنىڭ كۆڭلىنى رە‌نجتىپ قويىدىغان سوئاللارنى قويمايمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغان بۇ‌رادە‌رنىڭ ئايالىدىن يە‌ردە يولدىشىسىز مە‌ڭگۈ ياشاش ھە‌ققىدە ئويلىغاندا،‏ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدىغانلىقىنى سورىمايمىز.‏ يېڭى دۇ‌نيادا يە‌ھۋا چوقۇ‌م «ھە‌ر بىر جانلىقنىڭ تە‌شنالىقىنى قاندۇ‌رىسە‌ن»—‏.‏زە‌بۇ‌ر 145:‏16‏.‏

10.‏ ئە‌گە‌ر ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌لۇ‌غلاشتىن نېرى تۇ‌رساق،‏ ئۆزۈمىزنى نېمىدىن ھىمايە قىلىمىز؟‏

10 مە‌سىھ قىلىنغانلارنى باشقىلاردىن مۇ‌ھىم كۆرۈپ،‏ ئۆزگىچە مۇ‌ئامىلىدە بولمىساق،‏ ئۆزۈمىزنى خە‌تە‌ردىن ھىمايە قىلالايمىز.‏ چۈنكى،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغاندە‌ك،‏ بە‌زى مە‌سىھ قىلىنغانلار ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قالمايدۇ (‏مە‌تتا 25:‏10—‏12؛‏ 2-‏پېتر.‏ 2:‏20،‏ 21‏)‏.‏ ئادە‌ملە‌رنى ئۇ‌لۇ‌غلاشتىن نېرى تۇ‌رساق،‏ ھە‌تتا مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ،‏ ھە‌ممىگە تونۇ‌شلۇ‌ق ئېتىقادچىلار ياكى خۇ‌داغا كۆپ يىللار خىزمە‌ت قىلغانلارنىڭ كە‌ينىدىن ئە‌گە‌شمە‌يمىز (‏يە‌ھۇ‌دا 16‏)‏.‏ شۇ چاغدىلا،‏ ئە‌گە‌ر مە‌سىھ قىلىنغانلار ساداقە‌تمە‌نلىكىنى ساقلىمىسا ياكى جامائە‌تنى تاشلاپ كېتىپ قالسا،‏ ئېتىقادىمىزدا تە‌ۋرە‌نمە‌ي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختاتماي داۋملاشتۇ‌رىمىز.‏

ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟‏

11.‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزىدىغانلارنىڭ سانىدا قانداق ئۆزگۈرۈش بولغان؟‏

11 كۆپ يىللاردىن بۇ‌يان،‏ خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزگە‌نلە‌رنىڭ سانى ئازايغان.‏ لېكىن،‏ يېقىنقى يىللاردا ئۇ‌لارنىڭ سانى يىلدىن-‏يىلغا كۆپە‌يمە‌كتە.‏ بۇ‌نىڭغا ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟‏ ياق.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بىرقانچە سە‌ۋە‌بى بار،‏ كۆرۈپ باقايلى.‏

12.‏ سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزىدىغانلارنىڭ سانى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئۈچۈن ئە‌نسىرىمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

12 ‏«يە‌ھۋا ئۆزىگە مە‌نسۇ‌پ بولغانلارنى تونۇ‌يدۇ»‏ (‏2-‏تىموت.‏ 2:‏19‏)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا كىمنىڭ مە‌سىھ قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ،‏ لېكىن خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا نان ۋە شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزگە‌نلە‌رنى سانايدىغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر بۇ‌نى ئېنىق بىلمە‌يدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆزلىرىنى مە‌سىھ قىلىنغان دە‌پ قارىغان،‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق ئە‌مە‌سلە‌رمۇ شۇ ساننىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بە‌زىلە‌ر سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزۈشنى توختاتقان.‏ يە‌نە بە‌زىلە‌ر نېرىۋا كېسىلى ياكى روھىي كە‌يپىياتى تۇ‌راقسىز بولغاچ،‏ ئاسماندا مە‌سىھ بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز دە‌پ ئويلايدۇ.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ بىز مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ يە‌ردىكى قالدۇ‌ق سانىنى ئېنىق بىلمە‌يمىز.‏

13.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت باشلانغاندا،‏ يە‌ردە قانچە مە‌سىھ قىلىنغانلار قالىدىغانلىقى يېزىلغانمۇ؟‏

13 ئە‌يسا ئاسمانغا مە‌سىھ قىلىنغانلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كە‌لگە‌ندە،‏ ئۇ‌لار دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدا بولىدۇ (‏مە‌تتا 24:‏31‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ئاخىر زاماندا يە‌ردە ئاز ساندىكى مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ بولىدىغانلىقى يېزىلغان (‏ۋە‌ھىي.‏ 12:‏17‏)‏.‏ بىراق،‏ دە‌ھشە‌تلىك بالايىئاپە‌ت باشلانغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ سانى قانچە بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە ھېچنېمە تىلغا ئېلىنمىغان.‏

خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمىدا بىرسى سىمۋوللارغا ئېغىز تە‌گكۈزسە،‏ بۇ‌نىڭغا قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏14-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

14.‏ رىملىقلار 9:‏11،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ تاللىنىشى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك؟‏

14 مە‌سىھ قىلىنغانلارنى قاچان تاللاشنى يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۆزى قارار قىلىدۇ (‏رىملىقلار 8:‏28—‏30‏)‏.‏ يە‌ھۋا مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارنى تاللاشنى،‏ ئە‌يسا تىرىلگە‌ندىن كېيىن باشلىغان.‏ قارىماققا،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى دېگۈدە‌ك مە‌سىھ قىلىنغان.‏ لېكىن،‏ ئە‌سىرلە‌ر ئۆتۈپ،‏ ئۆزلىرىنى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى،‏ دە‌پ ئاتىۋالغانلارنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ئە‌يسا مە‌سىھكە ئە‌گە‌شمىگە‌ن.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ھە‌قىقىي مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلغان.‏ ئۇ‌لار ياۋايى چۆپلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئۆسكە‌ن بۇ‌غدايغا ئوخشاش ئىدى (‏مە‌تتا 13:‏24—‏30‏)‏.‏ ئاخىر زاماندا،‏ يە‌ھۋا 144000 نى تولدۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن ئادە‌ملە‌رنى تاللاشنى داۋاملاشتۇ‌رماقتا d‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ خۇ‌دا بىرسىنى ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن دە‌ل بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرى كېلىشتىن ئاۋۋال تاللىسا،‏ بىز ئۇ‌نىڭ دانالىقىغا گۇ‌مان قىلمايمىز ‏(‏رىملىقلار 9:‏11،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏ e‏.‏ بىز ئە‌يسانىڭ تە‌مسىلىدىكى ئىشچىلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن پە‌خە‌س بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ ئۇ‌لار ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئاخىرقى سائە‌تتە ئىشلە‌شكە كە‌لگە‌ن ئىشچىلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 20:‏8—‏15‏.‏

15.‏ مە‌تتا 24:‏45—‏47-‏ئايە‌تتە تىلغا ئېلىنغان «سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» قاتارىغا ھە‌ممە مە‌سىھ قىلىنغانلار كىرە‌مدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

15 ‏«سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل» قاتارىغا مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ھە‌ممىسى كىرمە‌يدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45—‏47-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىرىنچى ئە‌سىردە قىلغاندە‌ك،‏ بۈگۈنمۇ بىرنە‌چچە بۇ‌رادە‌رلە‌ر ئارقىلىق كۆپچىلىكنى تويدۇ‌رىدۇ،‏ يە‌نى تە‌لىم بېرىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردە گرېك يازمىلارنى پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار يازغان.‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ خۇ‌دا خە‌لقىگە ۋاقتى-‏ۋاقىتىدا ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكنى بېرىش مە‌سئۇ‌لىيىتى پە‌قە‌ت بىرنە‌چچە مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلارغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان.‏

16.‏ بۇ ماقالىدىن بىز نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏

16 بۇ ماقالىدىن بىز نېمىنى ئۆگە‌ندۇ‌ق؟‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشايدۇ.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئاز ساندىكى ئادە‌ملە‌ر بولسا،‏ ئاسماندا ياشاش ئۈمىدىگە ئىگە.‏ يە‌ھۋا بارلىق خىزمە‌تچىلىرىنى،‏ يە‌نى «بىر يە‌ھۇ‌دىي كىشى»،‏ ھە‌م «ئون كىشى»نى مۇ‌كاپاتلايدۇ ۋە ئۇ‌لاردىن ئوخشاش قانۇ‌نلارغا ئە‌مە‌ل قىلىشنى ۋە ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌ممە خىزمە‌تچىلىرى كە‌متە‌ر بولۇ‌شى ۋە يە‌ھۋا خۇ‌داغا بىرلىكتە خىزمە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ يە‌نە ھە‌ممە چوقۇ‌م جامائە‌تنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن بىردە‌ك كۈچ چىقىرىشى زۆرۈر.‏ زامان ئاخىرى يېقىنلىشىۋاتقانسېرى،‏ ھە‌ممىمىز «بىر پادا» سۈپىتىدە يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىپ،‏ مە‌سىھكە ئە‌گىشە‌يلى.‏—‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏.‏

a بۇ يىل مە‌سىھنى خاتىرىلە‌ش مۇ‌راسىمى 7-‏ئاپرېل،‏ سە‌يشە‌نبە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.‏ جامائىتىڭىزدە بىرسى نان ۋە شارابقا ئېغىز تە‌گكۈزسە،‏ ئۇ‌نىڭغا قانداق قارىشىڭىز كېرە‌ك؟‏ مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيۋاتقانلىقىغا ئە‌نسىرە‌شنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟‏ مۇ‌شۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بۇ ماقالىدىن تاپىمىز.‏ بۇ ماقالە «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2016-‏يىل،‏ يانۋار سانىدا نە‌شىر قىلىنغان ماقالىگە ئاساسلانغان.‏

b زە‌بۇ‌ر 87:‏5،‏ 6-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ خۇ‌دا كېلە‌چە‌كتە ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارا قىلىپ بېرىشى مۇ‌مكىن.‏—‏رىملىقلار 8:‏19‏.‏

c ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2016-‏يىل،‏ يانۋار سانىنىڭ 27-‏بېتىدىكى «‏مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت … ئۆزىنى ئە‌دە‌بسىز تۇ‌تمايدۇ‏»،‏ ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

d ئە‌لچىلە‌ر 2:‏33-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھ ئە‌يسا ئارقىلىق بېرىلسىمۇ،‏ ئاسماندا ياشاشقا كىمنى تاللاشنى يە‌ھۋا ئۆزى قارار قىلىدۇ.‏

e كۆپرە‌ك مە‌لۇ‌مات ئېلىش ئۈچۈن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2007-‏يىل،‏ 1-‏ماي سانىدىكى «‏ئوقۇ‌رمە‌نلە‌رنىڭ سوئاللىرىغا‏» قاراڭ.‏

29-‏ناخشا ساداقە‌تمە‌نلىكنى ساقلاپ يۈرۈش

f سۈرە‌تتە:‏ چوڭ يىغىلىشتا بىر توپ ئادە‌م مە‌ركىزى باش ئىدارىنىڭ ۋە‌كىلى ۋە ئۇ‌نىڭ ئايالى بىلە‌ن سۈرە‌تكە چۈشۈش ئۈچۈن ئۇ‌لارنى قورشاۋالغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭە.‏ نېمە دېگە‌ن ھۆرمە‌تسىزلىك!‏