مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

6-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ

ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ

‏«سىلە‌ر مۇ‌نداق دۇ‌ئا قىلىڭلار:‏ ‹ئاسماندىكى ئاتىمىز›»‏‏.‏—‏مە‌تتا 6:‏9‏.‏

11-‏ناخشا يە‌ھۋانىڭ كۆڭلىنى خۇ‌ش قىلىش

بۇ ماقالىدە a

1.‏ پارس پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كىرىش ئۈچۈن كىشى نېمە قىلىشى كېرە‌ك ئىدى؟‏

 سىزنى 2500 يىل بۇ‌رۇ‌ن پارس دۆلىتىدە ياشاۋاتىسىز دە‌يلى.‏ پادىشاھ بىلە‌ن بىر مە‌سىلە توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىش ئۈچۈن سۇ‌زا شە‌ھىرىگە ماڭدىڭىز.‏ لېكىن،‏ پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ رۇ‌خسىتىنى ئېلىشىڭىز كېرە‌ك،‏ چۈنكى ئۇ‌نىڭ ھۇ‌زۇ‌رىغا رۇ‌خسە‌تسىز كىرسىڭىز،‏ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىسىز.‏—‏ئە‌ست.‏ 4:‏11‏.‏

2.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن قانداق سۆزلىشىشىمىزنى خالايدۇ؟‏

2 ئە‌مما،‏ خۇ‌دايىمىز يە‌ھۋا پارس پادىشاھىغا تامامە‌ن ئوخشىمايدۇ!‏ ھە‌رقانداق ئىنسانىي ھۆكۈمرانغا قارىغاندا،‏ خۇ‌دا چە‌كسىز كۈچ-‏قۇ‌درە‌تلىك بولسىمۇ،‏ بىز ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھە‌رقاچان سۆزلىشە‌لە‌يمىز.‏ ئۇ بىزنىڭ ئۇ‌نىڭغا ئە‌ركىن-‏ئازادە دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ.‏ يە‌ھۋا قۇ‌درە‌تلىك ياراتقۇ‌چى،‏ ھە‌ممىگە قادىر،‏ ئالە‌منىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى دېگە‌ن ئالىي نام-‏ئۇ‌نۋانلارغا ئىگە بولسىمۇ،‏ ئۇ‌نى «ئاتا» دە‌پ ئاتىشىمىزنى خالايدۇ (‏مە‌تتا 6:‏9‏)‏.‏ ئۆزىمىزنى ئۇ‌نىڭغا شۇ‌نچىلىك يېقىن ھېس قىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقى قە‌لبىمىزنى بە‌كمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.‏

3.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانى «ئاتا» دە‌پ ئاتىيالايمىز ۋە بۇ ماقالىدىن نېمىنى بىلىۋالىمىز؟‏

3 يە‌ھۋا ھاياتلىق بۇ‌لىقى بولغاچقا،‏ بىز ئۇ‌نى «ئاتا» دە‌پ ئاتىيالايمىز (‏زە‌بۇ‌ر 36:‏9‏)‏.‏ ئۇ بىزنىڭ ئاتىمىز بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىتائە‌تچان بولۇ‌ش مە‌جبۇ‌رىيىتىمىز بار.‏ يە‌ھۋاغا بويسۇ‌نۇ‌پ ياشىساق،‏ ئاجايىپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏9‏)‏.‏ بۇ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئاسماندا ياكى يە‌ردە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى كىرىدۇ.‏ بىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ كۆپ بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشمە‌كتە.‏ بۇ ماقالىدىن يە‌ھۋانىڭ قانداق ئۇ‌سۇ‌للاردا كۆيۈمچان ئاتىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ۋە ئۇ بىزنى ھېچقاچان تاشلاپ كە‌تمە‌يدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالىمىز.‏ ئاۋۋال يە‌ھۋانىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنىڭ بىرنە‌چچە ئىسپاتىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

يە‌ھۋا كۆيۈمچان ۋە غە‌مخور ئاتا

غە‌مخور ئاتا ئۆز بالىلىرىغا يېقىن بولۇ‌شنى خالىغاندە‌ك،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دامۇ بىزگە يېقىن بولۇ‌شنى خالايدۇ (‏4-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

4.‏ بە‌زىلىرىگە يە‌ھۋانى ئاتا،‏ دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىش نېمە ئۈچۈن قىيىن؟‏

4 خۇ‌دانى ئاتا دە‌پ قوبۇ‌ل قىلىش سىز ئۈچۈن قىيىنمۇ؟‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌ر «خۇ‌دا شۇ‌نچىلىك ئۇ‌لۇ‌غكى،‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئە‌مە‌س» دە‌پ ئويلايدۇ.‏ ئۇ‌لار ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دا ھە‌ر بىر ئادە‌منىڭ غېمىنى يە‌يدىغانلىقىدىن گۇ‌مان قىلىدۇ.‏ لېكىن،‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز شۇ‌نداق ئويلىشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ ئۇ بىزگە ھاياتنى سوۋغات قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ ھە‌قىقە‌تنى ئېيتقاندىن كېيىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنادىكى كىشىلە‌رگە يە‌ھۋانى «ھە‌ر بىرىمىزدىن يىراق ئە‌مە‌س»،‏—‏ دە‌پ چۈشە‌ندۈرگە‌نىدى (‏ئە‌لچى.‏ 17:‏24—‏29‏)‏.‏ بالا كۆيۈمچان ئاتىسى بىلە‌ن سۆزلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ،‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ يە‌ھۋامۇ ھە‌رقايسىمىزنىڭ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىشىمىزنى خالايدۇ.‏

5.‏ بىر قېرىنداشنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنە‌لە‌يمىز؟‏

5 باشقىلار ئاتا مېھرىنى كۆرمە‌ي ئۆسكە‌نلىكتىن،‏ يە‌ھۋانى مېھرىبان ئاتىسىدە‌ك قوبۇ‌ل قىلالمايدۇ.‏ بىر قېرىنداش مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «دادام ماڭا زە‌ھە‌ردە‌ك سۆزلە‌رنى ئېيتاتتى.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمدا،‏ ئۆزۈمنى ئاسماندىكى ئاتامغا يېقىن ھېس قىلىش قىيىن بولغان.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانى يېقىنراق بىلگە‌نسېرى،‏ ھە‌ممە نە‌رسە ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى».‏ سىزدە شۇ‌نداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ بولغانمۇ؟‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ سىزمۇ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ ئە‌ڭ ياخشى ئاتا ئىكە‌نلىكىگە كۆز يە‌تكۈزىسىز.‏

6.‏ مە‌تتا 11:‏27-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆيۈمچان ئاتا ئىكە‌نلىكىگە قانداق كۆز يە‌تكۈزە‌لە‌يمىز؟‏

6 ئە‌يسانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يېزىلغان سۆزلىرى ۋە ھە‌رىكە‌تلىرى خۇ‌دانى كۆيۈمچان ئاتىدە‌ك قوبۇ‌ل قىلىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ ‏(‏مە‌تتا 11:‏27-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانىڭ ئېسىل پە‌زىلە‌تلىرىنى مۇ‌كە‌ممە‌ل تۈردە ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌نلىكتىن،‏ مۇ‌نداق ئېيتالىغان:‏ «مېنى كۆرگە‌ن كىشى،‏ ئاتامنى ھە‌م كۆرگە‌ن بولىدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانى پات-‏پات مېھرىبان ئاتا سۈپىتىدە تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ ئىنجىلنىڭ دە‌سلە‌پكى تۆت كىتابىنىڭ ئۆزىدە ئە‌يسا يە‌ھۋا خۇ‌دانى تە‌خمىنە‌ن 100 قېتىم «ئاتا»،‏ دە‌پ ئاتىغان.‏ ئە‌يسا يە‌ھۋانى نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە كۆپ قېتىم ئاتا دېگە‌ن؟‏ بۇ‌نىڭ بىر سە‌ۋە‌بى،‏ ئادە‌ملە‌رنى يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ كۆيۈمچان ئاتا ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌ندۈرۇ‌شنى خالىغان.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏25،‏ 26‏.‏

7.‏ ئە‌يساغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىدىن يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏

7 ئوغلى ئە‌يساغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىدىن يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق نېمىنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانىڭ دۇ‌ئالىرىنى دائىم تىڭشىغان ۋە دۇ‌ئالىرىغا جاۋاب بە‌رگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 11:‏41،‏ 42‏)‏.‏ ئە‌يسا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئاتىسىنىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە غە‌مخورلۇ‌قىنى ھە‌رقاچان ھېس قىلغان.‏—‏لۇ‌قا 22:‏42،‏ 43‏.‏

8.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌يساغا قايسى تە‌رە‌پلە‌ردىن غە‌مخورلۇ‌ق قىلغان؟‏

8 ئە‌يسا ئاتىسىنىڭ ھاياتلىق مە‌نبە‌سى ئىكە‌نلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ:‏ «مە‌ن ئاتا ئارقىلىق ياشاۋاتىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 6:‏57‏)‏.‏ ئە‌يسا ئاتىسىغا پۈتۈنلە‌ي ئىشە‌نچ قىلغان ۋە يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ياشاش ئۈچۈن كېرە‌كلىك ھە‌ممە نە‌رسىلە‌رنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌يسانىڭ ساداقە‌تمە‌ن بولۇ‌پ قېلىشىغا ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏—‏مە‌تتا 4:‏4‏.‏

9.‏ يە‌ھۋا ئە‌يسا ئۈچۈن غە‌مخور ئاتا بولغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

9 غە‌مخور ئاتا سۈپىتىدە يە‌ھۋا خۇ‌دا ئە‌يسانى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن ۋە ئۇ‌نىڭ بۇ‌نى بىلىشىنى خالىغان (‏مە‌تتا 26:‏53؛‏ يۇ‌ھاننا 8:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئە‌يسانى بارلىق زىيانكە‌شلىكلە‌ردىن ساقلىمىسىمۇ،‏ قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌يسا دۇ‌چ كېلىۋاتقان ھە‌ممە قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىكە‌نلىكىنى بىلگە‌ن (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏2‏)‏.‏ دۇ‌ئالىرىنى تىڭشاش،‏ مۇ‌ھتاج نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌ش،‏ تە‌لىم بېرىش ھە‌م ئۇ‌نى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا ئە‌يسانى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن ‏(‏يۇ‌ھاننا 5:‏20؛‏ 8:‏28‏)‏.‏ ئە‌مدى ئاسماندىكى ئاتىمىز قانداقلارچە بىزگىمۇ ئوخشاش ئۇ‌سۇ‌للاردا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ

كۆيۈمچان ئاتا بالىلىرىنى:‏ (‏1)‏ تىڭشايدۇ،‏ (‏2)‏ تە‌مىنلە‌يدۇ،‏ (‏3)‏ تە‌ربىيىلە‌يدۇ ۋە (‏4)‏ قوغدايدۇ.‏ ئاسماندىكى مېھرىبان ئاتىمىزمۇ بىزگە ئوخشاش ئۇ‌سۇ‌للاردا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ (‏10—‏15-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏ b

10.‏ زە‌بۇ‌ر 66:‏19،‏ 20-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسلانغاندا،‏ يە‌ھۋا بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

10 يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 66:‏19،‏ 20-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ دۇ‌ئا قىلىشىمىزغا چە‌ك قويمايدۇ،‏ ئە‌كسىنچە ئۇ‌نىڭغا پات-‏پات دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ (‏1-‏سالونىكا.‏ 5:‏17‏)‏.‏ مە‌يلى قە‌يە‌ردە بولايلى،‏ بىز خۇ‌داغا ھە‌ر ۋاقىت دۇ‌ئا قىلالايمىز.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاش ئۈچۈن ھە‌رقاچان تە‌يياردۇ‌ر.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشايدىغانلىقىنى بىلگە‌ندە،‏ بىز ئۇ‌نى تېخىمۇ بە‌كرە‌ك ياخشى كۆرۈشنى باشلايمىز.‏ زە‌بۇ‌ر يازغۇ‌چىسى:‏ «مە‌ن سۆيىمە‌ن يە‌ھۋانى،‏ چۈنكى ئۇ ئاڭلار ئاۋازىمنى»،‏—‏ دە‌پ يازغان.‏—‏زە‌بۇ‌ر 116:‏1‏.‏

11.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا قانداق جاۋاب بېرىدۇ؟‏

11 ئاتىمىز يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاپلا قويماي،‏ ئۇ‌لارغا جاۋاب بېرىدۇ.‏ ئە‌لچى يوھاننا:‏ «خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىگە مۇ‌ۋاپىق نېمىنى تىلىسە‌ك،‏ ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن (‏1-‏يۇ‌ھاننا 5:‏14،‏ 15‏)‏.‏ ئە‌لۋە‌تتە،‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا بىز كۈتكە‌ندە‌ك جاۋاب بە‌رمە‌سلىكى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ نېمىگە مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى ئۆزۈمىزدىنمۇ ياخشى بىلىدۇ،‏ شۇ‌ڭا بە‌زىدە دۇ‌ئالىرىمىزغا «ياق»،‏ دە‌پ جاۋاب بېرىدۇ ياكى سە‌ۋرچانلىق بىلە‌ن كۈتۈشىمىزنى خالايدۇ.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏7—‏9‏.‏

12،‏ 13.‏ يە‌ھۋا بىزگە قانداق ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

12 يە‌ھۋا بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ ئۇ بارچە ئاتا بولغۇ‌چىلاردىن نېمىنى تە‌لە‌پ قىلسا،‏ ئۆزىمۇ شۇ‌نى قىلىدۇ (‏1-‏تىموت.‏ 5:‏8‏)‏.‏ يە‌ھۋا بالىلىرىنى ھايات كە‌چۈرۈش ئۈچۈن كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋا نېمە يە‌پ،‏ نېمە كىيىش ۋە قە‌يە‌ردە تۇ‌رۇ‌ش توغرۇ‌لۇ‌ق غە‌م قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ (‏مە‌تتا 6:‏32،‏ 33؛‏ 7:‏11‏)‏.‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى كېلە‌چە‌كتىمۇ ھە‌ممە كېرە‌كلىك نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏

13 ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئارقىلىق ئۇ بىزگە ئۆزى،‏ ئىرادىسى،‏ ھاياتنىڭ مە‌نىسى ۋە كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بە‌رگە‌ن.‏ بە‌لكىم،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشىمىز ئۈچۈن ئاتا-‏ئانىمىز ياكى باشقا قېرىنداشلارنى قوللانغان.‏ ھازىر بولسا،‏ جامائە‌تتىكى ئاقساقاللار ۋە روھىي جە‌ھە‌تتىن يېتىلگە‌ن قېرىنداشلار ئارقىلىق ياردە‌م بە‌رمە‌كتە.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئېتىقادداشلىرىمىز بىلە‌ن بىللە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىدا يە‌ھۋادىن تە‌لىم ئالىمىز.‏ مۇ‌شۇ ۋە باشقا ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن يە‌ھۋا ھە‌ممىمىزگە ئۆز ئاتىلىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تمە‌كتە.‏—‏زە‌بۇ‌ر 32:‏8‏.‏

14.‏ يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنى ئە‌دە‌بلە‌پ تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ ۋە بۇ‌نى قانداق قىلىدۇ؟‏

14 يە‌ھۋا بىزگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ.‏ بىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا،‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز بىزنى تە‌ربىيىلە‌پ،‏ زۆرۈر بولغاندا ئە‌دە‌بلە‌پ جازالىشى مۇ‌مكىن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا:‏ «يە‌ھۋا سۆيگە‌ن كىشىلىرىگە تە‌ربىيە بېرىدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏6،‏ 7‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنى ھە‌رخىل يوللار بىلە‌ن ئە‌دە‌بلە‌پ تە‌ربىيىلە‌يدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز خۇ‌دا سۆزىدىن ئوقۇ‌غان ئايە‌تلە‌ر ياكى يىغىلىشتا ئاڭلىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر يۈرۈش-‏تۇ‌رۇ‌شىمىزنى ياكى ئوي-‏پىكرىمىزنى ئۆزگە‌رتىشكە دە‌ۋە‌ت قىلىشى مۇ‌مكىن.‏ بولمىسا،‏ بە‌لكىم بىز مۇ‌ھتاج ياردە‌م ئاقساقاللاردىن كېلىدۇ.‏ يە‌ھۋا بىزنى مە‌يلى قانداق يوللار ئارقىلىق تە‌ربىيىلىسۇ‌ن،‏ ئۇ بىزنى ياخشى كۆركە‌نلىتىن شۇ‌نداق قىلىدۇ.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 30:‏11‏.‏

15.‏ يە‌ھۋا بىزنى قانداق قوغدايدۇ؟‏

15 يەـ‍ھۋا بىـزنى قىيىنـچىلىقـلاردا قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ دادىسى بالىسىغا قىيىن ۋاقىتتا ياردە‌م بە‌رگىنىدە‌ك ئاسماندىكى كۆيۈمچان ئاتىمىزمۇ بىزگە سىناق ۋاقتىدا يار-‏يۆلە‌ك بولىدۇ.‏ ئۇ بىزنى مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىزگە زىيان كە‌لتۈرىدىغان نە‌رسىلە‌ردىن قوغدايدۇ (‏لۇ‌قا 11:‏13‏)‏.‏ روھىمىز چۈشكە‌ندىمۇ يە‌ھۋا بىزگە ياردە‌م بېرىشكە تە‌ييار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ بىزگە كېلە‌چە‌ككە بولغان ئاجايىپ ئۈمىدنى بە‌رگە‌ن.‏ بۇ ئۈمىد قىيىنچىلىقلارغا بە‌رداشلىق بېرىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئويلاپ كۆرۈڭ،‏ بىز مە‌يلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلە‌يلى،‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاقىۋېتىنى يوق قىلىدۇ.‏ بىز دۇ‌چ كېلىۋاتقان سىناقلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ،‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا بېرىدىغان بە‌رىكە‌تلە‌ر مە‌ڭگۈلۈكتۇ‌ر.‏—‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16—‏18‏.‏

ئاتىمىز بىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ

16.‏ ئادە‌م-‏ئاتا كۆيۈمچان ئاتىسىغا ئىتائە‌ت قىلماي،‏ قانداق ئاقىۋە‌تكە قالغان؟‏

16 ئادە‌م-‏ئاتا يە‌ھۋاغا ئىتائە‌تسىزلىك قىلغاندا،‏ ئۇ‌نىڭ قانداق ھە‌رىكە‌ت قىلغانلىقىدىن بىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ئاسماندىكى ئاتىسىغا قارشى چىققاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ بە‌ختلىك ئائىلىسىدىكى ئورنىدىن ئۆزىمۇ ۋە ئە‌ۋلاتلىرىمۇ ئايرىلىپ قالغان (‏رىملىقلار 5:‏12؛‏ 7:‏14‏)‏.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ ئاتىنىڭ ئە‌ۋلاتلىرىغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلغان.‏

17.‏ ئادە‌م-‏ئاتا يە‌ھۋاغا قارشى چىققاندا،‏ ئۇ دە‌رھال نېمە قىلغان؟‏

17 يە‌ھۋا ئادە‌م-‏ئاتىنى جازالىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ تېخى تۇ‌غۇ‌لمىغان ئە‌ۋلاتلىرىنى ئۈمىدسىز قالدۇ‌رمىغان.‏ يە‌ھۋا دە‌رھال ئىتائە‌تچان ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىگە قايتۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلغان (‏يارىت.‏ 3:‏15؛‏ رىملىقلار 8:‏20،‏ 21‏)‏.‏ يە‌ھۋا بۇ چارە-‏تە‌دبىرنى ئۆز سۆيۈملۈك ئوغلى ئە‌يسانىڭ قۇ‌ربانلىق تۆلىمى ئاساسىدا ئورۇ‌نلاشتۇ‌رغان.‏ ئوغلىنى بىز ئۈچۈن قۇ‌ربانلىققا بېرىش ئارقىلىق خۇ‌دايىمىز بىزگە بولغان مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏—‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏.‏

توغرا يولدىن ئادىشىپ،‏ لېكىن كېيىن توۋا قىلساق،‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى قايتىدىن قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار (‏18-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

18.‏ ئاداشساقمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدە بولۇ‌شىمىزنى خالايدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏

18 نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولساقمۇ،‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئۇ‌نىڭ ئائىلىسىدە بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ ۋە بىزگە ھېچقاچان ئېغىر يۈكتە‌ك قارىمايدۇ.‏ بىز خۇ‌دانىڭ كۆڭلىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرۈشىمىز ياكى توغرا يولدىن چە‌تنە‌پ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن،‏ ئە‌مما يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزدىن ۋاز كە‌چمە‌يدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ ئاتىلىق مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى قانچىلىك كۈچلۈك ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئە‌يسا ئاداشقان ئوغۇ‌ل توغرۇ‌لۇ‌ق تە‌مسىلنى ئېيتىپ بە‌رگە‌ن (‏لۇ‌قا 15:‏11—‏32‏)‏.‏ بۇ تە‌مسىلدىكى ئاتا بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىدىن ھېچ ئۈمىد ئۈزمىگە‌ن.‏ بالىسى ئۆيگە قايتىپ كە‌لگە‌ندە،‏ دادىسى ئۇ‌نى قۇ‌چاق يېيىپ قارشى ئالغان.‏ بىز توغرا يولدىن ئادىشىپ،‏ لېكىن كېيىن توۋا قىلساق،‏ مېھىر-‏شە‌پقە‌تلىك ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنى كە‌چۈرۈپ،‏ قايتىدىن قوبۇ‌ل قىلىشقا تە‌ييار ئىكە‌نلىكىگە ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

19.‏ ئادە‌م-‏ئاتا سە‌ۋە‌بلىك پە‌يدا بولغان ھە‌ممە زىياننى يە‌ھۋا قانداق يوق قىلىدۇ؟‏

19 ئاسماندىكى ئاتىمىز يە‌ھۋا،‏ ئادە‌م-‏ئاتا سە‌ۋە‌بلىك پە‌يدا بولغان ھە‌ممە زىياننى يوق قىلىدۇ.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ئىسىيان كۆتە‌رگە‌ندىن كېيىن،‏ خۇ‌دا ئادە‌ملە‌ر ئارىسىدىن 144000 كىشىنى ئە‌يسا بىلە‌ن بىللە ئاسماندا پادىشاھلار ۋە روھانىيلار بولۇ‌پ خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن تاللىغان.‏ يېڭى دۇ‌نيادا ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلار ئىتائە‌تچان ئىنسانلارنىڭ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولۇ‌شقا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ ئاخىرقى سىناقتىن كېيىن،‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا مە‌ڭگۈلۈك ھاياتنى سوۋغات قىلىدۇ.‏ شۇ چاغدا ئاتىمىز يە‌ر يۈزى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئوغۇ‌ل-‏قىزلىرى بىلە‌ن تولغانلىقىنى كۆرۈپ خۇ‌رسە‌ن بولىدۇ.‏ نېمە دېگە‌ن ئاجايىپ گۈزە‌ل بىر زامان كېلىدۇ،‏ ھە!‏

20.‏ يە‌ھۋا بىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلىغان ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

20 يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزنى بە‌ك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.‏ ئۇ ئە‌ڭ ياخشى ئاتا.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشايدۇ.‏ ئۇ ياشىشىمىز ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شىمىز ئۈچۈن بىزنى ئېھتىياجلىق نە‌رسىلە‌ر بىلە‌ن تە‌مىنلە‌يدۇ.‏ خۇ‌دايىمىز بىزنى ئە‌دە‌بلە‌پ تە‌ربىيىلە‌يدۇ ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ يە‌نە كېلە‌چە‌كتە بىزگە مول بە‌رىكە‌ت بېرىدۇ.‏ كۆيۈمچان ئاتىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى بىلىش قە‌لبىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مىننە‌تدارلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىمىزنى كېيىنكى ماقالىدە كۆرۈپ چىقىمىز.‏

18-‏ناخشا خۇ‌دانىڭ چىن مۇ‌ھە‌ببىتى

a يە‌ھۋا خۇ‌دا ياراتقۇ‌چىمىز ۋە ئالە‌منىڭ ئېگىسى.‏ لېكىن،‏ يە‌ھۋانى نېمە ئۈچۈن كۆيۈمچان ئاتىمىز دە‌پمۇ ئاتىيالايمىز؟‏ كېلىڭلار،‏ بۇ‌نىڭ بىرنە‌چچە سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىرگە،‏ يە‌ھۋا بىزنى ھېچقاچان تاشلاپ كە‌تمە‌يدىغانلىقىغا نېمە ئۈچۈن ئىشە‌نچ قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالايلى.‏

b سۈرە‌تلە‌ردە:‏ تۆت رە‌سىمنىڭ ھە‌ربىرىدە دادىسى بىلە‌ن بالىسى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن:‏ دادىسى ئوغلىنى تىڭشاۋاتىدۇ؛‏ دادىسى قىزىغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىۋاتىدۇ؛‏ دادىسى ئوغلىنى تە‌ربىيىلە‌ۋاتىدۇ؛‏ دادىسى ئوغلىنى بە‌زلە‌ۋاتىدۇ.‏ ئارقا كۆرۈنۈشتە تۇ‌رغان يە‌ھۋانىڭ ئالىقىنى ئۇ‌نىڭمۇ ئوخشاش ئۇ‌سۇ‌للار بىلە‌ن بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدىغانلىقىنى ئە‌سلىتىدۇ.‏