9-تەتقىق ماقالىسى
يەھۋا خۇدا سىزگە تەسەللى بېرىدۇ
«غەم-ئەندىشىلىرىم كۆپەيگەندە زىيادە، ماڭا تەسەللى بېرىپ، جېنىمنى ئارام تاپقۇزدۇڭ».—زەبۇر 94:19.
38-ناخشا يۈكۈڭنى يەھۋاغا تاشلا!
بۇ ماقالىدە a
1. نېمە بىزنى غەم-ئەندىشىگە سېلىشى ۋە نېمە دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن؟
قاتتىق غەم-ئەندىشە قىلغان ۋاقتىڭىز بولغانمۇ؟ بەلكىم، بىرسىنىڭ گەپ-سۆزى ياكى ئىش-ھەرىكىتى كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتقاندۇ. ياكى بولمىسا، ئۆز سۆزلىرىڭىز ياكى ئىش-ھەرىكەتلىرىڭىز توغرۇلۇق ئويلاپ، تەشۋىشلىنىدىغانسىز. مەسىلەن، ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنى يەھۋا خۇدا ھەرگىزمۇ كەچۈرمەيدۇ دەپ ئەنسىرەيدىغانسىز. بۇنى ئاز دەپ، كۆپ غەم-ئەندىشە قىلغاچ، ئىمان-ئېتىقادىم كۈچلۈك ئەمەس ياكى مەن يامان ئادەم دەپ ئويلايدىغانسىز. لېكىن، شۇنداق ئويلاش توغرىمۇ؟
2. مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى مىساللار غەم-ئەندىشىلەرنى قىلىش ئېتىقادنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
2 مۇقەددەس كىتابتىكى بىرنەچچە مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى. سامۇئىل پەيغەمبەرنىڭ ئانىسى ھاننانىڭ ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان. ئەمما، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرى ھانناغا يامان مۇئامىلە قىلغاچقا، ئۇ قاتتىق قايغۇرغان (1-سام. 1:7). ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئېتىقادى مەھكەم بولسىمۇ، ئۇ «بارچە جامائەتلەر توغرۇلۇق غەم-ئەندىشە» قىلغان (2-كورىنت. 11:28). داۋۇت پادىشاھنىڭ ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، يەھۋا ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەن (ئەلچى. 13:22). بىراق، داۋۇت ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، قاتتىق غەم-قايقۇغا پاتقان ئىدى (زەبۇر 38:4). يەھۋا شۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەربىرىگە تەسەللى بەرگەن. ئۇلارنىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيدىغانلىقىمىزنى كۆرەيلى.
ساداقەتمەن ھاننادىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
3. قانداقلارچە باشقىلارنىڭ سۆزلىرى بىزنى غەم-ئەندىشىگە سېلىشى مۇمكىن؟
3 باشقىلار بىزگە قوپال سۆزلىسە ياكى بىزنى رەنجىتسە، غەم-ئەندىشىگە پېتىشىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ، يېقىن دوستىمىز ياكى ئۇرۇق-تۇققىنىمىز بىزنى خاپا قىلسا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز ئۈزۈلدى دەپ ئەنسىرەيدىغاندىمىز. بەزىدە بىزنى رەنجىتكەن كىشى ئويلانماي سۆزلەپ، سۆزلىرى يۈرىكىمىزگە قىلىچتەك سانچىلىدىغاندۇ (پەند. نە 12:18). باشقىلىرى بولسا، زەھەردەك سۆزلەرنى ئەتەي ئېيتىشى مۇمكىن. بىر ياش قېرىندىشىمىز شۇنداق ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر نەچچە يىل بۇرۇن يېقىن دوستۇم دەپ ئويلىغان بىر قىز تور ئارقىلىق مەن توغرۇلۇق غەيۋەت-شىكايەت تارقاتقان. بۇ يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ، مېنى غەم-ئەندىشىگە سالدى. ماڭا نېمە ئۈچۈن خائىنلىق قىلغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم». سىزنىڭمۇ يېقىن دوستىڭىز ياكى تۇققىنىڭىز كۆڭلۈڭىزنى ئاغرىتسا، ھاننانىڭ مىسالىدىن كۆپ نەرسىنى ئۆگىنەلەيسىز.
4. ھاننا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن؟
4 ھاننانىڭ قىيىنچىلىقلىرى كۆپ ئىدى. ئۇ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان بالىلىق بولالمىغان (1-سام. 1:2). شۇ زاماندا تۇغماس ئايال خۇدانىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان دەپ ھېسابلىناتتى. شۇڭا، ھاننا نۇمۇستىن بېشىنى كۆتۈرەلمىگەن (يارىت. 30:1، 2). يولدىشى ئەلقانانىڭ، ئۇنىڭغا بىرنەچچە بالا تۇغۇپ بەرگەن پىنىننا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالى بولغان. ئۇ ھاننانىڭ دەردىگە دەرد قوشقان. پىنىننا ھانناغا ھەسەت قىلغاچقا، ئۇنى دائىم زاڭلىق قىلىپ، كۈن كۆرسەتمەيتتى (1-سام. 1:6). ئاۋۋال بۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىش ھاننا ئۈچۈن بەك قىيىن بولغان. ئۇ قايغۇغا پېتىپ، «كۆز يېشى قىلىپ، گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيتتى» ۋە ئۇنىڭ كۆڭلى «قاتتىق ئازابلانغانىدى» (1-سام. 1:7، 10). ھاننا تەسەللىگە قانداق ئېرىشكەن؟
5. دۇئا قىلىش ھانناغا قانداق ياردەم بەرگەن؟
5 ھاننا يەھۋاغا دۇئادا دەردىنى تۆككەن ئۇ دۇئا قىلغاندىن كېيىن، ئالىي روھانىي ئېلىغا ئەھۋالىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ ھانناغا: «تىنچ-ئامان قايتقىن، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى تىلىگىنىڭنى ساڭا بەرسۇن»،— دېدى. نەتىجىدە، ھاننا «قايتىپ كېتىپ، تاماق يېدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن چىرايى ئىلگىرىكىدەك غەمكىن كۆرۈنمىدى» (1-سام. 1:17، 18). دۇئا قىلىش ھاننانىڭ قايتا كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەرگەن.
6. ھاننانىڭ مىسالىدىن ۋە فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-ئايەتلەردىن دۇئا توغرۇلۇق نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
6 دۇئا قىلىش ئارقىلىق قايتا جان ئاراملىقىغا ئېرىشەلەيمىز. ھاننا ئاسماندىكى ئاتىسىغا ئۇزاق ۋاقىت دۇئا قىلغان (1-سام. 1:12). بىزمۇ يەھۋا خۇدا بىلەن ئۇزاق سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا غەم-ئەندىشىلىرىمىز، قورقۇنچلىرىمىز ۋە ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئېيتىپ بەرسەك بولىدۇ. دۇئا قىلغاندا شائىرلاردەك چىرايلىق ياكى سۆزمەن كىشىلەردەك سۆزلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بەزىدە بىز يەھۋا خۇداغا يىغلاپ، دەردىمىزنى تۆكسەك بولىدۇ. يەھۋا ھېچقاچان بىزنى تىڭشاشتىن ھېرىپ قالمايدۇ. دۇئادا قىيىنچىلىقلىرىمىز توغرىلىقلا ئېيتماي، پاۋلۇسنىڭ فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-ئايەتلەردىكى (ئوقۇڭ) نەسىھىتىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەك. پاۋلۇس ئېيتقاندەك، يەھۋا خۇداغا دۇئا قىلغاندا بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. يەھۋاغا مىننەتدار بولۇشىمىزنىڭ كۆپ سەۋەبلىرى بار. مەسىلەن، بىز يەھۋاغا ھاياتلىق سوۋغىتى، چىرايلىق مەۋجۇداتلار، بىزگە كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ئاجايىپ ئۈمىد ئۈچۈن مىننەتدارمىز. ھاننانىڭ مىسالىدىن يەنە نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
7. ھاننا يولدىشى بىلەن دائىم نەگە بارغانىدى؟
7 قىيىنچىلىقلىرىغا قارىماستىن، ھاننا يەھۋاغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يولدىشى بىلەن دائىم شىلوھقا بارغانىدى (1-سام. 1:1—5). ھاننا مۇقەددەس چېدىردا بولغاندا، ئالىي روھانىي ئېلىنىڭ يەھۋا دۇئايىڭىزغا جاۋاب بەرگەي دەپ ئېيتقان سۆزى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەن.—1-سام. 1:9، 17.
8. جامائەت يىغىلىشلىرى بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ.
8 يىغىلىشلارغا دائىم قاتناشساق، قايتا كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشەلەيمىز. ئادەتتە يىغىلىشنىڭ بېشىدا بۇرادەر خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى سوراپ دۇئا قىلىدۇ. تىنچلىق — مۇقەددەس روھنىڭ مېۋىسىنىڭ بىر قىسمى (گالاتىيا. 5:22). غەم-ئەندىشىلەرگە قارىماستىن، جامائەت يىغىلىشلىرىغا بارساق، يەھۋا خۇدا ۋە ئېتىقادداشلىرىمىز بىزگە تەسەللى بېرىپ، كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. يەھۋا بىزگە تەسەللى بېرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشىشىمىز بەك مۇھىم (ئىبرانىي. 10:24، 25). ھاننانىڭ مىسالىدىن يەنە قانداق ساۋاق ئالالايمىز؟
9. (1) ھاننانىڭ ئەھۋالى ئۆزگەردىمۇ؟ چۈشەندۈرۈپ بېرىڭ. (2) ئۇنىڭغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
9 ھاننانىڭ قىيىنچىلىقى دەررۇ ھەل قىلىنمىغان. ھاننا مۇقەددەس چېدىردىن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، قايتىدىن پىنىننا بىلەن بىر ئۆيدە ياشاشقا توغرا كەلگەن. بەلكىم، پىنىننانىڭ ھانناغا بولغان مۇئامىلىسى شۇ پېتىچە ئۆزگەرمىگەن. شۇڭا، ھانناغا پىنىننانىڭ كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان سۆزلىرىگە چىداشقا توغرا كەلگەندۇ. بىراق، ھاننا ئىلگىرىكىدەك غەمكىن بولماي، كۆڭۈل ئاراملىقىنى ساقلاپ قالالىغان. ھاننا غەم-تەشۋىشلىرىنى يەھۋاغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، باشقا ئەندىشە قىلمىغان. ھاننا يەھۋاغا تايانغان. بىراز ۋاقىت ئۆتۈپ، يەھۋا ھاننانى بەرىكەتلەپ، ئۇنىڭغا پەرزەنت بەرگەن.—1-سام. 1:19، 20؛ 2:21.
10. ھاننانىڭ مىسالىدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
10 قىيىنچىلىقلىرىمىز ھەل قىلىنمىسىمۇ، كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشەلەيمىز. چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلغان ۋە يىغىلىشلارغا دائىم قاتناشقان بولساقمۇ، بەزى قىيىنچىلىقلىرىمىز شۇ پېتىچە قېلىشى مۇمكىن. بىراق، ھاننانىڭ مىسالىدىن كۆرگىنىمىزدەك، يەھۋانىڭ بىزگە تەسەللى بېرىشىگە ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ. يەھۋا خۇدا بىزنى ھېچقاچان ئۇنتۇمايدۇ ۋە ئاخىرىدا ساداقەتمەنلىكىمىز ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ.—ئىبرانىي. 11:6.
ئەلچى پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
11. پاۋلۇسنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا قانداق سەۋەبلەر بولغان؟
11 پاۋلۇسنىڭ ئەندىشە قىلىشىغا كۆپ سەۋەبلەر بولغان. مەسىلەن، ئۇ ئېتىقادداشلارنى ياخشى كۆرگەچكە، قىيىنچىلىقلىرى توغرۇلۇق ئاڭلاپ، ئۇلار ئۈچۈن غەم-ئەندىشە قىلغان ئىدى (2-كورىنت. 2:4؛ 11:28). ئەلچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغاندا، دۈشمەنلىرى ئۇنى ئۇرۇپ-سوقۇپ، تۈرمىگە تاشلىغان. شۇنداقلا ئۇ غەم-ئەندىشىگە سەۋەب بولىدىغان غۇربەتچىلىكنى باشتىن ئۆتكۈزگەن (فىلىپى. 4:12). پاۋلۇس كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم كېمە ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈچۈن كېمە سەپىرىگە چىقىش ئاسان بولمىغاندۇ (2-كورىنت. 11:23—27). پاۋلۇسقا غەم-تەشۋىش بىلەن كۈرەش قىلىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
12. پاۋلۇسنىڭ ئۇنچىلىك قاتتىق غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
12 پاۋلۇس ئېتىقادداشلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن ئەندىشە قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنى ئۆز قولىغا ئالمىغان. پاۋلۇس كىچىك-پېئىل بولغان. ئۇ باشقىلارنىڭ جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. مەسىلەن، ئۇ تىموتىي ۋە تىتۇستەك ئىشەنچىلىك بۇرادەرلەرگە كۆپ ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرغان. ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى پاۋلۇسنىڭ ئانچە غەم-ئەندىشە قىلماسلىقىغا سۆزسىز ياردەم بەرگەن.—فىلىپى. 2:19، 20؛ تىتۇس 1:1، 4، 5.
13. ئاقساقاللار پاۋلۇستىن قانداق ئۈلگە ئالالايدۇ؟
13 باشقىلاردىن ياردەم سوراڭ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆيۈمچان ئاقساقاللار پاۋلۇستىن ئۈلگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەنسىرەيدۇ. لېكىن، جامائەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش ئاقساقالنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئاقساقال كىچىك پېئىللىقنى كۆرسىتىپ، بەزى ۋەزىپىلىرىنى باشقا ئىشەنچىلىك بۇرادەرلەرگە تاپشۇرىدۇ ۋە ياش بۇرادەرلەرگە جامائەتكە غەمخورلۇق قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.—2-تىموت. 2:2
14. پاۋلۇس نېمە توغرۇلۇق ئەنسىرىمىگەن ۋە بىز ئۇنىڭدىن نېمىنى ئۆگىنەلەيمىز؟
14 تەسەللىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى ئىقرار قىلىڭ. پاۋلۇس كەمتەر بولغان، شۇڭا، پاۋلۇس دوستلىرىدىن ياردەم ئىزدىگەن، دوستلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن. ئۇ «باشقىلار مېنى ئاجىز دەپ ئويلاپ قالىدۇ» دەپ ئەنسىرىمىگەن. فىلىمۇنغا يازغان خېتىدە پاۋلۇس مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭ توغرۇلۇق ئاڭلاپ، بەك خۇشال بولدۇم ۋە تەسەللى تاپتىم» (فىلىمۇن 7). پاۋلۇس قىيىن چاغلاردا ئۇنىڭغا ئىلھام بەرگەن باشقا خىزمەتداشلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان (كولوسى. 4:7—11). تەسەللىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىزنى كەمتەرلىك بىلەن ئىقرار قىلساق، ئېتىقادداشلىرىمىز بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى سۆزسىزدۇر.
15. قىيىن ۋەزىيەتلەردە پاۋلۇس نېمە قىلغان؟
15 خۇدا سۆزىگە تايىنىڭ. پاۋلۇس مۇقەددەس يازمىلاردىن تەسەللىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن (رىملىقلار 15:4). شۇنداقلا پاۋلۇس قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە يازمىلاردىن دانالىق ئىزدىگەن (2-تىموت. 3:15، 16). رىمدا ئىككىنچى قېتىم قاماققا ئېلىنغاندا، پاۋلۇس ئۆلىدىغىنىغا ئاز ۋاقىت قالغانلىقىنى سەزگەن. شۇنداق ئېغىر ۋەزىيەتتە پاۋلۇس نېمە قىلغان؟ ئۇ تىموتىينىڭ «ئورام تېرە يازمىلارنى» تېزراق ئېلىپ كېلىشىنى سورىغانىدى (2-تىموت. 4:6، 7، 9، 13). نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بۇ ئورام يازمىلار ئىبرانىي يازمىلارنىڭ بىر قىسمى بولغان. پاۋلۇس بۇلارنى شەخسىي ئۆگىنىشتە قوللانغان. ئەگەر بىزمۇ پاۋلۇسقا ئوخشاش خۇدا سۆزىنى دائىم ئوقۇپ-ئۆگەنسەك، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، يەھۋا بىزگە يازمىلار ئارقىلىق تەسەللى بېرىدۇ.
داۋۇت پادىشاھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
16. داۋۇت ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن ئۆزىنى قانداق ھېس قىلغان؟
16 داۋۇتنىڭ ۋىجدانى ئۇنى قاتتىق ئازابلىغان. ئۇ بەتشەبا بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنداقلا بۇ قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقان (2-سام. 12:9). بېشىدا، ئۇ ۋىجداننى چىقارغان ساداغا پەرۋا قىلمىغان ئىدى. نەتىجىدە، خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ، داۋۇت قاتتىق ئازاب چېكىپ، ھەتتا ئاغرىپ قالغان (زەبۇر 32:3، 4). داۋۇتنىڭ ئېغىر گۇناھى ئۈچۈن غەم-تەشۋىش قىلماسلىقىغا نېمە ياردەم بەرگەن ۋە ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويساق، بىزگە نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
17. داۋۇتنىڭ چىن قەلبىدىن توۋا قىلغانلىقى زەبۇر 51:1—4-ئايەتلەردىن قانداق كۆرۈنىدۇ؟
17 كەچۈرۈم سوراپ دۇئا قىلىڭ. داۋۇت ئەڭ ئاخىرىدا خۇداغا دۇئا قىلغانىدى. ئۇ چىن قەلبىدىن توۋا قىلىپ، گۇناھلىرىنى بوينىغا ئالغان (زەبۇر 51:1—4-نى ئوقۇڭ). بۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئاراملىق بېرىپ، ئۇنى خۇشال قىلغان (زەبۇر 32:1، 2، 4، 5). ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويسىڭىز، ئۇنى يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، گۇناھىڭىزنى ئوچۇق ئېيتىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، كۆڭلۈڭىز خاتىرجەم بولۇپ، ۋىجدانىڭىز سىزنى قاتتىق ئازابلىمايدۇ. لېكىن، يەھۋا بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنى قايتا تىكلەشنى خالىسىڭىز، پەقەتلا دۇئا قىلىش يېتەرلىك ئەمەس.
18. داۋۇت يەھۋا خۇدانىڭ جازاسىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
18 جازانى قوبۇل قىلىڭ. يەھۋا خۇدا ناتان پەيغەمبەرنى داۋۇتنىڭ گۇناھىنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەندە، داۋۇت ئۆزىنى ئاقلىمىغان ياكى گۇناھىنى ئېغىر ئەمەستەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنمىغان. ئۇ پەقەت بەتشەبانىڭ ئېرىگىلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى يەھۋا خۇداغا قارشى گۇناھ قىلغانلىقىنى دەررۇ بوينىغا ئالغان. داۋۇت يەھۋانىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلغان ۋە يەھۋا ئۇنى كەچۈرگەنىدى (2-سام. 12:10—14). شۇڭا، بىز ئېغىر گۇناھ قىلىپ قويساق، ئاقساقاللار بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەك (ياقۇپ 5:14، 15). ئۆزۈمىزنى ئاقلاشقا تىرىشماسلىقىمىز لازىم. جازا مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇنى قانچە تېز قوبۇل قىلىپ، بېرىلگەن مەسلىھەتلەرنى ئەمەلىيەتتە قوللانساق، شۇنچە تېز تىنچلىق ۋە خۇشاللىققا ئېرىشىمىز.
19. بىز نېمە قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىشىمىز كېرەك؟
19 قىلغان گۇناھىڭىزنى قايتا قىلماسلىققا قەتئىي بەل باغلاڭ. داۋۇت پادىشاھ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنى قايتا قىلماسلىقى ئۈچۈن يەھۋانىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن (زەبۇر 51:7، 10، 12). يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، داۋۇت ناتوغرا ئوي-خىياللاردىن نېرى تۇرۇشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە، ئۇ كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشكەن.
20. يەھۋانىڭ كەچۈرۈمى ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
20 كەچۈرۈم سوراپ دۇئا قىلىش، جازانى قوبۇل قىلىش ۋە بار كۈچىمىز بىلەن قايتا شۇنداق گۇناھ قىلماسلىققا تىرىشىش ئارقىلىق يەھۋانىڭ كەچۈرۈمى ئۈچۈن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلساق، قايتىدىن كۆڭۈل ئاراملىقىغا ئېرىشىمىز. ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن جېيمس بۇنىڭ راست ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئاقساقاللارغا گۇناھىم توغرۇلۇق ئېيتىپ بەرگەندە، يەلكەمدىن ئېغىر بىر يۈكنى غۇلىتىپ تاشلىۋەتكەندەك بولدۇم، قايتىدىن كۆڭلۈم ئارام تاپتى». ھەقىقەتەن، «يەھۋا كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزار». بۇنى بىلىش بىزگە زور تەسەللى بېرىدۇ!—زەبۇر 34:18.
21. يەھۋا بىزگە تەسەللى بېرىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
21 بۇ زاماننىڭ ئاخىرى يېقىنلاشقانسېرى، بىزنىڭ غەم-ئەندىشىلىرىمىز كۆپىيىشى مۇمكىن. سىزنى بىرەر نەرسە غەم-تەشۋىشكە سالسا، دەرھال يەھۋادىن ياردەم سوراپ دۇئا قىلىڭ. مۇقەددەس كىتابنى پۇختا تەتقىق قىلىڭ. ھاننا، پاۋلۇس ۋە داۋۇتتىن ئۈلگە ئېلىڭ. ئاسماندىكى ئاتىڭىزدىن غەم-ئەندىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ياردەم سوراڭ (زەبۇر 139:23). قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى يەھۋاغا تاپشۇرۇڭ. بولۇپمۇ، ئۇلارنى ھەل قىلىش ياكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش قولۇڭىزدىن كەلمىسە، يۈكۈڭىزنى يەھۋاغا تاشلاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، زەبۇر يازغۇچىسىغا ئوخشاش سىزمۇ: «غەم-ئەندىشىلىرىم كۆپەيگەندە زىيادە، تەسەللى بېرىپ، جېنىمنى ئارام تاپقۇزدۇڭ»،— دەپ ئېيتالايسىز.—زەبۇر 94:19.
22-ناخشا يەھۋا مېنىڭ پادىچىمدۇر
a بەزىدە ھەممىمىز قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن ئەندىشە قىلىمىز. قەدىمدە ياشىغان يەھۋا خۇدانىڭ ئۈچ خىزمەتچىسى غەم-ئەندىشىلەر بىلەن قانداق كۈرەش قىلغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلايلى. شۇنداقلا يەھۋا ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە قانداق تەسەللى بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ چىقايلى.