11-تەتقىق ماقالىسى
سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تەييارمۇ؟
«چۆمۈلدۈرۈلۈش قۇتقۇزىدۇ».—1-پېتر. 3:21.
27-ناخشا يەھۋا تەرەپتە تۇرۇڭلار!
بۇ ماقالىدە a
1. ئۆينى سېلىشتىن ئاۋۋال نېمە قىلىش كېرەك؟
بىر كىشى ئۆي سالماقچى بولدى دەيلى. ئۇ قانداق ئۆي سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ دەرھال بېرىپ بارلىق كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ۋە قورال-سايمانلارنى سېتىۋېلىشى ۋە قۇرۇلۇشنى باشلىشى كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. قۇرۇلۇشنى باشلاشتىن ئاۋۋال، ئۇ كىشى ئۆينى سېلىشقا قانچە چىقىم كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىشى مۇھىم. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇ بۇ ئۆينى سېلىشقا ئۆزىنىڭ پۇلى يېتىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزۈشى كېرەك. ئۇ ئالدىن-ئالا چىقىمنى تەپسىلىي ھېسابلاپ چىقسا، بۇ ئۆينى ئاخىرغىچە سېلىپ پۈتتۈرەلىشى مۇمكىن.
2. لۇقا 14:27—30-ئايەتلەرگە ئاساسەن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىز نېمە توغرۇلۇق پۇختا ئويلىنىشىڭىز كېرەك؟
2 يەھۋاغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىڭىز ۋە ئۇنىڭ بارلىق ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىز سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلدىمۇ؟ شۇنداق بولسا، سىزنى ئۆينى سېلىشنى قارار قىلىپ تەييارلانغان كىشىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ كېلىڭ، ئەيسانىڭ لۇقا 14:27—30-ئايەتلەردە (ئوقۇڭ) يېزىلغان سۆزلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى. ئەيسا ئۇنىڭ شاگىرتى بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىش ئۈچۈن، بىز بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشكە ۋە بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولۇشىمىز كېرەك (لۇقا 9:23—26؛ 12:51—53). شۇڭا، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن سىز ئەيسانىڭ شاگىرتى بولسىڭىز، قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىڭىز توغرۇلۇق پۇختا ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز لازىم. شۇ چاغدا، سىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئېتىقادچى سۈپىتىدە خۇداغا سادىق خىزمەت قىلىشقا تېخىمۇ ياخشىراق تەييار بولىسىز.
3. بۇ ماقالىدە نېمىنى مۇھاكىمە قىلىمىز؟
3 مەسىھنىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن شاگىرتى بولۇش قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشىڭىزگە ۋە بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشىڭىزگە ئەرزىمدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئەرزىيدۇ! چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش ھازىرمۇ، كېلەچەكتىمۇ سان-ساناقسىز بەرىكەتلەرگە ئېرىشىشىڭىزگە يول ئاچىدۇ. ھازىر چۆمۈلدۈرۈلۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلايلى. بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش «مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييارمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۆزىنى بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش توغرۇلۇق نېمىلەرنى بىلىش كېرەك؟
4. (1) ئۆزىنى بېغىشلاش دېگەن نېمە؟ (2) مەتتا 16:24-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان ئۆزىدىن «ۋاز كېچىش» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
4 ئۆزىنى بېغىشلاش دېگەن نېمە؟ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال، سىز ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلىغاندا، سىز يەھۋا خۇداغا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىپ، ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىماقچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىسىز. ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلىغاندا، سىز ئۆزىڭىزدىن «ۋاز كېچىسىز» (مەتتا 16:24-نى ئوقۇڭ). ئەمدى سىز يەھۋا خۇداغا مەنسۈپ بولۇش شان-شەرىپىگە ئىگە (رىملىقلار 14:8). شۇ كۈندىن باشلاپ، سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ئۆز خاھىشلىرىڭىز ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىش بولىدىغانلىقىنى يەھۋاغا ئېيتىسىز. ئۆزىنى بېغىشلاش — خۇداغا بېرىلگەن قەتئىي ۋەدە ياكى قەسەم. يەھۋا خۇدا بىزنى شۇنداق ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىمايدۇ. لېكىن، شۇنداق ۋەدىنى بەرسەك، ئۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدە تۇرۇشىمىزنى كۈتىدۇ.—زەبۇر 116:14،12.
5. ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ قانداق پەرقى بار؟
5 ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ھاياتىڭىزنى يەھۋاغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى سىزدىن ۋە يەھۋا خۇدادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەنلىكىڭىزنى بولسا، باشقا ئادەملەر ئادەتتە چوڭ يىغىلىشلاردا كۆرىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن چاغدا، سىز باشقىلارغا ئۆزىڭىزنى ئاللىقاچان خۇداغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىسىز b. سىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەندە، باشقىلارغا يەھۋا خۇدانى پۈتۈن يۈرىكىڭىز، پۈتۈن جېنىڭىز، پۈتۈن زېھىنىڭىز ھەم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن سۆيىدىغانلىقىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا مەڭگۈ خىزمەت قىلىشقا قەتئىي بەل باغلىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىسىز.—ماركۇس 12:30.
6، 7. 1-پېترۇس 3:18—22-ئايەتلەرگە ئاساسەن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن جەزمەن ئۆتۈشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ قانداق ئىككى سەۋەبى بار؟
6 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن جەزمەن ئۆتۈش زۆرۈرمۇ؟ 1-پېترۇس 3:18—22-دىكى (ئوقۇڭ) سۆزلەرنى كۆرۈپ چىقايلى. كېمە نۇھ پەيغەمبەرنىڭ خۇداغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئادەملەرگە كۆرسەتكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنلىكىڭىز باشقىلارغا سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن جەزمەن ئۆتۈش زۆرۈرمۇ؟ شۇنداق، زۆرۈر. ئەلچى پېترۇس بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن. بىرىنچىدىن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش بىزنى «قۇتقۇزىدۇ». ئەيسا مەسىھكە، ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغانلىقىغا، ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلگەنلىكىگە ۋە ھازىر خۇدانىڭ «ئوڭ يېنىدا» ئولتارغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن كۆرسەتسەك، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش بىزنى قۇتقۇزالايدۇ.
7 ئىككىنچىدىن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتسەك، «پاك بىر ۋىجدانغا» ئىگە بولىمىز. ئۆزۈمىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋىتىمىز پەيدا بولىدۇ. بىز گۇناھلىرىمىزغا چىن يۈرەكتىن توۋا قىلغاچ ۋە تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنچ باغلىغاچ، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىز خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانغا ئىگە بولالايمىز.
8. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە سىزنى نېمىلەر دەۋەت قىلىشى كېرەك؟
8 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە سىزنى نېمىلەر دەۋەت قىلىشى كېرەك؟ سىز مۇقەددەس كىتابنى پۇختا تەتقىق قىلىپ، يەھۋا خۇدا، ئۇنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكى ۋە ئۇ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق كۆپ بىلىم ئالدىڭىز. خۇدا توغرۇلۇق ئالغان بىلىمىڭىز يۈرىكىڭىزگە تەسىر قىلىپ، ئۇنى بەك ياخشى كۆرۈشكە سىزنى دەۋەت قىلدى. يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشىڭىزگە دەۋەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب بولۇشى كېرەك.
9. مەتتا 28:19، 20-ئايەتلەردە يېزىلغاندەك، خۇدا ئاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىسىمى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
9 سىزنى چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە دەۋەت قىلغان يەنە بىر سەۋەب — مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى ئۆگىنىپ، ئۇلارغا ئىشەنگەنلىكىڭىز. ئەيسا ئەگەشكۈچىلىرىگە شاگىرتلارنى تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەرگەندە ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆرۈپ چىقايلى (مەتتا 28:19، 20-نى ئوقۇڭ). ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە، چۆمۈلدۈرۈلمەكچى بولغان ئادەملەر خۇدا ئاتا، ئۇنىڭ ئوغلى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ئىسىمى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشى كېرەك. بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ سىز مۇقەددەس كىتابتىن يەھۋا خۇدا، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ۋە مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق ئۈگەنگەن ھەقىقەتلەرگە چىن يۈرەكتىن ئىشىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ كۈچى زور ۋە ئۇلار يۈرىكىڭىزگە قاتتىق تەسىر قىلىشى مۇمكىن (ئىبرانىي. 4:12). ئۇلارنىڭ بىرنەچچىسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
10، 11. ئاتىمىز توغرۇلۇق قانداق ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالدىڭىز ۋە ئىشەندىڭىز؟
10 سىز ئاتا توغرۇلۇق ھەقىقەتلەرنى بىرىنچى قېتىم ئۈگەنگەنلىكىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئېلىڭ. سىز ئۇنىڭ ئىسمى يەھۋا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك ۋە بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدا ئىكەنلىكىنى بىلدىڭىز (چىق. 6:3؛ زەبۇر 83:18؛ يەشايا 37:16). ئۇ بىزنىڭ ياراتقۇچىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز (زەبۇر 3:8؛ 36:9). ئۇ بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ۋە مەڭگۈ ياشىشىمىز ئۈچۈن بىر چارە ئورۇنلاشتۇرغان (يۇھاننا 17:3). ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتكەنلىكىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى بولغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ (يەشايا 43:10—12). سىز خۇدانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى باشقىلارغا ئېيتىشتىن پەخىرلىنىدىغان خۇدا خىزمەتچىلىرىدىن ئىبارەت دۇنياۋىي ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولىسىز.—زەبۇر 86:12.
11 ئاتىمىز توغرۇلۇق مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش نېمە دېگەن زور شان-شەرەپ! سىز بۇ ھەقىقەتلەرگە ئىشەنگەندە، ئۆزىڭىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە ئىنتىلىسىز.
12، 13. ئوغۇل توغرۇلۇق قانداق ھەقىقەتلەرنى بىلىۋالدىڭىز ۋە قوبۇل قىلدىڭىز؟
12 ئوغۇل توغرۇلۇق ھەقىقەتنى بىلگەندە، سىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟ ئەيسا كائىناتتىكى ئىككىنچى ئەڭ مۇھىم شەخس. ئۇ بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاياتىنى تەييارلىق بىلەن قۇربانلىققا بەرگەن. ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسەتسەك، گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈلىدۇ، خۇدا بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتنى يېتىلدۈرەلەيمىز ۋە مەڭگۈ ھاياتقا ئېرىشەلەيمىز (يۇھاننا 3:16). ئەيسا — ئالىي روھانىي. ئۇ بىزنىڭ تۆلەمدىن پايدا ئېلىشىمىزنى ۋە خۇدا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشىمىزنى خالايدۇ (ئىبرانىي. 4:15؛ 7:24، 25). ئەيسا مەسىھ خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى بولغانلىقتىن، يەھۋا خۇدا ئەيسا ئارقىلىق ئۆز ئىسمىنى مۇقەددەس قىلىدۇ، رەزىللىكنى يوق قىلىدۇ ۋە كېلەچەكتىكى جەننەتتە ئىنسانلارنى پۈتمەس-تۈگىمەس بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ (مەتتا 6:9، 10؛ ۋەھىي. 11:15). ئەيسا — بىزنىڭ ئۈلگىمىز (1-پېتر. 2:21). ئۇ ھاياتىنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا بېغىشلاپ، بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان.—يۇھاننا 4:34.
13 سىز مۇقەددەس كىتابتا ئەيسا توغرۇلۇق يېزىلغان ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلغاندا، خۇدانىڭ سۆيۈملۈك ئوغلىنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايسىز. بۇ مېھىر-مۇھەببەت سىزنى ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، ھاياتىڭىزنى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاشقا بېغىشلىشىڭىزغا دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە سىز ئۆزىڭىزنى يەھۋا خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە ئىنتىلىسىز.
14، 15. سىز مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق قانداق ھەقىقەتلەرنى ئۆگەندىڭىز ۋە قوبۇل قىلدىڭىز؟
14 مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق ھەقىقەتلەرنى بىلگىنىڭىزدە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟ مۇقەددەس روھ شەخس ئەمەس، ئۇ خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى. يەھۋا خۇدا بۇ روھ ئارقىلىق مۇقەددەس كىتابنى يازغان ئادەملەرگە يول كۆرسەتكەن ۋە بىزنىڭ خۇدا سۆزىدىن ئوقۇپ-ئۈگەنگەنلىرىمىزنى چۈشىنىپ، ئەمەلىيەتتە قوللىنىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ (يۇھاننا 14:26؛ 2-پېتر. 1:21). مۇقەددەس روھ ئارقىلىق يەھۋا خۇدا بىزگە «ئادەتتىكى كۈچتىن ئېشىپ چۈشىدىغان كۈچنى» بېرىدۇ (2-كورىنت. 4:7). مۇقەددەس روھ بىزگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاش، ئېزىقتۇرۇشلارغا بېرىلمەسلىك، چۈشكۈنلۈككە چۈشمەسلىك ۋە قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىشكە كۈچ بېرىدۇ. ئۇ بىزگە مۇقەددەس روھ مېۋىسىگە كىرىدىغان خىسلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ (گالاتىيا. 5:22). خۇدا ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن چىن يۈرەكتىن مۇقەددەس روھنى سورايدىغان كىشىگە ئۇنى سېخىيلىق بىلەن بېرىدۇ.—لۇقا 11:13.
15 مۇقەددەس روھ يەھۋا خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىش بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ سىز مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق ئۈگەنگەن ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالايسىز.
16. بىز نېمىلەرنى بىلىۋالدۇق؟
16 ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلاش ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش — ئىنتايىن مۇھىم قارار. يۇقىرىدا بىلىۋالغىنىمىزدەك، سىز بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىشكە ۋە بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەييار بولۇشىڭىز كېرەك. ئەمما، ئېرىشىدىغان بەرىكەتلىرىڭىز ۋاز كېچىدىغان نەرسىلىرىڭىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ھاياتىڭىزنى قۇتقۇزالايدۇ ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا پاك ۋىجدانغا ئېرىشتۈرەلەيدۇ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى قارار قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى يەھۋا خۇداغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭىز بولۇشى كېرەك. شۇنداقلا سىز ئاتا، ئوغۇل ۋە مۇقەددەس روھ توغرۇلۇق بىلگەن ھەقىقەتلەرگە پۈتۈن يۈرىكىڭىز بىلەن ئىشىنىشىڭىز لازىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىز «مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييارمۇ؟» دېگەن سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن بۇرۇن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
17. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋال قانداق قەدەملەرنى قىلىش كېرەك؟
17 مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييار دەپ ئويلىسىڭىز، سىز يەھۋا بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋەتتە بولۇش ئۈچۈن ئاللىقاچان نۇرغۇن قەدەملەرنى قىلغانلىقىڭىز شەك-شۈبھىسىزدۇر c. مۇقەددەس كىتابنى دائىم ئوقۇپ-ئۈگەنگەنلىكتىن، يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا مەسىھ توغرۇلۇق كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىڭىز. سىز ئېتىقادىڭىزنى راۋاجلاندۇردىڭىز (ئىبرانىي. 11:6). سىز خۇدانىڭ مۇقەددەس كىتابتىكى ھەممە ۋەدىلىرىگە ئىشىنىسىز ۋە ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا بولغان ئىشەنچىڭىز سىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن ئازات قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل. شۇنداقلا ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىڭىزغا ئېچىنىپ ۋە قىلغان يامان ئىشلىرىڭىز ۈچۈن خۇدادىن كەچۈرۈم سوراپ، گۇناھلىرىڭىزغا توۋا قىلدىڭىز. سىز يەنە بۇرۇنقى يامان ھايات تەرزىڭىزنى تاشلاپ ۋە خۇدانىڭ يۈرىكىنى خۇرسەن قىلىپ ياشاشنى باشلاپ، ھاياتىڭىزنى تۈپ يىلتىزى بىلەن ئۆزگەرتتىڭىز (ئەلچى. 3:19). سىز باشقىلارغا ئۆز ئېتىقادىڭىز توغرۇلۇق قىزغىن ۋەز قىلىسىز. شۇڭا سىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتمىگەن ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ، جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن بىللە ۋەز قىلىشنى باشلىدىڭىز (مەتتا 24:14). يەھۋا سىزنىڭ شۇنداق مۇھىم قەدەملەرنى قىلغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىدۇ. سىز ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇشاللىققا چۆمدۈردىڭىز.—پەند. نە 27:11.
18. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى سىز يەنە نېمىلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك؟
18 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشتىن ئىلگىرى سىز يەنە بىرنەچچە نەرسىلەرنى قىلىشىڭىز كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، سىز ئۆزىڭىزنى خۇداغا بېغىشلىشىڭىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز يالغۇز بولغاندا خۇداغا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىپ، ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بېغىشلاشنى ۋەدە قىلىڭ (1-پېتر. 4:2). ئاندىن ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رىياسەتچىسىگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئۇ بەزى ئاقساقاللارنى سىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشتىن ئەنسىرىمەڭ. بۇ مېھرىبان بۇرادەرلەر سىزنى بىلىدۇ ۋە بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار سىز بىلەن ئۆزىڭىز ئوقۇپ-ئۈگەنگەن مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى كۆرۈپ چىقىدۇ. ئاقساقاللار سىزنىڭ بۇ تەلىملەرنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش بىلەن چۆمۈلدۈرۈلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدىغانلىقىڭىزغا كۆز يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ تەييار ئىكەنلىكىڭىزگە كۆز يەتكۈزسە، يېقىندا ئۆتىدىغان چوڭ يىغىلىشتا چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتەلەيدىغانلىقىڭىزنى خەۋەر قىلىدۇ.
چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك؟
19، 20. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك ۋە بۇنى قانداق قىلالايسىز؟
19 چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن كېيىن نېمە قىلىشىڭىز كېرەك d؟ ئۆزىڭىزنى بېغىشلىغاندا، سىز يەھۋا خۇداغا قەسەم بەرگەنلىكىڭىزنى ۋە ئۇنىڭ بۇ ۋەدىڭىزدە تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ. شۇڭا، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، سىز شۇ ۋەدىڭىزگە ماس ياشىشىڭىز كېرەك. سىز بۇنى قانداق قىلالايسىز؟
20 قېرىنداشلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇڭ. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئەمدى سىز دۇنياۋىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەزاسى (1-پېتر. 2:17). جامائەتتىكى قېرىنداشلار سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەردەك. يىغىلىشلارغا دائىم قاتناشسىڭىز، ئۇلار بىلەن دوستلىقىڭىزنى مۇستەھكەملىيەلەيسىز. ھەر كۈنى خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئويلىنىڭ (زەبۇر 1:1، 2). مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئوقۇغانلىرىڭىز توغرۇلۇق چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. شۇ چاغدا خۇدا سۆزى يۈرىكىڭىزگە تەسىر قىلىدۇ. ‹داۋاملىق دۇئا قىلىڭ› (مەتتا 26:41). چىن يۈرەكتىن ئېيتقان دۇئالىرىڭىز سىزنى يەھۋا خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ‹خۇدا پادىشاھلىق ۋە ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ› (مەتتا 6:33). بۇنىڭ ئۈچۈن، ۋەز ئىشىنى ھاياتىڭىزنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى قىلىڭ. ۋەز خىزمىتىگە دائىم قاتناشسىڭىز، ئېتىقادىڭىز كۈچلۈك بولىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلەيسىز.—1-تىموت. 4:16.
21. چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش نېمىگە يول ئاچىدۇ؟
21 خۇداغا ئۆزىڭىزنى بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم قارار. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ ئەلۋەتتە! بۇ دۇنيادا دۇچ كېلىدىغان ھەرقانداق قىيىنچىلىق «قىسقا بىر دەملىك ۋە يېنىك» (2-كورىنت. 4:17). لېكىن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش سىزنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، كېلەچەكتە «ھەقىقىي ھاياتنى» قولغا كەلتۈرۈشكە يول ئاچىدۇ (1-تىموت. 6:19). شۇڭا ئىلتىماس، «مەن چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە تەييارمۇ؟» دېگەن سوئال توغرۇلۇق دۇئا قىلىپ ئويلىنىڭ، ئاندىن بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىڭ.
48-ناخشا ھەر كۈنى يەھۋا بىلەن يۈر!
a سىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈش توغرۇلۇق ئويلىنىپ يۈرسىڭىز، بۇ ماقالە سىز ئۈچۈن يېزىلغان. بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم سوئاللارنى كۆرۈپ چىقىمىز. بۇ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىڭىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتۈشكە تەييار ياكى تەييار ئەمەسلىكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.
b « سىز چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇراسىمىدىن ئۆتىدىغان كۈنى جاۋاب بېرىدىغان ئىككى سوئال» ناملىق رامكىغا قاراڭ.
d «مۇقەددەس كىتاب تەلىملىرى» ۋە «خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار» كىتابلىرىنى تېخى ئۆگىنىپ بولمىغان بولسىڭىز، ئىككى كىتابنى ئاخىرىغىچە ئوقۇپ ئۆگىنىڭ.