ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى
يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ساقچىلار كىملەر بولغان؟ ئۇلار قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىغان؟
دىنىي خىزمەت، يەنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنمىگەنلەر لاۋىيلاردىن بەزىلىرى ساقچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ باش ساقچىسىنىڭ قول ئاستىدا بولغان. يەھۇدىي يازغۇچى فىلو ساقچىلارنىڭ خىزمىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «بۇ لاۋىيلارنىڭ بەزىلىرى ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازلىرىنى كۈزەتكەن. يەنە باشقىلار مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدا تۇرغان. ئۇلار مۇقەددەس جايغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان ئادەملەرنىڭ شۇ يەرگە قەستەن ياكى بىلمەستىن كىرىپ كەتمەسلىكىنى نازارەت قىلغان. بەزى ساقچىلار ئىبادەتخانىنى ئايلىنىپ كۈزىتىپ يۈرگەن. ئۇلار نۆۋەتلىشىپ، كېچە-كۈندۈز ئىبادەتخانىنى كۈزەتكەن».
بۇ ساقچىلار ئالىي كېڭەشكە بويسۇنغان. رىملىقلار پەقەت شۇ ساقچىلارغا قورال تۇتۇشقا رۇخسەت بەرگەن.
يوئاكىم يارەمېياس ئىسىملىك تەتقىقاتچى مۇنداق دەپ چۈشەندۈرىدۇ: «ساقچىلار ئەيسانى قولغا ئالغاندا، ئەيسا ئۇلاردىن نېمە سەۋەبتىن ئۇنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ يۈرگىنىدە تۇتمىغانلىقىنى سورايدۇ. ئەگەر شۇ ساقچىلار ئىبادەتخانىدىكى ساقچىلار بولمىغان بولسا، ئەيسا ئۇلاردىن شۇنداق سوئال سورىمىغان بولاتتى» (مەتتا 26:55). يوئاكىم يارەمېياسنىڭ ئوي-پىكىرىچە، ئىلگىرى ھەم ئەيسانى تۇتۇشقا ئەۋەتىلگەن ساقچىلارمۇ شۇ ئىبادەتخانىنىڭ ساقچىلىرى بولغان (يۇھاننا 7:32، 45، 46). كېيىنرەك ئالىي كېڭەش ئىبادەتخانىنىڭ باش ساقچىسى ۋە باشقا ساقچىلارنى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن. بەلكىم، ئەلچى پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ چىققان كىشىلەرمۇ ئىبادەتخانىدىكى ساقچىلار بولغان.—ئەلچى. 4:1—3؛ 5:17—27؛ 21:27—30.