تەرجىمىھال
«مانا بىز، ئەۋەت بىزنى!»
سىز ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج يەرگە، بەلكىم چەت ئەلگە كۆچۈش توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتامسىز؟ شۇنداق بولسا، بېرگام ئائىلىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت سىزگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
جېك ۋە مارى-لىن بىرلىكتە 1988-يىلدىن تارتىپ تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەرخىل يېڭى ۋەزىيەتلەرگە تېز كۆنۈپ كېتىدۇ. ئۇلار گۋادېلۇپا بىلەن فرانسۇز گۋىئاناسىدا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغان. ھازىر فرانسىيە بەيتەل بۇ ئىككى جايلارغا كۆرسەتمىلەرنى يەتكۈزىدۇ. كېلىڭلار، ئەمدى جېك ۋە مارى-لىنغا بىرنەچچە سوئال قويايلى.
سىلەرنى تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەتنى باشلاشقا نېمە دەۋەت قىلدى؟
مارى-لىن: مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم گۋادېلۇپادا ئۆتكەن. ئاپام بىلەن پات-پات ئەتىدىن كەچ كىرگىچە ۋەز قىلاتتۇق. ئاپام قىزغىن ۋەز ئېيتقۇچى بولغان. مەن ئادەملەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، 1985-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، پىدائىي ۋەز ئېيتىش خىزمىتىنى باشلىدىم.
جېك: كىچىك چېغىمدا مەن ۋەز خىزمەت دېسە جان بېرىدىغان تولۇق ۋاقىتلىق ۋەز ئېيتقۇچىلار بىلەن ئارىلىشاتتىم. تەتىل ۋاقتىدا ياردەمچى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ تۇراتتىم. دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاپتوبۇس بىلەن پىدائىي ۋەز ئېتقۇچىلار خىزمەت قىلىدىغان رايونغا باراتتۇق. بىز كۈن بويى ۋەز قىلىپ، ئاخشىمى دېڭىز بويىغا بېرىپ دەم ئالاتتۇق. ئۇ كۈنلەر شۇنچە خۇشال ئۆتكەن ئىدى!
1988-يىلى مارى-لىنغا ئۆيلەنگەندىن كېيىن، مەن ئۆز-ئۆزۈمگە: «بىزنىڭ ھېچ بىر باغلىنىپ قالغان مەسئۇلىيىمىز يوق، شۇڭا كۆپرەك ۋەز قىلىشىمىز كېرەك»،— دەپ ئېيتتىم. مەن مارى-لىنغا قوشۇلۇپ، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىشىنى باشلىدىم. بىر يىلدىن كېيىن بىز پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار مەكتىپىنى پۈتۈرۈپ، مەخسۇس پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ تەيىنلەندۇق. دەسلەپتە بىز گۋادېلۇپانىڭ بىرنەچچە يېرىدە خىزمەت قىلدۇق ۋە كېيىنرەك فرانسۇز گۋىئاناسىغا ئەۋەتىلدۇق.
يىللار داۋامىدا سىلەر تۈرلۈك جايلارغا ئەۋەتىلدىڭلار. يېڭى ۋەزىيەتكە ئۆگىنىشىڭلارغا نېمە ياردەم بەرگەن؟
مارى-لىن: فرانسۇز گۋىئاناسىدىكى بەيتەلدە خىزمەت قىلغان بۇرادەرلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايىتىمىز يەشايا 6:8 ئىكەنلىكىنى بىلگەن. شۇڭا، ئۇلار بىزگە تېلېفون قىلغاندا، چاقچاق قىلىپ: «ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئايىتىڭلار ئېسىڭلاردىمۇ؟»— دەپ سوراتتى. بىز خىزمىتىمىزنىڭ پات يېقىندا ئۆزگىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ: «مانا بىز، ئەۋەت بىزنى!»— دەپ جاۋاب بېرەتتۇق.
بىز يېڭى ۋەزىپىمىزنى ئىلگىرىكى ۋەزىپىلەر بىلەن سېلىشتۇرماسلىققا تىرىشىمىز ۋە بۇ بىزگە يېڭى ۋەزىپىمىزنى
قەدىرلەشكە ياردەم بېرىدۇ. شۇنداقلا بىز يېڭى جامائەتتىكى قېرىنداشلار بىلەن يېقىن تونۇشۇشقا كۈچ چىقىرىمىز.جېك: ئىلگىرى بەزى دوستلىرىمىز كېتىشىمىزنى خالىماي، ياخشى نىيەت بىلەن بىزنى ئۇلارنىڭ قېشىدا قېلىشقا كۆندۈرمەكچى بولغان. لېكىن، بىر بۇرادەر بىز گۋادېلۇپادىن كېتىۋاتقاندا ئەيسانىڭ مەتتا 13:38-ئايەتتىكى: «ئېتىز — بۇ دۇنيا» دېگەن سۆزلىرىنى ئېسىمىزگە سالدى. شۇڭا، خىزمىتىمىز ئۆزگەرگەندە، مەيلى قەيەردە خىزمەت قىلايلى، ئوخشاش «ئېتىزدا» ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئېسىمىزگە سالاتتۇق. چۈنكى، ئەڭ مۇھىمى بىز ياردەم بېرىدىغان ئادەملەر، قەيەردە خىزمەت قىلىشىمىز ئەمەس.
يېڭى يەرگە كۆچۈپ بارغاندا، يەرلىك ئادەملەرنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. شۇڭا، بىزمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ياشاشقا تىرىشىمىز. گەرچە شۇ يەردىكى تاماقلار بىز ئۆگەنگەندىن باشقا بولسىمۇ، سالامەتلىكىمىزگە قاراپ، يەرلىكلەر نېمە يېسە، شۇنى يەيمىز ۋە نېمىنى ئىچسە، شۇنى ئىچىمىز. بىز ھەممە ۋەزىپىلىرىمىز توغرۇلۇق ياخشى نەرسىلەرنى ئېيتىشقا تىرىشىمىز.
مارى-لىن: بىز يەرلىك قېرىنداشلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىمىز. فرانسۇز گۋىئاناسىغا كەلگەن چېغىمىز تېخىچە ئېسىمدە. شۇ كۈنى يامغۇر خۇددى چېلەكلەپ قۇيغاندەك ياققان ئىدى. شۇڭا، بىز يامغۇر توختىغىچە كۈتۈپ تۇرىمىز، دەپ ئويلىغان ئىدۇق. لېكىن، بىر قېرىنداش ماڭا: «بارايلىمۇ؟»— دېدى. مەن ھاڭ-تاڭ قېلىپ، ئۇنىڭدىن: «قانداق بارىمىز؟»— دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋابەن: «كۈنلۈكىڭىزنى ئېلىڭ، بىز ۋېلىسىپىت بىلەن بارىمىز»— دېدى. شۇنداق قىلىپ، مەن بىر قولۇمدا كۈنلۈكنى تۇتۇپ، ئىككىنچى قولۇم بىلەن ۋېلىسىپىت ھەيدەشنى ئۈگەندىم. ئۈگەنمىگەن بولسام، يامغۇر پەسلىدە ۋەز قىلالمىغان بولاتتىم.
سىلەر ئون بەش قېتىمدەك كۆچتۈڭلار. كۆچۈمەن دەپ ئويلاۋاتقانلارغا قانداق مەسلىھەت بېرەتتىڭلار؟
مارى-لىن: بىر يەردىن باشقا يەرگە كۆچۈش ئاسان ئەمەس. شۇڭا، ئەڭ مۇھىمى يېڭى جايدا ۋەز خىزمەتتىن قايتىپ كەلگەندە، «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خۇشلىقى پۇت قولۇمنىڭ بوشلۇقى»، دەپ ھېس قىلغۇدەك جاينى تېپىش.
جېك: ئادەتتە مەن يېڭى ئۆيگە كىرگەندە ئۇنى سىرلايمەن. بەزىدە بەيتەلدىكى بۇرادەرلەر بىزنىڭ بىر يەردە ئۇزاق تۇرمايدىغانلىقىمىزنى بىلگەچ، ماڭا: «جېك، بۇ قېتىم تاملارنى سىرلىمىساڭمۇ بولىدۇ»،— دەيتتى.
مارى-لىن نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئوراشقا ئۇستا. ئۇ ھەممىنى ساندۇقلارغا سېلىپ، ئۇلارغا «ھاجەتخانا»، «ياتاقخانا» ياكى «ئاشخانا» دەپ يېزىپ قوياتتى. شۇڭا، بىز يېڭى ئۆيگە كەلگەندە، قايسى ساندۇقلارنى قايسى بۆلۈمىگە ئېلىپ كىرىشنى بىلەتتۇق. ئۇ ھەربىر ساندۇقنىڭ تېشىغا نېمە بارلىقىنى يېزىپ قويغاچ، كېرەك نەرسىلەرنى چاپسان تېپىۋالالايتتۇق.
مارى-لىن: ھەممىسىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆنۈپ كەتكەچ، بىز دەررۇ ۋەز خىزمەتكە كىرىشەلەيتتۇق.
خىزمىتىڭىزنى «تولۇق مۆلچەردە ئاتقۇرۇش» ئۈچۈن ئىشلىرىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟—2-تىموت. 4:5.
مارى-لىن: دۈشەنبە كۈنى بىز دەم ئېلىپ، جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىمىز. سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە ۋەز قىلىمىز.
جېك: ھەر ئايدا بەلگىلىك سائەتتە ۋەز قىلىشىمىز كېرەك بولسىمۇ، بىز ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم ئەمەس ئىدى. بىز ئۈچۈن ھاياتىمىزدا ھەممىدىن مۇھىمى ۋەز قىلىش بولغان. ئۆيدىن چىقىپ، قايتىپ كەلگىچە ئۇچراتقان ھەممە ئادەملەرگە خۇش خەۋەرنى ئېيتىشقا تىرىشىمىز.
مارى-لىن: دەم ئېلىش ئۈچۈن تەبىئەتتىن ھۇزۇلىنىشقا چىققاندىمۇ، ھەرقاچان ئۆزۈم بىلەن ۋاراقچىلارنى ئالىمەن. بىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتمىساقمۇ، بەزى ئادەملەر يېنىمىزغا كېلىپ ماتېرىياللارنى سورايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق كىيىنىش ۋە ئۆزۈمىزنى قانداق تۇتۇشتا بەك ئېھتىياتچان بولىمىز. ئادەملەر شۇنداق نەرسىلەرگىمۇ دىققەت قىلىدۇ.
جېك: شۇنداقلا بىز ئۈلگىلىك يۈرۈش-تۇرۇشىمىز بىلەنمۇ قوشنىلىرىمىزغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. مەن ئۆيۈمىزنىڭ ئالدىدىكى ئەخلەتلەرنى ۋە يوپۇرماقلارنى يىغىپ قويىمەن. قوشنىلىرىمىز بۇنى بايقايدۇ ۋە بەزىدە مېنىڭدىن: «سىزدە مەن ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب بارمۇ؟»— دەپ سورايدۇ.
سىلەر ھەمىشە يىراق چەت-ياقىغا جايلاشقان يەرلەردە ۋەز قىلدىڭلار. ئېسىڭىزدە قالغان ئالاھىدە بىرەر ۋەقەنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟
جېك: گۋىنىيىدىكى بەزى جايلارغا بېرىش ئىنتايىن قىيىن بولغان. بەزىدە بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە 600 كىلومېتردەك يول مېڭىشىمىزغا توغرا كەلگەن. ئامازون جاڭگىلىدىكى سېنت-يېلى دېگەن يەرگە بارغىنىمىز ئېسىمدىن چىقمايدۇ. شۇ يەرگە يېتىش ئۈچۈن بىرنەچچە سائەت ھەرقانداق يولدا ماڭالايدىغان ماشىنىدا ماڭدۇق ۋە كېيىن قېيىقتا ئۈزدۇق. يەرلىك تۇرغۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالتۇن ئىزدەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماتېرىياللىرىمىز ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىئانە سۈپىتىدە تاپقان ئالتۇنلارنى بېرەتتى. ئاخشىمى بىز تەشكىلاتىمىز چىقارغان فىلىملەرنى كۆرسەتتۇق. ئۇلارنى كۆرۈش ئۈچۈن كۆپ ئادەملەر كېلەتتى.
مارى-لىن: بىرنەچچە يىل بۇرۇن جېكنى كاموپى يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا نۇتۇق ئېيتىشنى سورىغان. شۇ يېزىغا يېتىش ئۈچۈن ئوياپوك دەرياسىدا قېيىق بىلەن تۆت سائەت ئۈزدۇق. بۇ ئۇنتۇلماس بىر ۋەقە بولغان.
جېك: دەريانىڭ كۆپىنچە جايلىرى بەك تېيىز بولۇپ، سۇنىڭ ئېقىمى بەك تېز ۋە تاشلارنىڭ ئۈستىدىن ئېقىپ ئۆتكەچ، بەك خەتەرلىك ئىدى. بەزىدە قېيىقنىڭ تاشلارغا سوقۇلۇپ كېتىدىغاندەك تېز كېتىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈش كىشىنى بەكمۇ ھاياجانلاندۇراتتى. قېيىقچى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. لېكىن، بۇ ساياھەتنى بىز راستىنلا ياقتۇرۇپ قالدۇق. خاتىرىلەش مۇراسىمىدا پەقەت 6 يەھۋا گۇۋاھچىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا تەخمىنەن 50 ئادەم، شۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئامېرىكىلىق ئىندىئانلارمۇ قاتناشتى!
مارى-لىن: يەھۋا خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان ياشلار بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ. شۇنداق ۋاقىتلاردا سىز يەھۋاغا پۈتۈنلەي تايىنىپ، ئېتىقادىڭىز كۈچىيىدۇ.
سىلەر بىرنەچچە تىللارنى بىلىسىلەر. ئۇلارنى ئۆگىنىش ئاسان بولدىمۇ؟
جېك: ياق، ئاسان بولمىدى. مەن بۇ تىللارنى ۋەز قىلىش ۋە قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۈگەندىم. بىر قېتىم سرانان-تونگو a تىلىدا تېخى مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش تاپشۇرۇقى بىلەن چىقمىساقمۇ، كۈزىتىش مۇنارىنى تەتقىق قىلىشنى ئۆتكۈزۈشۈمگە توغرا كەلگەن. مەن بىر بۇرادەردىن يىغىلىشنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى سورىدىم. ئۇ ماڭا: «بەزى سۆزلەر چۈشىنىكسىز بولسىمۇ، ئەمما ياخشى بولدى»،— دەپ جاۋاب بەردى. بالىلار ماڭا چوڭ ياردەم بېرەتتى. چۈنكى، مەن سۆزلەرنى خاتا دېگەندە، چوڭلار ھېچنېمە دېمەيتتى، لېكىن بالىلار خاتالىقىمنى تۈزىتەتتى. مەن بالىلاردىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۈگەندىم.
مارى-لىن: بىر رايوندا مەن فرانسۇز، پورتۇگال ۋە سرانان-تونگو تىللىرىدا سۆزلەيدىغان ئادەملەر بىلەن مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنشى ئۆتكۈزەتتىم. شۇ چاغدا بىر قېرىنداش ئۆگىنىشنى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىيىن تىل، پورتۇگال تىلىدىن باشلاپ، ئاخىرىدا ياخشى سۆزلەيدىغان تىلدا ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەت بەرگەن. دەسلەپتە مەن بۇ مەسلىھەتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن ئىدىم.
بىر كۈنى مەن ئاۋۋال سرانان-تونگو ۋە كېيىن پورتۇگال تىلىدا ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزدۈم. ئىككىنچى قېتىم ئۆگىنىش باشلىغاندا، قېشىمدىكى قېرىنداش ماڭا: «مارى-لىن، مېنىڭچە ئۇ سىزنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ»،— دېدى. مەن برازىلىيىلىك ئايالغا پورتۇگال تىلىنىڭ ئورنىغا سرانان-تونگو تىلىدا سۆزلەپتىمەن! ئەمدى شۇ قېرىنداشنىڭ مەسلىھىتىنىڭ قانچىلىك دانا ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
سىلەر بىلەن خىزمەتداش بولغان قېرىنداشلار سىلەرنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار بىلەن دوستلىشىشقا نېمە ياردەم بەرگەن؟
جېك: پەندى-نەسىھەت 11:25-ئايەتتە مەردلەر روناق تاپىدىغانلىقى يېزىلغان. باشقىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈمىزنى ئايىمايتتۇق. بەزىلەر ماڭا ئىبادەت ئۆيىنى ياخشى ھالەتتە تۇتۇش توغرىلىق: «بۇ ئىشنى ۋەز ئېيتقۇچىلار قىلسۇن»،— دەيتتى. بىراق، مەن: «مەنمۇ ۋەز ئېيتقۇچىغۇ. بۇ ئىشنى قىلىش كېرەك بولسا، مەنمۇ قاتنىشىشنى خالايمەن»،— دەپ جاۋاب بەردىم. ئەلۋەتتە، بەزىدە ئۆزۈمىزنى يالغۇز قالدۇرۇشنى خالايمىز، بىراق بۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشمىزگە توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇراتتۇق.
مارى-لىن: بىز قېرىنداشلارغا چىن يۈرەكتىن قىزىقىش كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. شۇنداق قىلىپ بەزى قېرىنداشلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ تۇرۇش ياكى ئۇلارنى مەكتەپتىن ئېلىپ كېلىشكە ياردەم كېرەكلىكىنى بىلىۋالىمىز. شۇ چاغدا، بىز ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن پىلانلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز. قېرىنداشلارغا ياردەم بېرىشكە تەييار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن جان دوست بولۇپ كەتتۇق.
ۋەز ئېيتقۇچىلارغا مۇھتاج بولغان يەرلەردە خىزمەت قىلىپ، قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتىڭلار؟
جېك: تولۇق ۋاقىتلىق خىزمەت قىلغانلىقىمىز بىزنى نۇرغۇن بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈردى. بىز پات-پات تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، يەھۋانىڭ ئاجايىپ ياراتمىلىرىنى كۆرۈش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بولدۇق. قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلسەكمۇ، يۈرىكىمىز خاتىرجەم، چۈنكى قەيەردە بولمايلى، يەھۋا خۇدانىڭ خەلقى بىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز.
ياش چېغىمدا مەن ئارمىيىگە بارمىغانلىقىم ئۈچۈن فرانسۇز گۋىئانىسىدىكى تۈرمىگە تاشلاندىم. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنىدە شۇ يەرگە مىسسىئونېر بولۇپ كېلىش ۋە تۈرمىدە ئولتۇرغانلارغا خۇش خەۋەرنى ئېيتىش ئۇخلىسام چۈشۈمگە كىرمىگەن ئىدى. دەرھەقىقەت، يەھۋا خۇدا بىزنى مول بەرىكەتلىدى!
مارى-لىن: باشقىلارغا ياردەم بېرىش ماڭا كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىش بىزنى بەختلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا جېك ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق. بەزىدە ھەمراھىم تەسەللىگە مۇھتاج بىر ئەر-ئايالنى ئۆيۈمىزگە چاقىرايلى دېگەندە، مەن ئۇنىڭغا: «مەنمۇ شۇنداق ئويلاۋاتاتتىم»،— دەيمەن. ئىككىمىزنىڭ ئوي-خىيالىمىز پات-پات بىر يەردىن چىقىدۇ.
جېك: يېقىندا ماڭا مەزى بېزى راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلدى. گەرچە ئايالىم بۇنى ئاڭلاشنى خالىمىسىمۇ، مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «جېنىم، ئەگەر ئەتە ئۆلۈپ قالسام، ھېچ ئۆكۈنمەيمەن. چۈنكى، ئۇزۇن ئۆمۈر سۈرمىسەممۇ، مەن روھىي، ئەرزىيدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ھاياتىمغا شۈكۈر قانائەت قىلىمەن».—يارىت. 25:8.
مارى-لىن: يەھۋا خۇدا بىزگە ھەتتا ھېچقاچان ئويلىمىغان ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى. ھاياتىمىز كۆپ ياخشى ئىشلار بىلەن تولدى. خۇدانىڭ بىزگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا پۈتۈنلەي ئىشىنىپ، يەھۋانىڭ تەشكىلاتى ھەرقانداق جايغا ئەۋەتسە، بىز بېرىشقا تەييار.
a سرانان-تونگو تىلى ئىنگلىز، گوللاند، پورتۇگال ۋە ئافرىقا تىللىرىنىڭ ئارىلىشىشىدىن پەيدا بولغان تىل. بۇ تىلدا قۇللار سۆزلىگەن.