مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

14-‏تە‌تقىق ماقالىسى

شىمالدىن كە‌لگە‌ن خە‌لقنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى

شىمالدىن كە‌لگە‌ن خە‌لقنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى

‏«بىر مىللە‌ت يۇ‌رتۇ‌مغا باستۇ‌رۇ‌پ كە‌لدى».‏‏—‏يوئېل 1:‏6‏.‏

43-‏ناخشا ھوشيار تۇ‌ر،‏ چىڭ تۇ‌ر ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

بۇ ماقالىدە a

1.‏ راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ياردە‌مچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى قانداق تە‌تقىق قىلغان ۋە بۇ ئۇ‌سۇ‌ل نېمە ئۈچۈن نە‌تىجىلىك بولغان؟‏

 بىر ئە‌سىردىن كۆپرە‌ك ۋاقىت بۇ‌رۇ‌ن،‏ چارلېز راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ياردە‌مچىلىرى،‏ يە‌نى خۇ‌دا سۆزىنى تە‌تقىق قىلغان باشقا كىچىك بىر توپ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن بىللە جە‌م بولۇ‌شنى باشلىغان.‏ ئۇ‌لار يە‌ھۋا خۇ‌دا،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ ئۆلگە‌نلە‌رنىڭ ئە‌ھۋالى ۋە تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمىلە‌رنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلىشنى خالىغان.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىزدىنىش ئۇ‌سۇ‌لى بە‌ك ئاددىي بولغان.‏ بىرسى سوئال قويغان ۋە كېيىن ھە‌ممىسى بۇ تېمىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك ھە‌ربىر ئايە‌ت ھە‌ققىدە ئىزدىنىپ پۇ‌ختا تە‌تقىق قىلغانىدى.‏ ئاخىرىدا،‏ ئۇ‌لار ئىزدىنىشىنىڭ نە‌تىجىسىنى يېزىپ قويغان.‏ خۇ‌دا بۇ سە‌مىمىي خىزمە‌تچىلىرىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن مۇ‌ھىم ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بە‌رگە‌ن ۋە بىز بۇ ھە‌قىقە‌تلە‌رنى بۈگۈنمۇ بە‌ك قە‌دىرلە‌يمىز.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزنى چۈشىنىشكە تىرىشقاندا،‏ قانداقلارچە ناتوغرا خۇ‌لاسە چىقىرىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

2 لېكىن،‏ كۆپ ئۆتمە‌ي مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىقاتچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ ئاساسىي تە‌لىملىرىگە قارىغاندا،‏ ئۇ‌نىڭدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى چۈشىنىشنىڭ قىيىنراق ئىكە‌نلىكىنى بايقىغان.‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن؟‏ بىرىنچىدىن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقاندا ياكى ئە‌مە‌لگە ئېشىپ بولغاندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لارنى چۈشىنىش ئاسانراق.‏ ئىككىنچىدىن،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زمۇ‌ننى تولۇ‌ق كۆرۈپ چىقىش مۇ‌ھىم.‏ ئە‌گە‌ر بىز پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ بىر قىسىمىغىلا كۆڭۈل بۆلسە‌ك،‏ ناتوغرا خۇ‌لاسە چىقىرىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ قارىماققا،‏ يوئېل كىتابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى بىلە‌ن شۇ‌نداق بولغان.‏ ھازىر بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنى كۆرۈپ چىقىپ،‏ نېمە ئۈچۈن چۈشە‌نچىمىزنى ئۆزگە‌رتىش كېرە‌ك بولغانلىقىنى مۇ‌ھاكىمە قىلايلى.‏

3،‏ 4.‏ مۇ‌شۇ كە‌مگىچە يوئېل 2:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنى قانداق چۈشە‌نگە‌نىدۇ‌ق؟‏

3 يوئېل 2:‏7—‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر ئىسرائىل زېمىنىنى چېكە‌تكىلە‌ر بېسىپ ۋە‌يران قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن-‏ئالا ئېيتقان.‏ چىشلىرى ۋە ئېڭە‌كلىرى شىرنىڭكىگە ئوخشاش بۇ تويماس ھاشارە‌تلە‌ر ئىسرائىل زېمىندىكى ھە‌ممە ئۆسۈملۈكلە‌رنى يە‌يدۇ (‏يوئېل 1:‏4،‏ 6‏)‏.‏ كۆپ يىللاردىن بويان،‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنى يە‌ھۋا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھېچكىم توختىتالمايدىغان چېكە‌تكىلە‌رگە ئوخشاش ۋە‌ز قىلىشى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دە‌پ قارىغان ئىدۇ‌ق.‏ ۋە‌ز ئىشىمىز «زېمىنغا»،‏ يە‌نى دىن رە‌ھبە‌رلىرىنىڭ قول ئاستىدىكى ئادە‌ملە‌رگە،‏ زىيان كە‌لتۈرىدۇ دە‌پ چۈشە‌نگە‌نىدۇ‌ق b‏.‏

4 ئە‌گە‌ر پە‌قە‌ت يوئېل 2:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غان بولساق،‏ بۇ چۈشە‌ندۈرۈش توغرا بولاتتى.‏ ئە‌مما،‏ بىز پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زمۇ‌نغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رساق،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌نىسى باشقىچە ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىمىز.‏ بۇ‌نىڭ تۆت سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

چۈشە‌نچىنى ئۆزگە‌رتىشنىڭ تۆت سە‌ۋە‌بى

5،‏ 6.‏ بۇ ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌غاندا قانداق سوئال پە‌يدا بولىدۇ؟‏ (‏1)‏ يوئېل 2:‏20‏؟‏ (‏2)‏ يوئېل 2:‏25‏؟‏

5 ئـە‌ڭ ئـاۋۋال،‏ چېكـە‌تكىلە‌رنىڭ ھـۇ‌جۇ‌مىغا مۇ‌ناسىـۋە‌تلـىك،‏ خۇ‌دانىڭ:‏ ‏«شـىمالـدىن كە‌لگۈچـىنى [چېكە‌تكىـلە‌رنى] سىلە‌ردىن يىراقلاشتۇ‌رىمە‌ن»،‏—‏ دېگە‌ن ۋە‌دىسىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌ڭ (‏يوئېل 2:‏20‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر چېكە‌تكىلە‌ر ئە‌يسانىڭ ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش بۇ‌يرۇ‌قىنى ئورۇ‌نداۋاتقان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنى بىلدۈرسە،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارنى نېمە ئۈچۈن يىراقلاشتۇ‌رىدۇ؟‏ (‏ھە‌زق.‏ 33:‏7—‏9؛‏ مە‌تتا 28:‏19،‏ 20‏)‏.‏ ئېنىقكى،‏ يە‌ھۋا ئۆزىنىڭ سادىق خىزمە‌تچىلىرىنى ئە‌مە‌س،‏ ئۇ‌نىڭ خە‌لقىگە ئۆچ بىر نە‌رسىنى ياكى بىرە‌ر كىشىنى ھە‌يدىۋېتىدۇ.‏

6 ئىككىنچى سە‌ۋە‌بىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ يوئېل 2:‏25-‏ئايە‌تكە دىققە‌ت قىلايلى.‏ بۇ ئايە‌تتە خۇ‌دا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ئۆزۈم سىلە‌رگە قارشى ئە‌ۋە‌تكە‌ن قاناتلىق چېكە‌تكىلە‌ر،‏ قاناتسىز چېكە‌تكىلە‌ر،‏ يە‌پ قىرىۋېتىدىغان چېكە‌تكىلە‌ر ۋە ئاچكۆز چېكە‌تكىلە‌ر قوشۇ‌نى يېگە‌ن يىللارنى قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىمە‌ن»‏‏.‏ بايقىسىڭىز،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا چېكە‌تكىلە‌ر ۋە‌يران قىلغاننى «قايتۇ‌رۇ‌پ بېرىشكە» ۋە‌دە قىلغان.‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزدىكى چېكە‌تكىلە‌ر ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنى بىلدۈرگە‌ن بولسا،‏ دېمە‌ك ئۇ‌لار يە‌تكۈزۈۋاتقان خە‌ۋە‌ر زىيان كە‌لتۈرىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ بۇ خە‌ۋە‌ر ئە‌سلى ئادە‌ملە‌رنىڭ ھاياتىنى ساقلايدۇ ۋە رە‌زىل كىشىلە‌رنى توۋا قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ (‏ھە‌زە‌ك.‏ 33:‏8،‏ 19‏)‏.‏ بۇ ئۇ‌لار ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن زور بە‌رىكە‌ت،‏-‏ھە!‏

7.‏ يوئېل 2:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى «كېيىن» دېگە‌ن سۆز نېمىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

7 يوئېل 2:‏28،‏ 29-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ئۈچىنچى سە‌ۋە‌ب —‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىدىكى ۋە‌قە‌لە‌رنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىش نۆۋىتى بار.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ چېكە‌تكىلە‌رگە تاپشۇ‌رغان ئىشنى،‏ ئۇ‌لار قىلىپ بولغاندىن ‏«كېيىن،‏ مە‌ن ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۈستىگە ئۆز روھۇ‌منى تۆكىمە‌ن» دېگە‌نلىكىنى بايقىدىڭىزمۇ؟‏ چېكە‌تكىلە‌ر خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى جاكارلايدىغان ئادە‌ملە‌رنى بىلدۈرسە،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ بولغاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى تۆكىدۇ؟‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ يە‌ھۋانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھسىز شۇ‌نچە كۆپ يىللار بۇ‌يان،‏ خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى قارشىلىققا ۋە ھە‌تتا ۋە‌ز پائالىيىتىنىڭ مە‌نئىي قىلىنىشىغا قارىماستىن ۋە‌ز قىلالمايتتى.‏

جوسۇ‌ف فرېدېرىك رۇ‌تېرفورد ۋە يېتە‌كچىلىك قىلغان باشقا مە‌سىھ قىلىنغان بۇ‌رادە‌رلە‌ر خۇ‌دانىڭ بۇ رە‌زىل دۇ‌نياغا چىقارغان ھۆكۈمىنى جۈرئە‌تلىك بىلە‌ن جاكارلىغان (‏8-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

8.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 9:‏1—‏11-‏ئايە‌تلە‌ردە تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن چېكە‌تكىلە‌ر كىملە‌رنى بىلدۈرىدۇ؟‏

8 ۋە‌ھىيلە‌ر 9:‏1—‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھازىر تۆتىنچى سە‌ۋە‌بىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بۇ‌رۇ‌ن بىز يوئېل يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزدىكى چېكە‌تكىلە‌رنىڭ ھۇ‌جۇ‌مى ۋە‌ز ئىشى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دە‌پ ئويلىغان.‏ چۈنكى،‏ ۋە‌ھىي كىتابىدا ئوخشاش پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرى بار.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدا يۈزى ئادە‌منىڭكىگە ئوخشايدىغان ۋە باشلىرىدا ئالتۇ‌ندىن ياسالغان تاجغا ئوخشاش بىر نە‌رسە بولغان چېكە‌تكىلە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن (‏ۋە‌ھىي.‏ 9:‏7‏)‏.‏ ئۇ‌لار پېشانىسىدە خۇ‌دانىڭ مۆھىرى بولمىغان ئادە‌ملە‌رنى [خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرىنى] بە‌ش ئايغىچە (‏چېكە‌تكىنىڭ ئوتتۇ‌رىچە ياشاش ئۆمۈرى)‏ ئازابلايدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 9:‏4،‏ 5‏)‏.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان خىزمە‌تچىلىرى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئۇ‌لار بۇ رە‌زىل دۇ‌نيا تۈزۈمى ھە‌ققىدە خۇ‌دانىڭ سوت خە‌ۋىرىنى جاسارە‌ت بىلە‌ن جاكارلاپ،‏ بۇ دۇ‌نيانى قوللايدىغان كىشىلە‌رنى ئازابلىغاندە‌ك بولىدۇ.‏

9.‏ ۋە‌ھىي ۋە يوئېل كىتابلىرىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنىڭ ئارىسىدا قانداق مۇ‌ھىم پە‌رقلە‌ر بار؟‏

9 ئە‌لۋە‌تتە،‏ ۋە‌ھىي ۋە يوئېل كىتابلىرىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ،‏ ئە‌مما ئۇ‌لارنىڭ ئارىسىدا مۇ‌ھىم پە‌رقلە‌رمۇ بار.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر چېكە‌تكىلە‌رنىڭ ئۆسۈملۈكلە‌رنى يە‌پ ۋە‌يران قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يوئېل 1:‏4،‏ 6،‏ 7‏)‏.‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن ۋە‌ھىيدىكى چېكە‌تكىلە‌ر بولسا،‏ «يە‌ردىكى ھېچبىر ئۆسۈملۈككە» زىيان كە‌لتۈرمە‌سلىكى كېرە‌ك ئىدى (‏ۋە‌ھىي.‏ 9:‏4‏)‏.‏ يوئېل كۆرگە‌ن چېكە‌تكىلە‌ر شىمالدىن كە‌لگە‌ن (‏يوئېل 2:‏20‏)‏.‏ يۇ‌ھاننا كۆرگە‌ن چېكە‌تكىلە‌ر ھاڭدىن چىققان (‏ۋە‌ھىي.‏ 9:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يوئېل كىتابىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن چېكە‌تكىلە‌ر يىراققا ھە‌يدە‌لگە‌ن.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدىكى چېكە‌تكىلە‌رگە بولسا،‏ ئىشىنى پۈتتۈرۈشكە يول قويۇ‌لغان.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لارنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ھېچنېمە يېزىلمىغان.‏—‏«‏ چېكە‌تكىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىدىكى مۇ‌ھىم پە‌رقلە‌ر‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

10.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى سىمۋوللار (‏نە‌رسىلە‌ر)‏ ئىككى تۈرلۈك مە‌نىدە ئىشلىتىلىشى مۇ‌مكىنلىكىنى كۆرسىتىدىغان مىسالنى كە‌لتۈرۈڭ.‏

10 بۇ ئىككى كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ ئارىسىدىكى پە‌رقلە‌ر ئۇ‌لارنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئە‌مە‌سلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏ دېمە‌ك،‏ يوئېل كىتابىدا تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن چېكە‌تكىلە‌ر ۋە ۋە‌ھىي كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان چېكە‌تكىلە‌ر ئوخشاش ئە‌مە‌س.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى بە‌زى سىمۋوللار (‏نە‌رسىلە‌ر)‏ ئىككى تۈرلۈك مە‌نىدە ئىشلىتىلىشى مۇ‌مكىن.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 5:‏5-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئە‌يسا «يە‌ھۇ‌دانىڭ ئە‌ۋلادى بولغان شىر» دە‌پ ئاتالغان.‏ 1-‏پېترۇ‌س 5:‏8-‏ئايە‌تتە بولسا،‏ شە‌يتان قاتراپ يۈرگە‌ن شىردە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ يۇ‌قىرىدىكى تۆت سە‌ۋە‌بلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يوئېلنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چۈشە‌نچىمىزنى ئۆزگە‌رتىشىمىز كېرە‌كلىكىگە كۆزۈمىز يە‌تتى.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ يوئېلنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى نېمىنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن؟‏

پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ مە‌نىسى

11.‏ يوئېل 1:‏6 ۋە 2‏:‏1،‏ 8،‏ 11-‏ئايە‌تلە‌ر چېكە‌تكىلە‌رنىڭ كىم ئىكە‌نلىكىنى چۈشىنىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

11 يوئېلنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زمۇ‌نغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رساق،‏ پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ ھە‌ربىي ھۇ‌جۇ‌م توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىقىنى چۈشىنىمىز (‏يوئېل 1:‏6؛‏ 2:‏1،‏ 8،‏ 11‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئىتائە‌تسىز ئىسرائىللارنى «ئۇ‌لۇ‌غ قوشۇ‌نىنىڭ» (‏بابىل ئە‌سكە‌رلىرىنىڭ)‏ ياردىمى بىلە‌ن جازالايدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يوئېل 2:‏25‏)‏.‏ بۇ قوشۇ‌ننىڭ «شىمالدىن كە‌لگۈچى» دە‌پ ئاتىلىشى ئورۇ‌نلۇ‌ق،‏ چۈنكى بابىللىقلار ئىسرائىلغا شىمالدىن ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ كېلە‌تتى (‏يوئېل 2:‏20‏)‏.‏ بابىل ئە‌سكە‌رلىرى تە‌شكىللە‌نگە‌ن چېكە‌تكىلە‌رگە ئوخشاش بولغان.‏ ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ھە‌ر [ئە‌سكە‌ر] ئۆز يولىدا ئىلگىرىلە‌يدۇ … شە‌ھە‌ر ئىچىگە بېسىپ كىرىدۇ،‏ سېپىل ئۈستىدە يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ.‏ ئۆيلە‌رگە يامىشىپ چىقىدۇ،‏ ئوغرىدە‌ك دېرىزىلە‌ردىن كىرىدۇ» (‏يوئېل 2:‏8،‏ 9‏)‏.‏ بۇ‌نى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭە:‏ ئە‌سكە‌رلە‌ر ھە‌ممە يە‌ردە؛‏ مۆكۈنىدىغان يە‌ر يوق؛‏ بابىللىقلارنىڭ قىلىچىدىن ھېچكىم قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايدۇ.‏

12.‏ يوئېلنىڭ چېكە‌تكىلە‌ر توغرىسىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

12 مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 607-‏يىلى بابىللىقلار (‏ياكى كالدانلار)‏ چېكە‌تكىلە‌رگە ئوخشاش يېرۇ‌سالىمغا بېسىپ كىرگە‌ن.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا مۇ‌نداق يېزىلغان:‏ كالدانلارنىڭ پادىشاھى «ئۇ‌لارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلە‌ن قىردى؛‏ مە‌يلى ياش يىگىت ياكى قىز،‏ قېرى ياكى تېنى ئاجىزغا رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت قىلمىدى.‏ خۇ‌دا ھە‌ممە نە‌رسىنى ئۇ‌نىڭ قولىغا تاپشۇ‌ردى.‏ ئۇ ھە‌ق خۇ‌دانىڭ ئىبادە‌تخانىسىنى كۆيدۈرۈۋە‌تتى،‏ يېرۇ‌سالىمنىڭ سېپىل تاملىرىنى چېقىپ يىقىتتى،‏ بارلىق مۇ‌ستە‌ھكە‌م مۇ‌نارلىرىنى كۆيدۈرۈۋە‌تتى،‏ قىممە‌تلىك ھە‌ممە نە‌رسىنى ۋە‌يران قىلىۋە‌تتى‏» (‏2-‏تارىخ.‏ 36:‏17،‏ 19‏)‏.‏ بابىللىقلار ئىسرائىل زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ،‏ ئۇ‌نى ۋە‌يران قىلغاندىن كېيىن،‏ ئادە‌ملە‌ر:‏ «ئۇ ئۆزى نە ئىنسان،‏ نە ھايۋان ياشىمايدىغان زېمىن،‏ ئاللىقاچان كالدانلارنىڭ قولىغا تاپشۇ‌رۇ‌لغان»،‏—‏ دە‌پلا ئېيتالىغان.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 32:‏43‏.‏

13.‏ يە‌رە‌مىيا 16:‏16،‏ 18-‏ئايە‌تلە‌رنىڭ مە‌نىسىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

13 يوئېل بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنى ئېيتقاندىن 200 يىل ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا يە‌رە‌مىيا ئارقىلىق مۇ‌شۇ ھۇ‌جۇ‌م توغرۇ‌لۇ‌ق يە‌نە بىر بېشارە‌تنى ئېيتقان.‏ يە‌رە‌مىيانىڭ ئېيتىشىچە،‏ ھۇ‌جۇ‌م قىلغۇ‌چىلار رە‌زىل ئىشلارنى قىلغان ئىسرائىللارنى ئىزدە‌پ،‏ ھېچبىرى قېچىپ قۇ‌تۇ‌لالمايتتى.‏ «يە‌ھۋا مۇ‌نداق جاكارلايدۇ:‏ ‹مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن بېلىقچىلارنى ئە‌ۋە‌تىۋاتىمە‌ن،‏ ئۇ‌لار بېلىق تۇ‌تقاندە‌ك ئىسرائىللارنى تۇ‌تىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن كېيىن،‏ مە‌ن نۇ‌رغۇ‌ن ئوۋچىلارنى ئە‌ۋە‌تىمە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئىسرائىللارنى ھە‌ر بىر تاغ ۋە ھە‌ر بىر تۆپىلىكلە‌ردىن،‏ قىيا تاشلارنىڭ يوچۇ‌قلىرىدىن ئوۋلاپ تۇ‌تۇ‌پ كېلىدۇ.‏ … ئاۋۋال،‏ مە‌ن ئۇ‌لارغا خاتالىقلىرى ۋە گۇ‌ناھلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك بارچە جازاسىنى بېرىمە‌ن».‏ توۋا قىلمىغان ئىسرائىللارنى بابىل ئە‌سكە‌رلىرىدىن ھېچقانداق دېڭىز-‏ئوكيانلار ياكى ئورمانلار ساقلاپ قالالمايتتى.‏—‏يە‌رە‌م.‏ 16:‏16،‏ 18‏.‏

ئە‌سلىگە كە‌لتۈرۈش

14.‏ يوئېل 2:‏28،‏ 29-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى قاچان ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

14 يوئېل پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتقان:‏ يە‌ر قايتىدىن گۈللىنىپ،‏ مول ھوسۇ‌ل بېرىدۇ (‏يوئېل 2:‏23—‏26‏)‏.‏ كېلە‌چە‌كتە بىر ۋاقىت كېلىدۇ‌كى،‏ روھىي ئوزۇ‌ق مول،‏ يېتە‌رلىك بولىدۇ.‏ يە‌ھۋا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «مە‌ن ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۈستىگە ئۆز روھۇ‌منى تۆكىمە‌ن.‏ سىلە‌رنىڭ ئوغۇ‌ل-‏قىزلىرىڭلار بېشارە‌ت يە‌تكۈزىدۇ،‏ … مە‌ن ھە‌تتا ئە‌ر ۋە ئايال چاكارلىرىمنىڭ ئۈستىگە روھۇ‌منى تۆكىمە‌ن» (‏يوئېل 2:‏28،‏ 29‏)‏.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆز ئىسرائىللار بابىلدىن ئۆز يۇ‌رتىغا قايتىپ كە‌لگە‌ندىن كېيىن دە‌رھال ئە‌مە‌لگە ئاشمىغان.‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارغا مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنى مىلادى 33-‏يىلنىڭ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا تۆككە‌ن.‏ بىز بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

15.‏ ئە‌لچىلە‌ر 2:‏16،‏ 17-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ پېترۇ‌س يوئېل 2:‏28-‏ئايە‌تتىكى قايسى سۆزلە‌رنى باشقىچە ئېيتقان؟‏ بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س روھنىڭ تە‌سىرى ئاستىدا،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س يوئېل 2:‏28،‏ 29-‏دىكى سۆزلە‌رنى ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدا يۈز بە‌رگە‌ن ئاجايىپ ۋە‌قە بىلە‌ن باغلىغان.‏ شۇ كۈنى تە‌خمىنە‌ن ئە‌تىگە‌ن سائە‌ت توققۇ‌زدا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س روھقا ئېرىشكە‌ن كىشىلە‌ر «خۇ‌دانىڭ ئۇ‌لۇ‌غ ئىشلىرى ھە‌ققىدە» سۆزلە‌شكە باشلىغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏11‏)‏.‏ خۇ‌دا روھىنىڭ يېتە‌كچىلىكى بىلە‌ن ئە‌لچى پېترۇ‌س يوئېل پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ سۆزلىرىنى سە‌ل باشقىچە ئېيتقان.‏ سىز ئۇ‌نىڭ قايسى سۆزلە‌رنى باشقىچە ئېيتقانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟‏ ‏(‏ئە‌لچىلە‌ر 2:‏16،‏ 17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ نە‌قىل كە‌لتۈرگە‌ن ئۈزۈندىنى «كېيىن» دېگە‌ن سۆز بىلە‌ن باشلاشنىڭ ئورنىغا،‏ پېترۇ‌س ‏«ئاخىرقى كۈنلە‌ردە»،‏ يە‌نى بۇ ئالدى-‏كە‌ينىدىكى مە‌زمۇ‌ندا يە‌ھۇ‌دىي تۈزۈمىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە،‏ خۇ‌دا ئۆز روھىنى «ھە‌ر تۈرلۈك ئادە‌ملە‌رنىڭ ئۈستىگە» تۆكىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ بۇ يوئېلنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئە‌مە‌لگە ئاشقۇ‌چە بىراز ۋاقىت ئۆتكە‌نلىكىنى كۆرسىتىدۇ.‏

16.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى بىرىنچى ئە‌سىردىكى ۋە‌ز ئىشىغا قانداق تە‌سىر قىلغان،‏ بۈگۈنكى كۈندىچۇ؟‏

16 خۇ‌دا بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھىيلە‌رگە مۇ‌قە‌ددە‌س روھنى تۆككە‌ندىن كېيىن،‏ ئۇ‌لار كېلە‌چە‌كتە پۈتۈن دۇ‌نياغا تارقىلىپ كېتىدىغان ۋە‌ز ئىشىنى باشلىغان.‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مىلادى 61-‏يىلى كولوسىدىكى ئېتىقادداشلارغا خە‌ت يازغاندا،‏ «ئاسمان ئاستىدىكى بارچە ئىنسانلار ئارىسىدا ۋە‌ز قىلىنغان» دە‌پ ئېيتالىغان (‏كولوسى.‏ 1:‏23‏)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كۈنلىرىدە «بارچە ئىنسانلار» شۇ زاماندىكى پاۋلۇ‌س ۋە باشقىلار سە‌پە‌ر قىلالىغان يە‌رلە‌رنى بىلدۈرىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ قۇ‌درە‌تلىك مۇ‌قە‌ددە‌س روھىنىڭ ياردىمى بىلە‌ن بۈگۈنكى كۈندە ۋە‌ز ئىشى تېخىمۇ كۆپ جايلارغا،‏ «يە‌ر يۈزىنىڭ چە‌ت ياقىلىرىغىچە» يە‌تمە‌كتە!‏—‏ئە‌لچى.‏ 13:‏47‏؛‏ «‏ خىزمە‌تچىلىرىمگە ئۆز روھۇ‌منى تۆكىمە‌ن‏» ناملىق رامكىغا قاراڭ.‏

نېمە ئۆزگە‌ردى؟‏

17.‏ يوئېلنىڭ چېكە‌تكىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چۈشە‌نچىمىز قانداق ئۆزگە‌ردى؟‏

17 شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ نېمە ئۆزگە‌ردى؟‏ ئە‌مدى يوئېل 2:‏7—‏9-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىگە قارىتا توغرا چۈشە‌نچىمىز بار.‏ ئېنىقكى،‏ بۇ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قىزغىن ۋە‌ز ئېتىش ئىشىمىز ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى مىلادىدىن بۇ‌رۇ‌نقى 607-‏يىلى بابىل ئە‌سكە‌رلىرىنىڭ يېرۇ‌سالىمنى بېسىۋالغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏

18.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە ئۆزگە‌رمىدى؟‏

18 نېمە ئۆزگە‌رمىدى؟‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى ھېچبىر پۇ‌رسە‌تنى قولدىن چىقارماي،‏ خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ھە‌ممە جايلاردا ۋە‌ز قىلماقتا (‏مە‌تتا 24:‏14‏)‏.‏ ھۆكۈمە‌ت ۋە‌ز ئىشىمىزنى مە‌نئىي قىلسىمۇ،‏ بىز ئۆز ۋە‌زىپىمىزنى ئورۇ‌نداشنى توختاتمايمىز.‏ خۇ‌دانىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ بىز پادىشاھلىق توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە‌ز قىلىش ئىشىنى بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا،‏ تېخىمۇ پائال قىزغىن قىلىۋاتىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بىز كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ يولباشچىلىقىغا تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ئۆز ۋاقتىدا «تولۇ‌ق ھە‌قىقە‌تنى» چۈشىنىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏—‏يۇ‌ھاننا 16:‏13‏.‏

48-‏ناخشا ھە‌ر كۈنى يە‌ھۋا بىلە‌ن يۈر!‏

a كۆپ يىللاردىن بۇ‌يان بىز يوئېل كىتابىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بابلىرىدا يېزىلغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىنى بۈگۈنكى كۈندىكى ۋە‌ز پائالىيىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك دە‌پ ئويلاپ كە‌لدۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ يوئېل ئېيتقان بېشارە‌تنىڭ بۇ قىسىمىنىڭ چۈشە‌نچىسىنى ئۆزگە‌رتىشنىڭ مۇ‌ھىم تۆت سە‌ۋە‌بى بار.‏ قانداق سە‌ۋە‌بلە‌ر؟‏

b مە‌سىلە‌ن،‏ «كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2009-‏يىل،‏ 15-‏ئاپرېل سانى 14—‏16-‏بە‌تلىرىدىكى «‏مە‌ۋجۇ‌داتلاردىن كۆرۈنىدىغان يە‌ھۋانىڭ دانالىقى‏» دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏