مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

17-‏تە‌تقىق ماقالىسى

‏«سىلە‌رنى دوستلىرىم دە‌يمە‌ن»‏

‏«سىلە‌رنى دوستلىرىم دە‌يمە‌ن»‏

‏«سىلە‌رنى دوستلار دە‌پ چاقىردىم.‏ چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھە‌ممىسىنى سىلە‌رگە ئاشكارا قىلدىم».‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏15‏.‏

5-‏ناخشا مە‌سىھ ئۈلگىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ بىرسى بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرە‌ك؟‏

 ئادە‌تتە،‏ بىرسى بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنى خالىسىڭىز،‏ ئاۋۋال شۇ ئادە‌م بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىڭىز كېرە‌ك.‏ بىر-‏بىرىڭلارغا ئوي-‏خىيال ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىڭلارنى ئېيتقاندا،‏ يېقىن بولۇ‌پ كېتىسىلە‌ر.‏ لېكىن،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىدىغان بە‌زى قىيىنچىلىقلار بار.‏ قانداق قىيىنچىلىقلار؟‏

2.‏ بىز دۇ‌چ كېلىدىغان بىرىنچى قىيىنچىلىق قانداق؟‏

2 بىرىنچى قىيىنچىلىق —‏ بىز ئە‌يسانى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرمىگە‌ن‏.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى نۇ‌رغۇ‌ن مە‌سىھ شاگىرتلىرىمۇ ئە‌يسانى ھېچقاچان كۆرمىگە‌ن.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئە‌لچى پېترۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «سىلە‌ر ئۇ‌نى ئە‌سلا كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ،‏ ئۇ‌نى سۆيىسىلە‌ر.‏ ھازىر ئۇ‌نى كۆرمىسە‌ڭلارمۇ،‏ ئۇ‌نىڭغا ئىشىنىسىلە‌ر» (‏1-‏پېتر.‏ 1:‏8‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسانى ئۆز كۆزۈمىز بىلە‌ن كۆرمىسە‌كمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش مۇ‌مكىن.‏

3.‏ دۇ‌چ كېلىدىغان ئىككىنچى قىيىنچىلىق قانداق؟‏

3 ئىككىنچى قىيىنچىلىق —‏ بىز ئە‌يسا بىلە‌ن سۆزلىشە‌لمە‌يمىز.‏ بىز دۇ‌ئا قىلغان چاغدا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن سۆزلىشىمىز.‏ گە‌رچە بىز دۇ‌ئانى ئە‌يسانىڭ ئىسمى بىلە‌ن قىلساقمۇ،‏ بىراق بىۋاستە ئۇ‌دۇ‌ل ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلە‌شمە‌يمىز.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزىمۇ ئۇ‌نىڭغا دۇ‌ئا قىلىشىمىزنى خالىمايدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ دۇ‌ئانىڭ ئۆزى ئىبادە‌تنىڭ بىر قىسمى ۋە ئىبادە‌ت قىلىشقا پە‌قە‌ت يە‌ھۋالا لايىقتۇ‌ر (‏مە‌تتا 4:‏10‏)‏.‏ گە‌رچە شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ بىز ئە‌يساغا ئۆز سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتمىزنى ئىپادىلىيە‌لە‌يمىز.‏

4.‏ ئۈچىنچى قىيىنچىلىق قانداق ۋە بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 ئۈچىنچى قىيىنچىلىق —‏ ئە‌يسا ئاسماندا ياشىغاچقا،‏ بىز ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ۋاقىت ئۆتكۈزە‌لمە‌يمىز.‏ ئە‌مما،‏ ئە‌يسانىڭ يېنىدا بولمىساقمۇ،‏ ئۇ ھە‌ققىدە كۆپ نە‌رسىلە‌رنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌شكە ياردە‌م بېرىدىغان تۆت نە‌رسىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ لېكىن،‏ ئاۋۋال ئە‌يسا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم ئىكە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏

نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش مۇ‌ھىم؟‏

5.‏ نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏ (‏«‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولالايمىز‏» ۋە «‏ ئە‌يساغا بولغان تە‌ڭپۇ‌ڭ كۆز قاراش‏» دېگە‌ن رامكىلارغا قاراڭ)‏

5 يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ بۇ‌نىڭ ئىككى سە‌ۋە‌بىنىلا كۆرە‌يلى.‏ بىرىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئۆز شاگىرتلىرىغا مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ «ئاتام سىلە‌رنى سۆيىدۇ،‏ چۈنكى سىلە‌ر مېنى سۆيدۈڭلار» (‏يۇ‌ھاننا 16:‏27‏)‏.‏ ئۇ يە‌نە مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «مېنىڭسىز ھېچكىم ئاتىغا كېلە‌لمە‌يدۇ» (‏يۇ‌ھاننا 14:‏6‏)‏.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولماي تۇ‌رۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شقا ئىنتىلىشنى بىر بىنا ئىچىگە ئىشىك ئارقىلىق ئە‌مە‌س،‏ باشقا يول بىلە‌ن كىرىشكە ھە‌رىكە‌ت قىلىش بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌شقا بولىدۇ.‏ ئە‌يسا بۇ‌نىڭغا ئوخشاش مىسالنى كە‌لتۈرۈپ،‏ ئۆزىنى «قويلار ئۈچۈن ئىشىك» دېگە‌ن (‏يۇ‌ھاننا 10:‏7‏)‏.‏ ئىككىنچىدىن،‏ ئە‌يسا ئاتىسىغا خاس بولغان خىسلە‌تلە‌رنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ئە‌كس ئە‌تتۈرگە‌ن.‏ ئۇ شاگىرتلىرىغا:‏ «مېنى كۆرگە‌ن كىشى،‏ ئاتامنى ھە‌م كۆرگە‌ن بولىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 14:‏9‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ يە‌ھۋا ھە‌ققىدە تۇ‌نۇ‌شقا ئىگە بولۇ‌شنىڭ ئە‌ڭ ياخشى يولى —‏ ئە‌يسانىڭ ھاياتىنى تە‌تقىق قىلىش.‏ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمىز.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز كۈچە‌يگە‌نسېرى،‏ ئۇ‌نىڭ ئاتىسى يە‌ھۋاغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىز ئاشىدۇ.‏

6.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌شنىڭ يە‌نە قانداق مۇ‌ھىم سە‌ۋە‌بى بار؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

6 دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شىمىز لازىم.‏ بۇ دۇ‌ئالىرىمىزنىڭ ئاخىرىدا مۇ‌نداقلا «ئە‌يسا ئىسىمى ئارقىلىق» دېيىشتىنمۇ كۆپ نە‌رسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.‏ يە‌ھۋانىڭ دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتە ئە‌يسانىڭ قانداق رولى بار ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق چۈشىنىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا ئە‌لچىلىرىگە مۇ‌نداق دە‌پ ئېيتقان:‏ «مېنىڭ ئىسىمىم بىلە‌ن نېمە تىلىسە‌ڭلار،‏ ئۇ‌نى قىلىمە‌ن»‏ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏13‏)‏.‏ پە‌قە‌ت يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزنى تىڭشاپ،‏ ئۇ‌لارغا جاۋاب بە‌رسىمۇ،‏ ئۇ چىقارغان قارارلىرىنى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌شنى ئە‌يساغا تاپشۇ‌رغان (‏مە‌تتا 28:‏18‏)‏.‏ يە‌ھۋا دۇ‌ئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئاۋۋال،‏ ئە‌يسانىڭ نە‌سىھىتىگە قۇ‌لاق سالغان ياكى سالمىغانلىقىمىزغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رىدۇ.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا:‏ «ئە‌گە‌ر سىلە‌ر باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرسە‌ڭلار،‏ ئاسماندىكى ئاتاڭلارمۇ سىلە‌رنى كە‌چۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ سىلە‌ر باشقىلارنىڭ گۇ‌ناھلىرىنى كە‌چۈرمىسە‌ڭلار،‏ ئاتاڭلارمۇ سىلە‌رنىڭ گۇ‌ناھلىرىڭلارنى كە‌چۈرمە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏مە‌تتا 6:‏14،‏ 15‏)‏.‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا بىزگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلسا،‏ بىزمۇ باشقىلارغا شۇ‌نداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز بە‌كمۇ مۇ‌ھىم!‏

7.‏ ئە‌يسانىڭ تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كىم كۆرە‌لە‌يدۇ؟‏

7 پە‌قە‌ت ئە‌يسانىڭ يېقىن دوستلىرى تۆلە‌م قۇ‌ربانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرە‌لە‌يدۇ.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏ ئە‌يسا «ئۆز جېنىنى دوستلىرى ئۈچۈن پىدا» قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏13‏)‏.‏ ئۇ يە‌رگە كېلىشتىن بۇ‌رۇ‌ن ياشىغان سادىق خىزمە‌تچىلە‌رمۇ ئۇ‌نى بىلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋانىڭ ئىبراھىم،‏ سارە،‏ مۇ‌سا ۋە راھابقا ئوخشاش سادىق خىزمە‌تچىلىرىمۇ تىرىلگە‌ندىن كېيىن مە‌ڭگۈ ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئە‌يسانىڭ دوستلىرى بولۇ‌شى لازىم.‏—‏يۇ‌ھاننا 17:‏3؛‏ ئە‌لچى.‏ 24:‏15؛‏ ئىبرانىي.‏ 11:‏8—‏12،‏ 24—‏26،‏ 31‏.‏

8،‏ 9.‏ يۇ‌ھاننا 15:‏4،‏ 5-‏ئايە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش نېمىگە يول ئاچىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

8 پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى خۇ‌شاللىق بىلە‌ن ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئارقىلىق بىز ئە‌يسا بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىمىز.‏ ئە‌يسا يە‌ر يۈزىدە ياشىغاندا ئۇ‌ستاز بولغان.‏ ئە‌رىشكە قايتقاندىن تا ھازىرغىچە ئۇ جامائە‌تنىڭ بېشى سۈپىتىدە ۋە‌ز قىلىش ۋە تە‌لىم بېرىش ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلىپ كە‌لمە‌كتە.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ قولۇ‌ڭىزدىن كە‌لگىنىچە باشقىلارغا ئۇ توغرۇ‌لۇ‌ق ۋە ئاتىسى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىشقا كۈچ سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئە‌يسا كۆرىدۇ ۋە بۇ‌نى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ بىزگە تاپشۇ‌رۇ‌لغان بۇ ئىشنى پە‌قە‌ت يە‌ھۋانىڭ ۋە ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشى بىلە‌ن ئورۇ‌نلىيالايمىز‏.‏—‏يۇ‌ھاننا 15:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

9 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىش ئۈچۈن ئە‌يساغا بولغان سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تنى يېتىلدۈرۈپ،‏ ئۇ‌نى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرە‌كلىكى ئېنىق ئېيتىلغان.‏ ئە‌يسانىڭ دوستى بولۇ‌ش ئۈچۈن قايسى تۆت قە‌دە‌منى باسالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

ئە‌يسا بىلە‌ن قانداق قىلىپ دوست بولالايمىز؟‏

ئە‌يسانىڭ دوستى بولۇ‌شنىڭ ئۇ‌سۇ‌للىرى:‏ (‏1)‏ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىۋېلىش،‏ (‏2)‏ ئە‌يسادە‌ك ئويلىنىش ۋە ھە‌رىكە‌ت قىلىش،‏ (‏3)‏ ئە‌يسانىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ۋە (‏4)‏ يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتىدىكى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى قوللاش.‏ (‏10—‏14-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ b

10.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن باسالايدىغان بىرىنچى قە‌دە‌م نېمە؟‏

10 ‏(‏1)‏ ئە‌يسا توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىۋېلىڭ.‏ بىز بۇ‌نى مە‌تتا،‏ مارك،‏ لۇ‌قا ۋە يوھاننا كىتابلىرىنى ئوقۇ‌ش ئارقىلىق قىلالايمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن ئە‌يسانىڭ ھاياتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئوقۇ‌پ،‏ مۇ‌لاھىزە قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ ئادە‌ملە‌رگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۆرمە‌تلە‌يدىغان بولىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرى ئۈچۈن خوجايىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنى قۇ‌ل دە‌پ قارىمىغان.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لارغا كۆڭلىدىكى ئوي-‏پىكىرلىرى بىلە‌ن ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 15:‏15‏)‏.‏ ئە‌يسا ئۇ‌لارنىڭ دە‌ردىگە دە‌رمان بولغان ۋە ئۇ‌لار يىغلىغاندا بىللە تە‌ڭ يىغلىغان (‏يۇ‌ھاننا 11:‏32—‏36‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزى ئېيتىپ يۈرگە‌ن خە‌ۋە‌رگە قۇ‌لاق سالغانلار بىلە‌ن دوست بولغانلىقىنى ھە‌تتا دۈشمە‌نلىرىمۇ بايقىغان (‏مە‌تتا 11:‏19‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ شاگىرتلىرىغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئالساق،‏ باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىمىز ياخشىلىنىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا،‏ ئۆزۈمىزنى تېخىمۇ بە‌ختلىك ھېس قىلىمىز ۋە مە‌سىھكە بولغان مىننە‌تدارلىقىمىز ئاشىدۇ.‏

11.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن باسالايدىغان ئىككىنچى قە‌دە‌م نېمە ۋە بۇ قە‌دە‌منى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

11 ‏(‏2)‏ ئە‌يسادە‌ك ئويلىنىڭ ۋە ھە‌رىكە‌ت قىلىڭ.‏ ئە‌يسانىڭ پىكىر قىلىش تە‌رزىنى ياخشىراق بىلىپ،‏ ئۇ‌نى ئۈلگە قىلساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىز يېقىنراق بولىدۇ (‏1-‏كورىنت.‏ 2:‏16‏)‏.‏ بىز ئە‌يسانى قانداق ئۈلگە قىلالايمىز؟‏ بىر مىسالنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئە‌يسا ئۆزى توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌مە‌س،‏ باشقىلارغا ياردە‌م بېرىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان (‏مە‌تتا 20:‏28؛‏ رىملىقلار 15:‏1—‏3‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ ھە‌رقاچان پىداكارلىق ۋە كە‌چۈرۈمچانلىق روھىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇ‌نىڭ توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان سۆزلىرىنى كۆڭلىگە ئالمىغان (‏يۇ‌ھاننا 1:‏46،‏ 47‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا ئادە‌منىڭ بۇ‌رۇ‌ن ئۆتكۈزگە‌ن خاتالىقلىرى ئە‌يسانىڭ شۇ ئادە‌مگە بولغان كۆزقارىشىغا تە‌سىر قىلىشىغا يول قويمىغان (‏1-‏تىموت.‏ 1:‏12—‏14‏)‏.‏ ئە‌يسا:‏ «ئە‌گە‌ر ئاراڭلاردا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت بولسا،‏ بۇ‌نىڭدىن ھە‌ممىسى سىلە‌رنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكە‌نلىكىڭلارنى بىلىدۇ»،‏—‏ دە‌پ ئېيتقان (‏يۇ‌ھاننا 13:‏35‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۆز-‏ئۆزۈمىزدىن:‏ «ئە‌يسادىن ئۈلگە ئېلىپ،‏ ئېتىقادداشلار بىلە‌ن تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن بار كۈچۈمنى چىقىرىۋاتىمە‌نمۇ؟‏»—‏ دە‌پ سورىساق ياخشى بولىدۇ.‏

12.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ ئۈچىنچى ئۇ‌سۇ‌لى قانداق ۋە بۇ قە‌دە‌منى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

12 ‏(‏3)‏ ئە‌يسانىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ.‏ ئە‌يسا ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمىزنى شە‌خسە‌ن ئۆزىگە قىلىنغاندە‌ك قوبۇ‌ل قىلىدۇ (‏مە‌تتا 25:‏34—‏40‏)‏.‏ مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌شنىڭ ئاساسىي يولى —‏ ئە‌يسا شاگىرتلىرىغا بە‌رگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قنى ئورۇ‌نلاپ،‏ پادىشاھلىق ھە‌ققىدىكى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ۋە‌ز قىلىش ۋە شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش ئىشىغا بار كۈچىمىزنى چىقىرىش (‏مە‌تتا 28:‏19،‏ 20؛‏ ئە‌لچى.‏ 10:‏42‏)‏.‏ ئە‌يسانىڭ مە‌سىھ قىلىنغان قېرىنداشلىرى پۈتكۈل دۇ‌نيا يۈزىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە‌ز پائالىيىتىنى پە‌قە‌ت ‹باشقا قويلارنىڭ› ياردىمى بىلە‌نلا ئورۇ‌ندىيالايدۇ (‏يۇ‌ھاننا 10:‏16‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر سىزمۇ باشقا قويلارنىڭ بىرى بولسىڭىز،‏ ۋە‌ز ئىشىغا قاتناشقانسېرى،‏ پە‌قە‌ت مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يسانىڭ ئۆزىگىمۇ سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسىتىسىز.‏

13.‏ ئە‌يسانىڭ لۇ‌قا 16:‏9-‏ئايە‌تلە‌ردىكى نە‌سىھىتىگە قانداق ئە‌مە‌ل قىلالايمىز؟‏

13 يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ يە‌نە بىر يولى —‏ ئۇ‌لار باشقۇ‌رۇ‌ۋاتقان ئىشنى ئىقتىسادى ياردە‌م بىلە‌ن قوللاش ‏(‏لۇ‌قا 16:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دۇ‌نياۋىي پائالىيىتىمىز ئۈچۈن ئىئانە بە‌رسە‌ك بولىدۇ.‏ بۇ ئىقتىسادى ياردە‌م يىراق يە‌رلە‌ردىكى ۋە‌ز ئىشى،‏ پاك ئىبادە‌تكە بېغىشلانغان قۇ‌رۇ‌لۇ‌شلارنى سېلىش ۋە ئاسراپ ساقلاش،‏ تە‌بىئىي ئاپە‌تلە‌ر ياكى باشقا ئىش-‏ۋە‌قە‌لە‌ر سە‌ۋە‌بلىك قىيىنچىلىق تارتىۋاتقانلارغا يار-‏يۆلە‌ك بولۇ‌شقا ئىشلىتىلىدۇ.‏ شۇ‌نىڭ بىلە‌ن،‏ ئۆز جامائىتىمىزنىڭ خىراجە‌تلىرى ئۈچۈنمۇ ئىئانە پۇ‌ل چىقىرالايمىز ۋە ئۆزۈمىز بىلىدىغان ياردە‌مگە مۇ‌ھتاج ئادە‌ملە‌رگە ياردە‌م قولىمىزنى سۇ‌نالايمىز (‏پە‌ند.‏ نە 19:‏17‏)‏.‏ شۇ‌نداق يوللار بىلە‌ن،‏ مە‌سىھنىڭ قېرىنداشلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىيە‌لە‌يمىز.‏

14.‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏15،‏ 16-‏ئايە‌تلە‌ردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌شنىڭ تۆتىنچى ئۇ‌سۇ‌لى قانداق؟‏

14 ‏(‏4)‏ يە‌ھـۋانى‍ـ‍ڭ تە‌شـكىـلاتىـدىكى ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى قوللاڭ.‏ بىزگە غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشقا تە‌يىنلە‌نگە‌ن بۇ‌رادە‌رلە‌ر بىلە‌ن ھە‌مكارلىشىش ئارقىلىق بىز جامائە‌تنىڭ بېشى ئە‌يسا بىلە‌ن دوستلۇ‌ق مۇ‌ناسىۋىتىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يمىز ‏(‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 4:‏15،‏ 16-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ بىز ئىبادە‌ت قىلىدىغان جايلارنىڭ ھە‌ممىسىدىن تولۇ‌ق پايدىلىنىش ئۈچۈن ھە‌رىكە‌ت قىلىمىز.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن بە‌زى جامائە‌تلە‌ر بىرلە‌شتۈرۈلۈپ،‏ جامائە‌تلە‌رنىڭ ۋە‌ز قىلىش رايونى ياكى تېررىتورىيىسى ئۆزگە‌رتىلگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئارقىلىق تە‌شكىلاتىمىز ئىختىيارىي ئىئانىلە‌رنىڭ كۆپىنچىسىنى تېجە‌پ قالالايدۇ.‏ لېكىن،‏ بۇ ئۆزگىرىشلە‌ر تۈپە‌يلىدىن بە‌زى قېرىنداشلارغا يېڭى ۋە‌زىيە‌تكە كۆنۈشكە توغرا كە‌لدى.‏ بۇ سادىق ئېتىقادداشلار نۇ‌رغۇ‌ن يىللار بىر جامائە‌تتە خىزمە‌ت قىلىپ،‏ بىر-‏بىرىنى بە‌ك ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ.‏ ئە‌مدى ئۇ‌لار باشقا جامائە‌تكە يۆتكىلىشى كېرە‌ك.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ سادىق شاگىرتلىرىنىڭ بۇ ئورۇ‌نلاشتۇ‌رۇ‌شنى قوللىغانلىقىنى كۆرگە‌ندە،‏ بە‌ك خۇ‌شال بولىدۇ!‏

ئە‌يسا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىز مە‌ڭگۈ

15.‏ كېلە‌چە‌كتە ئە‌يسا بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىز قانداق مۇ‌ستە‌ھكە‌ملىنىدۇ؟‏

15 مۇ‌قە‌ددە‌س روھ بىلە‌ن مە‌سىھ قىلىنغانلارنىڭ ئاسماندا ئە‌يسا بىلە‌ن مە‌ڭگۈ بىللە بولۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن خۇ‌دا پادىشاھلىقىنىڭ مىراسخورلىرى بولۇ‌ش ئۈمىدى بار.‏ ئۇ‌لار ئە‌مە‌لىيە‌تتە ئە‌يسا بىلە‌ن بىرگە بولىدۇ،‏ ئۇ‌نى ئۆز كۆزى بىلە‌ن كۆرىدۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن سۆزلىشىدۇ ۋە بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 14:‏2،‏ 3‏)‏.‏ يە‌ردە ياشاش ئۈمىدى بارلارمۇ ئە‌يسانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە مول بە‌رىكە‌تلىرىگە ئېرىشىدۇ.‏ گە‌رچە ئۇ‌لار ئە‌يسانى كۆرمىسىمۇ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن زىچ مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌پ،‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌مكىنچىلىك يارىتىپ بە‌رگە‌ن ھاياتلىقتىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىدۇ —‏يە‌شايا 9:‏6،‏ 7‏.‏

16.‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولساق،‏ قانداق بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز؟‏

16 ئە‌يسانىڭ تە‌كلىپىنى قوبۇ‌ل قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن دوست بولساق،‏ نۇ‌رغۇ‌ن بە‌رىكە‌تلە‌رگە ئېرىشىمىز.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ‌نىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتى ۋە قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىشىگە ئىگە بولىمىز.‏ بىزدە مە‌ڭگۈ ياشاش ئۈمىدى بار.‏ ئە‌ڭ مۇ‌ھىمى،‏ ئە‌يسا بىلە‌ن دوست بولۇ‌ش دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ ئاجايىپ دوستلۇ‌ققا يول ئاچىدۇ:‏ بىز ئۇ‌نىڭ ئاتىسى يە‌ھۋا بىلە‌ن يېقىن مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولالايمىز.‏ ئە‌يسانىڭ دوستى دە‌پ ئاتىلىش بىز ئۈچۈن نېمە دېگە‌ن چوڭ شان-‏شە‌رە‌پ،‏ ھە!‏

25-‏ناخشا ھە‌قىقىي شاگىرت بولۇ‌شنىڭ بە‌لگۈسى

a ئە‌لچىلە‌ر بىرنە‌چچە يىل ئە‌يسا بىلە‌ن ئارىلىشىپ،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بىللە ئە‌مگە‌ك قىلغان ۋە شۇ سە‌ۋە‌بتىن ئۇ‌لار دوست بولۇ‌پ كە‌تكە‌ن.‏ ئە‌يسا بىزنىڭمۇ ئۇ‌نىڭ دوستلىرى بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ،‏ ئە‌مما بىز ئە‌لچىلە‌ر دۇ‌چ كە‌لمىگە‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىمىز.‏ بۇ ماقالىدە شۇ قىيىنچىلىقلار توغرۇ‌لۇ‌ق مۇ‌لاھىزە قىلىنىدۇ ۋە ئە‌يسا بىلە‌ن يېقىن دوست بولۇ‌ش ئۈچۈن مە‌سلىھە‌تلە‌ر بېرىلىدۇ.‏

b سۈرە‌تلە‌ردە:‏ (‏1)‏ ئائىلىۋى ئىبادە‌تتە ئە‌يسانىڭ ھاياتى ۋە خىزمىتى توغرۇ‌لۇ‌ق ئۈگە‌نسە‌ك بولىدۇ.‏ (‏2)‏ جامائە‌تتىكى قېرىنداشلار بىلە‌ن ياخشى مۇ‌ناسىۋە‌تتە بولۇ‌ش ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى سېلىشىمىز كېرە‌ك.‏ (‏3)‏ ۋە‌ز خىزمىتىگە بار كۈچىمىزنى چىقىرىپ قاتنىشىش ئارقىلىق مايلانغان قېرىنداشلارنى قوللايمىز.‏ (‏4)‏ جامائە‌تلە‌ر بىرلە‌شتۈرۈلگە‌ندە،‏ بىز ئاقساقاللارنىڭ قارارىنى قوللايمىز.‏