مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

18-‏تە‌تقىق ماقالىسى

مۇ‌سابىقىنى ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈڭ

مۇ‌سابىقىنى ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈڭ

‏«مۇ‌سابىقىنى يۈگۈرۈپ تاماملىدىم».‏—‏2-‏تىموت.‏ 4:‏7‏.‏

154-‏ناخشا ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بېرىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ ھە‌ممىمىز نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

 بىرە‌ر يۈگۈرۈش مۇ‌سابىقىسىنىڭ قىيىن ئىكە‌نلىكىنى بىلسىڭىز،‏ بولۇ‌پمۇ ئاغرىۋاتقان ياكى ھېرىپ-‏چارچاپ تۇ‌رغان بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭغا قاتنىشىشنى خالامسىز؟‏ بە‌لكىم،‏ قاتناشمايسىز.‏ لېكىن،‏ ئە‌لچى پاۋلۇ‌س خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھە‌ممىسى مۇ‌سابىقىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان (‏ئىبرانىي.‏ 12:‏1‏)‏.‏ مە‌يلى ياش ياكى ياشانغان،‏ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولايلى،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بېرىدىغان مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ھە‌ممىمىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن ئاخىرغىچە يۈگۈرۈشىمىز لازىم.‏—‏مە‌تتا 24:‏13‏.‏

2.‏ 2-‏تىموتىي 4:‏7،‏ 8-‏ئايە‌تتە ئېيتىلغاندە‌ك،‏ پاۋلۇ‌س نېمە ئۈچۈن سۆز ئە‌ركىنلىكىگە ئىگە بولغان؟‏

2 پاۋلۇ‌س بۇ مۇ‌سابىقىنى ئاخىرىغىچە يۈگۈرۈپ بولغاچقا،‏ ئۇ‌نىڭ سۆز ئە‌ركىنلىكى بولغان ‏(‏2-‏تىموتىي 4:‏7،‏ 8-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌مما،‏ پاۋلۇ‌س نە‌ق قايسى مۇ‌سابىقە توغرۇ‌لۇ‌ق گە‌پ باشلىغان؟‏

بۇ قانداق مۇ‌سابىقە؟‏

3.‏ پاۋلۇ‌س قانداق مۇ‌سابىقە ھە‌ققىدە سۆزلىگە‌ن؟‏

3 بە‌زىدە پاۋلۇ‌س تە‌لىم بېرىش ئۈچۈن قە‌دىمقى گرېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگە‌ن ئويۇ‌نلارنى مىسال كە‌لتۈرگە‌ن (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏25—‏27؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏5‏)‏.‏ ئۇ بىرنە‌چچە قېتىم مە‌سىھىيلە‌رنىڭ ھاياتىنى يۈگۈرۈش مۇ‌سابىقىسى بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغان (‏1-‏كورىنت.‏ 9:‏24؛‏ گالاتىيا.‏ 2:‏2؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏16‏)‏.‏ ئىنسان ئۆزىنى يە‌ھۋا خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكە‌ندە،‏ شۇ مۇ‌سابىقىگە قاتنىشىشنى باشلايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا مە‌ڭگۈ ھاياتلىق مۇ‌كاپىتىنى بە‌رگە‌ندە،‏ ئادە‌م پە‌للىگە يېتىدۇ.‏—‏مە‌تتا 25:‏31—‏34،‏ 46؛‏ 2-‏تىموت.‏ 4:‏8‏.‏

4.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

4 ئۇ‌زۇ‌نغا يۈرۈش مۇ‌سابىقىسى بىلە‌ن خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ھاياتى ئارىسىدا كۆپ ئوخشاشلىقلار بار.‏ شۇ‌لارنىڭ ئۈچىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ بىرىنچىسى،‏ بىز توغرا يول بىلە‌ن يۈگۈرۈشىمىز كېرە‌ك.‏ ئىككىنچىسى،‏ كۆزىمىزنى ئاخىرقى پە‌للىگە تىكىشىمىز لازىم.‏ ئۈچىنچىسى،‏ يولدا دۇ‌چ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىمىز زۆرۈر.‏

توغرا يول بىلە‌ن يۈگۈرۈڭ

ھە‌ممىمىز خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ يولىدا مېڭىشىمىز كېرە‌ك (‏5—‏7-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ d

5.‏ بىز قانداق يولدا يۈگۈرۈشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

5 يۈگۈرۈش مۇ‌سابىقىسىگە قاتناشقۇ‌چى مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن مۇ‌سابىقە ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغۇ‌چىلار بە‌لگىلە‌پ بە‌رگە‌ن مە‌خسۇ‌س يولدا يۈگۈرۈشى كېرە‌ك.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ مە‌ڭگۈ ھايات مۇ‌كاپىتىغا ئىگە بولۇ‌شنى خالىساق،‏ بىز خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ يولى بىلە‌ن،‏ يە‌نى ھايات يولى بىلە‌ن يۈگۈرۈشىمىز لازىم (‏ئە‌لچى.‏ 20:‏24؛‏ 1-‏پېتر.‏ 2:‏21‏)‏.‏ ئە‌مما،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌گە‌شكە‌نلە‌ر بىزنىڭ باشقا يولنى تاللىشىمىزنى،‏ يە‌نى «ئۇ‌لار بىلە‌ن بىر يولدا» يۈگۈرۈشىمىزنى خالايدۇ (‏1-‏پېتر.‏ 4:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌لار بىز تاللىغان يولنى زاڭلىق قىلىپ،‏ بىزنى ئۇ‌لارنىڭ يولى ياخشىراق ۋە ئە‌ركىنلىك بېرىدۇ،‏ دە‌پ ئىشە‌ندۈرمە‌كچى.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لارنىڭ سۆزلىرى يالغاندۇ‌ر.‏—‏2-‏پېتر.‏ 2:‏19‏.‏

6.‏ برايېننىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالدىڭىز؟‏

6 شە‌يتان دۇ‌نياسىنىڭ تە‌سىرىگە بېرىلگە‌ن كىشىلە‌ر بىلە‌ن يۈگۈرۈشنى تاللىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي بۇ يولنىڭ ئە‌ركىنلىككە ئە‌مە‌س،‏ قۇ‌للۇ‌ققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ (‏رىملىقلار 6:‏16‏)‏.‏ برايېننىڭ مىسالىنى كۆرۈپ چىقايلى.‏ ئاتا-‏ئانىسى ئۇ‌نى خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىشقا دە‌ۋە‌ت قىلغان.‏ لېكىن،‏ ئۆسمۈرلۈك چېغىدا ئۇ بۇ يولنىڭ ئۆزىنى بە‌ختلىك قىلىدىغانلىقىغا گۇ‌مانلانغان.‏ برايېن شە‌يتاننىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشايدىغان ئادە‌ملە‌رگە قوشۇ‌لۇ‌پ يۈگۈرۈشنى قارار قىلغان.‏ «مە‌ن ئارزۇ قىلغان ‹ئە‌ركىنلىك› مېنى يامان نە‌رسىگە خۇ‌مار بولۇ‌ش تۇ‌زىقىغا چۈشۈرىدىغانلىقى ئۇ‌خلىساممۇ چۈشۈمگە كىرمىگە‌نىدى.‏ ۋاقىت ئۆتۈپ مە‌ن نە‌شە چېكىپ،‏ ھاراقكە‌شلىككە بېرىلىپ،‏ ئە‌خلاقسىز ھايات كە‌چۈردۈم.‏ بىرنە‌چچە يىل كۈچلۈكرە‌ك تە‌سىر قىلىدىغان زە‌ھە‌رلىك چېكىملىكلە‌رنى ئىستىمال قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنىڭ قۇ‌لىغا ئايلاندىم.‏ … پۇ‌ل تېپىش ئۈچۈن مە‌ن زە‌ھە‌رلىك چېكىملىك سېتىشنى باشلىدىم»،‏—‏ دە‌يدۇ برايېن.‏ لېكىن،‏ بە‌ختكە يارىشا،‏ كېيىن ئۇ يە‌ھۋانىڭ ئۆلچە‌ملىرى بويىچە ياشاشنى قارار قىلغانىدى.‏ ئۇ ھايات تە‌رزىنى ئۆزگە‌رتىپ،‏ 2001-‏يىلى چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتكە‌ن.‏ ھازىر ئۇ مە‌سىھ كۆرسە‌تكە‌ن ھايات يولىنى تاللىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇ‌رسە‌ن b‏.‏

7.‏ مە‌تتا 7:‏13،‏ 14-‏ئايە‌تكە ئاساسە‌ن،‏ قانداق ئىككى يول بار؟‏

7 توغرا يولدا يۈگۈرۈشىمىز بە‌ك مۇ‌ھىم!‏ شە‌يتان بىزنىڭ «ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان» تار يول بىلە‌ن مېڭىشنى توختىتىپ،‏ بۇ دۇ‌نيادىكى كىشىلە‌رنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى يۈرىدىغان كە‌ڭ يولدا مېڭىشىمىزنى خالايدۇ.‏ بۇ يول ھە‌ممىگە مە‌لۇ‌م ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن مېڭىش بە‌ك ئاسانلا.‏ ئە‌مما،‏ بۇ يول «ھالاكە‌تكە» ئېلىپ بارىدۇ ‏(‏مە‌تتا 7:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ توغرا يولدا يۈرۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ش ۋە شۇ يولدىن چە‌تنە‌پ كە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن بىز يە‌ھۋاغا تايىنىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا بويسۇ‌نۇ‌شىمىز كېرە‌ك.‏

مۇ‌كاپاتقا كۆز تىكىپ،‏ ئۆزىڭىز پۇ‌تلاشماڭ ۋە باشقىلارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولماڭ

مۇ‌كاپاتقا كۆز تىكىشىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولماسلىقىمىز كېرە‌ك (‏8—‏12-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ e

8.‏ يۈگۈرگۈچى پۇ‌تلىشىپ يىقىلىپ كە‌تسە،‏ نېمە قىلىدۇ؟‏

8 ئۇ‌زۇ‌ن يولغا يۈگۈرۈش مۇ‌سابىقىدە يۈگۈرگۈچىلە‌ر پۇ‌تلىشىپ كە‌تمە‌سلىك ئۈچۈن كۆز ئالدىدىكى يولغا قارايدۇ.‏ بىراق،‏ ئۇ‌لار بايقىماستىن يېنىدىكى يۈگۈرگۈچىلە‌رگە ياكى يولدىكى چوڭقۇ‌ر-‏ئويمانلارغا دە‌سسە‌پ پۇ‌تلىشىپ قېلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌گە‌ر يىقىلىپ چۈشسە،‏ ئۇ‌لار قايتىدىن قوپۇ‌پ،‏ داۋاملىق يۈگۈرىدۇ.‏ ئۇ‌لار بار دىققىتىنى پۇ‌تلىشىپ كېتىدىغان نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ پە‌للىگە ۋە مۇ‌كاپاتقا قارىتىدۇ.‏

9.‏ پۇ‌تلىشىپ يىقىلىپ قالساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

9 ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقاندا،‏ بىز گە‌پ-‏سۆزلىرىمىز ياكى ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىمىزدە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ،‏ كۆپ قېتىم پۇ‌تلىشىپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ ياكى بولمىسا،‏ يېنىمىزدا يۈگۈرۈۋاتقانلارنىڭ خاتالىقلىرى كۆڭلىمىزگە ئېغىر كېلىشى مۇ‌مكىن.‏ بۇ بىزنى ھە‌يران قالدۇ‌رماسلىقى كېرە‌ك.‏ چۈنكى،‏ ھە‌ممىمىز نامۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچقا ۋە تار يولدا يۈگۈرۈۋاتقاچقا،‏ بە‌زىدە بىر-‏بىرىمىزگە سوقۇ‌لۇ‌پ كېتىپ قالىمىز.‏ پاۋلۇ‌س بە‌زىدە بىرنىڭ باشقا بىرىمىزگە «شىكايىتى بار» بولىدىغانلىقىنى چۈشە‌نگە‌ن (‏كولوسى.‏ 3:‏13‏)‏.‏ لېكىن،‏ پۇ‌تلىكاشاڭ بولىدىغان نە‌رسىلە‌رگە ئە‌مە‌س،‏ كېلە‌چە‌كتە ئالىدىغان مۇ‌كاپاتىمىزغا كۆز تىكە‌يلى.‏ پۇ‌تلىشىپ قالساق،‏ ئورنىمىزدىن تۇ‌رۇ‌پ،‏ داۋاملىق يۈگۈرە‌يلى.‏ ئە‌گە‌ر ئاداۋە‌ت ساقلاپ،‏ قايتا ئورنىمىزدىن تۇ‌رۇ‌شنى رە‌ت قىلساق،‏ مۇ‌سابىقىنىڭ ئاخىرقى پە‌للىسىگە يېتە‌لمە‌ي قېلىپ،‏ مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لمە‌يمىز.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھاياتقا ئاپىرىدىغان تار يول بىلە‌ن يۈگۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان باشقا ئادە‌ملە‌رگىمۇ توسالغۇ‌لۇ‌ق قىلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

10.‏ باشقىلار ئۈچۈن «پۇ‌تلىكاشاڭ تاش» بولۇ‌پ قېلىشتىن قانداق نېرى بولالايمىز؟‏

10 باشقىلار ئۈچۈن «پۇ‌تلىكاشاڭ تاش» بولماسلىقنىڭ بىر يولى —‏ ئۆزىمىزنىڭ دېگىنىمىزدە چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماي،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئوي-‏پىكىرىنى نە‌زە‌رگە ئېلىش (‏رىملىقلار 14:‏13،‏ 19—‏21؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 8:‏9،‏ 13‏)‏.‏ شۇ چاغدا،‏ بىز مۇ‌سابىقىدىكى يۈگۈرگۈچىلە‌رگە ئوخشىمايمىز.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن بە‌سلىشىپ،‏ ھە‌ربىرى ئۆزى ئۈچۈن مۇ‌كاپات ئېلىشقا ئىنتىلىدۇ.‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئۆز-‏ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ ئۇ‌لار ئالغا بېسىش ئۈچۈن ھە‌تتا باشقىلارنى ئىتتىرىۋېتىشى مۇ‌مكىن.‏ بىز بولساق،‏ بىر-‏بىرىمىز بىلە‌ن بە‌سلە‌شمە‌يمىز (‏گالاتىيا.‏ 5:‏26؛‏ 6:‏4‏)‏.‏ بىزنىڭ مە‌قسىتىمىز —‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ئادە‌ملە‌رنىڭ بىز بىلە‌ن بىرلىكتە مۇ‌سابىقىنى ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ،‏ ھايات مۇ‌كاپاتىغا ئېرىشىشىگە ياردە‌م بېرىش.‏ شۇ‌ڭا،‏ پاۋلۇ‌سنىڭ:‏ «پە‌قە‌ت ئۆز مە‌نپە‌ئە‌تىڭلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلماي،‏ باشقىلارنىڭمۇ مە‌نپە‌ئە‌تلىرىنى ئويلاڭلار»،‏—‏ دېگە‌ن سۆزلىرىگە قۇ‌لاق سېلىشقا كۈچ چىقىرىمىز.‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏4‏.‏

11.‏ يۈگۈرگۈچى نېمىگە كۆز تىكىشى كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

11 يۈگۈرگۈچى دىققىتىنى پە‌قە‌ت يولغىلا ئە‌مە‌س،‏ يېتىش كېرە‌ك پە‌للىگىمۇ قارىتىدۇ.‏ ئۇ پە‌للىنى تېخى ئۆز كۆزلىرى بىلە‌ن كۆرمىسىمۇ،‏ ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈپ،‏ مۇ‌كاپاتنى ئېلىۋاتقانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايدۇ.‏ كۆزىنى مۇ‌كاپاتقا تىكىش يۈگۈرگۈچىگە توختاپ قالماي يۈگۈرۈشكە كۈچ بېرىدۇ.‏

12.‏ يە‌ھۋا بىزگە نېمىنى بېرىشنى خالايدۇ؟‏

12 خىزمە‌تچىلىرى ھايات مۇ‌سابىقىسىنى ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرۈپ چىقسا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌لارغا چوقۇ‌م بىر مۇ‌كاپات بېرىدۇ.‏ بۇ —‏ ئاسماندىكى ياكى يە‌ردىكى مە‌ڭگۈ ھايات.‏ خۇ‌دا سۆزىدە بۇ مۇ‌كاپات توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپ مە‌لۇ‌ماتلار يېزىلغان.‏ شۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ كېلە‌چە‌كتىكى ھاياتىمىزنىڭ نە‌قە‌دە‌ر گۈزە‌ل بولىدىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلالايمىز.‏ ئۈمىدىمىزنى ھە‌رقاچان يادىمىزدا تۇ‌تساق،‏ ھېچنە‌رسىنىڭ بىز ئۈچۈن پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌شىغا يول قويمايمىز.‏

قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن،‏ يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن ھايات مۇ‌سابىقىسىدە داۋاملىق يۈگۈرە‌يلى (‏13—‏20-‏ئابزاسلارغا قاراڭ)‏ f

13.‏ گرېتسىيىدىكى يۈگۈرگۈچىلە‌ردىن بىزنىڭ قانداق ئارتۇ‌قچىلىقىمىز بار؟‏

13 گرېتسىيىدىكى مۇ‌سابىقە ئويۇ‌نلىرىغا قاتناشقان يۈگۈرگۈچىلە‌ر قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن:‏ ئۇ‌لار ھېرىپ-‏چارچىغان ۋە بە‌دە‌نلىرى ئاغرىغان.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ‌لار پە‌قە‌ت ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە مۇ‌سابىقىدىن بۇ‌رۇ‌ن قىلغان مە‌شققە تايانغان.‏ بىزمۇ ئۇ‌لارغا ئوخشاش ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرۈشنى ئۆگە‌ندۇ‌ق.‏ لېكىن،‏ بىزنىڭ ئۇ‌لاردىن بىر ئارتۇ‌قچىلىق تە‌رىپىمىز بار —‏ بىز ھېچ تۈگىمە‌يدىغان كۈچ مە‌نبە‌سىدىن كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت ئالالايمىز.‏ يە‌ھۋاغا تايانساق،‏ ئۇ بىزنى ئۆگىتىپلا قويماي،‏ بىزگە كۈچ بېرىشنىمۇ ۋە‌دە قىلىدۇ.‏—‏1-‏پېتر.‏ 5:‏10‏.‏

14.‏ 2-‏كورىنتلىقلار 12:‏9،‏ 10-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە قانداق ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

14 پاۋلۇ‌س نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ باشقىلار ئۇ‌نى خورلىغان ۋە ئۇ‌نىڭغا زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏ بۇ ئاز كە‌لگە‌ندە‌ك،‏ بە‌زىدە ئۇ ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان ۋە ئۇ‌نىڭ تېنىگە سانجىلغان تىكە‌ندە‌ك قىيىنچىلىق بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا توغرا كە‌لگە‌ن (‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏7‏)‏.‏ بۇ‌نىڭغا قارىماستىن،‏ پاۋلۇ‌س شۇ قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلىدىن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى توختىتىشنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋاغا تايىنىشنىڭ پۇ‌رسىتى دە‌پ قارىغان ‏(‏2-‏كورىنتلىقلار 12:‏9،‏ 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ كۆز قارىشى شۇ‌نداق بولغاچقا،‏ يە‌ھۋا ئۇ‌نىڭغا ھە‌ممە قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىشكە ياردە‌م بە‌رگە‌ن.‏

15.‏ پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئالساق،‏ نېمىنى ھېس قىلالايمىز؟‏

15 بىزمۇ ئېتىقادىمىز ئۈچۈن زاڭلىق ياكى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ شۇ‌نداقلا سالامە‌تلىكىمىز ناچارلىشىشى ياكى بىز ناھايىتى چارچاپ كېتىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ پاۋلۇ‌ستىن ئۈلگە ئالساق،‏ بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ھە‌ممىسى خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏شە‌پقىتىنى ھېس قىلىشقا پۇ‌رسە‌ت يارىتىدۇ.‏

16.‏ سالامە‌تلىكىڭىز ناچار بولسىمۇ،‏ نېمە قىلالايسىز؟‏

16 بە‌لكىم،‏ سىز ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ يېتىپ قالغان ياكى مېيىپلار ھارۋۇ‌سى بىلە‌ن يۈرىدىغانسىز.‏ بولمىسا،‏ پۇ‌تلىرىڭىز ئاغرىپ ياكى كۆزلىرىڭىز ناچار كۆرىدىغاندۇ.‏ ئە‌گە‌ر شۇ‌نداق بولسا،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋىتى ئېشىپ تاشقان ياشلار بىلە‌ن بىللە ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرە‌لە‌مسىز؟‏ ئە‌لۋە‌تتە!‏ كۆپلىگە‌ن ياشانغانلار ۋە ئاجىز جانلار ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرمە‌كتە.‏ ئۇ‌لار بۇ‌نى ئۆز كۈچى بىلە‌ن قىلالمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار جامائە‌ت يىغىلىشلىرىنى فىلىم ئۇ‌لانمىسى ئارقىلىق كۆرۈپ ياكى تېلېفون ئارقىلىق تىڭشاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دادىن كۈچ ئالالايدۇ.‏ ئۇ‌لار دوختۇ‌رلارغا،‏ سېستىرالارغا ۋە ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىغا ۋە‌ز قىلىپ،‏ شاگىرت تە‌ييارلاش ئىشىغا قاتنىشىدۇ.‏

17.‏ يە‌ھۋا مۇ‌مكىنچىلىكى چە‌كلىك قېرىنداشلارغا قانداق قارايدۇ؟‏

17 مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز چە‌كلىك بولغاچقا،‏ كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇ‌پ،‏ ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرۈش قولۇ‌مدىن كە‌لمە‌يدۇ،‏ دە‌پ ئۈمىدسىزلە‌نمە‌ڭ.‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا سىزنى ئىمان-‏ئېتىقاد ۋە سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن يۈگۈرگىنىڭىز ئۈچۈن بە‌ك ياخشى كۆرىدۇ.‏ ھازىر سىز يە‌ھۋانىڭ ياردىمىگە بۇ‌رۇ‌نقىغا قارىغاندا تېخىمۇ بە‌ك مۇ‌ھتاج ۋە ئۇ سىزنى ھېچقاچان تاشلىمايدۇ (‏زە‌بۇ‌ر 9:‏10‏)‏.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ سىزگە تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ.‏ سالامە‌تلىكى ناچارلىشىپ،‏ قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىۋاتقان بىر قېرىنداشنىڭ سۆزلىرىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «سالامە‌تلىكىم ناچارلاشقانسېرى،‏ باشقىلارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىش پۇ‌رسە‌تلىرىمنىڭ ئازايغانلىقىنى چۈشە‌ندىم.‏ لېكىن،‏ مېنىڭ ئازىراق بولسىمۇ كۈچ چىقارغانلىقىمنىڭ ئۆزى يە‌ھۋانىڭ يۈرىكىنى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ.‏ بۇ‌نى بىلىش مېنى خۇ‌شال قىلىدۇ».‏ چۈشكۈنلۈككە چۈشكە‌ن چاغدا،‏ ئۆزىڭىزنىڭ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌سلىكىنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ پاۋلۇ‌سنىڭ ئۈلگىسى ۋە مۇ‌شۇ سۆزلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلاپ كۆرۈڭ:‏ «قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ن چاغلاردا شاد-‏خۇ‌رام بولىمە‌ن.‏ چۈنكى،‏ قاچان مە‌ن ئاجىز بولسام،‏ شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمە‌ن».‏—‏2-‏كورىنت.‏ 12:‏10‏.‏

18.‏ بە‌زىلە‌ر قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كېلىشى مۇ‌مكىن؟‏

18 ھايات مۇ‌سابىقىسىدە يۈگۈرۈۋاتقانلارنىڭ بە‌زىلىرى باشقا بىر قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىۋاتىدۇ.‏ ئۇ‌لار مۇ‌مكىن باشقىلار بايقىمايدىغان ياكى چۈشە‌نمە‌يدىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇ‌چرىماقتا.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارغا چۈشكۈنلۈك ياكى غە‌م-‏تە‌شۋىشلە‌ر بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ نېمە ئۈچۈن يە‌ھۋانىڭ بۇ ئە‌زىز خىزمە‌تچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى بە‌ك ئېغىر دە‌پ ئېيتىشقا بولىدۇ؟‏ چۈنكى،‏ ئە‌گە‌ر بىرسى قولىنى سۇ‌ندۇ‌رۇ‌ۋالسا ياكى مېيىپلار ھارۋۇ‌سىدا ئولتۇ‌رسا،‏ ئۇ‌نىڭ قىيىنچىلىقىنى ھە‌ممىسى كۆرۈپ،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىشنى خالايدۇ.‏ لېكىن،‏ پىسخىكىلىق ياكى ھېس-‏تۇ‌يغۇ جە‌ھە‌تتىن قىيىنچىلىقى بار ئادە‌منى ھېچكىم قىيىن ئە‌ھۋالدا دە‌پ ئويلىماسلىقى مۇ‌مكىن.‏ ئۇ‌لار قولىنى ياكى پۇ‌تىنى سۇ‌ندۇ‌رۇ‌ۋالغان ئادە‌مگە ئوخشاشلا ئازاب چە‌كسىمۇ،‏ باشقىلار ئۇ‌لارنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرمىگە‌چ،‏ ئۇ‌لارغا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تمە‌سلىكى ۋە غە‌مخورلۇ‌ق قىلماسلىقى مۇ‌مكىن.‏

19.‏ مىفىبوشە‌تنىڭ ئۈلگىسىدىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

19 قىيىنچىلىقلىرىڭىز تۈپە‌يلىدىن يە‌ھۋاغا ئۆزىڭىز خالىغاندە‌ك كۆپ خىزمە‌ت قىلالمىسىڭىز ياكى باشقىلار سىزنى چۈشە‌نمە‌يۋاتقاندە‌ك ھېس قىلسىڭىز،‏ مىفىبوشە‌تنىڭ ئۈلگىسى سىزگە تە‌سە‌للى بېرە‌لە‌يدۇ (‏2-‏سام.‏ 4:‏4‏)‏.‏ ئۇ‌مۇ ئاجىز بولغان ۋە داۋۇ‌ت پادىشاھنىڭ ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىسىگە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن.‏ مىفىبوشە‌ت بۇ‌نىڭغا ئە‌يىبلىك بولمىسىمۇ،‏ يامان ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لارغا بېرىلىش ياكى ئاداۋە‌ت ساقلاشنىڭ ئورنىغا،‏ ھاياتىدىكى ياخشى نە‌رسىلە‌رگە شۈكۈر قىلغان.‏ ئۇ داۋۇ‌تنىڭ بۇ‌رۇ‌ن ئۆزىگە كۆرسە‌تكە‌ن مېھىر-‏شە‌پقىتى ئۈچۈن مىننە‌تدار بولغان (‏2-‏سام.‏ 9:‏6—‏10‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ داۋۇ‌ت ئۇ‌نىڭغا ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلە قىلغاندا،‏ مىفىبوشە‌ت ۋە‌زىيە‌تكە ھە‌ر تە‌رە‌پتىن نە‌زە‌ر سالغان.‏ ئۇ داۋۇ‌تقا خاتالىقى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىغان ۋە بۇ‌نىڭ ئۈچۈن خۇ‌دانى ئە‌يىبلىمىگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ يە‌ھۋا تە‌يىنلىگە‌ن پادىشاھنى قوللاش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئويلىغان (‏2-‏سام.‏ 16:‏1—‏4؛‏ 19:‏24—‏30‏)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ مە‌نپە‌ئە‌تىمىزنى ئويلاپ،‏ مىفىبوشە‌تنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا يازدۇ‌رغان.‏—‏رىملىقلار 15:‏4‏.‏

20.‏ غە‌م-‏تە‌شۋىش بە‌زىلە‌رگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ،‏ لېكىن ئۇ‌لارنىڭ نېمىگە ئىشە‌نچى كامىل؟‏

20 قاتتىق غە‌م-‏تە‌شۋىش تۈپە‌يلىدىن بە‌زى قېرىنداشلار باشقىلارنىڭ يېنىدا ھودۇ‌قۇ‌پ،‏ ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالمايدۇ.‏ كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا بولۇ‌ش ئۇ‌لار ئۈچۈن بە‌ك قىيىن بولسىمۇ،‏ شۇ قېرىنداشلار جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلارغا كېلىشنى توختاتمايدۇ.‏ ناتونۇ‌ش ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىش قىيىن بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لار ۋە‌زگە چىقىپ،‏ ئادە‌ملە‌ر بىلە‌ن سۆزلىشىدۇ.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تتە بولسىڭىز،‏ يالغۇ‌ز ئە‌مە‌سلىكىڭىزنى ئۇ‌نتۇ‌ماڭ.‏ كۆپ ئادە‌م سىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لمە‌كتە.‏ ئە‌مما،‏ خۇ‌دا تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرۈپ خۇ‌شال بولىدۇ.‏ سىزنىڭ بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ي،‏ داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىۋاتقانلىقىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ سىزنى بە‌رىكە‌تلە‌پ،‏ كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌ت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ c (‏فىلىپى.‏ 4:‏6،‏ 7؛‏ 1-‏پېتر.‏ 5:‏7‏)‏.‏ مۇ‌مكىنچىلىكىڭىز چە‌كلىك بولغانلىقىغا قارىماستىن يە‌ھۋا خۇ‌داغا خىزمە‌ت قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ يۈرىكىنى خۇ‌شال قىلىۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشە‌نچىڭىز كامىل بولسۇ‌ن.‏

21.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن نېمە قىلالايمىز؟‏

21 بە‌ختكە يارىشا،‏ ئادە‌تتىكى مۇ‌سابىقە بىلە‌ن پاۋلۇ‌س تىلغا ئالغان مۇ‌سابىقە ئارىسىدا پە‌رق بار.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب يېزىلغان زاماندىكى مۇ‌سابىقىلە‌ردە پە‌قە‌ت بىر ئادە‌م يە‌ڭگە‌ن.‏ لېكىن،‏ ھاياتلىق مۇ‌سابىقىسىدە ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌ممىسى مە‌ڭگۈلۈك ھايات مۇ‌كاپىتىغا ئېرىشىدۇ (‏يۇ‌ھاننا 3:‏16‏)‏.‏ ئادە‌تتىكى مۇ‌سابىقىگە قاتناشقانلارنىڭ ھە‌ممىسىنىڭ سالامە‌تلىكى ياخشى بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى،‏ ئە‌كسىچە بولغاندا مۇ‌كاپاتقا ئېرىشە‌لمە‌يتتى.‏ بىراق،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىمىزنىڭ سالامە‌تلىكى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ،‏ بىز سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن يۈگۈرمە‌كتە (‏2-‏كورىنت.‏ 4:‏16‏)‏.‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمى بىلە‌ن مۇ‌كاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن،‏ ھايات مۇ‌سابىقىسىدە ئاخىرقى پە‌للىگىچە يۈگۈرە‌لە‌يمىز!‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا

a يە‌ھۋانىڭ نۇ‌رغۇ‌ن خىزمە‌تچىلىرى ياشىنىپ قالغاچ،‏ قېرىلىقنىڭ دە‌ردىنى تارتماقتا.‏ بە‌زىلىرى ئېغىر كېسە‌لگە گىرىپتار بولۇ‌پ،‏ ئۆزىنى بە‌ك ئاجىز ھېس قىلماقتا.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ ھە‌ممىمىز بە‌زىدە ھېرىپ چارچايمىز.‏ شۇ‌ڭا،‏ ھايات ئۈچۈن مۇ‌سابىقىگە قاتنىشىش قىيىن بولۇ‌پ كۆرۈنۈشى مۇ‌مكىن.‏ كېلىڭلار،‏ ھە‌ممىمىز قانداق قىلىپ سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن يۈگۈرۈپ،‏ پاۋلۇ‌س تىلغا ئالغان ھايات مۇ‌سابىقىسىدە غە‌لىبە قازىنالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ چىقايلى.‏

b ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىل)‏ 2013-‏يىل،‏ 1-‏يانۋار سانىدىكى «‏مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ‏»،‏ دېگە‌ن ماقالىگە قاراڭ.‏

c غە‌م-‏تە‌شۋىش بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشقا ياردە‌م بېرىدىغان مە‌سلىھە‌تلە‌ر ۋە بۇ كۈرە‌شتە غە‌لبە قازانغانلارنىڭ مىساللىرىنى ®jw.org تور بېكىتىدىكى 2019-‏يىل ماي ئېيىدىكى پروگراممىدىن كۆرە‌لە‌يسىز (‏كۇ‌تۇ‌بخانا >‏ ®JW BROADCASTING)‏.‏

d سۈرە‌تلە‌ردە:‏ ۋە‌ز ئىشى بىلە‌ن بە‌نت بولۇ‌ش ياشانغان بۇ‌رادە‌رگە توغرا يول بىلە‌ن مېڭىشقا ياردە‌م بە‌رمە‌كتە.‏

e سۈرە‌تلە‌ردە:‏ باشقىلارنى ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ئىچىشكە مە‌جبۇ‌رلىساق ياكى ئۆزۈمىز كۆپ ئىچىپ قويساق،‏ ئۇ‌لارغا پۇ‌تلىكاشاڭ بولۇ‌پ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

f سۈرە‌تلە‌ردە:‏ دوختۇ‌رخانىدا ئورۇ‌ن تۇ‌تۇ‌پ ياتسىمۇ،‏ بۇ‌رادە‌ر ئۆزىگە قاراۋاتقان كىشىلە‌رگە گۇ‌ۋاھلىق بېرىپ،‏ ھايات مۇ‌سابىقىسىگە قاتناشماقتا.‏