مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

19-‏تە‌تقىق ماقالىسى

ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏

ئاخىر زاماندىكى «شىمال پادىشاھى»‏

‏«زامان ئاخىرى بولغاندا جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۇ‌نىڭغا [شىمال پادىشاھىغا] ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏40‏.‏

49-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ بىزنىڭ پاناھگاھىمىز

بۇ ماقالىدە a

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن نېمىلە‌رنى بىلە‌لە‌يمىز؟‏

 پات يېقىندا يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى قانداق ۋە‌قە‌لە‌رگە دۇ‌چ كېلىدۇ؟‏ بىز بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى بىلىمىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا خۇ‌دانىڭ خە‌لقى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كېلىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىن-‏ئالا يېزىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن ئە‌ڭ كۈچلۈك ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ بۇ بابتا بىر-‏بىرىگە قارىمۇ-‏قارشى بولغان ئىككى كۈچلۈك ھۆكۈمە‌ت،‏ يە‌نى جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنىڭ تارىخى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلغان.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ئە‌مە‌لگە ئېشىپ بولغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌نىڭ قالغان قىسىملىرىمۇ ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رۇ‌لىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

2.‏ يارىتىلىش 3:‏15 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7؛‏ 12:‏17-‏ئايە‌تلە‌ردە يېزىلغاندە‌ك،‏ دانىيال يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى تە‌تقىق قىلغاندا،‏ نېمىنى يادىمىزدا تۇ‌تۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

2 دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ بىر نە‌رسىنى يادىمىزدا تۇ‌تۇ‌شىمىز لازىم:‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە پە‌قە‌ت خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بىۋاسىتە تە‌سىر قىلغان ھۆكۈمرانلار ھە‌ققىدە ئېيتىلىدۇ.‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى دۇ‌نيادىكى ئىنسانىيە‌ت بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رغاندا،‏ سانى بە‌ك ئاز بولسىمۇ،‏ نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لار ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ نىشانىغا ئايلانغان؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ شە‌يتان ۋە ئۇ‌نىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ ئاساسىي مە‌قسىتى —‏ يە‌ھۋا ۋە ئە‌يساغا خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنى بىتچىت قىلىشتۇ‌ر ‏(‏يارىتىلىش 3:‏15 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7؛‏ 12:‏17-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يادىمىزدا تۇ‌تىدىغان يە‌نە بىر نە‌رسە —‏ دانىيال كىتابىدىكى بېشارە‌ت مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى باشقىمۇ بېشارە‌تلە‌رگە ماس كېلىشى كېرە‌ك.‏ دانىيال يازغان پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى يازمىلاردىكى باشقا ئايە‌تلە‌ر بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌ش مۇ‌ھىم.‏

3.‏ مۇ‌شۇ ۋە كېيىنكى ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

3 بۇ ماقالىدە،‏ دانىيال 11:‏25—‏39-‏ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ 1870-‏يىلدىن 1991-‏يىلغىچە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ۋە شىمال پادىشاھىنىڭ كىم بولغانلىقىنى ۋە پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ بۇ قىسىمىغا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك چۈشە‌نچىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئۆزگە‌رتكە‌نلىكىمىزنى مۇ‌ھاكىمە قىلىمىز.‏ كېيىنكى ماقالىدە،‏ دانىيال 11:‏40—‏12:‏1-‏ئايە‌تلە‌رنى ۋە بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ 1990-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىغىچە قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ مۇ‌شۇ ئىككى ماقالىنى ئوقۇ‌غىنىڭىزدا،‏ «‏ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار‏» دېگە‌ن رامكىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.‏ ئاۋۋال بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىدىكى ئىككى ھۆكۈمران كىمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏

‏«جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى»نى قانداق ئېنىقلاشقا بولىدۇ؟‏

4.‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرىنى ئېنىقلاشقا قانداق ئۈچ نە‌رسە ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

4 ئىسرائىلنىڭ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال تە‌رىپىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان قە‌دىمقى پادىشاھلار «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» دە‌پ ئاتالغان.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئېيتالايمىز؟‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رگە خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزگە‌ن پە‌رىشتىنىڭ نېمە دېگە‌نلىكىگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ ئۇ مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ئاخىرقى كۈنلە‌ردە سېنىڭ خە‌لقىڭنىڭ [خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ]‏ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى چۈشە‌ندۈرگىلى كە‌لدىم.‏ چۈنكى،‏ بۇ غايىبانە كۆرۈنۈش كە‌لگۈسىدىكى كۈنلە‌ر توغرىسىدىدۇ‌ر» (‏دانىيال 10:‏14‏)‏.‏ مىلادى 33-‏يىلى،‏ ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىغىچە ئىسرائىل خە‌لقى خۇ‌دانىڭ خە‌لقى بولغان.‏ ئە‌مما،‏ بۇ يىلدىن كېيىن،‏ يە‌ھۋا ئە‌مدى ئۇ‌نىڭ خە‌لقى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ دانىيال كىتابىنىڭ 11-‏بابىدىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ تە‌ڭدىن تولىسى ئىسرائىل خە‌لقىگە ئە‌مە‌س،‏ ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە قارىتا ئېيتىلغان (‏ئە‌لچى.‏ 2:‏1—‏4؛‏ رىملىقلار 9:‏6—‏8؛‏ گالاتىيا.‏ 6:‏15،‏ 16‏)‏.‏ تارىخقا نە‌زە‌ر سالساق،‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى ئۆزگىرىپ تۇ‌رسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ بىرنە‌چچە ئوخشاش تە‌رە‌پلىرى بولغان.‏ بىرىنچىدىن،‏ شۇ پادىشاھلار خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىپ،‏ ئۇ‌لارنى ئە‌زگە‌ن.‏ ئىككىنچىدىن،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلغانلىقى بىلە‌ن يە‌ھۋا خۇ‌دانى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ئۈچىنچىدىن،‏ ئىككى پادىشاھ ھاكىمىيە‌ت ئۈچۈن بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلغان.‏

5.‏ مىلادى 100—‏1870-‏يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ياكى پادىشاھلار جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولغانمۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

5 مىلادى ئىككىنچى ئە‌سىردە،‏ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرى جامائە‌تلىرىدە ساختا مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى پە‌يدا بولۇ‌شقا باشلىغانىدى.‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا سۆزىدىكى تە‌لىملە‌رنى يوشۇ‌رۇ‌پ،‏ ساختا دىننىڭ تە‌لىملىرىنى ئۆگىتىشنى باشلىغان.‏ شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ،‏ 19-‏ئە‌سىرنىڭ ئاخىرىغىچە يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ تە‌شكىل قىلىنغان خە‌لقى بولمىغان.‏ ياۋايى چۆپلە‌ر،‏ يە‌نى ساختا مە‌سىھىيلە‌ر،‏ كۆپىيىپ كە‌تكە‌نلىكتىن،‏ خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىي خىزمە‌تچىلىرىنى ئېنىقلاش قىيىن بولغان (‏مە‌تتا 13:‏36—‏43‏)‏.‏ بۇ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ مىلادى 100—‏1870-‏يىللار ئارلىقىدىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ياكى پادىشاھلار جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بولۇ‌شى مۇ‌مكىن ئە‌مە‌سلىكىنى ئېنىق بىلىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ شۇ چاغدا يە‌ر يۈزىدە خۇ‌دانىڭ تە‌شكىل قىلىنغان خە‌لقى بولمىغاچقا،‏ پادىشاھلار ئۇ‌لارغا ھۇ‌جۇ‌م قىلالمىغان b‏.‏ ئە‌مما،‏ 1870-‏يىلدىن كېيىن،‏ جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى قايتا پە‌يدا بولۇ‌شى كېرە‌ك ئىدى.‏ بۇ‌نى نە‌دىن بىلىمىز؟‏

6.‏ خۇ‌دا خە‌لقى قايتىدىن بىر توپ سۈپىتىدە قاچان تە‌شكىللىنىشكە باشلىغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

6 1870-‏يىلدىن تارتىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى تە‌شكىل قىلىنىشقا باشلىغان.‏ شۇ يىلى چارلىز تېيىز راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ياردە‌مچىلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش گۇ‌رۇ‌پپىسىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغان.‏ راسسېل بۇ‌رادە‌ر ۋە ئۇ‌نىڭ دوستلىرى ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغان «ئە‌لچى» بولغان ۋە مە‌سىھنىڭ پادىشاھلىقى تېخى كە‌لمىگە‌ندە «يول تە‌ييارلىغان» (‏مالاك.‏ 3:‏1‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ كىم ئىكە‌نلىكى قايتىدىن روشە‌ن بولغان!‏ شۇ چاغدا خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە قاتتىق تە‌سىر قىلغان كۈچلۈك دۆلە‌تلە‌ر بولغانمۇ؟‏ كېلىڭلار،‏ كۆرۈپ چىقايلى.‏

جە‌نۇ‌ب پادىشاھى كىم؟‏

7.‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىغىچە كىم جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولغان؟‏

7 1870-‏يىللىرى برىتانىيە باشقا دۆلە‌تلە‌رگە قارىغاندا كۆپرە‌ك جايلارنى باشقۇ‌رغان ۋە دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ كۈچلۈك ئە‌سكىرى كۈچكە ئىگە بولغان.‏ دانىيالنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرىدە،‏ بۇ ئىمپېرىيە كىچىك مۈڭگۈز بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ ئۇ باشقا ئۈچ مۈڭگۈزنى،‏ يە‌نى فرانسىيە،‏ ئىسپانىيە ۋە گوللاندىيىنى ئۆزىگە بويسۇ‌ندۇ‌رغان (‏دانىيال 7:‏7،‏ 8‏)‏.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىغىچە برىتانىيە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولغان.‏ دە‌ل شۇ ۋاقىتتا،‏ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ باي دۆلە‌تكە ئايلىنىپ،‏ برىتانىيە بىلە‌ن يېقىن ھە‌مكارلىشىشقا باشلىغان.‏

8.‏ ئاخىر زاماندا كىم جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە؟‏

8 بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا،‏ برىتانىيە بىلە‌ن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىرلىشىپ،‏ بە‌كمۇ كۈچلۈك ھە‌ربىي ئىتتىپاق قۇ‌رغان.‏ شۇ چاغدا برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلار ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا كۈچى يە‌نى ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان.‏ دانىيال كىتابىدا يېزىلغاندە‌ك،‏ بۇ پادىشاھ «زور بىر قوشۇ‌ن»نى توپلىغان (‏دانىيال 11:‏25‏)‏.‏ ئاخىر زامان دە‌پ ئاتىلىدىغان كۈنلە‌ر داۋام قىلىۋاتقاندا ئانگلو-‏ئامېرىكا ئىمپېرىيىسى جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بولۇ‌پ كە‌لمە‌كتە c‏.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ شىمال پادىشاھى كىم بولغان؟‏

شىمال پادىشاھى كىم؟‏

9.‏ شىمال پادىشاھى قاچان قايتا پە‌يدا بولغان ۋە دانىيال 11:‏25-‏ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

9 1871-‏يىلى راسسېل ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌مراھلىرى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش گۇ‌رۇ‌پپىسىنى ئۇ‌يۇ‌شتۇ‌رغاندىن كېيىن،‏ شىمال پادىشاھى قايتىدىن پە‌يدا بولغان.‏ شۇ يىلى گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاساسى سېلىنغان.‏ بۇ‌نىڭغا ئوتتو فون بىسمارك چوڭ ھە‌سسە قوشقان.‏ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ دە‌سلە‌پكى ئىمپېراتورى پروسىيە پادىشاھى ۋىلھېلىم I بولغان.‏ ئۇ بىسماركنى بىرىنچى باش ۋە‌زىرى قىلىپ تە‌يىنلىگە‌ن d‏.‏ گېرمانىيە نە‌چچە ئون يىللار ئۆتكە‌ندىن كېيىن،‏ ئافرىقا ۋە تىنچ ئوكياندىكى دۆلە‌تلە‌رنى باشقۇ‌رۇ‌پ،‏ مۇ‌ستە‌ملىكە قىلغۇ‌چى دۆلە‌تكە ئايلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ گېرمانىيە برىتانىيىدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌شقا تىرىشقان ‏(‏دانىيال 11:‏25-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ئە‌ڭ كۈچلۈك ھە‌ربىي قوشۇ‌نلارنى ۋە ئىككىنچى چوڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى قۇ‌رغان.‏ گېرمانىيە بۇ كۈچنى بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا دۈشمە‌نلىرىگە قارشى ئىشلە‌تكە‌ن.‏

10.‏ دانىيال 11:‏25،‏ 26-‏ئايە‌تلە‌ردىكى سۆزلە‌ر قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشقان؟‏

10 دانىيال ئۆز پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇ‌نىڭ ھە‌ربىي كۈچى بىلە‌ن نېمە بولىدىغانلىقىنى يازغان.‏ بېشارە‌تتە «شىمال پادىشاھى پۇ‌ت تىرە‌پ تۇ‌رالمايدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ نېمە ئۈچۈن؟‏ چۈنكى،‏ «‏بە‌زىلە‌ر ئۇ‌نىڭغا يوشۇ‌رۇ‌ن سۈيقە‌ست قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ داستىخىنىدىن ئېسىل تائاملارنى يېگە‌نلە‌ر ئۇ‌نى يىقىتىدۇ» (‏دانىيال 11:‏25،‏ 26‏)‏.‏ دانىيالنىڭ زامانىدا،‏ پادىشاھنىڭ داستىخىنىدىن تاماق يېگە‌نلە‌ر ئارىسىدا «پادىشاھنىڭ ئالدىدا خىزمە‌تكە» قويۇ‌لغان كىشىلە‌رمۇ بار ئىدى (‏دانىيال 1:‏5‏)‏.‏ دېمە‌ك،‏ بۇ بېشارە‌تتە،‏ گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىدىكى يۇ‌قىرى مە‌نسە‌پلىك كىشىلە‌ر،‏ يە‌نى ئىمپېراتورنىڭ گېنېراللىرى ۋە ھە‌ربىي مە‌سلىھە‌تچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقان.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌لارنىڭ تە‌سىرىدىن ئىمپېراتور ئۆز ھوقۇ‌قىدىن ئايرىلىپ،‏ گېرمانىيىدە يېڭى ھۆكۈمە‌ت پە‌يدا بولغان e‏.‏ شۇ‌نداقلا،‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە شىمال پادىشاھىنىڭ جە‌نۇ‌ب پادىشاھىغا قارشى ئۇ‌رۇ‌شىنىڭ نە‌تىجىسى يېزىلغان:‏ «ئۇ‌نىڭ قوشۇ‌نى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان كىشىلە‌ر ئۆلتۈرۈلىدۇ» (‏دانىيال 11:‏26‏)‏.‏ ئالدىن-‏ئالا ئېيتىلغاندە‌ك،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا گېرمانىيە ئە‌سكە‌رلىرى سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىغان ئادە‌ملە‌ر ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ بۇ‌نىڭدىن بۇ‌رۇ‌ن تارىختا شۇ‌نچە كۆپ قان تۆكۈلگە‌ن ئۇ‌رۇ‌ش بولۇ‌پ باقمىغانىدى.‏

11.‏ دانىيال 11:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌رگە ماس،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بىلە‌ن شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟‏

11 دانىيال 11:‏27،‏ 28-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن بۇ‌رۇ‌ن نېمە يۈز بېرىدىغانلىقى تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ ئايە‌تلە‌ردە،‏ شىمال پادىشاھى بىلە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى «بىر داستىخاندا ئولتۇ‌رۇ‌پ،‏ .‏ .‏ .‏ بىر-‏بىرىگە يالغان سۆزلە‌يدۇ»،‏—‏ دە‌پ يېزىلغان.‏ شۇ‌نداقلا،‏ شىمال پادىشاھى «ناھايىتى كۆپ غە‌نىمە‌تلە‌ر» توپلايدىغانلىقى ئېيتىلغان.‏ بۇ دە‌ل شۇ‌نداق بولغان.‏ گېرمانىيە بىلە‌ن برىتانىيە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشنى ۋە‌دە قىلىشقان بولسىمۇ،‏ 1914-‏يىلى ئۇ‌رۇ‌ش باشلانغاندا،‏ ئۇ‌لارنىڭ يالغان سۆزلىگە‌نلىكى ئاشكارا بولغان.‏ 1914-‏يىلغىچە گېرمانىيە بە‌ك باي بولۇ‌پ،‏ ئىقتىسادى تە‌رە‌پتىن دۇ‌نيادىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلە‌تكە ئايلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ دانىيال 11:‏29 ۋە 30-‏ئايە‌تنىڭ بىرىنچى قىسمىدىكى سۆزلە‌ر ئە‌مە‌لگە ئېشىپ،‏ گېرمانىيە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى بىلە‌ن جە‌ڭ قىلغان،‏ لېكىن مە‌غلۇ‌پ بولغان.‏

پادىشاھلار خۇ‌دا خە‌لقىگە قارشى چىقىدۇ

12.‏ بىرىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى نېمە قىلغان؟‏

12 1914-‏يىلدىن باشلاپ،‏ ئىككى پادىشاھ بىر-‏بىرىگە ۋە خۇ‌دا خە‌لقىگە تېخىمۇ قاتتىق قارشى تۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1-‏دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ،‏ برىتانىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۇ‌رۇ‌شقا قاتنىشىش ۋە ئادە‌م ئۆلتۈرۈشنى رە‌ت قىلغان خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىگە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏ قوشما شتاتلاردا بولسا،‏ ۋە‌ز ئىشىغا يېتە‌كچىلىك قىلغانلار تۈرمىگە تاشلانغان.‏ شۇ‌نداق قىلىپ،‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 11:‏7—‏10-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلىرى ئە‌مە‌لگە ئاشقان.‏

13.‏ 1930-‏يىللىرى ۋە ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا شىمال پادىشاھى نېمە قىلغان؟‏

13 1933-‏يىلدىن كېيىن،‏ بولۇ‌پمۇ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ۋاقتىدا،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دا خە‌لقىگە رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌تسىزلىك بىلە‌ن ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ گېرمانىيىدە ناتسىستلار پارتىيىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ،‏ گىتلېر ۋە ئۇ‌نىڭ تە‌رە‌پدارلىرى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلغان.‏ شىمال پادىشاھى يە‌ھۋانىڭ خىزمە‌تچىلىرىدىن تە‌خمىنە‌ن 1500 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ،‏ نە‌چچە مىڭلىغانلىرىنى دە‌ھشە‌تلىك جازا لاگېرلىرىغا تاشلىغان.‏ بۇ توغرىلىقمۇ دانىيال كىتابىدا يېزىلغان.‏ شىمال پادىشاھى ۋە‌ز پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلىپ،‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س ئىبادە‌تخانىنى بۇ‌لغاپ»،‏ «قۇ‌ربانلىق سۇ‌نۇ‌ش ئادىتىنى» ئە‌مە‌لدىن قالدۇ‌رغان (‏دانىيال 11:‏30،‏ 31‏)‏.‏ گىتلېر ھە‌تتا گېرمانىيىدىكى بارلىق خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنىڭ بىرىنى قويماي يوق قىلىۋېتىشنى ۋە‌دە قىلغان.‏

يېڭى شىمال پادىشاھى

14.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن كىم شىمال پادىشاھى بولغان؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

14 ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇ‌نىست ھاكىمىيىتى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان.‏ ئۇ بۇ‌رۇ‌ن گېرمانىيىگە مە‌نسۇ‌پ بولغان نۇ‌رغۇ‌ن رايونلارنى باشقۇ‌رۇ‌شقا باشلىغان.‏ گېرمانىيىدىكى ھاكىم مۇ‌تلە‌قچى ناتسىست ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ھە‌م ھۆكۈمە‌تكە ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ھە‌ق خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى ئۆز ھاياتىدا بىرىنچى ئورۇ‌نغا قويغانلارنىڭ ھە‌ممىسىگە رە‌ھىمسىزلارچە زىيانكە‌شلىك قىلغان.‏

15.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،‏ شىمال پادىشاھى قانداق يول تۇ‌تقان؟‏

15 ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ‌زۇ‌ن ئۆتمە‌ي،‏ يېڭى شىمال پادىشاھى —‏ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى —‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ ۋە‌ھىيلە‌ر 12:‏15—‏17-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىش «دە‌ريا» بىلە‌ن سېلىشتۇ‌رۇ‌لغان.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ مىڭلىغان خىزمە‌تچىلىرى سىبىرىيىگە سۈرگۈن قىلىنغان ئىدى.‏ ئە‌مە‌لىيە‌تتە،‏ ئاخىر زامان مە‌زگىلىدە،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بارغانسېرى كۆپلە‌پ زىيانكە‌شلىك قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىشىنى ھېچقاچان توختىتالمايدۇ f‏.‏

16.‏ سوۋېت ئىتتىپاقى دانىيال 11:‏37—‏39-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى قانداق ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رغان؟‏

16 دانىيال 11:‏37—‏39-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ شىمال پادىشاھى قانداق «ئاتا-‏بوۋىلىرى چوقۇ‌نغان كە‌لگە‌ن ئىلاھلارغا ھۆرمە‌ت قىلمايدۇ».‏ سوۋېت ئىتتىپاقى دىنلارنىڭ ھە‌ممىسىنى ۋە‌يران قىلماقچى بولۇ‌پ،‏ ئە‌نئە‌نىۋى دىنىي تە‌شكىلاتلارنىڭ كۈچىنى يوق قىلىشقا تىرىشقان.‏ بۇ مە‌قسىتىگە يېتىش ئۈچۈن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى 1918-‏يىلنىڭ بېشىدا،‏ مە‌كتە‌پلە‌ردە ئاتېئىزم،‏ يە‌نى خۇ‌دا يوق دېگە‌ن تە‌لىمنى ئۆگىتىشنى قارار قىلغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ قانداق قىلىپ شىمال پادىشاھى ‹قورغانلارنىڭ ئىلاھىنى ئۇ‌لۇ‌غلىغان›؟‏ سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچلۈك ھە‌ربىي قوشۇ‌ن قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بە‌كمۇ كۆپ پۇ‌ل خە‌جلىگە‌ن ۋە ئۆز ھاكىميىتىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن يادرو قورال-‏ياراقلىرىنى ئىشلە‌پ چىقارغان.‏ نە‌تىجىدە،‏ شىمال پادىشاھىمۇ،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھىمۇ مىلياردلىغان ئىنسانلارنى ھالاك قىلالايدىغان ناھايىتى كۈچلۈك قورال-‏ياراقلارنى توپلىغان!‏

ئىككى پادىشاھنىڭ ھە‌مكارلىشىشى

17.‏ ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نە‌رسە› دېگىنىمىز نېمە؟‏

17 گە‌رچە شىمال پادىشاھى ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۇ‌زاق ۋاقىتتىن بېرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن قارشىلاشقان بولسىمۇ،‏ مۇ‌ھىم بىر مە‌سىلىدە ھە‌مكارلاشقان ئىدى،‏ يە‌نى ئۇ‌لار «ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نە‌رسىنى تىكلە‌پ» تۇ‌رغۇ‌زغان (‏دانىيال 11:‏31‏)‏.‏ بۇ «يىرگىنچلىك» نە‌رسە —‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى.‏

18.‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نە‌رسىدە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

18 بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى نېمە ئۈچۈن «يىرگىنچلىك» نە‌رسىدە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ پە‌قە‌ت خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئە‌مە‌لگە ئاشۇ‌رالايدىغان نە‌رسىنى،‏ يە‌نى پۈتۈن دۇ‌نيادا ئىناق-‏ئىتتىپاقلىقنى ئورنىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىۋاتىدۇ.‏ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە،‏ يە‌نە يىرگىنچلىك بىر نە‌رسە «ۋە‌يرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان»لىقى تىلغا ئېلىنغان.‏ چۈنكى،‏ بىرلە‌شكە‌ن دۆلە‌تلە‌ر تە‌شكىلاتى بارلىق ساختا دىنلارنى يوق قىلىشتا ئاساسىي رولنى ئوينايدىغان بولىدۇ.‏—‏«‏ئاخىر زاماندىكى رىقابە‌تچى پادىشاھلار‏» ناملىق جە‌دۋە‌لگە قاراڭ.‏

بۇ‌نى نېمە ئۈچۈن بىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

19،‏ 20.‏ (‏1)‏ ئىككى پادىشاھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏ (‏2)‏ كېيىنكى ماقالىدىن قايسى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز؟‏

19 ئىككى پادىشاھ توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىش بىز ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم.‏ چۈنكى،‏ بۇ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌رنىڭ شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتقانلىرى 1870-‏يىلدىن باشلاپ 1991-‏يىلغىچە ئە‌مە‌لگە ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.‏ شۇ سە‌ۋە‌بتىن،‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنىڭ قالغان قىسىمى ھە‌م چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشە‌نچىمىز كامىل.‏

20 سوۋېت ئىتتىپاقى 1991-‏يىلى غۇ‌لاپ چۈشكە‌ن.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟‏ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى كېيىنكى ماقالىدىن تاپالايمىز.‏

24-‏ناخشا كۆزۈڭ بولسۇ‌ن مۇ‌كاپاتتا

a دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر يازغان «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» ۋە «شىمال پادىشاھى» توغرۇ‌لۇ‌ق پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر تېخىغىچە ئە‌مە‌لگە ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق دە‌پ ئېيتالايمىز؟‏ نېمە سە‌ۋە‌بتىن بۇ بېشارە‌تنى چۈشىنىشىمىز مۇ‌ھىم؟‏

b بۇ يە‌ردە كە‌لتۈرۈلگە‌ن سە‌ۋە‌بنى ئە‌ستە تۇ‌تساق،‏ رىم ئىمپېراتورى ئاۋرېلىئان (‏ب.‏م.‏ 270—‏275)‏ «شىمال پادىشاھى» ھە‌مدە زېنوبىيا خانىش (‏ب.‏م.‏ 267—‏272)‏ «جە‌نۇ‌ب پادىشاھى» بولغان دە‌پ ئېيتىش مە‌نتىقىگە ئۇ‌يغۇ‌ن بولمايتتى.‏ «‏دانىيالنىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزىگە كۆڭۈل قويۇ‌ڭلار» (‏باشقا تىلدا)‏ كىتابىنىڭ 13،‏ 14-‏بابلىرىدا‏،‏ يېڭى چۈشە‌نچىمىز يېزىلغان.‏

d ‏1890-‏يىلى،‏ ئىمپېراتور ۋىلھېلىم II بىسماركنى ھوقۇ‌قىدىن ئېلىپ تاشلىغان.‏

e ئۇ‌لار ھۆكۈمە‌تنى چاپسان غۇ‌لىتىۋېتىش ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئۇ‌لار ئىمپېراتورنى قوللاشنى توختىتىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌شقا مۇ‌ناسىۋە‌تلىك مە‌خپىي مە‌لۇ‌ماتلارنى باشقىلارغا ئاشكارا قىلغان ۋە ئىمپېراتورنى ھوقۇ‌قىدىن ۋاز كېچىشكە مە‌جبۇ‌ر قىلغان.‏

f دانىيال 11:‏34-‏ئايە‌تتە يېزىلغاندە‌ك،‏ شىمال پادىشاھى بە‌زىدە ئاز ۋاقىتقا خۇ‌دا خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلىشنى توختاتقان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ 1991-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇ‌لاپ چۈشكە‌ندە شۇ‌نداق بولغان.‏