مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

20-‏تە‌تقىق ماقالىسى

بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏

بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم؟‏

‏«شۇ چاغدا ئۇ‌نىڭ ئە‌جىلى توشىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏45‏.‏

43-‏ناخشا ھوشىيار،‏ مە‌ھكە‌م ۋە قە‌يسە‌ر بول!‏

بۇ ماقالىدە a

1،‏ 2.‏ بۇ ماقالىدە نېمىنى كۆرۈپ چىقىمىز؟‏

 بىز ئاخىر زاماننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ياشاۋاتىمىز ۋە بۇ‌نىڭ دە‌لىل-‏ئىسپاتلىرى ناھايىتى كۆپ.‏ پات يېقىندا يە‌ھۋا ۋە ئە‌يسا مە‌سىھ ساماۋى پادىشاھلىققا قارشى چىققان ھە‌ممە ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ ۋە‌قە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە ۋە خۇ‌دا خە‌لقىگە قارشى دۈشمە‌نلىشىشنى داۋاملاشتۇ‌رىدۇ.‏

2 بۇ ماقالىدە دانىيال 11:‏40—‏12:‏1-‏دىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌رنى كۆرۈپ چىقىمىز.‏ بىز شىمال پادىشاھىنىڭ ھازىر كىم ئىكە‌نلىكىنى ۋە قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر نېمە ئۈچۈن خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاپ،‏ يە‌ھۋا خۇ‌داغا تايىنىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرىمىز.‏

يېڭى شىمال پادىشاھى

3،‏ 4.‏ بۈگۈنكى كۈندە شىمال پادىشاھى كىم؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

3 1991-‏يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى غۇ‌لىغاندىن كېيىن،‏ بۇ‌رۇ‌ن ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرى بىر مە‌زگىل ئە‌ركىنلىككە ئىگە بولغان ئىدى.‏ دانىيال بۇ ئە‌ركىنلىكنى ‹ئازغىنە ياردە‌م› دە‌پ تە‌سۋىرلىگە‌ن (‏دانىيال 11:‏34‏)‏.‏ نە‌تىجىدە،‏ ئۇ‌لار ئە‌ركىن-‏ئازادە ۋە‌ز قىلالىغان.‏ كۆپ ئۆتمە‌ي سوۋېت ئىتتىپاقىنى تە‌شكىل قىلغان دۆلە‌تلە‌ردە ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىلارنىڭ سانى بىرقانچە يۈز مىڭغا كۆپە‌يگە‌ن.‏ بىراق،‏ يىللار ئۆتۈپ،‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىرلىشىپ شىمال پادىشاھىغا ئايلانغان.‏ ئالدىنقى ماقالىدە ئۆگە‌نگىنىمىزدە‌ك،‏ بىر ھۆكۈمە‌ت شىمالىي ياكى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنىڭ رولىنى ئويناش ئۈچۈن ئۈچ نە‌رسىنى قىلىشى،‏ يە‌نى (‏1)‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە بىۋاسىتە تە‌سىر قىلىشى،‏ (‏2)‏ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن يە‌ھۋانىڭ ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنىڭ دۈشمىنى ئىكە‌نلىكىنى كۆرسىتىشى ۋە (‏3)‏ ئۆزئارا بىر-‏بىرىگە قارشى چىقىشى كېرە‌ك.‏

4 روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغان سە‌ۋە‌بلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏ (‏1)‏ ئۇ‌لار ۋە‌ز ئىشىنى مە‌نئىي قىلىش ئارقىلىق خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ (‏2)‏ بۇ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن ئۇ‌لار خۇ‌دا ۋە ئۇ‌نىڭ خە‌لقىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ (‏3)‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى برىتانىيە ۋە قوشما شتاتلاردىن شە‌كىللە‌نگە‌ن جە‌نۇ‌ب پادىشاھىدىن كۈچلۈكرە‌ك بولۇ‌شقا تىرىشىۋاتىدۇ.‏ ھازىر روسىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ئۇ‌لارنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى كۆرە‌يلى.‏

پادىشاھلار بىر-‏بىرىگە قارشى چىقماقتا

5.‏ دانىيال 11:‏40—‏43-‏ئايە‌تلە‌ردە قايسى ۋاقىت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان ۋە شۇ ۋاقىتتا نېمە يۈز بېرىدۇ؟‏

5 دانىيال 11:‏40—‏43-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردە زاماننىڭ ئاخىرى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏ بۇ ئۈزۈندىدە شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى ئۆزئارا رىقابە‌تلىشىدىغانلىقىغا دىققە‌ت ئاغدۇ‌رۇ‌لغان.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئېيتقاندە‌ك،‏ زاماننىڭ ئاخىرىدا جە‌نۇ‌ب ۋە شىمال پادىشاھلىرى بىر-‏بىرىگە «ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏40‏.‏

6.‏ ئىككى پادىشاھ بىر-‏بىرىگە قانداق «ھۇ‌جۇ‌م قىلىۋاتىدۇ»؟‏

6 شىمالىي ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھى دۇ‌نيادىكى ئە‌ڭ كۈچلۈك ھۆكۈمە‌ت بولۇ‌ش ئۈچۈن بىر-‏بىرى بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلماقتا.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ياۋرۇ‌پادىكى كۆپلىگە‌ن دۆلە‌تلە‌رگە تە‌سىر قىلىشنى باشلىغان.‏ شۇ‌ڭا،‏ شىمال پادىشاھىغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن جە‌نۇ‌ب پادىشاھى باشقا دۆلە‌تلە‌ر بىلە‌ن خە‌لقئارا ھە‌ربىي ئىتتىپاق قۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن بىر ئە‌ھدە تۈزگە‌ن.‏ بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئە‌ھدى تە‌شكىلاتى دە‌پ ئاتالغان.‏ شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى بىر-‏بىرى بىلە‌ن رىقابە‌تلىشىپ،‏ ھە‌ربىي كۈچلىرىنى كۈچە‌يتىش ئۈچۈن بە‌ك كۆپ پۇ‌ل سە‌رپ قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌نداقلا ئۇ‌لار ئافرىقا،‏ ئاسىيا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۇ‌رۇ‌شلاردا بىر-‏بىرىنىڭ دۈشمە‌نلىرىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ش ئارقىلىق بىر-‏بىرىگە قارشى كۈرە‌ش قىلغان.‏ مۇ‌شۇ يېقىنقى يىللاردا،‏ روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناھايىتى كۈچىيىپ،‏ پۈتۈن دۇ‌نياغا قاتتىق تە‌سىر قىلماقتا.‏ ئۇ‌لار بىر-‏بىرى بىلە‌ن كومپيۇ‌تېر تور ئۇ‌رۇ‌شى قىلماقتا.‏ پادىشاھلار كومپيۇ‌تېر پروگراممىلىرىدىن پايدىلىنىپ،‏ ئۆز دۆلە‌تلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىي تۈزۈملىرىگە زىيان يە‌تكۈزدى،‏ دە‌پ بىر-‏بىرىنى ئە‌يىبلە‌يدۇ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر ئالدىن-‏ئالا يازغاندە‌ك،‏ شىمال پادىشاھى خۇ‌دانىڭ خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رىۋاتىدۇ.‏—‏دانىيال 11:‏41‏.‏

شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ»‏

7.‏ «ئە‌ڭ گۈزە‌ل زېمىن» دېگە‌ن نېمە؟‏

7 دانىيال 11:‏41-‏ئايە‌تتە‏،‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا بېسىپ كىرىدۇ» دە‌پ يېزىلغان.‏ بۇ قانداق زېمىن؟‏ قە‌دىمدە ئىسرائىل «ئە‌ڭ گۈزە‌ل زېمىن» بولۇ‌پ ھېسابلانغان (‏ھە‌زە‌ك.‏ 20:‏6‏)‏.‏ بۇ زېمىن نېمە ئۈچۈن گۈزە‌ل دە‌پ ئاتالغان؟‏ چۈنكى،‏ بۇ يە‌ردە خە‌لقلە‌ر يە‌ھۋا خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلغان.‏ بىراق،‏ مىلادى 33-‏يىلى ئە‌للىكىنچى كۈن بايرىمىدىن تارتىپ،‏ بۇ «گۈزە‌ل زېمىن» قانداقتۇ بىر ئۇ‌دۇ‌ل مە‌نىدىكى جاينى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ چۈنكى،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى دۇ‌نيانىڭ جاي-‏جايلىرىغا تارقالغان.‏ بۈگۈنكى كۈندە،‏ «گۈزە‌ل زېمىن» —‏ خۇ‌دا خە‌لقى ھە‌ق خۇ‌دا يە‌ھۋاغا قىلىدىغان ئىبادە‌تنى،‏ شۇ جۈملىدىن جامائە‌ت يىغىلىشلىرى بىلە‌ن ۋە‌ز ئىشىغا قاتنىشىشنى بىلدۈرىدۇ.‏

8.‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قانداق ھۇ‌جۇ‌م قىلغان؟‏

8 ئاخىر زامان باشلانغاندىن بۇ‌يان،‏ شىمال پادىشاھى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قايتا-‏قايتا ھۇ‌جۇ‌م قىلغان.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ ناتسىست گېرمانىيىسى،‏ بولۇ‌پمۇ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى مە‌زگىلىدە شىمال پادىشاھى بولغاندا،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە زىيانكە‌شلىك قىلىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌نلىرىنى ئۆلتۈرۈلگە‌ن.‏ ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شىدىن كېيىن،‏ سوۋېت ئىتتىپاقى شىمال پادىشاھىغا ئايلانغاندا،‏ ئۇ‌مۇ «گۈزە‌ل زېمىنغا» بېسىپ كىرىپ،‏ خۇ‌دا خە‌لقىگە ھۇ‌جۇ‌م قىلغان ۋە ئۇ‌لارنى سۈرگۈن قىلغان.‏

9.‏ يېقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى «گۈزە‌ل زېمىنغا» قانداق بېسىپ كىرگە‌ن؟‏

9 يىقىنقى يىللاردا روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمۇ «گۈزە‌ل زېمىنغا» بېسىپ كىرگە‌ن.‏ قانداق قىلىپ؟‏ 2017-‏يىلى روسىيە ھۆكۈمىتى خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ پائالىيىتىنى مە‌نئىي قىلىپ،‏ بە‌زى ئېتىقادداشلىرىمىزنى تۈرمىگە تاشلىغان.‏ يە‌نە ماتېرىياللىرىمىزنى،‏ شۇ جۈملىدىن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ «يېڭى دۇ‌نيا تە‌رجىمىسى»نى مە‌نئىي قىلغان.‏ بۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ روسىيە‌دىكى بە‌يتە‌لنى،‏ ئىبادە‌ت زاللىرى ۋە چوڭ يىغىلىش سارايلىرىنى تارتىۋالغان.‏ بۇ ۋە‌قە‌لە‌ردىن كېيىن،‏ 2018-‏يىلى يېتە‌كچى كېڭە‌ش روسىيە ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ شىمال پادىشاھى ئىكە‌نلىكىنى ئېلان قىلغان.‏ لېكىن،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقى مە‌يلى قانچىلىك ئېغىر زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لسىمۇ،‏ ھۆكۈمە‌تكە قارشى چىقمايدۇ ياكى ئۇ‌نى غۇ‌لىتىشقا تىرىشمايدۇ.‏ ئە‌كسىنچە،‏ ئۇ‌لار مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى نە‌سىھە‌تكە قۇ‌لاق سېلىپ،‏ «بارلىق مە‌رتىۋىلىك ئە‌مە‌لدارلار ئۈچۈن»،‏ بولۇ‌پمۇ ئە‌ركىن-‏ئازادە ئىبادە‌ت قىلىشقا تە‌سىر قىلىدىغان قارارنى چىقىرىۋاتقاندا،‏ دۇ‌ئا قىلىدۇ.‏—‏1-‏تىموت.‏ 2:‏1،‏ 2‏.‏

شىمال پادىشاھى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنى يېڭىۋالامدۇ؟‏

10.‏ شىمال پادىشاھى جە‌نۇ‌ب پادىشاھىنى مە‌غلۇ‌پ قىلامدۇ؟‏ چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىڭ.‏

10 دانىيال 11:‏40—‏45-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزى ئاساسلىقى شىمال پادىشاھى توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان.‏ بۇ ئۇ‌نىڭ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى ئۈستىدىن غە‌لىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرە‌مدۇ؟‏ ياق.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ يە‌ھۋا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا بارلىق ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلغاندا،‏ جە‌نۇ‌ب پادىشاھى تېخى مە‌ۋجۇ‌ت بولۇ‌پ تۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 19:‏20‏)‏.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ‌نىڭغا ئىشە‌نچىمىز كامىل؟‏ كېلىڭلار،‏ دانىيال ۋە ۋە‌ھىي كىتابلىرىدىكى بېشارە‌تلە‌رگە دىققە‌ت ئاغدۇ‌رايلى.‏

ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى تە‌سۋىرلە‌يدىغان چوڭ بىر تاش ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى بىلدۈرىدىغان ھە‌يكە‌لنى ۋە‌يران قىلىدۇ (‏11-‏ئابزاسىغا قاراڭ)‏

11.‏ دانىيال 2:‏43—‏45-‏ئايە‌تتىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ (‏مۇ‌قاۋىدىكى رە‌سىمگە قاراڭ)‏

11 دانىيال 2:‏43—‏45-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر خۇ‌دا خە‌لقىگە تە‌سىر قىلىدىغان ھە‌رتۈرلۈك ھۆكۈمە‌تلە‌رنى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ شۇ ھۆكۈمە‌تلە‌ر يوغان ھە‌يكە‌لنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىسىمى ئارقىلىق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن.‏ ئاخىرقى ھۆكۈمە‌ت ھە‌يكە‌لنىڭ تۆمۈر ۋە سېغىز لايدىن ياسالغان پۇ‌تلىرى سۈپىتىدە تە‌سىرلە‌نگە‌ن.‏ بۇ —‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى.‏ بۇ پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ردىن كۆرگىنىمىزدە‌ك،‏ ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسى يە‌نىلا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندا،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى بارلىق ئىنسانىي ھۆكۈمە‌تلە‌رنى ۋە‌يران قىلىدۇ.‏

12.‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى نېمىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇ نېمە ئۈچۈن دىققە‌تكە سازاۋە‌ر؟‏

12 ئە‌لچى يۇ‌ھاننامۇ خۇ‌دا خە‌لقىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دۇ‌نيا كۈچلىرىنى تىلغا ئالغان.‏ يۇ‌ھاننا بۇ ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يە‌تتە بېشى بار مە‌خلۇ‌قتە‌ك تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى ئانگلو-‏ئامېرىكا دۇ‌نيا ئىمپېرىيىسىنى بىلدۈرىدۇ.‏ بۇ دىققە‌تكە سازاۋە‌ر،‏ چۈنكى ۋە‌ھىي كىتابىدا مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌نە باشقا باشلىرى ئۆسۈپ چىقىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق يېزىلمىغان.‏ دېمە‌ك،‏ مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى يە‌نىلا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقاندا،‏ ئە‌يسا ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نى بىرلىكتە مە‌خلۇ‌قنىڭ يە‌تتىنچى بېشى ۋە ئۇ‌نىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلە‌ي يوق قىلىدۇ b‏.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 13:‏1،‏ 2؛‏ 17:‏13،‏ 14‏.‏

شىمال پادىشاھى پات ئارىدا نېمە قىلىدۇ؟‏

13،‏ 14.‏ يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈج دېگە‌ن كىم ۋە ئۇ خۇ‌دا خە‌لقىگە نېمە ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ؟‏

13 ھە‌زە‌كىيال پە‌يغە‌مبە‌ر شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرى يوق بولۇ‌شتىن ئاۋۋال،‏ قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىشى مۇ‌مكىن ئىكە‌نلىكىنى يازغان.‏ ھە‌زە‌كىيال 38:‏10—‏23؛‏ دانىيال 2:‏43—‏45؛‏ 11:‏44—‏12:‏1 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 16:‏13—‏16،‏ 21-‏ئايە‌تلە‌رنىڭ ھە‌ممىسىدە بىر ۋە‌قە توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىلغان بولسا،‏ ئۇ‌نداقتا تۆۋە‌ندىكى ۋە‌قە‌لە‌ر يۈز بېرىدۇ،‏ دە‌پ ئېيتالايمىز.‏

14 دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت باشلىنىپ كۆپ ئۆتمە‌ي،‏ «يە‌رنىڭ پادىشاھلىرى» يىغىلىپ،‏ دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقىنى قۇ‌رىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏13،‏ 14؛‏ 19:‏19‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا،‏ بۇ ئىتتىپاق «ماگوگ زېمىنىدىكى .‏ .‏ .‏ گوگ» ياكى «يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈج»،‏ دە‌پ ئاتالغان (‏ھە‌زە‌كىيال 38:‏2‏)‏.‏ دۆلە‌تلە‌ر ئىتتىپاقى خۇ‌دا خە‌لقىنى تامامە‌ن يوق قىلىش ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ بۇ‌نى قىلىشىغا نېمە سە‌ۋە‌ب بولىدۇ؟‏ ئە‌لچى يۇ‌ھاننا شۇ مە‌زگىل ھە‌ققىدە ئېيتقاندا،‏ خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى ئۈستىگە يوغان مۆلدۈر ياققانلىقىنى كۆرگە‌ن.‏ بۇ سىمۋوللۇ‌ق مۆلدۈر خۇ‌دانىڭ خە‌لقى جاكارلايدىغان بە‌ك ئېغىر ھۆكۈم خە‌ۋىرىنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ بە‌لكىم،‏ گوگنىڭ خۇ‌دا خە‌لقىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ھۇ‌جۇ‌م قىلىشىغا دە‌ل شۇ خە‌ۋە‌ر سە‌ۋە‌ب بولىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏21‏.‏

15،‏ 16.‏ (‏1)‏ دانىيال 11:‏44،‏ 45-‏ئايە‌تلە‌ردە‏،‏ قانداق ۋە‌قە‌لە‌ر تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏ (‏2)‏ شىمال پادىشاھى ۋە يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌رگە نېمە بولىدۇ؟‏

15 دانىيال 11:‏44،‏ 45‏-‏ئايە‌تلە‌ردە ‏(‏ئوقۇ‌ڭ)‏ يېزىلغان سۆزلە‌رمۇ ھۆكۈم خە‌ۋىرى ۋە خۇ‌دانىڭ دۈشمە‌نلىرى قىلىدىغان ئاخىرقى ھۇ‌جۇ‌منى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر «شە‌رق ۋە شىمالدىن كە‌لگە‌ن» خە‌ۋە‌رلە‌ر شىمال پادىشاھىنىڭ چىشىغا تېگىدىغانلىقىنى ۋە «تېخىمۇ دە‌رغە‌زە‌پ» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ شىمال پادىشاھى «نۇ‌رغۇ‌ن كىشىنى قىرغىنچىلىق قىلىپ ئۆلتۈرىمە‌ن دە‌پ جە‌ڭ قوزغايدۇ».‏ بۇ ئايە‌تتىكى «نۇ‌رغۇ‌ن» دېگە‌ن سۆز يە‌ھۋا خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى بىلدۈرۈشى مۇ‌مكىن c‏.‏ بە‌لكىم،‏ دانىيال بۇ يە‌ردە خۇ‌دانىڭ خىزمە‌تچىلىرىگە قىلىنىدىغان ئاخىرقى ھۇ‌جۇ‌منى تە‌سۋىرلىگە‌ن.‏

16 شىمال پادىشاھى بىلە‌ن باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌رنىڭ بۇ ھۇ‌جۇ‌مى ھە‌ممىگە قادىر خۇ‌دانىڭ غە‌زىپىنى قوزغايدۇ.‏ شۇ چاغدا ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شى باشلىنىدۇ (‏ۋە‌ھىي.‏ 16:‏14،‏ 16‏)‏.‏ شىمال پادىشاھى ۋە يە‌جۈج بىلە‌ن مە‌جۈجنى بىلدۈرىدىغان باشقا ھۆكۈمە‌تلە‌ر يوق قىلىنىدۇ ۋە «ھېچكىم ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بە‌رمە‌يدۇ».‏—‏دانىيال 11:‏45‏.‏

ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئاسماندىكى قوشۇ‌نى شە‌يتاننىڭ رە‌زىل دۇ‌نياسىنى يوق قىلىپ،‏ خۇ‌دانىڭ خە‌لقىنى ئازاد قىلىدۇ (‏17-‏ئابزاسقا قاراڭ)‏

17.‏ دانىيال 12:‏1-‏ئايە‌تتە‏،‏ ئۇ‌لۇ‌غ ئە‌مىر دە‌پ ئاتالغان مىكائىل،‏ ئۇ كىم؟‏ ھازىر ئۇ نېمە قىلماقتا ۋە كېلە‌چە‌كتە نېمە قىلىدۇ؟‏

17 دانىيال 12:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ بۇ ئايە‌تتىن شىمال پادىشاھى ۋە ئۇ‌نىڭ ئىتتىپاقداشلىرى قانداق يوق قىلىنىدىغانلىقى ۋە بىزنىڭ قانداق قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدىغانلىقىمىز توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلە‌لە‌يمىز.‏ ئايە‌تتىكى سۆزلە‌ر نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟‏ مىكائىل —‏ ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پادىشاھىمىز مە‌سىھ ئە‌يسانىڭ باشقا ئىسىمى.‏ 1914-‏يىلى ئاسماندا خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئورنىتىلغاندىن بېرى،‏ ئۇ خۇ‌دا خىزمە‌تچىلىرىنى قوغدىماقتا.‏ پات ئارىدا ئۇ ئارماگېدون ئۇ‌رۇ‌شىدا «مە‌يدانغا چىقىدۇ»،‏ يە‌نى دۈشمە‌نلىرىنى يوق قىلىدۇ.‏ بۇ ئۇ‌رۇ‌ش دانىيال ئېيتىپ كە‌تكە‌ن تارىختا ھېچقاچان بولمىغان بالايىئاپە‌تلىك مە‌زگىلنىڭ يۇ‌قىرى پە‌للىسىدىكى ئاخىرقى ۋە‌قە بولىدۇ.‏ ۋە‌ھىي كىتابىدىكى يۇ‌ھاننا يازغان بۇ ئۇ‌رۇ‌ش ۋە ئۇ‌نىڭ ئالدىدىكى بىر مە‌زگىل ۋاقىت «دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت» دە‌پ ئاتالغان.‏—‏ۋە‌ھىي.‏ 6:‏2؛‏ 7:‏14‏.‏

ئىسىمىڭىز «ھاياتلىق دە‌پتىرىگە» يېزىلامدۇ؟‏

18.‏ نېمە ئۈچۈن كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌ردىن قورقماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

18 بىز كېلە‌چە‌كتە يۈز بېرىدىغان ۋە‌قە‌لە‌رگە ئىشە‌نچ بىلە‌ن يۈزلىنىشىمىز لازىم.‏ چۈنكى،‏ دانىيال،‏ يۇ‌ھاننا ھە‌ر ئىككىسى ئۆتمۈشتە ھېچقاچان بولۇ‌پ باقمىغان دە‌ھشە‌تلىك چوڭ بالايىئاپە‌ت ۋاقىتتا،‏ يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھكە خىزمە‌ت قىلىدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى ئامان قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.‏ دانىيال پە‌يغە‌مبە‌ر پە‌قە‌ت ئىسىملىرى «ھاياتلىق دە‌پتىرىگە» يېزىلغانلار قۇ‌تقۇ‌زۇ‌لىدىغانلىقىنى ئېيتقان (‏دانىيال 12:‏1‏)‏.‏ بىزنىڭ ئىسىمىمىز شۇ دە‌پتە‌رگە يېزىلىشى ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ بىز خۇ‌دانىڭ قوزىسى ئە‌يساغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىشىمىز كېرە‌ك (‏يۇ‌ھاننا 1:‏29‏)‏.‏ ئۆزۈمىزنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈش مۇ‌راسىمىدىن ئۆتۈشىمىز زۆرۈر (‏1-‏پېتر.‏ 3:‏21‏)‏.‏ شۇ‌نداقلا قولىمىزدىن كە‌لگىنىچە،‏ باشقىلارنىڭ يە‌ھۋا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشىغا ياردە‌م بېرىپ،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغانلىقىمىزنى چوقۇ‌م كۆرسىتىشىمىز لازىم.‏

19.‏ ھازىر نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك ۋە نېمە ئۈچۈن؟‏

19 ھازىر يە‌ھۋاغا ۋە ساداقە‌تمە‌ن خىزمە‌تچىلە‌ردىن تە‌شكىللە‌نگە‌ن ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتىغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىدىغان ۋە خۇ‌دا پادىشاھلىقىنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدىغان ۋاقىت.‏ شۇ‌نداق قىلىدىغان بولساق،‏ خۇ‌دا پادىشاھلىقى شىمال ۋە جە‌نۇ‌ب پادىشاھلىرىنى يە‌ر يۈزىدىن يوق قىلغان چاغدا،‏ بىز ئامان قالىمىز.‏

46-‏ناخشا يە‌ھۋا —‏ پادىشاھىمىز!‏

a بۈگۈنكى كۈندە «شىمال پادىشاھى» كىم ۋە ئۇ قانداق ۋە‌يران قىلىنىدۇ؟‏ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېتىقادىمىزنى مۇ‌ستە‌ھكە‌ملە‌يدۇ ۋە پات ئارىدا بولىدىغان سىناقلارغا تە‌ييار بولۇ‌شىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

b دانىيال 2:‏ 36—‏45 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 13:‏1،‏ 2-‏ئايە‌تلە‌ردىكى پە‌يغە‌مبە‌رلىك سۆزلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق كۆپرە‌ك بىلىش ئۈچۈن،‏ ‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى» (‏باشقا تىلدا)‏ 2012-‏يىل،‏ 15-‏ئىيۇ‌ن سانىدىكى 7—‏19-‏بە‌تلىرىگە قاراڭ.‏