مۇلايىملىق. بۇ پەزىلەتنىڭ پايدىسى
«مەن كىچىكىمدىن ئۇيالچاق. مەن ئۆز-ئۆزۈمگە ئانچە ئىشەنمەيمەن. ئۆز دېگىنىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ۋە ئۆزىگە ھەددىدىن تاشقىرى ئىشەنچ قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ قېشىدا ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلالمايمەن. لېكىن، مۇلايىم ۋە كەمتەر ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلىمەن. مەن ئۇلار بىلەن ئېچىلىپ يېيىلىپ سۆزلىشىپ، ئىچ باغرىمنى تۆكەلەيمەن ۋە قىيىنچىلىقلىرىم توغرىلىقمۇ ئېيتىپ بېرەلەيمەن. مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىم مۇلايىم ۋە كەمتەر ئادەملەر»،— دەيدۇ، سارا a ئىسىملىك قېرىنداش.
سارانىڭ سۆزلىرىدىن كۆرگىنىمىزدەك، مۇلايىم بولساق، باشقىلار بىز بىلەن دوست بولۇشنى خالايدۇ. يەھۋامۇ بۇ پەزىلەتنى ياخشى كۆرىدۇ. خۇدا سۆزى بىزنى مۇلايىم بولۇشقا ئۈندەيدۇ (كولوسى. 3:12). مۇلايىملىق دېگەن نېمە؟ ئەيسا بۇ پەزىلەتنى قانداق كۆرسەتكەن؟ مۇلايىملىق بىزنىڭ تېخىمۇ بەختلىكرەك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
مۇلايىملىق دېگەن نېمە؟
مۇلايىملىق دېگىنىمىز — ئادەمنىڭ ئىچىدىكى تىنچ-خاتىرجەملىك. مۇلايىم ئادەم باشقىلارغا مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە بىرسى ئۇنىڭ چىشىغا تەككەندىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ.
مۇلايىم ئادەم — كۈچلۈك ئادەم. مۇقەددەس كىتابتا «مۇلايىم»، دېگەن گرېك سۆزى كۆندۈرۈلگەن ياۋايى ئاتقا قارىتا ئىشلىتىلگەن. ئات كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن كۈچىدىن ئايرىلىپ قالمايدۇ. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇ ئۆزىنىڭ تەبىئىي كۈچىنى تىزگىنلەشنى ئۆگىنىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، مۇلايىم ئادەم ئاجىز دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىنچە، شۇنداق ئادەم بەك كۈچلۈك بولىدۇ. سەۋەبى، ئۇ نامۇكەممەل خاھىشىنى تىزگىنلەپ، باشقىلار بىلەن تىنچ-ئىناقلىقنى ساقلايدۇ.
بەلكىم، بىز «مۇلايىملىق ماڭا خاس مىجەز-خۇلق ئەمەس»، دەپ ئويلايمىز. بىز سەۋر-تاقىتى يوق ۋە ئۆزىنىڭ دېگىنىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشايمىز، شۇڭا مۇلايىم بولۇش تەس بولۇشى مۇمكىن (رىملىقلار 7:19). دېمەك، مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. لېكىن، يەھۋا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى بىزنىڭ مۇلايىم بولۇشقا داۋاملىق ئىنتىلىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (گالاتىيا. 5:22، 23). نېمە ئۈچۈن مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك؟
مۇلايىم بولساق، باشقىلار بىز بىلەن دوستلىشىشنى خالايدۇ. ماقالىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان سارا ئېيتقاندەك، مۇلايىم كىشىلەر بىلەن بولغاندا ئۆزۈمىزنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىمىز. ئەيسا — مۇلايىم ۋە مېھرىبان بولۇشنىڭ ئاجايىپ ئۈلگىسىدۇر (2-كورىنت. 10:1). ھەتتا ئەيسانى ياخشى بىلمىگەن بالىلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى خالىغانىدى.—ماركۇس 10:13—16.
مۇلايىم بولۇش ئۆزۈمىزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بىز مۇلايىم بولساق، دەرھاللا خاپا بولمايمىز پەند. نە 16:32). شۇ چاغدا بىز باشقىلارنىڭ، بولۇپمۇ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايمىز ۋە كېيىن بۇنىڭغا پۇشايمان قىلمايمىز. يېنىمىزدىكى كىشىلەرمۇ پايدىلىق، چۈنكى ھېس-تۇيغۇلىرىمىز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنى تىزگىنلەپ، باشقىلارغا ئازار بېرىشتىن يىراق تۇرىمىز.
ياكى ئاچچىقلانمايمىز (مۇلايىملىقنىڭ مۇكەممەل ئۈلگىسى
ئەيسانىڭ ۋاقتى ئالدىراش ۋە ۋەزىپىلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇ ھەممىسىگە تەڭ مۇلايىملىق كۆرسەتكەن. شۇ زاماندا ياشىغان كۆپىنچە ئادەملەر جاپا چېكىپ، ئىلھام-تەسەللىگە مۇھتاج بولغان. ئۇلار ئەيسانىڭ: «يېنىمغا كېلىڭلار . . . مەن مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن»،— دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ كۆڭلى قانچىلىك ئارام تاپقاندۇ-ھە!—مەتتا 11:28، 29.
قانداق قىلىپ ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، مۇلايىم بولالايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلىپ، ئەيسانىڭ ئادەملەرگە قانداق مۇئامىلە قىلغانلىقى ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، قانداق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى بىلىۋالىمىز. شۇنداق قىلساق، مۇلايىملىقىمىز سىنالغاندا، ئەيسادەك ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىمىز (1-پېتر. 2:21). كېلىڭلار، ئەيسانىڭ مۇلايىم بولۇشىغا ياردەم بەرگەن ئۈچ نەرسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
ئەيسا كەمتەر بولغان. ئەيسا ئۆزى ھەققىدە، «مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن»، دەپ ئېيتقان (مەتتا 11:29). مۇقەددەس كىتابتا بۇ ئىككى پەزىلەت بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىر-بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق (ئەفەس. 4:1—3). نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟
كەمتەر بولساق، باشقىلارنىڭ بىزنى رەنجىتىدىغان گەپ-سۆزىنى ئاسانلىقچە كۆڭلىمىزگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلانمايمىز. ئەيسا ئۇنى «تازا بىر تويماس ھاراقكەش»، دەپ ناھەق ئەيىبلىگەنلەرگە قانداق قارىغان؟ ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى يالغان ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن كۆرسىتىپ، مۇلايىملىق بىلەن: «ھېكمەت ئۆز ئىشلىرى بىلەن دەلىللىنىدۇ»،— دەپ ئېيتقان.—مەتتا 11:19.
ئەگەر بىرسى مىللىتىڭىز، جىنسىڭىز ياكى كېلىپ چىقىشىڭىز توغرۇلۇق كۆڭلۈڭىزنى رەنجىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتسا، نېمە ئۈچۈن مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بېرىش پايدىلىق؟ جەنۇبىي ئافرىقىدا ياشايدىغان پېتىر ئىسىملىك بىر ئاقساقال مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر بىرسى مېنىڭ كۆڭلۈمنى رەنجىتسە، مەن ئۆزۈمدىن ‹ئەيسا قانداق جاۋاب بېرەتتى دەپ سورايمەن؟›» ئۇ :«مەن شۇنداق ئەھۋالدا، كۆڭلۈمگە بەكمۇ ئېلىپ كەتمەسلىكنى ئۈگەندىم»،— دەيدۇ.
ئەيسا ئادەملەرنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن. ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنىڭ نىيىتى ياخشى بولغان، لېكىن ئۇلار نامۇكەممەل بولغاچقا، بەزىدە نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. مەسىلەن، ئەيسا ئۆلۈم ئالدىدىكى كېچىدە پېترۇس، ياقۇپ ۋە يوھانناغا سەگەك بولۇشنى ئېيتقان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۇخلاپ قالغان. ئەيسا: «روھ خالايدۇ، بىراق تەن ئاجىزدۇر»،— دەپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇخلاپ قالغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسەتكەن (مەتتا 26:40، 41). ئۇ ئۇلارنىڭ نامۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئەلچىلىرىگە ئاچچىقلانمىغان ئىدى.
مەندىي ئىسىملىك قېرىندىشىمىز بۇرۇن بەكمۇ تەلەپچان بولغان. لېكىن، ھازىر ئۇ ئەيسانىڭ مۇلايىملىقىدىن ئۈلگە ئېلىشقا تىرىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەربىر ئادەمنىڭ مۇكەممەلسىز ئىكەنلىكىنى يادىمدا تۇتۇشقا ۋە يەھۋا كىشىلەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۆرگىنىدەك، مەنمۇ شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن». ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاجىزلىقىغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى سىزنىمۇ باشقىلارغا مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا دەۋەت قىلامدۇ؟
ئەيسا ھەممە مەسىلىلەرنى خۇداغا تاپشۇرغان. ئەيسا يەردە ياشىغاندا ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئادەملەر ئۇنى چۈشەنمىگەن، كەمسىتكەن ۋە خورلىغان. بۇنىڭغا قارىماستىن، ئەيسا داۋاملىق مۇلايىم بولغان. چۈنكى، ئۇ «ئۆزىنى ئادىل ھۆكۈمراننىڭ قولىغا تاپشۇرغان» (1-پېتر. 2:23). ئەيسا ئاسماندىكى ئاتىسى ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، بەرداشلىق بېرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغانلارنى ئۆز ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە جازالايدىغانلىقىنى بىلگەن.
ئەگەر ئادالەتسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەندە، سەكرەپ تۇرۇپلا ئاچچىق بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بولساق، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشىمىز مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن يازمىلاردا: «ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىغا ئېلىپ كەلمەيدۇ»،— دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش بار (ياقۇپ 1:20). ھەتتا ئاچچىقلىنىشقا سەۋەبىمىز بولسىمۇ، مۇكەممەلسىز بولغاچقا، ناتوغرا ھەرىكەت قىلىشىمىز مۇمكىن.
گېرمانىيىدە ياشايدىغان كەسىي بۇرۇن «ئەگەر ئۆز-ئۆزۈڭنى قوغدىمىساڭ، سېنى ھېچكىم قوغدىمايدۇ»، دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئەمما، كېيىن ئۇ يەھۋا خۇداغا تايىنىشنى ئۆگىنىپ، ئۆز كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى بۇرۇنقىدەك دائىم ئۆز-ئۆزۈمنى ھىمايە قىلىشقا تەييار بولۇشۇمنىڭ كېرىگى يوق. ھېچبىر نەرسە يەھۋانىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەن ھېچنېمە ئۈچۈن ئەنسىرىمەي، مۇلايىملىق بىلەن ھەرىكەت قىلىمەن». ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلسىڭىز،
ئەيسادىن ئۈلگە ئېلىپ، يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاڭ. بۇ سىزگە داۋاملىق مۇلايىم بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ.«مۇلايىملار بەختلىك»
ئەيسا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن مۇلايىم بولۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇ :«مۇلايىملار بەختلىك»،— دەپ ئېيتقان (مەتتا 5:5). مۇلايىملىقنىڭ تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
مۇلايىملىق نىكاھتىكى قىيىن ۋەزىيەتلەرنى ياخشىلايدۇ. ئاۋسترالىيىدە ياشايدىغان روبېرت مۇنداق دەيدۇ: «ئويلىماستىن ئايالىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلالايتتىم. بىراق، ‹ئېيتقان سۆز — ئاتقان ئوق› دېگەندەك، ئاچچىقلانغاندا چىقىپ كەتكەن سۆزلەرنى قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. سۆزلىرىم ئايالىمنى شۇنچە بەك رەنجىتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئۆزۈمنى قويىدىغانغا يەر تاپالمايتتىم».
سۆزلىگەندە «ھەممىمىز پات-پات خاتالىشىمىز» ۋە ئويلىماستىن ئېيتقان سۆزلىرىمىز ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىدا قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن (ياقۇپ 3:2). شۇنداق ۋەزىيەتلەردە، مۇلايىملىق تىنچ-خاتىرجەملىكنى ساقلاشقا ۋە تىلىمىزنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ.—پەند. نە 17:27.
روبېرت سەۋرچان بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولغان؟ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ئارىمىزدا چۈشەنمەسلىك پەيدا بولغاندا، مەن ئايالىمنى زەن قويۇپ تىڭشاش، مۇلايىم سۆزلەش ۋە ئاچچىقلانماسلىققا تىرىشىمەن. ئايالىم ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىراق بولۇپ قالدى».
مۇلايىملىق باشقىلار بىلەن تىل تېپىشىشقا ياردەم بېرىدۇ. تىزلا رەنجىپ باشقىلاردىن يامانلايدىغان ئادەملەرنىڭ دوستلىرى كۆپ ئەمەس. مۇلايىملىق بولسا، بىزگە «روھنىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا» ياردەم بېرىدۇ (ئەفەس. 4:2، 3). يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسىي مۇنداق دەيدۇ: «مۇلايىم بولسام، باشقىلار بىلەن، ھەتتا چىقىشىش قىيىن ئادەملەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزگەندىمۇ خۇشاللىق تاپىمەن».
مۇلايىملىق كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە ئېرىشتۈرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب مۇلايىملىق ۋە تىنچلىقنى «ئەرشتىن چۈشكەن دانالىق» بىلەن باغلاپ كۆرسەتكەن (ياقۇپ 3:13، 17). مۇلايىم كىشى «كۆڭۈل خاتىرجەملىكىگە» ئىگە (پەند. نە 14:30). مۇلايىملىقنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن كۆپ تەر تۆككەن مارتىن مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن بۇرۇنقىدەك ئۆز دېگىنىمدە چىڭ تۇرۇۋالماي، باشقىلارغا يول بېرىمەن. شۇڭا، كۆڭلۈم خاتىرجەم ۋە ئۆزۈمنى بەختلىكرەك ھېس قىلىمەن».
ھەقىقەتەن، مۇلايىم بولۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىش كېرەك. بىر بۇرادەر: «راستىنى ئېيتسام، ھازىرمۇ بەزىدە مەن ئىچ-ئىچىمدىن قايناپ كېتىمەن»،— دەيدۇ. لېكىن، بىزنى مۇلايىم بولۇشقا دەۋەت قىلىدىغان يەھۋا بۇ كۈرەشتە يېڭىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ (يەشايا 41:10؛ 1-تىموت. 6:11). ئۇ بىزنى تەربىيىلەشنى «ئاخىرىغىچە يەتكۈزۈپ»، بىزنى «كۈچلۈك قىلىدۇ» (1-پېتر. 5:10). شۇ چاغدا، بىزمۇ ئەلچى پاۋلۇسقا ئوخشاش «مەسىھنىڭ مۇلايىملىقى ھەم مېھرىبانلىقىنى» كۆرسىتەلەيمىز.—2-كورىنت. 10:1.
a بەزى ئىسىملار ئۆزگەرتىلگەن.